مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1708|ئىنكاس: 26

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېڭى يىلى بەرىكەتلىك بولغاي! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17135
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېڭى يىلى بەرىكەتلىك بولغاي!



زامان دېگىنىمىز قۇياش، ئاي، يەر شارى ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان مۇرەككەپ ھايات ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى بىر يىلنى ئون ئىككى ئايغا بۆلىدىغان، كۈندۈزنىمۇ 12 سائەتكە كېچىنىمۇ 12 سائەتكە بۆلىدىغان قەمەرىي كالېندار ئىشلەتكەن. ئۇلاردا 24 سائەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىسمى بار ئىدى. ئۇلار بۇ كالىندارنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن ئالغاندۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بېكىتكىنى بويىچە ئەمەل قىلغان.

(شۈبھىسىزكى، ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتقان كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى بولۇپ، ئۇلاردىن تۆتى ھەرەم ئايلاردۇر، بۇ رۇس دىندۇر.)(تەۋبە سۈرىسى 36-ئايەت)

ئەرەبلەرنىڭ مىلادىي 412-يىلدىن تارتىپ قوللانغان كالىندارى بويىچە ئايلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم   

سەفەر   

رەبىيئۇل ئەۋۋەل   

رەبىيئۇل ئاخىر   

جۇمادەل ئۇۋلا     

جۇمادەل ئەخىرە

رەجەب

شەئبان   

رامازان

شەۋۋال   

زۇلقەئدە   

زۇلھەججە

لېكىن ئۇلار تارىخلاشتۇرۇشتا مەلۇم بىر كالىندارنى ئاساس قىلماستىن ھەر بىر يىلى يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلىكلەرگە ئاساسەن تارىخنى بىكىتكەن، مەسىلەن: فىيل يىلى(مىلادىي 571-يىل)، كەئبە قايتا بىنا قىلىنغان يىلى دېگەندەك. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرەبلەر ياشىغان بەدەۋىي ۋە كۆچمەنلىك تۇرمۇش شۇنداقلا ئۇلار بىرى-بىرى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ چىقىشالماي مۇقىمسىز ھالەتتە ياشىغاچقا ھەممىسى بىردەك بىر كالېندار بويىچە تارىخلاشتۇرۇشقا كېلىشەلمىگەن.

شۇنداقتىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن قالغان تەلىم بويىچە بەزى مۇئەييەن ئايلارنى ئۇلۇغلاشقا ئۆزئارا كېلىشىپ بۇ ھەرەم ئايلاردا ئۇرۇشۇش ۋە قان تۆكۈشنى قاتتىق چەكلىگەن.

ھەرەم دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇنىڭدا قىلىنغان گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ جازاسى ئادەتتىكىدىن ئېغىرراق، ئۇنىڭدا قىلىنغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ئادەتتىكىدىن كاتتىراق بولۇشتىن ئىبارەت. ئەرەبلەر بۇ ئاينى قاتتىق ئۇلۇغلايدىغان ئىدى، بەزىلىرى ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى ئۇچرىتىپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا چېقىلمايتتى.(تەپسىرۇل كەبىير 16/42)

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ ئاسمان-زېمىننى ياراتقان كۈنىدىكىدەك ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆتى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايلار بولۇپ، زۇلقەندە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم قاتارلىق ئۈچى ئۇلىنىپ كېلىدۇ. تۆتىنچىسى: جۇمادە ئېيى بىلەن شەئباننىڭ ئارىلىقىدا كېلىدىغان مۇزەر قەبىلىسى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر».(بۇخارى 4662-ھەدىس)

ھەرەم ئايلار تۆۋەندىكىچە:

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

مۇھەررەم

رەجەب

شۇنداق قىلىشقا كېلىشكەن تۇرۇقلۇق ئەرەبلەر بەزىدە ھىلە ئىشلىتىپ ھەرەم ئايلارنى خالىغانلىرىچە ئالدىغا سۈرۈپ ياكى كېچىكتۈرۈپ بۇ ئايلارغا ھۆرمەت قىلىشقا بەزىدە رىئايە قىلمىغان، تاكى ئىسلام كەلگەنگە قەدەر بۇ ئادەت داۋاملاشقان، ئىسلام كەلگەندىن كېيىن بۇ ئادەتنى چەكلىگەن. (تەۋبە 37-ئايەتكە قارالسۇن)

تارىخ قالدۇرۇشتىمۇ ئىسلامىيەت كەلگەندىن كېيىن مەلۇم مۇددەت مۇھىم ۋەقەلىكلەر بىلەن تارىخلاشتۇرۇش ئادىتى داۋاملاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئون يىللارغىمۇ مەلۇم رەقەم بېرىلمەي، شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلىكلەر بىلەن ئاتالغان، مەسىلەن:

ھىجرەتنىڭ بەشىنچى يىلى زىلزال يىلى، توققۇزىنچى يىلى بارائەت يىلى، ئونىنچى يىلى ۋىدالىشىش يىلى دېگەندەك.

