|
|
|
|
(بالىلار ئۈچۈن يېزىلدى. مۇنبەرداشلىرىم پەرزەنتلىرىگە ئوقۇپ بەرگەي)
"شاھ بولغان" پاقا
(مەسەل)
سازلىق بويىدا، ياشاركەن پاقا. چاتقال-قىرلاردىن، ئاشاركەن پاقا. .
ھاشارات،قۇشلار، ئاداشكەن ئاڭا. بېلىق،راكلارمۇ، قاياشكەن ئاڭا. .
ياشاركەن ئىناق، سازلىقتا ھەممە. ياز كۈنى داۋام، قىلاركەن بەزمە. .
كۈن ئۆتۈپ پاقا، خىيالغا پېتىپ، خىياللار ئىچرە، ئۇيقۇغا كېتىپ. .
كۆرۈپتۇ بىر چۈش، ئاجايىپ قىزىق: ئەشۇ سازلىققا، سىزارمىش سىزىق. .
"ماۋۇ دۆلىتىم، ماۋۇ پاسىلى. ماۋۇ دېڭىزىم، ماۋۇ ساھىلى. .
سازاڭ مۇشاۋۇر، چىكەتكە ئەسكەر. چاشقان ۋەزىرىم، قۇشقاچلار نەۋكەر. .
بېلىق غەۋۋاسلار، سۈزسۇن جاۋاھىر. ھەمراھلار جەڭ قىپ، بولسۇن باھادىر..." .
شۇنداق پەرمانلار، بېرەرمىش پاقا. "خوپ''دەپ ھەرياقتىن، كېلەرمىش سادا. .
شېرىن ئۇيقۇدىن، چۆچۈپ ئويغىنىپ. كېتىپتۇ پاقا، ئېغىر خۇرسىنىپ... .
چۈش ۋە رېئاللىق، قوشكېزەك ئەسلى. بۇ بىر بىشارەت، ماڭا دەل پەسلى! .
شۇ ئويدا پاقا، كېزىپ سازلىقنى. "شاھ بولۇش"چۈشى، قوزغاپ تارلىقنى. .
ۋۇجۇدى ئۇنىڭ، قۇتراپ كېتىپتۇ، شەيتىنى ئۇنىڭ، يايراپ كېتىپتۇ. .
ئۆزىگە ئۆزى، سالاپەت بېرىپ، چاندۇرماپتۇ ھېچ، كەتسىمۇ ھېرىپ. .
چاغلاپ ئۆزىنى، خۇددى بىر شاھتەك. سازلىق ئەھلىنى، گاچىدەك-گاستەك. .
بېرىپتۇ ئاۋۋال، سازاڭ يېنىغا. سوراپتۇ ئاندىن، پاتماي قىنىغا: .
"نەزەرىڭدە مەن، ئوخشايمەن كىمگە؟ جاۋاپ بەرگىنە، قاراي ھۆكۈمگە؟" .
ئېيتىپتۇ سازاڭ: "مېنىڭ دوستۇمغۇ. دوستلار بۇنىمۇ، سوراش كېتەمدۇ؟" .
چالۋاقاپ پاقا، كېتىپتۇ سەكرەپ. "خاتا- باھايىڭ، كەتمىدىم پەسلەپ! .
شاھىنشاھىڭمەن، بىلىپ قوي مېنى. تونۇپ قالىسەن، ھامان بىر كۈنى" .
قاپتۇ سازاڭمۇ، بېشىنى چايقاپ، ئالجىپتۇ پاقا، دەپتۇ ئۇ ئويلاپ... ......... چىكەتكە توپى، تارتىپ مەيلىنى. سىلىق-سىپايە، قىلىپ پەيلىنى. .
كەپتۇ پاقىجان، ئۇلار قېشىغا. شېرىن خىيالى، تېپىپ تېشىغا. .
گەپ باشلاپتۇ ئۇ:، "ياخشى تۇردۇڭلار، سىلەر شۇ تاپتا، كىمنى كۆردۈڭلار." .
شۇتاپتا ئۇلار، ئىكەن ئالدىراش. بۇنداق سوئالدىن، بوپتۇ گاڭگىراش. .
"دوستىمىز پاقا، شەك يوققۇ بىزدە. تۇغۇلدىمۇ يە، بىر گۇمان سىزدە؟" ....... بېرىپتۇ پاقا، چاشقان قېشىغا، نەزەر سېپ ئۇنىڭ، ئۈستىۋېشىغا: .
"ئېيتقىنا چاشقان، مەن كىمۇ،قېنى. باھايىڭ ئاڭلاپ، قۇتلايمەن سېنى" .
"سەن بىر پاقىغۇ، بىلىمەن سېنى. چۈشسە ھاجىتىڭ ، ئىزدەيسەن مېنى" .
كېتىپتۇ پاقا، چاچراپ ئورنىدىن. مۆكۈپتۇ چاشقان، قورقۇپ تۇرقىدىن... .
"بوشاشمايمەن ھىچ، كەلسىمۇ كۈلپەت. شاھلىقىم قولغا كەلگىچە ئەبەت. .
چۈشەر ئىشلىرىم، ئاستا جايىغا. قىلىپ شاھلىقنى، يەتسەم ۋايىغا!..." .
شۇ خىيال بىلەن، بەزلەپ ئۆزىنى. روھلىنىپ-سەكرەپ، تىكىپ كۆزىنى.
يېتىپ كەپتۇ ئۇ، كۆلنىڭ بويىغا. چوڭ ئۈمىد باغلاپ، بېلىق توپىغا. .
بېلىقلار شۇدەم، ھەريان ئۈزەركەن. يىمەك غېمىدە، كۆلنى كېزەركەن. .
كۆرۈپتۇ ئۇلار، دوستى پاقىنى. ئۈزۈپتۇ كۆزلەپ، قىرغاق-ياقىنى. .
"ئاچ قالدۇق بۈگۈن'' دەپتۇ بىلىقلار. "ئاز قاپتۇ كۆلدە، بىزگە ئوزۇقلار... .
كەلگەن قەدىمىڭ، خۇش بىشارەتتۇر. ئەكەلگەن ئوزۇق، بەلكى ئامەتتۇر!" .
ئاڭلاپ بۇ سۆزنى، چۆمۈپ سۈكۈتكە. تەسەللى بېرىپ، قايتىپ ئۆيىگە. .
خىيال سۈرۈپتۇ، ئۆزىچە شۇنداق: چۈش ۋە رېئاللىق، ئىكەنغۇ مۇنداق. .
قايتاي ئەسلىمگە، دوستلارنى تاپاي. جۆر بوپ ئىناقلىق، ناخشىسى ئېيتاي! ........... "شاھ بولغان" پاقا، پۇقرا بولۇپتۇ. سازلىقتا دوستلۇق، راسا چىڭىپتۇ... . .
مەنبە: ئىجادىيەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-31 11:46 AM
|
|
|
|
|
|