بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: L6 }% v( h* h6 [ئوپېراتورلۇق نەزىرىيەسى
(كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇش )
مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈش
ئوسمانجان داۋۇت
1. Angle on بۇلۇڭ توغىرلاش: مەسىلەن غۇنچەم ماگىزىندىن چىقتى، غۇنچەمگە توغىرلىنىدۇ.
2. Favoring ئاساسلىق ئىپادىلەش: غۇنچەم بىر چوڭ مەيداندا، ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، بىراق غۇنچەم ئاساسلىق تەسۋىرلىنىدۇ.
3. Another angle باشقا بۇلۇڭ: باشقا بىر يۆنىلىشتىكى كامېرا ئارقىلىق غۇنچەم مەيداندا خوشال ئويناۋاتقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
4. Wilder angle كەڭ بۇلۇڭ: ئاۋال غۇنچەمنىڭ مەيداننىڭ بىر بولۇڭىدا كولا ئىچۋاتقىنى تەسۋىرلىنىدۇ، ئاندىن كامېرا كۆزى يىراقلاپ، غۇنچەم تۇرغان مەيدان تەسۋىرلىنىدۇ.
5. New angle يېڭى بولۇڭ: باشقا بىر بولۇڭدىن غۇنچەمنىڭ كولا ئىچۋاتقىنىنى تەسۋىرلەپ، كامېرا موللاشتۇرۇلىدۇ.
6. POV كۆرۈش نۇقتىسى: غۇنچەمنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن نەرسىلەرگە قارىلىدۇ، يەنى بىرىنچى شەخىس كۆرۈش بۇلۇڭى.
7. Reverse angle ئۆز- ئارا قاراش بولۇڭى: غۇنچەم ۋە مۇستاپا بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ، ئاۋال غۇنچەم كۆرۈۋاتقان مۇستاپانى تارتىپ، ئاندىن غۇنچەم كۆرۈۋاتقان مۇستاپانى تارتىدۇ، يەنى ئىككى ئادەمنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
8. Over shoulder angle مۈرىدىن قارىغان بۇلۇڭ:كامېرا غۇنچەم مۇرىسىدىن مۇستاپاغا قارايدۇ، غۇنچەم مۇرىسى كۆرۈنۈشنى تەبئىي بۆلىدۇ، كۆپ ئۇچىرايدىغان تۈر.
9. Moving shot ھەركەتچان تارتىش: تەڭ يېتىشىپ تارتىش، چۆگىلەپ تارتىش، قوغلاپ تارتىش قاتارلىقلار، ئىشقىلىپ كامېرا ھەركەتتە بولىدۇ،لىكىن كامىرا مۇقۇملىقى ياخشى بۇلۇشى كېرەك. كونكىرىت قانداق ھەركەت قىلىدۇ،لىكىن ھازىرلا ئويلىشىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.
10. Two shot جۈپ تارتىش: غۇنچەم ۋە مۇستاپا كولا ئىچكەچ پاراڭلىشىدۇ، بۇ خىل كامېرا خالىغانچە ھەركەتلەنمەيدۇ،«ئوقتىن ئايرىلىش» تىن ساقلىنىدۇ. غۇنچەم ۋە مۇستاپا ئىككىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر ئوق سىزساق، كامېرا پەقەتلا ئوقنىڭ بىر تەرىپىدە ھەركەتلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئوقتىن ئاتلاپ كەتسە، كۆرۈنۈشتە غۇنچەم ۋە مۇستاپانىڭ ئورنى ئوڭ- سولغا ئالمىشىپ كېتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش لوگىكىسى جەھەتتىكى ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. Close shot يېقىن كۆرۈنۈش: مۇستاپانىڭ گۈزەل كۆزىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئادەتتە كەم ئىشلىتىش بىلەن ئۆزگىچە چىقىدۇ.
12. Insert قىستۇرما كۆرۈنۈش: مەلۇم جىسىمنىڭ يېقىن كۆرۈنۈشى: مەسىلەن، كەچ بولۇپ كەتتى، مۇستاپا ئارزىگۈلدىن قانچە بولغىنىنى سورىدى، ئارزىگۈل قولىنى كۆتەردى، بۇ چاغدا ئارزىگۈلنىڭ قول سائىتىنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشىنى بېرىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل كۆرۈنۈش بىلەن مەيدان ئالماشتۇرالايسىز، مەسىلەن، ئارزىگۈل قولىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن كامېرادا يېرىم كەچ بولغان كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كۆرۈنسە بولىدۇ.
شاھزاد مېدىيا خىزمەتخانىسى
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" a% l, i6 b( Y: K
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-4 06:16 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 @% ?8 k$ R0 U' C1 x4 @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) n; n$ I# Q f" L7 }- a