تاكى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپەت دەۋرىگە كەلگەنگە قەدەر تارىخلاشتۇرۇش مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى، خەلىپە ئۆمەر تېرىتورىيىسى ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىپ كەتكەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىگە خاس بىر كالېندار ۋە تارىخقا ئېھتىياجى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ساھابىلارنىڭ ئاق ساقاللىرى بىلەن كېڭەش قىلىپ مەسلىھەتلەشكەن، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قارارى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتىنى كالىندارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن، نېمە ئۈچۈن دېگەندە: ھىجرەت ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ تۇرغان پاسىل، شۇنداقلا بىرىنچى ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ تۇغۇلغان كۈن 18-كۈندىن 21-كۈنگىچە ئارىلىقتا كەسكىن ئېنىق بولمىغاچقا تۇغۇلغان كۈن ئاساس قىلىنمىغان.

يەنە ئۇلار مۇھەررەم ئاينى بۇ كالىندارنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتىشكەن، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى بۇ ئايدا بولمىغان، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدىن كېيىنكى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 67 كۈن كېيىن ھىجرەتنى باشلاپ، مەدىنىگە رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈن يېتىپ بارغان، ئۇلارنىڭ مۇھەررەم ئاينى يېڭى كالىندارنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ئاي ئەرەب ئېيىدا ساناشتا بىرىنچى ئاي، شۇنداقلا ھەرەم ئايلارنىڭمۇ بىرىنچىسى، كىشىلەر بۇ ئايدا ھەجدىن قايتىشىدۇ، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇھەررەم ئېيى بىرىنچى ئاي قىلىنىشى مۇناسىپ كۆرۈلگەن.

ھىجرى 17-يىلى جۇمادەل ئەخىرە ئېيىنىڭ 20-كۈنى چارشەنبىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار بۇ يېڭى كالىندارنى قوللىنىشقا باشلىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن ھىجرىي بىرىنچى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى مىلادىي 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كالىندارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىسلام دۆلىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ مەدىنىي ۋە ھازارىي مۇستەقىللىقىغا ئۇل تەييارلىغان، كېيىنچە مۇسۇلمانلار بۇ كالىندارنى ئىشلەتكەن ھالدا دۇنياۋىيلىشىشقا يۈزلىنىپ دۇنياغا ئۇستازلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلغان كاتتا ئىسلام مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلغان، دىنىي ئىبادەتلەرمۇ مەسىلەن روزا، ناماز، زاكات ۋە ھەج قاتارلىقلار مۇشۇ كالېندار بويىچە بەلگىلىنىدىغان بولغان.

بۇ ھىجرى كالېندار بويىچە بەزى ئايلار 29 كۈن بەزى ئايلار 30 كۈن كېلىدۇ، شەمسى كالىندارىغا ئوخشاش كەبىسە بولمايدۇ.

جەبەلە ئىبنى سۇھەيم رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاي دېگەن مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق بولىدۇ» دەپ ئوتتۇزغا ئىشارەت قىلدى. ئاندىن: «يەنە مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق بولىدۇ» دەپ يىگىرمە توققۇزغا ئىشارەت قىلدى. بىر قېتىم يىگىرمە توققۇز كۈن، بىر قېتىم ئوتتۇز كۈن بولىدۇ، دېمەكچى.(سەھىھۇل بۇخارى 5302-ھەدىس)

يەنە بۇ ھىجرى كالېنداردا بىر سوتكىنىڭ كېچىسى شۇ سوتكىنىڭ كۈندۈزىدىن بۇرۇن كىرىدۇ. مەسىلەن: جۈمە كېچىسى پەيشەنبە كەچ كىرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن كۈن پېتىش بىلەن يېڭى بىر سوتكا كىرگەن بولىدۇ. مەسىلەن پەيشەنبە شام ۋاقتىدا كۈن پاتسا، جۈمە كۈنىگە تەۋە كېچە كىرگەن بولىدۇ. بۇنىڭ بوۋاققا ئىسىم قويۇشتا يەتتىنچى كۈننى بەلگىلەش، ئېتىكاپقا كىرىش ۋە چىقىش دېگەندەك كۆپ ئەھكاملارغا مۇناسىۋىتى بار.

مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇ كالېندار دۇنيانىڭ كەڭ بىر قىسمىدا ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ كالىندارنى ئىشلىتىشمۇ ئاستا-ئاستا ئىسلام دۇنياسىدا ئەمەلدىن قېلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا يات غەرب مەدىنىيىتى كالىندارى بولغان مىلادىي كالېندار دەسسەشكە باشلىغان، ئاخىرى غەرب جاھانگىرلىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شام ۋە مىسىردەك كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە دەسلەپكى باسقۇچتا ھىجرى ۋە مىلادىي ھەر ئىككى كالىندارنى قوللانغان، كېيىنكى باسقۇچتا مىلادىي كالېندارنىلا قوللانغان، ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسلام تارىخى بىلەن بولغان رىشتىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ھىجرى تارىخ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ ئىسلام خىلاپىتىنى يىقىتقان مۇستافا كامالنىڭ ھىجرى 1344-مىلادىي 1926-يىلى ھىجرى كالىندارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنى مىلادىي كالېندار بىلەن ئالماشتۇرۇش قارارى بىلەن ئەمەلىيلەشكەن.

