مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3660|ئىنكاس: 30

NASA: كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپەراتۇرىسى ئۆلچەندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2198 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 11:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NASA: كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپەراتۇرىسى ئۆلچەندى

بىلىمخۇمار
2013-يىلى 1-نويابىر

ناسا مەركىزى JPL دە ئىشلەيدىغان «Raghvendra Sahai» باشچىلىغىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەر چىلىگە جايلاشقان، ئىنگلىزچە «Atakama Large Millimeter/submillimeter Array (ALMA)  » دەپ ئاتىلىدىغان تېلېسكوپ بىلەن كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ چىقتى.  ئۇ ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 272 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، بۇ تېمپېراتۇرا كائىناتتىكى بوش جايلارنىڭ ياكى كائىناتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.  بۇ ئەڭ سوغۇق جاينىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى « Boomerang Nebula in the constellation Centaurus » بولۇپ، ئۇ سامان يولى گالاكسىنىڭ ئىچىدە ئىكەن.  ھەمدە ئۇ يەرنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5000 نۇر يىلى ئىكەن.

مەن كۆرگەن ماقالىدىكى بايانغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەڭ سوغۇق رايوننىڭ مەركىزىدىكى قۇياشقا ئوخشاش يۇلتۇز ھازىر ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ گازلىرى سائەتىگە 500000 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن سىرتقا تارقىلىدىكەن.  گازنىڭ مۇشۇنداق تارقىلىشى تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل جەريان توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان جەريان بىلەن ئوخشاش ئىكەن.  

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ بايقىشى «ئاسترونومىيە-فىزىكا ژورنىلى» (Astrophysical Journal) نىڭ ئەڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىندى.  (مەن ھازىر تۆۋەندىكى 2-رەسىمنى تارتقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان John Trauger بىلەن بىللە ئىشلەيمەن)

مەنبە:
http://news.discovery.com/space/astronomy/this-is-the-coldest-place-in-the-universe-131025.htm

رەسىم:
<>
The Boomerang Nebula reveals its true shape with ALMA. (Credit: Bill Saxton; NRAO/AUI/NSF; NASA/Hubble; Raghvendra Sahai)

<>
Hubble image of the Boomerang nebula taken in 1998 with the Wide Field Planetary Camera 2 instrument. Credit: NASA, ESA, R. Sahai and John Trauger (Jet Propulsion Laboratory) and the WFPC2 Science Team.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 02:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 272 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، بۇ تېمپېراتۇرا كائىناتتىكى بوش جايلارنىڭ ياكى كائىناتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.  

بۇ تىمپېراتۇرا مىنى بەك ھەيران قالدۇردى،نىمە دىگەن تۆۋەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16127
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8508 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 03:25:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاي شارىنىڭ قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان (بىزگە كۇرۇنمەيدىغان تەرىپىدىنىڭ) تېمپىراتورىسى نولدىن تۆۋەن سېلتسىيە 160 گرادۇسقۇ دەيمەن. مەن بۇنى بۇرۇن بىر ماتېريالدا كۆرگەن، لېكىن سانلىق مەلۇمات ئېنىق ئېسىمدا قالماپتۇ.
   يوقارقى تېمپىراتۇرىدا ئەگەر جانلىقنى توڭلىتىپ، نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەنە ھاياتلىققا ماس كېلىدىغان كىلماتقا كەلسە ھايات ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنمىدۇ؟ ئالدىنقى ئەسىردە بىر ماتېريالدا دىيارىمىزنىڭ كۇئېنلۇن تېخىدىكى قار مۇزلۇق تاغدىن بىر قەدىمىي (1000 يىللىق دەپ كۆرسىتىپتىكەن) ئادەمنىڭ توڭلىغان جەسىدى تېپىلغان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىسپىرمىسىدىن تىرىك ئۇرۇقنى ئايرىپ ئېلىپ پەرۋىش قىلغان بولۇپ، 5 كۈندىن كېيىن ئۇ ئۇرۇق ھۈجەيرىسى ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇغان.
   بىلىمخۇمار ئۇستاز مالال كۆرمەي يوقارقى 2 مەسىلىگە ۋاقىت چىقسا ئېنىق جاۋاپ بېرەلەرسىزمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-2 03:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 03:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن تۆۋەن تىمپىراتۇرا بۇ

sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 03:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 03:55:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاستا ماڭساڭمۇ،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 1373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59256
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 04:23:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97058
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2013-8-18
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 04:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بايقالمىغان جايلاردىن ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق جاي تېپىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارمىدۇ ياكى كائىناتنىڭ ھەممە جايلىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئۆلچىنىپ بولغانمىدۇ.
بىز مەكتەپتە مۇتلەق نۆل گىرادۇس يەنى نۆلدىن تۆۋەن 273 سېلسىيە گىرادۇستا ھەرقانداق جىسىم قاتىدۇ دەپ ئۆگەنگەن. ئەگەر بۇ ئۇقۇم ئەمەلدىن قالمىغان بولسا، ئۇ گاز ھالەتتە تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئۆگەنگەن بىلىم ئەمەلدىن قالمىغان بولسا، ئۇ پەقەت يەرشارىغىلا خاسمۇ ياكى ئۇ بىلىم ئەمەلدىن قالدىمۇ؟

چوڭ بازارغا مەرھەممەت. http://chongbazar.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 04:55:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۆلتۈرۈش زاۋۇتى دىگەن كىنودا تىرىك ئادەمنىڭ قولىنى 0دىن تۆۋەن 100گىرادۇس سوغۇقتا توڭلىتىپ، ئاندىن بىرنى ئۇرۇپلا قولنى سۇندۇرۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. 270گىرادۇس بولسا، ئەگەر ئۇ جايدىكى پىلانىتلاردا سۇغا ئوخشاش سۇيۇق جىسىم بولسا مۇز تۇتۇپ قېتىپ كەتكۈدەك.  يەرشارىدىكى تەبئى ئەڭ سوغۇق بولغان تىمپۇراتۇرا قانچىدۇ؟

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 04:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇرەسىم قۇمرىۋەتكەن چىشقىلا ئوخشايدىكەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-2 04:58 PM  


يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش