بىزدىكى ئىملا خاتالىقلار
مۇشۇ تېما توغرىلىق گەرچە بىلگەنلىرىم كەمچىل بولسىمۇ، يېزىپ كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم. يېزىق كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشتىكى مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ. لېكىن يېزىقىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. مەيلى قايسى مىللەتنىڭ يېزىقى بولسۇن چوقۇم ئۇنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۇ مىللەتنىڭ يېزىقى شۇ مىللەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ھۆرمەت قىلغاندا، توغرا بولغان ئالاقە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەب-فارىس يېزىقىدىن كىرگەن بولۇپ، 8 سوزۇق تاۋۇش 24 ئۈزۈك تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان. ئۇيغۇر يېزىقى قارغۇلارچە يازىدىغان يېزىق بولماستىن بەلكى ئۆز ئالدىغا ئىملا قائىدىسى بار. بىراق ھازىرىقى قېرىنداشلىرىمىزدا ئىملا خاتالىقى كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ، توربەتلەر، مۇنبەرلەردە بۇ مەسىلە ئىنتايىن كۆپ ساقلانغان. تۆۋەندە بۇ مەسىلىلەرگە ئائىت بىر قانچە مىساللار يېزىپ چىقتىم:
1. «ئۇسۇل» بىلەن «ئۇسسۇل» نىڭ توغرا ئايرىيالماسلىقى، مەسىلەن:
ئۇسۇل ــ مىسىرانىم مۇنبىرىنىڭ ئۆزگىچە تور لايىھەلەش ئۇسۇلى بار.
ئۇسسۇل ــ مىسىرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى.
2. «سۇدا» بىلەن «سودا» نىڭ توغرا ئايرىيالماسلىقى، مەسىلەن:
سۇدا ــ بۇ ئىچىملىككە سۇدا سۈيى ئارلاشتۇرۋېتىپتۇ.
سودا ــ ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى.
3. «ئون» بىلەن «ئۇن» نىڭ توغرا ئايرىيالماسلىقى، مەسىلەن:
ئون ــ بىر قاپ تاماكىنىڭ كېرىش باھاسى ئون يۈەن بولىدۇ.
ئۇن ــ دىئابىت كېسىلى بارلار ئۇن تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك.
4. «ئىچىش» بىلەن «ئېچىش» نى توغرا ئايرىيالماسلىق، مەسىلەن:
ئىچىش ــ ھاراق ئىچىش ياخشى ئادەت ئەمەس.
ئېچىش ــ مەبلەغ چىقىرىپ، مەھسۇلاتنى سېرتقا ئېچىش كېرەك.
5. «قول» بىلەن «قۇل» نىڭ توغرا ئايرىيالماسلىقى، مەسىلەن:
قول ــ ئوڭ قول ئاساس قىلىنسا، ھەرىكەت توغرا ئىشلەنگەن بولىدۇ.
قۇل ــ سەن ئۇنى قۇل قىلىپ نىمە پايدىغا ئېرىشمەكچى ئىدىڭ.
بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن خاتالىقلار مەۋجۈت. ئەڭ چوڭ خاتالىق «كاۋاپ» نىڭ «كاۋاس» دەپ ئالمىشىپ يېزىلىپ قىلىشى. بۇنداق مىساللار كۆپ بولۇپ، مەسىلەن «بۈگۈر» بىلەن «بۈگۈن» نىڭ ئالمىشىپ يېزىلىشى، «ئامىن» نىڭ «ئامىل» دەپ يېزىلىپ قىلىشى، «ئەكبەر» نىڭ «ئەكپەر» دەپ يېزىلىپ قىلىشى دېگەندەك. مەسىلەن، ئىسىملارنىڭ بەزىدە خاتا يېزىلىپ قىلىش ئەھۋالى سادىر بولىدۇ. مەسىلەن: «ئابدۇھېمىد» نىڭ «ئابلىمىت» دەپ يېزىلىشى، «مۇھەممەد» نىڭ «مەھەممەت، مەمەت» دەپ يېزىلىشى، «قۇربان» نىڭ «قۇۋان» دەپ يېزىلىشى، «ئەھەد» نىڭ «ئەخەت» دەپ يېزىلىشى، «زۆھرە» نىڭ «زۆرەم» دەپ يېزىلىشى، «فاتىمە» نىڭ «پاتىمە، پاتەم» دەپ يېزىلىشى. مەن بىر قېتىم بىر مۇنبەردە مۇنداق بىر خاتالىقنى بايقاپ قالدىم. «ئۇ قىزغا يوغان تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا سۇ تۇربىسى ئورنىتىمەن». بۇ گەپ ئوقۇلۇشتىلا شۇنداق سەت گەپ بولۇپ تويۇلىدۇ، بىراق ئاپتورنىڭ ئەسلى يازماقچى بولغىنى «ئۇ قىرغا يوغان تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا سۇ تۇربىسى ئورنىتىمەن». بۇنىڭدا بىز زور بولغان خاتالىقنىڭ جۈملە مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇق. يەنە بىر ماقالىدە، مۇنداق بىر خاتالىقنى بايقىدىم. « بىر قۇڭ ماي، بىر ئاينى ئۆتكۈزۈشكە يېتىدۇ». بۇنىڭدىكى خاتالىق «تۇڭ» نىڭ «قۇڭ» دەپ يېزىلىشى. بۇنىڭدا جۈملىنىڭ مەنىسىنىڭ سۈپىتى يامان تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. تۈرك خانلىقى تارىخىدىكى بىر ئەلچىنىڭ «قىزىل تۈرك» نى «قىرىل تۈرك» دەپ يېزىپ كاللىسىدىن جۇدا بولغان بىر ۋەقەلىكنى ئەسلەپ قالىمەن. چۈنكى يېزىق بەزىدە كىشىنىڭ ھاياتىغىمۇ زامىن بولىدىكەن. شۇڭا ھەممەيلەن ئۆز يېزىقىمىزنى توغرا يازايلى ۋە توغرا ئىشلىتەيلى. ئىملا خاتالىقىدىن ئورتاق ساقلىنايلى. ئەسلىدە بۇ تېمىنى نۇرغۇن مىساللار بىلەن بايان قىلغىلى بولىدۇ بىراق چەكلىك بولغان بىلىم قولۇمدىكى قەلەمنى قىسقا ئارىلىقتا توختىتىپ قويدى. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاقلىشىپ كۆرۈشىنى ۋە مۇشۇ مەسىلىنى تەڭ تۈزۈتۈشىمىزنى لايىق كۆردۈم.
مەنبەسى: ئۆزۈمنىڭ بايقىغانلىرى