|
|
|
|
مارالبېشى ناھىيەسىدە 2013- يىلى 10 ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە «مارالبېشى ئالتۇن توغراق مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ۋە «خەلقئارلىق فوتو- سۈرەت، ئۇيغۇر خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى
«مارالبېشى ئالتۇن توغراق مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ۋە « خەلقئارلىق فوتو- سۈرەت، ئۇيغۇر خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى» 2013- يىلى 10– ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزسى چۈشۈرگە ساياھەت رايۇندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۆلىتىمىزدىكى ئاتاغلىق فوتوگرافلار، ئاپتونۇم رايۇنمىز تەۋەسىدىكى داڭلىق ئەرباپلار بولۇپ تەكىلىپ بىلەن قاتناشقانلار 700 ئادەم ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. قاتناشقان ئامما 10 مىڭىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول رەڭدار بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئوغلاق تارتىش، دارۋازلىق، قۇچقار سۇقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، خۇراز سۇقۇشتۇرۇش، 2000 كىشىلىك دۇلان ئۇسۇلى، كەچلىك سەنئەت نومۇر پائالىيتى قاتارلىقلار. ئەنئەنىۋى تاماق تۈرلىرىدىن پۈتۈن تۈگە گۆشى كاۋاپى، مارالبېشنىڭ بېلىق كاۋاپى قاتارلىق 50 تۈرگە يىقىن تاماقنى ناھىيمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇستاملارنىڭ تەملىك قوللىرى بىلەن پشۇرۇلۇپ ساياھەتچىلەر ماختاپ تۇرۇپ يېيىش شەرىپىگە ناھىل بولدى.
بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر يارقىن نوقتسى كەسىپى خەتتات ئەرشىدىن راشىت بىلەن ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ئىككى خەتتاتنىڭ 100 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ( ھەر بىرى) ئىككى پارچە ئەسەر ساياھەتچىلەرنىڭ دىققتىنى تېخمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىدى. كۆرگەزمە زالى ئىچىگە ناھىيمىزدىكى خەتتاتلاردىن ئۇبۇل سىدىق، مەمەتجان ئەبەيدۇللا شەپقەت، ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ قاتارلىقلارنىڭ 150 پارچىگە يىقىن ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدى.
كۆرگەزمە پائالىيىتىدە كەسپى خەتتات ئەرشىدىن راشىتنىڭ تەئىلىق نوسخسى بىلەن يېزىلغان «قۇتاد غۇبىلىك» نىڭ 2 باب مەزمۇندىكى 100 مىتىرلىق ئەسىرىنى قەشقەردىن خەتتات ھەسەنجان ئەبەيدۇللا 30 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى.
ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغنىڭ 40 پارچە ئەسىرىنى مارالبېشى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارسى 30 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە نەتىجىلىك بولدى.
بۇ قېتىمىقى پائالىيەتكە رايۇنمىزدىكى خەتتاتلاردىن سىلايمان ئىسمايىل، قۇربانجان روزى شەيدائى، ئەرشىدىن راشىد، ئابلىمىت ئوسمان ھاجىم، ئۆمەرجان ئوسمان سەبىرى، يۈنۈس قۇددۇس تەبرىزى، مەمەتجان ئەبەيدۇللا شەپقەت، ھەسەنجان روزى قۇشماق، ئۇبۇل سىدىق، ھەسەنجان ئەبەيدۇللا، مۇھەممەت ئىبىراھىم ھۆنبەك ئەپەندى، نەققاش ئىبىراھىم ئۇبۇل، مەمتىمىن قۇربان، ئىسىمايىل خەلپتىم، راخمانجان توختى، تۇراھىدىن، مەمەتئېلى سىدىق قاتارلىق خەتتاتلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى.
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر :
ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ 1977- يىلى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چىغانچۈل يېزسىدا توغۇلغان 1994- يىلىدىن 1997- يىلىقىچە شىنجاڭ بىڭتۈەن مىللى پېداگوگىكا مەكتپنىڭ گۈزەل- سەنئەت كەسىپىدە ئوقۇپ ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ شۇنىڭىدىن كېيىن، كەسىپنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، خەتتاتلىق ساھەسدىكى پىشقەدەم، كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتاتلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇ ساھەدە بەلگۈلۈك ماھارەت يېتىلىدۈرگەن، ھەمدە ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىنخەت ئەسىرى مەملىكتىمىز ۋە ئاپتونوم رايۇنمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت ژۇرناللاردا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىنغان، ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ مەكتەپ ۋە ناھىيە بۇيىچە بەش قېتىم ئۇيغۇر خەتتاتلىقى سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئويۇشتۇرغاندىن باشقا، 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايۇنمىز تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ مۇكاپاتلانغان، ئۇنىڭ «تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئىنقىلابىي شېئىرلىرى» ئارسىدىن تاللاپ يازغان تۆت پارچە ھۆسىنىخەت ئەسىرى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنستىرلىقى جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى بىرلەشىمىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2012- يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكا، ياپۇنىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان، شۇ يىلى 8- ئايدا ئۇنىڭ بىر پاچە ئەسىرى جوڭگۇ تۈركىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە قويۇلغان.
2013- يىلى ئالتۇن كۆز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى، خەلقئارالىق فوتۇ- سۈرەت كۆرگەزمىسگە 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىككى باب مەزمۇننى يىزىپ كۆرگەزمە پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
ئۇنىڭ يازغان بىر قىسىم ھۆسنىخەتلىرى
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2013 - يىلى 11- ئاينىڭ 04- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-4 06:14 PM
|
|
|
|
|
|