مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1938|ئىنكاس: 27

ئارسلان- پاكلىنىش (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88449
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 12:51:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاكلىنىش



(ھېكايە)




كاماندىروپكىدىن قايتىپ ئۆيگە كەلدىم. بۈگۈن نېمىشقىدۇ  ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپلا ئالدىمغا چىقىپ قارشى ئالىدىغان قاپقارا كۆزلىرىڭنىڭ ئوتلۇق بېقىشىنى كۆرەلمىدىم. قان... كىرىپلا كۆرگىنىم شۇ بولدى. بىزنى مامۇق تۈشەكلىرى بىلەن شىرىن چۈشلەر قوينىغا باشلايدىغان قار چېچىكىدەك ئاپئاق كىرلىك سېلىنغان كارىۋاتتا قېپقىزىل قان ئىچىدە سۇنايلىنىپ ياتاتتىڭ. چىرايىڭ تاتارغان، يۇمۇلمىغان كۆزلىرىڭدە قانداقتۇر خاتىرجەملىك، رازىمەنلىك ئىپادىسى... ساڭا ئاتاپ ئەكەلگەن سوۋغىتىم قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. ئەتە تويىمىزنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى، يەنە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئەمەسمىدى؟ ئېسىمنى يىغىپ ساڭا تاشلاندىم. يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىم  مۇزلىغان چىھرىڭگە توختاۋسىز چۈشمەكتە. بوغۇلغان ئۈنلىرىم سەندىن جاۋاب كۈتمەكتە، سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ ۋارقىرىماقتىمەن...

ۋەدە-قەسەملىرىڭنى شۇنچە ئاسان ئۇنۇتتۇڭمۇ؟ سەن نېمانچە تاش يۈرەك، نېمانچە ۋاپاسىز سەن؟... نىدالىرىم يالغۇزلۇق ئۇشقىرتقان تۆت تامنىڭ ئىچىدە لەيلەپ قالدى. ئۆي ئىچىگە زولمەت قاراڭغۇلىقى يېيىلىپ، ئۇرىدەك كۆزلىرىدىن قىپقىزىل ئوت يېنىپ تۇرىدىغان يىرگىنىشلىك بىر ئالۋاستى ئارىدەك قوللىرىنى سۇزۇپ «سەن قاتىل... سەن قاتىل» دەپ بۇغۇق ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىغىنىچە كانىيىمدىن سىقتى. يا ... ئاۋازىم بوغۇلۇپ، كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. قوللىرىم نېمىنىدۇ ئىزدەيتتى، كۆزلىرىم نېمىگىدۇ تەلپۈنەتتى. ماغدۇرسىز ئاياقلىرىم تاغ ئاستىدا قالغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن تېنىمنى كۆتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىپ تىترەۋاتاتتى. بېشىمنى كۆكرىكىڭگە قويدۇم. تەن قەپىزىڭدىن ئايرىلىپ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان روھىڭ، قايتىدىن ساڭا ھاياتلىق بەخىش ئېتىدىغاندەك، قوللىرىڭنى چىڭ تۇتۇپ ساڭا يەنىمۇ بەكرەك يېپىشتىم. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلىۋاتىدۇ. ئېھتىمال ئۇ سەن بىلەن چۈش باغچىسىدا كۆرۈشۈشكە ئالدىراۋاتسا كېرەك...

كۆزۈمنى ئاچتىم، قان پۇراپ تۇرغان ئۆيدە يەنە شۇ بايىقى مەنزىرە. كۆزلىرىم يەنە ياشقا تولدى. يۈرىكىم ئوق تەككەن ئاھۇنىڭ، قۇربانلىق قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە قوينىڭ تىپىرلىشىدەك ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى. ئىشەنمەيمەن، بەلكىم مېنىڭ روھىي ھالىتىمدە  قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەتەي شۇنداق يېتىۋالغانسەن، ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سىناۋاتقانسەن! ئۇنداق قىلماي كۆزۈڭنى ئاچ، جاراھەتلەنگەن قەلبىم نۇرلۇق كۆزلىرىڭدىن ئۆزىگە شىپاھلىق تاپسۇن!

بىزنىڭ تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقتىمىز ئېسىڭدە بارمۇ؟ دولقۇنسىمان چاچلىرىڭ، ئانار دانىسى پاتۇرۇپ قويغاندەك چىرايلىق يىمىرىلگەن لەۋلىرىڭ، داغ-چىكىتتن خالىي سۈزۈك يۈزلىرىڭ... تىلىمنى كالۋالاشتۇرۇپ، مېنى ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قويغانىدى. سۇنئى تاغ چوققىسىدىن شىرىلداپ  چۈشۈۋاتقان سۇلار، سۇ تاراملىرىنى سۆيۈۋاتقان مەجنۇنتاللار، ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ گۈللەر... بىزگە مەسلىكى كەلگەندەك لەرزان شامالدا ئويناقشىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى ئۆزەمنى بېشىمغا ھۇمايۇننىڭ تاجىنى كەيگەندەك شۇنچىلىك بەختىيار ھېس قىلدىم. سەن بارلىقىڭ بىلەن مېنىڭ ئىدىڭ...  ئەجىبا، بۇلار كەلمەسكە كەتكەنمىدۇ؟

ئۆينى مالىمان قىلىۋەتتىم، سېنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشىڭگە سەۋەپ ئىزدىدىم. نە بىرەر ئىمزايىڭ قويۇلغان خەت، نە سېنى بۇنچىلىك تەلۋىلىك قىلىشقا مەجبۇرلىغان ھېچنىمە تېپىلمىدى. جىنايەتكارسەن! ئۆزۈڭنىلا ئەمەس، مېنىمۇ ئۆلتۈردۈڭ. قەلبى ئۆلگەن ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ھايات يۈرىشىگە قانداقمۇ ئىمكان بولسۇن؟ ماڭا بەرگەن جاۋابىڭ مېنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئېيتقىنا، مەنمۇ تۇمۇرۇمنى كېسەيمۇ؟ بىنادىن ئۆزەمنى تاشلايمۇ؟...

*  *  *  *  *  *  *  *  *  *  

بۈگۈن سېنىڭ يىگىرمە نەزىرىڭنى بەردۇق... پەتىگە كەلگەنلەر بىر-بىرلەپ ئۇزاشتى.

ئويدە   ھۇقۇشتەكلا يالغۇز قالدىم. تاملارمۇ، ئۆي جاھازلىرىمۇ، سۇسىراپ بەرگلىرى سارغىيىشقا باشلىغان گۈللەرمۇ... ئېغىر قايغۇغا چۆمگەن. سىرتقا چىقالمايمەن، غەيۋەت- شىكايەتنىڭ ئوبىكتى مەن ئىدىم. باشقىلارغا قارىيالمايمەن، نەپرەتلىك كۆزلەر ماڭا تىكىلگەن. ئاتا-ئاناڭنىڭ ئوغىدەك سۆزلىرى، ئىنى- سىڭىللىرىڭنىڭ  قوپاللارچە دۈشكەللەشلىرى كەچكۈز ياپرىقىدەك قورۇشقا باشلىغان ماغدۇرسىز تېنىمنىلا ئەمەس، ئايرىلىش ئازابىدا تېخىچە ئەس- ھۇشىنى بىلەلمىگەن روھى دۇنيايىمنىمۇ خانىۋەيران قىلماقتا. ئۇلار دېگەندەك، سېنىڭ قاتىلىڭ بەلكىم مەن بولۇشۇم مۇمكىن. شۇنداق بولمىسا سەن ئەشۇ ماماتلىق يولىنى تاللايتتىڭمۇ؟

كۆزلىرىم چوڭايتىلىپ رامكىغا ئېلىنغان تويلۇق سۈرىتىمىزگە چۈشتى. مەن سېنى يېنىك قۇچاغلىۋالغان، قىيا بېقىپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرىڭدە بەخت جىلۋىسى... شۇ ۋاقىتتا مەن قۇلىقىڭغا «سېنى قۇچاغلىغان پېتى مۇشۇنداق قېتىپ قېلىشقا رازىمەن» دەپ شىۋىرلىغان ئىدىم، سەن «دىققىتىمنى بۆلمەڭە، رەسىمگە سەت چۈشۈپ قالىمەن» دەپ مېنى يېنىك نۇقۇغان ئىدىڭ. ئەشۇ نازلىق ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋىمدە قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى. راستىمنى ئېيتاي، كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ كېتىپتۇ. بىراق سەن قالدۇرغان ئازاپلار يۈرىكىمدىن زەررىچە كۆتۈرۈلگىنى يوق. مېنى تاشلاپ كەتكىنىڭگە ئۆزۈمنى زادىلا ئىشەندۈرەلمىدىم،  كىيىملىرىڭدىن ھىدىڭنى پۇرايمەن، كۆزلىرىم قولۇڭ تەگكەنلىكى نەرسىلەردىن سىمايىڭنى ئىزدەيدۇ. ھېلىقى ئالۋاستى بولسا ھىڭگاڭ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ «ئۇ كەتتى، سېنى تاشلاپ كەتتى!» دەپ يەنە شۇ بۇغۇق ئاۋازى بىلەن يۈرىكىمنى تىلماقتا.

بولدى قىلمايمەن، چوقۇم تاپىمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەن بولساڭمۇ، سېنىڭ ئۇ يولنى تاللىمايدىغانلىقىڭغا يۈرىكىم گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ. پاك مۇھەببىتىڭ، غۇبارسىز قەلبىڭ ئۆلىمىڭ توغرىسىدىكى بىمەنە خىياللىرىمنى بىتچىت قىلىدۇ. مۇشۇ ئۆيدە، بىزنىڭ كىچىككىنە دۇنيارىمىزدا چۇقۇم بىر مەخپىيەتلىك بار. سەزمىگەندىمەن، جىن چىراقتەك نۇرسىز پىلىلداپ قالغان كۆزلىرىم كۆرمىگەندۇ...

ئەينەك ئالدىدا ئۇھسىنىش، نادامەت ئىچىدە ئۆزۈمگە قارىماقتىمەن. بۆرتۈپ چىققان مەڭىز سۆڭەكلىرى تېشىۋېتەي دەپ قالغان تاتارغان يۈزلەر، گۆردەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يۇغان-يۇغان قارىقۇمچاق كۆزلەر، ھېلىتىنلا يامراۋاتقان ئىنچىكە قورۇقلار، ۋاقىتسىز ئاق ئارىلاپ كىرلەشكەن رەتسىز چاچلار، يوغىناپ قالغان جاۋغايلار... كۆز ئالدىمدا باشقىچە بىر ئادەم ماڭا غەمكىنغىنە بېقىپ تۇراتتى. ئۇ - تالايلىغان قىزلارنىڭ يۈرەكلىرىنى كاۋاپ قىلىپ، ئىشقى مۇھەببەت ئوتىدا پۇچۇلاندۇرغان، كېچىلىرى تولۇنئايغا بېقىپ، ھەسرەتلىك ياشلىرىدىن ئېتەكلىرىنى ھۆل قىلغان قىزلارنىڭ نازۇك كۆڭلىنى چىرايلىققىنا رەت قىلىپ، ئاكىلارچە بەخت تىلىگەن، سەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ شىرىن مۇھەببىتىڭدىن غالىپلارچە كۈلگەن، تۇرمۇشنىڭ غەم-غۇسسە، خاپىلىقلىرىنى سېنىڭ تاتلىققىنا بىر جىلمىيىشىڭدىن ئۇنتۇپ، مەڭگۈ سادىق ھەمراھىڭ بولۇشقا ئەھدە قىلغان، ئۆلىمىڭدىن كېيىن ئەنە شۇنداق غېرىپ، ئەنە شۇنداق بىگانە، تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان مەن ئىدىم. ئاخىرەتلىك ھەممە ئىشلىرىڭ ئۆز يولى بىلەن تۈگىدى. قىرىق نەزىرىڭ بېرىلگەن ئەشۇ كۈندىن باشلاپ سېنىڭ رىئاللىقتىكى تۇرمۇشۇمدىن شەكسىز يوقالغىنىڭغا ئىشەندىم. ئۆي دەيمەنۇ ، ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈلبىدە راستىنلا ئىككىمىزنىڭ بىرگە ياشىغىنىمىزغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، شۇنچىلىك سۇغۇق، شۇنچىلىك ۋەيرانە. پىغانلىق نالىلىرىمگە، ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئازابلىرىمغا بىر نەرسە ھەمراھ. ئۇ ھەر ۋاقىت ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. كۈلسەم كۈلىدۇ، يىغلىسام ئەگىشىپ يىغلايدۇ. شۇ تاپتا ئۇ كەينىمدىلا، ئەينەكتىن ئۇنىڭ ئەكسىنى كۆرمەكتىمەن. ئوت چاقناۋاتقان ئورىدەك كۆزلەر، بوينۇمدىن سىقىشقا تەييارلا تۇرغان ئارىدەك قوللار، ئادەمنى شۈركەندۈرۈپ تۈگەشتۈرۋېتىدىغان بۇغۇق پەرياتلار...

يالغۇز ئوغلۇمنڭ ئەتىۋارلىقى، ئۆيۈمنىڭ بىر دانە قىزىل گۈلى، دەپ سېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان، بارىدىغىنىڭنى ئاڭلىسا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغان ئاناممۇ، بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن بىھۇش بۇلۇپ يېقىلغىنىچە كېسەل كارىۋىتىدا ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ياتىدۇ. دادام ۋاپادار ھەمراھىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ساڭا ھەم ماڭا ئىچىدە نارازى بولۇپ قاپىقىنىمۇ ئاچمايدۇ. بىلەمسەن، بەخىت، كۈلكە... ھەتتا يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراقلاپ كەتتى. ھەممىنىڭ نەزىرىدە چىرايىمۇ، خۇلقىمۇ، ساداقىتىمۇ، مىجەزىمۇ، ئىشقىلىپ ئاياللار ئارىسىدا كەم تېپىلىدىغان سېنىڭدەك بىر لاتاپەت ئىگىسىنى مەن ئۆلتۇردۈم...

*  *  *  *  *  *  *  *  *  *

بۈگۈن ئىشقا كەلدىم. خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرەر غەلىتە مەخلۇققا ئۇچراپ قالغاندەك سۇغۇقلا سالام قىلىپ كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىشى، ئىما-ئىشارەت قىلىپ  ئۆز-ئارا قۇلاق يېقىشلىرى نىرۋامغا تەگدى. شۇنداقتىمۇ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئىشخانىغا كىردىم. ئۈستىلىمدە قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغان بىر تۇقام ماتېرىياللار تۇپا-چاڭلار ئاستىدا غېرىپسىنىپ ياتاتتى. ماتېرىياللارنى رەتلەپ، ئۈستەل، ئورۇندۇق، كومپىيوتېرىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرتۈپ چىقتىم. ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىمنى ئويلاشقاچ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردۇم. كۆپكۆك ئىسلار ھالقا-ھالقا بولۇپ تۈرۈلۈپ بوشلۇقلارغا سىڭمەكتە. قەلبىمدە تېخىچە بېسىقمايۋاتقان تەگسىز خىياللار يەنە غەليان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئاچچىققىنا ئۇھ تارتتىم. ئولتۇرسام، قوپسام، ماڭسام... سەن ماڭا ھەمرا بولۇۋاتقاندەك، پاختىدەك يومشاق قوللىرىڭ مېنى تارتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئىختىيارسىز دېرىزىدىن بويۇنداپ سىرتقا قارىدىم. ياشىرىپ تۇرغان دەرەخزارلىقلار، بىر-بىرىدىن رەڭ تالىشىپ مەيىن شامالدا نازغىپ تۇرغان گۈللەر، ھەر خىل سىياقتىكى كىشىلەر كۆزۈمگە چېلىقتى. پەقەت سەنلا كۆرۈنمەيتتىڭ. قەلبىمگە مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن شىرىن ئەسلىمىلىرىڭ،  تۇپىغا ئايلىنىپ كەتكەن جىسمىڭنىڭ ماڭا قايتا مەنسۇپ بولمايدىغانلىقىغا مېنى ئىشەندۈرۈپ بولغانىدى. ئازاپ، جۇدالىق، سىغىنىشقا تولغان بۇ كۈنلىرىمنىڭ قاچان ئاخىرلىشىشىغا كۆزۈم يەتمەيتتى.

كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە داۋاملاشماقتا. ئىشقا كېلىمەن، كېتىمەن. كەچلىرى ھېلىقى يىرگىنىشلىك ئالۋاستى يەنە پەيدا بۇلىدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىدەك ۋايىم يېمەيمەن. تاماكامنى چەككەچ خىيالىمدا بۇرۇنقى كۈنلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. كەچلىك تاماقنى بىرگە يەيمىز. تېلېۋىزور كۆرىمىز. چاقچاقلىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ بوينىغا گىرە سېلىشقان پېتى ئۇيقۇغا كېتىمىز...

تاڭ ئاتتى. قۇياش يەر-جاھاننى قىزدۇرماقتا. كىشىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش چېپىشماقتا. ئىشخانامغا كەلدىم. كۆزۈم ياشاڭغۇرايدىغان بولۇپ قالغاچقا  يېڭىلا سېتىۋالغان تۈۋەن گىرادوسلۇق كۆز ئەينىكىمنى چىقىرىپ ئاۋايلاپ سۇرتتم . زىھنىمنى يىغىپ ئەتە ئېچىلىدىغان يىغىنغا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك. ماتېرىيال كۆرىۋاتىمەن، توردىن نېمىلەرنىدۇ ئىزدەيمەن. بىر چاغدا تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. ئۇنىڭدىن  ئانامنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىشىكنى تاقىدىم، كارىۋاتتىن يېڭىلا چۈشكەن ئانامنى ساقلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ ئۆيۈمگە يۈگۈردۈم. بېشىغا ئاپئاق لىچەك سالغان، ئوبدانلا جۈدەپ قالغان ئانام نەۋرە سىڭلىم بىلەن يولۇمغا قاراپ تۇراتتى. ئەھۋاللىشىپ ئۆيگە باشلىدىم. قالايمىقانچىلىققا تولغان ئۆيدە بىر خىل غېرىپلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. ئانام يامراۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەچ ئىشنى باشلىۋەتتى. نەۋرە سىڭلىممۇ ئانامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇدۇللا كىيىم ئىشكابىنى ئېچىپ، كىيىم-كېچەكلىرىڭنى رەتلەشكە باشلىدى. ھەممىنى چۈشەندىم، ئانام ئايالىنىڭ نەرسىلىرىنى كۆرۈپ تۇرسا تۈگىشىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىكەن. ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇردۇم، كىيىملىرىڭ، ئاياغ-پايپاقلىرىڭ بىر-بىرلەپ خالتىلارغا قاچىلانماقتا، يۈرىكىم ئازاپتىن لەختە-لەختە بولماقتا. كۈنسىرى تۇرمۇشۇمدىن چىقىپ كېتىپ بارماقتىسەن. قولۇم يەتمەيدىغان مەۋھۇم بىر دۇنياغا يول ئالماقتىسەن. ئانامنىڭ يېنىككىنە نۇقۇشىدىن ئېسىمنى تاپتىم، تىترەۋاتقان قوللىرىمنى تەسلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئەپچىللىك بىلەن مېخلىۋېتىلگەن تويلۇق سۈرىتىمىزنى ئاجرىتىشقا باشلىدىم. خېلى ھەپىلىشىپ ئاجراتقانمۇ بولدۇم. پالاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ رامكىنىڭ كەينىدىن بىر خاتىرە دەپتەر لەيلەپ چۈشتى. رەسىمنى نەۋرە سىڭلىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، خاتىرىنى ئالدىم-دە، كومپىيوتېر ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىغا يۇشۇردۇم. ئېسىيادىم ئەشۇ سىرلىق خاتىرىدىلا قالدى. سېنىڭ ئۆلۈمىڭنىڭ سەۋەبى ئەشۇ خاتىرە بىلەن چېتىشلىقتەك، خاتىرە دەپتەر ھەممىنى سۆزلەپ بېرىدىغاندەك تەقەززا بولۇۋاتاتتىم. چۈنكى، بۇ خاتىرىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى.

مۇقاۋىسىغا بىر جۈپ قىزىلگۈلنىڭ سۈرىتى بېسىلغان، شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەن بۇ خاتىرىنى ھاياجان، ئىزتىراپ  ئىچىدە قولۇمغا ئالدىم. ئارىسىدا ئېغىزى ئېچىلغان بىر كونۋېرت تۇراتتى، كونۋېرتنى  ئۈستەلگە قويۇپ، مېنى ھاياجانغا سېلىۋاتقان خاتىرىنى ئاستا سىلىدىم. ئۇنىڭ ۋەزنى شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى، ئىختىيارسىز قوللىرىم تىترەپ، ئالقىنىمغا چوغ ئېلىۋالغاندەك، خاتىرىنى ئاچساملا مېنى ھىجران ئازاۋىدا يەتكۈچە قىيناپ  قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان ئاشۇ ئاخىرەتلىك مەنزىلىڭنىڭ ئېچىنىشلىق كارتىنىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدىغاندەك  ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ،  تىنىقىممۇ ئىتتىكلەپ كەتكەنىدى. ئۆزۈمگە چىدام، مەدەت تىلەپ كۆيۈشۈۋاتقان بارماقلىرىم بىلەن خاتىرىنى ئاچتىم...

*  *  *  *  *  *  *  *  *  *  *

بۈگۈن نېمىشقىدۇر خاتىرە يازغۇم كېلىپ قالدى. بەلكىم زىيادە ھاياجانلانغىنىمدىن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتقان بولسام كىرەك. شۇ تاپتا يېنىمدا بولساڭ ئىدىڭ، كىچىككىنە جېنىمغا پاتمايۋاتقان، پەقەت بىزگىلا تەۋە بۇ خۇشاللىقنىڭ سىرىنى ئۆز ئېغىزىم بىلەن قۇلىقىڭغا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بەرگەن بۇلاتتىم. مېنى تەبرىكلە، مەن بالاڭنىڭ ئانىسى بولىدىغان بولدۇم. مېنى مىھرىڭ بىلەن سۆيۈپ قوي، بالىمىز قۇرسىقىمدىلا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىپ يەتسۇن! «ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلىقى ــ ئانا بولغانلىقىدا» دېگەن بۇ ھېكمەتنى كىم ئېيتقان بولغىيدى؟ بار ئاۋازىم بىلەن ناخشا توۋلىغۇم، پۇتلىرىم تالغىچە ئۇسسۇل ئوينىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، مۇشۇنداق مىنۇتلاردا قېشىمدا بولغان بولساڭ بۇ خۇشاللىقتىن بىرگە ھۇزۇرلانماسمىدۇق؟!

ئىچىمنى تىڭشاپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرغىنىمدا دوختۇرنىڭ «مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن خوشخەۋىرى ۋۇجۇدۇمنى شۇنچىلىك يايراتتىكى، دېمەيلا قوياي، تاس قالدىم كىيىكتەك تاقلاپ كەتكىلى.

ئەتراپقا تويماي بېقىۋاتىمەن، جاھاننىڭ ھەقىقەتەن گۈزەللىكىنى يېڭىۋاشتىن ھېس قىلىۋاتىمەن. دەرەخ ياپراقلىرىمۇ مېنى تەبرىكلەۋاتىدۇ، گۈلدىن-گۈلگە قونۇۋاتقان رەڭدار كېپىنەكلەرمۇ مەن ئۈچۈن قانات قېقىۋاتىدۇ. ئاڭلا جېنىم، بۈگۈكى ئىشلىرىمنى ساڭا سۆزلەپ بىرەي. دوختۇرخانىدىن چىقىپلا دۇكان ئارىلاپ شۇنداق سىپتا ئىشلەنگەن بالىلار ئايىقى، كۆرپە، سۈت بوتولكىسى، ئىمىزگە... قاتارلىقلارنى سېتىۋالدىم. شۇ تاپتا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ سېتىۋالغان نەرسىلىرىمگە ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇرماقتىمەن. قېشىمدا بولساڭ ئىدىڭ، مېنى كۆتۈرۈۋېلىپ «ئانىسى!» دەپ توۋلاپ كەتكەن بۇلاتتىڭ. چۈنكى، بۇرۇن مەندە نەچچە قېتىم نۇرمالسىزلىق كۆرۈلۈپ دوختۇرغا بارغىنىمىزدا قۇسۇش، كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىئارام بولغان ئەھۋاللارغا قارىتا دوختۇرلارنىڭ «ئاشقازاندىكى مەسىلە ئىكەن» دېگەن دىئاگنوزىغا ئېرىشىپ، سالپىيىپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. سەن، «سۆيۈملۈكۈم، بىز تېخى ياش، چوقۇم بالىلىق بولالايمىز، سەن سالامەت بولساڭلا ماڭا شۇ كۇپايە» دەپ تەسەللىي بەرگەچ پېشانەمگە مېھرىڭ بىلەن سۆيگەن ئىدىڭ. بىراق بۇ شىرىن چۈشۈم رېئاللىققا ئايلانغاندا بولسا سەن يېنىمدا يوق، تىزراق قايتىپ كېلىشىڭنى، مېنى تەبرىكلەپ باغرىڭغا بېسىشىڭنى تىلەپ ئولتۇرماقتىمەن. سەن كاماندىروپكىغا مېڭىشتىن خېلى بۇرۇنلا مەندە نورمالسىز ئەھۋاللار سېزىلگەن بولسىمۇ ساڭا دېمىگەنىدىم. بۇ قېتىمقىنىڭ راست بولۇشىنى بىلسەم ئىدىم، شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىمدىن سەنمۇ مەست بولماسمىدىڭ؟ جېنىم، تىزراق كەل. سېنى ھازىر ئىككى ئادەم ساقلاۋاتىدۇ. ئۇلار سېنىڭسىز ئېچىلىپ كۈلەلمەيدۇ، سېنىڭسىز بەخىتنىڭ تەمىنى ئەمدى تېتىيالمايدۇ...

مېنىڭ شۇنداق تۇيۇقسىز باشلانغان خۇشاللىقىم ئاتا-ئانامنىمۇ، خىزمەتداشلىرىمنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئەمما، سەۋەبىنى ھېچكىمگە دېمىدىم، بۇ خەۋەرنى ئەڭ ئاۋۋال سېنى ئاڭلىسۇن، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، بۇ مۇھەببىتىمىزنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئەمەسمۇ؟ ئېھتىمال بولغۇسى سىزىكىمدە ساڭا ئامراق بولۇپ قالسام كېرەك. ھېلىتتىنلا ساڭا شۇنچىلىك زار بولۇۋاتىمەن. كىيىملىرىڭنى پۇرايمەن، سۈرىتىڭنى قانماي سۆيىمەن. تېلېفوندا گېپىممۇ تۈگىمەي كېتىۋاتىدۇ. «ئاپئاق خوتۇن، ئايرىلغىلى نەچچە كۈن بولماستا گېپىڭ ئەجەپ جىقلاپ كېتىۋاتىدۇ، بەك سېغىنغان ئوخشىمامسەن؟» دېگىنىڭدە، يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ قالالىدىم. شۇنداق، سېنى بەك سېغىندىم. سەن بىلمەيسەن، مەن سېنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋېتىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئاۋۋال كەلگىنچۇ، سېنى مېھرىم بىلەن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، «مېنى بەك ئۇزۇن تاشلىۋەتتىڭ، باشقىلارنى تېپىۋالغان ئوخشايسەن» دەپ يالغاندىن دومسىيىمەن. مېنى بەزلىگەنسىرىڭ تېخىمۇ قېتىۋالىمەن. سەن تېرىكىپ كېتىسەن، شۇ چاغدا پىخىلداپ كۈلىمەن-دە، «دادىسى!» دەپ ناز بىلەن چاقىرىمەن. چوقۇم ھاڭ-تاڭ قالىسەن. ئاندىن...

بالىلارچە خىياللىرىمغا قارا جېنىم. بالام ئۈچۈن، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئوبدان كۈتۈشۈم، ۋاقتىدا ئۇزۇقلىنىشىم كېرەك، ئەمدى تاماققا تۇتۇش قىلاي...

*   *   *   *   *   *   *   *

بۈگۈن يەنە خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم. يوقلىقىڭ شۇنچىلىك بىلىندىكى، گەرچە بالام بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ تۇرغان بولساممۇ، يەنىلا يالغۇزلۇق ئىچىمنى سىقماقتا. يىغىلىپ قالغان دەرتلىرىم مېنى ھەدەپ يىغىغا زورلىماقتا. سېنى سېغىنماقتىمەن، ھارارەتلىك باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغۇم، كۆز ياشلىرىمنى ئېقىتقىنىمچە مېنى ئارامسىزلاندۇرۇۋاتقان بارلىق دەرتلىرىمنى تۆكۈپ، سەندىن تەسەللىي تاپقۇم كېلىۋاتىدۇ. مۇھەببەتلىك قاراشلىرىڭ، پاك، غۇبارسىز مۇھەببىتىڭ ماڭا تاغدەك ئىرادە، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاۋاتقان بولسىمۇ، گۈلدەك بەختىمىزگە سايە تاشلاۋاتقان مۇدھىش بىر قاراڭغۇ كۈلەڭگە ماڭا دەممۇ-دەم يېقىنلاپ، ئىككىمىزنى مەڭگۈ ئايرىۋېتىدىغاندەك، بىرلىكتە بەرپا قىلغان سۆيگۈ گۈلىستانىمىزنى خانىۋەيران قىلىۋېتىدىغاندەك ئاچچىق بىر تۇيغۇ قەلبىمدە بىخ سۈرمەكتە. سەن بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەت بېغىدا سەيلى قىپتىمەن، ئۇنتۇلغۇسىز شېرىن دەقىقىلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاخىرى مۇرادىم ۋىسال تېپىپ سەن بىلەن گۈلدەك بىر كىچىك دۇنيامۇ بەرپا قىلىۋاپتىمەن. سېنى تاللاپ ھەقىقەتەن توغرا قىلغىنىمغا، بەخىتنىڭ ئەبەدىي ماڭا مەنسۈپ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگىنىمدە قەلبىمنى مىسلىسىز ھاياجان، ئېيتقۇسىز خۇشاللىق چىرمىغانىدى. بىراق، بىرسى ئەمدىلا پورەك ئېچىشقا باشلىغان بەخىت گۈلۈمگە قارا قولىنى سوزۇۋاتىدۇ. نېمىشقا، زادى نېمىشقا ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن؟ «ئۆزۈملا ھەل قىلالايمەنغۇ؟!» دەپ، ساڭا ئېغىز ئاچماي بەك گۈدەكلىك قىپتىكەنمەن. شۇنچىلىك چارچاش ھېس قىلىۋاتىمەن. يالۋۇرۇشلىرىم، ئاچچىق تىللاشلىرىم ئۇنى ۋاز كەچتۈرۈش تۈگۈل، تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈردى. ئۇنىڭ تەلۋىلەرچە مۇھەببىتى مېنى خاراپ قىلمىسىغۇ ئاخىر...

ئۆيدىكى تېلېفوننىڭ سايرىشىدىن يۈرىكىم ئەندىكەتتى. خاتا ئۇرۇلغان تېلېفونلار كۆپەيگەنسىرى، مەندىكى ئەنسىزچىلىكلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۆزۈمنى ئالدىڭدا گۇناھكاردەك ھېس قىلىشقا باشلىغانىدىم. دەي دېسەم تىلىم، دېمەي دېسەم دىلىم كۆيەتتى. سېنىڭ ماڭا بولغان ئەقىدەڭدىن شۇبھىلەنمىسەممۇ سەن يەنىلا ئەر كىشى بولغاچقا قەلبىڭدە ماڭا نىسبەتەن گۇمانىي تۇيغۇلارنىڭ سايە تاشلاپ قېلىشىدىن ۋايىم يەيتتىم. مەن خۇددى ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا قالغاندەك ئازابلىنىپ، ھەممىنى ئىچىمگە يۇتۇشقا مەجبۇر ئىدىم.

ئۇنىڭ بىلەن كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، تېنچ ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىم ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك، چېقىندىغان نۇر تالالىرى جىسمىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەندەك ئۆز رېتىمىنى يوقىتىشقا باشلىدى. مەن ئۇ كۆزلەردىن تولىمۇ قورقاتتىم. سىياھدەك قاپقارا قارچۇقلاردا ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان زەھەرخەندىلىك چاقناپ تۇراتتى. قاتۇرۇپ كىيىۋالغان كاستىيۇم-بۇرۇلكىلىرى، يالتىراپ تۇرىدىغان شىبلىتلىرى، تۈجۈپىلەپ چېگىلگەن گالىستۇكلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ مەن تونۇيدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلاتتىم.

ئۇ مېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىدى. مەكتەپ ھاياتىدا ئۇ قاملاشقان قەددى-قامىتى، ئۆتكۈر زېھنى بىلەن سىنىپتىكى نەچچىلىگەن قىزلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت سېلىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھەببەت مەكتۇپلىرى كىتاپلىرىمنىڭ قاتلىرىدا پات-پاتلا پەيدا بولۇپ قالاتتى. مەجنۇنلارچە مۇھەببىتى مېنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى. سۆيگەن يىگىتىم بارلىقىنى، ئاشۇ يىگىتىم ئۈچۈن جېنىم تەسەددۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي بەزىدە تېرىكىپمۇ قالاتتىم. بىراق ئۇ مېنىڭ تېرىكىشلىرىمنى پىسەنتىگە ئالماي كەينىمدىن يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى. ئۇنى ئاز دەپ ھەر كۈنى ھاراق ئىچىۋېلىپ ياتىقىم ئالدىدا ئەرۋاھلاردەك چۆرگىلەپ يۈرىشى مېنى بىزار قىلاتتى.

ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ خوشلىشىش زىياپىتى قىلدۇق. قىزلار ئۆكسۈپ يىغلاشماقتا، ئوغۇللار ئازاپ ئىچىدە قەدەھ سوقۇشتۇرماقتا. ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان مىسكىن كۈيلەر نەچچە يىل بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ، بىر تۇغقاندەك ئىجىل بولۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ ھەسرىتىگە  تېخىمۇ مۇڭ قوشۇپ بوشلۇقلارغا سىڭىشمەكتە. ئۇ مېنى تانسىغا تارتتى. يىغىدىن قىزارغان، ئۈمىدسىزلىك يېغىپ تۇرغان كۆزلەرگە قاراپ تۇنجى قېتىم ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇنىڭ كەيىپچىلىكتە كالامپايلاشقان قەدەملىرىگە تەسلىكتە ماسلىشىپ ئايلانماقتىمەن. مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن بىلىنگەن مۇزىكىمۇ ئاخىرى تۈگىدى. ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ زادىلا قويۇپ بەرمىدى، بىگىزدەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ بەدىنىم سىرقىراپ كەتتى. «مەن چوقۇم مۇرادىمغا يېتىمەن!» دەپ قۇلىقىمغا شىۋىرلىشىدىن ئەندىكىپ، بىر سىلكىنىپلا ئۇنىڭدىن ئاجرىدىم- دە،  باغلاقتىن بوشانغان كىيىكتەك ئۆزەمنى قىزلارنىڭ ئارىسىغا ئاتتىم...

