ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالامسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەھلى، ئىلىم-بىلىم ئىگىلىرى: بىز دىيارىمىزنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە بىر قانچە دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئالدىمىزغا تىل تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ ،خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغىنىمىزغا 10 يىل بولاي دەپ قالدى.
خەلق بىزنى قوللاپ، بىزگە ئىشىنىپ پەرزەنتلىرىنى بىزگە خاتىرجەم تاپشۇردى. بىزمۇ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي ،ھەر خىل بوران-چاپقۇنلاردا تىز پۈكمەي، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق.
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن بىزگە يەنە ئىنگىلىز تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، (باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ )ئوقۇتقۇچىلىرى كېرەك ئىدى.
مۇشۇ ساھەلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى خالايدىغان غايىلىك، ئىرادىلىك، دوستلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسا، ياكى مۇشۇ خەۋەرنى تونۇش بىلىشلەرگە يەتكۈزۈپ قويسا تولىمۇ مىننەتتار بولاتتۇق.
كىچە-كۈندۈز جاپا تارتىپ، قاتتىق نان غاجاپ ، تولىمۇ مۇشەققەتتە بىلىم ئىگىلەپ يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلىكىڭىزنى ھۆرمەتلەيمىز، قەدىرلەيمىز. دىمەكچى بولغىنىم، مۇئاش تەمىنات جەھەتتىن سىزنى خاتىرجەم قىلىپ پۈتۈن كۈچىڭىزنى كەسىپكە قارىتىدىغان شارائىت يارىتىپ بىرىمىز.
(مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان بېرىش بولمىغانلىقتىن ئېلان شەكىلدە يېزىلمىدى)
ئىسمىم پەرھاتجان. تېلىفۇن نۇمۇرۇم: 13809925952، QQ نۇمۇرۇم: 815549608، ئۈندىدار نۇمۇرۇم تېلىفۇن ۋە QQ غا باغلانغان.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.