شۇنداقتىمۇ ھازىر بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ھىجرى كالېندار رەسمىي كالېندار ھېسابلىنىدۇ، يەنە بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ھىجرى كالېندار مىلادىي كالېندار بىلەن يانمۇ يان قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

ئىمام رازى يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى (بۇ رۇس دىندۇر.) دېگەن جۈملىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى ئىلىملار مۇنداق دېگەن: مۇشۇ ئايەتتىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن مۇسۇلمانلار سودا-سېتىقلىرىدا، قەرز مۇددەتلىرىدە، زاكات بېرىش ئىشلىرىدا ۋە بارلىق ئەھكاملىرىدا ئاسماندىكى ئاي بىلەن ھېسابلايدىغان ئەرەبى يىلنى ئاساسلىنىشى، ئەجەم، رىم يىلىغا ئاساسلانماسلىقى ۋاجىبتۇر".(تەپسىرۇل كەبىير 16/43)

شۇڭا بىز زاكات، ئىددەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلاردا قەمەرى كالىندارنى ھېساب قىلىشىمىز لازىم. بولمىسا ئىبادەتلىرىمىزدە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئاددى بىر مىسال: زاكات بېرىشتە مىلادى يىلنى ھېساب قىلساق بىر يىلدا 11 يېرىم كۈننىڭ، 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتى ئادا قىلىنماي گەدىنىمىزدە قالىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىززەت ئاتا قىلغاي!


تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.



ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23121
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3514 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بەك چۈشىنىشلىك ئىكەن.. . ئاللاھ رەھمەت قىىلسۇن......  

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1289 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 932
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8623
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1845 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن.

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى يىىلدا يىڭى يىڭى  خۇشللىقلار بولغاي ،

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10347
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10218 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللەتەئالا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1665
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلۋالدۇق ،ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يانغىن ئەپەندىم، كۆپ ئىزدىنىپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئىتالىيىلىك  پەيلاسوپ، دوختۇر ئالايسىئۇس لىلىئۇس دىگەن كىشى گالېلىي تۇزگەن يىل ھىساپلاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەر 400 يىلدا كەبىسە يىلىدىن 97 كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ چىققان، ھەمدە 1582-يىلى رىم پاپىسى گرىيگورىينىڭ نامىدا ئېلان قىلدۇرغان. گالىلىي كالىندارىدا ھەر 400 يىلدا 100 كەبىسە يىلى كېلەتتى، ھەمدە بىر يىل 365.25 كۈن ئىدى، بۇنداق بولغاندا ھەر 128 يىلدا بىر كۈن خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقاتتى، ئەمما لىلىئۇس بىر يىلنىڭ 365.2425 كۈن بولىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھىساپلاپ چىقىپ، ھەر 3300 يىلدا بىر كۈن خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىدى، ھەمدە گالېلىي كالېندارىدا ئارتۇق ھىساپلىنىپ كېلىۋاتقان 10 كۈننى كالىنداردىن چىقىرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن گرىگورىي 1582-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى(پەيشەنبە)نىڭ ئەتىسىنى گرىگورىي كالىندارىدا 1582-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى(جۈمە) بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ گالېلىينىڭ توھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن يەنىلا ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مىلادىيە كالىندارىنىڭ باشلىنىش يىلى بولىدۇ، كەبىسە يىلىدىكى تولۇقلانغان بىر كۈن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىنىڭ ئەتىسىگە قوشۇلۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بولىدۇ، دەپ بېكىتتى.

ئەمدى سىزدىن سوراپ باقسام، ھىجىرىيە كالىندارىدا بىر يىل زادى نەچچە كۈن، نەچچە سائەت بولىدۇ؟ مەلۇم بىر كۈننى ھىجىرىيە كالىندارىدا ئېنىق ئىپادىلەشكە بولامدۇ؟ ئەگەر ئېنىق ئىپادىلەشكە بولسا تۇغۇلغان كۈن قانداق بېكىتىلىدۇ؟ 33 ياشقا كىرگەن كىشى ئۆزىنى 34 ياش، 66 ياشقا كىرگەن كىشىنى ئۆزىنى 68 ياش، 99 ياشقا كىرگەن كىشى ئۆزىنى 102 ياش دەپ ئاتامدۇ؟ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى قانداق چۈشۈنۈشكە بولىدۇ؟ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولغان چاغدىكى يېشىغا يەنە بىر ياش قوشۇش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئېنىق ئىپادىلەشكە بولمىسا، نىمىشقا نورۇز بايرىمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە بېكىتىلىدۇ؟؟؟
مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-5 03:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3886
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى يىلىمىز قۇتلۇق بولغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش