ئاجايىب سىرلىق ۋەقەلەر
ئالدىنقى يازمامدا بۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مېنىڭمۇ ھەم بۇ ھەقتە زور قىزىقىشىم بولغاچقا ، بىلىدىغان ئازغىنە ئۇچۇرلىرىمنى قىسقىغىنە قىلىپ قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كىلدى.
ئاۋال بىز خاككىرىلىق ھەققىدە توختىلىمىز : خاككىرى دىگەن بۇ ئىسىم كۆپىنچىمىزگە ئانچە چىرايلىق ئاڭلانماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكىى كىممۇ ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىغا باشقىلارنىڭ خالىغانچە كىرىپ _ چىقىپ يۈرۈشىنى خالىسۇن؟ ئەمما بۇ كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن بۇ بىر شەرەپ ئۇنىۋانىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بىز دەۋاتقان خاككىرىلىق دەل يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت.__ (يەنى پىروگىراممىر) ئەلىۋەتتە خاككىرىلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1.بىرىنچى خىلىدىكىلەر ________ پەقەتلا يوچۇق ئىزدەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ بۇلار ئەڭ تۆۋەن بولغاندا توردىكى تەييار يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ QQ مەخپىي نومۇرى ، توربەت باشقۇرۇغۇچىنىڭ Root ھوقۇقى مەخپىي نۇمۇرى ، ئېلىخەت مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى ئوغۇرلايدۇ. سەل تەجىربىلىكلىرى بولسا كۆزىگە سەت كۆرۈنۈقالغان توربەتلەرنىڭ يۇچۇقىنى ئىزدەپ تېپىش ، باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسىغا چاقچاق قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ سېلىشى مۇمكىن. تەجىربىسى ناھايىتى موللىرى بولسا ھەرقانداق شىركەت ياكى ئورگانلارنىڭ خالىسا كامىرا سېستىمىسىغا ، خالىسا ھىساباتىغا ، خالىسا ساندانىغا بۆسۈپ كىرىۋېرىدۇ.
2.ئىككىنجى خىلىدىكىلەر _____________ يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىگە ناھايىتى پىششىق بولغان، ھەم بۇھەقتە تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بىرقىسىم خاككىرىلار باركى ۋىروسنى يەنى ۋەيران قىلغۇچى يۇمشاق دىتالنى ئۆزى ياسايدۇ. ۋە ئۆزى بۇيرۇق يۈكلەيدۇ ۋە ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا كۆزىگە سەت كۆرۈنگەن بىرىنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلىۋىتىدۇ. مەسلەن : تور پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان بولغاچقا ، ئەگەر سەۋيىسى يەتسىلا خالىغان دۆلەتتىكى بىرەر شىركەتنىڭ كامىرا سېستىمىسىغا بۆسۈپ كىرەلەيدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئەڭ داڭلىق بولغىنى anonymous (نامسىز دىگەن مەنىدە) خاككىرلار ئەتىرتى ، خاككىر دەپ سانايدىغان بولساق 《تور دۇنياسىدىكى ساكلار》 دەپ ئاتالغان بۇ ئەترەتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. 2011 _ يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورى faceBook نىڭ ئەزا ساندانىغا ھۇجۇم قىلىپ مىليونلىغان faceBook ئابونىتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارلىنىپ كەتكەندىن كىيىن بۇ ئەترەتنىڭ نامى تېخمۇ داڭلىق بولۇپ كەتتى. ئالدىنقى يىلى دۇنيادىكى بىخەتەرلىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورگان ئالمىنىڭ ئابونىت ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ كەتكەندە بولسا دۇنيا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇلارنى تونۇپ كەتتى. گەرچە 2012 _ يىلىنىڭ ئاخىرىدا نىيۇيورىك شەھىردىكى ساقچىلارنىڭ ئانا _ بالىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدىن كىيىن بۇ ئەترەت توردا بايانات ئېلان قىلىپ ئامىركا ھۆكۈمىتىگە تەھتىد سالغان بولسىمۇ ئامىركا ھىچنىمە بولمىغاندەك جىم تۇرىۋالدى ، چۈنكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يىلىلاردىن بۇيانقى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يارىشا تا ھازىرغىچە بۇ ئەترەتنىڭ بىرمۇ ئادىمىنى تۇتالمايۋاتاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇتەشكىلاتنىڭ ئەزا قۇبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ تورغا ئېلان قىلغان ۋىدىئولىرىنى قاتمۇ _ قات تېخنىكىلىق سۈزۈشتىن كىيىن ئاندىن تورغا يوللايدىكەن. شۇڭا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەھلىلچىللىرى نە ئاۋازنى نە مۇھىتنى نە كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن.
2010 _ يىلىنىڭ يىل ئاخىردا مۇنداق بىر قىزقارلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. { ئەنگىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تارمىقىدىكى بىر بانكىنىڭ مالىيە ئاتچوتىدا غايەت زور مالىيە ئېقىم ئۇچۇرى كۆرۈلگەن. ئەھۋالنى بايقاپ ۋە كونتىرول قىلىپ بولغىچە بولغان ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 33 مىليارد فونىستېرلىڭ قىممىتىدىكى مالىيە رەقىمى ئاللىقاچان شىۋىتسارىيە بانكىسىغا يۆتكىلىپ بولغان. . . . ئامىركا ۋە ئەنگىليەنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەتىرىتى ناھايىتى تېزلا ھۆجۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە گىرمانىيەدىن قىلىنغان ۋىروس ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئەمما گىرمانىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى تەكشۈرۈشتىن كىيىن گىرمانىيەدىكى شىركەت مۇلازىمىتىرخانىسىنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھىلھىم شەھىردىن قىلىنغان تور ھۇجۇمدا كونتىرول قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. . . . كىيىنكى تەكشۈرۈشلەر ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنى تېخىمۇ قايمۇقۇپ كەتكەن . چۈنكى بۇ غايەت زور زەنجىرسىمان تور ھۇجۇمى بولۇپ ئەسلىي مەنبەسىنى ئېنىقلاش ناھايىتى قىيىنغا توختايتتى. . . .
ئەنە شۇنداق ئورۇنسىز ئۇرۇنۇشلار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى بىزار قىلىپ ئاخىرى كارىمۇ بولماس بۇلۇپ كەتتى. شۇ تاپتا 《نامسىز》 خاككىرلار ئەتىرتى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ سىرلىق ئەترەت دەپ قارىلىدۇ. ھازىرچە بۇ ئەترەت توغۇرلۇق شۇنداقلا (خاككىر) دىگەن ئۇقۇم ئۈستىدە مۇشۇنچىلىك توختىلايلى. راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئەترەت ھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇرغا ئېرىشىشىممۇ ناھايىتى تەس بىرئىش . . . .
ئەمدى بىز ۋىروس ھەققىدە قىسقىغىنا توختىلىپ ئۆتەيلى!
ۋىروس كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بۇ ئاتالغۇدىن قېنىق قورقۇنىچ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە كىشىلەر ۋىروس دىگەن ئىبارە بىلەن تەڭلا كۆز ئالدىغا قورقۇنۇچلۇق باكتىريەلەرنى كەلتۈرۈشى ئېنىق ، ئەمەلىيەتتە ۋىروسمۇ سىز ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دىتاللارغا ئوخشاشلا بىر پىروگىرامما نەتىجىسىدىن ئىبارەت. بىراق ئازراق ئوخشىماسلىقى بۇنىڭغا ئاراق ئالاھىدە بۇيرۇق كودى يۇكلەنگەن يېرى بار شۇ !
ئەمدى بىز ۋىروسقا ئاددى ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى! ئادەتتە بۇ خىلدىكى ۋەيران قىلغۇچى يۇمشاق دىتاللار سىز توردىكى ئېلانلارنى چەككەندە QQ دىكى قالايمىقان تورداشلارنىڭ ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلىش ، نامەلۇم ئېلخەت قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كومپىيۇتېرىڭىزغا كىرىدۇ ۋە ئۆزىگە يۈكلەنگەن بۇيرۇق بويىچە ھەركەت قىلىشقا باشلايدۇ. بەزىللىرى سىز ئۇنى چەككەندە ئاندىن قوزغىلىدۇ بەزىللىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ يەنە بەزىللىرى يىتەرلىك شارائىت ھازىرلانغاندا قوزغىلىدۇ …. ھەركەت تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئەلىۋەتتە !
ئەجبا سىز كومپىيۇتېرڭىزنى 关机 كونۇپكىسى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋەتتىم دەپ ئويلامسىز؟ ھې ھې ھې ئۇنداق ئاسان ئىش يوق پەقەت كومپىيۇتېرىڭىز توككا چېتىقلىقلا بولىدىكەن CPU توختىماي ھەركەتتە. يەنى ئەڭ تۆۋەن سەرپىياتتا توختىماستىن بارلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ۋىروسنىڭ ئىقتىدارى شۇنداق يۇقرى بولسا راستىنلا كومپىيۇتېرىڭىزنى خالىغان ۋاقىتتا قوزغىتىۋىتەلەيدىغانلىقىغا ھەتتا تورغا ئۇلاپ خاككىرغا ئىچىدىن ماسلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز ؟ ئەلىۋەتتە ئىشىنىشىڭىز كېرەك چۈنكى ئەمەلىيەت شۇنداق . ئادەتتىكى ئابونىتلارنىڭ ئىشلەتكىنىنىڭ نورمال بىر كومپىيۇتېر سەپلىمىسىنىڭ %10 گىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى (يەنى %90 تىن كۆپرەك ئىقتىدارى ئىشلىتىلمەيدۇ) بىلەمسىز؟ شۇنداق دۇنيادىكى %80 تىن %90 كىچەكومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ كومپىيۇتېرىنىڭ %20 چەشەپلىمىسىنى خورىتالىشى مۇمكىن. شۇڭا كومپىيۇتېرلار ئاساسەن سەپلىمىسىنىڭ خوراپ تۈگىگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ۋىروس ۋە سىرىتقى زەخمىلەر تۈپەيلى كاردىن چىقىدۇ.
تەبئىيكى ئاقساقاللىق بىلەن قىلغان تەھلىلىرىمىدە ئاز بولمىغان خاتالىقلار بار. ئەمما ئېنىقكى تەھلىل قىلىش قىلمىغانغا قارىغاندا توغىرلىققا يېقىنراق…. ئەگەر ئۇنتۇلۇپ قالغان ، مۇجمەل بولۇپ قالغان ، كام قالغان يەرلەر بولسا پىكىر بەرسەڭلار ! خۇشاللىق بىلەن داۋاملىق ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنىش نەتىجىللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان بولاتتىم …… |
2013 _ يىلى 31 _ ئۆكتەبىر _______ پادىچى
|