مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7705|ئىنكاس: 60

روسىيەدىكى ئۇيغۇر پۇتپۇل چولپىنى‹جامالىدىدىن›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98837
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-10-20
ئاخىرقى: 2013-11-2
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەليكۇم مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ئىمپىرىيەدىن ھەممىڭلاغا ئوتلۇق سالام!

بۇتىما كۆچۈرۇلمە تىما  شۇنداق بولسىمۇ سىلەرگە ئىلىپ كەلدىم،مىللىتىزدىن چىققان پۇتپۇلچى بولغانلىقى ئۈچۇن كۆچۈردۇم.
ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە...
22222.jpg

چەتئەلدە داڭقى چىققان مەلۇم  بىر چولپاننىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە گەپ تارالسا، بىزدە نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي، پاكىت ئاساسى ئىزدىمەيلا، ‹‹ راست ئـۇيـغـۇر ›› دەپلا قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان ياكى ‹‹ ئـۇيـغـۇر ئەمەس ›› دەپ چورتلا ئىنكار قىلىۋېتىدىغان ئىككى خىل پوزىتسىيە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. ‹‹ زىمىستان قىشتىكى چۈش ›› لېنتىسىى يېڭى تارىلىپ، ھەممەيلەننى ئورتاق جەلپ قىلغان مۇرات ناسىروۋنىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكى  ھەققىدە گەپ بولۇنغىنىدا، مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇزىكا زۇقمەنلىرى ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇرلىقىغا ئىشەنمىگەنىدى. 2002-يىللىق دۇنيا پۇتبول لۇڭقىسىدا تـۈركىيە كوماندىسىدىكى داڭدار پۇتبولچى ھەسەن شاش ئـۇيـغـۇركەن دەپ گەپ تارقىلىۋېدى، مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇتبول ئەھلى ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇرلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشقانىدى. ئەمەلىيەت كېيىن مۇرات ناسىروۋنىڭ ئـۇيـغـۇر، ھەسەن شاشنىڭ تـۈركىيە تـۈركلىرىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى. بۇ بىزدىكى يۇقارىقىدەك پوزىتسىيەنىڭ ئىككى خىل يارقىن كۆرۈنۈشى. نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە تور ۋە ئۈندىدارلاردا روسىيەنىڭ داڭلىق ساينىت پېتېربۇرگ زېنىت كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان جامالىددىن ئىسىملىك پۇتبولچىنىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارالدى. بۇنىڭغا قارىتا، بىر قىسىم سوغوققان قېرىنداشلىرىمىز  خۇددى ئـۇيـغـۇرغا چىمپىيونلۇق، چولپانلىق ياراشمايدىغاندەكلا ‹‹ ئۇ ئـۇيـغـۇر ئەمەس، ئىسمى،چىرايى ئازراقلا ئوخشىغانغا ئـۇيـغـۇر بولامدۇ ؟ئۇزبېك، تاتار، تـۈركمەن بولۇش ئېھتىماللىققا يېقىن  ›› دېگەندەك كەسكىن ھۆكۈملەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇرلىقىنى ئىنكار قىلدى. يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بولسا، ئـۇيـغـۇركەن دەپلا ئىپتىخارلىنىشقا ئالدىرىدى. لېكىن، ئەمەلىي پاكىت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، بۇ يىللىق U17ياشلىقلىقلار ياۋرۇپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان روسىيە كوماندىسىدىكى جامالىدىدىن ئىسىملىك ماھىر ھەقىقەتەن ئـۇيـغـۇر مىللىتىدىن بولۇپ چىقتى. چۈنكى، ئۇ بۇ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغاندىن كېيىن، روسىيەنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇسى - ‹‹ سوۋېت تەنتەربىيەسى ›› گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.   تـۈركمەنىستاندا تۇغۇلغان جامالددىننىڭ بۇ جاكارسى ئۆزبېكلەرنىڭ ۋىكىپېدىيا قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرگە داپ يۈزلۈك بىلەن يوللىۋالغان ئۇنىڭ ئۆزبېك ھەققىدىكى ماقالىلىرىگە بەرگەن ئەڭ ئەجەللىك دەككە بولدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ياشاۋاتقان ئـۇيـغـۇر چولپانلىرىنىڭ ئىچىدە مۇرات ناسىروۋدىن كېيىن  مىللەتسۆيەرلىكنى باتۇرلۇق بىلەن نەق ۋاقىتتا ئىپادىلىگەن  پەخىرلىك چولپىنىمىزنىڭ  يەنە بىرى  بولۇپ قالدى.
مەلۇمكى، بۇ يىل 17-ماي U17ياشلىقلىقلار ياۋرۇپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە روسىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولدى . تەكىتلىنىشكە تىگىشلىك نۇقتا ،چىمپىيون بولغان روسىيە كوماندىسىدىكى 4-نومۇرلۇق ماھىر جامالىددىن ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە مىللىتىنى چۆرىدىگەن ھالدىكى بەزىبىر  بەس-مۇنازىلەرگە سەۋەبچى بولدى. تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىدىكى ‹‹ مەن ئـۇيـغـۇر›› دېگەن  مەردانە سۆزلىرى ‹‹ نەۋايى ئـۇيـغـۇر دەپ سالغان ئۇقۇغۇچىنى دەررۇ مەكتەپتىن ھەيدەيدىغان ›› ئۆزبېكلەرنىڭ  نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىكى  ‹‹ئۇ ئۆزبېك،  تاشكەنتتە تۇغۇلۇپ تەربىيەلەنگەن ...›› دېگەندەك يالغان-ياۋداقلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.  
  رۇسچە ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىگىتنىڭ تولۇق ئىسمى جامالىددىن خوجانىيازوۋ، 1996-يىلى18-ئىيۇل تـۈركمەنىستاننىڭ بايرامئەلى شەھرىدە ئـۇيـغـۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.بۇ يىل 1-ئايدا رۇسىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى ساينىت پېتېربۇرگ زېنىت كوماندىسى بىلەن توختاملاشقان.تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، روسىيە 17 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا بېك، سۈرئىتى تېز ھەم تېخنىكىسى ياخشى.4-نومۇرلۇق كىيىمنى كېيىدۇ.
بىز بۇ ئـۇيـغـۇر يىگىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز، ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمىز، دۇنياۋېي مۇسابىقىلەردە شان-زەپەر قۇچۇپ، ئـۇيـغـۇرنىڭ نامىنى پۇتبول سەھنىسىدە جەۋلان قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ ئـۇيـغـۇر پۇتبول چولپىنى جامالىددىننىڭ رۇسچە زىيارەت ئەھۋالى ئىكەن .ئادرېس: http://www.sovsport.ru/gazeta/article-item/608836
مەنبە:ئەپەندىم تورى


ئەپەندىم تورىدىن پالتاخۇن تەييارلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   impiriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-1 09:35 PM  


ھەر ۋاقىت ئالغا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9697
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2085 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى كىم،،،  نەدە بولسۇن،،،،  مەن ئۇيغۇر  دىيەلىسىلا...  ئەنە شۇ ئۇيغۇر....  

بۇ جاھان بىز ئۈچۈن  بىر ئۆتەڭ خالاس...   

www.qirah.com چىراغ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98837
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-10-20
ئاخىرقى: 2013-11-2
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلو.......  ئالدىراپ كېتىپ  ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن ئەمەسما.....كەچۈرۈڭلار  ،،،قېرىنداشلار،،،،،

خۇداغا شۈكرى . ئىمزايىمنى ئۆزگ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7937
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2333 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-1 09:46 PM
مەيلى كىم،،،  نەدە بولسۇن،،،،  مەن ئۇيغۇر  دىيەلىسىلا... ...

مەن كۆرگەن ئەڭ نادىر ئىنكاس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 950 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز! مەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرقېرىنداشلىرىمىز تۇرمۇشىغا بەك قىزىقىمەن! بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چولپانلىرىمىزغا بەك قىزىقىمەن!  ئاللاھىم ئۇيغۇرۇمنى دۇنياغا تونۇتقۇسى! ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94813
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-11-1
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22615
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6745 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 2458
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14537
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25616
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2349 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-11-1 10:03 PM
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز! مەن چەتئەللەردىكى ئۇيغ ...

چۈنكى ؛ئىنسانىيەتنىڭ،جۈملىدىن بىر مىللەتنىڭ دۇنياغا تاراتقان ئۇلۇق تۆھپىللىرى شۇ مىللەت ئىچىدىكى بىر شەخىس بىر شەخسنىڭ ئالاھىدە نەتىجىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ.مۇشۇنداق چولپانلىرىمىزغا بەك قىزىقىمەن!  ئاللاھىم ئۇيغۇرۇمنى دۇنياغا تونۇتقۇسى! ........

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96540
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا قېرىندىشىم، ياشاپ كەت، كەلگۈسى سىلەرگە ئوخشاش ئۇتۇق قازانغۇچىلارغا مەنسۈپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش