مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10265|ئىنكاس: 74

پوۋېسىت: كەچمىش بايان (تەبەسسۇم)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالدىراشچىلىق...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13388
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 04:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

kechmish.jpg



ھاياتىمنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى ياشاپ بولدۇم، ياشىغاندىمۇ مەنىلىك، مۇھەببەتلىك ۋە شەرمەندىلەرچە ياشىدىم. مۇھەببەتلىك ئۆتكەنلىكىم - ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئايال بىلەن توي قىلىپ، بەختلىك ئائىلە قۇرغانلىقىم، شۇنداقلا بۇدرۇق بىر ئوغۇلنىڭ دادىسى بولغانلىقىم بولدى. ئەمما شەرمەندىلەرچە ياشىغىنىم بولسا ئۆزۈمگە مەنسۈپ بولمىغان سۆيگۈنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن، ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنىڭ ھەمدە بۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى بىلەن يۈرىكىمنى ئۆرتەپ، كېيىنكى ھاياتىمنى ئازابلىق پۇشايمانلار بىلەن بىزىگەنلىكىم بولۇپ قالدى. ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئويلىسام بەختىمدىن سۆيۈنىمەن. بىراق، يۈرىكىمدە قالغان مەڭگۈلۈك جاراھەتنى ئويلىسام ئۆزۈمنى ھەرگىزمۇ كەچۈرەلمەيمەن.
مۇھەببەت ئىنساننى گۈزەل مەنزىللەرگە باشلايدىغان، شۇنداقلا ئۇنى چەيلەپ خانىۋەيران قىلالايدىغان قۇدرەتلىك بىر كۈچ ئىكەن. بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدىم. مېنى بەخىتلىك قىلغان قەدىردانلىرىم بولسا ئارمىنىم بولۇپ قالغان ئىدى. بىلىپ-بىلمەي مېڭىپ سالغان بۇ يولنىڭ مېنى بۇنچە خاتالاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە ئىدى، بۇ ئېزىتقۇ مۇھەببەتنى ئۆلسەممۇ ئۆزۈمگە ھەم ئۇنىڭغا راۋا كۆرمەس ئىدىم. پۇشايمان بىلەن لەۋ چىشلىگەن چېغىمدا ماڭا تەسەللىي بەرگۈدەك، ئەدناسى دەردىمنى ئاڭلىغۇدەكمۇ كىشىم يوق. ھەممىدىن يامان بولغىنى، مېھرىبان ئايالىم ۋە ئوماق ئوغلۇمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغىنىم...
توغرا، مەن خاتالاشتىم، ئەمما بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن تەقدىر مېنى بۇنداق ئېغىر جازالىماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ!؟ مېنى جازالىسىمۇ ئايالىم بىلەن ئوغلۇم بۇ جازانىڭ قۇربانى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. يۈرۈكۈمنى يۇلۇپ، چاناپ، پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈم كېلىدۇ. ئۆزۈمنى قانچە-قانچە تاشلارغا ئۇرۇپ كۈمپەيكۈم قىلغۇم، شۇ ئارقىلىق ئەلەم بىلەن پۇچۇلانغان، پۇشايمان ئوتىدا ئۆرتەنگەن قەلبىمگە تەسەللىي تاپقۇم كېلىدۇ. لېكىن، مەندە شۇنچىلىكمۇ جۈرئەت يوق. بۇ ئازغۇن مۇھەببەت ھۇجۇدۇمدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئەرلىك غورورۇمنىمۇ سۈپۈرۈپ ئېلىپ كەتكەندەك، مەن خۇددى پۈتۈن خانۇ-مانىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەل بولغاندەك، ئۆزۈمنى باشقۇرالمايدىغان ھالغا كېلىپ قاپتىمەن. شۇنداق، بىر ئادەم شۇ قەدەر ئېغىر يوقۇتۇشقا دۇچ كەلگەندە ھەممە نېمىسىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، دۇنيادىن بىگانە ھالدا دەرۋىشلەرچە ياشاش يولىنى تاللاپ قالسا كېرەك!؟ مەنمۇ شۇنداق بولدۇم، ھېچ ئىش بىلەن ھېساپلاشماي، ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەش، شۇ ئارقىلىق يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئۈستى-ئۈستىلەپ قىيناپ ياشاش مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلاندى. بۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە قىزىىتلغان خەنجەرنى تۇتۇپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ ھامان ماڭا قاراپ تۇرىدىغىنى ئاسىيە... ئوغلۇم شىرزات... يەنە ئۇ... ئالىيەمۇ بار ئىدى...


*        *        *        *        *        *        *        *        *        *

ئاسىيە ئىككىمىز بىر قېتىملىق نورۇز بەزمىسى پائالىيىتىدە تونۇشۇپ قالغان ئىدۇق. بۇ پائالىيەتتە مەن بىزنىڭ مەكتەپكە ۋاكالىتەن يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئورۇنلىغان، ئۇ بولسا ئۆز مەكتىۋىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە كوللىكتىپ ئۇسۇل ئورۇنلاپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ سەھنىدىكى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشلىرى، چىرايلىق ھەرىكەتلىرى، بوينىنى ئېتىش بىلەن تەڭ كۆز تاشلاشلىرى مەندە ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ مۇزىكا ئەۋجىگە چىققاندا، ئۇنىڭ باش ئۇسۇلچى بولۇپ شۇنچە قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىر ھازا پىرقىرىشى يۈرىكىمنى ئوينىتىپ، جېنىمنى يايرىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شوخ كۈلگەن ھالەتتە قوللىرىنى كېرىپ پەرىزاتتەك پىرقىرىشىغا ئەگىشىپ، نىلۇپەر گۈلىدەك ئېچىلغان كەڭ ئېتەكلىرى ئۇنى شۇ قەدەر جەزىبىدار قىلىۋەتتىكى، شۇ چاغدىكى ھىسسىياتىمنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتالمايمەن. بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش دېگەن بەلكىم شۇ بولسا كېرەك، مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۈچلۈك تەلپۈنۈش ھېسسىياتى پەيدا بولغان ئىدى. ھەم شۇ كۈنى كەچ كىرىپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقىچە كۆزۈم ئۇنىڭدىن ئۈزۈلۈپ باقمىدى. ئۇ سەھنە كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ ئادەتتىكى كىىيملىرىنى كىيىپ، ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، چاچ قىسقۇچتا قىسىپ چىققاندىمۇ يەنىلا شۇنداق گۈزەل ئىدى. ئارقا سەھنىدە بىر ئاز پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتى بولدى، بىراق مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلالمىدىم. تارتىنىش، ئىككىلىنىش، ھۇدۇقۇش تىلىمنى چىڭ قاماللاپ تۇراتتى. پەقەت يېنىدىكى ئىگىز بويلۇق بىر قىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىدىن ئىسمىنىڭ ئاسىيە ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ھەمدە ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدا ھېلىقى قىزدىن سوراپ ئىشلەيدىغان ئورنىنى بىلىۋالدىم. ئىككىمىز ئىشلەيدىغان مەكتەپ بەك يىراقمۇ ئەمەس ئىكەن. ياخشى يېرى ھەر ئىككىمىز مائارىپ ساھەسىدە ئىكەنمىز. بۇ تەرىپىنى ئويلاپ ئۆزۈمچە خۇش بولۇپ قالدىم. بىراق ‹‹سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ›› دېگەندەك ئىش قىلىۋاتقىنىمنى ئويلىسام تۇرۇپ كۈلگۈم كېلەتتى.
شۇ چاغلاردا تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلغىنىمغا ئۇزۇن بولمىغان، تۇرمۇشۇمدا يۈرىكىمنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، ئاسىيەدەك ئۆزىگە جەلب قىلالىغان بىرەرسى پەيدا بولمىغان چاغلار ئىدى. بۇ خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋانىڭ يۈرەكلەرنى ياشناتقىنىغا، يېڭى ئاتقان تاڭنىڭ كىشىگە ئاجايىپ ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلغىنىغا ئوخشايتتى. گەرچە ئۇ كۈنى تۈزۈكرەك پاراڭلىشالمىغان، ھەتتا ئاغزاكى تونۇشۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، ھامان تونۇشىدىغانلىقىمغا، ئۇنى ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. كۆڭلۈمدە بىخ سۈرگەن بۇ مۇھەببەت ھېسسىياتى مېنى ئەنە شۇنداق خىياللارغا باشلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
ئىشلار شۇنداق بولدى، مەكتىۋىگە بېرىشقا باھانە ئىزدەپ، بارغاندىمۇ پۈتتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلاردا ئۇنى ئاۋارە قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى تونۇشتۇم. ئۇ مىجەزى يېقىشلىق، مۇلايىم قىز ئىدى، ئەمما نېمىشقىكىن، ماڭا ئۇدۇل مۇئامىلە قىلماي قويدى. پۈتتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلارنى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ھاپىلا-شاپىلا تۈگەتتى، ئاندىن تاماققا تۇتقىنىمغا قارىماي يولىغا راۋان بولدى. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل پوزىتسىيە سەۋەبىدىن دائىملا كۆڭلۈم غەش قايتىپ كېلەتتىم. كۆرۈشۈش قېتىم سانىمىز كۆپەيگەنسىرى ئارىدىكى بۇرۇختۇملۇق بارا-بارا يوقۇلۇپ، دوستلۇق ئورنىتىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. بىراق، كىم بىلسۇن؟ شۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىغان ھېلىقى ئىگىز قىز مېنى ياقتۇرۇپ قالغان بولۇپ، كۆڭلىدىكىنى ماڭا دېيەلمىگەچكە ئاسىيەدىن گەپ ئەۋەتىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقتى.
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. كۆڭلۈم بارلىقىنى ئۇنىڭغا قانداق ئېيتىشنى بىلەلمەي تۇرسام، ئۆزى كېلىپ باشقا بىر قىزنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرسە، بۇ ئىشنى قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى!؟
بىر نەچچە قېتىملىق كۆڭۈلسىز پاراڭ جەريانىدا ئاسىيەگە ھېلىقى قىزغا كۆڭلۈم يوقلىقىنى، باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ ‹‹ ياخشى كۆرىدىغىنىڭىز كىم؟›› دەپ سوراپ قېلىشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس، ئۇ سورىمىدى. تېخى بىر پەستىن كېيىن شۇ ئىش توغرىلىق تاكاللىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭ ‹‹ ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ تۇتىدىكەنسىز، ھەر قانچە بولسىمۇ بەرىبىر ئۇنىڭدەك قىز بالىغا ئۆيلىنىدىغانسىز؟ تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچرايسىز ھەقىچان. ياراتمىغان بولسىڭىز ئوچۇق دېسىڭىز بولمامدۇ ياخشى كۆرگىنىم بار دېگۈچە؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بىرەرسىنىڭ سىڭايان بولسىمۇ قاراپ قويۇپ باققىنىنى بىلمەيمەن سىزگە، ھالىنى كۆرەيمۇ...›› دېگەن گېپى جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن دېگەن ئوغۇل بالا، يەنە كېلىپ قىزلار كەينىمدىن قاراپ قالغۇدەك ، كېلىشكەن ئوغۇل بالا، قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن خېلى-خېلى بالىلاردىن قالغۇچىلىكىم يوق. شۇنداق تۇرۇپ...
بۇ گەپكە چىدىمىدىم، لېكىن ئۇنىڭغا قوپال تېگەلمەيتتىم. شۇ ئىشلار سەۋەبىدىن ئالاھەزەل بىرەر يىلچە سوغۇقلىشىپ يۈردۇق. مەن ئارىنى يىقىنلىتاي دېگەنسېرى ئۇ ماڭا ماي تارتىپ، گاھىدا مىيىقىدا كۈلۈپ بۇرنىنى پۈرۈشتۈرۈپ يۈرىدىغان بولىۋالغاچقا، تىرىشچانلىقىم بىكار كەتمەكتە ئىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىلغا ئۇلىشاي دەپ قالغان ۋاقىتنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. شۇ مەزگىللەردە ئۇنى توي قىلىدىكەن دەپ خەۋەر تارقالدى. ئەمدى بولغاندا پۇتى كۆيگەن توخودەك تۇرالمايلا قالدىم. ئۇنىڭ باشقا بىرسىگە تەۋە بولۇپ كېتىشىگە زىنھار چىدىمايتتىم. ئولتۇرسام - قوپسام پۈتۈن ئەس - يادىم ئۇنىڭدا بولۇپ، ئارامىم بىراقلا بۇزۇلدى.
مەن ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىم. ئۆتكەن ئىشلارنى كەينىمگە تاشلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىش قارارىغا كەلدىم ھەم شۇنداق قىلدىم. بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتقا ئۇدۇللاپ ئۆتەر يولىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئۇ مېنى قارشى ئالسۇن، ئالمىسۇن چوقۇم كۆڭلۈمدىكىنى دېيىشىم كېرەك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئىككى ئۆيدىكىلەر دېيىشىپ بولغان توينى بۇزدۇق. ئۇ توي قىلماقچى بولغان يىگىتنى باشقىلار تونۇشتۇرغان بولۇپ، پەقەت ئۆيىدىكىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەنلا تويغا ماقۇللۇق بېرىلگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆڭلى يوق ئىكەن. بۇنى شۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە تولا كۆزىگە كىرىۋېلىپ، مەكتىۋىگە بېرۋېلىپ، ئۆتەر يولىدا ساقلاپ تۇرۇپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدا مەستانىلەرچە ئەگىپ يۈرۈپ، ئۇنى كۆرسۇن دەپ قەستەنگە يامغۇرغا چىلىشىپ دېرىزە بېقىپ دېگەندەك كۆڭلىگە مۇھەببەت سەۋداسى سېلىپ قويغىنىمدىن كېيىنكى بىر كۈنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەردى. ئۇنى ھېلىقى ئىگىز قىزنىڭ گېپى چىقىشتىن بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ كەلگىنىمنى، شۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرىمىزدا جىدەل بولغىنىنى بىلگىنىدە تولىمۇ ھەيران قالدى ھەم تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇھەببەت تەلىۋىمگە رازىلىق بەردى.
بىراق، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ باش - باشتاقلىقىنى كەچۈرمىدى. تويىمىزغا قوشۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ سالامغا بارغان كۈنۈم بىر توقاي سوغۇق داستىخىنى بىلەن يولغا سېلىپ قويدى. ئىككىمىز گېپىمىزنى بىر قىلىۋېلىپ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا قېلىنلىق قىلىپ تۇرىۋېلىۋەردۇق. بۇنى بىزگە ئۇنىڭ ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىسى ئالىيە ئۆگەتكەن ئىدى. دېگەندەك، بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەردى. ‹‹ئۇرغىلى بولماس غوجىنى، تەپكىلى بولماس غوجىنى›› دېگەندەك، نېمىلا دېسە ھىجىيىپ تۇرىۋېلىپ، ئايىغىدا يورغىلاپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلىۋەرگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئۇلارمۇ ئېرىدى. ماڭا قويۇپ بەرسىمىغۇ ئاتا - ئانامدىن باشقىسىغا ئۇ دەرىجىدە سۈركىلىپ، تىللىسىمۇ، دۈشكەلىسىمۇ لىۋىمنى چىشلەپ چىداپ تۇرۇپ مۇنداق قاشاڭلىق قىلمايتتىم. ئەمما، ئاسىيەدىن ئايرىلىپ قېلىش قورقۇنچى مېنى ھەممىگە چىداشقا مەجبۇر قىلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام، ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كەتسەم بولاتتى. قېچىش - بۇ بىر دەھشەتلىك سۆز، يەنە كېلىپ مېنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانامنى قاخشىتىپ تۇرۇپ...
ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلمىقى بەكلا تەس كەلدى. ھەر ھالدا ‹‹ماقۇل›› جاۋابىنى ئېلىۋالدۇق. شۇ ئىشلارغىمۇ يېرىم يىلدەك ۋاقىت كېتىپتۇ. لېكىن ئاسىيەنىڭ سىڭلىسىنىڭ يېرىم يىللىق ئوقۇشى قالغانلىقى، قىشلىق تەتىلدە كېلەلمەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، توينى يازلىق تەتىلدە قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. ئاسىيەنىڭ بىردىن - بىر قېرىندىشى ئىچكىرىدە يالغۇزچىلىق تارتىپ، غېرىپسىنىپ يۈرسە، ئۇ بۇ يەردە توي قىلغانلىق خەۋىرىنى تېلېفۇندىلا يەتكۈزۈپ، سىڭلىسىنىڭ پوتلا - مىشقىنى ئېقىتىشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشنى خالىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولساممۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىم، ئەلۋەتتە.
يازلىق تەتىلنىڭ كەلمىكى كەبىسە يىلىنىڭ كەلمىكىدىنمۇ قىيىنغا توختىدى. سىڭلىسى تەتىل قىلىپ يۇرتقا كەلگۈچە بىز توينىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، كۈنىنى بىكىتىپ بولدۇق.
ئالىيەنىڭ كېلىشى بىلەن ئاسىيەنىڭ كەيپىياتىدا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان شادىمانلىقلار ئەكس ئېتىشكە باشلىدى. ئۇ خۇددى ئالەمنى بەرگەندەك خۇشال ئىدى. ھەر ئېغىز گېپىدىن ئالىيە چۈشمەيتتى. ئالىيەنى ئالماي ھاجەتكىمۇ بارمايتتى. بۇلارنىڭ مۇنچىۋالا ئامراقلىقىغا قاراپ بىردە سۆيۈنسەم، بىردە ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى، ئالىيە كەلگەندىن بىرى بىزگە يالغۇز ئۇچراشقۇدەك، كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى تۆكۈشكۈدەك پۇرسەت يوق بولغان ئىدى. ‹‹خەپ›› دەيتتىم ئىچىمدە، شۇ تويمۇ بولار...
كۈتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. داغدۇغىلىق قىزىغان بىر كۈنلۈك تويدىن كېيىن بىر شاختىكى جۈپ غۇنچىدەك گۈزەل ھەم شىرىن ھاياتىمىز باشلاندى. مەن قەۋەتلا خۇشال ئىدىم. ئاسىيەنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا سارغايغانلىرىم، تىللىسىمۇ، قوغلىسىمۇ كەتكىلى ئۇنىماي تۇرىۋېلىپ ئەلەم يۇتقانلىرىم، خىجالەت دوقمۇشىدا ئۇنى ساقلاپ كۈنلەپ تۇرۇپ كەتكەنلىرىم ئەمدى ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ۋە گۈزەل ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى مۇھەببەتلىك تۇرمۇشۇم ئۈچۈن ھەممىگە رازى ئىدىمكى، شۇ جاپا - مۇشەققەتلىك جەريانلارنىڭ نەتىجىسى بولغان مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيتتىم. ئاسىيەمۇ مېنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىكى، بۇ قەدەر ساپ مۇھەببەت، چىن ئەقىدىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆمۈر سارغايساممۇ ئەرزىيتتى. قىسقىلا بىلىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋىسال كېچىلىرىدە مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، مەڭگۈ بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن تالاي ئەھدىلەرنى قىلىشاتتۇق. ئوتلۇق ۋەدىلەر، تاتلىق تىلەكلەر بىلەن ئەڭ گۈزەل تاڭلارنى كۈتىۋالاتتۇق.
كۈنلەر شۇ تەرزدە ئۆتۈپ، ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئاسىيەنىڭ سىڭلىسى بىز توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بېيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىتىساد باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى پات - پاتلا ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىمىزدىكى مۇھەببەت ھېسسىياتى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئاڭلايدىغان خۇش خەۋىرىمىز ئۇنىڭ بېرىسىغا ئۆتەلمەيتتى. دېمەكچى، بىزگە ئۆمرىمىزگە يېتىپ ئاشقۇدەك مۇھەببەت ئاتا قىلغان ئىگەم پەرزەنت ئاتا قىلىشنى راۋا كۆرمەيۋاتاتتى. بۇنىڭغا ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى. چوڭلارمۇ پات - پاتلا بالا غەلۋىسى قىلىپ كايىپ قوياتتى. ئۇلارچە بولغاندا، بىز ياشلار ئالدىراپ بالىلىق بولۇشنى خالىماي، ئۇلاردىن يۇشۇرۇن تەدبىر قوللۇنۇپ، كىچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ قازىنىنى ئېسىۋاپتىمىز. بۇ گەپ قارىماققا ئىنتايىن كۈلكىلىك ئاڭلىناتتى، ئەمما تەگلەپ ئويلىساق، بۇ ئۇۋالچىلىققا چىداش ئاسىيە ئىككىمىزگە تەس كېلەتتى. ئۇلارنىڭ كېچە-كۈندۈز پەرزەنت ئوتىدا كۆيىۋاتقىنىمىزنى بىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. لېكىن يەنىلا لەۋ چىشلەپ ئۆتەتتۇق.


*        *        *        *        *       *       *       *        *        *


ئالىيەنىڭ ئوقۇشى پۈتتى، يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ئىمتىھان تەييارلىقىغا كىرىشكىنىگە خېلى بولدى. ئاسىيە بولسا ئۇنىڭ قولتۇقىدىن چىقماي، شۇنىڭلا بولۇپ كەتتى. بەش يىل ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ، سېغىنىپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگىنىمگە تۆت - بەش ئايلار بولۇپ قالغان ئىدى. نېمىشقىكىن، بۇ تۇرمۇشقا كۆنەلمىدىم، ئۆزۈمنى دائىملا يالغۇز ھېس قىلاتتىم. ئاچا-سىڭىل ئىككىىسنىڭ مۇڭداشقاچ بىللە ياتىدىغان كۈنلىرى تۈگىمەسكە كېتىپ باراتتى. مەن بولسام دەردىمنى ياستۇققا تۆكۈپ، ئىچىم تىتىلداپ، ئايالىمنى سېغىنىپ...
قىينئاناملارنىڭ ئۆيى يېزىدا، بىزنىڭ بولسا يېزا مەركىزىدىكى ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىدىكى بىنا ئۆي بولغاچقا، ئۇزۇن مۇددەت شەھەر تۇرمۇشىدا ياشاپ كۆنۈپ كەتكەن ئالىيە يېزىدىكى دېھقان ئۆيىگە ئانچە كۆنەلمەي، ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا لامپۇچكا بولۇپ ئېسىلغان ئىدى. ئۆيىمىزغۇ كەڭتاشا، ئالىيەدىن ئۈچى بولسىمۇ بەخۈدۈك سىغىپ كېتەتتى. بىراق خوتۇننى مەندىن تارتىۋالغىنى يامان بولدى.
تولا يالغۇز قېلىش، خىيال سۈرۈش، قۇرۇق خىياللارنى قىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىشلەر مېنى ئىختىيارسىز كىتابقا باغلاپ قويدى. كىتابتەك ياخشى بىر ئەرمەك تېپىۋالغىنىمدىن تولىمۇ خۇشال ئىدىم. مەن كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەندەك شىرىن مۇھەببەت ئازابىنى ھېس قىلىپ باققان، ۋىسال شارابىغىمۇ نائىل بولغان، يەنە ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنىمۇ تېتىپ باقتىم. ياق، بۇنى ئايرىلىپ قېلىش دېگىلى بولمىغۇدەك. چۈنكى، ئاسىيە ھامان مېنىڭ نىكاھىمدا. بىراق ئۇ مەندىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەندەك تۇراتتى. تۇرمۇش مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەر كىشى ئايالىنىڭ يېنىدا يوقلىقىنى ھەر مىنۇت، ھەر سىكۇنت ھېس قىلىپ تۇرالىسۇنۇ، ئۇنى يېنىغا قايتۇرۇپ كېلەلمىسۇن! غېرىپ كۈنلەرنى، ئۇزۇن كېچىلەرنى ئۆزى يالغۈز ھەمدەم خىياللار، كىتاب ئوقۇشلار بىلەن ئۆتكۈزسۇنۇ، كۆڭلىدىكى ئادىمى كۆز ئالدىدا يورغىلاپ يۈرسىمۇ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىرەر يېرىم دەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرالمىسۇن، ھىدىنى پۇرىيالمىسۇن... بۇ زادى قانداق تۇرمۇش؟
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. تۇرمۇشۇمنىڭ پۈتۈن قىسمىغا ئايلىنىشقا باشلىغان بۇ يالغۇزلۇققا ئاخىرى چىدىمىدىم. ئاسىيەنى ياتاق ئۆيگە چاقىرىپ كىرىپ <<سىز مېنىڭ نېمەم؟>> دەپ سۇئال قويدۇم. ئۇ شەھلا كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بىر ھازا چىمچىقلاتقاندىن كېيىن نېمە مەقسەتتە بۇ گەپلەرنى دېگەنلىكىمنى سورىدى. شۇنىڭ بىلەن خېلىدىن بىرى يىغىلىپ قالغان دەرت - پىغانىمنى ئالدىغا بىراقلا تۆكتۈم. قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنى سورايدىغانلار يەنىلا باشقىچە بولىدۇ، ئاسىيە گەپلىرىمنى ئاڭلىغان سائەتتىن باشلاپ ئەسلىنى تاپتى. ئالىيە سەھرادىكى چوڭ ئۆيگە كەتمىدى، بىراق ئايالىم يېنىمغا قايتىپ كەلدى. بۇرۇنقىدەك ئالىيە بىلەن بىر ئۆيگە تىقىلىۋېلىپ، مېنى يالغۇز قويمايدىغان بولدى. ئالىيە باشتا ھەيران قالغاندەك، يەنە سەل رەنجىپ قالغاندەكمۇ قىلدى، لېكىن تىزلا ئوڭشىلىپ قالدى. بەخت ئىچىدىكى تۇرمۇشۇمغا قەيتىپ كەلگىنىمگە ئىنتايىن خۇش ئىدىم.
ئالىيە شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىغا ئىمتىھان بېرىمەن، دەپ يۈرگەن كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاسىيەنىڭ ئېغىر قات بولغىنى مەلۇم بولدى. بۇ خۇشاللىقتىن پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشى كۆككە يەتتى. بولۇپمۇ مەن، ھازىرقى خۇشاللىقىمغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى. بۇ كۈننى كۈتىۋاتقىنىمغا قانچە ئۇزاق بولغان ئىدى ھە!؟ شادىيانە دەملەرنى ئاتا قىلغان ئىگەمگە مىڭ شۈكرىلەر بولسۇنكى، مەن ئاخىرى دادا بولىدىغان بولدۇم!...
بۇ كۈنلەردە ئاسىيە پۈتۈن جەمەتىمىزنىڭ كۆيۈنۈش، ھال سوراش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپىتەك، شۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە ئىدى. كۆڭلى ئاينىپ قەي قىلسىمۇ ھەممىسى دۈررىدە بولۇشۇپ ئۇ تەرەپكە، كارىۋاتتىن چۈشمەك ئۈچۈن يەرگە ئېڭىشسىمۇ ئايىغىنى ئېلىپ بېرش ئۈچۈن شۇ تەرەپكە، قولىنى پىيالىغا ئۇزاتسىمۇ چاي قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇ تەرەپكە، ئۇخلىسىمۇ...
يەنە يالغۇز قالدىم. ھامىلىدارلىقنىڭ بۇ قەدەر كۈتۈنۈش تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىراق ھەممەيلەن شۇنداق قىلدى. خۇددى تۇغۇلغىنىدىن بىرى ئاسىيەنى كۈتۈشتىنمۇ مۇھىم ئىشى بولۇپ باقمىغاندەك، قارىغاندا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغاندەك قىلاتتى. دەسلەپكى كۈنلەردىكىگە ئوخشاش دادا بولۇش خۇشاللىقى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتىمۇ ياكى ئاسىيەنىڭ يېنىمدا بولماسلىقى مېنى يەنە غەمكىن قىلىپ قويدىمۇ، ئىشقىلىپ چىرايىممۇ ئېچىلمايتتى. خۇددى چىرايىمدەكلا كۆڭلۈممۇ تۇتۇق ئىدى.
راست، ئاسىيە ئۆزگىرىپتۇ، مەن دەسلەپ كۆرۈپ ئاشىق بولغان زىلۋا بوي، ئاق يۈزلۈك، خۇشپىچىم قىزدىن توغرىسىغا سەمرىگەن، يۈزلىرىگە داغ چۈشۈپ قارىدىغان، قۇرسىقى ئالدىغا، ساغرىسى كەينىگە دومباق تارتقان كاداڭ خوتۇنغا ئايلىنىپتۇ. بۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم. بولۇپمۇ ئوبدانلا يوغىنىغان قۇرسىقى ئۇنى كەينىگە غادايتىپ قويغاچقا ماڭغاندا خۇددى يۈگرەۋاتقان ئۆردەككىلا ئوخشىتىپ قوياتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا شۇنداق گۈزەل، نازاكەتلىك، مېھىرلىك ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ تېخىمۇ نازاكەتلىك، تېخىمۇ مېھىرلىك بولۇۋېدى مەن يەنە يالغۇز قالدىم.
قېينئانام ئاسىيەنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. ئانامنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە شۇنداق قائىدە بار ئىكەن. تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا ئۆز ئانىسى قائىدە بويىچە ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتسە، بىرەر ھەپتىدىن كېىيىن مېنىڭ ئانام ئۇنى ياندۇرۇپ كەلسە، ئاندىن بوشانغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى ئارىدا يۈرۈشۈپ تۇرسا بولىدىكەن. قىزىق ئىش-تە! بۇ ئىشلارمۇ شۇ قائىدە بويىچە بولدى، ئۇ قېيىنئانامنىڭ ئۆيىگە كەتكەندىن كېيىن ئالىيەمۇ بىللە كەتتى. ئەمدى كەڭرى، ياسىداق ئۆيىمىز ماڭا ئوڭچە قالدى. مەن بۇ ئۆيدە خۇددى يىتىم بالىدەك مۇڭسىراپلا قالدىم. قاياققىلا قارىسام قۇرۇقچىلىق، قاياققىلا بارسام بوران ئۇچۇپ تۇرغاندەك مىسكىن كەيپىيات. ئەسلىدە بۇ ئۆي ئاسىيە بىلەن ئۆي ئىكەن ئەمەسمۇ!؟ ئۇنىڭسىز تېخىمۇ غېرىپسىندىم، بۇرۇختۇم بولدۇم.
نېمىشقىدۇر ئاسىيە بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن ئاساسەن ئىزدەشمەي كېلىۋاتاتتىم. بەلكىم، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىزغا بەكلا ئىچەكىشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەپتىن ئاغىنىلىرىمگە ۋاقىت چىقىرىشنى خالىمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەمدى بولغاندا، خوتۇنسىز قېلىپ ئىچىم پۇشقاندا ئىزدىسەم، ئېنىقلا مېنى پوقىدا كۆمەتتى. توۋا... كونىلار << ئايال كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان>> دەپ ھەقىيقەتەن توغرا ئېيتقان ئىكەن. ئاسىيە يوق بۇ ئۆيدە ساق بىر ھەپتە قازان ئېسىلماپتۇ، ساق بىر ھەپتە چاي قاينىماپتۇ، يەنە ساق بىر ھەپتە ئۆي تازىلانماپتۇ...
ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلىمەن. ئۆيگە كىرىپ باقىمەن، سىرتقا چىقىپ باقىمەن، كىتاب ئوقۇپ، تېلىۋېزۇر كۆرۈپ باقىمەن، ھېچبىرى خوشياقمايدۇ. چوڭ ئۆيگە بارىمەن، لېكىن چوڭلار بىلەن دېيىشكۈدەكمۇ گېپىمىز چىقمايدۇ. شۇنداق قىلىپ يەنە ھېلىقى بوران ئۇچۇشۇپ تۇرغان ئۆيگە قايتىمەن. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ...
بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ماگزىنغا كىردىم ۋە بىر مۇنچە يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئىشىكتىن كىرسەم ئۆي ئىچى كۆزۈمگە ۋاللىدە يورۇغاندەك كۆرۈندى. ئۆي پاك-پاكىزە تازىلانغان بولۇپ، ئەتىرنىڭ ھىدى بىلەن قانداقتۇر بىر قورۇمىنىڭ ھىدى بىرلىشىپ كەلگەن شۇنداق مىزىلىك بىر خىل پۇراق مەيلىمنى تارتتى. كۆڭلۈمدە ئاسىيەنى كەلدى دەپ ئويلاپ ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە چاپتىم. ئاشخانىدا ئاسىيە ئەمەس باشقا بىرسى - ئاسىيەنىڭ سىڭلىسى ئالىيە تۇراتتى. ئۇ خۇددى ئاچىسىدەك ئۇزۇن پەرتۇقنى بوينىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئېسىۋېلىپ، ياغلىقىنى چىكىلەپ تېڭىپ، بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى. ئۇ دەماللىققا مېنى كۆرمىدى. لېكىن شۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى كۆزىتىشكە تامامەن ئۈلگۈرگەن ئىدىم. ئاچىسىنىڭكىدەك ئاق سۈزۈك سوزۇنچاق يۈز، تېرىپ قويغاندەك ئىنچىكە ھەم قاپقارا ئەگمە قاش، لاك سۈرۈلگەن تال-تال كىرپىك، قاتلىقى چوڭ قوش قاپاق، سۇس قىزىل جەزىبىدار لەۋ، ساقىپ چۈشكەن ھەسەل تامچىسىدەك چىرايلىق بۇرۇن، زىلۋا بەدەن، قاملاشقان بوي... مانا بۇلار ئاسىيەنىڭ قىز ۋاقتىغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى. تۇرۇپلا شۇ ۋاقىتلارغا قايتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ھۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ، ئۆزۈمنى ھاۋادا لەيلەۋاتقاندەكمۇ، يېڭى توي قىلغان ۋاقتىمغا قايتقاندەكمۇ ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئالىيە كۆزۈمگە ئالىيە ئەمەستەكلا كۆرۈنۈپ كېتىپ باراتتى. مەندە خۇددى ئاسىيەگە تەلپۈنگەندەك ئالدىمدا تۇرغان مونو قىزغا تەلپۈنۈش ئىستىكى تۇغۇلدى. بۇنداق بولۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەقلىم ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ، كۆڭلۈم شۇ تەرەپكە تارتىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا قارىغانسىرى ھۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر سىزىم يامراشقا باشلىدى، شۇ ھامان بۇ خىياللىرىمدىن ئەندىكىپ كەتتىم. بىراق پۇتلىرىمنى يۆتكەش تەس كەلدى. كەينىمگە يېنىپ چىقىپ كېتەي دېدىميۇ، ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم. سۇس تىترەۋاتقىنىمنى سىزىپ تۇراتتىم، يەنە تېخى سوغۇق تەر...
-ۋوي، مىرزات ئاكا، قاچان كەلگەنتىڭىز؟ شەپىمۇ قىلماي ماراپ تۇرغىنىڭىزنى قاراڭ!؟
ئۇ مېنى كۆرۈپ قالدى، بىر ئۇڭايسىزلىقىم ئىككى بولۇپ، يۈزۈمدىكى قىزىللىق ئۆزۈمگە ئايان بولدى. ئەمدى سالام قىلىپ بوسۇغا ئاتلىماي ئامال يوق ئىدى:
-ھازىر كېلىشىم، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ سىڭلىم؟
-يامان ئەمەس، شۇ خوتۇنىڭىز بىلەن بالىڭىزنى بېقىپ بولالماي ئاۋارە دەڭە! ئۇ خانىش ئايىممۇ يامان ئەركە بولۇپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەردە. ماقۇل دەپ بەرسە بوينىغا مىنىشتىنمۇ يانمايدۇ ئادەمنىڭ. كۆتۈرۈپ بەرسە نازى تۈگىمەيدۇ خېنىمنىڭ ھى ھى ھى...
-شۇنداق، شۇنداق. ئاچىڭىز ئېغىر قات بولغاندىن بېرى گۈلنىسا ئانام بىلەن ئىككىڭلارغا بەكلا ئېغىرىمىزنى سېلىۋاتىمىز. جاپاغا قويدۇق سىلەرنى. قاتتىق رەھمىتىم بار ئىشقىلىپ.
-ھى ھى... قۇرۇق رەھمەت بىلەنلا گەپنى تۈگەتمەكچىما؟ ئانام ئۇنىغان بىلەن مەن ئۇنىمايمەن جۇمۇ!
ئۇنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئاجايىپ جەزىبىدار نۇر تاراپ تۇراتتى. ھەييارلىق چىقىپ تۇرغان چىرايىغا يەنە قاراۋېرىشكە تاقىتىم يەتمىدى. شۇ ھامان باشقا ياققا قارىۋالدىم. خۇددى ئۇ بايىقى خىياللىرىمنى بىلىپ قالغاندەك، شۇڭا مېنى قەستەن گەپكە سېلىۋاتقاندەك ياكى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئۆزۈمچىلا تېخىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم. ئۇ ماڭا بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ، مۇشۇنداق ھەييارلىق قىلاتتى. ئېغىر بېسىق ھەم مۇلايىم ئاچىسىنىڭ ئەكسىچە بۇ قىز شوخ، گەپچى، ھەييار ھەم چاققان بولۇپ، پاراڭلىشىپ قالساق دائىملا گەپتە يېڭىۋالاتتى ياكى ھەييارلارچە كۈلۈپ تۇرىۋېلىپ ئادەمنى ئۇڭايسىزلاندۇرۇپ قوياتتى. مەن ئەر كىشى بولغاچقا قىز بالا بىلەن تەڭ بولسام بولمايتتى، يەنە كېلىپ قېينى سىڭلىم بولغان ئالىيە بىلەن. شۇڭا كۆپىنچە يېڭىلگەن بولۇپ بېرىپ جىملا تۇرىۋالاتتىم.
-ۋىيەي... چاقچاق قىلدىم جۇمۇ ئاكا،- دېدى ئۇ ۋېلىقلاپ كۈلۈپ- رەھمەت ئېيتقىلى سالىدىكەن دەپ جىمىپ كەتكىنىڭىزمۇ بۇ؟ خاتىرجەم بولۇڭە، مەن ئۇنداق بىشەم ئەمەس جۇمۇ! ئۆز ئاچام بىلەن جىيەنىم ئۈچۈن جېنىم پىدا...
ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. لېكىن مېنىڭ كۈلكەم ئۇڭايسىزلا ئىدى. نېمىشقىكىن ئۆزۈمنى پەقەت ئەركىن تۇتالمىدىم. ئالىيەنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ قېلىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم. ھۇجۇدۇمدا زاھىر بولۇشقا باشلىغان بۇ كارامەتتىن بىردە ھەيران قالسام، بىردە ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھىس قىلاتتىم. تۇيغۇمدا ئالىيە بىلەن ئاسىيەنىڭ سىيماسى يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانماقتا ئىدى.بەڭۋاش ئەركەكلىك، ئەسەبى ھاياجان، زەرىل خىياللار... بۇلار مېنى بارغانسىرى ئېغىر گۇناھلار ئارىسىغا دەم تارتىپ ئەكىرىپ كېتىۋاتقاندەك سېزىپ، ئۇلۇغ بىر ئوتنىڭ، يەنە كېلىپ ئىنتايىن شىرىن بىر ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيمەكتە ئىدىم...
شۇ كۈنى ئالىيە ئىككىمىز يانمۇ - يان ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يىدۇق. ئۇ ماڭا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندەك ئىدى، لېكىن ھازىر ئەسلىسەم بىرسىمۇ ئېىسمدە يوق. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، نېمە دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىمنىمۇ ئىلغا قىلالمىدىم. بىر تەخسە لەڭمەننىڭ قانداقچە يېيىلىپ تۈگىگەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم. ئالدىمدا تاماق، قولۇم ھەرىكەتتە، كاللامدا خىيال، روھىمدا داۋالغۇش، كۆڭلۈمدە تەشۋىش، قورقۇنچ، ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەش ۋە بىچارىلەرگە سۈكۈت، نومۇسسىزلارچە ھاياجان...
تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بۇ ئۆيدىن تىزدەك كېتىشىنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك قېينئانامنىڭ ئۆيىگە، ئايالىم ئاسىيەنىڭ يېنىغا كېتىشىنى، بۇ ئۆيدىن تىزرەك چىقىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالدىم. شۇنداق بولغاندا مەن بۇ نەس خىياللاردىن خالاس بولار ئىدىم بەلكىم. قېرىشقاندەك ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى.
ئاخىرى يالغۇز قالدىم، بۇ يالغۇزلۇق ماڭا شۇنچىلىك راھەت بەخش ئەتتىكى، ئۇزۇندىن بىرى مۇنداق راھەت ئولتۇرۇپ باقمىغاندەكلا ھىس قىلىپ قالدىم. توۋا، ئىنسان دېگەن ئاجايىپ غەلىتە بولىدىكىنا!؟ تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا يالغۇز قالغىنىمدىن ئۆز ئۆزۈمگە، ئاخىرى بېرىپ ئاسىيەگە زارلىغىنىم ئېسىمدە. مانا ئەمدى بۇ يالغۇزلۇقنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتىم. دۇرۇست، بۇنىڭ ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ بۇ ئىككى ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەممۇ ئوخشىمايدۇ. ھازىرقىسى بولسا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان خەتەردىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن...
دادا بولۇش - بۇ دۇنيادىكى ھەممىدىن پەخىرلىك ئىش بولسا كېرەك. ھاياتىمنىڭ ئەڭ خۇشاللىق كۈنلىرىنى كۈتۈۋالدىم. ئاسىيە پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغلۇمغا قوشۇلۇپ ھاياتىمنىڭ باھارى تۇغۇلدى. ھازىرقى خۇشاللىقىمغا پۈتۈن جاھاننىڭ راھەت - پاراغىتىنى تەڭ قىلمايتتىم. ئوغلۇمنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ، يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلىشىغا قارىساملا ھاردۇقۇم چىقىپ يەڭگىللەپ قالاتتىم. ھەش - پەش دېگۈچە ئاسىيەنىڭ يەڭگىگىنىگە ئىككى ئاي بولدى. ئۇ تۇغۇتىدىن تولۇمدەك سەمرىپ، ئەتلىك توخۇ گۆشىدەك ئاقىرىپ تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقتىن سۆيۈنسەم، جاپا چېكىۋاتقىنىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلاتتى. چۈنكى ئوغلىمىز بەكلا كىسەلچان بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئون بەش كۈندىن كېيىنلا دۇختۇرخانىغا قاتراشقا باشلىغان ئىدۇق. ھازىرقى بالىلار شۇنداق ئاسان ئاغرىپ قالامدۇ ياكى مۇشۇ كەمدىكى ئانىلار بالا بېقىشنى تازا بىلمەمدۇ، ئىشقىلىپ ئۇ تولا ئاغرىپ بىر پۇتىمىز دوختۇرخانىدا بولۇپ قالدى. دەسلىۋىدە تۇغۇتىدىن ئاق ئەتلىك توخۇ گۆشىدەك تۇرغان ئاسىيە قىسقىغىنا بىر ئاي جەريانىدا ئورۇقلاپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتقان ئىدى. چىرايىمۇ تاتىرىپ سۇلغۇنلا كۆرۈنىدىغان، قاچانلا قارىسا ھارغىن چىراي يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ ئوغلىمىز شىرزات كىسەلچان بولغاننىڭ ئۈستىگە ئانىسىغىلا كۆنىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمەيتتى، ھىدىنى پۇرىيالمايلا قالسا قىرقىراپ يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى. بىزنىڭ بۇرۇنقىدەك شىرىن دەملىرىمىز كەلمەسكە كەتكەندەك، ئاسىيە پەقەت ئوغلىمىز بىلەنلا ھەلەك ئىدى، ئۇنىڭغىمۇ باشقا ئامال يوق، ئەلۋەتتە. ئاسىيەنىڭ شۇ قەدەر كۆيۈمچانلىقى نەتىجىسىدە ئوغلىمىزنىڭ سالامەتلىكى بارغانسىرى ياخشى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بىراق، بىر ئۆينىڭ پۈتۈن جاپاسى، بالا بېقىش، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، ئۆي تازىلاش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ زىممىسىدە بولغاچقا ئاسىيە جاپا دەستىسىن سولۇشۇپلا كېتىپ باراتتى.


*        *        *        *        *        *        *       *        *        *


كۈز كىردى. بالىغا ئەمدى تېخى تۆت ئايلىق بولغان ئىدى. بۇ يىل كۈز پەسلى بالدۇر كىرگەچكە ھاۋا بەكلا سۇۇۋپ كېتىپ باراتتى. يامان يېرى، بىنا ئۆيلەرگە تېخى پار تارقاتمىغاچقا ئۆي سوغۇق ئىدى. بالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېشىدا چوڭراق تىنىپ قويساقمۇ ئاغرىپ قالىدىغان بولغاچقا ئاسىيە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. توك ئىسسىتقۇ بىلەن ئىسسىتىپ باققاندەك قىلساقمۇ، پۈتۈن ئۆينى ئىسسىتىشقا مۇمكىن بولمىغاچقا يەنىلا قۇلايسىز ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئاسىيەنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى توشۇپ ئىشقا چۈشكەنلىكى ئۈچۈن بالىنى بىرەرسىگە باقتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئەمما بالا باققۇچى تېپىش بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى، تونۇش - بىلىشلەر، خىزمەتداشلارغا ھال ئېيتىپ يۈرۈپ شۇنچە سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ بالا باققۇچى تاپالمىدۇق. ئاخىرى بولماي يەنە شۇ بىچارە قېيىنئانام - مۆمىن مەزلۇم يۈرەك پارىمىزگە قاراپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما يېزىدىكى چوڭ ئۆي بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارىلىقى...
ئاسىيە بالىنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە كەتتى. مەش قويۇلغان ئىسسىق ئۆي، مېھرىبان قېيىنئانام، كۆيۈمچان قېيىنئاتام ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز بالىسىدەك كۆيۈنۈپ قاراپ بېرىۋاتاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيەنىڭ يۈكىمۇ بىر ئاز يەڭگىللەپ قالدى. شۇغۇنىسى مەن ئۆيدە يەنە يالغۇز قالدىم. ئىككى كۈندە بىر لازىمەتلىك نەرسىلەرنى، گۆش-ياغ دېگەنلەرنى كۆتۈرۈپ يوقلاپ كېلەتتىم - دە، ئوغلۇمنىڭ تاتلىق قېلىقلىرىغا، شوخ كۈلكىلىرىگە قېنىۋېلىپ، شۇ ئۆيدە تاماق يەپ يەنە قايتىپ كېلەتتىم. كۈنلەر ھەر ھالدا خاتىرجەم ئۆتمەكتە ئىدى. گەرچە ئاسىيە ئىككىمىزنىڭ ئارىسى يىراقلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇنى ھامان سېغىناتتىم. بالىمىز چوڭ بولىۋالسا شۇ شىرىن كۈنلىرىمىزنىڭ قايتا باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى.
بىرەر ئاي ئۆتۈپ بىنا ئۆيلەرگىمۇ پار تارقىتىلدى. بىراق بالىغا قارايدىغان ئادەم تاپقىلى بولمىغاچقا ئاسىيە يەنىلا چوڭ ئۆيدە تۇرىۋاتاتتى. مەنمۇ ئىككى كۈندە بىر شۇ ئۆيگە قاترايتتىم. چوڭلارنىڭ ئالدىغا خىجالەتچىلىكتىن قورۇنۇپ ئاران كىرگىنىمدە شوخ ھەم چىچەن ئالىيە كۈلكە چاقچاقلىرى بىلەن قورۇنۇشلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا چۆرىۋېتەتتى. بۇ خىل تۇرمۇش ئەندىزىسىگە كۆنۈشكە باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئويلىمىغان يەردىن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ قويۇپ، ئىشلار ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. مەن - ئاش بەرگەنگە مۇش بەرگەن نەپرەتلىك ئىنسان ھەممىنى بەرباد قىلىپ، ھاياتىمدىكى پۈتۈن خۇشاللىقنى، خاتىرجەملىكنى، قەدىردانلىرىمنىڭ كۈلكىسىنى كۆككە سورىۋەتتىم...
ئالىيەنىڭ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدا ئىشلەپ يۈرگىنىگىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. ئاسىيە ئىشتىن قايتسا بالىنىڭ يېنىىدن نېرى بولالمىغاچقا، ئالىيە بىرەر - ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ئۆيلەرنى ئانچە - مۇنچە تازىلاپ، كىر - قاتلارنى يۇيۇپ، بىرەر ۋاخ تاماق ئېتىپ بېرىپ كېتەتتى. ئالىيەنىڭ بۇ ئۆيدە ئۇياق - بۇياققا يورغىلاپ يۈرۈشى تەسىر قىلىپ، تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلاپ، كۆڭلۈمنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ ئۆتسىمۇ، دەسلەپكى كۈنىدىكىدەك بىسەرەمجان قىلالمىدى. شۇ كۈنى ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىپلەپ، گۇناھكارانە تۇيغۇ ئىچىدە مىڭ تولغىنىپ چىققىنىمدىن كېيىن، ئىككىنچى بۇنداق خىياللارنى قىلماسلىققا ئەھدە قىلدىم ھەم ئالىيە كەلسىلا بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. بىراق، گالۋاڭ ئالىيە ئۆزى بار ۋاقىتتا ئۆيدە ئولتۇرمىغىنىمنى ئاچىسىغا دەپ بېرىپ، ئۇنى گۇمانغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئاسىيە بولسا مېنى سىرتتا باشقا بىرسىنى تېپىۋاپتۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۆيدە ئولتۇرغىسى كەلمەپتۇ، ئۆيدە مەن بولمىغان چاغلاردا تالادىكى ئادىمىنىڭ يېنىغا قاترايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىپ قاپتۇ. بىر - ئىككى قېىتملىق يېنىك سۈركىلىشلەردىن كېيىن ئالىيە بارسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ شۇ ئۆيدە قېلىشقا ئادەتلەندىم. ئەمما ياش، چىرايلىق، شوخ قىزنىڭ ئەۋرىشىم بەدىنىنى لىغىرلىتىپ كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ يۈرۈشى ھە دېگەندىلا ئارامىمنى بۇزۇپ تۇراتتى. ئاسىيە ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ تۇرىۋاتقىنىمىزغىمۇ خېلى چاغلار بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇزۇندىن بىرى ئايال زاتىنىڭ ھىدىنى پۇراپ باقمىغان مەندەك ھېسسىياتچان ھەم رومانتىك بىر ئەر ئۈچۈن كۆز ئالدىدىلا قىزىلگۈلدەك بىر قىزنىڭ پورەكلەپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ھەم جەزىبىدار بولۇشى ‹‹ياقەي›› دەپلا پەرۋاسىز قارايدىغان ئىش بولمىسا كېرەك!؟ كارىم بولمىدى، ئۆزۈمنى باشقا بىر ئىشلارغا زورلاپ باقتىم، ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرى، گەپلىرىگىمۇ چىرايىغا قارىماسلىققا، ئۇنى بۇ ئۆيدە بار دەپ ئويلىماسلىققا تىرىشىپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرەتتىم. ئەتكەن تامىقىنىمۇ ھاپىلا - شاپىلا يەپلا يەنە ياتاق ئۆيۈمگە بىكىنەتتىم.
-سىز مەندىن رەنجىپ قاپسىز ھە مىرزات ئاكا؟- دەپ سورىدى ئۇ بىر كۈنى ئۈمچىيىپ تۇرۇپ.
-ياق، نېمىشقا ئۇنداق ئويلاپ قالدىڭىز؟ سىزدىن نېمىشقا رەنجىگۈەدكمەن؟
-ئەمدى، دەيمىنا، بۇ ئۆيگە كەلسەملا ماڭا گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدىڭىز. بىرەر ئىشتا كۆڭلىڭىزنى ئاغرىىتپ قويغان بولسام، ياكى بۇ ئۆيگە كېلىشىمنى ياقتۇرمىسىڭىز... ئاچام ئۆزى ئۆينى تازىلاپ، كىر - قاتلارنى يۇيۇپ قويغىن دەپ... مەن شۇڭىچۇ...
-ۋاي توۋا دەڭە! نەدە ئۇنداق ئىش بولىدۇ،- دېدىم مەن چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ- ئۆي ئىشلىرى ئۆزى ئاددى ئىشتەك تۇرغىنى بىلەن بەك جاپالىق ئىشلار ئۇ. سىزنى ئىش قىلىپ بولالماي ھېرىپ - چارچاپ قالغاندا يەنە گەپكە تۇتۇپ كاللىڭىزنى بۆلمەي دەپتىمەن. سىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن مەن. يەنە كېلىپ مەن رەنجىگۈدەك بىرەر ئىشىڭىز بولمىسا يا.
-مېنى ھېرىپ - چارچىمىسۇن دېسىڭىز بۇرۇنقىدەك خۇشچاقچاق، گەپچى، ئوچۇق - يورۇق مىرزات ئاكام بولۇڭ! مەن جىمغۇرلۇقنى ياقتۇرمايمەن. بۇرۇختۇملۇققا ھەرگىز كۆنەلمەيمەن. ئەمدى يەنە شۇنداق جىمىپ تۇرىۋالسىڭىز بۇ ئۆيگە كەلمەيمەن جۇمۇ!...
-ماقۇل، ماقۇل، ئەمدى دىققەت قىلاي. ئاران تۇرىدىكەنسىز كۆكەمىلىك قىلغىلى. چوڭ بولمايدىغان شەيتان قىز...
پاراڭ شۇ يەردە توختىدى. ئالىيە ماڭا قاراپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى. شۇ كۈلۈش، شۇ قايرىلىش، شۇ جىلمىيىشلار زورىغا بېسىپ تۇرىۋاتقان، بارلىق چىدام غەيرىتىمنى يىغىپ تۇرۇپ بەرداشلىق بېرىۋاتقان ئەرلىك ۋەسۋەسىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئويغۇتۇپ ئۆتتى. ھۇجۇدۇمدا پەيدا بولۇۋاتقان ئاتەش ئىشتىياق، ئوتتەك بىر تەلپۈنۈشنىڭ كۈچى بىلەن بارا-بارا قىزىشىپ كېتىپ باراتتىم. تۇرۇپلا ئاسىيەنى قاتتىق سېغىندىم. ئۇنىڭ ھارارەتلىك تىنىقلىرى، كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ قاراشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن چىدىغۇسىز بىر تەلپۈنۈش، تەلۋىلەرچە ھېسسىيات قاينىمى مېنى دەم تارتىشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى قانچە بېسىپ تۇرساممۇ شۇ تاپتىكى تەلپۈنۈشنى بېسىۋېلىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، قورقۇپ كەتتىم. يەنە شۇ گۇناھكارانە ئەيىپلەشكە يەم بولۇپ ئىچىمنى تاتىلاپ ئولتۇرغىچە دەپ، چاپىنىمنى كۆتۈرۈپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
ئىنسان دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭدا ئىنسان بىلەن ھايۋاننى ئايرىپ تۇرىدىغان مۇئەييەن بىر پەرق-ئەقىل بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى، مەينەتچىلىكلىرى بەلكىم ھايۋانلارنىمۇ بېسىپ چۈشەرمىدىكىن-تاڭ!؟ بەزىدە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالمايدىكەنمىز، بەزىدە تۇرمۇشتىكى ھەررەڭ - سەررەڭ ئالۋۇنلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدىكەنمىز. ‹‹ئىنسان نەپسىگە قۇل بولسا ئۇنى نەس باسىدۇ، تەلەي ۋە ئامەت ئۇنىڭدىن تىز يۈز ئۆرۈيدۇ›› دېگەن گەپنى كىم دېگەن بولغىيدى؟ بۇنى ئەسلىيەلمىدىم. ئەمما ھازىرقى شەيتانى نەپسىمگە قۇل بولۇپ قېلىشتىن ئۆزگە قورقۇنچۇم يوق ئىدى. مەن ئۆزۈمدىن قورقتۇم، ئىلگىرى بۇ دەرىجىدە رەزىل، نۇمۇسسىز بولۇپ كېتىشىمنى ئويلىمىغاندەك، يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق رەزىل، نۇمۇسسىز بولۇپ قېلىشتىن قورقتۇم.
كوچىدا كېتىپ بارىمەن. ھاۋا بەك سوغۇق بولمىسىمۇ، قىشلىق كىيىملەرنى ئالدىراپقىنا كىيىۋېلىشقان كىشىلەر ئالدىراش چېپىشىپ يۈرەتتى. توغرا، ئەتىگەن جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق بولغان، چۈشتە بىر دەم ئىسسىغان بىلەن كەچ تەرەپتە يەنە شۇنداق سوغۇق بولىدۇ. مۇشۇلارغا كاللام ئىشلەيدىكەن بولمىسا. توۋا، مەن نېمىشقا ئايالىم بىلەن سىڭلىمنى ئايرىيالمىدىم؟! ئەسلىدە بۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدىمغۇ؟!
روھىيىىتمدە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئۆزۈمنى يەنىلا گۇناھكاردەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. جاھاندا ئايال كىشى دېگەن تولا، ئاسىيەدەك چىرايلىق، ئوڭلۇق، مۇلايىملىرى، ئالىيەدەك شوخ، قىزغىن، ئۇماقلىرىمۇ بار. يەنە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن مىجەزلىك ئاياللار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنلا ئەمەس، چوقۇم بار. خىزمەتداشلىرىمدەك چاقچاقچى، ئىككىسى بىر يەرگە كەلسىلا غەيۋەت قىلىشىدىغان، ئۆزىچە باشلىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىۋېلىپ سېرىق يۇمۇر سۆزلىشىپ پىخ - پىخ كۈلۈشۈپ ئولتۇرىدىغانلارمۇ بار. ئۇدۇل خوشنىمىز سارىگۈل بودەككە ئوخشاش ياسىنىش - تارىنىش، چاي ئويناشتىن باشقا ئىشلارغا قىزىقمايدىغانلىرىمۇ بار. قىسقىسى، ھاياتلىقتا بىزگە ھەر قانداق ئادەم ئۇچرايدۇ ھەم بىزمۇ ئۇلارغا ئۇچرىغان بولىمىز. ئەجەپكى، شۇنچە كۆپ ئاياللارنىڭ ئىچىدىن ئادەم چىقمىغاندەك ئالىيەگە كۆز سېلىپ قالغىنىم ئەڭ بىمەنە، ئەڭ تېتىقسىز ئىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ھەر نېمە قىلىپمۇ كەچۈرەلمەيتتىم. پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق خىياللاردا بولماي، ئاكىلىق سۈپىىتمنى ساقلاپ قالالىساملا بۇ مەن ئۈچۈن ئاشۇ مەۋھۇم گۇناھىمنى يۇيۇش پۇرسىتى ھېساپلىناتتى. ئاسىيەگە يۈزسىزلىق قىلىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرغاندىمۇ ئۇ مېنىڭ قېيىنسىڭلىمغۇ ھە؟
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. مەن ئادەتتىكىدەك ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدە يەنە ئالىيە بار ئىدى. ئۇ مېھمانخانىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ قانداقتۇر بىر ناخشىغا غىڭشىغاچ چۆچۆرە تۈگۈۋاتاتتى. ئىشكىتىن كىرىشىمگىلا قۇشقاچتەك سايراپ ئالدىمغا كەلدى:
-كەلدىڭىزمۇ ئاكا؟ توڭلاپ كەتمىگەنسىز ھە؟ قاراڭە، چۆچۆرە تۈگۈپ تەييار قىلدىم، ھازىر سىزگە چۇشلۇق سېلىپ بېرەي، قالغىنىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمەن. يىل ئاخىرىدا سەل ئالدىراش بوپ قالدۇق، شۇڭا بىر مەزگىلگىچە پات - پات كېلەلمەيدىكەنمەن دەڭە! قۇرۇق نان بىلەن قۇرساق گولداپ ئولتۇرماي، توڭلاتقۇدىن ئېلىپلا ئۆزىڭىزنى باقالايسىز. ھە راست، چوڭ ئۆيگىمۇ بېرىپ تۇرۇڭ، قىش ۋاقتىدا بالىنى ئۇ ئۆيدىن - بۇ ئۆيگە توشۇپ يۈرۈش ئەپسىز بولمىغان بولسىغۇ ئاچام قايتىپ كەلسىمۇ بولاتتى.  لېكىن، ئەھۋال شۇ بولغاندىكىن ئەمدى. يازمۇ بولار خەپ! ئىككى ئارىدا جاپا تارتىپ، يەنە يالغۇزچىلىق تارتىۋاتىسىز جۇمۇ...
مەن ئايىغىمنى سېلىپ سافاغا كېلىپ ئولتۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ ئەنە شۇلارنى دەپ بولدى. ئاندىن پىلدىرلاپ بېرىپ چەينەكتىن چاي قۇيۇپ ئىستاكاننى ماڭا ئۇزاتتى. قىزىق چايدىن بىر ئوتلىغاندىن كېيىن ھۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر سىزىم تارقاپ، پۇت - قولۇمغا ماغدۇر كىرگەندەك بولدى.
-رەھمەت سىڭلىم،- دېدىم مەن ئىستاكاننى ئۇنىڭغا ئۇزىتىۋېتىپ- بۇنچە ئاۋارە بولمىىسڭىزمۇ بولاتتى. تىرىك ئادەم بولغاندىكىن ئۆزۈم بىر ئامال قىلماسمىدىم. جاپايىمىزنى جېق تارتتىڭىز، رەھمەت ئۇكام...
-ۋىيەي... نېمە دەيدىغاندۇ ئەمدى،- دېدى ئۇ گېپىمنى تارتىۋېلىپ قاپاقلىرىنى سۈزۈپ- بىز يات ئادەمما؟ تۈزۈك گەپ قىلىڭ جۇمۇ، خاپا بولۇپ قالىمەن بولمىسا. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مېنىڭ ھەممە جاپايىمنى ئاچام تارتاتتى. شۇلارنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ قايتۇرغىدەك بولمىدىم تېخى. بۇنچىلىك ئىشلارغا يارىمىسام بىكار ياشىغان بولارمەن؟
ئۇ شۇنداق دەپ كۈلۈپ قويۇپ، چاي ئۈستىلىدىكى رەتلىك تۈگۈپ پەتنۇسقا تىزىپ تەييارلانغان چۆچۆرىنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا ماڭدى، بوسۇغا تۈۋىگە بېرىپ بولۇپ جىممىدە توختاپ كەينىگە قايرىلدى:
-بىردەم ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، ھازىرلا تاماق تەييار قىلىمەن. تاماق يەپ بولۇپ كەچلىك نۆۋەتچىلىكىمنى ئۆتكۈزىۋالغىلى بارىمەن. باشقا ئىشىڭىز بولمىسا، مېنى ئىدارىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز خۇش بولاتتىم.
-بولىدۇ، باشقا ئىشىم يوق، مەن ئاپىرىپ قوياي.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈپ قويۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر كەمدە ئاشخانا ئۆيدىن ئالىيەنىڭ يىغلىغان ئاۋازى كەلدى. مەن باشتا ھۇدۇقتۇم، ئارقىدىن ‹‹قولىنى كىسىۋالغان بولمىسۇن يەنە›› دېگەن ئەندىشە بىلەن دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئىشىكىدە ئۈندۈم. ئالىيە بىر قولىدا تېلېفۇنىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا ئاشتاختىغا تايانغىنىچە كۆزلىرىن مارجاندەك ياش تۆكۈپ تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ خۇددى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئادەم ئۆلتۈرىدىغاندەك ئەسەبىي تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى.
-ئالىيە، نېمە بولدىڭىز؟ يىغلاپسىزغۇ؟
ئۇنىڭ ماڭا قارىغۇدەك، سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگۈدەك ھالى يوق ئىدى. پۈتۈن ھۇجۇدىدىن يىغا تۆكۈلۈپ تۇرغان قىز شۇ تاپتا بەئەينى ساراڭقېتىشقا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغان ئەلپازدا تىترەيتتى. مەن گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ئالىيەنى تارتىپ سىرتقا ئېپ چىقماقچى بولدۇم. ئۇنىڭ ئۆرە تۇرغىدەكمۇ ھالى يوقتەك قىلاتتى. ئۇ بىر قەدەم ئالغاندىن كېيىن جايىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى، ئاندىن بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنى يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدىم. باشتا ماسلىشىپ ماڭغاندەك قىلاتتى، ياتاق ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز يەنە تىزلىنىپلا ئولتۇرۇپ قالدى ھەمدە بايىقىدەكلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنى زورلاپ تۇرۇپ يۆلەپ، ئەكىرىپ كارىۋىتىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم. نېمە قىلارىمنى بىلمەيتتىم، پەقەت ئۇنىڭغا لۆڭگە ئەكىرىپ بېرىپ يېنىدا بىردەم ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ مەندىن خىجىل بولۇپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئېنىق، ئەمما ھە دېگەندىلا ئۇنداق قىلالمىدى. ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن نەچچە كۆرگەن ئىدىم. بىراق يىغلىغاندا بۈگۈنكىدەك چىرايلىق بولۇپ كەتكىنىنى ھېچقاچان كۆرمىگەنكەنمەن. تۇرۇپلا يەنە شەيتىنىم تۇتۇشقا باشلىدى. ئۆزۈمچە ئۇڭايسىزلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم-دە، سىرتقا ماڭدىم. ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىمغا ئۇنىڭ يىغا ئارىلاش ئاۋازى ئاڭلاندى:
-مىرزات ئاكا، توختاڭە...
خۇددى سېھىرلەنگەندەك جايىمدىلا توختاپ قالدىم. قۇلىقىمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق يۈرىكىمگە كىرىپ ‹‹چىم›› قىلىپ توختىدى. چىكەمدىن پۇررىدە تەر چىقتى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى. بىراق...
قىمىرلىماي دەقىقە تۇرىۋالدىم، بىراق بۇ دەقىقە ماڭا بىر يىلدەك تۇيۇلدى. قانداق قىلىش ھەققىدە قارار چىقىرىپ بولغىچە ئۆزۈمنى ئالىيەنىڭ يېنىدا كۆردۈم. قانداقچە مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىنىمنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمنى ئىلغا قىلدىم. ھۇش-كاللام جايىدا ئەمەستەكلا، ھۇجۇدۇمدا ئەسەبىي قۇتراش داۋالغۇيتتى...
-بۇ ئىشنى ئاچامغا دېمىسىڭىز ئاكا! ئۇ يىغلىغىمنى بىلسە سەۋەبىنى سوراپ تۇرىۋالىدۇ، بۇرۇن دېمىگەن گەپلەرنى ئەمدى دېسەم سەت تۇرىدۇ، راستلا سوراپ قالسا سەۋەبىنى دېيەلمەيمەن...
-ماقۇل،- دېدىم مەن ئۇنىڭ بىچارىلەرچە تۇرقىغا ئىچىم ئاغرىپ- لېكىن، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرىڭ. تۇرۇپلا مۇنداق بوپ كەتسىڭىز مەن خاتىرجەم بولالمايمەن. يىغلىغىنىڭىزغا شاھىد بولدۇم، ‹‹يەنە ئاچامغا دېمەڭ›› دەۋاتىسىز. سەۋەبىنى بىلگۈم بار.
ئالىيە ياش يۇقى كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ ئوماق لەۋلىرى ھېلىمۇ ئۈمچىيىپ تۇراتتى.
-سورىمىسىڭىز ياخشى بولاتتى ئاكا، مەن... مەن شۇ...
-ياق،- مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم- شۇنچە بولۇپ كەتكىنىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ ‹‹نېمىشقا›› دەپ بىر ئېغىز سورىمىسام مەن قانداق ئاكا بولىمەن؟ ئاكىڭىز ئەمەس، ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئادەتتىكى دوستىڭىز بولغان بولسىمۇ سورايتتى...
-شۇ دوستۇم... شۇ ساۋاقدىشىم يۈرىكىمنى ئاغرىتتى... ئاشۇ شۇ...
ئالىيە شۇنداق دەپلا قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ ئۆكسۈپ كەتتى. مەن خۇددى كىنو كۆرىۋاتقاندەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ، نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. راست، مۇنداق چاغدا مەن نېمىمۇ قىلالايتتىم!؟
-ھەر قانچە گەپ بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بۇنداق يىغلاۋەرسىڭىز قانداق بولغىنى؟ زادى نېمە ئىش بار، دەڭە مەن بىر ئاڭلاي.
بۇ گىپىم بىلەن ئالىيە بىر ئاز پەسكارىغا چۈشتى ھەم ئۇھسىنىپ قويۇپ، گېپىنى باشلىدى:
-بېيجىڭدا... ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۈرۈمچىلىك بىر مەكتەپدىشىم بىلەن يۈرگەن ئىدىم. ئۈچ يىل يۈرگەن... ئاچام ھەم ئۆيدىكىلەر بىلمەيدۇ... بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرلا قېتىم كۆرۈشتۇق. ئۆتكەن يىلى مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندا كۆرۈشكەنچە... ئۇ ماڭا ‹‹يازدا ئەلچى باشلاپ بارىمەن، توي قىلىمىز›› دېگەن، شۇڭا مەن ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇراي دەپ ھازىرقى ئىدارىغا ئورۇنلاشقان... ئىككى ئاي بۇرۇن تۇيۇقسىز خەت - خەۋىرى يوقلا يوقاپ كەتتى. يا تېلېفۇن قىلسام ئالمايدۇ، يا QQ نى ئاچمايدۇ، يا ئۈندىداردا گەپ قىلسام ئۇچۇر يوق. كېيىن تېلېفۇن نۇمۇرىنى بىر توختاتقانچە ئاچمىدى. مەن پۇل تۆلەپ ئېچىپ قويۇپمۇ باقتىم، ئەمما داۋاملىق ئېتىكلا دەيدۇ. ئۈرۈمچىلىك دوستلىرىمۇ، ئىچكىرىدىكى ساۋاقداشلىرىممۇ خەۋىرىنى بىلمەيدىكەن... ئاخىرى بولماي... كېلەر ھەپتە رۇخسەت سوراپ ئۆزەم بېرىپ ئىزدەپ تېپىپ، كۆرۈشۈپ كېلەي دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم... كىم بىلىدۇ... ئەتە تويى بولىدىكەن...
ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنچە شوخ، چىچەن، يامان بىر قىزنىڭ بولۇپ قالغان ھالىغا قاراڭ! ئەي كۆڭۈل! كىملەرنى نېمە كويغا سالىسەن ھە! ھەيرانمەن نەيرەڭلىرىڭىگە!
-بولدى، يىغلىماڭ، ئەرزىمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن مۇنداق ئاھ ئۇرۇش بىھۇدە. ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ، سىزگە چوقۇم ئۇنىڭدىن ئېىسل يىگىتلەر لايىق بولىدۇ. ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ھە! سىز ئەقىللىق ھەم چىرايلىق قىز، مەن ئىشىنىمەن، سىز چوقۇم قىلالايسىز!
-مىرزات ئاكا...
ئۇ بۇقۇلداپ يىغلىنىچە باغرىمغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر سىلكىنىشلىرى مېنى بۇ دۇنيادىن يوقلا قىلىۋېتىپ باراتتى. ئوتتەك ئىسسىق تەن، پەقەت ئاياللارغىلا خاس بولغان بىر خىل ھىد، مىزىلىك پۇراق كېلىپ تۇرغان يىرىك چاچلار، نازۇك بەدەن... باغرىمدا ئالىيە ئەمەس، بەلكى بىر پارچە ئوت كۈۋەجەپ، كۆيۈپ تۇرغاندەك بارا - بارا ئېرىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ھەر بىر يالقۇنلىرىمۇ مېنى كۈل قىلىشقا تامامەن قادىر ئىدى...
ئۇ باغرىمغا تاشلىنىپ، بۇقۇلداپ، ئىسەدەپ بىر ھازا يىغلىدى، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بىر چاغدا ئۇنىڭ مېنىڭ كۆزلىرىمگە ئەجەبلىنىش نەزەرىدە قاراپ، كۆزلىرىدىن مەنسىتمەسلىك ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. قاچاندىن بىرى ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. لېكىن بىر قولۇم ئۇنىڭ بىلىدە، يەنە بىر قولۇم ئۇنىڭ گەجگىسىدە تۇراتتى. تۇرغاندىمۇ چىڭڭىدە كىرىشىپ، خۇددى يېڭى توي قىلغان چېغىمدا ئاسىيەنى قۇچاقلىغاندەك چىرمىشىپ تۇراتتى. قورقۇپ كەتتىم، شۇ ھامان چايان چاققاندەك ئەندىكىپ ئالىيەنى ئىتتىرىپ دېگۈدەك قويۋەتتىم. چىكەمدىن بۇژۇلداپ تەر قۇيۇلغىنى ئۆزۈمگە مەلۇم بولدى. ئالىيە يىغلاپ باغرىمغا تاشلانغاندا ھاۋايى مۇئەللەقتە لەيلەپ قالغاندەك سىزىمدا بولغان ئىدىم، مانا ئەمدى نەچچە قات يەرنىڭ تېگىگە كىرىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. خىجىللىق دەستىدىن يۈزۈمنىڭ كۆيۈشكىنى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. ماۋۇ قىزنىڭ مەسخىرە قىلغاندەك قاراشلىرى ھەممىدىن بەك يامان بولدى. مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ئۆزۈمنى تالاغا ئاتتىم. ئىشىكتىن قانداق چىققىنىممۇ، قايسى يول بىلەن ماڭغىنىممۇ ئېسىمدە يوق. ئۆزۈم سىرتتا بولغىنىم بىلەن خىيالىم، ئەس - يادىم ئالىيەدە ئىدى. ئۇنىڭ چاچلىرىدىن كېلىۋاتقان مىزىلىك پۇراق يادىمدىن چىقمايدۇ- يۇ، يەنە ئۇنىڭ مەسخىرىلىك كۆزلىرى كۆز ئالدىمدا...


*        *         *         *         *        *        *        *        *        *


ئاخىرى بالىغا قارايدىغان بالا باققۇچى تاپتۇق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بۇ قىز دېھقان بالىسى بولۇپ، يۇۋاش، رايىش ھەم ئىشچان قىز ئىدى. شۇنداق قىلپ بالام بىلەن ئاسىيەنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدىم. شۇ ئارىدا مېنىڭ مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكىلىشىم توغرىلىق ئۇقتۇرۇش چۈشتى. ئۇ ئىشلارنىمۇ جايىدا بىجىرىپ ھەل قىلىۋالدىم. ئەمما كۆڭۈلنىڭ كەيپىياتى بوش ئىدى. ئالىيە ھېلىقى كۈندىن باشلاپ بۇ ئۆيگە كەلمىدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالغۇدەكمۇ پۇرسەت بولمىدى. شۇ تاپتا ئۇ قانداق ئويلاۋاتىدىكىن؟ ھېلىقى كۈنىدىكى ئىشتا نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟ مەندىن چوقۇم بەك نەپرەتلىنىپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قارارمەن؟ زادى بۇ نەسچىلىكتىن دىققەت قىلغانسېرى، شەيتىنىمنىڭ پەيلى ياقامنى قويۋەتكىلى ئۇنىمىدى. مانا ئەمدى ئىنسانغا تىنغىلى بولمايدىغان، ياكى ھەممىنى دەپ، ئىىچمنى بىراقلا بوشىتىۋالغىلى بولمايدىغان بىر باش ئاغرىقىغا، خىجىلچىلىققا قالدىم. راست، بۇ گەپلەرنى كىمگىمۇ دېگىلى بولاتتى. ‹‹قېينسىڭلىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ماڭا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى پۇرىدىم، بوينىغا، مەڭزىگە سۆيۈپ، ئۇنى ئەسەبىيلەرچە قۇچاقلاپ، سىلاپ كەتتىم›› دېيەلەمدىمەن!؟ ياق، بۇ گەپنى دېگەندىن كۆرە بىرەر ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزۈمنى تاشلاپلا...
-ۋۇتان، ۋۇتان تاتلىقلىقىنى...
تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا كىرگەن قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. بۇ ئالىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئوغلۇم شىرزات بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى ئىلغا قىلىپ تۇراتتىم. كۆڭلۈم مېنى ياتاق ئۆيدىن مېھمانخانىغا سۆرەيتتى. ئەمما، پۇتلىرىم كالۋالىشىپ ئورنۇمدىن قوزغىلالمىدىم. تۇرۇپلا نومۇس كۈچى يەنە جايىمغا مىخلاپ قويدى. قانداق چىقىمەن؟ ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىمەن؟ ئۇنىڭ ھەم ئاسىيەنىڭ ئالدىدا مۇشۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ قانداق تىك تۇرىمەن؟
ھېلىقى كۈندىكى ئىشتىن كېيىن ئاسىيەنىڭ مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلىپ باقتىم. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدىن قارىغاندا ئالىيە ئۇ ئىشلارنى ئاچىسىغا دېمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇنى ئۇقسا ئاسىيەدەك ئىچى كۈچلۈك ئاياللار ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىچىگە تىنىپ يۈرەلەمتى؟ ماڭا ئاق - كۆك دەپ بىر نەرسە دېمىگەن تەقدىردىمۇ مۇئامىلە پوزىتسىيەسىدىنلا بىلىپ قالغىلى بولاتتى. يەنە بۈگۈنكى ئىشمۇ بار. ئەگەر ئالىيە بۇ ئىشنى ئاچىسىغا دېگەن بولسا بۇ ئۆيگە يەنە كېلىشى...
-مىرزات ئاكا، ئۇخلىدىڭىزما؟
خىيال بىلەن بەند تۇرغىنىمدا ئىشىك يىنىك چېكىلدى ئاندىن رۇخسەت قىلىشىمنى كۈتمەستىنلا ياتاق ئۆيگە ئالىيە كىرىپ كەلدى.
-ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟ قارىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەس بوپ كەتتىڭىز ھە!؟ ھە راست، دادام، ئاپاملار سىزگە سالام ئېيتتى. چوڭ ئۆيدىن پولو ئەكەلگەن ئىدىم، قولىڭىزنى يۇيۇپ چىقىپ تاماق يەڭ.
ئۇنىڭ مۇئامىلىسى بۇرۇنقىدەكلا ئىللىق، سىپايە ئىدى. كۆزلىرى يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا شوخلۇقتىن چاقناپ تۇراتتى. مەن جىددىيلەشكىنىمدىن سالامغا سالام قايتۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ، يەر بېقىپ تۇردۇم. ئۇ بىردەم جاۋاپ كۈتكەندىن كېيىن بوش ئاۋازدا دېدى:
-مۇنداق بۇرۇختۇم بولۇپ ئۆزىڭىزنى قىيناپ يۈرمەڭ. ئوتتۇرىمىزدا ھېچ ئىش بولغىنى يوق. مەن توغرا چۈشەندىم. ئورنىڭىزدا باشقا بىرى بولغان بولسىمۇ شۇنداق بوپ قالاتتى. ئەسلىدە مەن ياخىشى قىلمىدىم. ئەڭ مۇھىمى سىزنى ئۆز ئاكامدەك كۆرۈپ كەتكەن يېرىم بار. مانا بۇ مېنىڭ خاتالىقىم.
ئاھ خۇدا، بۇ گەپلەرگە نېمە دەي؟ باشقا بىرى بولغان بولسا راستلا شۇنداق قىلاتتى. لېكىن مەن ئۇنىڭ يېزنە ئاكىسىغۇ ھە؟ مەن نېمە قىلدىم زادى؟ ئۆمرىدە ۋىجدان بىلەن ياشاپ ئۆتۈشنى نىيەت قىلغان بىر ئەركەك، يەنە كېلىپ يىزنە ئاكا ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەنبىھ بولامدۇ؟ مەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمنىڭ بەدىلىنى نومۇس ئوتىدا كۆيۈش بىلەن تۆلەپ بولارمەنمۇ؟ يۈزۈمدە مىڭ تونۇر ئوت كۆيدى، ئەجىبا يۈرىكىمدىكى پۇشايمان قوقاسلىرىنى چۈشەنگىلى ئادەم بارمىدۇ؟ توۋا قىلدىم! مىڭ توۋا! ئەمدى ئىككىنچىلەپ مۇنداق خاتالىقنى...
-ئاچام ساقلاپ قالدى، تىز بولۇڭ.
ئالىيەنىڭ ئەسكەرتىشى ئازابلىق ئۆرتىنىشلىرىمنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋەتتى. راست، مېھمانخانىغا چىقىش كېرەك. قېيىنئانام ئاتايىن بىز ئۈچۈن ئەۋەتكەن غىزاغا داخىل بولۇشۇم كېرەك. كاشكى، شۇ ئەۋەتكىنى بىر چىنە زەھەر بولسىچۇ؟ شۇنى يەپلا ھەممە ئىشنى بىراقلا تۈگەتسەم، شۇنى يەپلا بۇ پۇشايمان ئوتلىرىنىڭ قىينىشىدىن خالاس بولسام...
تاماقمۇ يېيىلىپ بولدى. پولو ئوخشىدىمۇ، ئوخشىمىدىمۇ، تاماقنى ئېغىزىمغا يېدىممۇ ياكى بۇرنۇمغىمۇ، شۇنىمۇ ئىلغا قىلالمىغان ھالدا تاكى داستىخان يىغىلغىچە قۇشۇق بىلەن پىيالىنى ئاۋارە قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۈم. ئالىيەنىڭ سىنچى كۆزلىرىنىڭ مەندىن ئۈۈزلمىگەنلىكىنى بايقاپ تۇرىمەن، لېكىن نومۇس كۈچىدىن ئۇنىڭغا قارىغۇدەك رەپتارىم يوق. ئاسىيەنىڭ ئۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما بىچارىلەرچە تىنىۋىپ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم. بىر چاڭگال كەلگىچىلىك تاماقنى يەپ بولغىچە خۇددى بىر ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئاھ خۇدا، بەندەم دېسەڭ شەرمىسار قىلما! بەندەم دېسەڭ يامان يوللاردىن توسىغىن ئېگەم...
داستىخاندىن تۇرۇپلا يەنە ياتاق ئۆيگە بىكىنىۋالدىم. كۆڭلۈمدە ئالىيەنىڭ بۇ ئۆيدىن تىزراق كېتىشىنى تىلەيتتىم. شۇنداق تىلەك تىلەپ ئولتۇرۇپمۇ قۇلىقىم يەنە سىرتتا ئىدى. نېمە گەپلەر بولۇنىۋاتىدۇ، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ھەممىنى بىلگۈم كېلەتتى. ئالىيەنىڭ ئاۋازى چىققۇدەكلا بولسا يۈرىكىم يەنە تىپچەكلەپ كېتەتتى-دە، قۇلىقىم ئىشىكنىڭ يۇقۇچىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولاتتى. توۋا، مەن زادى قانداق ئادەم؟ ئاسىيەگە كۆيۈشتىن ئىلگىرى تالاي قىزلارنىڭ سۆيگۈ تەكلىۋىگە يۈزلەنگەن ھەم رەت قىلغانمەن. توي قىلغاندىن كېيىنمۇ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ گەپ تاشلاپ باققانلار، قىرىدىن - يېنىدىن بىشارەت بېرىپ پۇرىتىپ باققانلارمۇ بولغان. بىراق، ھېچبىرى ئالىيەدەك تەسىر قىلىپ، كۆڭلۈمنى ئوغۇرلاپ باققان ئەمەس ئىدى. تۇيۇقسىزلا بولۇپ ئۆتكەن شۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلىپ، نومۇس ئوتلىرىدا كۆيۈپ تۇرىمەنۇ، لېكىن كاللامدىن يەنىلا ئالىيە چىقمايدۇ. خىيالىم ئالىيەسىز قانات قاقمايدۇ. قارىغاندا مەن راستىنلا تۇزكور ئوخشايمەن. ئىشىكنىڭ يېنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىدىن يەنە ئىسەنكىرىدىم. خېلىدىن بىرى جىمىپ قالغان مېھمانخانا ئۆيگە نەچچە بويۇنداپمۇ ئالىيەنىڭ ياكى ئاسىيەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم. ئوغلۇمنىڭ قىرقىراپ يىغلىشىمۇ، گۇڭراشلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. كۆڭلۈمدە ئالىيەنى كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ بىلدىم. ئوغلۇممۇ ئۇخلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما... ئەگەر ئۇ ئاسىيە بولسا ھەرگىز ئىشىكنى چەكمەيتتى، بەلكى ئىتتىرىپلا ئېچىپ كىرىۋېرەتتى. شۇلارنى ئويلاپ يەنە يۈرىكىم تىپچەكلەپ كەتتى. نەپىسىم تىزلىشىپ، تىلىم كانىيىمغا كەپلەشتى. بالا باققۇچى قىز ئاسىيە ئىككىمىزنىڭ ھوجرا ئۆيىگە كەمدىن - كەم كىرەتتى. يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك چاغدا ئۇ ئاشخانىدا ئۇششاق ئىشلار بىلەن ھەلەك بولاتتى. ئىشىك چەككىنى ئالىيەمىدۇ؟ نېمە قىلارىمنى بىلمەي تىترەپ تۇراتتىم، رۇخسەت قىلىشىمنى كۈتمەيلا ئىشىك ئېچىلىپ، راست دېگەندەك ئالىيە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى بىپەرۋالىق ۋە خاتىرجەملىك ئالامەتلىرىگە قاراپ جىددىيلىكىم خېلى پەسلىگەندەك قىلدى. شۇنداقتىمۇ پۇت - قولۇم يېنىك تىترەپ، گەجگەمدىن پۇررىدە تەر چىقىپ كەتتى.
-ئاۋارە قىلمىغاندىمەن ھە؟-دېدى ئۇ كارىۋاتنىڭ بىر تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇرىۋېتىپ- ئاچام شىرزاتنى ئۇخلاتقاچ ئۆزىمۇ ئۇخلاپ قاپتۇ. يېتىپ قالاي دېسەم سەل بالدۇركەن. شۇڭا پاراڭلىشايلىمىكىن دەپ كىرگەن ئىدىم. ئەگەر دەخلى قىلغان بولسام...
-ياقەي، ئۇنداق بولامدىغان. بەھوزۇر ئولتۇرۇڭ.
ئوھوي! ماڭا نەدىن كەلگەن جۈرئەت بۇ؟ ئۆزۈممۇ تۇيمايلا دەپ سالغان بۇ گېپىمدىن ئايانچلىق تولغاندىم. بىراق يەنىلا چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، ئۆزۈمنى ئامال بار تەمكىن تۇتۇپ تۇراتتىم. ئالىيە يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ تۆۋەن باقتى. شۇئان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ ئۆتتى. نېمىشقىدۇر، بۇ ھال ئىچىمنى سىيرىۋەتتى. ئۇنىڭ ياش لىغىرلاپ قالغان قارىقاتتەك قارا، چوڭ قوي كۆزلىرى ۋە ئۈمچىيىش ئالدىدا تۇرغان لەۋلىرىگە قاراپ يۈرىكىم شۈررىدە ئىرىدى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تەسەللىي بەرگۈم، كۆز ياشلىرىنى سۈرتكۈم...
ياق!!! ئۇنداق خياللارنى قايتا قىلما مىرزات! يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن شۇلارنى ئويلاۋاتىسەن!؟ سەن ئادەم بولماقچى، تۈزەلمەكچى ئىدىڭغۇ؟! مۇشۇ سېنىڭ ئادەم بولغىنىڭمۇ؟ ئېسىت سېنىڭ ئۆز-ئۆزۈڭگە قىلغان ئەھدىلىرىڭگە! ئېسىت ئاللاھتىن تىلىگەن ئىنايەتلىرىڭگە!
خىيالىمدا ئۆزۈمنى نەچچىنى كاچاتلىۋەتتىم. بىراق، ئالىيەنىڭ ئالدىدا يەنىلا مەغرۇر ئىدىم، بەردەم ئىدىم. ۋىجدانىم كۆيۈشۈپ تۇرسىمۇ يەنىلا شەيتان مىجەزىمنىڭ قۇتراۋاتقىنىغا قاراپ نورمال ئادەم ئىكەنلىكىمدىن گۇمان قىلىۋاتاتتىم. مەن بىر بولسام ئۇچىغا چىققان بۇزۇق، بىر بولسام كاللىسىدىن كەتكەن ساراڭ بولۇشۇم مۇمكىن. بولمىسا...
خىيالىم شۇنىڭدىن نېرىسىغا ئۆتۈپ بولغىچە ئالىيە ئېغىز ئېچىپ قالدى:
-مىرزات ئاكا، ئۆتكەندە سىزگە ئالىي مەكتەپتە ئارىلاشقان ھېلىقى بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەن ئىدىمغۇ قاراڭ. ئۇ توغرىلىق خەۋەر ئاڭلىدىم. يۇقۇرى خىزمەت ئورنى بىلەن پۇلدار ئائىلىنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۇنى ئېزىقتۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ بىر قىز بىلەن توي قىپتۇ. ئۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ئىدى... بۇنداق بولارىنى ئويلىمىغان ئىدىم... مەن...
-كۆڭلىڭىزنى چاچماڭ ئالىيە. بۇ شۇنداق جاھان، شۇنداق تۇرمۇش بۇ. كىمنىڭ بېشىدىن مۇھەببەت سەۋداسى ئۆتمەيدۇ دەيسىز؟ كىمنىڭ ئازابلىق سەرگۈزەشتىسى بولمايدۇ دەيسىز؟ بۇ پەقەت ئۆتكۈنچى جەريان. سىز چىداملىق بولۇپ ئالدىڭىزغا قارىيالىسىڭىزلا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. خۇدايىم بەختىڭىزنى بېرىدۇ. چوقۇم بەختىڭىزنى تاپىسىز، سىڭلىم.
ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى غەليانلارنى بېسىقتۇرالمىغىنىم بىلەن، باشقىلارغا تەربىيە بېرىشكە، يول كۆرسىتىشكە ئۇستىكەنمەن. ئۆزۈمنىڭ سۆزمەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ خىجىللىق قەپىزىدىن چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئويلىمىغان يەردىن ئالىيە تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا شۇنداق دېدى:
-كاشكى، سىزدەك بىرسىگە ئۇچراشقان بولسامچۇ، ئۆمۈرۋايەت بەخىتلىك ئۆتۈپ كېتەتتىم...
بۇ گەپ بىلەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاپتىمەن. كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بولسا غەلىتىلا بىر سىزىم يۈرىكىمگە كىرىپ توختىدى. مەن خۇددى ئالىيەنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن كۈچ ئېلىۋاتقاندەك، ۋۇجۇدۇم كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغاندەك روھلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۈمىدسىزلىك يۈرىكىمنى ئېچىشتۇردى. قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەسەللىي بەرگۈم كەلدى، بىراق...
تۇرۇپلا شەيتان ھەۋىسىمنىڭ يەنە قۇتراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. مەن زادى ئادەم بولمايدىغان ئوخشايمەن. بىر چاغلاردا بىرسى مەندىن ‹‹ئاتتىن يۈگرۈك، شامالدىن تىز، پاختىدىن يۇمشاق، تۆمۈردىن قاتتىق، سۇدىن سۇيۇق، سېغىزدىن قويۇق، بومبىدىن خەتەرلىك بىر نەرسە بار، ئۇ نېمە؟›› دەپ سورىغاندا، جاۋاپ بېرەلمەي ھەپتىگىچە جاۋاپ ئىزدىگىنىم ھېلىھەم يادىمدا. مانا ئەمدى تاپتىم، بۇ كۆڭۈل ئىكەن.
-ئەرلەر ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن ئاياللارنى ۋاپاسىزلىقى بىلەن مۇكاپاتلايدىغان ئوخشايدۇ،- دېدى ئۇ خۇرسىنىپ قويۇپ- مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشەنچ قىلغان...
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىنى تاتىلاپ ئۆتۈپ، بوغۇزۇمدا توختىدى:
-دارتمىلاپ مېنى تىللاۋاتامسىز؟- دېدىم مەن ئۇنىڭغا خىجىللىق بىلەن بېقىپ- ئۆتكەنكى ئۇ ئىشتا ھەقىيقەتەن خاتالىق مەندىن ئۆتتى. نېمىشقا ئۇنداق بولۇپ قالغىنىغا مېنىڭمۇ ئەقلىم يەتمەيدۇ. بىراق مەن....
-مەن سىزدىن ئاغرىنمىدىم ھەم سىزنى دارتمىلاپ تىللىمىدىم، سىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز...- ئۇ جىددىيلەشكەن ھالدا گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى- مەن ئۇنى دېمەكچى ئىدىم. ھېلىقى توي قىلىۋالغان...
ئۇ شۇنداق دەپلا يەنە ئۈمچەيدى. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يۈرىكىم پىژژىدە ئېچىشتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭ مۇنچاقتەك تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. كۆز يېشى- ئىسسىق بىر ھارارەت بارمىقىمغا تەگدى ۋە ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىللىق بىر سېزىم ئۈگە - ئۈگىلىرىمگىچە تارىدى. شۇ تاپتا ئارىنى بىرلا كارىدۇر ئايرىپ تۇغان نېرىقى ياتاق ئۆي ۋە ئۆي ئىچىدە ئوغلۇمنى قۇچاقلاپ يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئايالىم ئاسىيە خىيالىمغا كىرەر ئەمەس ئىدى. ئالىيە مەندىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، بەلكى كۆزلىرىنى يۇمۇپ يۈزلىرىنى سىلىشىمغا، ياشلىرىنى سۈرتۈشۈمگە ماسلىشىپ جىممىدە تۇردى ھەم يېنىك ھەرىكەت بىلەن يۈزىنى ئالقىنىمغا تېخىمۇ بەكرەك ياقتى. بۇ ھالدىن سەلگىنە مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. بىراق قەلبىمدە قايتىدىن ئويغانغان ئاللىقانداق بىر شادىيانىلىق تىزلا بۇ مەڭدەشنىڭ ئورنىنى ئېگىلىدى. يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ ھازىرلا قېپىىدن چىقىپ كېتىدىغاندەك تىپچەكلىمەكتە ئىدى. تىنىقىمنىڭ تىزلەشكىنى ئۆزۈمگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئالىيەنىڭ تىنىقىنىڭ تىزلەشكىنىمۇ بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغان ھالدا تاتلىق كۈلۈمسىرىدى. ئاھ... شۇ دەمدىكى ھاياجاندىن ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويايلا دەۋاتاتتىم...
ئۇدۇلدىكى ياتاق ئۆيدىن ئوغلۇمنىڭ يىغلىغان ئاۋازى، ئارقىدىن ئاسىيەنىڭ بالا باققۇچى قىزنى:
-دىلنار، قېنى سىز؟...- دەپ چاقىرغىنى ئاڭلاندى. ئاچىسىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈگەن ئالىيە ئالمان - تالمان ئېسىگە كەلدى ۋە مەڭزىدە قېتىشقا باشلىغان ياش يۇقۇندىلىرىنى قولىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتتى. ئۇ ئالدىراپ ئىشىكتىن چىققۇچە ماڭا قىيا باقتى ھەم پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى ئاندىن كىيىكتەك تاقلىغىنىچە ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئالىيەنى خىيال قىلىشىم قايتىدىن باشلاندى. ئۇنىڭ ھەر بىر يۈرۈش - تۇرۇشلىرى، چىراي ئىپادىلىرىگىچە ئېڭىمغا سىڭىپ كىرىپ بولغان ئىدى. ئۇنى سېغىناتتىم، ئويلايتتىم، خىيالەن مۇڭدىشاتتىم، باغرىمغا باساتتىم...
ئەمدىگە كەلگەندە ئالىيەنىڭ ئوي خىياللىرى ۋاقتىمنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئېگەللەپ بارىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. ئولتۇرسام - قوپسام ئۇ كاللامدىن چىقماي تۇرىۋالاتتى. بىراق مەن بۇرۇنقىدەك بۇرۇختۇم ئەمەس، چۈشكۈن ھەم خىجىلچان ئەمەس ئىدىم. خۇددى شەھەر ئالغان سۇلتاندەك مەغرۇر ۋە خۇشال ئىدىم. بۇ خىياللىرىمنىڭ ئەيىپكارانە تۇيغۇلىرى بىر يەرلىرىمنى كۆيدۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ كۆيدۈرۈشلىرىنى ھامان ئالىيەنىڭ خۇمار كۆزلىرى ۋە تاتلىق كۈلۈشلىرى ئېگەللىۋالاتتى. ئۇنى ھەر دائىم يېنىمدا باردەك ھىس قىلاتتىم، سېغىنساممۇ خىيالىدىن شىرىنلىك تاپاتتىم.
ئالىيە ئۆيىمىزگە بۇرۇنقىدەك كېلىپ تۇراتتى. شوخ كۈلكىلىرى ھەم جوشقۇن خارەكتىرى بىلەن ئۆيىمىزنى جانلاندۇرۇپ تۇراتتى. ئوغلۇممۇ ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. ئىككىسى ئوينۇشۇپ كەتسە ئۆي ئىچى ئۇلارغا تارچىلىق قىلىپ قالاتتى.
كۈنلىرىم خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى. ئالىيەگە بولغان سېغىنىشىم ھەر دائىم يۈرەك - باغرىمنى يالقۇنلىتىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ناشايان ئۇسۇللاردا ۋىسال تېپىشنى ئويلاپ باقمىدىم. بەلكىم قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھانلىرىغا مۈكۈنۈپ ئامان قالغان كىچىككىنە ئىنسانىي ۋىجدانىم بۇنىڭغا يول قويمىسا كېرەك!؟ ئۇنى خىيال قىلىپ، شوخ كۈلكىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتۈشمۇ مەن ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. تۇرۇپلا يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ قالاتتىم، لېكىن بۇ ئەيىپكارلىق ئۇزۇن داۋاملاشمايتتى. چۈنكى ئالىيەنىڭ كۈلۈشلىرى...


*        *         *        *        *        *        *        *         *        *


بالا ئاغرىپ قالدى. ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھاۋا بىر خىل تۇرمىغاچقا تولا ئىسسىق - سوغۇق بولىۋېرىپ ئوغلىمىز شىرزات قاتتىق زۇكامداپ قالدى. دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالىتىدىغان بولغاچقا، ئائىلە بويىچە دوختۇرخانىغا كۆچۈۋالغىنىمىزغا ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا بەكلا جاپا بولىدىكەن. ئاسىيە بالىنىڭ يېنىدىن قوپالمىغاچقا ئىش ئورنىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئۇنىڭغا ئىزچىل ئۆزى قارىدى. مەن دوختۇرخانا بىلەن ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۇپ بىمار ۋە باققۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىم. بالا باققۇچى قىز كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھرادا چوڭ بولغان، شەھەر يوللىرىنى بىلمەيدىغان بولغانلىقتىن ئۇنى ئۆي بىلەن دوختۇرخانا ئارىسىغا سېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتۇق. لېكىن قازان بېشىغا بېرىپ باقمىغان ئەر كىشىگە تەسكەن. ھە دېگەندىلا ئىشلارنى قاملاشتۇرالماي، بىر نەرسىلەرنى بۇزۇپ، ئۇنتۇپ قېلىپلا يۈردۈم. ئاسىيە كايىغاندەك قىلاتتى ئەمما ئارقىدىن كۈلۈپ كېتەتتى. ھەر نېمە دېگەن بىلەن قولۇم سەل يۇمشاپ قالغان ئىدى. ئالىيە بېشىدا ئالدىراش يۈرگەندەك قىلدى، كېيىنكى ھەپتىسىدىن باشلاپ مېنىڭ قاترايدىغان ئىشلىرىمنى ئۆزى قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قولىنىڭ ئەپچىللىكى، ئەتكەن تامىقىنىڭ تېتىملىقلىقى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرەتتى. بۇرۇندىن تارتىپ ھەممىسى ئۇنىڭغا كۆنۈك بولغاچقا، ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئىشلارنى خاتىرجەم ھالدا تاشلاپ قويالايتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا كەلدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئالىيەمۇ تاماق قاچىسى ۋە بىر سۇلياۋ خالتا نەرسە - كېرەك كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەكەلگەن تامىقىنى ئاسىيە ۋە دىلنارغا بۆلۈپ قاچىغا ئۇسۇپ بەردى. ئاندىن ماڭا ئۆيدە تاماق قويۇپ قويغانلىقىنى، تاماق قاچىسى كىچىك بولغاچقا ھەممىنى ئۇسۇشقا ئامال بولمىغانلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ ئۆيگە بېرىپ تاماق يەپ كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۆيگە ماڭدىم. ئاسىيە ئالىيەگە يۇيىدىغان بىر مۇنچە نەرسىلەرنى تۇتقۇزدى ھەم ئۇنىمۇ مەن بىلەن بىللە كېتىشكە بۇيرىدى. ئالىيە نەرسىلەرنى بىر سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ، تاماق قاچىسىنى يىغىشتۇردى ئاندىن كەينىمدىن ئەگىشىپ ياتاقتىن چىقتى.
ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن. ئالىيە، ياق بىر پارچە ئوت يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا خىيالچان ھالدا ئولتۇرىدۇ. ماشىنىنىڭ ھەر بىر سىلكىنىش - چايقىلىشىغا ئەگىشىپ يېنىك چايقىلىپ، كۆزلىرىنى نامەلۇم نۇقتىغا تىككىنىچە ئولتۇرغان قىزغا ئەيمىنىپقىنا پات - پات قاراپ قويىمەن. ماشىنا بىر خىل رېتىمدا مېڭىۋاتقان بولسىمۇ مېنىڭ يۈرىكىم ئاللىقانداق رېتىملاردا سوقۇۋاتىدۇ...
بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ئۇ ماڭا قارىمىغىنى بىلەن كۆڭۈل كۆزلىرى ئارقىلىق مېنى كۆزىتىۋاتىدۇ. خۇددى ماڭا ئوخشاش ئاستىرتتىن ماراپ مېنى كۆزىتىۋاتىدۇ، ھەمدە مەن كۆزىتىۋاتقىنىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشنى خالىمىغاندەكلا ئۇمۇ مېنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ماڭا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما يۈرىكىم ھامان ھەممىنى سېزىپ تۇرىدۇ...
بەلكىم ئارتۇق ئويلاپ كەتكەندىمەن. تۇنجى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ ئازاب چېكىۋاتقان بىر يۈرەك ئۈچۈن باشقا ئىشلارنى ئويلىغۇدەك نەدە جۈرئەت، نەدە ئىمكان بولسۇن!؟ توخو داڭگال چۈشىسىمۇ، گېلىدىن ئۆتمەيدىغان داڭگالنى چۈشىمەسلىكى كېرەك. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە خويمۇ ئەزمىلىك قىلىپ كېتىۋاتىمەن دېسە...
ئالىيە ئالدىمغا قويغان ئوخشىغان غىزانى بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ يەپ تۈگەتتىم. ئەلۋەتتە، زۇۋان سۈرگىدەك پۇرسەتمۇ بولمىدى. ئۇ ئالدىمغا تاماق بىلەن چاينى سىپايىلىق بىلەن قويغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇنچىغا ماڭدى. مەن تاماق يەپ بولۇپ بىردەم تېلىۋېزور كۆردۈم، ئۇنىڭ مۇنچىدىن چىقىپ يېنىمدا بىردەم ئولتۇرۇشىنى شۇ قەدەر ئۈمىد قىلاتتىم. ئۇ چىقمىدى، تۇرۇپلا، مۇنچىنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ ئۇنى ماراپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالدى. ئەمما يەنىلا جۈرئەت قىلالمىدىم. مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقانسېرى شەيتان ھەۋەس يەنە مېنى قۇترىتىشقا باشلىماقتا ئىدى. بىر تەرەپتىن ئەندىشەممۇ بار ئىدى. ئەگەر ئالىيە ئۆزىگە قىلىۋاتقان بۇ بىنورمال يېقىنچىلىقىمنى بىلىپ قالسا، ئاندىن ئاچىسىغا دادلاپ ھەممە ئىشنى ئۇنىڭغا دېسە...
ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدىم. خۇددى بۇ خىيالنىڭ ئاخىرى چىقسا ھەممە ئىش تۈگەيدىغاندەك، بۇ تۈگەش بىلەن تەڭ مەنمۇ بۇ ئىككى ئايالدىن مەھرۇم قالىدىغاندەك بىر تۇيغۇ مېنى خاۋاتىرلەندۈرۇپ تۇراتتى. قىسقىسى، ھامان ئەندىشە بىلەن ئىدىم. تېگىشلىك بولمىغان يولغا كىرىپ قېلىش، ناتوغرا ھەۋەسلەردە بولۇشنىڭ ئادەمنى بۇنچىلىك ئازابلايدىغانلىقىنى، بۇنچىلىك تەشۋىش، قورقۇنچلارغا سالىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، بۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىغانلىقىم، بۇ خىياللاردىن خالاس بولالمىغىنىم زادىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. قانداق بىر ئادەم بولۇپ قېلىۋىدىمكىن، تاڭ؟! باشقىلار ‹‹ئادەم كۆڭلىنى باشقۇرالىسا ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ، ئۆزىنى باشقۇرالىغان ئادەم خاتىرجەم ياشايدۇ›› دېيىشىدىكەن، بىراق مەن ئۆزۈمنىمۇ باشقۇرالمايمەن. لېكىن ھازىر مەن ئىنتايىن بەخىتلىك. گەرچە ئايالىم تۇرۇپ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن بولساممۇ ئائىلەم بەخىتلىك. شۇغۇنىسى بۇ بەخىتنىڭ ئىچىدە نېمىدۇر بىر نەرسە كەمدەكلا. بۇ كەمچىلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىپىرلاۋاتامدىم ياكى راستىنلا يوقىلاڭ ھەۋەسلەرگە بېرىلدىممۇ، ھازىرچە بۇنىمۇ بىلمەيمەن...
-يەنە نېمە خىللار بېسىۋالدى سىزنى؟
يەرىن ئۈنگەندەكلا يېنىمدا پەيدا بولغان ئالىيە مېنى چۆچۈتىۋەتتى. ئۇ تۈرۈلگەن يەڭلىرىنى تۈزۈش بىلەن ئاۋارە بولسىمۇ بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن ھەم جۇشقۇن ئىدى. ئۇنىڭ ئازراق چۇۋۇلغان چاچلىرى ۋە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پارقىراپ تۇرغان پىشانىسىگە زوق بىلەن قارىدىم.
-ھېچ، ئۆزۈمچىلا خىيال قىلىپ قاپتىمەن شۇ. بەكلا جاپادا قويدۇق سىزنى. ئويلىسام خىجىل بوپ قالىمەن.
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ ئاسىيە مېنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىن - بىر قېرىندىشىم جۇمۇ! ئۇنىڭ ئىشلىرىنى مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ؟ ئۇمۇ مەن ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق جاپالارنى تارتقان. تېخى ئاچامنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ياندۇرمىدىم مەن.
راست، ئالىيە توغرا دەيدۇ. ئاسىيە ئۇنىڭ بىردىن – بىر قېرىندىشى، شۇنداقلا بىر قۇرساق قېرىندىشى. مەن بولسام ئاسىيەنىڭ ئېرى!
-ئۇ دېگەن ئاچىڭىز تۇرسا، ئۇنچىلىك قىلمىسىمۇ بولمايدۇ. لېكىن سىزنى راستلا بەك جاپاغا سالدۇق. كىچىك بولغاندىكىن جاھاننىڭ شامىلىنى كۆرۈپ ئوينايدىغان چاغلىرىىڭىز ئىدى بۇ،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا باشتىن - ئاياغ قاراپ چىقىپ.
-ۋىيەي، جاھاننىڭ شامىلىنى يالغۇز كۆرگىلى بولمايدىكەن قاراڭ،- دېدى ئۇ پىخىلداپ كۈلۈپ- ئەمدى بىر شامال كۆرەي دېگەندە بەزى - بىرلەر شامالغا كىكىرىپ قالغاندەك تاشلاپ كېتىۋاتسا، بولدىلا، شاماللار بىزگە ياراشمايدىغان ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپى كۆڭلۈمنى بۇزدى. تۇنجى ھىجراننىڭ ئازابلىق جاراھىتىنى يەنە تاتىلاپ قويغىنىمنى بىلىپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
-سىز تېخىچە شۇنىڭ خىيالى بىلەنمۇ؟- دېدىم ئالىيەنى ئولتۇرۇشقا شەرەت قىلىپ- ئۇنى ئويلاۋەرمەڭ. ئەسلەپ تۇرۇش ياخشى ئىش، بىراق ئەسلەشكە ئەرزىسە ئاندىن ئەسلەش كېرەك. سىزنى تاشلاپ كەتكەنلەر قەدرىڭىزگە يېتىدىغانلار ئەمەس، قەدرىگە يەتمىگەن ئادەمنى يەنە ئەسلەۋېرىش ئېشەككە پوشكال بەرگەندەكلا بىر ئىش.
بۇ گېپىم بىلەن ئالىيە پۇسۇققىدە كۈلۈۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدە ئۆزىنى ئاشكارىلاپ تۇرغان كۆز ياشلىرى گۈل بەرگىدىكى شەبنەمدەك يالتىرىدى. دەقىقە ئۆتمەي سۈزۈك ئىككى مۇنچاق مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى. ئۇنىڭ لەۋلىرى يەنە ئۈمچەيدى. ئۇ يېنىك ئۇھ تارتقىنىچە ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ جايىدا ئولتۇرغۇزدۇم. ئۇ سەلگىنە ھەيران بولۇپ ماڭا ‹‹نېمە بولدى›› دېگەندەك تىكىلىپ قالدى.
-ئۆزىڭىزنى ئۇنداق قىينىماڭ ئالىيە، سىزدەك شوخ، جۇشقۇن بىر قىزغا جىمغۇر، كەمسۆز بولۇپ قېلىش ياراشمايدۇ. ئۇ قانچىلىك ئادەم ئىدى تاشلاپ كەتكىنىگە بۇنچە تۈگۈشۈپ كەتكۈدەك؟ سىز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ياشامتىڭىز؟...
-مىرزات ئاكا...
ئالىيە ئىككىنچى قېتىم پاڭڭىدە ئېتىلغان پېتى باغرىمغا تاشلاندى. ئۇنىڭ ئۆكسۈپ - تۆكۈلۈپ يىغلىشىغا ئۈنسىز قاراپ تۇردۇم. ئالدىنقى قېتىمقىدەك تەسەللىيمۇ بەرمىدىم. چاچلىرىنى پۇراپ، ھىدلايدىغان ئىشلارمۇ بولمىدى. ئالدىنقى قېىتمقى شۇ ئىشنىڭ ساۋىقى مېڭەمگە بەك ئورناپ كەتكەنمۇ تاڭ، بۇ قېتىم ھەقىيقەتەن قورققان ئىدىم.
ئۇ سىلكىنىپ، بۇقۇلداپ بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن ئىسەدەپ تۇرۇپ ئاستا بېشىنى كۆتۈردى ۋە خۇمار كۆزلىرىنى كۆزلىرىمگە تىككىنىچە جىممىدە تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يانغان تەشنالىققا ياكى سېغىنىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئۇچقۇن ئىختىيارسىز ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشىم، ئۇنىڭغا ئەمدى يامان نىيەتتە بولماسلىقىم كېرەكلىكى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئىزاھلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنى ئويلىدىم، نېمىشقىدۇر، ئالدىنقى قېىتمدىكىدەك ئۇنى ھىدلىرىنى پۇراشنى، سۆيۈشنى، قۇچاقلاشنى ئويلىمىدىم. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاجايىپ بىر ئىنتىزارلىق تۇيغۇسىدا بولساممۇ، ئىچىمدە بىر قۇياش يېلىنجاپ تۇرسىمۇ، ئەڭ زور چىدام بىلەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالماقتا ئىدىم. شۇڭا كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇردۇم.
-مىرزات ئاكا، مەن بىلىمەن، سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز،- دېدى ئۇ زەئىپلا بىر ئاۋازدا. ئۇ بۇ گەپلەرنى شۇنچىلىك پەس ئاۋازدا ئېيتقان بولسىمۇ ئەمما مەن ئېنىق ئاڭلىدىم ۋە يۆتكەپ بولغان كۆزۈمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قايتىدىن تىكتىم. شۇ تاپتىكى روھى ھالىىتمنى نېمە دەپ تەسۋىرلەپ بېرىشىممۇ قىيىن ئىدى. يۈرەك سوقۇشلىرىممۇ ئۆزۈمگە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە ئىدى،- مەن ئايالىڭىزنىڭ سىڭلىسى بولغىنىم ئۈچۈنلا سىز زورىغا ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ھېچ ئىش يوقتەك يۈرىۋاتىسىز... ئەمەلىيەتتە... بۇنداق ھىسسىياتنى يۇشۇرۇپ ئۆتمەك بەك تەسكەن. مەن... مەنمۇ...
ئالىيە شۇنداق دېگىنىچە تۆۋەن باقتى. مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم. ئىچ - ئىچىمدىن قايناپ چىققان خۇرسىنىشنى يۇتۇۋېتىشكە ئامالىم بولمىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، خىيالىمدا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتمەكچى، ئالىيەنى بۇ يەردە، ئۆزۈمنى ياتاق ئۆيۈمدە يالغۇز قويماقچى، شۇ ئارقىلىق شاش كۆڭۈلنىڭ بەڭۋاشلىق قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىدىم.
-مىرزات ئاكا، مېنى كەچۈرۈڭ. مەن...،- ئالىيە شۇنداق دەپ يەنە مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ ھالدا ئۇنى تاشلاپ قويۇپ كىرىپ كەتسەم ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەنە جايىمدا ئولتۇردۇم. ياش يۇقى كۆزلەر ماڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلگەندە يەنە ئىختىيارسىز ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشلارغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئىسسىق كۆز ياشلاردىن بىر خىل ھارارەت تاراپ تۇراتتى. ئالىيە ئاستا قولۇمنى تۇتىۋالدى ۋە كۈلۈمسىرىدى. ئۇ ھەقىيقەتەن چىرايلىق ئىدى. نېمە بولۇپ بۇنداق بولۇپ قالغىنىغا كاللام يەتمەيدۇ. شۇ چاغدا بىز ئىختىيارسىز قۇچاقلىشىپ قالدۇق. ئالىيەنى- ئايالىمنىڭ سىڭلىسىنى باغرىمغا باستىم. ئاكىدەك ئەمەس، بەلكى ئاشىق يىگىت سۈپىتىدە ئۇنى باغرىمغا چىڭ باستىم. قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن كېلىۋاتقان ئاياللىق ھىدىنى، ئوتلۇق مۇھەببەتنى سېزىپ، ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بار مېھرىم بىلەن قۇچاقلىدىم. بۇ چاغدا مېنى ئازراق بولسىمۇ باشقۇرۇپ، ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرغان ئىنسانىي ۋىجدانىم ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدى...
ئەقىل قۇشىمىز قايتىپ كەلگىنىدە ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدۇق. كۆز چاناقتىن چىققان، ھەممە بولغۇلۇق بولۇپ بولغان ئىدى. شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرگەن قاباھەتكە ئۆزۈممۇ تۇيماستىن قەدەم بېسىپ سالغانلىقىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى چاناپ مىڭ پارچە قىلىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ. توۋا، بىز ئىنسانلار قىزىقكەنمىز دېسە!؟ قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىمىز، ئاقىۋىتى ياخشى بولسا ئۆزىمىزنىڭ تەلىيىدىن، يامان بولسا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن كۆرىمىز. يەنە شەيتانغا دۆڭگەپ بىر مۇنچە يامان ئىشلارنى قىلىۋالىمىز يۇ، بىزنى شەيتانغا ئوخشاتقانلارنى كۆرسەك جۇدۇنىمىز تۇتىدۇ. ‹‹كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ قىلدۇق›› دېيەلمەي ‹‹شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قىلىپ ساپتىمىز›› دەپ ئىشنى يىغىشتۇرماقچى بولىمىز تېخى! ياق، شەيتان دېگەن بۇ نەرسە كۆڭۈل شۇ ئوخشايدۇ. دەل شۇ... چوقۇم شۇ...
ئاپئاق ياستۇققا قۇندۇزدەك چاچلىرىنى يېيىپ، كۈلۈمسىرىگەندەك قىياپەتتە يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئالىيەگە قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇ كۆزۈمگە ئاپئاق يوتقانغا پۈركىنىپ ياتقان چىرايلىق قىز ئەمەس، كېپەنلىككە ئورالغان قېرى جەددالدەك كۆرۈنۈپ كېتىپ بارماقتا ئىدى. توساتتىنلا ئۆزۈمنى بىر دۆۋە گەندىنىڭ ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. تېخى تۆنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ تەر تامچىلىرى پارقىراپ تۇرغان پىشانىسىگە قاراپ، تاتلىق كۈلكىسىدىن ھوزۇر ئالغان بولسام، مانا بۈگۈن، كۆز چاناقتىن چىققاندا بۇ ۋىسال ھېچقانچە قىممىتى يوق بىر تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلانغاندەك قىلاتتى. ئادەم ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىگە ئېگە بولۇپ قالسا شۇنداق بولامدىغاندۇ يا؟ ئىشقىلىپ يېقىمسىزلا بىر تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. ئالىيەنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم مېنىڭ خاتالىقىم، لېكىن ئىشلارنىڭ بۇنداق بولۇشى زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟ ئالىيە، ھەي ئالىيە، سەن بولساڭمۇ تەشەببۇسكار بولمىساڭ نېمە بولار ئىدى ھە!؟ سېنىڭ ئاكاڭ ئىكەنلىكىمنى مەندىن ياخشى بىلەتتىڭ، ھەتتا ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، زورىغا چىداپ يۈرگىنىمدىنمۇ خەۋىرىڭ باركەن بولمىسا!؟ ئەمدى بۇ خاتالىقنىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرۇش مۇمكىن؟... تۇزكور بولسا مانا ئىككىمىزدەك بولىدۇ، يۈزسىز بولسا مانا ئىككىمىزدەك بولىدۇ... ئېسىت، ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا، قانداقلا قىلسام قىلىپ شۇ ئىشلارنى يۈز بەرمىگەن ھالغا ئەكەلگىلى بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە!؟
گەۋدەم تاغ ئاستىدا قالغاندەك ھالسىز، روھىم چۈشكۈن. ئالىيەنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈۋاتقان چاغدىكى ھالىتىمدىن ئەسەرمۇ يوق. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مۇھەببەت بىلەن تىكىلگەن تۇرقۇمدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ تەس ئىدى. ئىنسان دېگەن شۇنداق ئۆزگۈرۈشچان بولامدىغاندۇ؟ مەيلى قانداقلا ئويلىماي ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتالمىدىم. يۈرۈكۈمنى تاتىلاپ تۇرغان ناخۇش بىر تۇيغۇ مېنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيۋاتاتتى.
ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىردىم، ئالىيە مېنىڭ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىمنى سەزمىدى. مۇنچا تېمىغا چاپلانغان چوڭ تام ئەينەككە قاراپ چىرايى بەدبەشىرە بولۇپ قالغان بىر گەۋدىنى كۆردۈم. ئۇ ئەينەك ئالدىدا خۇددى ھۆكۈم كېسىلگەن جىنايەتچىدەك سولىشىپ ئۆرە تۇراتتى. قاپىقى سالپىيىپ باراڭغا ئېلىپ قويغۇدەك بولۇپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، چىرايى ئەلەملىك تۈس ئالغان، چاچلىرى سالۋاراپ قۇش چاڭگىسىغا ئوخشاپ قالغان بۇ بەندە دەل مەن ئىدىم. شۇ قەدەر نۇمۇسسىز بولۇپ كەتكەن بۇ ئادەم دەل مەن ئۆزەم شۇ ئىدىم. ئىشقىلىپ مەن بۇ ۋىسالدىن روھى چۈشكۈنلۈك تاپتىم. ئىلگىرى ئۇنى خالىغان ئىدىم، تالاي خىياللارنى سۈرگەن، مۇمكىن بولمايدۇ دەپ بىلىپ ئازابلىنىپمۇ يۈرگەن، لېكىن مۇمكىن  بولغاندا، يەنە كېلىپ ئۆزى خالاپ تۇرۇپ، ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگىنىدە... مەن بۇ گۇناھ تۇيغۇسىنى يېڭىشكە ئامال قىلالمىدىم. بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ تۇرغان قانداقتۇر بىر نەرسە مېنى زادىلا ئارام تاپقۇزمىدى. ۋارقىراپ يىغلىغۇم، تاملارغا ئۈسسىگۈم، ئۆزۈمنى پارچە - پارچە قىلىۋەتكۈم كېلەتتى. كىملەرنىدۇر تىللىغۇم، دەردىم چىققىچە قارغىغۇم بار ئىدى. ئەمما كىمنى، نېمە ئۈچۈن قارغايمەن؟ ئۆزۈمنى... توغرا، دەل ئۆزۈمنى، مەن دېگەن نەپرەتلىك بىر ئىنسان...
ئىلگىرى بىر ئەدىب بىلەن ئاياللار ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالغىنىمىزدا، ئۇ ‹‹بىر ئايال كىشى يۈز ئەر كىشىنى بۇزۇپ يولدىن چىقىرالايدۇ، لېكىن ۋاقتى كەلسە يۈز ئەر كىشى بىرلىشىپمۇ بىر ئايال كىشىنى بۇزۇپ يولدىن چىقىرالمايدۇ. دۇنيادا شۇنداق ئاياللارمۇ بار، ھەمدە يەنە ئاشۇنداق ئاياللارمۇ بار...›› دېگەن ئىدى. بۇ سۆزنىڭ تېگىگە ئەمدى يەتكەندەك قىلىمەن. ئالىيە- ئۇ مېنىڭ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرىقى بەرداشلىقىمنى، ھەممە - ھەممىنى نابۇت قىلدى. تىرىشچانلىقىمنى يوق قىلدى. ئەمدى مىڭنى قىلغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق. بىز، ھەر ئىككىلىمىز، پەقەت ئىككىلا، يولدىن چىققىنى ئالىيە ئىككىمىز...
كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز تۆكۈلگەن پۇشايمان ياشلىرىمنى توختىتشقا ئامالىم بولمىدى. يىغلىغىنىمنى كىمدىن يۇشۇرماقچى بولدۇم،   بۇنى بىلمەيمەن. مۇنچىنىڭ سۇ چۈشۈرۈش جۈمىكىنى ئېچىپ، سۇنى بولۇشىغا قويۇۋەتتىم- دە، ئۇنىڭ شارىلدىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۆپكەمگە چىڭقىلىپ تۇرغان يىغامنىمۇ تەڭلا قويۇۋەتتىم.
مۇنچىدا قانچىلىك ئۇزۇن تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، ئاۋازىم پۈتۈپ، پۇتلىرىمدا ماغدۇر قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىمدا، قەدەملىرىمنى ئارانلا يۆتكەپ سىرتقا ماڭدىم. مۇنچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغا ئىشىك تۈۋىدە كېچىلىك كىيىملىرى بىلەن تۇرغان ئالىيەنى كۆردۈم. ئۇمۇ يىغلىغان بولۇپ، كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى.
شۇ ئىشتىن كېيىن پۈتۈنلەي روھىم چۈشۈپ كەتتى. راست، مەندەك تىزگىنىنى چىڭ تۇتالمايدىغان ئادەمنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەك يۈزى بولسۇنمۇ؟ ‹‹بولغۇلۇق بولدى›› دېگەن سۆز بىلەن ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم. بۇ سۆز بىلەن ھەممىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتىم. شۇڭىمىكىن، ئۆزۈمنى تولىمۇ يارىماس ھېس قىلماقتا ئىدىم.
تۇرمۇشۇم قالايمىقانلاشتى. تامىقىم تاماقتەك ئەمەس، ئۇيقۇم ئۇيقۇدەك ئەمەس ئىدى. ئەسلىدىمۇ ئانچە تەرتىپلىك بولمىغان تۇرمۇشۇم ئاشۇ ئىشتىن كېيىن پۈتۈنلەي ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. ئاسىيەگىمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايتتىم. ئۇنى بىلىپ قالدىمىكىن دېگەندەك ئەندىشە بىلەن كۈنبويى ئېغىر تىنىپ يۈرگىنىم يۈرگەن ئىدى. شۇ كۈندىن بىرى ئالىيەنىمۇ تۈزۈك ئۇچراتمىدىم. خۇددى مەن ئۇنىڭدىن قاچقاندەك، ئۇمۇ مەندىن قېچىپ يۈرگەندەكلا قىلاتتى. ئەمما، ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايتتىمكى، شۇنچە ئىشلار يۈز بېرىپ، مۇشۇنداق پۇشايمانغا يەم بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدىمۇ ئۇنى سېغىنىپ قالاتتىم. ئۆزۈمنى ئەيىپلەشلىرىم ئىچىدىنمۇ ئۇنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرىنىڭ شولىسىنى ئۇچرىتىپ قالسام، گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى سېغىنىش ۋە ئىنتىلىش ئېگەللەيتتى ھەمدە بىردەمگىنە بولسىمۇ ئەركىن خىيال سۈرىۋالاتتىم. خىيال قۇشلىرىم ئۈركۈپ، كاللامنى سىلكىگەندە بولسا يەنە شۇ ئاچچىق تولغۇنۇشلار...
شۇ ئىش يۈز بېرىپ ھەپتە ئۆتكەندە، توي قىلغاندىن بىرى تۇنجى قېتىم مەست بولۇپ، ئادەملىكىمدىن يەنە بىر قېتىم چاندىم. دەم ئېلىش كۈنى ئىدى، ئىككى ئاغىنەم بىلەن دېيىشىپ چۈشتە تاماقنى بىزنىڭكىدە يەيدىغان، لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تاماقنى سىرتتىن ئېلىپ كىرىدىغان بولۇشتۇق. چۈشكە يېقىن سىرتقا چىقىپ زىخ كاۋاپ، توخۇ كاۋىپى، بىر نەچچە خىل ئاچچىق قورۇما، مىۋە - چىۋە، ھاراق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ داستىخان تەييارلاپ تۇردۇم. ئاغىنلىرىممۇ ئانچە كېچىكمەيلا كەلدى، بىز گۇڭۇر - مۇڭۇر پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ تاماق يىدۇق. ئاندىن بىرەر رۇمكىدىن ئىچىشىمىز دەپ بىر ئولتۇرغىنىمىزچە تەڭشەلگەندە ئورنىمىزدىن تۇردۇق. بىر چاغدا ئاغىنىمىزدىن بىرسى ‹‹ئايالىم تېلفۇن قىپتۇ، جىددى ئىش بار ئوخشايدۇ›› دەپ ئۆزرە سوراپ كېتىپ قالدى. يەنە بىر ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. مېنىڭ مۆرىمەس، چۈشكۈن ھالىتىمگە قاراپ ئىچى سىقىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇمۇ ئانچە ئۇزۇن ئولتۇرمىدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن گۆردەك بىلىنىدىغان بۇ ئۆيدە يالغۇز قالدىم. پوت - قوللىرىم كالۋالىشىپ ئۆزۈمگە بويسۇنمايۋاتاتتى، كۆزلىرىم ئەلەس، بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپلا تۇراتتى. ۋەيرانە داستىخان بىلەن جىمجىتلىق ھۇۋلاپ تۇرغان ئۆينىڭ بولۇڭ - پۇشقاقلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاچچىق پۇشايمان ھېسلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاران - ئاران تۇرىۋاتاتتىم. يىغلاي دېسەم ئىچىمگە توشۇپ كەتكەنلىرى تاشالماي، چىداي دېسەم بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ ياشىيالماي، بىچارە جاننى نومۇس ئوتىدا قىيناپ، ئەسلىمە غەلۋىرىدە ئۆتمۈشنى تاسقاپ ئولتۇرۇپ قاچانلاردا كۆزۈمنىڭ ئۇيقۇغا كەتكىنىنى بىلمەيلا قاپتىمەن. بىر چاغدا بىرسىنىڭ تۈرتۈشى بىلەن ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچتىم، مىدىرلىغۇدەك ھالىم يوق، بېشىمنى كۆتۈرگەنسېرى چۈشۈپ كېتىپ باراتتى. ئويغاتقۇچىغا شۇنچە سىنچىلاپ قاراپمۇ ئۇنى تونۇيالمىدىم. بىر قارىسام ئاسىيەگە، يەنە بىر قارىسام ئالىيەگە ئوخشاپ تۇراتتى. ئۇ قۇلاق تۈۋىمدە گۇڭۇرلاپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى، مېنى ئەيىپلىگەندەكمۇ، كۆڭۈل بۆلگەندەكمۇ، ھازىرقى ئەھۋالىمنى سورىغاندەكمۇ، ئىشقىلىپ خېلى جېق گەپلەرنى قىلدى. بىراق، ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بەرگىنىم يادىمدا يوق. بىر چاغدا ئۇ مېنى يۆلەشتۈرۈپ، سۆرەشتۈرۈپ دېگەندەك بىر يەرلەرگە ئېلىپ ماڭدى. پوتلىرىم قولاشمىغاچقا ئۆرە تۇرالماي ھە دېگەندىلا كونا تاغاردەك سېلىنىپ قالغانلىرىمنى، كېيىن كارىۋاتقا پولاڭڭىدە چۆرۈپ تاشلانغىنىمنى بىلىمەن. بۇ تاشلىنىش ماڭا شۇنچىلىك راھەت بېغىشلىدىكى، گويا ئۆزۈمنى ياپيېشىل چىمەنلىكتە، نەمخۇش يۇمشاق چىملار ئۈستىدە ياتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. مېنى يۆلىگۈچى قۇلاق تۈۋىمدە يەنە بىر نېمىلەرنى دېگەندەك قىلدى، ئاندىن كىيىملىرىم سالدۇرۇلغاندەك... لېكىن ئۇيقۇ لەشكەرلىرى مېنى ئارامىمدا قويىدىغاندەك ئەمەس ئىدى...
كۆزۈمنى ئاچقاندا ئۆزۈمنى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئالىيەنىڭ كارىۋىتىدا كۆردۈم. ئۆي ئىچى جىمجىت ئىدى. ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەشكە تىرىشتىم، بىراق ئاغىنىلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىشكەن، كېيىن ئىككىسىنىڭ كەتكىندىن باشقا ئىشلارنى يادىمغا ئالالمىدىم. بىرسىنىڭ ئويغاتقاندەك قىلغىنى غۇۋا ئىىسمدە، لېكىن كىملىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم. ئەسلەشكە تىرىشىپ خېلى باش قاتۇردۇم، ئەمما بېشىم ئاغرىپ كەتتى، ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمىدىم.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى ئىزدىدىم. كارىۋاتنىڭ ئايىغىدا بىر قۇر كىيىمىم رەتلىك قاتلاپ قويۇغلۇق تۇراتتى. كىىيمنىڭ ئۈستىدە بىر ۋاراق قەغەز بار بولۇپ، كىيىمنى تەييارلاپ قويغۇچى ماڭا قالدۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى. نېمە ئۈچۈندۇر يۈرىكىم قارت قىلىپ قالدى. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن چاققانلىق بىلەن قەغەزنى قولۇمغا ئالدىم:
-ئاخشام كەيپىياتىڭىز ياخش ئەمەسكەنتۇق، شۇڭا سىزنى ئۇزاقراق ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىدىم. بۈگۈن يەكشەنبە، چوڭ ئۆيگە بېرىشنى ئۇنۇتماڭ! مەن ئاچامنىڭ يېنىغا كەتتىم. ئاشخانىدا ناشتىلىق بار، ئۆزىڭىز ئېپ چىقىپ يەڭ ھە! ھە راست، بىرەيلەن ماڭا ‹‹ئەرلەر مەست بولۇپ قالسا كۆڭلىدىكى ھەممە گەپلىرىنى دەيدۇ، ھەتتا يالغان سۆزلىگەن بولسىمۇ راستىنى ئىقرار قىلىۋېتىدۇ›› دېگەن ئىدى. بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئەمدى ئىشەندىم. سىزدىن بەكلا خۇش بولدۇم، مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن جېنىم! ھەتتا سىز مېنى سۆيگەندىنمۇ بەك بەك بەك سۆيىمەن...- ئالىيە
خەتنى ئوقۇپ بولغىچە پۇت - قولۇمدا جان دىدارى قالمىدى. مەن ئۇنىڭغا زادى نېمە دېگەندىمەن؟ ‹‹كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال›› دېگەندەك، بۇ ئىشلارنى يىغىشتۇرالماي رەللە بولۇپ تۇرغاندا ماۋۇ نەس باسقۇر زۇۋانىم يەنە نېمە بالا تېرىغاندۇ ئەمدى؟ ‹‹مەستلىك - نەسلىك، پەسلىك›› دېگەن زادى راست ئوخشايدۇ. قارىغاندا ھايۋانلىقىمغا قايتقان چېغىمدا ئالىيەگە كۆڭۈل ئىشى توغرىلىق بىر نەرسىلەرنى دېگەن ئوخشايمەن. توغرا، ئىتىراپ قىلىمەن. مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن. بۇنى ئۇنىڭ ئالدىدا دېيىشنى خالىمىغىم بىلەن دەردىمنى ئىچىمدە بىلىمەن. ئۇزۇندىن بىرى ھەممىنى كۆڭلۈمنىڭ پىنھان قاتلىرىغا يۇشۇرۇپ كەلگەن ئىدىمغۇ؟! نېمە پوق يەپ ئىچكەن بولغىيدىم شۇ نىجىسنى...ھەي ئالىيە... سېنى بۇ ئۆيگە كېلىپ - كېتىشتىن باشقا ئىشلىرىڭ يوقمۇ زادى...
ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمىدىم. ئەمما ئالىيەنىڭ بۇ خېتى ئارقىلىق تۆنۈگۈن كەچ ئوتتۇرىمىزدا يەنە بولمىغۇر ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى قىياس قىلدىم. توساتتىن ئېغىر بىر تاش يەلكەمنى باستى، ئۇنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلالىشىمغا كۆزۈم يەتمەيتتى...
كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى، بالىنىمۇ دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ چىقتۇق. ھازىر سالامەتلىكى ياخشى ئىدى. بالا باققۇچى قىزمۇ بالىغا قاراۋەردى، ئالىيەمۇ بۇ ئۆيگە كېلىپ - كېتىپ تۇرىۋەردى، ئاسىيەمۇ ئىشقا بېرىپ، ئىشتىن چۈشۈپ دېگەندەك، كۈندىلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. يەنە نومۇسسىزلىق بىلەن شۇنى تەن ئالماي تۇرالمايمەنكى، ئالىيە ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن مۇھەببەت بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، ئامراق ئاشىق - مەشۇقلۇق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. قىزىق ئىش، ئادەم قاچقان نەرسىدىن كۆڭۈل قاچقىلى قويمايدىكەن. كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي دېسە قۇتراپ تۇرغان ئىشتىياق ئۇنىڭغا يول قويمايدىكەن. بۇ يەردە ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن، مەن ئىقرار، ئەگەر مەن باشتا ئالىيەگە يېقىنچىلىق قىلمىغان بولسام بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايتتى. كۆڭۈلگە دۆڭگىگەن بىلەن مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدە. چۈنكى كۆڭۈلنى ئادەم ئىدارە قىلىدۇ ئەمەسمۇ!؟


*        *         *         *        *        *        *        *        *        *


يازنىڭ گۈزەل كۈنلىرىنىمۇ قىيالماسلىق ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قويدۇق. ناخۇش خىياللارمۇ خۇددى ئەتىيازنىڭ ناخۇش شاماللىرىدەك يوقاپ، ئورنىنى ئىللىق مۇھەببەت ھاۋاسى ئېگىلىدى. ھازىرغا كەلگەندە پىشىپ قورقماس بولۇپ كەتتۇق. باشتىكىدەك ئۆزۈمنى ئەيىپلەيدىغان، گۇناھكارانە تۇيغۇدا تولغۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يوق ئىدى. پەقەت ئاسىيەنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق، خالاس!
ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. بىر كۈنى چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ سىرتتا تاماق يېدىم. چۈنكى ئاسىيە بالا بىلەن چوڭ ئۆيدە تۇرىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولغان ئىدى. ئۇدۇل ئۆيگە كەلسەممۇ تاماق ئەتكىلى ئادەم بولمىغاندىكىن، مۇشۇنداق قىلماي ئامال يوق ئىدى. كەلسەم ئاسىيە ئۆيدە بار ئىكەن، بىراق چىرايى غورا يېگەن تازنىڭ چىرايىدەك تۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. كىرگىنىمگىمۇ پەرۋا قىلماي دومسىيىپ ئولتۇرىۋەردى. بالىنى سورىسام ئەكەلمىگەنلىكىنى، ئەتىگەن ئىشقا بېرىپ، چۈشتە ماڭا تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ئۆيگە كەلگەنلىكىنى، تاماققا تۇتۇش قىلىشتىن بۇرۇن ماڭا تېلېفۇن قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۆيگە كېلىپ بولۇپ بۇ نىيىتىدىن يېنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
-مەن سىزنى، بالىمىزنى، مۇشۇ ئۆينى دەپ كېچە – كۈندۈز سەكپارە بولاي، سىز بولسىڭىز ئۆيگە يات خوتۇنلارنى باشلاپ كىرىپ ئىشقىۋازلىق قىلىڭ! نوچىكەنسىز مىرزات!- دېدى ئۇ پېتىنى ئۆزگەرتمەي تەئەددى بىلەن دانىمۇ – دانە قىلىپ سۆزلەپ،- ماڭا كۆيگەن چېغىڭىزدىكى مىرزات سىز شۇمۇ ھە؟ بۇ خىلدىكى خىيانەتنى ماڭا راۋا كۆردىڭىزما؟ بالىنىڭ مىجەزى ياخشى بولمىغاچقا دىققىتىم شۇ تەرەپتە بولۇپ قېلىپ سىزگە ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلەلمىدىم، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن تالاغا قاراپ، تېخى مەن تۇتقان ئۆيگە باشقا ئاياللارنى باشلاپ كىرسىڭىز بولمايدۇ - دە!
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بېشىمغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
-نې... نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن خوتۇن؟ مەن... مەن نەدە ئۇنداق...
-خۇپسەنلىك قىلىمەن دېمەڭ! قولۇمدا ئىسپات بار، ھەرگىز تېنىۋالالمايسىز!،- ئۇ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ ماڭا قولىنى شىلتىدى،-سىزگە دەپ قوياي، ئائىلىڭىزنى دەپ شۇنچە جاپا تارتىۋاتقىنىمنىڭمۇ يۈز – خاتىرىسىنى قىلماي دوپپامغا جىگدە سالىمەن دەيدىكەنسىز، سىزنى ھەرگىز بوش قويۋەتمەيمەن. نومۇس قىلماي ئاشنا ئويناپ يۈردىڭىزمۇ تېخى؟! ھەتتا ئۇيالماي ئۆيگە باشلاپ كېلىپ...
-ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسەن؟- دېدىم مەن كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ. شۇنداق دېگىنىم بىلەن قاناقتۇر بىر ئىشلاردىن چاتاق چىققانلىقىنى پەملەپ يۈرىكىم سۇ ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا تېنىۋېلىشتىن باشقا چارە يوق. ئەگەر ئالىيە دەپ قويغان بولسىچۇ...
-ھەي، كاززاپلىق قىلسىڭىزمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلىڭە! مېنى شۇ دەرىجىدە قاقباش چاغلىدىڭىزما؟ ئۆزۈم تۇتقان ئۆينىڭ مەن كەتكەندىكى ئەھۋالى قانداق ئىدى، ھازىر قانداق تۇرىدۇ، بۇلارنى بىلگۈچىلىكىم بار جۇمۇ مېنىڭ...
زادى قايسى ئىشتىن چىققاندۇ؟ قورقۇنچتىن ۋەھىمە بېسىپ ئارانلا تۇرىمەن. شۇ تاپتا چاشقان تۆشۈكى بولسا كىرىۋالغۇم بار. ئاسىيەنىڭ نەشتەردەك قادالغان كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇنچىلىك گەپ چىققان ئىكەن جاۋاپ بەرمەي بولمايدۇ. ئۇرۇشۇپ ھۆددىسىدىن چىقىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق قىلسام ‹‹قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈردى›› دېيىشتىن يانمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟...
-گەپ قىلمايلىغۇ غوجام!؟ ئىس – بۇسىنى چىقارماي يىغىشتۇرىۋېتىمەن دەپ ئويلىغانمىدىلە؟،- ئاسىيە ئورنىدىن تۇرۇپ بوينىنى شاققاڭلاتقىنىچە ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدى ھەمدە سول قولىنى بىلىگە تېرەپ، ئوڭ قولىنى ماڭا شىلتىدى،- بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىلمايدىغان بولسىڭىز مەندىن قۇتۇلىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ!
-ۋاي توۋا، بۇنچە دەپ كەتكۈدەك نېمە ئىش بولدى خوتۇن؟ ئەجەپ بىر تونۇشمايدىغانلاردەك...
-ھە شۇ، سىلىنى قايتىدىن تونۇپ قويمىسام بولمىغىدەك زادى. يېڭىدىن – يېڭى ھۈنەرلىرى ئاز ئەمەسكەن ئېسىل غوجام. كۆزۈمگە كۆرسىتىپ بېشىمدا پوق دەسسەپ يۈرسىلىمۇ، مەن ئەخمەقزە، مەندىن باشقىغا قارىمايدىغان تاڭسىڭدەك ئېرىم بار، دەپ يۈرۈپتىمەن دېسىلە! يەنە بىر تونۇشۇپ قويامدۇقكىن دەپ ئۆزلىرىنى ساقلاپلا ئولتۇرغان مەنمۇ. دېسىلە ھە، ئۆيگە قايسى جىن پۇشتىنى باشلاپ كېلىپ رەسۋالىشىپ يۈردىلە؟!
-خۇدايىم توۋا دە خوتۇن. مەن كىمنى باشلاپ كېلەتتىم؟
-يەنە كىملەرنى باشلاپ كەلگۈڭىز بار ئىدى ھە؟ ئىشنى تۈگىتىپ يولغا سېلىۋەتسەم بىلەلمەيدۇ دېگەنمىدىڭىز؟ بۇ نېمە ھە؟ ماۋۇ رەزگى نېمە ئەمسە؟ قايسى قانجۇقنىڭ لاتىسى بۇ؟
ئاسىيە شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە چاي ئۈستىلى يېنىدا تۇرغان ئەخلەت چىلىكىنى بىر تەپكىنىچە ئالدىمغا دومىلىتىۋەتتى. ئەخلەت چىلىكى ئۆرۈلۈپ، نەچچە پىرقىراپ ئالدىمغا كېلىپ توختىدى. چىلەكنىڭ ئىچىدە ئەترەڭ ئايالچە پايپاقتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. قارىسام بۇ ئۇنچىۋالا چېچىلغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىكەن. ئاسىيەنىڭ مۇشۇ پايپاق ئۈچۈن جىدەل چىقارغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بۇنىڭ جىدەللەشكۈدەك نەرى بارلىقىنى بىلەلمىدىم. قورقۇنچۇم بىر ئاز بېسىلغاندەك بولدى. ئەمما ئاسىيەنىڭ چىرايىدىكى غەزەپ ئۇچقۇنلىرى بېسىقىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ چالۋاقاپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-مەن ماڭار چاغدا ئۆيلەرنى پاك – پاكىز تازىلاپ، بارلىق ئەخلەتلەرنى تۆكۈۋەتكەن. بۈگۈن تاماق ئەتسەم، دەرقەمتە ئولتۇرۇپ يەرمىز دەپ كەلسەم، ماۋۇ بىزنىڭ ياتاق ئۆيدىكى يۈزى قېلىن چىلەكتە نامەلۇم بىر ئايالچە پايپاق پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ھەر قانچە بولسىمۇ پايپاق ئۆزى مېڭىپ كىرمىگەندۇ؟ قايسى بىر نۇمۇسسىز پۇتلارغا كىيىلىپ، بىزنىڭ ياتاق ئۆيگە كىرگەندە سېلىنىپ، ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىنىپ قاپتۇ بۇ رەسۋا پايپاق!...
ئاسىيە شۇنداق دەپ كېلىپ چىلەكنى بىر تېپىپلا مېنىڭ ئالدىمدىن باشقا ياققا چۆرىۋەتتى. مەن ئەسلىدە ئاسىيە سىڭلىسى ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بايقاپ قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، بۇ گۇمانىم خاتا بولۇپ چىقتى. دېمەك سەۋەپ مۇشۇ ئىكەن. بۇ كىمنىڭ پايپىقى بولغىيدى؟
-ھەي، سەن ئۆزۈڭ سېلىپ تاشلىغان پايپاقنى تونۇماي جىدىلىنى ماڭا قىلامسەن ؟ - دېدىم ئاسىيەدىن ئۆتە جىلە بولۇپ. ئالىيە بىلەن بولغان ئىشىمنى بىلىپ قالمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ماڭىمۇ يۈرەك پەيدا بولغان ئىدى. شۇڭا چاندۇرماي ئۇنىڭغا دېۋەيلەپ باردىم،- تولا ماڭا كۆكەمىلىك قىلما، قاراپ تۇرۇپ تۆھمەت قىلىۋاتىسەنغۇ؟ گەپنى ئويلاپ قىل ئاسىيە! مېنىڭ ئاچچىقىم كەلمىسە ياخشى، ئەگەر يەنە...
-ۋوي! نوچىغۇ سىز! قېتىڭىزغا ئالماي يەنە مەندىن بەكرەك ۋارقىرامسىز؟ مەن نەچچە كۈن ئۆيدە بولمىغانغا ئۆيگە بۇزۇقلارنى باشلاپ كىرىپ ئوڭچە ياشاڭ، ئەمدى گەپ مېنىڭكىدىن چوڭغۇ غوجام! كىمنى ئەخمەق تاپاي دەۋاتقانتىلە؟...
شۇ كۈنى خېلى بىر چاغقىچە جىدەل ئوينىدۇق. ئاسىيەمۇ چۈشتىن كېيىنلىك خىزمەتكە بارمىدى، مېنىمۇ ئىشقا بارغۇزمىدى. نېمىلا دېسە ‹‹مەن نېمە بىلىمەن؟ يا مەن ئايالچە پايپاق كىيمىسەم...›› دەپ تۇرىۋېلىۋەردىم. تىللىسا تەڭ تىللىدىم، يىغلىسا جىم ئولتۇرىۋالدىم. ئاخىرى بولماي ‹‹نېمە قىلساڭ قىل›› دەپلا ئاچچىقلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ھەمدە سىرتقا چىقىپلا ئالىيەگە تېلفۇن قىلىپ پايپاق ئىشىنى دېدىم. ئۇ قورقۇپ كەتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتا بىخەستەلىك قىلغانلىقىنى، ئۇ پايپاقنى ئالدىنقى كۈنى بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالغاندا سېلىپ ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ماۋۇ خوتۇننىڭ قاقباشلىقىغا ھەيران قالماي تۇرالمىدىم. ئەمدى دىققەتسىز بىر قەدەم ئېلىشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ھەر ئىككىمىز بىلىپ يەتكەن ئىدۇق. شۇ ئىشتىن كېيىن ئاسىيە بىرەر ئايچە دومسىيىپ يۈردى. ئادەتتىمۇ چوڭ ئۆيدە تولا تۇرىدىغان بولغاچقا يامانلىغان – يامانلىمىغانلىقىنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ بۇ بىر ئاي ئىچىدە بېرىپ بالىنى كۆرۈپ، تاماق يەپ كەلگەندىن باشقا ئاسىيەگە ‹‹ئۆيگە كېتەيلى›› دېگەن گەپنىمۇ قىلمىدىم. كېيىن ئاسىيە يەنە ئۆزىچە ئوڭشىلىپ قالدى. ھەممىنى ئىچىگە تىنىپ، چىداپ كەتكەنلىكىنى جەزم قىلدىم. ئۆيگە قايتىپ كېلىپمۇ خېلى كۈنلەرگىچە ماڭا تۈزۈك چىراي ئاچمىدى. بىراق، ئەر – خوتۇنلۇق مېھرى شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسا كېرەك، بىللە ياشىغان شۇ كۈنلىرىمىز ئوتتۇرىمىزدىكى يىرىقنى ھىملەپ، مۇناسىۋىتىمىز ئەسلىگە كەلدى. ئۇنىڭ بۇنچە كۆتۈرۈشلۈك ئىكەنلىكىگە قاراپ ھەقىيقەتەن تەسىرلەندىم. بىراق، بۇ ئىش توغرىلىق ھېچقانداق چۈشەنچىمۇ بەرمىدىم، كەچۈرۈممۇ سورىمىدىم، پەقەت بوينۇمغا ئالماي تۇرىۋېلىپ، ‹‹بىلمەيمەن›› دىن باشقا جاۋاپ بەرمىدىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ئالىيە ئىككىمىز تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدۇق. ئۆيدە كۆرۈشۈشتىن تەرەققىي قىلىپ، بىر ئاماللار بىلەن سىرتتا، مېھمانخانىلاردا قونۇپ قېلىشقا باشلىدۇق...


*        *        *        *        *        *        *        *        *        *


يىللار ياشلىق باھارىمغا يېڭى سانلارنى قوشقانسېرى كۆڭۈل ئاتلىق بۇ تايغان تېخىمۇ ياشىرىپ بېرىۋاتاتتى. مۇھەببەت ئىزتىراپىدىن قۇتۇلغان بولساممۇ ناچار ئىشلارغا بېشىمچىلاپ پېتىپ قالدىم. دۇنيادا مەندەك ئىنسانلار بەكلا ئاز ئۇچرايدىغاندۇ بەلكىم، ئەمما، قېيىنسىڭلىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا مەندەك قىلىدىغانلارنىمۇ چىقمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. بۇ گەپ ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن، بىراق ياخشى كۆرۈش جەھەتتىن ئويلىغاندا بىزنى بەك خاتا قىلدى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈش، ياخشى كۆرۈلۈش ھوقوقى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!
شۇنداق دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىمەن. شۇنداق ياشاپ كۈنلەرنى بىر - بىر ئۆتكۈزىمەن. ئىشقىلىپ ھاياتىم شۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالىيە تېلېفۇن قىلىپ مەن بىلەن جىددىي كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېنى كۆرگۈسى كەلگەن بولسا، بەلكىم يەنە شوخلۇق قىلىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلاپ، بەك ئېرەنشىپمۇ كەتمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ قايتا - قايتا تېلېفۇن قىلىۋېرىشىدىن بىرەر ئىش بولغانلىقىنى پەملەپ، ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە بىز دائىم كۆرۈشىدىغان مېھمانخانىغا باردىم ۋە ياتاق ئاچقۇزۇپ ئالىيەنى ساقلاپ تۇردۇم. ھايال ئۆتمەي ئالىيەمۇ كەلدى. ئۇنىڭ چېھرىدە شادلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى، ئىشىكتىن كىرىپلا شوخلۇق بىلەن بوينۇمغا ئېسىلدى ھەمدە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن قۇچاقلاپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قاراپ سەل نورمالسىزلىق ھېس قىلدىم. بىراق ئۇنىڭ مېنى قۇچاقلىغان پېتى خىتىلداپ يىغلىشى مېنى بەكلا ئەجەبلەندۈردى. ئۇنىڭ قوللىرىنى بوينۇمدىن ئاجرىتىپ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتتۈم:
-نېمە بولدىڭىز؟ بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ سىزنى؟
ئالىيە سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەستىن بىر خىلدا ختىلداپ يىغلاپ تۇراتتى. توساتتىن يۈرىكىم قارت قىلىپ قالدى. ئاسىيە! ئۇ بىلىپ قالغانمىدۇ يا؟
-ماڭا دەڭە، زادى نېمە ئىش بولدى؟ ئاچىڭىز...
-ياق،- دېدى ئالىيە- ئاچامنىڭ ئىشى ئەمەس...
ئۇف! قورقۇنچتا يۈرىكىم ئېغىزىمغا كەپلىشەيلا دېدى. مانا مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟ يۇشۇرۇن مۇھەببەت باغلاشنىڭ ئاۋارىچىلىقى مۇشۇنداق قورنۇنچ، ئەندىشىلەردە ھەممىدىن بەك ئايان بولىدۇ. ئايالى بار تۇرۇپ كۆڭلىگە چەك قويالمىغان مەندەك ئادەمنىڭ زارلاشقا ھەققى يوق، لېكىن كۆڭۈل شۇنى تارتىپ تۇرسا ماڭىمۇ نېمە ئامال؟!
-ئادەمنى تىت - تىت قىلماي دەڭە، نېمىش بولدى؟
-مېنىڭ... - دېدى ئالىيە دۇدۇقلاپقىنا - بو.. بويۇمدا قاپتۇ...
ئۇ شۇنداق دەپلا بېشىنى تۆۋەن سالدى. مەن بېشىمغا تۇيۇقسىزلا بىرسى مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئاسىيەنىڭ ھامىلىدارلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىكى ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىچە، مەن قىلچىمۇ خۇشال بولالمىدىم. ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ...
- بۇ... بۇ... راست دەۋاتامسىز يا چاقچاقمۇ؟...
-نېمىسى چاقچاق بولىدۇ؟ مۇشۇنداق ئىشتىمۇ چاقچاق قىلىمەنمۇ سىزگە!؟
ئالىيە ياش ئەگىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ بىچارىلەرچە تۇرقىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگىنىمدە بولسا دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. مەن ھەقىيقەتەن بۇ بالىغا ئېگە بولۇشقا ئامالسىز ئىدىم. ئۇ ماڭا ‹‹خاتىرجەم بولۇڭ، دىققەت قىلىۋاتىمەن، ھېچ ئىش بولمايدۇ›› دېگەچكە مەنمۇ ئارتۇق سورىماپتىمەن. مانا ئەمدى...
-بالىنى تۇغاي دەيمەن،- دېدى ئالىيە ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ،- بۇ مۇھەببىتىمىزنىڭ مېۋىسى، ئۇنى يوقۇتىۋېتىشكە قولۇم بارمايدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، سىزگە گەپ تېپىپ بەرمەيمەن. ھەممىنى ئويلۇشۇپ قويدۇم. خىزمەتتىن چېكىنىپ ئۈرۈمچىگە كېتىمەن. ئۇ يەردىكى بىر تاشقى سودا شىركىتى بىلەن دېيىشىپ قويدۇم. ئۇلارغا ئىنگىلىز تىلى تەرجىمانى لازىمكەن. ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن ئىدىم، تەرجىمانلىق ماڭا تەس كەلمەيدۇ. بېرىپلا ئىشقا چۈشىمەن. ئۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۆيدىكىلەرگە ‹‹ئىچكىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىپ باشقا خىزمەت تاپىمەن›› دەپ قويىمەن. بالا تۇغۇلۇپ بىرەر ياشقا كىرگەندە قايتىپ كەلسەم مېنى ئۆيدىن قوغلىۋەتمەس، قوغلىسىمۇ جىم تۇرىمەن. ئىشقىلىپ بالام ساقلىنپ قالسىلا ھەممىگە چىدايمەن. بالا تۇغۇلغىچە بارلىق كۈچۈم بىلەن پۇل تاپىمەن. خالىسىڭىز سىزمۇ بېرىپ تۇرارسىز...
ئۇ شۇنداق دەپلا مىچچىدە يىغلىۋەتتى. ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا ئىلىنىشىپ قالغان ‹‹بالىنى ئالدۇرىۋېتىڭ›› دېگەن سۆزنى چىقىرالمىدىم. ئالىيەنىڭ ئازابلىق ھالىغا قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى. يېنىك ئىسەدەپ يىغلاۋاتقان قىزنى مۈرىسىدىن تۇتۇپ چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم. ئۇ خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى:
-كاشكى، ئاجرىشىپ كېتەلىگەن بولسىڭىز... سىز بىلەن ھالال نىكاھلىنىپ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتەلىگەن بولسام... بالام ‹‹دادىسىز›› دېگەن ئاتاقتا تۇغۇلمىسا...
ئالىيەگە نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنىمۇ، ئۇنى بۇ بالىنى ئالدۇرىۋېتىشكە قانداق قايىل قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم. مەيلى قانداقلا ئويلىسىمۇ، ئۇ بۇ بالىنى تۇغسا بولمايتتى. ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىمىز دېيىلگەندىمۇ بۇنى بىر ئۆمۈر يۇشۇرۇپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەستە!؟ ئەگەر ئاشكارىلىنىپلا قالسا...
قىلغانلىرىمنىڭ ئەسلىدىنلا خاتا ئىكەنلىكى ھە دېگەندىلا ئۆزىنى ئىزاھلاپ تۇراتتى. بۇ خىل مۇھەببەتتە ئېرىشكەنلەردىن كۆپرەك يوقۇتۇش بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چۈنكى، بۇ بالىنى تۇغما دېسەم ئالىيەنىڭ كۆڭلى ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. ئەگەر تۇغۇشىغا يول قويسام ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئاسىيەنىڭ ئالدىدا گۇناھكار، قارا يۈز بولىدۇ. ئۇلار ‹‹بالىنىڭ دادىسى كىم؟›› دەپ سوراپ تۇرىۋالسا ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ. ئالىيە ئاغزىدىن چىقارمايدۇ دېگەندىمۇ بۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر يۇشۇرۇپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. بالا دادىسىز چوڭ بولۇپ، دادىسىز ياشامدۇ؟ ‹‹دادام كىم؟ ئۇ كىم ئىدى؟›› دېسە نېمە دېگۈلۈك؟ شىرزات ئوغلۇم ماڭا خۇددى مېنىڭ چىرايىمنى سويۇپ ئېلىپ شىلىمدا يەملەپ قويغاندەك ئوخشايدىغان تۇرسا، تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ چىرايى ماڭا ئوخشىماي قالامۇ؟ چىراينى سېلىشتۇرۇپ قالسىمۇ گۇمانلىنىدىغانلار چىقىدۇ. ئىشقىلىپ ھامان بىر كۈنى چاندۇرۇپ قويىمىز، كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ نېمىگە پايدىسى؟ شۇ بالىمۇ بىزنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىمىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالىنى ساقلاپ قېلىشقا بولمايتتى. بىگۇناھ بالىنى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئۆلتۈرۈش ئەلۋەتتە چوڭ گۇناھ ھېساپلىنىدۇ، بىراق، ھازىر شۇنىڭدىن باشقا نېمە ئامال؟...
ئالىيەنى باغرىمغا بېسىپ تۇرۇپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق تەسەللىي بەردىم. كۆڭلىنى ياساپ بەزلىدىم. ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشتىم. ئەمما ئۇ گەپلىرىمدىن ئىسەنكىرەپ قالدى. مەقسىتىمنى بىلىپ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى:
-مەن قانداق قىلىمەن ئەمىسە؟ بۇ بالىنى تۇغقۇم بار مىرزات، سىزدىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت مۇشۇ بالىنى ساقلاپ قالغۇم بار. ماقۇل دەڭ جېنىم، يىراقلارغا كېتىپ بالىمىزنى تۇغىمەن، سىزگىمۇ ئاسىيەگىمۇ دەخلىسى بولمايدۇ. ھېچكىمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي بالام بىلەن يالغۇز ياشايمەن...
-سىز شۇنچە ئاسان چاغلامسىز؟ سىزچە بىر بالا بىلەن ھېچكىمگە كۆرۈنمەي تۇرمۇش كەچۈرۈش كىنو كۆرگەندەك ئوڭاي ئىشمۇ؟ ئۆزىڭىزغۇ بىر ئامال قىلىپ چىداپ كېتەرسىز، لېكىن بالىنى شۇنداق ئۇۋالچىلىققا قويالامسىز؟ سىز تېخى ياش، توي قىلمىغان قىز سىز، بۇ ئىش يېيىلىپ كەتسە سىزنىڭمۇ، ئاتا - ئانىڭىزنىڭمۇ نامىغا سەت ئەمەسمۇ!؟ ئەگەر بۇ بالا تۇغۇلسا ھەممىمىزنىڭ ئاراملىقى بۇزۇلىدۇ، كېيىنكى كۈنلەردە مۇشۇ ئىش توغرىلىق مېھرىبان ئاتا - ئانىڭىزنىڭ زەردىگۆش بولۇشىنى، ئاچىڭىزنىڭ ئازاب چېكىشىنى خالامسىز؟ ھېلىمۇ ئاسىيەگە شۇنچىلىك يۈزسىزلىق قىلغىنىمىز يېتەر. جېنىم ئالىيە، گەپ ئاڭلاڭ، بالىنى تۇغسىڭىز بولمايدۇ بىلدىڭىزمۇ؟ ئاچىڭىز بۇ قىلغىنىمىزنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ...
-ئەمسە مەن قانداق قىلىمەن...،- دەپ ۋارقىرىدى ئالىيە يۈزلىرىنى قاماللاپ كارىۋاتقا ئولتۇرۇپ- بۇ بالىنى تۇغقۇم بار... يا سىز بىلەن ئاشكارا ئۆتەلمىسەم، يا سېغىنغاندا كۆرەلمىسەم... ئەمدى بالامنىمۇ تۇغالمىسام... مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ...
ئۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، بىراق گەپنىڭ نىگىزى ئەمدى ئېچىلغان ئىدى.
-مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك ئىدى ئالىيە. بىزگە ئوخشاش بۇ يولدا مېڭىپ قالغانلارنىڭ تاللاش، ئاشكارىلاش، بالىلىق بولۇش، بىللە ئۆتۈش ھوقوقىمىز يوق. مېنى نېمە قىل دەيسىز؟ بۇنداق جاھىللىق قىلمىسىڭىز بولمامدۇ؟ بىز يەنە ياشىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ تۇرمۇشىمىزدىكى يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتساق قانداق بولىدۇ؟ مەن ئاسىيەگە يۈزسىزلىك قىلدىم، ئەمدى كېلىپ ئۇنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ بولغان ئازاب گىردابىغا ئىتتىرەلمەيمەن. بۇ بالىنى تۇغسىڭىز ئۇنىڭغا قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟...
-ئەمسە ئاجرىشىپ كېتىڭ، بىز توي قىلايلى...
بۇ گەپنىڭ ئالىيەنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. بۇنداق قىلىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! غەزىۋىم مېڭەمگە تەپتى، ئۇنىڭ نېرۋىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىدىن تۇنجى قېتىم گۇمان قىلدىم. ئەقلىم ئۆزىنى تاپالماي ئاۋارە ئىدى، توغرىسىنى دېگەندە، مەن بۇ ئىشلار ھەققىدە قانداق قارار چىقرىشنى بىلمەي گاراڭ ئىدىم. مۇشۇنداق چاغدا ئالىيەنىڭ قىلغان بۇ گېپى راستىنلا ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. شۇنى بىلەتتىمكى، مەن ئاسىيەدىن ئاجراشسام بولمايتتى. بۇ ھاياتىمدا ئاسىيە بىلەن ئوغلۇم بولمىسا قانداق ياشىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم.
-مىرزات، ماقۇل دەڭ، ئاسىيەدىنمۇ ياخشى ئايال بولۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىمەن، شىرزاتنىمۇ ئۆز بالامدىن چارە كۆرۈپ باقىمەن، جېنىم...
ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ماڭا ئېسىلىپ تۇرغان قوللىرىنى زەرپ بىلەن سىلكىپ ئىتتىرىۋەتتىم- دە، ئۆزۈمنى تالاغا ئاتتىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇ يوق ئىدى. مېنى مۇشۇ يوللارغا باشلىغىنى، شۇ كويلارغا سالغىنى ئۆزى تۇرۇپ، يەنە تېخى ھازىرقىدىنمۇ ئۆتە ئىپلاسلىققا قۇترىتىۋاتقىنى نېمىسى؟ ئۇنىڭدەكمۇ پاسىق سىڭىل بولامدۇ؟
كارىدوردا ئۇچقانداق كېتىپ بارىمەن، لىفىتقا قانداق چىقتىم، بىرەرسى كۆردىمۇ ياقمۇ، ھېچنېمىنى بىلمەيلا بىردەمدە ئۆزۈمنى كوچىدا كۆردۈم. قۇلاق تۈۋىمدە ئالىيەنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازى جاراڭلاپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمغا ئاسىيە كەلدى، ئۇ كۆزلىرىدىن مۇنچاق - مۇنچاق ياش ئېقىتقان ھالدا ئوغلۇمنى باغرىغا بېسىپ تۇراتتى. ئاھ خۇدا... مەن قانداق ئىنسان ھە!؟...
شۇ كۈنى ئۆيگە كىرمىدىم. ئاسىيەگە ‹‹ئىدارىدە دىجۈرنى تۇراتتىم›› دەپ قويۇپ، ئۇدۇل دەريا بويىغا چىقتىم. شۇ ئولتۇرغانچە تاكى تاڭ ئاتقىچە ئولتۇرۇپتىمەن. بوغۇزۇمغا قاپسىلىپ تۇرغان پىغانىمنى تۆكۈشكە ئامالىم بولمىدى. قايسى چاغلاردا يىغلىغان بولغىيدىم؟ ماڭا يىغلىمىغىلى بەكلا ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغان بولسا كېرەك، لېكىن شۇ تاپتا ئىچ - ئىچىمدىن تۆكۈلۈپ بىر يىغلىۋالغۇم بار ئىدى. بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ يىغلىيالمىدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇن قاچانلاردا مۇشۇنداق كەيپىياتتا بولۇپ باققان بولغىيدىم؟ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان يىغلىغان بولغىيدىم؟ توغرا، ئالىيە بىلەن تۇنجى قېتىم بىللە بولۇپ قالغان كۈنى تاڭ ئاتار مەھەلدە، ئۆز ئۆيۈمدىكى مۇنچىدا، تام ئەينەكتىكى ھايۋان سۈپەت ئۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ يىغلىغان ئىدىم، راست! شۇ ساۋاقلار نېمىشقىدۇر غالتىكى بار چاقپەلەكتەك كاللامدا تۇرماپتۇ. مەن زادى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن؟ مۇشۇنداق ياشاشنى ئارمان قىلىپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن، مەن ئارمان قىلغان بەختلىك تۇرمۇشتا بۇنىڭدەك چېكىدىن ئاشقان ئىپلاس ئىشلار يوق ئىدىغۇ؟ خۇدا ئۇرغان بەندە ئوخشايمەن، شەيتان سۆيگەن بەندە ئوخشايمەن. توغرا! مەن ئالىيەدەك بىر شەيتاننىڭ سۆيگۈنى... ئېسىت مېنىڭ ئەركەك بولۇپ تۆرىلىپ قالغىنىم...
ئۆزۈمنى ئەيىپلەش قىلچە پايدا بەرمەيتتى. قىلمىشلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى گەندە ئازگىلىدا قالغاندەك ھېس قىلاتتىم، بىراق كۆڭۈل تەرەپتىن ئويلىسام ئۆزۈمگە يان باسقۇم كېلەتتى. ‹‹ھەر كىمنىڭ ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈش ھوقوقى بولىدۇ›› دېگەن سۆز كاللامغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سۆز ‹‹مېنىڭ ئايالىم ۋە بالام بار، ھازىرقى ئاشنام ئايالىمنىڭ سىڭلىسى...›› دېگەن سۆزدىنمۇ چاقناق ھالەتتە ئېڭىمدا جۇلالاپ تۇراتتى. مەسئۇلىيەت دېگەن ئوقۇمنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇشى كېرەك ئىدى، مەن زادى...
ئالىيەنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن ئىدىم. بىراق ئۇ شۇنداق دېدى. قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاچىسىدىن ئاجرىشىپ، سىڭلىسى بىلەن توي قىلىش! بۇ قانداق ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغىدۇ!؟ ھەي نەسچىلىك! ھەي پەسچىلىك!...
دەريا بويىدا تاڭ ئاتقىچە ئولتۇردۇم. ھاۋا سوغۇق ئىدى. خېلىدىن بىرى توڭلاپ، تىترەپ ئولتۇرغان بولساممۇ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماشىنامغا چىقىۋېلىش ياكى دەريا بويىدىن كېتىشنى ئويلىمىدىم. ھازىرقى ئەھۋالدا مەن پەقەت كاللامنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرغان بۇ خىياللاردىن قۇتۇلساملا مۇزلاپ ئۈششۈپ قالساممۇ رازى ئىدىم. گەپ شۇنداق دېيىلگەن بىلەن ئىش ئۇنداق بولمايدۇ، خىيالدىن قۇتۇلغان بىلەن بۇ ئىشلاردىن خىيالدىن قۇتۇلغاندەك ئاسانلا قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. تېخى شۇ خىيالدىن قۇتۇلۇشمۇ مۇمكىن بولماي تۇرمامدۇ؟...
ئەتىسى چۈشتىن كېين ئالىيەدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى. ئۇنى يەنە شۇ جىدەلنى قىلىدۇ دەپ ئويلىغان بولغاچقا تېلېفۇننى ئالمىدىم. بىراق سەلدىن كېيىن يەنە ئويلىنىپ قالدىم. ئۇنى مۇشۇ ھالدا يالغۇز تاشلاپ قويسام، بالىنى تاپىدىغان چاغدا بىللە تېپىپ، ئېگە بولىدىغان چاغدا ئۆزۈمنى چەتكە ئالسام بۇ ئەر كىشىنىڭ ئىشى بولمىغىدەك. مەيلى قانداقلا ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆرۈشنى نىيەت قىلىپ ئۇنىڭغا تېلېفۇن قايتۇردۇم. ئۇ تېلېفۇندا يىغلامسىراپ تۇرۇپ بالىنى ئالدۇرىۋەتكەنلىكىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدىن يېنىپ بىزنىڭ ئۆيگە ماڭغانلىقىنى، ئاچىسىغا ئاشقازىنىم ئاغرىپ كەتتى دەپ گەپ ئوخشىتىدىغانلىقىنى، مېنى تەڭلىكتە قويىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلارنى ئاڭلاپ يەلكەمدىن ئېغىر بىر يۈك ئېلىپ تاشلانغاندەك يېنىكلەپ قالدىم. ئالىيەنى بۇنچىلىق پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدۇ دەپ ئويلىمىغان ، تۆنۈگۈنكى ئەلپازىدىن قارىغاندىمۇ بالىنى ئالدۇرىۋېتىشكە كۆزى قىيمايدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدىم. ئەمما ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ شۇ گەپلەرنى قىلدى. ھەر ھالدا بۇ ئىشمۇ ئۆز يولىدا ھەل بولدى. لېكىن نېمىشقىكىن، بۇ ئىش ئۈچۈن خۇشال بولالمىدىم. خاتالىق، بۇ بىر چوڭ خاتالىق. بىزنىڭ تېپىشىپ قېلىشىمىز، ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشىمىز تۈپتىن بىر خاتالىق ئىدى.
ئالىيەنىڭ سارغىيىپ سولاشقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. كۆزلىدىكى ياشنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ، يىغلىماسلىق ئۈچۈن ھەر ئاماللارنى قىلىپ، ئاچىسىغا ياخشىدەك كۆرۈنۈشلىرى يۈرۈكۈمنى ئېزىۋەتتى. ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئويلىدىم، بىراق ئاسىيە بار يەردە بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئامالسىز ياتاق ئۆيۈمگە بىكىنىپ، سۈكۈتلەرگە يەم بولۇپ ئولتۇرۇشقا توغرا كەلدى.
ئالىيە ياندىكى ئۆيدە، ئۆزىنىڭ كارىۋىتىدا ھالى خاراپ ھالەتتە. مەن بولسام ياتاق ئۆيىمىزدە تورۇسقا قاراپ ياتىمەن. ئۇنىڭ ئاچىسى ئاسىيە بولسا يېنمدا، مۈرەمگە بېشىنى تەگكۈزۈپ يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتىدۇ. يەردىكى كىچىك كارىۋاتتا ئوغلۇم شىرزات. مەن مانا مۇشۇنداق ئادەم. ئەسلى ئۇنداق ئەمەستىم، ھەم ئۇنداق بولغۇممۇ يوق تۇرۇپ...
شۇ ئىشتىن كېيىن بىر مەھەل جىمجىتلا بولۇپ قالدۇق. مەن ئەمدى بۇ ئىشلارنى تۈگۈتۈش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئايىغى چىقماس كۆڭۈل ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالىيەنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ غەمدىن خالاس قىلىش قارارىغا كەلدىم.
ئالىيە ئىككىمىزنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈپ باقمىغىنىمىزغىمۇ بىرەر ئايچە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشىنى تاپىلاپ تۇردۇم. بىراق ئۇنىڭدىن ئارتۇقنى قىلىپ بېرەلمەيتتىم. چۈنكى، ئۆيدىكى ئەھۋال ئۇنداق قىلىشىمغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى. تەڭقىسلىق مېنى قىيىن ئەھۋالدا قويغان بولسىمۇ، ئۇنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپلا پىشىمنى قېقىۋېتەلمىدىم. ئۆز بېشىمغا تاپقان بۇ بالا - قازا بىردە شۇنچە سۆيۈملۈك تۇيۇلسا، بىردە جان قاخشىتىدىغان ئالۋاستى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمدا زاھىر بولاتتى. ئىشقىلىپ مەن چۈشەنگىلى بولمايدىغانلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى شۇنچىلىك ئېسىل، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، ۋاپادار، دىيانەتلىك مىرزات مۇئەللىم مانا مۇشۇنداق پەسكەش، رەزىل، نومۇسسىز ئادەم! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى قوتاندا تۇغۇلۇپ، تۇغۇلغىنىدىن بىرى قوتاندا ھايات كەچۈرىۋاتقان تۆت پۇتلۇقلارمۇ قىلماس بەلكىم!


