|
|
|
|
خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن «ھەرەمباغ لوڭقىىسى» ۋاستىكبول مۇسابىقىسنىڭ يىرىىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلىپ بېرىلدى . يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە خوتەن رازىمەن كوماندىسى بىلەن خوتەن كائىنات كوماندسى ئوتتۇرىسدا ئىلىپ بېرىلىپ كائىنات كوماندىسى (ۋاستىكبول چولپانىمىز مەۋلان مۇشۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن توپ ئوينىغان) ئۇتۇپ چىقىپ 3-لىككە ئىرىشتى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە پەخىرلىك ۋاستىكبول چولپانلىرىمىزدىن شىرئىلىجان، مۇراتلار ۋاكالتەن قاتناشقان ساھىپخان كوماندا ھەرەمباغ كوماندىسى بىلەن خوتەن دىلپاك (خوتەن دىلپاك ئىچىملىك شىركتى كوماندىسى) كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىپ كەسكىن تىركىشش ئارقىلىق ئاخىرىدا ھەرەمباغ كوماندىسى 78كە قارشى 107 نۇمۇر بىلەن بۇ قتىملىق مۇسابىقىنىڭ چىمپيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى . ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئارىلقىدا گارغا توپ بىسىش مۇسابقىسى ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ كائىنات كوماندىسغا ۋاكالىتەن توپ ئوينىغان شىنجاڭ CUBA كوماندىسى (شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى كوماندىسىدىن) تەكلىپ قىلنغان تىيپجان ئۇتۇپ چىقتى ھەم مۇكاپات بۇيۇمىنى خوتەندىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ئىئانە قىلىپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
خوتەن دىلپاك كوماندىسدا گەرچە تەكلىپ قىلنغان چولپانلار بولمىسىمۇ ئۇلارنىىڭ يۇقىرى ماھارىتى ۋە تىرشچانلىقى بارلىق تاماششىبىنلارنى قايىل قىلدى ھەم بۇ قىتىملىق مۇاسابىقىدە ئىككىنجى بولدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە خوتەن ھەرەمباغ شىركىتى باشچىلقىدا خوتەن كائىنات ئائىلە ئۈسكۈنلىرى سېتىشمەيدانى ، خوتەن يەر شارى ئائىلە ئۈسكۈنلىرى سېتىشمەيدانى ، خوتەن رازىمەن ئۆي مۈلۈك شىركىتى ، خوتەن دىلپاك شىركىتى قاتارلىق مىللى كارخانلارنىڭ زور مەبلەغ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ئىلىپ بىرلغان بولۇپ بۇ مۇسابىقە دىيارىمىزدا ئىلىپ بىرىلغان ۋاستىكبول مۇسابىقىلىرى ئىچىدە CBA دىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابقە بولدى . مۇسابىقە جەريانىدا بۇ پەخىرلىك مىللى كارخانلىرىمىزنىڭ خوجايىنلىرى ئىپادىسى ياخشى بولغان ماھىرلارنى ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ مىللى كارخانلىرىمىزنى قولللشىنىى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن .
تۆۋەندە مۇسابىقە جەرياندىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى دوسلاغا سۇنىمەن . ( ئورنۇم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا سۈرەتلەر ئانچە ياخشى چىقمدى)
شىرئىلىجان گارغا توپ باسقاندىكى كۆۈرنۈش..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jasur971 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-2 10:26 PM
|
|
|
|
|
|