ئىلاۋە: ياڭجۈنخېڭ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىلمى باكالاۋرى، ئاۋسترالىيە يېڭى لەن ۋالېسئۇنىۋېرىسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى ئاسپىرانتى، سىدنىي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرى، داڭلىق ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى. دائىم قىسقا يازمىلارنى ئېلان قىلىپ ناچار-يامان تەرەپلەرنى تەنقىد قىلىدۇ.
مەزكۇرماقالىنى ئاپتور تۆنۈگۈن شىنجاڭدا تۇرۇپ توردا ئېلان قىلغان، ئوقۇغاندىن كېيىن ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلغانلىقىنى بايقاپ قېرىنداشلىرىمنىمۇ كۆرۈپ پايدىلانسۇن دەپ تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىشىم. چۈنكى بىزلەرمۇ خۇددى مەزكۇر ئەسەردەئېيتىلغاندەك سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش بوسۇغۇسىدا تېڭىرقاپ، ئەسەردەئېيتىلغاندەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقا باشلىدۇق، مىللىي كارخانىچىلىرىمىزغا ئەگەر ئۈشبۇ تەرجىمەمدىن زەررىچە پايدا يەتسە، كۆپ خۇرسەن بولغان ئىدىم.
ياڭخېڭجۈننىڭ ئەسەرلىرىنى مېنىڭ قارىشىمچە ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن، كەمىنە ئەڭ ياخشى كەسپىي ماھارىتىمنى ئىشقا سېلىپ ياخشى ماقالىلىرىنى قېرىنداشلارغا سۇنۇشقاتىرىشىمەن. ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىزلەر.
بايا ئېيتقىنىمدەك مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭدا يېزىلغان ئىكەن، قېرىنداشلىرىمنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئوقۇشىنى، بىزلەرگە مەنپەئەت قىلىدىغان جايلىرىنى غەپلەتياكى پىسەنت قىلماسلىقتا ئۆتكۈزۈپ سالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا،تەرجىمە ھوقۇقى كەمىنىدە، رۇخسەتسىز تارقىتىلمىسۇن.
ئىشچان جۇڭگولۇقلار نېمىشقا قارشى ئېلىشقا ئۇچرىمايدۇ؟
ياڭ جۈنخېڭ
بەزى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، بىر قىسىم خەنزۇ دوستلاردائىم دائىم شەخسەن ھالدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ، شۇ يەرلىك مەلۇم مىللەت «بەك ھورۇن»،«بەك دۆت»، خەنزۇلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي رىقابەت جەريانىدا دائىم پايدىسىز ئەھۋالدا قالىدۇ، دائىم شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كۆڭلىدە نارازى بولىدۇ،ھەتتا مىللەتلەر تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىللەتلەر تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئەلۋەتتە ناھايىتى نۇرغۇن، مەسىلەن غەربلىكلەرنىڭ ئېغىزىدىكى«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»، يەنە دىنىي سۈركۈلۈش، مىللىي خاراكتېر ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلار، لېكىن ئىقتىسادىي كىرىم جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك پەرق بولسا، راستىنلا مۇھىم بولغان بىر ئامىل.
مەدەنىيەت توقۇنۇشى ۋە دىنىي سۈركىلىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئاللىقاچان تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى،بولدىلا، مېنىڭ بىر پارچە ئەسىرىم ھەرگىز كاملىق قىلمايدۇ. لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەر خاراكتېرى ۋە ئادەتلىرىنى ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىش، بولۇپمۇ خەقنى «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت» دېيىشنىڭ بولسا، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇش، مىللىيتوقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار. بۈگۈن مەن باشقا بىر نۇقتىدىن چىقىشقىلىپ ھورۇنلۇق ۋە ئىشچانلىق توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقاي ــــــ باشقا مىللەت توپىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق ئۈچۈن، «تەنقىد قىلىشنى ئاۋال ئۆزىدىن باشلاش» پىرىنسىپى بويىچە، گەپنى ئاۋال بىز خەنزۇلاردىن باشلاي.
18-، 19-ئەسىرلەردە، ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللۈنىشى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ۋەسانائەت ئىنقىلابى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ئىدىيە ۋەپەن-تېخنىكىسىغا تايىنىپ، مۇستەھكەم توپ-زەمبىرەكلىرىنى ئېلىپ ئاسىيا، ئافرىقا،لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراپ كېڭىيىپ، بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيىسى ئۇلارنىڭ بىر زەربىسىگىمۇ چىداشلىق بېرەلمىدى. دەرۋازا ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگولۇقلار غەربلىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەگەربىز غەربنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق شۇنى بايقايمىزكى، شۇ ۋاقىتتىكى غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولغان ئومۇمىي تەسىراتى شۇكى «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت»، يەنە تېخى بەك مەينەت، كالۋا، شەخسىيەتچى.
غەربلىكلەرنىڭ توپ-زەمبىرىكى ئاستىدا، «ھورۇن ئەمەس» جۇڭگولۇقلار بەلكىم تېخىمۇ تېز ھالاك بولىشى مۇمكىن، «پۈتۈن جاھان ئەجىبا خاننىڭ زېمىنى ئەمەسمۇ» دەيدىغان جۇڭگودا بولسا،«پاراسەتلىكلەر» ئاللىقاچان ساغرىسىنى ئۇچلۇق قىلىپ خاننىڭ پۇتىغا يۈكۈنۈپ بولغان تۇرسا، قانداقمۇ سودا قىلسۇن؟ پۇل تاپسۇن؟ غەربلىكلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ۋەچوڭچىلىقىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قارىشى ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئورۇنسىز ئەمەس. ئەلۋەتتە، قارىشى ئورۇنلۇق، لېكىن شۇ قارىشىغا ئاساسلىنىپلا باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشى، ئېزىشى بولسا، قىلچە ئورۇنلۇق ئەمەس.
غەربلىكلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان مىللەتلەر ھەرگىز يالغۇز بىرلا جۇڭگولۇقلار ئەمەس. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مىللەتلەر، ئەنگىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ئامىرېكىدىكى ئىندىئانلارغىمۇ ۋە ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك خەلقلەرگىمۇ ھەم،ئوخشاشلا «ھورۇن»، «دۆت» لۈك تامغىسى بېسىلدى. بۇ خىل تامغا ئاستىدا، ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەر دەھشەتلىك بولغان قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى، شۇنداقلا ئىندىئانلار ۋە يەرلىك خەلقلەرگە بولغان تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىكنى ئۇزاق مەزگىلگىچە ساقلاپ كەلدى. بۇ خىل كەمسىتىش سىياسىتى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسىگە يېڭىدىن كىرگەن نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىغا قاراپ كېڭەيدى، مەسىلەن جۇڭگولۇقلار، ئافرىقىلىقلار قاتارلىقلار.
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئېيتساق، ئەڭ ئاۋال سانائەتلەشكەن شۇنداقلا ئىلغارئىدىيەلەر بىلەن قوراللانغان غەربلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ راستىنلا «ھورۇن»، «دۆت» بولۇش ئېھتىماللىقى بار، شۇنداقتىمۇ بەزى بىر مىللىي خاراكتېر ۋە ئادەتلەرنىڭ راستىنلاسانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش رېتىمىغا ماسلىشالمايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە، «سىياسىيدىكى توغرىلىق» نى بەكلا تەشەببۇس قىلىپ رېئاللىقنى ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالدى-كەينى بولۇپ ئامېرىكا قىتئەسى ۋەئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ئون نەچچە يىل ياشىدىم، بەزى ئىندىئان ۋە يەرلىك خەلقلەربىلەن دوستلۇقمۇ ئورناتتىم، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن تەبىئەتكە تېخىمۇ يېقىن ، بىرقەدەر تەرتىپسىز، زامانىۋىلىشىش رېتىمىغا ئانچە يېتىشىپ كېتەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ بۇ خىل «ئالاھىدىلىك» گە قىممەتقارىشى جەھەتتىن ھۆكۈم قىلماقچى ئەمەسمەن، يەنە كېلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى جەھەتتىن سۆز ئاچقاندا، ھۆكۈم چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ.بەئەينى مەلۇم بىر يەرلىك كىشىنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك: سىلەرنىڭ بۇ خىل«زامانىۋىلىشىش» نىڭ بۇلغاش سۈرئىتى بويىچە، يەر شارىنىڭ ھالاك بولىشى ئۇزاققابارمايدۇ.
غەربلىكلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان بارچە مىللەتلەر ئىچىدە، جۇڭگولۇقلار بىر ئالاھىدە مىسال بولۇپ قالدى، يالغۇز گىياھ كەبى كۆزگەچېلىقماقتا. قايسى بىر چاغلاردىكى «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت» جۇڭگولۇقلارنىڭ،دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ھازىرقى يامان ئاتىقى بولسا «بەك ئىشچان»، «بەكپاراسەتلىك» بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقماقتا.
پرېزىدېنت نېكسوننىڭ دەپ ئۆتكىنىدەك:« ئەگەر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بىر يامانئەمەس ھۆكۈمەت بولۇپ، سەككىز يۈز مىليون جۇڭگولۇقنى يامان ئەمەس تۈزۈم ئاستىغايېتەكلەپ كىرەلىسە، ئۇنداقتا ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ». دۆلەتدەرۋازىسى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار پەقەتلا چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغاقارشى تۇرۇش ۋە ئىچكى ئۇرۇش، سىياسىي ھەرىكەت قاتارلىقلار بىلەنلا بەنت بولۇپكەلدى، تاكى دېڭ شياۋپىڭ چىقىپ ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىپ، «ئاقمۈشۈك قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقىنى ياخشى مۈشۈك» دىگەندەك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغاقويغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلارنى قايتا تەرتىپكە سالغىلى بولمايلا قالدى، كۆزنىيۇمۇپ ئاچقۇچە بولغاننىڭ ئارىسىدا، ئىشچانلىق بىلەن پۇل تاپتى، پاراسەتلىك بىلەنپۇل تاپتى، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋەھشىلىكتىن يانمايدىغاندەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
دۆلەت ئىچىدىكىلەر توغرۇلۇق مەن كۆپ توختالماي، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپتۇ: پۇل تېپىش ئۈچۈن، ھاتتا بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتەلەيدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، ھوقۇق بىلەن پۇل تىل بىرىكتۈرەلەيدۇ، تەشكىلىيكۈچلەر سىزگە بىر تامغا بېسىپ بېرىش ئۈچۈن ئاشكارا باھا قويۇشقا پېتىنىدۇ. پۇلتېپىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە قىلچە ھۆرمەت قىلماي، پۈتكۈل بىر دۆلەتنىبەئەينى بىر چوڭ تۇراغا ئوخشىتىپ قويدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، قارا كانلاردا ئۆسمۈرقۇللارنى مەجبۇرىي ئىشقا سالدى، ئىش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۇزاتتى. پۇل تېپىش ئۈچۈن،ھەتتا «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» لەرمۇ قىممەت دورىلارنى يېزىپ ئۈستەك ئالىدۇ، «روھىيئىنژېنېر» لارمۇ ھەتتا خىجىل بولماي قىزىل بولاق ئالىدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، تۈزۈم دائىمئۆزگەرتىلىپ تۇرىلىدۇ، قانۇن «قالقان» قىلىنىدۇ......
شۇنچە يىللاردىن بېرى،جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىدە ئەڭ جىق بولغىنى «مىلياردېر» لار،لېكىن ئىدىيە ۋە پەن-تېخنىكىدا بولسا، ھېچقانچە تۆھپە قوشمىغان دېگۈدەكلا. پۈتۈندۆلەت غالجىرلارچە پۇل تاپماقتا، جۇڭگو مىلياردېرلىرى جاي-جايلارغا بېرىپمۇۋەپپىقىيەت ئىلمى تەجرىبىلىرىنى تارقاتماقتا، تېخى بەزى بىر سودىگەرلەر ھەتتائەخلاق ۋائىزخانلىرى قىياپىتىگە كىرىۋالدى. مەدەنىيەت دۇنياسىدا بولسا، ھەر قانداقبىر سودىگەر، مەيلى بىل گەيتسدەك پۈتكۈل مۈلكى-بايلىقىنى دېگۈدەك ئىئانەقىلىۋەتكەن شەخسلەر بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىشقاپېتىنالمايدۇ، ئەخلاق ۋائىزخانلىق قىلىشنى بولسا دېمەيلا قويايلى. بىراق جۇڭگودائوخشىمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-ئابرويغا بولغان نەپرىتى ۋە چوقۇنىشى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نېرۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ كاردىن چىقاردى.
ئاخىرى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ.
مەنبە: http://blog.sina.com.cn/s/blog_48c00fbb0102e5qb.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-31 01:46 PM