*         *          *         *        *        *        *        *        *        *


كۈز كۈنلىرى ئاخىرلىشىپ قىش كىرىپ قالدى. ۋاقىت شۇنچە تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئالىيەدىن يىراقلىشاي دېگەنسىرى ئىشلار بۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيتتى، قاچاي دەپمۇ قېچىپ بولالمايۋاتاتتىم. چۈنكى بۇ ئۇزۇن - ئۇزۇن كېچىلەردە، غېرىپلىق باسقان كۈنلەردە ئاسىيە ئوغلىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ھېلى چوڭ ئۆيدە، ھېلى دوختۇرخانىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرۈشلەر بىلەن ئاۋارە بولغاچقا مەن يەنىلا تولا چاغلاردا يالغۇز قالاتتىم. ئەلۋەتتە، ئاسىيە ئۆيىمىزنى، بالىمىزنى دەپ جاپا چېكىۋاتقاندا مەن بۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرسەم ياخشى بولمايتتى. بىراق ھېسسىي تۇيغۇلارغا ئېگە تىرىك جان ئادەم ئۈچۈن يالغۇز ئۆتۈش، بولۇپمۇ روھىيىتىدىكى ئىنتىلىش، سېغىنىشلارنى يېڭىپ تۇرۇپ يالغۇز ئۆتۈش تەس ئىكەن. يەنە كېلىپ مەن ‹‹ھە›› لا دېسەم ئۆزىنى پىدا قىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرىدىغان ئالىيەدەك بىر سۆيگىنىم بار تۇرۇپ ئۆزۈمنى قىيناپ يالغۇزلۇققا تۇتقۇن قىلالمىدىم. كاللام جايىدا ۋاقتىدا ‹‹ئەمدى توختاپ قالىمەن، بۇ ئىشنى مۇشۇ يەردە تۈگۈتىمەن›› دەپ ئەھدە قىلساممۇ، شەيتان ئۆزىنى كۆرسەتكەندە بۇ ئەھدىلىرىم يادىمغا كىرىپ چىقمايتتى. كىرسىمۇ ‹‹مايمۇننىڭ ئۆي سېلىشى›› دېگەن مەسەلدىكىگە ئوخشاش ئىش بولاتتى- دە، مەن يەنە قىلغۇلۇقۇمنى قىلاتتىم. ئالىيەنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىقى، ئەكسىنچە ماڭا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ كېتىشى بۇ قىيالماسلىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋېتەتتى. بۇ ئەھۋال بىر تۇرۇپ مېنى خۇشال قىلسا، بىر تۇرۇپ ئەندىشەمنى كۈچەيتىپ باراتتى. ئەگەر ئۆتكەنكىدەك ئىش بولسا، يەنە كېلىپ ئۇ ساراڭلىق قىلىپ ‹‹بالىنى تۇغىمەن›› دەپ تۇرىۋالسا يەنە بىر مەيدان ئاۋارىچىلىق بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بۇ مەينەت مۇھەببەت قاينىمىدىن تارتالماسلىق سەۋەبىدىن بۇ ئەندىشىلەر قارا سايىدەك ماڭا ئەگىشىپلا يۈرەتتى.
يۈرىكىم سىقىلاتتى، بەزىدە يالقۇنلۇق بىر ئوتنىڭ ئىچىدە قالغاندەك ئۆرتىنەتتىم. شۇ ئىشلار باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كەلگەن بولساممۇ، تاكى ھازىرغىچە ئەقلىمنى تاپالمايۋاتاتتىم. ئەقلىمنى تاپساممۇ كۆڭۈل رايىم يول قويمىغاچقا ئالىيەدىن كۆڭۈل ئۈزەلمەيۋاتاتتىم. ھەممىدىن ئەلەم بولىدىغىنى - ئالىيەنىڭ ئايالىم ئاسىيەنىڭ سىڭلىسى بولۇپ قالغىنى ئىدى...
قىشنىڭ تاڭ - تاڭ سوغۇقىدىكى بىر شەنبە كۈنى ئىدى. ئاسىيە ئۆيلەرنى تازىلاپ يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، بالا باققۇچى قىزنى ئەگەشتۈرۈپ، ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ چوڭ ئۆيگە ماڭدى. مەن ئۇلارنى ئاپىرىپ قويدۇم، ئاندىن سىرتتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمنى يولدىدىم. ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تورغا چىقىپ ئولتۇردۇم. ئالىيە چوڭ ئۆيدە قونۇپ ئەتە چۈشلەردە يېنىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا كەچلىك تاماقنى ئۆزۈم بىر ئامال قىلىشىم كېرەك ئىدى. سىرتتا قار يېغىۋاتقان، يەر مۇزلىغان قار دەستىدىن تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەتىگەن ئۇلارنى چوڭ ئۆيگە ئاپارغىچىمۇ چاقلار ھە دېسە تېيىلىپ كېتىپ، ماشىنىنى تەستە ھەيدىگەن ئىدىم. ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدەپ سىرتقا چىقىش قولايسىز. پىياە مېڭىش خوشياقمايدۇ. ئۆيدە ئۆزۈم ئەپلەپ - سەپلەپ بىر ئىش قىلسام بولغىدەك دەپ ئويلاپ ئولتۇرسام ئىشىك شاراقشىپ ئېچىلىپ ئالىيە كىرىپ كەلدى. توڭلىغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ بۇرنى قىزىرىپ، لەۋلىرى كۆكۈرۈپ قالغان ئىدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ۋىللىدە جىلمايدى:
-ئۆيدىمىكىن دېگەنتىم، راستىنلا ئۆيدىگەنسىز. تاياق يېمىگەنسىز تېخى؟ مەن توخو قوردىقى قورۇتۇپ ئېپ كەلدىم. قولىڭىزنى يۇيۇپ چىقىڭ تاماق يەيمىز.
ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ۋە سومكىسىنى ئۈستەلدە قويدى. ئاندىن چاپان ۋە ئاياغلىرىنى سېلىۋېتىپ، سۇلياۋ خالتىلارنى كۆتۈرۈپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ سىياقى بەئەينى تولۇپ ئېچىلغان بىر تال ئەتىرگۈلگە ئوخشايتتى.
بىز تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ ئاغزىغا قورۇما سېلىپ قويۇپ چاقچاقلاشقاچ ئولتۇرۇپ تاماق يېدۇق. تاماقتىن كېيىن ئۇنى ئاپىرىپ قويماقچى، شۇ باھانىدا ئاتا - ئانىسىغا قېنىپ بولغان بولسا ئاىسيە بىلەن بالىنى ياندۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم. بىراق ئالىيە بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ بۈگۈن قونۇپ قالغۇسى بارلىقىنى، مېنى بەكلا سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق ئەھۋالدا كىممۇ ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ دەيسىز!؟ سەل خالىماسلىقنى ئويلۇدۇم، بىراق سەزگۈلىرىم ئاللىقاچان ئۇنىڭ مەيدەمگە تېگىپ تۇرغان كۆكسىگە، بوينۇمغا چىرمىشىپ تۇرغان بىلەكلىرىگە ۋە يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ تۇرغان نەپەسلىرىگە كېتىپ بولغان ئىدى...
قايسى چاغ بولغانلىقىنى ئىلغا قىلالمايمەن. بىر چاغدا كىمدۇر بىرەيلەننىڭ دەھشەتلىك چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چۆچۈپ ئويغۇنۇپ يېنىمغا قارىدىم. ئالىيەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، غال - غال تىترىگەن ھالدا ئالمان - تالمان بىر نەرسىلەرنى ئىزدەشتۈرۈپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ قاچان ئويغانغانلىقىنى بىلمەيتتىم، شۇڭا ئۇنى بىرەر ھاشارەت چېقىۋالغان بولسا ئاغرىقتىن چىرقىرىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئىزدەشتۈرگىنىنىمۇ شۇ ھاشارەت دەپ بىلىپ قاپتىمەن. بىراق ‹‹قارا›› دېگەندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ئۇدۇلۇمغا قارىغاندا بولسا بايا چىرقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىكىدىنمۇ ئۆتە چۆچۈپ كەتتىم. دەقىقە ئىچىدە پۇت - قولۇمدا جان دىدارى قالمىدى، كۆز ئالدىمدىكى ھەممە نەرسە ھاۋادا لەيلەپ قالغاندەك بىر خىل ھېسسىياتتا، مۇدھىش بىر ئوت ماڭا قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك، خۇددى ئۇ ھازىرلا مېنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. ئاسمان - زىمىن پىرقىراۋاامدۇ ياكى مېنىڭ بېشىم قېيىۋاتامدۇ ئۇنىمۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ كۆز ئالدىمدىكى جىمى شەيئىي ھەتتا ئۆزۈممۇ لەيلەۋاتقاندەك، بۇ لەيلەش مېنى ئۇدۇل ئاپىرىپ جەھەننەمگە تاشلايدىغاندەك قورقۇنچتا تۈگۈلۈپلا قالدىم. چۈنكى، ئىشىك ئالدىدا ئاسىيە بالىمىزنى قۇچاقلاپ لېۋىنى چىشلىگىنىچە، جاقىلداپ تىترەپ بىزگە قاراپ تۇراتت...
-ۋۇ نومۇسسىز پەسەندىلەر... ئادەممۇ ھەر قايسىڭ؟... ئىپلاسلار... شەرمەندىلەر...
ئاسىيە شۇلارنى دەپ بار قەھرى بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۆينىڭ تاملىرى، ئۆي ئىچىدىكى جاھازلارمۇ تىترەپ كەتتى. ئوغلۇم شىرزات ئانىسىنىڭ قەھىرلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ھەي قانجۇق! ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىدىغان رەسۋا! مەن سېنىڭ نېمەڭ ھە؟! سەندەكمۇ ۋاپاسىز سىڭىل بولامدۇ؟ ئانامنىڭ نەرىنى ئېمىپ چوڭ بولغانسەن پاسكىنا...
ئالىيەنىڭ ئالاق - جالاق بولۇپ بىر نەرسىلەرنى ئىزدەشتۈرىۋاتقىنىدىن، ئاسىيەنىڭ شۇ سۆزلەرنى ئېيتقىنىدىن باشقىسى كاللامغا كىرمىدى. كۆز ئالدىمدا پىرقىراۋاتقان ئالەم مېنى دەم تارتىپ كەتكەندەك، ئەس - ھۇشۇم ئۆزۈم بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى. بىر چاغدا ئالىيەنىڭ توك سوققاندەك تىترەپ، بىلىكىمگە ئېسىلىشىدىن ئېسىمگە كەلدىم. قارىسام، ئاسىيە كىيىملىرىنى تولۇق كىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن سىڭلىسىنىڭ چېچىدىن قاماللاپ كارىۋاتتىن يەرگە سۆرەۋېتىپتۇ. مەن ھاڭۋاققىنىمچە ئولتۇرۇپلا قالدىم. بىر تۇرۇپ ئۇلارنى ئوينىشىۋاتقاندەك بىر ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، ئەمما ئىشنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئويلىسام، ئۇلارنىڭ ئويناشمىغىنى ئېنىق ئىدى.
ئاسىيە ئالىيەنىڭ مەن پۇرىغان، سىلىغان سۇمبۇل چاچلىرىدىن قاماللاپ تارتقۇشلىنىچە كارىۋاتتىن يەرگە تاشلىدى، ئاندىن مەن كۆيگەن زىلۋا بەدىنىنى قونچى قېلىن قىشلىق ئۆتۈكى بىلەن دەسسەشكە، دۇنيادا بار بولغانلىكى ئەڭ ئەشەددى سەت گەپلەر بىلەن تىللاشقا باشلىدى. بىر يېرىم ياشقا كىرگەن شىرزات قېلىن قىشلىق كىيىملىرى بىلەن تەستە ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ ئانىسىغا يامىشاتتى، يامىشىپ تۇرۇپ قىرقىراپ يىغلايتتى. ئالىيە ئاچىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇپ، تىللاپ، دەسسەشلىرىگە جىممىدە تۈگۈلۈپ يېتىۋېلىپ سۈكۈت قىلماقتا ئىدى. ئاسىيە ئۇرىۋەرگەنسېرى ئۇمۇ چىدىمىدى بولغاي، ئاخىرى ئىسمىمنى چاقىرىپ يىغلاشقا باشلىدى:
-مىرزات... قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ!... مېنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغان بولدى ... جېنىم مىرزات مېنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ...
-مانا تويە ۋۇ پاسكىنا!...- دەيتتى ئاسىيە جان - جەھلى بىلەن ۋارقىراپ، - جاھان تەۋەسىدىن ئەر چىقماي يېزنەڭنىڭ قوينىغا كىردىڭمۇ شەرمەندە؟! ھەجەپ چاندۇرماي يۈرۈشۈپسىنا ھايۋانلار!... كىمىڭنى كىم كۆرۈپ قالدىڭ ۋۇ تېگى پەس بۇزۇقلار؟!
مەن ھاپىلا - شاپىلا ئىزدەپ يۈرۈپ كۆينەك - ئىشتانلىرىمنى تېپىپ كېيىۋالدىم. بىراق، قوللىرىم تۈگمىلەرنى ئېتىشكە قولاشمايتتى. ئاسىيە قاچانلاردىدۇر قولىغا چىقىپ قالغان تۆمۈر كىيىم ئىلغۇچ بىلەن ئالىيەنىڭ باش - كۆزلىرىگە بولۇشىغا ساۋاشقا باشلىدى. ئالىيە ۋايجانلاپ توۋلىغىنىچە پىشانىسىنى تۇتۇپ يەردە دۈملا ياتتى، ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن قىپقىزىل قان ساقىۋاتاتتى. ئاسىيە توختايدىغاندەك قىلمايتتى، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئۇرۇپ - تىللاپ كېتىپ بارغىنىغا، توغرىراقى ئالىيەنىڭ بېشىنىڭ يېرىلغىنىغا قاراپ ئاخىرى چىدىمىدىم. مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن بىر چەبدەسلىك بىلەن بېرىپ ئاسىيەنىڭ قوللىرىنى تۇتىۋالدىم ھەمدە بارماقلىرىنى قايرىپ ئېچىپ، ئۇ چىڭ مىجىقلاپ تۇتۇپ تۇرغان كىيىم ئىلغۇچنى تارتىۋالدىم- دە، نەلەرگىدۇر چۆرىۋەتتىم.
-ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىسىز، ئەمدى بولدى قىلىڭ!...
يۈزۈمگە <<چاڭ>> قىلىپ تەگكەن بىر تەستەك كۆزلىرىمدىن ئوت چاقنىتىۋەتتى.
-ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن ھەزىلەك! ئالدىمدا گەپ قىلغۇدەك يۈزۈڭ بار ئىكەن ھە تېخى؟! قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟ قانداق پېتىندىڭ؟ ئۇ مېنىڭ سىڭلىمغۇ ھە ئىپلاس؟ گەپ قىلە ھايۋان، سېنى ئىچىڭگە پاتقۇزماي مۇشۇ ئىشلارغا قۇتراتقان نېمەڭنى زۇۋانىڭغا تىقىۋېتەيمۇ ھاراملىق!!!...
ئاسىيە شۇنداق دەپ كەلگىنىچە ياقامغا ئېسىلدى ۋە مېنى ئىتتىرىپ ئاپىرىپ، ئىشىك يېنىدىكى تامغا نىقتاپ يۆلەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ قاچانلاردىن بېرى مۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كەتكىنىگە ھەيران ئىدىم. زۇۋان سۈرەلمگەن ھالدا ئاسىيەنىڭ تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تىللاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە مەن يەنە نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟! ئاسىيەنىڭ قەھىرلىك ئاھانەتلىرى ئالدىدا قۇلاقلىرىم ۋاڭشىپ، يۈرىكىم تەنلىرىم بىلەن تەڭ جىغىلداپ تىترەپ كەتتى. <<ئەمدى ئۆلدۈم>> دەپ ئويلىدىم. باشقا ۋاقىت بولىدىغان بولسا تەستىكىمگە ئۇرۇش، ياقامغا ئېسىلىش، تامغا نىقتاپ تىللاش ئەمەس، قاپىقىنى كۆتۈرۈپراق قاراپ قويسىمۇ قىل ئۈستىدە تىك تۇراتتىم. ئاسىيەمۇ مېنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيتتى ھەم ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ئوتتۇرىمىزدا چىنە - قاچا چېقىشقانچىلىك ئېغىر - يېنىكلىك بولۇشۇپ باققان ئەمەس ئىدى. قانچىلىغان ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئېغىر بېسىق، رايىش، مۇلايىم، مېھرىبان ھەم نازاكەتلىك ئايالىمنىڭ ھەقىقىي ئاچچىقىنى بۈگۈن كۆردۈم. كۆردۈمكى، ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا دەسسىلىپ ئۆلۈشۈم ئۆزۈمگە ئايان بولدى.
-گەپ قىلە شەرمەندە! نېمەڭگە نېمە يەتمەي تۇزكورلۇق قىلىسەن؟ ئاچا - سىڭىل ئىككىلىمىزنى خوتۇن قىلىدىغانغا نېمە ھەققىڭ بار ھە داپيۈز؟ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا زادى نېمە؟...
-قولۇڭنى تارت ئاسىيە، ھەر گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى...
-نېمىسىنى دېيىشىدۇ ھە نېمىسىنى؟ بۇزۇقچىلىقىڭنى قاچاندىن باشلىغىنىڭنىمۇ يا مېنى قويۇۋېتىپ ماۋۇ بىر نېمە بىلەن ئۆي تۇتىدىغانلىقىڭنىمۇ؟
ئاسىيەنىڭ ھەر بىر ۋارقىرىشىدا يەر - زىمىن تىتىرىگەندەك پۈتۈن ئۆيدىن ئەكىس سادا ياناتتى. تاملار، جاھازلار، ھەتتا تورۇستا ساڭگىلاپ تۇرغان ئاسما چىراقتىنمۇ جىغىلداق ئاۋاز قايتاتتى.
ئاسىيەنىڭ سوراقلىرىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەيتتىم. مەنمۇ ئالىيەگە ئوخشاش جىممىدە سۈكۈت بىلەن ئۇنىڭ تىللاشلىرىغا، قارغاشلىرىغا قاراپ تۇرۇپ بەردىم. بىر چاغدا ئۇنىڭ كەينىدە ئالىيە پەيدا بولدى، ئۇ توختىماستىن قان ئېقىۋاتقان پىشانىسى بىلەن كارى يوق ھالدا ئاچىسىنىڭ بىلەكلىرىگە ئېسىلدى:
-نېمە قىلساڭ مېنى قىل... مىرزاتنىڭ گۇناھى يوق، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادەم مانا مەن... ئازدۇرغانمۇ مەن... ئۇنى قويۇۋەت! مانا ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن، نېمە قىلساڭ جىم تۇرۇپ بېرىمەن. مەن ئارزۇيۇمدىكىدەك مۇھەببەتكە ئېرىشىپ بولدۇم، ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتىم، خۇپىيانە بولسىمۇ بىللە ئۆتۈۋالدىم. ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىشكە توغرا كەلسىمۇ باش تارتمايمەن...
-كۆتەر ئۇنداق گەپلىرىڭنى!...- ئاسىيە ئالىيەنى بىرلا سىلكىپ، خۇددى ئەسكى تاغارنى يەرگە تاشلىغاندەك يانغا چۆرىۋەتتى. ئالىيە پالاققىدە يەرگە يىقىلدى. ئاسىيە ياقامنى قويۇۋېتىپ، ئېتىلىپ بارغان پېتى يەنە سىڭلىسىنىڭ چېچىدىن قاماللىۋالدى:
-جاندىن كېچىسەن شۇنداقمۇ؟ بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئاچاڭدىن كەچكەن يەردە ئىت جېنىڭدىنمۇ كېچەلەيسەن شۇنداققۇ؟ ۋوي يۈزى قېلىن رەسۋا، كىمنى دورىغانسەن ھە ھاياسىز شەرمەندە!...
ئاسىيەنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئالدىمغا بىر قەدەم ئېلىشىمغا ئالىيە << ياق!>> دېگەندەك شەرەت قىلدى. مەن ئىزىمدا چىپپىدە توختىدىم. ئاسىيە ئالىيەنىڭ چېچىنى قاماللاپ كەينىگە قايرىم تۇتۇۋالغاچقا، ئالىيە كەينىگە قاتىيىپ قالغان ئىدى. ئاغرىق دەستىدىنمۇ ياكى قورقۇنچتىنمۇ، ئىشقىلىپ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. سول يۈزى پىشانىسىدىن ئاققان قان بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، يېرىلغان يەردىن ھېلىمۇ قان چىقىۋاتاتتى. ئاسىيە سىڭلىسىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ تىكىلىپ تۇرۇپ، گەپلىرىنى چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ دانىمۇ - دانە قىلىپ سۆزلىدى:
-تېلېفۇن قىلسام ئېتىك، ئىدارىغا ئۇرساممۇ يوق بولۇپ چىقىشتىڭ ئىككىلىڭ... تۆنۈگۈن ئۆيدىكىلەرگە <<نۆۋەتچىكەنمەن>> دەپ قويۇپ چىققانمىتىڭ بۇزۇق؟ كەچلىك تاماقتا ئانامنىڭ ساڭا گېلى سىقىلىپ، دادام سەن ئالۋاستىغا تاماق ئاپىرىپ بېرىمەن دەپ قار مۇزلۇق يولدا تېيىلىپ كېتىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنى سۇندۇرىۋاپتۇ! سەن بولساڭ ھەممىمىزگە يالغان ئېيتىپ كۆزىمىزنى بوياپ قويۇپ، بۇ يەردە ئاۋۇ ھەزىلەكنىڭ قوينىغا سولىنىۋاپسەن پاسكىنا! ئانامغا قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن؟ دادامغا قانداق يۈز كېلەلەيسەن ھە گەپ قىلە قانجۇق!؟
ئاسىيە جەھلى بىلەن بىرلا ۋارقىراپ ئالىيەنىڭ بېشىنى سىلكىپ ئىتتىرىۋەتتى. قېيىنئاتامنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى ئاڭلاپ چىدىمىدىمۇ، ياكى ئاچىسىنىڭ سۇئاللىرىنىڭ ۋەزنى ئېغىر كەلدىمۇ، ئابىياتىن بىرى لىۋىنى چىشلەپ چىداپ كېلىۋاتقان ئالىيە پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاسىيە ئالىيەنى قويۇپ بېرىپ خېلىدىن بىرى پۇتلىرىغا يۆگىشىپ يىغلاۋاتقان ئوغلىمىزنى يەردىن يۇلۇپ دېگۈدەك ئالدى - دە، باغرىغا تاڭدى:
-ئىت ئۆلۈمىدە ئۆلەرسەن تۇزكورلار! دادام بىلەن ئانامنى، نارەسىدە بالامنى دېمەيدىغان بولسام قارنىڭنى چۇۋۇپ تاشلاپ قويۇپ بارىدىغان يەرگە باراتتىم! ئۆزۈڭگە قىلىشارسەن بۇزۇقلار! قىلغان - ئەتكەنلىرىڭنى خۇدايىمغا قويدۇم...
ئاسىيە بالىنى قۇچاقلىغان پېتى ئۆيدىن ئوقتەك يۈگرۈپ چىقىپ كەتتى. مەن روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك لاسسىدە بولۇپ جايىمغىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۆي ئىچىدە ئالىيەنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى لەيلەپ قالغان ئىدى. بۇ لەيلەش ئىچىدە بايىقى كۆرۈنۈشلەرمۇ بىر - بىرلەپ لەيلەشكە باشلىدى. كاللام قۇپقۇرۇق، مەن ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدىم...
ئارىدىن قانچىلىق ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىلمىدىم. بىر چاغدا ئېسىمگە كەلسەم ئالىيە ئەينەك ئالدىدا قان يۇقى بىلەن قېتىشما بولۇپ چاپلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنى پىشانىسىدىكى يارا ئەتراپىدىن ئاجرىتالماي ئىڭراپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. بايا يۈز بەرگەن ئىشلارنى باشتىن بىر قۇر ئەسلپ چىقماقچى بولدۇم، ئەمما ئاسىيەنىڭ غەزەپلىك چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم. ئۇنىڭ ئالىيەنى كىيىم ئىلغۇچ بىلەن ئۇرىۋاتقاندىكى تۇرقى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، چىرايىنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. تۇساتتىنلا ئاسىيەنىڭ بالىمىزنى قۇچاقلىغان پېتى ئىشىكتىن ئوقتەك چىقىپ كەتكىنى يادىمغا كەلدى. ئەسلى ئالىيەنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى نىيەت قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرغان ئىدىم. بىراق، ئاسىيەنىڭ چىقىپ كەتكىنى يادىمغا يېتىشى بىلەن تەڭ نېمىشقىدۇر قەدەملىرىم پۇتۇمنى سىرتقا تارتىپ قالدى. ئۇنى ئىزدەش كېرەكلىنى ھېس قىلدىم. گەرچە ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئىسمىنى چاقىرىشقا يۈزۈم بولمىسىمۇ ئۇنى ئىزدىىشم كېرەك ئىدى.
مامۇق چاپىنىمنى كىيىپ، تېلېفۇنۇم بىلەن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئالدىم-دە، تالاغا ماڭدىم.
-نەگە؟- دېدى ئالىيە بۇغۇلۇپ پۈتۈپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن يەرنىڭ تېگىدىن ئاڭلانغاندەك قىلىپ.
-ئاچىڭىزغا قاراپ باقاي، بۇ... بۇ كېچىدە بالا بىلەن سىرتتا يۈرسە... ئەنسىرەپ قالدىم...
-مەن مۇشۇ ھالدا تۇرسام ھە؟... مەن قانداق قىلىمەن؟ كۆردىڭىزغۇ ئۇنىڭ ماڭا قانداق قىلغانلىقىنى... ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس، قان توختىمايۋاتىدۇ، دوختۇرخانىغا بارمىسام بولمايدۇ مىرزات. مېنى ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئىزدەڭ، بەرىبىر بولغۇلۇق بولدى، ئۇنى تاپسىڭىزمۇ...
ئالىيەنىڭ ئەمدى بولغاندىمۇ يەنە مۇشۇنداق دەۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇنىڭغا گەپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئاتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، گەپمۇ قىلماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. يېرىلغان باش يېرىلىپ بولدى، يارىسى ھۇشىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس. سىرتتىكى ئادەمنىڭ، يەنە كېلىپ مۇشۇ قارا قىشنىڭ يېرىم كېچىسىدە تالادا بىر بوۋاق بالىنى كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرگەن ئادەمنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك. ئۆزىنىڭ يارىسىنى كۆرۈپ ھالىنى بىلەلىگۈدەك ئادەمگە مەن قارايدىكەنمەن، سىرتتا ئەلەم يۇتۇپ زار - زار يىغلىغان ئايالىمغا كىم قارايدۇ؟
ئۇ مېنى چاقىردىمۇ يوق، بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ پۈتۈن ئەس - يادىم ئاسىيەدىلا ئىدى. ئېسىت، ئالىيەنى بۇرۇنراق تونۇسامچۇ؟! ئۇنىڭ بۇنچە شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى بالدۇرراق بىلسەمچۇ كاشكى؟! توغرا، مەن بىلگەن، ئۇ ئەينى چاغدا ئاچىسىدىن يۈز ئۆرۈپ قوينۇمغا ئۆزىنى ئاتقان تۇرسا، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىلدۈرۈش بولامدۇ؟ بۇنىڭىدن ئارتۇق بىلىش بولامدۇ؟ مەن دۆت نېمىشقا ھېس قىلمىدىم؟ ئەقلىم نېمشقا بۇلارنى ماڭا ۋاقتىدا چۈشەندۈرمىدى؟ ئاسىيە، سەن نەدە جېنىم خوتۇن؟ مېنى كەچۈر، مەندەك ئازغۇن ئېرىڭنى كەچۈر!... شۇنى ھېس قىلدىم، پەقەت سېنىلا ھەقىيقى سۆيىدىكەنمەن... ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدىكەن، ئاسىيە. سەن ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا خۇددى پۈتۈن ھاياتىمدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ تېنىم شۈركەندى. ياق ئاسىيە، ياق! سەنسىز مېنىڭ كۈنۈم تەس. بىز بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزگە قايتالىساقلا، شۇ بەختىمىز قايتا يېنىپ كېلىدىغانلا بولسا، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلا بەدەل كېرەك بولسا تۆلەشكە رازى!...
كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ قۇيۇلۇشقا باشلىدى. تىز - تىز چامداۋاتقان قەدەملىرىم مېنى پەلەمپەيلەردىن ئۇچۇتقاندەك قىلىپ بىر دەمدىلا بىنانىڭ ئالدىغا ئېلىپ چۈشتى. ماشىنامنى ئوت ئالدۇرۇپ قۇيۇندەك ھەركەتلەندۈرۈشكە باشلىدىم. كۆزۈم يوللاردا، سەزگۈم ئاسيەنىڭ تۇرقىنى كۆز ئالدىمغا تىكلەپ قويدى. ئەمما ئۇ ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى. ئۈمىد بىلەن ھەريان باققان كۆزلىرىم مېنى زارىقتۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئاسىقتۇراتتى. شۇ تاپتا قىلمىشلىرىمنى قايتىدىن ئەسلەشكە ئاجىزمەن،  ئەمما ئاسىيەنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىمەن. بولمىسا ئاللاھ مېنى ئاشۇنداق يامان چاغدا، يامان ئەھۋالدا، رەسۋايىئالەم ھالەتتە ئاسىيەنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاشلامدۇ؟ ئۆزۈمگە قىلدىم، مەن گۇناھكار، مەن شەرمەندە ئىنسانمەن...
يوللاردا قۇيۇندەك چېپىپ يۈرۈپ، شۇنچە ئىزدەپمۇ ئاسىيەنى تاپالمىدىم. تاپالمىغانسېرى يۈرىكىم لەختە - لەختە بولۇپ، ئۆرتىنىپ كېتىپ باراتتىم. ھاياتنىڭ مۇنداقمۇ چاقچاقلىرى بولىدىغانلىقىنى كىملەر چۈشىنەر؟ كۆڭۈل ئاتلىق بۇ ئېزىتقۇنىڭ ئىنسانلارنى ھەر كۇيلارغا سالىدىغانلىقىنى كۆڭۈل ئەھلى ئازماي تۇرۇپمۇ چۈشىنەلەرمۇ؟ مەندەك ئازغۇنلار كېيىنكى ھاياتىدا قانداق قىلار؟ ئاھ خۇدا... مەن ئەمدى قانداق قىلارمەن؟... ئاسىيە، سەن زادى نەدە خوتۇن؟...
تاڭ ئاتتى، يوللار ئالدىراش ئىشقا مېڭىۋاتقانلار بىلەن ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. كېچىدىن بىرى ھەر يەردە ئازادە يورغىلىغان ماشىنام ئەمدى ئادەملەر پىتىراپ يۈرگەن يوللارغا ئارتۇقچە كەلگەندەك قىستىلىپ قالدى. ئۆزۈم بولسام بۇ دۇنياغا ئارتۇق تۆرىلىپ قالغاندەك ئىزتىراپ تۇيغۇسىدا سىقىلىپ كېتىپ باراتتىم. يىغلىغۇملا بار، ئەر كىشى تۇرۇپ نەدىن كەلگەن پىغاندۇ بۇ؟ ياكى ۋىجدانىم بىلەن تەڭ ئەرلىك غورورۇمنىمۇ يوقاتقاندىمەنمۇ؟...
تېلېفۇنۇمنىڭ تۇيۇقسىزلا ئەنسىز سايرىشى مېنى توك سوققاندەك چۆچۈتىۋەتتى. جىددىيلەشكىنىمدىن تۈز ھەيدەپ كېتىپ بارغان ماشىنىنى ئالدىمدىكى ماشىنىغا ئۇرىۋالغىلى تاس - تاماس قالدىم. شۇنداقتىمۇ دەررۇ ئېسىمنى يىغىپ تېلېفۇنغا سوزۇلدۇم. ئەس - يادىم ئاسىيە بىلەن بالىدىلا بولغاچقا، ئۇلاردىن خەۋەر كېلىپ قالارمۇ دەپ ئۈمىد قىلاتتىم. تېلېفۇن ئىكرانىدا ئاسىيەنىڭ ئىسمى كۆرۈنۈش بىلەن تەڭ يۈرىكىم قارت قىلىپ قالدى. شۇ ھامان ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىنى باستىم:
-ۋەي، ئاسىيە ،سەن نەدە خوتۇن؟
-مەن ئاسىيە ئەمەس، ۋىلايەتلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ھەمدۇللا بولىمەن. قارىغاندا تېلېفۇن ئېگىسىنىڭ ئىسمى ئاسىيە ئىكەن ھە؟ سىز ئۇنىڭ يولدىشى بولامسىز؟
تېلېفۇندىن نا تونۇش بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، قايتۇرۇپلا سورىدىم:
-ئايالىمنىڭ تېلېفۇنى سىزدە نېمە ئىش قىلىدۇ ئۇ ئۆزى قېنى؟
-مەنمۇ ئۇنىڭ نەدىلىكىنى سىزگە ئۇقتۇراي دەپ تېلېفۇن قىلغان. تىزدىن شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە بىر كەلسىڭىز بوپتىكەن. سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىش چىقىپ قالدى.
ساقچىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىمدا پارتلاش يۈز بەرگەندەك بىر تۇيغۇدا ئەندىكتىم. ئاسىيە بىلەن ئوغلۇمغا بىرەر ئىش بولغانمىدۇ؟ ئۇنىڭ تېلېفۇنى بۇ ساقچىدا نېمە قىلىدىغاندۇ؟ ئاسىيەنىڭ تېلېفۇنى...
كەينىمدىن كەلگەن ماشىنا ماشىنامغا قاتتىق سوقۇلدى. مېنىڭ ماشىنام دۇقۇرۇپ بېرىپ ئالدىدىكى ماشىنىغا سوقۇلدى. دەقىقە ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردىن گاڭگىراپ ئەلەس ئىدىم. گۈلدۈرماما ئاۋازىدىن قورققاندەك ئىسەنكىرەپ جىممىدە تۇرۇپ قالدىم.
-ۋەي، ئاڭلاۋاتامسىز؟ ھازلا كېلىڭ، سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ!
تېلېفۇندىن كېلىۋاتقان گەپلەر نەگە بېرىپ، نەدە توختىدى، بىلمىدىم. ماشىنىسى سوقۇلغانلارنىڭ ئالا - تاغىل ۋار - ۋۇرلىرى ئىچىدىن سىغدىلىپ چىقىپ، شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە چاپتىم. مەن بارغاندا قاتناش ساقچى خادىملىرى پىتىراپ كەتكەن بولۇپ، ساقچى چوڭ ئەترىتى قاينام تاشقىنلىققا ۋە جىددىيلىككە تولغان ئىدى. دەرۋازىدىن كىرىپلا ئاسىيەنىڭ تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قايتۇردۇم. تېلېفۇننى يەنىلا بايىقى ساقچى ئالدى.
-شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىىڭ يېنىدىكى چوڭ يول ئەگىلمە دوقمۇشىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ،- دېدى بايىقى ساقچى مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئويچان كۆزلىرىنى ئالدىدىكى بىر دۆۋە ماتىرىيالغا تىكىپ،- ھازىر نەخ مەيداننى تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگەللەۋاتىمىز. ۋەقەدە چوڭ تىپتىكى بىر يۈك ماشىنىسى بىرئايالنى سوقۇۋېتىپتۇ. سوقۇلغاندا جان ئۈزدىمۇ ياكى يارىلانغاندىن كېيىن يىقىلىپ قېلىپ مۇزلاپ جان ئۈزدىمۇ، بۇنى بىلمىدۇق. ئايال قازا قىلىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى ياشلار ئەتراپىدا بىر ئوغۇل بالىمۇ بار ئىكەن. بالا ھېچقانداق زەخمەتكە ئۇچرىماپتۇ. ئەمما ئايالنىڭ جەسىدىنىڭ ئاستىدا قىلىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. يەنە جەسىدىمۇ مۇزلاپ قاپتۇ. قارىغاندا ۋەقە كېچە سائەت ئون ئىككىلەردە يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ. ئايالنىڭ پۇتى ۋ بىر قولى سۇنۇپتۇ، ھازىر ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ...
مونو ساقچى نېمە دەۋاتىدۇ؟ بېشى چۆرگىلەپ قالدىمۇ ياكى مېنى خاتا تونۇپ قالدىمۇ؟ ئۇنىڭ توختىماي مىتىلداۋاتقان ئاغزىغا قاراپ بىر ھازا قېتىپ قاپتىمەن. ئەمما ماڭا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى زىنھار چۈشىنەلمىدىم. ئۇنىڭ تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەشلىرىگە قاراپ چىدىمىدىم- دە، گېپىنى بۆلۈپلا سورىدىم:
-سىز نېمە دەۋاتىسىز؟ قايمۇقۇپلا قالدىمغۇ، زادى نېمە ئىش بولدى؟
-ئايالىڭىز بىلەن بالىڭىز قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. ھازىر مەن بىلەن بېرىپ جەسەتنى تونۇپ بەرسىڭىز...
-ئاغزىڭىزغا تاش. نەدىكى بىر گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسىزغۇ... ئايالىم چوڭ ئۆيگە كەتكەن. ئۇ قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن يەرلەردە يۈرمەيدۇ. سىز مېنى خاتا تونۇپ قاپسىز.
-ھازىرقى كەيپىياتىڭىزنى چۈشۈنىمەن، دەماللىققا قوبۇل قىلالمايۋاتىسىز. مۇنداق بولسۇن، ئاۋۋال ماۋۇ رەسىمنى تونۇپ بېقىڭ، ئەگەر بۇ سۈرەتتىكىسى ئايالىڭىز بولسا جەسەت ساقلاش ئۆيىگە بىللە بارايلى، جەسەتلەرنى تۇنۇپ...
ساقچىنىڭ كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئۇ ماڭا ئۇزاتقان سۈرەتكە كۆزۈم چۈشۈشى بىلەن سەزگۈلىرىم تورمۇزلىنىپ قالدى. سۈرەتتە پوپايكىچاك بىر ئايال قارلىق يەردە سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئايالنىڭ ئىششىغاندەك كۆرۈنىدىغان يۈزلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، چاچلىرى چۇۋۇق، ئېغىز – بۇرنى قان ئىدى. قانداق ئېغىزىمدىن چىقىرايكى، بۇ ئايالىم ئاسىيەنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. شۇ ھامان ئاسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتا چاپان كىيمىگەنلىكى، پوپايكا ۋە پادىچىلار شىمى  بىلەنلا بالىنى قۇچاقلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنى يادىمغا يەتتى. مۇشۇ سوغۇقتا، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ شۇ ھالدا چىقىپ كېتىشىگە جىممىدە قاراپ تۇرغىنىمنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئىچىم ۋاژژىدە كۆيدى. بۇ ئىشلارغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، ئەمما سۈرەتتىكى ئايال ھەقىيقەتەن ئاسىيە شۇ ئىدى.
-ئۇ نەدە؟... ئايالىم... بالام... ئۇلار...
ئاسىيەنىڭ كۆكۈرۈپ، قېتىپ قالغان جەسىدىگە قارىغىنىمدا مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسام، ئوغلۇمنىڭ جەسىدىگە يۈزلەنگىنىمدە ئۆزۈمنى چاناپ مىڭ پارچە، ياق، مىليون - مىليون پارچىلار قىلىۋەتكۈم كەلدى. ئۇنىڭ خۇددى سوغۇق تامدەك بولۇپ قېتىپ قالغان يۈزلىرىنى يۈزلىرىمگە يېقىپ ھۆڭرەپ يىغلىدىم. چاچلىرىمنى يۇلۇپ، تاملارغا ئۈسسۈدۈم. قوللىرىمنى چىشلەپ يېغىر قىلدىم، ئۆزۈمنى ھەر يان تاشلاپ نالە قىلدىم. تەسەللىي بەرگەنلەرنىڭ، مېنى تۇتىۋالغانلارنىڭ، باغرىغا بېسىپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ھالىنى كۆزۈم كۆرەر، قۇلىقىم ئاڭلار ئەمەس ئىدى. ئازابنىڭ يۇقۇرى پەللىسىدە، پۈتۈن دۇنيادا يالغۇزلا ئىدىم. پۇشايمان ئوتى يۈرەك - باغرىمنى ئۆرتەپ، بىر مىنۇت نەپەس ئالغۇدەك ھالىمنى قويمىدى. ئىچىمگە پاتمايۋاتقان، ھەر دەقىقە قىيانلاپ تۇرغان پىغانىم پۈتۈن روھىمدىن بۇقۇلداپ تۆكۈلەتتى. مەن خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلغان كىيىكتەك، ياق، پۈتكۈل خانۇ - مانىدىن ئايرىلغان پادىشاھتەك ئۆزۈمنى يوقاتتىم. شۇ يوقۇتۇش ئىچىدە تەلتۆكۈس تۈگەشتىم. مەن تۈگەشتىم، مۇھەببىتىم قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا خۇددى تىغى ئۆتكۈر پىچاقتەك يۇشۇرۇندى. ئۇنىڭ شۇ ئۆتكۈر تىغلىرى ھەر ياد ئېتىشتە ئىچىمنى مىڭ قېتىم تىلغاپ ئۆتەتتى. كەچمىش - كەلمىشلىرىم، توغرىراقىنى دېگەندە قىلمىش - ئەتمىشلىرىم مېنى بۈگۈنكىدەك پۇشايمانلىق نادامەتكە قويدى. ئون قېتىم ئېسىلىپ ئۆلۈۋالساممۇ ئازابىم يېنىكلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. توۋا، يىغلىغانغا، ئۆزىنى ھەر يان ئۇرغانغا، نالە - پەرياد قىلغانغا ئادەمنىڭ ئازابى تۈگەيدىغان ئىش بولسا، بۇ كەمگىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئايلىنىپ قالار ئىدىم بەلكىم. ئەمما، رىئاللىق ھەممىگە، پۇشايمانلىق كۆز ياشلىرىمغا، نالە - پەريادىمغا، ئاھ - زارلىرىمغا، سېغىنىشىم ۋە ئوغلۇم بىلەن ئايالىمنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلاپ پىغان چېكىشلىرىمگە جىممىدە قاراپ تۇردى. تەقدىر ماڭا چاقچاق قىلدى دېگۈم كەلدى، بىراق ھەر قانچە چاقىرساممۇ ئۇلار كۆزىنى ئاچمىدى. ئۇ يۈزلەر ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئىسسىق ئەمەس، ئۇ قوللار ئەمدى بۇرۇنقىدەك مېھىرلىك ئەمەس، ئۇ چىرايلار ئەمدى ئىلگىرىكىدەك كۈلگۈن ئەمەس، ئۇ ئېغىزلاردىن ئەمدى زۇۋان چىقمايدۇ، مېنى بۇرۇنقىدەك مېھىرلىك چاقىرمايدۇ، ماڭا ئەركىلىمەيدۇ، قەغىشلىك قىلمايدۇ ھەم يىغلىيالمايدۇ... ئاھ خۇدا!... مەن نېمىلەرنى يوقاتتىم ھە!؟ مەن نېمىلەردىن مەھرۇم قالدىم؟ نېمىلەرنى دەپ نمىلەرگە ئېتىبارسىز قارىدىم؟ مەن زادى نېمە ئىش قىلىپ قويدۇم؟؟؟...
ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنى يەرلىكىگە قويغىچە جېنىم تېنىمدە بار تۇرۇپ نەچچە قېتىم ئۆلدۈم. ئەسلى ھەقىيقى ئۆلسەممۇ بولاتتى. مەندەك نومۇسسىز، پاسىق ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشقا ھەققىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار ھايات قېلىپ مەنلا ئۆلگەن بولسام، بۇ جىنايەتكارلىق ئۈچۈن ئۇلار جازالانمىسا بولاتتىغۇ؟! خەيرىيەت، ئىشلار شۇنداق بولدى. جىنايىتىم سەۋەپلىك باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان قەدىردانلىرىمنى چوڭقۇر يەرنىڭ تېگىگە دەپنە قىلىۋېتپ، يەنە مۇشۇ ئىپلاس جېنىمنى ئىپلاس تېنىم بىلەن قوشۇپ، لالما ئىتنىڭ تاپىدەك سۆرەپ يۈرۈپ ياشاپ قالدىم. ھەر قەدىمىمدە، ھەر نەپىسىمدە، ھەر ئىىشمدا ئۇلارنىڭ سىماسىنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ، مۇھەببىتىنى خىيال قىلىپ ياشىدىم. بىراق بۇلا ماڭا ئازابتىن باشقا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدى. مەن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، توغرا - خاتاسىنى پەرق ئېتەلمەي، ئاقىۋەتتە ئۆز بەختىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالغان ئادەم، مەن سۆيگۈسىنى قەدىرلىيەلمىگەنلەر تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك تاشلىۋېتىلگەن ئادەم، مەن سۇدىكى ئاينىڭ شولىسىنى دەپ قوينۇمدىكى ئايدىن مەھرۇم قالغان ئادەم. شۇنداق ئىكەن مەن ئۆرتەنمەي كىم ئۆرتەنسۇن؟ مەن يىغلىماي كىم يىغىسۇن؟...
ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئولتۇراق بىنالارنىڭ كەينىگە ئۇدۇل كەلگەن بولغاچقا، ئادەملەر ئانچە بارمايدىغان يەر ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن سوقۇۋەتكۈچى قېچىپ كېتىپتۇ، بىراق ئەگىلمە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېلىكامىرا ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان ئىكەن. كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېتىپمۇ باغرىم نەچچە تىلىندى. ئۆزۈمنى كاچاتلاپ ھۆركىرەپ يىغلىغۇم كەلدى. ‹‹ھەممىنى قىلغان مەن›› دېگەن بىر ئۇقۇم كاللامدا بولغاچقا ئۆزۈمنى تاش ئاستىدا مىجىلىپ كېتىۋاتقاندەك، تۇرۇپلا بارلىق ھازىدارلارنىڭ غەزەپ ئوقى ماڭا ئېتىلغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. كاشكى شۇ يۈك ماشىنىسى كۈچلۈك زەربە بىلەن سوقۇۋېتىپ، يورغىلاپ كېتىپ بارغان چاقنىڭ ئىزىدا قان ئارىلاش مىجىلىپ ياتقان جەسەت مېنىڭ بولسىچۇ؟ ئاسىيەنىڭ ئاستىدا قېلىپ تۇنجۇققان، سوغۇقتا كۆكۈرۈپ مۇزلىغان شۇ تەن مېنىڭ بولسىچۇ؟ راست، ئۇلا مېنىڭ ئىدى، ئەسلىدە مېنىڭ، پەقەتلا مېنىڭ ئىدى...

خاتىمە



ئاسىيە بىلەن ئوغلۇمنىڭ يىل نەزىرسىنى بېرىپ بولۇپ نەچچە ئاي ئۆتكەندە قېينئاتام بىلەن قېيىنئانام مېنى ئالدىغا چاقىرتتى ۋە قېيىنسىڭلىم ئالىيەنى ماڭا قوشۇپ قويۇش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەمدىلەتىن پۈتۈشكە باشلىغان يۈرەك زىدىلىرىم قايتىدىن قاناشقا باشلىدى. ‹‹دەردىمگە يىغلايمۇ، ھالىمغىمۇ›› دېگەندەك، ئەسلىدىنلا دەرتلىرىمنى كۆتۈرەلمەي تۇرغاندا ئۇلارنىڭ بۇ گېپى ماڭا خېلىلا ئەلەم قىلدى. بۇ ئاز كەلگەندەك، ئۇلارغا ‹‹مەن يالغۇز ئۆتۈشنى خالايمەن، ھازىرچە توي قىلغۇم يوق، ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت، دۇنيادىكى ھېچقانداق ئايال ئاسىيەنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، مەن كېيىنكى ئۆمرۈمدە ئۇنى ئەسلەپ ئۆتمەكچى›› دەپ جاۋاپ بېرىۋېتىپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئالىيەنىڭ ماڭا تېلېفۇن قىلپ ‹‹ئۆلىدىغان ئادەم ئۆلۈپ بولدى، ھەر قانچە قىلسىڭىزمۇ ئاچام تىرىلىپ قوپمايدۇ، بىز بىر قازاندا قايناپ باققانلار، يەنە كېلىپ بىر - بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز. ئاسيەنىڭ دەردىدە زىدە بولغان يۈرىكىزنى مېھىر - مۇھەببىتىم بىلەن ساقايتىمەن، ئاتا - ئانامغا ماقۇللۇق بېرىڭ، بىز توي قىلايلى›› دېگەن گەپلىرى ئازابىمنى نەچچە ھەسسىلىۋەتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئېلىنىشىپ قالغىنىمغا بۇرۇندىن پۇشايمان قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، بۇ خىل شەرمەندىلەرچە تەلەپنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقانلقىنى كۆرۈپ پۇشايمان ياشلىرىم تېخىمۇ ئۇلغايدى. ئەلۋەتتە، ئاسىيەنىڭ ئۆيىمىزگە كەلگەنلىكى، سىڭلىسى ئىككىمىزنى شۇ ھالدا كۆرگەنلىكى، ئاندىن ئۆيدىن يەنە شۇ ھالدا چىقىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن چوڭلارنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. مەن يىغا يىغلاپ يۈرگەن شۇ مۇسىبەتلىك كۈنلەردە، ساقچىلارنىڭ ئەھۋال ئىگەللەشلىرىگە سىڭلىسى ئالىيە ماسلىشىپ ‹‹ئانامنىڭ دېيىشىچە شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئاچام دادامنى دوختۇرخانىدا ياتاققا ئالدۇرۇپ قويۇپ يېزنەمنى ئىزدەپ ئۆيگە ماڭغان ئىكەن، ئىشىكنى چەككىنىدە يېزنەم ئۇخلاپ قالغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ئىشىكنى ئاچالمىغان ئوخشايدۇ، ئاچام ئاچقۇچنى ئېلىۋالمىغان بولغاچقا ئۆيگە كىرەلمەي، كەينىگە يېنىپ چوڭ ئۆيگە مېڭىش يولىدا شۇ ۋەقەگە يولۇققان ئوخشايدۇ›› دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. چۈنكى، قوغداش بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى ئاسىيەنىڭ ئائىلىكلەر قورۇسىغا بالا كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەمدە بىردەمدىن كېيىن يەنە بالىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىك ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىكەن. ئاسىيە ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرگەندە جىددىيچىلىكتە ئاچقۇچنى ئىشىكتە ئۇنتۇپ قالغان، بالىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتقاندىمۇ ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىش خىيالىغا كەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاچقۇچ ئىىشكتە قالغان، ئالىيە دوختۇرخانىغا ماڭىدىغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئىشىكتە قالغانلىقىنى بايقاپ، ئاچقۇچنى ئېلىۋالغان. ساقچىلارغا يۇقۇرقى گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن ئاسىيەنىڭ ئاچقۇچىنى ئەخلەت توشۇيدىغان ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا تاشلىۋىتىپ، يوقۇتىۋەتكەنلىكىنى كېيىن ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. كېيىنكى ئىشلار ئەنە شۇنداق بولدى. ئالىيە ھەممەيلەننى شۇ گەپلەرگە ئىشەندۈرگەچكە ماڭىمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلغۇدەك ئورۇن قالمىغان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ رەسۋاچىلىقنى ئىقرار ۋە ئاشكارا قىلغۇدەك جۈرئەت مەندە يوق ئىدى. چوڭلارنىڭ ئايرىلىش ئازابىنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىشلارنى پاش قىلسام قانداق بەرداشلىق بېرىدۇ؟ ئەتىۋارلىق قىزىدىن ئايرىلغان بىر جۈپ مويسىپىت قىزىنىڭ بۇ خىلدىكى ئېچىنىشلىق ئۆلۈم سەۋەبىنى بىلسە قانداق كۆتۈرىدۇ؟ ھەممىدىن يامان بولغىنى ئامراق چوڭ قىزىنىڭ ئۆلۈمىگە كىچىك قىزىنىڭ سەۋەپچى بولغانلىقىنى بىلسە...
ئالىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ تېلېفۇننى قويۇۋەتتىم. ئاندىن ئىختىيارسىز ئەينەك جاھازا ئىچىدە قويۇلغان، ئاسىيە، مەن ۋە ئوغلۇم ئۈچىمىز بىللە چۈشكەن سۈرەت ئېلىنغان رامكىنى قولۇمغا ئالدىم. ئاسىيەنىڭ بەخىت جىلۋىسى بالقىپ تۇرغان تولۇنئايدەك جامالىغا باققىنىمدا ھۇجۇدۇمغا يىغا ياماشتى. ئوغلۇمنىڭ ھۇدۇققان ھالدا ئۇدۇل قاراپ تۇرغان قاپقارا بىر جۈپ كۆزى يۈرۈكۈمدە ئويۇلۇپ قالدى. بۇ سۈرەتتە، ئوغلىمىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرغان ئايالىمنىڭ كەينىدە ئۆرە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ، سول قولىنى شىمىنىڭ يانچۇقىغا سالغىنىچە سۇس كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بەختلىك ئەر ئەسلىدە مەن ئىدىم...

2013-يىلى 10-ئاي (خوتەن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tabassum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-2 04:36 PM  


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nim-japa + 68 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
sikiltar + 15 دەلىللەر يېتەرلىك
كۆكبۆرە. + 155 بەرىكەت تېپىڭ دوستۇم!
ana-yurit + 99 703
sada0903 + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
gulbaxikar + 100 شۇنداق ئىسىل !
شاتيار + 300 تېخىمۇ تىرىشقىن گاچا
muslina216 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
xahsanam + 300 ماختاشقا تېگىشلىك،قە.
katran + 299 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1591   باھا خاتىرىسى

بىر غەزەل پۈتمىش ھاياتتىن شائىرى ھەركىم ئۆزى،بولمىسۇن مەزمۇن ئاڭا ھەسرەت،نادامەت كەچمىشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 06:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تەبەسسۇم، يەنە بىر ئىجادىيىتڭىزنىڭ روياپقا چىققىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، بىزگە ئوخشاش قولىدا ئەدەبىياتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بار نان قېپىلار سىزنىڭ ئەسەرلرىڭىزدىن سۆيۈنۈش بىلەن سىزگە ھەۋەس قىلىپ، شالىمىزنى ئېقىتىپ قالايلى، ھازىرچە ئەسىرىڭىزنى ئالدىرىماي ئوقۇپ، تەسىراتىمنى بايان قىلاي.

sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 06:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1401 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا بۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1401 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئەر - ئىككى ئاچا - سىڭىلنى تەڭ خوتون قىلسا......ھى...ھى.......


گۇناھ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچرامدىغاندۇ؟

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8764
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1611 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:15:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتا ھەر ياڭزا ئىشلار يۈز بىرىدىكەن.

ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1401 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:16:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-2 07:09 PM
ئانىمۇ باشقا ، دادىمۇ باشقا ئاچىۋالا بولسا مومكىنكەن  ...

سىلىنىڭ باشلىرىدىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش ئۆتكەن ئوخشىمامدۇ؟

دەۋەرسىلە سىكىلتار، تارىخلىنى بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-2 07:17 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1401 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 07:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشىدىمۇ بار مەسىلە.

تۇغدۇم، قوساق كۆتەدىم دەپلا ئانىسىنىڭكىدە تۇرىۋەسە، ئۆز ئۆيىدە ئىرىگە تاماق ئىتىپ بەرمەي، ئانىسىنىڭكىگە چاقىرۋىلىۋەسە، ئەرنى يالغۇز يىتىشقا مەجبۇرلىۋەسە، تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەتلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەپ تىپىپ بىرىدۇ.

ئايال كىشىلەر، تەگدىم دەپ بىر ئەرنىڭ پىشىنى تۇتقاندىكىن، ئاياللىق مەجبۇرىيتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ياخشى ئانا، ياخشى خوتون بولۇش ئۈچۈن تىرىشساڭلار.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش