قەدىر توغرىسىدا
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان سۇلايمان (شەررارى)
ھاياتىدا رەھمەت تاپماي ئۆلگىنىدە رەھمەتلىك،
ساقلىغىدا خار-زار قىلىپ كەتكىنىدە ھۆرمەتلىك.
سۆيۈلمىدى سۆيگەنلەر كەتكىنىدە پاك بولدى،
نىچۈن تىرىك ئىنساندىن ئۆلۈك جەسەت قىممەتلىك؟
بىر جىڭ گۆشنى سۇنالماي ئاتا-ئانا قەدىرىگە،
سورۇنلاردا ئاتالدۇق شۇنچىلىك مەرد پەھلىۋان.
ساقلىغىدا خار قىلىپ ئۆلگىنىدە يىغلىدۇق،
توق قوساققا ئاش تارتىپ ئاتالدۇق بىز مېھرىبان.
چېكىمىزدە گۈل تۇرسا ئۆزگە گۈلگە قول سوزدۇق،
ئۆزگە گۈلنىڭ پۇرىقى بەكرەك پۇراپ دىماققا.
قۇياش كەبى جاناننىڭ يېتەلمەستىن قەدىرىگە،
ئېسىلدۇق بىز قوش قوللاپ پىلىكى يوق چىراغقا.
تەڭشەلمىگەچ بۇ دۇنيا ياقا تۇتۇپ توۋا دەي،
قەدىرلەنمەي ئۆتتىغۇ قەدىردانلار سۆيگىسى.
ئەقلىمگە كېلىپ قارىسام قەدىرداننى دۇنيانىڭ-
مەسلىھەتسىز ئەپكەتتى يەتتە كەتمەن توپىسى.
ئۆلگەندىن كىيىن "ياسىن"نىڭ پايدىسى يوق زەررىچە،
نادامەتتە چالمىساق تويدىن كىيىن ناغرىنى.
قەدىرلىسەك ئېرىشۇر ھاياتىمىز ئالقىشقا،
ھەسرەت بىلەن تىلمىساق قەدىرلىكنىڭ باغرىنى.
2011-يىل 6-ماي(شىخەنزە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-2 09:45 PM