تويىمىزدىن كېيىنكى بەختلىك مىنۇتلار ئۇنى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىغانىدى. ھېچكىمنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنى خالىمايتتىم. نەزىرىمدە پەقەت  سەن بىلەن ئىككىمىزلا بىر-بىرىمىزگە مەنسۇپ ئىدۇق، بىرىمىزسىز يەنە بىرىمىزنىڭ بەختىنى قىياس قىلالمايتتۇق. سېنى شۇنچىلىك سۆيەتتىمكى، سېنى ماڭا ئاتا قىلغان ئىگەمگە كۈندە يۈزلەرچە تەشەككۈر ئېيتاتتىم.

ئەشۇ يامغۇرلۇق كۈن تەقدىرنىڭ ماڭا رەھىمسىزلەرچە قىلغان چاقچىقى بولسا كېرەك. ئىشتىن چۈشۈپ شارقىراپ قۇيۇلۇۋاتقان يامغۇردا تاكسى توسۇيالماي كوچا ئاپتۇبوس بېكىتىگە كەلگۈچە سۇغا چۈشكەن مۆشۈكتەك بولۇپ كەتتىم. كىمدۇر بىرىنىڭ «ئەجەپ ھۆل بولۇپ كېتىپسىز» دەپ بېشىمغا يامغۇرلۇق تۇتقىنى غىل-پال ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. رەھمەت ئېيتقاچ ئاستا بۇرۇلدۇم. بۇرۇلدۇم-يۇ، يېغىۋاتقان يامغۇر تۇيۇقسز مۆلدۈرگە ئايلانغاندەك، ئەسلىدىنلا تىترەۋاتقان جىسمىمگە دەقىقە ئىچىدە زىمىستان سوغۇقى يامراپ كەتتى. كۈلكىگىمۇ، مىننەتدارلىققىمۇ ئوخشىمايدىغان ئىپادە بىلەن سۇسلا باش لىڭشىتىپ قويۇپ، پۇشۇلداپ توختىغان ئاپتۇبۇسنىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلدىم. «چوقۇم مۇرادىمغا يېتىمەن» دېگەن بىر ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە يەنە ياڭرىغاندەك بولدى. ئەشۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئاپتوبۇس بېكىتىدە مېنى كۈتۈپ تۇرغاندەك پات-پاتلا پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولدى. ئۆزۈمنى پەرۋاسىز تۇتۇشقا جان-جەھلىم بىلەن تىرىشاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزەتتىم. بۇنداق تەكرار ئۇچرىشىش كۆپەيگەنسىرى، قەلبىمدە بىر خىل ۋەھىمە كۈچىيىشكە باشلىدى. يېنىمدا سەن ــ تاغدەك يۆلەنچۈكۈم تۇرسىمۇ بىراق ئاياللىق يۈرىكىم ئاشۇ قورقۇنچنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقالمايۋاتاتتى.

بەزىدە ئۆزۈمنىڭ زىيادە خەۋىپسىرىگەن بىمەنە خىيالىمدىن ئاچچىقىم كېلەتتى. بەلكى ئۇ ئاللىقاچان ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەندۇ، ماڭىدىغان يولىمىز بىر بولسا كېرەك، دېگەن ئويلار بىلەن ئۆزەمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. بىراق قول تېلېفونىمغا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇر سېزىمىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ئەشۇ ۋاقىتتا تېلېفوننىڭ قولۇمدىن قانداقلارچە چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن...

ئۇ سايىدەك ماڭا ئەگىشىپلا يۈرمەكتە، لەنىتى ئاپتوبۇس بېكىتىدە يەنىلا شۇ سىما...

قايتىدىغان يولۇمنى ئۆزگەرتەلمەيتتىم، ئامال بار تاكسىدا مېڭىشقا تىرىشاتتىم، بەزىدە ساڭا تېلېفون قىلىپ قويۇپ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنىمۇ ئىشخانىدا ئۆتكۈزىۋېتەتتىم. بىراق بۇ يەنىلا مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەمدى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قىسقا ئۇچۇر يوللاشتىن بىراقلا تېلېفون ئۇرۇشقا ئۆتتى. تېلېفون ئېكرانىدا تىترەپ تۇرغان ئەشۇ نومۇرنى كۆرسەملا، بەدىنىم تىكەنلىشىپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشاتتى. قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈشلىرىم، ئۆتۈنۈشلىرىم بىكارغا كېتىۋاتاتتى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مېنى ئۆزىگە قارىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ يۈرەتتى. بېكەتتىن ھالقىپ مەن خىزمەت قىلىدىغان بىنا ئالدىدا، بىزنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى گۈللۈكلەردە پات-پات كۆرۈنۈپ قالاتتى. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم، گۆشلىرىنى قىيما-چىيما قىلىپ ئىتلارغا تاشلاپ بەرگۈم كېلەتتى. ئەمما ئۇنداق قىلالمايتتىم. تېلېفونىنى ئالمىسام ئۇ ئاممىۋىي تېلېفون بوتكىلىرىدىن، ھەرخىل- ھەرياڭزا نومۇرلاردىن تېلېفون ئالاتتى. سەن تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغا قىلىپ ئېلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق قىزىل تېلېفونمۇ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىۋاتاتتى. ساڭا باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىپ تېلېفون نومۇرۇمنى بىر نەچچە قېتىم ئالماشتۇرغان بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ئاپشاركىدەك تىمسىقلاپ يېڭى نومۇرۇم بىلەن قوشۇپ ئۆينىڭ نومۇرىنىمۇ تېپىۋالدى. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەملا يانفوننى ئېتىۋىتەتتىم. بىراق ئۆيدىكى قارا مۈشۈك سايراشقا باشلايتتى. سىملىرىنى ئۈزۈپ، پارە-پارە قىلغۇم كەلسىمۇ ئامالسىز ئىدىم. تېلېفون تىروپكىسىنى تۇتساملا ئۇنىڭدىن بىر ئەجدەرھا ئېتىلىپ چىقىپ مېنى پارە-پارە قىلىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا تېلېفۇننى سەن ئالاتتىڭ. شۇنداق چاغلاردا  تىنىقىم توختاپ، يۈرىكىم گۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتەتتى. تېلېفون ھامان خاتا ئۇرۇلغان بولۇپ چىقاتتى. مەن خۇددى سەھنىدە ئويۇن قويۇۋاتقان ئارتىستەك جىمى دەرت-ئەلەملىرىمنى يېقىملىق تەبەسسۇملىرىم بىلەن پەردازلاشقا مەجبۇر ئىدىم. يۈرىكىم يىغلايتتى، ئۆزۈمنىڭ ئامالسىزلىقىغا، بۇ ئىشنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەندىن يوشۇرغىنىمغا پۇشايمان قىلاتتىم، كۆرۈۋاتقان دۇزاختەك كۈنلىرىمدىن ئېچىنىپ يىغلايتتىم. چەكسىز مۇھەببەت بالقىپ تۇرغان كۆزلىرىڭ، ئاتەشتەك ئىللىق باغرىڭ مېنى ۋەھىمىلىك خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقىشقا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ كۆزۈم ئۇيقىغا ئىلىنغان ھامان ئۇنىڭ يىرگىنىشلىك تەلەتى چۈشلىرىمدىن پەقەت نېرى  بولمايتتى.  

يەنە نېمە كۈنلەر كېلەركىن بۇ بەختى قارا بېشىمغا؟   

ــ مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كاماندىروپكىغا بارىدىكەنمەن، بىر ئايلاردا قايتىپ كىلەرمەنمىكىن...

سۈپسۈزۈك ئاسماننى تۇيۇقسىز قارا بۇران باسقاندەك قورقۇپ كەتتىم. سەن كەتسەڭ مەن تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتمەمدىم؟ كۆز ياشلىرىم قارا يامغۇر كەبى قۇيۇلدى. ئۆزۈمنى ساڭا ئېتىپ، باغرىڭغا سىڭىپلا كەتتىم.

ــ بارماي دېسەم ئۇناشمىدى، ماڭا چىدىمايدىغىنىڭنى بىلىمەن بىر دانەم ، بىزگە چىدىماقتىن باشقا ئامال يوق، خىزمەتتىكى ئادەمگە تەشكىلنىڭ ھۆكمىگە كۈنۈشتىن باشقا نېمە چارە بار؟ ھىجراندىن كېيىنكى ۋىسال تېخىمۇ شىرىن بولىدۇ...

چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدىم، يۈزلىرىڭگە، لەۋلىرىڭگە، بويۇنلىرىڭغا ئەسەبىيلىك بىلەن سۆيۈپ كەتتىم. بۇ خۇددى ئەڭ ئاخىرقى ئايرىلىش بولۇپ قالىدىغاندەك... نېمە دېيەلەيتتىم؟ مەن گۇيا ئوۋچىنىڭ ئالدىدىكى كىيىك ئىدىم، جۇدۇندىكى گۈل بەرگى ئىدىم، شامالدا ئۈچەيلا دەپ قالغان شام ئىدىم. سەن كېتىپ قالدىڭ. كۆز ياشلىرىمنى زورىغا بېسىپ ئاللادىن ساڭا ئامانلىق تىلىدىم.

