مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2573|ئىنكاس: 6

چەتئەللەردىكى«ئۇيغۇرشۇناسلىق»ھەققىدە بىرقانچە مەسىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 04:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چەتئەللەردىكى«ئۇيغۇرشۇناسلىق»ھەققىدە بىرقانچە مەسىلە   


غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر


      ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى فىروففسېسورى،ئاسپىرانىتلار يېتېكچىسى)



1.ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەبىرى،خاراكتىرى مەسىلىسى


ئۇيغۇرشۇناسلىق دىگەندە ئۇيغۇر مىللىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى  ۋە   مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تەتقىقات ئوبىيىكتى قىلغان ئۇنۋېرسال بىر پەن كۆزدە تۇتىلىدۇ .«ئۇنىۋېرىسال» دېگەندە،ئۇخشاش بولمىغان مەقسەت، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ۋە ئوخشاش بولمىغان ۋاستە بويىچە،ئوخشاش  بىر مەزمۇن ياكى ئوخشاش بولمىغانمەزمۇنلار ئۈستىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىقات يۈرگۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.


ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئوبىيىكتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانتىرپولوگىيىسى،  ئارخئولوگىيىسى، ئىقتىسادى تۇرمۇشى، تىلى، ئەدەبىياتى،يازما يادىكارلىقلىرى، دىنى،سەنئىتى، پەلسەپىسى، مائارىپى،  پەن-تېخنىكىسى، ئۆرپ-ئادىتى، بىناكارلىقى، تەرجىمەشۇناسلىقى، قانۇنشۇناسلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغانمۇناسىۋىتىقاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ۋاستىسى ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەندىكى ھەرخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئوبىيىكىتلار ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزىدۇ.


ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي تەتقىقات مەقسىدى پەن قۇرۇلىشى،جەمىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.(نيۇرۇجى«ئۇيغۇرشۇناسلىق سېستىما قۇرۇلىشى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار» )


2.ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى  بارلىققا كەلگەن يەر،ۋاقىت  


ــــ ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي ئەڭ دەسلەپ  جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن. يەنى، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پىزىنۇمىيىلىك تۈزۈلىشى، مىللەت گەۋدىسى، ئۆرپ-ئادىتى،ئىتىكىلىق ئەخلاق پورمىسى،تىل خەزىنىسى، ئارخىئولوگىيىلىك  ماتىرىياللىرى،يازما ھۆججەتلىرى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بىرىنچى قول ماتىريالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  ئۇنىڭدىن قالسا جۇڭگودا خەنزۇ، تۈبۈت، موڭغۇل تىللىرى،شىنجاڭدىكى قەدىمكى تىللاردىن  ساك،توخار،سوغدى قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان ھۆججەتلەر بىلەن خاتىرلەنگەن يازما خاتىرىلەر ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر قاتلام ماتىريالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ئاساسىي ماتىرىياللار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدە،ئۇلار ياشىغان ۋە ئىز قالدۇرغان تىرىتورىيىلەردە،جۈملىدىن،جۇڭگودا ساقلانغان. ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بۆشۈكى جۇڭگو دەپ ھىساپلاشقا بولىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»تىن ئىبارەت مۇشۇ ئۇقۇمنىڭ نىسپىتەن خاسلىققا ئىگە ئىلىم بولۇپ، يېڭى دەۋرگە خاس مىللەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، مەتىنشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق پەن ساھەسىدە ئىلمىي خادىملارنىڭ ئالاھىدە دىققەت نەزىرىگە ئىلىنىشى  18- ئەسىردە ياۋروپادا  پەيدا بولغان، دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇنىڭدا فىرانسىيە،گىرمانىيە ۋە روسىيىلىك ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشى باشلامچىلىق  خاراكتىرگە ئىگە بولغان. مەسىلەن،18- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپلا فىرانسىيە ئالىملىرى  ۋاستىلىق يوسۇندا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغىنى  ر.پ.گوۋبىل( R. P. Goubil)  بولۇپ، ئۇ 1739- يىلى  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھۋالىمۇ   تىلغا ئېلىنىدغان « موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسەرنى ئىلان قىلغان. ئارقىدىن ج. دېگۇيگىنىس ( J. Deguinges )  كەينى - كەينىدىن « ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات » ۋە بەش توملۇق  « ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى » (ياكى«ھۇنلار،تۈركلەر ،موڭغۇللار ۋە غەربىي تاتارلارنىڭ ئەيسا تۈغۈلۈشتىن ئىلگىركى ۋە كېيىنكى تارىخى») نى يېزىپ چىققان. 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ك. ۋىسدېلۇ  (C.Visdelou)  « تاتار تارىخى »نى نەشر قىلدۇرغان. يۇقارقىغا ئوخشاش فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن يەنە دۇ ھالدې(Duhalde) يازغان « جۇڭخۇا ئېمپىرىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ تاتارلار رايونىنىڭ جۇغراپىيەسى، تارىخى، يىلنامىسى، سىياسىسى ۋە تەبىئىي ئەھۋالى »نىمۇ كۆرسىتىش مۈمكىن.بۇلارنىڭ ھەممىسدە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان.


    1820-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەكلىپ قىلىنغان فىرانسىيىلىك شەرقشۇناس خ.ج.كىلاپروت ( Klaproth   H.J.، 1783-1835) مەشھۇر ئەسىرى « ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات »نى پارىژدا نېمىس تىلىدا ئېلان قىلغان، روسىيەدە بولسا پىراۋۇسلاۋىيە ئېپىسكوپى ن.ي.بىچۇرىن (  Bičurin  1853-1777  ,N.Y. ) « قەدىمقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە turkنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى » (1851-يىلى)   ۋە « قەدىمقى كاشغەرىيىنىڭ مىللەتلەر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار » قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئارقىدىن،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ بېجىڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ دوختۇرى بىرېتسچنېيدېر (E. Brietsčneider ) نىڭ«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»ناملىق كىتابى دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ بىرىنچى تومىدا «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»دېگەن بىر پاراگىراف ئورۇن ئالغان. شىۋىتسىيىلىك دوسسان (C.D’ohsson ،   1780一1855) نىڭ « موڭغۇل تارىخى ـــ چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە » (1852-يىلى)  دىگەن ئەسىرىمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىغا چېتىلىدۇ.


     19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇپ تۇرىشى غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. مۇشۇ مەزگىلدە روسىيىلىك ۋ.ۋ.گىرىگىرىيېۋ (V.V.Girigoriyef ، 1816-1881) رۇس تىلىدا ئىككى توملۇق « تەبىئىي جۇغراپىيەشۇناسلىق ـــ كاشغەرىيە »ياكى «جۇڭگو turkى»(1873-يىلى)نى يېزىپ چىققان، بۇ ئەسەردە قەدىمقى زاماندىن تارتىپ 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچەبولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىيىسى، جۇغراپىيىسى  قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ماتېرىياللارخاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھازىرمۇ خېلى يۇقۇرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.


    روسىيىلىك ئالىم ئا.كازېمبېك   1841-يىلى «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات»ناملىق كىتابى  ئېلان قىلغان.مانا مۇشۇلار ياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشىنى تىزلەتكەن.بۇلاردىن باشقا روسىيىلىك ئالىملاردىن يەنە چ.ۋەلىخانۇۋ، ۋ.ۋ.رادلۇف، د.پوزدنېيېف قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى، بولۇپمۇ، ۋ.ۋ.رادلۇفنىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا» (1893-يىل)،  د.پوزدنېيېفنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئوچېرىكلار» (1899-يىلى) قاتارلىقلار ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشدە چوڭ روللارنى ئوينىغان ئەسەرلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 19ئەسىردە يېزىلغان « ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات »،«ئۇيغۇرلارتوغرىسىداتەتقىقات»،  «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا»،«ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئوچېرىكلار» قاتارلىق بەش پارچە ئەسەردە «ئۇيغۇر»نامى ماۋزۇنىڭ بېشى قىلىپ تاللىنىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى تولىمۇ يۇقۇرى بولغان.دېمەك،19- ئەسر نىڭ ئاخىرى ياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.


3.چەتئەللىكلەرنىڭ« ئۇيغۇرشۇناسلىق»قا قىزىقىشىنىڭ سەۋەبى


     زامانىۋىي ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ياۋروپادا پەيدا بولغان.بىزگە مەلۇمكى،ياۋروپا دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىقتىسادىي كۈچ ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئالدىدىراق قەدەم تاشلىغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە زمانىۋىي ئىلىم-پەن ئىشلىرىمۇ خېلىلا تەرەققى قىلغان.دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئېلىم تارماقلىرى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ياكى مۇكەممەل پەن تۈسىگە كىرگەن.مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت ياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى بولۇپ قالغان.


   ياۋروپادا زامانىۋىي ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ نىگىزلىك سەۋەبى بىرى تاسادىبىي ۋەقە بىلەن،يەنە بىرى،  سىياسىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ.تاسادىبىي ۋەقە دىيىشتىكى سەۋەپ،18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، روسىيە-شىۋىتسىيە ئۇرىشىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئوفىتسىر ف.ج.سترالېنبېرگ (F.J.Stralenberg) سىبىرىيە رايۇنىدا 13  يىل تۇرۇش جەريانىدا توپلىغان ماتىرياللىرى ئاساسىيدا ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمى ۋە  شەرىقى قىسمى» (1730-يىلى) دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، كىتابىنىڭ ئاخىرىغا يەنسەي ۋادىسىدىن تاسادىبىي بايقاپ قالغان،قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن بىرىنچى تۈركۈم مەڭگۈ تاشلارنىڭ رەسىملىرىنى قوشۇمچە قىلغان.بۇ كىتاپ غەربىي ياۋرۇپا ئالىملىرى ئارىسدا ئۇيغۇرشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان.  سىياسىي سەۋەپكە كەلسەك،گەپنى مۇنداق باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.  ماركوپولۇنىڭ شەرققە سەپىرى،كولۇمبۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشى ياۋرۇپالىقلارنىڭ باشقا قىتئەلەرنى چۈشىنىشىنى يەنىمۇ تىزلەتكەن.ئىتالىيىدە پەيدا بولغان ئەدەبىي ئويغىنىش ۋە غەربىي ياۋروپادىكى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۆتۈرىلىشى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بايلىق،زىمىنغا بولغان تەلىپىنى ئاشۇرىۋەتكەن.بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى باشقا دۆلەت،رايۇنلارغا ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرگۈچىلەرنى، ئىكىسپىدىتسىيىچى بايرىقىنى كۆتۈرگەن خادىملارنى ئىۋەرتىپ، جۇغراپىيىلىك، گىئولوگىيىلىك، ئارخىئولوگىيىلىك، ئىتنوگىرافىيىلىك، ئانتىرپولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كەڭ دائىرىدە ماتىرىيال ۋە ئاخپارات توپلىغان.بۇ ماتىرىياللار بىر تەرەپتىن ئاخپارات تۈسىنى ئېلىپ،ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە سۇنۇلغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلمىي ئەسەر شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ،نەشر قىلدۇرۇلغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق ئاخپارات خاراكتىرىدىكى ماتىرىياللار ئىلىمگىمۇ قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ تەتقىقات نىشانى بولۇپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىن ئۇقۇمۇشلۇق بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بىر تەرەپتىن سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىغا كىرىشىپ،ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان.يەنە بىر تەرەپتىن،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئوتتۇرا ئاسىيا،غەربىي يۇرت ۋە يىپەك يولىنىڭ تارىخ- جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق،تېخىمۇ چوڭقۇر،تېخىمۇ سېستىمىلق ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرشۇناسلىق كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئىلىم تارمىقى بولۇپ قالغان.


   4.بۈگۈنكى دۇنيادا «ئۇيغۇرشۇناسلىق» ئىلمى بىلەن شۇغىللىنىدىغان دۆلەت ۋە رايۇنلار


ـــ بۈگۈنكى مەدەنىي دۈنيادا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەت ۋە رايۇنلار خېلى بار.بۇلاردىن ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە:جۇڭگو (يەنە تەيۋەن)،ياپۇنىيە،كۇرىيە،تۇركىيە،قازاقىستان، ئۆزبېكىسان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان،ئەزەربەيجان، مولداۋىيە، موڭغۇلىيە،ئىسرائىلىيە قاتارلىقلار؛ ياۋروپا- ئامىرىكا، ئوكيانىيە دۆلەتلىرى ئىچىدە: روسىيە،گىرمانىيە،فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە، پولشا، رۇمىنىيە،چىخسىلوۋاكىيە، ۋىنگىرىيە، ئامېرىكا، ئاۋېستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت.بۇ دۆلەت ۋە رايۇنلار ئىچىدە بۇ پەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاندىلا «ئۇيغۇرشۇناسلىق» نامى بىلەن،باشقا جايلاردا شەرقشۇناسلىق، ئالتايشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق ( تۇركىلوگىيە)،  غەربىي يۇرت تەتقىقاتى،يىپەك يولى تەتقىقاتى،ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى، تۇرپانشۇناسلىق قاتارلىق نام- ئاتاقلار بىلەن يۈرگۈزىلىپ كېلىنگەن.يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاندىن باشقا دۆلەتلەردە بىۋاستە تەتقىقات ئۇسسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋاستىلىق ئۇسسۇل بىلەن يۈرگۈزىلىش ئاساس قىلىنغان.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خىل ئۇسسۇلنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تارىخىي ئەمىلىيەتنىڭ تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە،  ئۇيغۇرشۇناسلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا شەرقشۇناسلىق، ئالتايشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق،  تۇرپانشۇناسلىق  قاتارلىقلارنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنسىمۇ، بىراق، مۇشۇ ئېلىم تارماقلىرىنىڭ ئۆزىكى ياكى يادرۇلۇق قىسمى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


   5.ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى شىنجاڭغا قوشنا ئەللەردىكى رايۇنلار ۋە مىللەتلەرنىڭ تارىخ مەەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەھمىيىتى


ـــ ئۇيغۇرشۇناسلىق يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە پايدىلىق بولۇپ، قالماستىن،بەلكى،قوشنا مىللەت،رايۇن ۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىمۇ،تەتقىق قىلىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان موھىم بىر ئىلىم تارمىقى.


روسىيىلىك ئالىم ئا.كازىمبېك ناھايىتى بۇرۇنلا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.مەسىلەن،ئۇ 1841-يىلى ئىلان قىلغان «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات»ناملىق ئەسىرىدە مېغىزلىق قىلىپ شۇنداق يازغان:«بىز بۇ قەبىلە(ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى ـ- گ.س.ئىسقاقۇف)نى تەتقىق قىلىشتا قولىمىزدا بار بولغان بارلىق ماتىرياللاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.ئۇيغۇرلار بىزگە نۇرغۇن يازما يادىكارلىلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ»(«ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»1-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2000-يىلى نەشرى).


ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىسەك،ئۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىل تارىخىنى بىلىشتىلا رولى بولۇپ قالماستىن،بەلكى باشقا تۈركىي تىللىق،ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشتىمۇ رولىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدا ئورتاق سادالار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.مەسىلەن،تۈركىيىىلىك ئالىم شەمسىدىن سامى (Šamsidin Sami) «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تەرەققىياتتا ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، بۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل بولغان» («قامۇسۇلئەلەم» 3-توم،1876-بەت، 1889-يىلى، تۈركىيە؛«جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقاتى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ،1994-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 120-بەت، خەنزۇچە) دەپ يازغان بولسا، تارىخشۇناس ليۇجىژشاۋ«ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى چاغاتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىدا زور دەۋر بولگۈچ ۋەقە بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىمۇ بولۇپمۇ ھىساپلىنىدۇ.ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ۋە رايۇنلار مۇشۇ تىلنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە تارىخىنى خاتىرلىگەن ھەم تارقاتقان »(«ئۇيغۇر تارىخى»1-قېسىم 600-601-بەت،مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى).موڭغۇل ئالىمى مىڭچىبى بىلەن لۇلۇلۇ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش»ناملىق ماقالىسدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى توغرىلىق توختىلىپ شۇنداق يازغان:«ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار،لېكىن يازما ئەدەبىياتى بار مىللەت پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى»(«تارىم»ژورنلىنى 1988- يىلى11 - سان) . تۈركىيىلىك ئالىم ئۇنۋەر سۇھەيلى «تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىرپانىنى، ئىلمىنى، تىبابەتچىلىكىنى ئاسىيادا ئۇيغۇرلار مۇھاپىزەت قىلغان» («ئۇيغۇرلاردا تىبابەت» 1934- يىلى، تۇركىيە) دەپ يازغان. روسىيىلىك ئالىم ۋ.ۋ.بارتولد (V.V.Bartold) «مەدەنىي خەلقلەر ئىچىدە، مۇسۇلمانلار(بولۇپمۇ تاجىكلار) ۋە ئۇيغۇرلار،پەقەت ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس،بەلكى،ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئۇلۇسلارنىڭ ئۇلۇس(ئەل)باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانىدى. چۈنكى،ئۇلارنىڭ يەرلىك ۋاڭ،گۇڭ،ئاقسۆڭەكلەرگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان» («يەتتە سۈ تارىخىنىڭ ئپچىرىكى»76-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى).


دېمەك،ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاتىرلەنگەن  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،تارىخ-تەزكىرىگە دائىر ماتىرىياللار، ئۇيغۇر يۇرتىدا ساقلىنىپ قېلىنغان،ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە مەجۈت بولۇپ كەلگەن   ئىقتىسادىي ھۈججەتلەر، تىبابەتچىلىك، ئاستىرىنومىيە، دىن،ئىتنۇگىراىيە،جۈملىدىن ماددى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك   ھۈججەت-ۋەسىقىلەر،ئاسارە-ئەتىقىلەر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس،بەلكى بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، ئالتاي تىلى سىستىمىسىدىكى مىللەتلەر،جۈملىدىن جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى،غەربىي يۇرت،ئوتتۇرا ئاسىيا،يىپىك يولىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسىنى،مىللەتلەر تارىخىنى ئۈگىنىشتە، تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماتىريال ۋە بويۇملار ھىساپلىنىدۇ.


6.چەتئەللەردىكى «ئۇيغۇرشۇناسلىق» تەتقىقاتىنىڭ قىممىتىگە تۇتىلىدىغان پوزىتسىيە  


-چەئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق دېگەندە ئاساسلىقى ياۋرۇپانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق كۆزدە تۈتىلىدۇ.ياۋروپادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق كاپىتالىزىم شارائىتىدا،بۇرژۇئازىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن،ئالدى بىلەن سىياسي مەخسەتتە ئېلىپ بېرىلغان.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا ئۇيغۇرشۇناسلىقىدا ئىجابىي مەزمۇنلار بولۇش بىلەن بىرگە، سەلبى مەزمۇنلارمۇ مەۋجۈت بولۇپمۇ كەلگەن.


ياۋروپا ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن،ئۇلار ئۇيغۇرشۇناسلىق ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى،ئۇلار ياشىغان تىرىتۇرىيىدىكى يوقۇلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى توپلاپ، يېغىپ ساقلاپ، رەتلەپ،تەتقىق قىلىپ،خەلقارا ئېلم ساھەسىگە بۇرۇنراق ئېلىپ چىقىپ، شەرقشۇناسلارنىڭ دىققىتىگە ئېلىندۇرۇش، ئۇيغۇرشۇناسلىقنى زامانىۋىي ئېلىم تارمىقى قىلىپ شەكىللەندۈرۈش  جەھەتتە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇلار ئەشۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا،ئۇيغۇرلار تارىختا ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي،موڭغۇل تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى بولۇپ كەلگەن»( Rene.Grousset ‹فرانسىيە›«يايلاق ئىمپىرىيىلىرى» 147- بەت، چىڭخەي خەلق نەشرىياتى،1991-يىلى خەنزۇچە نەشرى)،ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئەدەبىي تىل پورمىسى،ياكى ئىنىق قىلىپ ئىيقاندا«ئۇيغۇرلار تۈركى تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا قۇۋەتلىكرەك،مەدەنىيەتلىرىمۇ يۇقۇرى بولغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ تىللىرى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن» (ئە.ز.توغان سۆزى،«تۈرك-تاتار تارىخى»86-بەت.قازان،1914-يىلى)، «كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاشغەرىيىدىكى  تۈركىي تىللىق بىرمۇنچىلىغان خەلقلەرگە ئورتاق مىراس بولغان يادىكارلىقلاردۇر »(«سوۋېت ئىنسىكىلوپىدىيىسى» 3-نەشرى،26-توم، 530-بەت، موسكىۋا). ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە ئىگىلىك قۇرۇلمىسى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، قاتناش، سودا-تىجارەت، باشقۇرۇش ئىلمىي،قانۇنچىلىق، مالىيە ئىشلىرى، دىپلۇماتىيە ئىشلىرى، تىبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تىل-ئەدەبىيات، پەلسەپە، سەنئەت،  دىنىي مەدنىيەت  قاتارلىق تەرەپلەردىكى نەتىجىلىرى خېلىلا تەرەققى قىلغان ۋە سېستىمىلاشقان بولۇپ،جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ يەكۈنلىشى بويىچە بولغاندا: «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت» (جۇۋجىڭباۋ«جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى،تەرەققى قىلىش تارىخى ھىققىدە قىسقىچە بايان»،«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە» 89-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992-يىلى نەشرى) بولۇشتەك ھادىسىنى شەكىللەندۈرگەن.ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى:بىرىنچىدىن،يېزىق قوللىنىش ۋە تارقىتىش،ئىككىنچىدىن،ئەدەبىي تىلنى غەرپكە تارقىتىش، ئۈچىنچىدىن،مەتبەچىلىكنى غەربكە تارقىتىش،تۆتىنچىدىن،ياراتقان مەدەنىي ھۆججەتلىرىنىڭ موللىقى،  بەشىنچىدىن،دىنى مەدەنىيەتنى تارقىتىش(لى يۇڭ«ئۇيغۇرلار تارىخىي شانۇ- شەۋكەت ياراتقان مەرەپەت ئۇستازلىرى»،«ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» 1998-يىلى 1-2- بىرلەشمە سان،خەنزۇچە).بۇ خىل بايانلارنىڭ  مۇھىم نۇقتىلىرىنى،ئىجابىيلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ،دەپ قاراپ، بۈگۈنكى جۇڭگو ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىيىياتى ئۈچۈن  ئۆرنەك قىلىشقا، پايدىلىنىشقا بولىدۇ. بىراق،چەتئەل ئۇيغۇرشۇناسلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرى ياشاپ تۇرغان زامان، ماكاننى ئالدىنقى شەرت قىلىپ تۇرۇپ،ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن،  ئايرىم تارىخى نۇقتىلارنى شەرھىلىگەندە ، خانلىق،ئۇلۇس-قەبىلە ناملىرى،يەر-رايۇن ناملىرىنى ئىشلەتكەندە جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دۆلەت سىياسىتى،مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىگە ماس بولمىغان مەسىلىلەرنى سادىر قىلىپ قويغان ياكى قويماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگودا ياشاپ تۇرىۋاتقان ئىلمىي خادىملار   جۇڭگونىڭ دۆلەت مەيدانىدا تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇپ،چەتئەل ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، سەلبىي تەرەپلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشىقا ماھىر بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىش  كېرەك،ئەلۋەتتە.


7.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دولەت ئىچىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەققىدە ئۇنۋېرسال يەكۈنلىمە ئېلىپ بېرىلغان   ئىلمىي ئەسەرلەر


ـــ 1949-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە جۇڭگودا ئۇيغۇرشۇناسلىق  ئىلمى توغرىلىق ئەتراپلىقراق ئىلمىي ئىزدىنىش بولمىغان.پەقەت 1950-يىللىرى فېڭ جياشىڭ«ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى»دېگەن بىر پارچە ماقالا يازغان بولۇپ،ئۇ قوليازما ھالەتتە ساقلىنىپ قېلىنغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1978-يىلى ئىشىكنى ئېىچىۋىتىش،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يىتەكچى كۆرسەتمىسى ئوتتۇرىغان قويۇلغاندىن كېيىن،جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرى بىرقانچە پارچە يىرىك ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ،جۇڭگودىكى ئېلىم ئەھلىلىرىگە خەلقارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك يوسۇندا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت،ئىلمىي ماقالىلار: «ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە»، (شېرىپىدىن ئۆمەر يازغان، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژونىلى»نىڭ 1982-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان)؛«جۇڭگو ۋە چەئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلار»(چېڭ سولۇ يازغان خەنزۇچە «مىللەتلەر تەتقىقاتى»‹民族研究، بېيجىڭ›ژورنىلىنىڭ 1982- يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى«ئىلمىي تەتقىقاتقا دائىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى»‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 1982-يىللىق 1-سانىدا، «ئالغا»ژورنىلىنىڭ 1983-يىللىق 2-سانىدا،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1988- يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان)؛ «ئۇيغۇرشۇناسلىق سېستىما قۇرۇلىشى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار»،(نيۇرۇجى يازغان، «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» 1998-يىلى 1-سانغا كىرگۈزۈلگەن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نەشرى)؛«ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەققىدە بىرنەچچە تەكلىپ»، ۋېي لياڭتاۋ يازغان، ( «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» 2000-يىلى 1-سانغا كىرگۈزۈلگەن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000 -يىلى نەشرى)؛«ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى» (ئادىل ئابدۇقادىر يازغان، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»نىڭ 2002-يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىنغان). كىتاپلاردىن: «قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى كۆرسەتكۈچى»(« 回鹘史指南»، مېڭ فەنرېن، خۇاڭ جېنخۇالار تەييارلىغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى خەنزۇچە نەشرى)؛ كاتالۇگلاردىن:«غەربىي يۇرت تارىخ-جۇغراپىيىسىگە دائىر ماقالە ماتىرىياللىرى كاتولۇكى»(«西域史地论文资料索引»›ليۇگې،خۇاڭ جيەنياڭلار تەييارلىغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى خەنزۇچە نەشر قىلغان)،«غەربىي يۇرت تەتقىقاتى كاتولوگى»(«西域研究书目»›چېن يەنچى،ساشالار تەييارلىغان،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1991-يىلى خەنزۇچە نەشرى)،«‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى›ماتىرىياللار كاتولوگى»  (تۇرسۇن ساۋۇت تۈزگەن،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى دەرسلىك بۆلۈمى 1991-يىلى باستۇرغان)،«ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماقالىلار كاتولوگى»(رەخىمە ئوسمان،خالىدە شاراخمانلار تۈزگەن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر كاتالوگ»(«维吾尔历史文化研究文献题录»،ۋۇيىڭ،چېن خاۋلىنلار تۈزگەن،مىللەتلەر ناشېىياتى 2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى).«ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر كاتولوكى»(ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 2004-يىلى نەشرى).بۇلاردىن باشقا،تارماق نۇقتىلار ھەققىدە،يەنى،ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى ئىلان قىلىنغان.


8.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە ھەرقايسى ئەللەردىكى  ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇلىش ئەھۋالى


    بۇ توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار ئىچىدە چەئەللىكلەرنىڭ يازغان ماقالىلىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋە خەنزۇ،ئۇيغۇر ئاپتۇرلىرىنىڭ يازغان ماقالىلىرى بولۇپ،نەچچە ئون پارچىغا يېتىدۇ.بۇلار دۆلەت ئىچىدە ئىلان قىلىنغان ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىبى بويىچە تۆۋەندىكلەردىن ئىبارەت.


چەتئەل مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئەسەرلىرى:


كىتاپلاردىن:


1.«چەتئەللەردىكى تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»(«国外突厥学研究概况»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەييارلىغان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر  نەشرىياتى 1980-يىلى خەنزۇچە نەشرى) ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەنماقالىلار: «سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى تۈركى تىلشۇناسلىقى» (A.H.Konunuv)، «ۋېنگىرىيىدىكى تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتى» (J.Kakuk)،  «گىرمانىيە فىدراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈركشۇناسلىقنىڭ ئەھۋالى»(G.Derfer)، «چىخسىلوۋاكىيىدىكى  تۈركشۇناسلىقنىڭ   ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات  ئىستىقبالى» (I.Blaškoveq)،   «پولشىدىكى تۈركشۇناسلىق ۋە ئالتايشۇناسلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالى» (1964 يىلى،  C.Kalujiniskiy)،  «يېقىنقى ئون يىل (1964-1973-يىللىرى Triyarckiy,.Э ) لىق پولشا تۈركشۇناسلىقى»   C.Kalujiniskiy))، «رۇمۇنىيىدىكى  تۈركى تىل- ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» (B.Drimva)، «ياپۇنىيىدىكى تۈركى تىلى تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى» (Fubu silang)، «شىۋېىتسىيىدىكى تۈركشۇناسلىق» (G.Yarring)  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


2.«ئالتاي تىل-ئەدەبىياتى ماقالىلىرى تاللانما تەرجىمىلىرى»(«阿尔泰语文学论文选译»  ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلار:«فىرانسىيىدىكى تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتى» (S.Skilliter ‹ئەنگىلىيە›، ۋېيسۇيى تەرجىمسى)، «ئەنگىلىيىدىكى تۈركشۈناسلىق مەركىزى»( S.Skilliter ‹ئەنگىلىيە›،ۋېي سۇيى تەرجىمە قىلغان)، «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىدكى مۇھىم باسقۇچلار»( A.H.Konunuv ‹سوۋېت ئىتتىپاقى›، شۇخاۋفۇ تەرجىمە قىلغان)، بۇ كىتاپ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر تەتقىقىقات ئىنىستىتۇتى تىل تەتقىقات ئىشخانىسى،جۇڭگو مىللىي تىلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى كاتىۋات باشقارمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ،  خەنزۇچە 1980-يىلى ئاددى باسما نۇسخا شەكلىدە بېسىلغان .


3.«فرانسىيىدىكى غەربىي يۇرت تارىخشۇناسلىقىنىڭ جەۋھەرلىرى»(«法国西域史学精粹») بۇ جەمئى ئۈ قىسىملىق كىتاپ بولۇپ،بۇلارغا جەمئى  46 پارچە  ماقالا تاللانغان بولۇپ،بۇلاردىن ئومۇمىي بايان خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغانلىرى  «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولى»(Lonis Hambis  قاتارلىقلار)، «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقاتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»  Hambis)  Lonis )،«فىرانسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى»(Robert Jera-Bezard)،«فىرانسىيىنىڭ ئەللىك يىلدىن بۇيانقى غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»(Hambis Lois)، «فىرانسىيىدىكى تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتى»(Louis Bazin)،«توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە تەتقىقات»(J.R.Hamilton)قاتارلىق ماقالىلار كىرگۈزۈلگەن.بۇ كىتاپنى گىڭ شىمىڭ تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان بولۇپ،ئۇقۇرمەنلەر نەشرىيات گورۇھى بىلەن گەنسۇ خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ 2011-يىلى 4-ئايدا نەشر قىلغان.


يەككە ماقالىلاردىن:


«قىزغىنلىق بىلەن تاۋلىنىش ۋە فىرانسىيە تۈركشۈناسلىقى» (Louis.Bazin ‹فىرانسىيە›،گىڭ شىمىن تەرجىمە قىلغان، خەنزۇچە«مىللەتلەرگە دائىر تەرجىمىلەر»‹民族译丛›ژورنىلى 1979-يىلى، 3-سانى ) ؛  «گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلار»(D.Hasanuv‹گىرمانىيە›،رىشات نۇرەخمەت تەرجىمە قىلغان، خەنزۇچە «ئۇتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ماتىرياللىرى»‹ئۈرۈمچى›ژو رنىلىنىڭ 1986-يىللىق 3-سانى )، «سوۋېت ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخشۇناسلىقى ۋە مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى» (‹T.M.Isқaқuf›، «جياڭ تېشيەن تەرجىمە قىلغان،خەنزۇچە«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇچۇرى» ژورنىلىنىڭ 1987-يىللىق 7-سانىدا ئىلن قىلىنغان)،«نىمىس ئۇيغۇرشۇناسلىرى»(Diyas Hasan،‹سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى›،«ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» ‹ئۈرۈمچى›،1987 -يىلى 1-سان)،«شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق» (Diyas Hasan، ‹سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى›،«ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» ‹ئۈرۈمچى›،1987 -يىلى 2-سان) ، «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشقۇچلىرى» (J.Saydiwaққasuv ‹سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى›، رىشات نۇرەخمەت تەرجىمە قىلغان، خەنزۇچە«مىللەتلەرگە دائىر تەرجىمىلەر»‹民族译丛›ژورنىلى 1989-يىلى،1 –سانى )،«سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق»( J.Saydiwaққasuv ‹ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى › گوجىژچاۋ تەرجىمە قىلغان، خەنزۇچە «مىللەتلەرگە دائىر تەرجىمىلەر»‹民族译丛›ژورنىلى 1989- يىلى، 6-سانىدا ئىلان قىلىنغان)، «روسىيىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار» ( O.Baқiyef ‹ئۆزبېكىستان› ماقالىسى،ياسىنجان تۇرسۇن تەييارلىغان، «بۇلاق» (ئۈرۈمچى› ژورنىلى 2005- يىللىق 3- سان)، «فرانسىيە ئالىملىرىنىڭ يىپەك يولى ۋە غەربىي يۇرت تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقاتى»(گىڭ شىڭ، «فرانسىيىدىكى غەربىي يۇرت تارىخشۇناسلىقىنىڭ جەۋھەرلىرى»ناملىق كىتاپقا «ۋاكالىتەن يېزىلغان كىرىش سۆز»2009-يىلى 8-ئاي، ،ئۇقۇرمەنلەر نەشرىيات گورۇھى بىلەن گەنسۇ خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ 2011-يىلى 4-ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلغان).


  جۇڭگو  مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ماقالىلىرى: «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»(چياۋجۇنخۇ ماقالىسى،خەنزۇچە«تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى» ‹ئۈرۈمچى›، 1986- يىلى 4-سان)، «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركشۇناسلىق مەخسۇس ئىلمى»(نيۇرۇجى ماقالىسى، خەنزۇچە«مىللەتلەر تەتقىقات ئۇچۇرىدىن تاللانما»‹بېيجىڭ›ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق 5-سانى )، «ۋېنگىرىيىدىكى شەرقشۇناسلىق- ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»(ۋېيلياڭتاۋ،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»‹ئىچكى سان›1987-يىلى 4-سان)، «چەتئەللەردىكى مەشھۇر تۈركشۇناسلار» ( نيۇرۇجى ماقالىسى، خەنزۇچە«مىللەتلەر تەتقىقات ئۇچۇرىدىن تاللانما» ‹بېيجىڭ›ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 4-سان، 1989-يىللىق 1-4-سانلار،1990-يىللىق 1-سانى )، «ئۇيغۇر تەتقىقاتى تەيۋەندە» (ليۇگې ماقالىسى، خەنزۇچە«ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» ‹ئۈرۈمچى› ژورنىلىنىڭ 1990-يىللىق 1-سانى )،«ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى شەرقشۇناسلىق- ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى» (ھېبىبۇللا خوجا لەمجىنى،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ‹ئىچكى ژورنال› 1990-يىللىق 2-سان)، «ۋېنگىرىيىدىكى شەرقشۇناسلىق-ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى  » (ھېبىبۇللا خوجا لەمجىنى،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»‹ئىچكى ژورنال›1990-يىللىق 4-سان)،  «تەيۋەندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى» (نيۇرۇجى ماقالىسى، خەنزۇچە«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 1993-يىللىق 3-سانى )، «ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى گىرمانىيىدە»، رەيخان ماقالىسى، خەنزۇچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ‹بېيجىڭ› ژورنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانى )، «فىرانسىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق ھۈججەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى» (نيۇرۇجى ماقالىسى، خەنزۇچە«غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ‹西域研究›ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 2-سان )، «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىركى روسىيە شەرقشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى»(شۇتاۋ ماقالىسى، خەنزۇچە«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 1994-يىللىق 3-سانى )،«گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى»،«ليۇگې ماقالىسى، خەنزۇچە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1994-يىللىق 3-سانى )،   «گېرمانىيەدىكى  ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى» ( نىيۇ رۇ جى، خەنزۇچە«  شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 2 -  سانى)، «شېۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە  ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى» ( نىيۇ رۇ جى،خەنزۇچە « شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»   (خەنزۇچە) نىڭ 1994- يىللىق1–سانى)، «ياپۇنلارنىڭ مەملىكىتىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخ-مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتى»  (توختى ماقالىسى، خەنزۇچە «مىللەتلەر تەتقىقاتى»‹民族研究›  ژورنلىنىڭ 1995- يىللىق 3-سانى ) «فىرانسىيىدىكى تۈركشۈناسلىق تەتقىقاتى»  (نيۇرۇجى ماقالىسى،  خەنزۇچە«تىل ۋە تەرجىمە» ‹ئۈرۈمچى› ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 1-سانى )، «روسىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى» (ن.ت،«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 1-سانى)، «گىرمانىيىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى» (مۇختەر مۇھەممەد، «مىراس» ‹ئۈرۈمچى› ژورنىلى 1999-يىللىق 4-سان)؛«ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»(تۇرسۇن پىداقۇل،«جۇڭگو مىللەتلرى»،2009-يىللىق 1-سان)؛  « روسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ئەسىرلىك مۇساپىسى » ( لى چى، خەنزۇچە « غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»‹ئۈرۈمچى› ژورنىلى نىڭ 2000-يىللىق 1 –سانى)، «غەرپتىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىغا نەزەر» (گىڭ شىمىن، خەنزۇچە «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»‹ئۈرۈمچى›،2004-يىللىق 3-سان)،«روسىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق»(شۈتاۋ،«شىبجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»خەنزۇچە 2004-يىللىق 3-سان،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى«شىنجاڭ يارشلىرى» ژورنىلى»نىڭ 2011-يىللىق 7-سانىدا ئىلان قىلىنغان)،«گىرمانىيىدىكى تۇرپانشۇناشسلىق تەتقىقاتى» (ئايسىمە مىرسۇلتان،«شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»،2005-يىلى 1-2-بىرلەشمە سان)،  «مەن ۋە ئيغۇرشۇناسلىق»(گىڭ شىمىن، خەنزۇچە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2005-يىللىق 4-سانى، ئۇيغۇرچىسى «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2005-يىللىق 3-سانىدا)،«ۋېنگىرىيىدىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى» (ئەلى غوپۇر، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 2-سانى)، «فىرانسىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق» (گىڭ شىمىن،خەنزۇچە«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا، ئۇيغۇرچە تەرجىمسى«كىرورەن»‹كورلا›ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 4-سانى ۋە «تۇرپانشۇناسلىق» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 1-سانىدا).  « كورىيەدىكى شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى » ( نام ساڭ گاڭ ماقالىسى ، تيەن ۋېيجىياڭنىڭ  باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن « شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007 –يىلى خەنزۇچە نەشرى)، «گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى»(تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» 2006-يىللىق 3-سان)،« غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى» (2009-يىلى ئەتىياز دا  Internet   تا ئۇيغۇر تىلىدا ئىلان قىلىنغان ماقالا)، «گېېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»(ليۇگې‹ئىمىنتاجى تۈرگۈن تەرجىمىسى›، «پەن ۋە تۇرمۇش»ژورنىلى 2012-يىلى 5-سان).


كىتاپلار:«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە ھۈججەتلىرىدىن ئوچىرىك»(«维吾尔组古代文化和文献概论»،گىڭ شىمىن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1983 -يىلى خەنزۇچە نەشرى)،«ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(«维吾尔历史文化研究»، توختى مۇزئارت،مىللەتلەرنەشىرياتى 1995-يىلى خەنزۇچە نەشرى)،«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى ۋە ھۈججەتلىرىگە مۇقەددىمە»(«维吾尔古文字与古文献导论»،نيۇرۇجى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى خەنزۇچە نەشرى).بۇ ئۈچ كىتاپتا چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ نەتىجىلىرى   تونۇشتۇرۇلغان.



9. جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرىنىڭ «چەتئەل ئۇيغۇرشۇناسلىق»ىغا بولغان ئىنكاسى


يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرى خەلقارادىكى   «ئۇيغۇرشۇناسلىق»نامى ئاستىدىكى ئىلىمگە بولغان پوزىتسىيىسى مۆتىدىل بولدى.يەنى1978-يىلىغىچە جۇڭگو  مۇتەخەسىسلىرى بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە ئالدىرمىدى.پەقەت،ئىشكنى ئىچىۋىتىش،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يىتەكچى كۆرسەتمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىنلا ئاندىن،بۇ ئاتالغۇ جۇڭگونىڭ مىللەتشۇناسلىق ساھەسىدە رەسمى ئىشلىتىلىشكە باشلىنىلدى. يەنى،يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ماقالا- ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكىدىن بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە.ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتۈپ، 1982-يىلنىڭ بېشىدىلاشىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا  شېرىپىدىن ئۆمەر ئەپەندى «ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە»ناملىق ماقالىسىنى ئىلان قىلىپ، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»تىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ خەلقارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى توغرىسىدا ئاشكارا مەتبۇئات ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكىلەرگە ئۈچۈر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.1994-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېىرىسىتىتىدا «ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى» قۇرۇلدى. 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا«جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» جەمىيىتى قۇرۇلدى.بۇ جەمىيەتنىڭ قۇرۇلىشى جۇڭگودا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى.نيۇرۇجى مەزكۇر جەمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاتاپ «ئۇيغۇرشۇناسلىق سېستىما قۇرۇلىشى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار» ناملىق ماقالىسىنى تاييارلاپ،ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەبىرى، ئالاھىدىلىكى ۋە مەخسىدى قاتارلىق نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ،كىشىلەرگە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى توغرىسىدا مېغىزلىق قىلىپ ئۈچۈر بېرىپ ئۆتتى.ۋېي لياڭتاۋ«ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەققىدە بىرنەچچە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىدا جۇڭگودا«ئۇيغۇرشۇناسلىق»ئىلمىنى ئىلىم ساھەسىگە رەسمى ئېلىپ كېرىشنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق يازدى: «يېقىنقى زاماندىن بۇيان،بولۇپمۇ ئىسلاھات،ئېچىۋىتىش يېڭى دەۋرىدىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا بەزى ئەگرى-توقايلىقلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن غايەت زور تەرەققىيات ۋە مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تېخىمۇ قوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكدەك تەكلىپنى بەرمەكچى:   ‹ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى› دېگەننى ‹تىبەتشۇناسلىق›،  ‹موڭغۇلشۇناسلىق›  دېگەنگە ئوخشاش ‹ئۇيغۇرشۇناسلىق›  دەپ ئۆزگەرتسەك، ھەم شۇنىڭغا ماس ھالدا‹جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىيىتى›نى‹ جۇڭگو ئۇيغۇرشۇناسلىق  جەمىيىتى› دەپ ئۆزگەرتسەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ‹ ئۇيغۇرشۇناسلىق› (Уируведение)دەپ ئاتىغانىدى. ‹شۇناسلىق› دېگەننى ئاڭلاپ باشقىچە ئويلاردا بولۇش ھاجەتسىز.مۇھىمى ئۇ مول مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە ئاتالغۇ بولۇپ، ‹دۇڭخۇاڭشۇناسلىق›، ‹تاڭغۇتشۇناسلىق › دېگەنگە ئوخشاش ساھە ھالقىتىپ ئۇنىۋېرىسال تەتقىق قىلىش دېگەنلىكتۇر... ئۇيغۇرشۇناسلىقنى خەلقارالىق بىر ئىلىمگە ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەنمىز ئالدى بىلەن مۇستەھكەم ماتىرىيال ئاساسىمىز بولىشى ھەم ئورتاق تىلغا تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك.ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە كۆزگە چىلىققۇدەك ئىلىمگە ئايلاندۇغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلىپ خەلقارالىق بىر پەنگە ئايلىنالايدۇ.»پروفىسسۇر ۋېي لياڭتاۋ ئەپەندىنىڭ بۇ قارىشىنىڭ سالمىقى چوڭ،تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ،كەڭ ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.شىنجاڭ ئۇنېۋېرىستىتىنىڭ پىروفىسسۇرى لى شاڭرۈي ۋە دوكتۇر نيۇرۇجى قاتارلىقلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇنېۋېرىستىتى ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇنى نامىدا «ئۇيغۇرشۇناسلىق»تەتقىقات گورۇپپىسى قۇرۇلۇپ ۋە «ئۇيغۇرشۇناسلىق»نامى بىلەن تەتقىقات تۈرى تۈزغۇزۇلۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتىتىنىڭ مەبلەغ يارىدىمىگە ئېرىشىپ،1996-1998-يىلىغىچە خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلغان.شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى رەھبەرلىرى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ قوللىشى ھەم يارىدىمى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ،«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى ۋە قەدىمكى ھۈججەتلىرىگە مۇقەددىمە»(«维吾尔古文字与古文献导论»牛汝极著،نيۇرۇجى يازغان)، «ئۇرقۇن-يەنسەي مەڭگۇ تاشلىرىنىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات» («鄂尔浑—叶尼塞碑铭语言研究»    耿世民、阿不都热西提•亚库甫编著 ،گىڭ شىمىن،ئابدۇرېشىت ياقۇپلار يازغان)،«قەدىمكى ئۇيغۇر ھۈججەتلىرىنىڭ تىلى ھەققىدە قىسقىچە تەزكىرە» («回鹘文文献语言简志»李增祥、张铁山、买提热依木编著،لى زېڭشياڭ،جاڭ تېشيەن،مەترىيىم سايىتلار يازغان)،«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دېئالىكىتى»(«现代维吾尔语罗布泊方言» 米尔苏里唐•乌斯曼著، مىرسۇلتان ئوسمان يازغان)،«قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»(«维吾尔古代文学研究»海热提江•乌斯曼著،غەيرەتجان ئوسمان يازغان)،«ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(«维吾尔族建筑文化研究»徐清泉著،شۈچىڭچۈەن يازغان)،«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى»(«现代维吾尔族民俗文化»袁志广著،يۈەن جىگۇاڭ يازغان) قاتارلىق يەتتە كىتاپ تەييارلانغان، بۇلاردىن ئالدىنقى ئالتە كىتاپ «ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى مەجمۇئەسى»(维吾尔学研究丛书)سەرلەۋھىسى ئاستىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى خەنزۇ تىلى بىلەن نەشر قىلىنىپ تارقىلتىلغان،بۇلارغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتىتى،شىنجاڭ  ئۇنىۋېرىستىتى مەبلەغ يارىدىمى بەرگەن.بۇ كىتاپلارنىڭ  نەشر قىلىنىشى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە مەخسۇس «ئۇيغۇرشۇناسلىق»نامىدا خاس مەجمۇئەنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى نامايەن قىلىپ ئۆتكەن. بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇھىم بىر ۋەقە بولىشى تۇرغان گەپ ئىدى، ئەلۋەتتە. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا  2004- 2005-يىللىرى غەيرەتجان ئوسمان ماگىستىرانلار ۋە بىر قىسىم ئىنتىلىشچان سىتۇدېنتلارغا «ئۇيغۇرشۇناسلىق» دېگەن دەرسنى ئۇچ قارار (مەۋسۇم) لىكسىيە قىلىپ سۆزلەپ،دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى «ئۇيغۇرشۇناسلىق» نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن ۋە تەسىرى ياخشى بولغان.مانا بۇلار جۇڭگودا «ئۇيغۇرشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ قېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەل  زامانىۋىي ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ جۇڭگودىكى ئىجابىي تەسىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.     


10.ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر


«چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق»نى دۆلەت ئىچىدە تونۇشتۇرۇش جەھەتتە نەچچە ئون يىلدىن  بۇيان ئىجابىي خىزمەتلەر كۆپ ئىشلىنىپ،ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ،بىراق،بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلىنىپ تۇرۇلدى.بۇنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن يەكۈنلەشكە توغرا كېلىدۇ:


بىرىنچى،تونۇشتۇرۇش تەكرار بولۇش،مەتبۇئات ئىسراپچىلىقى كۆرۈلۈش.ئۇيغۇرشۇناسلىققا قىزىققۇچى بەزى ئىلمىي خادىملار باشقىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ،تونۇشتۇرماقچى بولغاندا،شۇ ئىلمىي ئەسەر تەرجىمە قىلىنغانمۇ-يوق،دېگەننى ئاختۇرۇپ  كۆرمەي،تەكرار-تەكرار ئىش ئېلىپ بېرىپ،ۋاقىت،زىھىن ۋە مەتبۇئات ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، «جۇڭگو ۋە چەئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلار» ناملىق ماقالا 1980-يىللاردىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇر تىلىغا ئۈچ قېتىم تەرجىمە قىلىنىپ،ئۈچ خىل ژورنالدا  ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىلان قىلىندى.بۇنىڭدىن سىرت،باشقا ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭمۇ شۇنداق بولغانلىرى بار.بۇنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ،ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئەسەرنى تەرجىمە قىلغاندا،ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ،دېگەن پىكىر كىشىلەرنىڭ ئىسىدە بولىشى كېرەك،ئەلۋەتتە.


ئىككىنچى،جۇڭگو ئاپتۇرلىرى ئۇچۇرنى تولۇق ئىگىلىمەي،بىر-بىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق كۆرمەي،ئىشنى تەكرار قىلىش،چالا قىلىش،ئەستايىدىل بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تۇرۇلدى.يەنى،بىر نۇقتا ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەندە،باشقىلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىدىن بۇرۇن ئىزدىنىپ كۆرگەنلەر بارمۇ-يوق،بار بولسا قانچىلىك دەرىجىدە ۋە سەۋىيىدە بولغان،بۇ توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي تۇرۇپلا يېڭىدىن ئىشقا چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللار سادىر بولۇپ كەلمەكتە.


ئۈچىنچى،ئاتالغۇلارنى خالىغانچە تەرجىمە قىلىۋىتىپ،ئۈچۈر  مۇجىمەللەشتۈرۈپ قويۇلدى.يەنى،چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئىسىم-پەمىلىسى،ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ نامى ،يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئەسلى يېزىلىش ۋە ئوقۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە سەل قارىلىپ، خالىغانچە تەرجىمە قىلىنىپ، تىلدىن- تىلغا (مەسىلەن، خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا،چەتئەل تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا،خەنزۇ تىلىدىن يەنە ئۇيغۇر تىلىغا) ئايلاندۇرۇلۇپ،  ياكى بۇزۇلغان تىرانسىكىرپىسىيە شەكلى قوللىنىلىپ،خەلقارالىق ئىلىم دەرىجىسى بويىچە بولماي،دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزىنى ساقلاشقا تەسىر يەتكۈزۈلدى.مۇبادا بۇلارنى كەينىگە ياندۇرۇپ،ئۆز تىلىدىكى ماتىرىيالغا ئايلاندۈرۇشقا توغرا كەلسە،جاپالىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈشتەك قىسمەت پەيدا قىلىپ قويۇلدى.بۇنىڭدا،يەنى ئاتالغۇ مەسىلىسىدە ئەينەنلىككە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىش كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە.


تۆتىنچى، پايدىلىنىش ماتىرىيالىنى تولۇق بەرمەسلىك،مەنبەئە كۆرسەتمەسلىك، كۆرسىتىلگەن مەنبەئە ئۆلچەملىك بولماسلىق،مەنبەئە(كاتولوك ياكى بېبلوگىرافىيە)لەر قانۇنىيەتلىك ھالدا تۈزۈلمەسلىك،ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى كۆرمەسكە سېلىۋىلىش،ئۇنتۇلۇپ قالغان بولۇۋىلىش،چۈشۈرۈپ قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلىنىپ تۇرۇلدى.


بەشىنچى،ۋاقىت،يىلنامىلارنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسىگە سەل قارالدى.چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنى تونۇشتۇرغاندا،كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ ياشىغان ۋاقتى ئىنىق بېرىلمەي،ئەسىرلەر بويىچە ئېلىنىپ،ئىلان قىلغان ئەسەرلەرنىڭ ۋاقتىمۇ بېرىلمەي،ۋاقىت-يىلنامە مەسىلىسىدە ئىنىقسىزلىق،مۇجىمەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويۇلدى.بۇلار ئىلمىي تەتقىقاتتا دىققەت قىلىنمىسا بولمايدىغان نۇقتىلارنىڭ بېرى ئەلۋەتتە.


ئالتىنچى،بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەھۋالى تەكرار تونۇشتۇرۇلۇپ،بەزىلىرى توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىق.مەسىلەن روسىيە،گىرمانىيە،ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق توغرىسىدا تەكرار-تەكرار تونۇشتۇرۇش ماقالىسى يېزىلدى،بىراق،  قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان،ئەزەربەيجان، مولداۋىيە، موڭغۇلىيە، ئىسرائىلىيە    پولشا، رۇمىنىيە،چىخسىلوۋاكىيە، ۋىنگىرىيە، ئامېرىكا، ئاۋېستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق توغرىسىدا يۈزەكى بايان بېرىلدى،بەزىلىرى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ئىشى زادى قىلىنمىدى.بىر تىمىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن،ئەتراپلىق بولۇش لازىم،چالا قالغانلىرى بولسا ئامال بار تولۇقلاش كېرەك.


يەتتىنچى،كاتولوك-بىبلوگىرافىيە ئىشلەشكە سەل قاراش.جۇڭگودا خەنزۇچە ئىلان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ كاتولىكى قەرەللىك ھالدا ئىشلىنىپ تۇرىلىدۇ.چەتئەللەردىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكى ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىدا ئىلان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ كاتولىكى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، بىراق، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»قا دائىر ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كاتولىكى ئۆلچەملىك ئىشلەنمىگەن ياكى چوڭ كاتولوكلاردا  «ئۇيغۇرشۇناسلىق»دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئىلىنىپ يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نامىنى تولۇق تېپىش بەسى مۇشكۈل بولماقتا.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق»نى تونۇشتۇرغۇچىلار دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز ھالدا ئىش ئىلىپ بېرىپ،نۇرغۇن نۇقتىلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن بىرگە،ئىشنى چالا قىلىپ قويۇشماقتا.بۇنداق قىلىش ئىلىمغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.بىر ئىشنى قىلماسلىق كېرەك،قىلغاندىن كىيىن ئامال بار تولۇق قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئەستە ساقلاش لازىم،ئەلۋەتتە.شۇنداق قىلغاندا،ئىلمىي خادىملارنىڭ ئىلمىي روھىي ۋە پەزىلىتى جارى بولىدۇ،باشقىلار ئۇلارنىڭ ئىلمىي خىزمىتىدىن رازى بولىدۇ.


خۇلالسە قىلىپ ئيتقاندا،«ئۇيغۇرشۇناسلىق» چەتئەللەردە ئىلىم تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن بولىشىغا قارىماي،بۈگۈنكى كۈندە ، جۇڭگودا ئۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى ئالاھىدە چوڭقۇر بولدى،جۇڭگونىڭ ئەئەنىۋىي ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي ئۆز يۇرتىدا يېڭى دەۋرگە خاس ئۇسسۇل بويىچە جانلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 1980- يىللاردىن ئىلگىرى«ئۇيغۇرلار جۇڭگودا،بىراق ئۇيغۇرشۇناسلىق چەتئەلدە» دېيىلىشتىن، «ئۇيغۇرلار جۇڭگودا، ئۇيغۇرشۇناسلىقمۇ جۇڭگودا»دېيىلىشنىڭ ئاساسىي مۇقامى شەكىللىنىشكە باشلىدى دېيىشكە ئىمكانىيەت يارىتىلدى. بۇنى  قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە دىمەي بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.


    تورغا يوللىغۇچى: خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-1 07:16 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
guzal_atux + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 04:44:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت ئەڭ نادىر يازما ئىكەن ، غەيرەتجان مۇئەللىمنىڭ  ئۇيغۇر  تارىخ مەدەنيىتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىگىكە  كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك مىۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 08:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئوبدان ئىش بوپتۇ .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 09:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر ئەپدىنىڭ ماقالىلىىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن...تېما ماۋزۇسىنى كۈرۈپلار غەيرەتجان ئەپەندىنى مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن....

رەھمەت جاپا چىكىپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 09:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 10:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما نادىرلانسا ئەرزىيدۇ .   ھازىر بىزدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىللىك ئەخلاق دەپ ئويلايمەن .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-3 08:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ جاپا تارتىپسىز خوجىنىياز مۇئەللىم، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر! غەيرەتجان مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالىسى قايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغاندۇ؟ ئېنىق مەنبەسىنى بىر ئېيتىپ بەرسىڭىز. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش