كومپيوتېر ئىشلىتىشتىكى ناچار ئادەتلەر
(رىشات ئەخمەت)
ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كومپيوتېر كىشلەرنىڭ دوستىغا ئايلاندى. ئۇچۇرلاشقان، تورلاشقان بۇ دەۋىردە كومپيوتېر بولمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئىنتىرنىت پەيدا بولۇشى بىلەن كىشلەر نۇرغۇن ئىشلىرىنى كومپيوتېر ئارقىلىق ھەل قىلدىغان بولدى. سودا ئىشلىرى، ئىشلەپچىقىرىش، ئېلانچىلىق، ئۇچۇر ۋە خەۋەر، مەسلىھەت سوراش، دوستلۇق ئورنىتىش ۋە مال زاكاس قىلىشلاردىمۇ ھەتتا، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، شەھۋانىيلىقتىمۇ كومپيوتېر مۇھىم ئورۇندا بولۇپ قالدى. شۇڭا كومپيوتېر ئۈگىنىش ھازىرقى دەۋردە ئاساس بولۇپ قالدى. بىراق كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىمۇ، توغرا ئۇسۇل ۋە خاتا ئۇسۇل بولىدۇ. كۆپىنچە كىشلەر كومپيوتېر ئىشلىتىشتە، بىر قانچە خاتا ئۇسۇلى بار. تۆۋەندە مەن شۇ خاتا ئۇسۇل توغرىسىدا چەكلىك بولغان بىلىمىم بىلەن توختىلىپ ئۆتمەكچى، كەڭ كومپيوتېر ئۇستازلىرىنىڭ كەمچىل ياكى خاتا بولغانلىرىغا ئايىماي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
1. ئائىلىلەردىكى كومپيوتېرنىڭ ئۈستىگە ياپقۇچ يېپىپ قويۇش.
كۆپىنچە ئائىلىلەردە، كومپيوتېر ئۈستىگە ياپقۇچ يېپىپ قويۇدىغان ئەھۋاللار بار. بۇنداق قىلغاندا، كومپيوتېرنى پاكىز تۇتقىلى بولغىنى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ، بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيوتېرلار كىرىستال لامپىلىق كومپيوتېر دېيىلىدۇ. بۇنداق كومپيوتېرلاردا رادىياتسىيە تارقىلىش كۈچى زور بولىدۇ. رادىياتسىيە تارقاتقان زەرىچىلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولىدۇ. بۇنداق زەرىچلەر رەختلەرگە ئاسان قۇنۇۋالىدۇ. بۇنىڭدا تارقىلىش تېخىمۇ زور بولىدۇ. شۇڭا ياپقۇچنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كومپيوتېر مەينەت بولغاندا، قۇرۇق تازىلىق قەغىزى ياكى قۇرۇق دەسمال بىلەن سۆرتۈۋېتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرىزىنى 10 مىنوتقا يېقىن ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
2. كومپيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسىغا قالايمىقان Ghost ئىشلىتىش.
Ghost دېگەن بۇ سۆزنىڭ تەرجىمىسى «جىن، ئەرۋاھ، ئالۋاستى» بولسا، يەنە بىر مەنىسى (General Hardware Oriented Software Transfer) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «قاتتىق دېتاللارغا قارىتا يۇمشاق دېتاللارنى ئونۋېرسال يەتكۈزگۈچ» دېگەن مەنىدە. قاتتىق دېتال ئادەتتە: ئېكران، ئاساسىي ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي تاختا، قاتتىق دېسكا، دېسكا ئوقۇغۇچ، ئۇچۇر ئاتقۇچ (显卡)، ئىچكى ساقلىغۇچ، بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)، قۇبۇللىغۇچ كارتا (网卡) ۋە ئاۋاز كارتا قاتارلىقلارنى كۆرستىدۇ. يۇمشاق دېتال بولسا، كومپيوتېرغا قاچىلانغان پروگراممىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق قاتتىق دېتالنىڭ ئۆز ئالدىغا، تۇنۇتقۇچ يۇمشاق دېتالى بولىدۇ. بۇلار بولغاندا، كومپيوتېر نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. Ghost دەسلەپتە ئامېرىكا نورتۇن يۇمشاق دېتال شىركىتى ئىجاد قىلغان بولۇپ، قوشۇلما دىتال سەپلەشكە بولىدىغان ئىقىتىدارىغا ئىگە. ئەسلىدىكى Ghost بولسا، پەقەتلا كومپيوتېرنىڭ سانلىق ئۇچۇرىنى « زاۋۇت ھالىتى» گە ئېلىپ كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. قالغان قىسمى بولسا، زاۋۇت ئەسلىگە كەلگەن 0لىك ساندانغا، دېتالنىڭ كود بۈلىكىنى قوشۇش ۋە مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ بۇيرۇقى ۋە ساندان بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، قايتىدىن مەشغۇلات سېستىمىسى ھاسىل قىلىدۇ. دېمەك زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرۈش سانلىق ئۇچۇرنى 0لىك ھالىتىگە كەلتۈرۈش دېگەنلىك. 0لىك ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئوڭ چۆرگىلەۋاتقان قاتتىق دېسكىنى تەتۈر چۈرگىلىتىشكە، CPU (كومپيوتېر ساندانىنى بىر تەرەپ قىلغۇچ)نى تىزگىنلەش ھالىتىدىن يۇشۇرۇن ئىجىرا ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، كومپيوتېرنىڭ ئۈمۈرى قىسقىراپ كىتىدۇ، قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى ئاسان خوراپ كىتىدۇ. بولۇپمۇ، ئاساسىي تاختا، ئالدىراش خىزمەت ھالىتىگە ئۆتكەندە، توك يوللىرىدىن كاشلا كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۆپىنچە كىشلەر Ghost ئىشلىتىشكە ئامراق، سېستىمىدىن ئازراقلا مەسىلە چىقسىلا، Ghost بىلەن ئەدىبىنى بېرىدۇ. شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ Ghost نى چۈشۈنۈپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىشلەتكەندە پەقەتلا بىرلا قېتىم ئىشلىتىش ۋە توردىن بىرلا كونۇپكا بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش (一键还原) دىتالىنى چۈشۈرۈپ، قاچىلىغان Ghost نى شۇنىڭغا ساقلىۋېتىش كېرەك. كېيىنكى كۈنلەردە سېستىمىدا مەسىلە چىقسا، شۇ دېتالنى ئىجىرا قىلىۋەتسىڭىز، سىز قاچىلغان شۇ كۈندىكى Ghost نىڭ سانلىق مەلۇماتىنى پەقەتلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا، كومپيوتېرغا بەلگىلىك تەسىرىمۇ ئاز بولىدۇ.
3. كومپيوتېرغا نەچچە خىل ۋېرۇسخور قاچىلاش.
ۋېروسخۇرلارنىڭ ئۆزىلا، ۋېرۇسقا كىرىدۇ. ۋېروس ئوڭ قۇرۇلما بولسا، ۋېروسخۇر تەتۈر قۇرۇلما بولىدۇ. بۇنىڭدا، ۋېروس كودى تەتۈر قۇرۇلمىغا ئۆزگىرەيدۇ ۋە بىكارچى بولىدۇ. كۆپىنچە كىشلەرنىڭ كومپيوتېرىدا ئاز بولغاندا، ئۈچ تۆت خىل ۋېرۇسخۇر بولىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا. ناۋادا، ۋېروسخۇردىن مەسىلە چىقىپ قالسا ياكى كومپيوتېرنىڭ بەزى پروگراممىلىرىنى بۇزۇپ قويسا، كومپيوتېرىڭىزنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىدۇ. كۆپىنچە كومپيوتېردا كۆك ئېكران چىقىۋالىدۇ. كۆك ئىكران: كومپيوتېرنىڭ بەزى قاتتىق دېتاللىرى ئىشلەنمەسلىك، مۇھىم بولغان پروگراممىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ۋېروسخۇرنىڭ تاپقان كاشلىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ۋېروسخۇرنى ئىشلەتكەندە، چوقۇم بىرلا ۋېروسخۇرنى ئىشلىتىڭ.
4. كومپيوتېرنى بىراقلا توكتىن تارتىۋېتىش.
كۆپىنچە كىشىلەر كومپيوتېرنى ئۆچۈرگەندە، توكتىن بىراقلا تارتىۋېتىدۇ ياكى ئۈچۈرۈش كونۇپكىسىنى ئۇزاق بېسىپ ئۆچۈرۋېتىدۇ. بۇ خۇددي تېز كېتىۋاتقان ماشىنىنى بىرلا تورموز بىلەن توختاتقانغا ئوخشاش. بۇنداق بولغاندا، ماشىنىڭىزنى بەزى ئەسۋابلىرىنى كاردىن چىقىرىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، كومپيوتېرنىڭمۇ بۇنداق ئەھۋالدا ئۆمۈرى قىسقىراش ۋە بىراقلا كاردىن چىقىرىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا كومپيوتېرنى سېستىما ئىچىدە، تولۇق ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، توكىنى تارتىۋەتىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.
5. كومپيوتېرنىڭ ئاساسىي ئاپپاراتىنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇڭ.
بۇ مەسىلىگە كۆپىنچە كىشىلەر بەك دېققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. كومپيوتېر ئاستىلاپ كەتسە، سېستىمىدىن ياكى پروگراممىلاردىن كۆرىدۇ. سېستىمىنىڭ ئاستىلىشىمۇ، كومپيوتېر تازىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كومپيوتېرنىڭ ئاساسىي ئاپپاراتىنىڭ ئىچىنى ئاچسىڭىز، نۇرغۇنلىغان چاڭ-توزانلارنى كۆرىسىز، ھەتتا، ئۆمۈچۈك تورىنىمۇ بايقايسىز. بۇنداق بولغاندا، كومپيوتېرغا ئەلۋەتتە بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ. شامالدۇرغۇچقا چاڭ-توزان چۈشۈۋەرسە، ياخشى چۆرگىلىيەلمەي قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا، CPU نىڭ تېمپېراتورىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە كومپيوتېر تۇرۇپلا قايتا قوزغىلىپ كېتىدىغان ۋە بىراقلا خىزمەتتىن توختايدىغان ئەھۋاللىرى مەۋجۈت بولىدۇ. شۇڭا كومپيوتېرنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇڭ، تازىلىغاندا، كومپيوتېرنى توكتىن تارتىۋېتىڭ، سۇ تەككۈزمەي، قۇرۇق لاتا بىلەن ئېيتىڭ، ھەم ئوچۇقچىلىقتا پۆۋلىگۈچنى (吹风机) ئاستا تەڭشەپ، چاڭ-توزاننى پۈۋلەپ سېرتقا چىقىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. چاڭ سۆمۈرگۈچمۇ بولىدۇ.
يوقارقى مەسىلىلەرنى ئۆزۈمنىڭ كومپيوتېر ياساش ۋە مەشغۇلات قىلىش جەريانىدىكى بىرقانچە تەجرىبەمدىن ھەم ئاز بولغان بىلىمىم ئارقىلىق يازىدىم. شۇڭا بەزى مەسىلىلەر خاتا بولۇشى مۇمكىن شۇڭا، كەڭ تورداشلارنىڭ چۈشۈنۈپ ئوقۇشى ۋە تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبەسى : ئۆزۈمنىڭ بايقىغانلىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghostuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-4 07:34 PM