چىرايى، مېھرىبانلىقى سېنىلا تارتقان سىڭلىڭ ماڭا ھەمرا بولىدىغان بولدى. بۇ كىچىك ئۇمىقىم ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان، كىچككىنە قوللىرى شۇنچىلىك گۈل، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان قىز ئىدى . ئىشتىن كېلىشىمگە كۆكتاتلارنى ئادالاپ مېنى ساقلايتتى، ماڭا ھەر ھالدا يۈرەك قوشۇلغان بولسىمۇ كۈنلىرىم چۈچۈش، قورقۇش ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى. ئۇ سايە ھەر ۋاقىت بېكەتتە، يوللاردا، ھەتتا بىنانىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ تۇراتتى...  

سەن كېتىپ ئەتىسىلا بىر دوستۇم بىلەن دوختۇرخانىغا باردىم. بارغۇچە قاپىقىم تولا تارتىپ، مېنى ئەنسىز خىياللار قوينىغا ئېلىۋالدى. دوختۇرنىڭ «مۇبارەك بولسۇن!» دېيىشىدىن خۇشاللىقىقا چۆمۈپ قېن-قېنىمغا پاتماي قالدىم. چۈنكى، يەنە بىر يۈرەك ۋۇجۇدۇمغا كۈچ بېغىشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. بىز ھاياجان، سۆيۈنۈشلەر ئىچىدە بىر-بىرىمىزنى قولتۇقلىشىپ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتۇق. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا قانداقتۇر بىر سۇغۇق نۇرنىڭ ماڭا تىكىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم، ئۇ زادى نېمىدۇر؟ بەلكىم زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ئوخشايمەن. شۇ تاپتا شۇنچىلىك خۇشال بولساممۇ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر مۇجۇلۇش بار ئىدى، سىقىلىش بار ئىدى. گۇيا كىچىككىنە بىر قۇرت يۈرىكىمنى چىشلەپ تارتىۋاتقاندەك...  

سەن كەتكىلى ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ، جۇدالىقنىڭ دەردىنى ئۇبدانلا تارتىۋاتاتتىم، قۇرسىقىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ سېغىنىشلىرىمنى بالامغا پىچىرلاپ دەپ بىرەتتىم، كىچىك قىز شەيتانلىق قىلىپ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرسىمۇ، خىيالىم يەنىلا سەندە ئىدى. ئىشتىن چۈشۈپ كۆكتات بازىرىغا كەلدىم. بۈگۈن كەچتە ئومىقىمغا توخۇ قورىمىسى قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئىدىم. توخۇ گۆشى، بەرەڭگە، قىزىلمۇچ... قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. كەينىمدىن بىرى ئىز قوغلاپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ قەدىمىمنى ئىتتىكلەتتىم.

بەرەڭگىنى ئاقلاپ تۇرۇشۇمغا سەندىن تېلېفون كەلدى. سېنىڭ مېھىرلىك ئاۋازىڭ ماڭا كۈچ، ئىشەنچ بېغىشلىدى. تۈنۈگۈن بالامنىڭ خۇشاللىقى بىلەن مەست بولغان بولسام، بۈگۈن مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭدىن قەلبىم قايتىدىن لەرزىگە كەلدى. خۇددى يېڭىلا سۆيگەن ئاشىقىنىڭ توي تەكلىپىگە مۇيەسسەر بولغان قىزدەك... غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ سۇغا چىلانغان توخۇ گۆشىنى سۈزۈۋېلىپ پارچىلاشقا تۇتۇش قىلدىم. لەنىتى تېلېفون شۇنداق ئەنسىز سايراپ كەتتىكى، ئۆتكۈر پىچاقتا قانداقلارچە قولۇمنى كېسىۋالغىنىمنى تۇيمايلا قالدىم. دەھشەتلىك بىر ئاغرىق تاپىنىمدىن كىرىپ چوقامغا چىقتى. سۆڭىكى كۆرۈنۈپ قالغان بارمىقىمغا قاراپ چىرقىراپ كەتتىم. نېرىقى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئومىقىم يۈگۈرۈپ چىقتى ۋە جىددىيلەشكىنىدىن تىپىرلاپ كەتتى. قانغا بويالغان ئالقىنىمنى قەغەزگە ئوراپ تېلېفوننىڭ قېشىغا كەلدىم. توغرا، سەن ماڭا تېلېفون قىلغان ۋاقىتتا باتارىيەنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەچكە گېپىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئاغرىقنىمۇ ئۇنتۇپ قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان يۈرىكىمنى تۇتۇۋالماقچى بولغاندەك كۆكسۈمنى چىڭ باستىم.

ئاھ خۇدا، بەندەم دېسەڭ بۇ كۈنلەرگە قويمىغايسەن! تېلېفون ئېكرانىدا ھاياتىمدىكى ئەڭ نەپرەتلىك، ئەڭ قورقۇنچلىق بىرسىنىڭ نومۇرى لىپىلداپ تۇراتتى. تېلېفون توختىماي سايرىماقتا، ئۆيگە سىڭىۋاتقان ئەكىس سادا بىلەن بارمىقىمنىڭ ئاغرىقى قوشۇلۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى. «ئاكام ساقلاپ قالىدۇ ھەدە...» ئومىقىمنىڭ پىچىرلاشلىرىدىن ئۆزۈمگە كېلىپ تىروپكىنى ئىتتىكلا قولۇمغا ئالدىم. «ۋەي ...» ئاۋازىم ئۆزۈمگە يىغلامسىرىغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى.

قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغان ۋەھىمىلىك، شەيتان پىچىرلاۋاتقاندەك يىرگىنىشلىك بىر  ئاۋاز قەلبىمنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى.  

ــ سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ئۆيۈڭدە ئاشىقىڭنىڭ سىڭلىسى بارلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلمىسۇن دېسەڭ دەرھال پەسكە چۈش! بىر ئېغىزلا گېپىم بار. چۈشمىسەڭ مەن تېپىپ چىقالايمەن. سېنى ئايىدىم... سېنى ئاياي دېدىم... بىر مىنۇت...

ئۇنىڭ تەھدىتكىمۇ، يالۋۇرۇشقىمۇ ئوخشىمايدىغان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قېلىن مۇز تۇتقان دەريانىڭ كاچكۇلىغا چۈشۈپ كەتتىم. قىلدەك تولغاندىم. بوراندا نەلەرگىدۇ ئۇچقان خەستەك پەرۋاز قىلدىم... قولۇمغا يۆگىۋالغان قەغەز قىپقىزىل قانغا بويالغانىدى. پىلاستىر ئىزدەش ئېسىمگىمۇ كەلمەپتۇ. «ماقۇل» دېگىنىمچە زەردە بىلەن تىروپكىنى قويدۇم. ئومىقىم چىرايىمغا قاراپ نېمىلەرنىدۇ دېمەكچى بولغاندەك نېپىز لەۋلىرىنى ئۆمەللىدى-يۇ، گەپ قىلمىدى. مەن چۈشۈشنى تاللىغان ئىدىم. ئۇ چىقىپلا قالسا مېنى شۇنداق چوڭ بىلىدىغان سىڭلىڭنىڭ ئالدىدا تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى. ناۋادا ئۇ ئىشىكنى مۇشتلاپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرسە خوشنا- خۇلۇملىرىمنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزۈم پوق بولاتتى. قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر، مەجبۇرى سوراققا ھەيدىلىۋاتقان مەھبۇستەك پەلەمپەيدىن تەسلىكتە چۈشۈۋاتىمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ ئېغىر ھاسىراشلىرىدىن، ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتقان گەپلىرىدىن ئىچىۋالغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. گۈللۈكلەرنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چىراقلار ئاللىقاچان يېقىلغان، بالىلار قىقاس سېلىپ ئويناۋاتاتتى. چوڭلار توپ-توپ بولۇپ قىزغىنلىق بىلەن پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. مەيداننىڭ سول تەرىپىدىكى قېرى قارىياغاچنىڭ تۈۋىدە مېنى ساقلاپ تۇراتتى. كېسىلگەن بارمىقىمنى يەنە بىر قولۇمدا تۇتقىنىمچە تۈگمەن تېشىدەك ئېغىرلاشقان قەدەملىرىم بىلەن ئۇنىڭ  يېنىغا ماڭدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئالدىغا بىر قەدەم چامدىدى. ئېغىزىنى قىيسايتىپ كۈلمەكچى بولدى. ئۇنىڭ پاخپايغان چاچلىرىدىن، بوشىتىلغان گالىستۇكىدىن بىزار بولۇپ نەزىرىمنى باشقا ياققا بۇرىدىم. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش مەن ئۈچۈن جەڭگە ئوخشايتتى. ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ، ئۇنى كۈتمەستىنلا ئېغىز ئاچتىم:  

ــ گېپىڭىز بولسا تىزراق دېسىڭىز، مەن...

ئۇ قوپاللىق بىلەن گېپىمنى بۆلۈۋەتتى.

ــ بىلىمەن، سەن بۈگۈن بەك خۇشال، چۈنكى، ئانا بولغىلىۋاتىسەن. بۇنى سەن دوختۇرخانىغا بارغاندا كەينىڭدە تۇرۇپ ئاڭلاپ قالدىم، مۇبارەك بولسۇن! گەرچە بويۇڭدىكى بالا مېنىڭ بولمىسىمۇ ئەمما قەلبىمدىكى مەبۇدە سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى تەبرىكلەپ قوياي دېدىم. ئەسلى بالا مېنىڭ بولىشى كېرەكتى. سەن پۇرسەت بەرمىدىڭ-دە!...

ئۇ تۇيۇقسىز گېپىدىن توختاپ قولۇمغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى. جىددىيلىشىپ قەغەزنى بوش ئورىدىممۇ ياكى قويۇۋەتتىممۇ، ئەيتاۋۇر بارمىقىمدىن يەنە قان ئېقىشقا باشلىغانىدى. ئۇ يانچۇقىدىن قولياغلىق چىقىرىپ قولۇمنى تاڭماقچى بولدى.

ــ ماڭا يېقىنلاشماڭ...ــ مەن كەينىمگە داجىدىم.

ئۇ چىرايىمغا قارىدى. ئاندىن ئېڭىشىپ قارىياغاچقا يۈلەپ قويۇلغان خالتىدىن بىر كوروپكىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى.

ــ بۇ سەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان شاكىلات، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى سوۋغام، ئەڭ ئاخىرقى ئاۋارە قىلىشىم بولۇپ قالسۇن. ئېلىپ قوي.

مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۈن-تۈنسىز تۇرىۋەردىم .

ــ مېنى ئۆلتۈرۈپ بولدۇڭ، يەنە پۇخادىن چىقمىدىڭما؟ــ ئۇ ھۆركىرەپ يىغلاپ دەرەخكە زەردە بىلەن مۇشتلىدى. بەش بارمىقىنىڭ ئۈگىسىدىن تەپچىرەپ چىققان قاننى كۆرۈپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى.

ــ مەن چىقاي...

ئۇنىڭ چىرايى غەلىتىلا بولۇپ  ۋارقىراپلا كەتتى:

ــ مەن كېتىمەن، بىراق، سېنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىمەن.

ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەيلا قالدىم. ئۇ ئالدىغا ئېتىلدى. مەن قېچىپ ئۈلگۈرەلمىدىم. قانغا بويالغان قوللىرى بىلەن قان تامچىپ تۇرغان قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالدى. مەن يۇلقۇندۇم.

ــ قارا، قانغا بويالغان قوللىرىمىز چىراق نۇرىدا خۇددى قىزىلگۈلدەك جۇلالاپ كەتتى. بىراق، ئۇ ھامان تۇزۇيدۇ.

چايان چاققاندەك چۆچۈپ كەتتىم. قولۇمنى تەستە بوشىتىپ بار كۈچۈم بىلەن بىناغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئۇنىڭ «سېنى چوقۇم ئېلىپ كېتىمەن» دېگەن يىغا ئارىلاش ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.

شۇ كېچىنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى زادىلا ئەسلىيەلمەيمەن. ئەتىسى يىغىدىن قىزىرىپ، ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىمغا، قوقاق بېسىپ كەتكەن ئېغىزىمغا قاراپ ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇدھىش چۈشنى كۆرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.

تېلېفونۇم سايرىماس بولدى. ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن، ماڭار يوللىرىمدىن... ئۇ ئۆزلىكىدىن غايىپ بولدى. كۈنلىرىم ھەر ھالدا ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى. قارىغاندا ئۇ مېنى قايتا ئاۋارە قىلمايدىغاندەك تۇراتتى. بىراق «سېنى ئېلىپ كېتىمەن» دېگىنى نېمىسى؟

سەن كەتكىلى 28 كۈن بولدى. ئاخىرى سېنىڭ خوشخەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم. ئەتە كېلىدىكەنسەن. ھىجرانلىق كۈتۈشلىرىمگە، دەككە-دۈككە ئىچىدىكى كۈنلىرىمگە، ئۇيقۇسىز كېچىلىرىمگە خاتىمە بېرىدىكەنسەن. بۇ 28 كۈن ئىچىدە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرمىدىم دەيسەن؟ سەنسىز ھاياتىمنىڭ ھېچقانداق مەزمۇنى بولمايدىغانلىقىنى، سەنسىز مۇھەببەت گۈلۈمنىڭ بەرق ئۇرالمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. تەييارلىق قىلىشىم كېرەك، سېنى تاۋلانغان، پاك، قاردەك غۇبارسىز مۇھەببىتىم بىلەن كۈتۈۋېلىشىم كېرەك. بۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ رۇخسەت سورىدىم. مىۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات، گۈش سېتىۋېلىپ ئۆيۈمگە كەلدىم. سومكامدىكى ئاچقۇچنى ئېلىش ئۈچۈن قولۇمدىكى خالتىلارنى يەرگە قويماقچى بولدۇم ۋە ئىشىك ئالدىدىكى پالازغا تاشلاپ قويۇلغان بىر كونۋېرتنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالدىم. ئىمزاسىز بۇ خەت ھەيرانلىقىمنى قوزغىدى. ئۆيگە كىرىپ خالتىلارنى قويۇپلا كونۋېرتنى يىرتتىم... كۆزلىرىم قېتىپ قالدى. خەت قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى. قۇياش پارلاپ تۇرغان يۇپيۇرۇق كۈندۈزنى قاپقارا تۈن قوينىغا ئالدى. دۇزاخ ئۇتى بىر بالداق ئۆرلىدى، رەزىللىككە تولغان بۇ دۇنيا يىرگىنىشلىك قان-يىرىڭغا ئايلاندى. مۇھەببەت، نەپرەت مەن ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئەھمىيىتىنى يوقاتتى... شۇ ھالدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئالدىراپ دوختۇرخانىغا چاپتىم. دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئۇ ئالەمنىڭ بۇسۇغىسىدەك بىلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ راست بولماسلىقىنى تىلەيتتىم، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسى مېنى قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدىغان زولمەتلىك بىر ھاڭغا رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتتى. دات-پەريات كۆتۈرمىدىم، ئۇنى تىللاپمۇ قارغىمىدىم، سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندا ئىككى تامچە ياش مەڭزىمگە سىرغىپ چۈشتى. ماڭا ئاتا قىلغان مۇھەببىتىڭدىن مەڭگۈ مىننەتدارمەن. نۇرغۇن ئويلىنىش، ئىككىلىنىشتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى چىقاردىم. ۋۇجۇدۇمدىكى ھارغىنلىق، قورقۇنۇش نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ، ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدىم. دۇنيانىڭ لەنەت تامغىسى بېسىلغان رەزىل تېنىمنى ئىسسىق قېنىم ئارقىلىق پاكلىماقچى بولدۇم. ئەتىكى گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە دەپنە قىلماقچىمەن. بالامنىڭ، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن كەتمەكچىمەن... بارلىق دەرت-ئازاپ مەن بىلەن كەتسۇن. ئۆتۈنەي جېنىم، ئۆزۈڭنى بىھۇدە قىينىما. ماڭا ۋەدە بەر، مەن بەختى قارا ۋاپاسىزنى ئۇنتۇپ كەت!...

ئۆلۈمىڭنىڭ سىرلىرى پۈتۈلگەن خاتىرە تۈگىدى. كۆز ياشلىرىم تۆكۈلمەكتە، يۈرىكىم ئۈنسىز نىدا قىلماقتا. مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭ بەك كۆپ، بەكمۇ كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ. نېمىشقا بىخەستەلىك قىلغاندىمەن؟ قىزىرىپ قالغان كۆزلىرىڭگە، قۇرىغان ياپراقتەك پات-پات سارغىيىپ قالىدىغان چىھرىڭگە نېمىشقا ئىچ-ئىچىمدىن نەزەر سالمىغاندىمەن؟ سەن نېمانچە كۆتۈرۈشچان، نېمانداق چىداملىقسەن؟ شۇنچىۋالا ئازاپلارنى يەلكەڭگە ئارتىپ يۈرۈپمۇ كۈلگىنىڭ نېمىسى؟ ماڭا دېسەڭ بەختىمىزگە سايە تاشلىغان ئۇ شۇمبۇيىنى بىرلىكتە يۇلىۋەتمەسمىدۇق؟ چارە-ئامال ئىزدىمەسمىدۇق؟ كۆز ئالدىمدا ئۇ ئەبلەخنىڭ خېتى تۇرۇپتۇ. قوللىرىم يېڭىۋاشتىن غەزەپ بىلەن تىترىدى. كۆز ياشلاردىن قىسمەن جايلىرىنىڭ رېڭى ئۆزگەرگەن خەتكە ئۆكسۈپ تۇرۇپ نەزەر تاشلىدىم.

«خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالما، سەن بۇ خەتنى ئېلىۋاتقىنىڭدا مېنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە سېنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغىنىمنى بىلمەيسەن. بۇ ئىش قايسى يۇسۇندا بولمىسۇن ھامىنى يۈز بېرەتتى. چۈنكى، مەن مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە تەييارلانغان ئىدىم. مېنى ئەقلىمدىن ئازدۇردۇڭ، ياشلىقىمنى، ئادەملىكىمنى، غۇرۇرۇمنى نابۇت قىلدىڭ. سەن ئۈچۈن كۆپ قۇربانلىقلارنى بەردىم. مەكتەپتە كەينىڭدىن تۆت يىل يۈرۈپتىمەن. ئىللىق تەبەسسۇمىڭ تۈگۈل، قىيا بېقىشىڭغىمۇ ئېرىشەلمىدىم. كىشىلەر غاجاپ سۆڭىكىنى تاشلاپ بەرگەن ئىتچىلىكمۇ بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۈمىد ئۈزمىدىم. يۇرتۇمدىن، ئاتا-ئانامدىن كېچىپ مۇشۇ شەھەردە قېلىش ئۈچۈن كىملەرگە يالۋۇرمىدىم، كىملەرنىڭ بۇسۇغىسىدا خار بولمىدىم؟ سەن بۇلارنى بىلمەيتتىڭ، بىلىشنىمۇ ئەسلا خالىمايتتىڭ. ئاخىرى ئارزۇ قىلغان خىزمەتكىمۇ ئېرىشتىم. لېكىن سەن ئاللىقاچان توي لىباسى كىيىپ، خەقنىڭ ئايالى بولۇپ بولغانىدىڭ. يىغلىدىم، ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولدۇم. يەنىلا چىدىدىم، سېنىڭ ماڭا نېسىپ بولىدىغىنىڭغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈردۈم. چاچلىرىم ئاقىرىپ، كۆزۈمنىڭ قارىسى ئېقىپ تۈگىگىچە ساقلاشقا قەسەم قىلدىم. سايەڭدەك، قوغدىغۇچىڭدەك ئەگىشىپ يۈردۈم. ھاقارەتلىدىڭ، قوپاللارچە رەت قىلدىڭ. ئىچىملىككە بېرىلدىم، قىزىل چىراقلىق ئايرىمخانىلارنى ماكان قىلدىم. تېنىمغا بىر نىجىس مەرەزنى يۇقتۇرىۋالغىنىمنى بىلگىنىمدە كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. سەۋەپچىسى سەن ئىدىڭ. بىز كۆرۈشكەن كۈنى سوۋغامنى قوبۇل قىلغان بولساڭ، ساڭا مەڭگۈلۈك بەخت تىلەپ، بۇ دۇنيادىن ئۈن-تىنسىز يوقالغان بولاتتىم. ھاياتىمدىن ئۈمىدىم ئۈزۈلۈپ، ئەجەلگە قەدەم تاشلاۋاتقان شۇ مىنۇتلىرىمدا يەنە رەت قىلىشىڭ  مەن ئۈچۈن بەك ئېغىر كەلدى. قولۇڭدىكى بىلىقنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالغان يارىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە بىر شۇم خىيال لىپلا قىلىپ قالدى. سېنىمۇ ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسا قانداق بولار دەپ ئويلىدىم. گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتتى. بىراق كەيىپتىن يېشىلىپ ئەقلىمنى تاپقىنىمدا كېچىككەن ئىدىم. ئېيىقتەك ھۆركىرىدىم، كىيىكتەك بوزلىدىم، كىچىك بالىدەك ئىسەدىدىم. ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىمنى، ساڭا قانداق پەسكەشلىك قىلغىنىمنى بىلگىنىمدە خىش قېلىپتىن چىقىپ بولغان، خرۇستالدەك يالتىراپ تۇرغان ئەينىكىڭگە دەز كېتىپ بولغان ئىدى. تۇنجى قېتىم توۋا قىلدىم، ئاللادىن سەن ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك تىلىدىم، بۇ مەرەزنىڭ ساڭا يۇقۇپ قالماسلىقىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلدىم. سېنى، دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىگۇناھ جاننى ئويلىدىم. ھەر ھالدا تەكشۈرتۈپ باق. بەلكىم ئارتۇقچە ئويلاردا بولۇپ قالغاندىمەن.

ئەمدى مېنى مەڭگۈ كۆرمەيسەن، ئۆلۈكۈمنىڭ نەلەردە قالىدىغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. لېكىن بىر نەرسە ساڭا ئايان بولسۇنكى، ھاياتىمدىكى تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ياخشى كۆرگەن ئادىمىم  پەقەتلا  سەن!

خەير، ئامان بول، بەخت ساڭا مەڭگۈلۈك يار بولسۇن».

بۇ مۇدھىش خەتنى كۆرۈپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. سەن ئۆزۈڭنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئىپپىتىنى ساقلاش يولىدا تولىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئىدىڭ. مەن قولۇمدىكى خەتنى مۇجۇغىنىمچە ۋارقىرىدىم:

ــ ئاھ، يۈرەك پارەم، ئاھ قىيامەتلىك مەھبۇبەم! مەن سەنسىز ئەمدى قانداق ياشايمەن؟


ئىجادىيەت


بۇ ئەسەر يىڭى قاشتېشى ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2- سانىغا بېسلغان، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رادىئو ژورنىلى پىروگىراممىسىدا ئاڭلىتىلغان. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن نامىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك قاشتېشى ئەدەبىياتى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە 3- دەرىجىگە ئىرىشكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارسلان2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-31 12:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 09:39:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى  تەسىرلىك چىقىپتۇ ، تەسۋىرلەرمۇ ناھايىتى جايىدا .
بىچارە قىزنىڭ ئۆلۈمى ئەجەپمۇ ئىچىنىشلىق بولدى .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 11:26:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۆۋالغان ئايالمۇ ئەيدىز ئوخشايدۇ ھە! بولمىسا بىكارغا ئۆلۆۋالماس ئىدى.


بۇ ئايالغا ھىلىقى ئەيدىز كىسەل بولۇپ قالغان ساۋاقدىشى، باسقۇنچىلىق قىلغاندەك بىر يۇشۇرۇن مەزمۇن باركەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-31 11:28 AM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 12:36:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-10-31 11:26 AM
ئۆلۆۋالغان ئايالمۇ ئەيدىز ئوخشايدۇ ھە! بولمىسا بىكارغ ...

   ياق ، مىنىڭچە ئاۋۇ يىگىتنىڭ قۇلىدىكى قان بۇ قىزنىڭ قۇلىدىكى يارا ئېغىزىدىن كىرىپ ئۇنى يۇقۇملاندۇرۇپتۇ . كۈرۈشكىلى چىققاندىكى بايانلارنى ياخشى ئۇقۇڭ .
   ئەمما ئاۋۇ يىگىت ھەقىقەتەن ئۆزىگە سادىقكەن جۇمۇ !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 12:50:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-10-31 12:36 PM
ياق ، مىنىڭچە ئاۋۇ يىگىتنىڭ قۇلىدىكى قان بۇ قىزنىڭ ق ...

ھىكايىدە:  ھىلىقى يىگىتنىڭ قولىنىڭ يارىلانغان ياكى قان تىمىپ تۇرغانلىقى دىيىلمىگەن.

بەلكى ئايالنىڭ قولىدىن قان تامچىپ تۇرغانلىقى يىزىلغان تۇرسا.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 01:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى  تەسىرلىك چىقىپتۇ ، تەسۋىرلەرمۇ ناھايىتى جايىدا .مەن بەك تەسىرلەندىم .

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 01:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-10-31 12:50 PM
ھىكايىدە:  ھىلىقى يىگىتنىڭ قولىنىڭ يارىلانغان ياكى قا ...

يىگىت دەرەخنى مۇشلىغاندا  قان چىققان ئاندىن ئايالنىڭ قولنى  تۇتقان  شۇنىڭ بىلەن كىسەل يۇققان ئاللا ئگەم  ھەرقانداق بەندىسگە ئىششىق ئوتىنى سالمىسۇن ئىنشاللاھ..................ھەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 01:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  تەسىرلىك چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97384
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-8-29
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 01:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىدە:  ھىلىقى يىگىتنىڭ قولىنىڭ يارىلانغان ياكى قان تىمىپ تۇرغانلىقى دىيىلمىگەن
دېيېلدېغۇ يېنېدېكى دەرەخكە ئۇرۇپ قوللىرىنى قاناتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6722
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېىزلغان ئەسەر كەن.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش