پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، تېرىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.1. سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى يۇقۇملىنىش
سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى يۇقۇملانغۇچىلاردا، سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىن 500 گىرام تەييارلاپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن، يانجىپ سۈيىنى چىقىرپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ، چاينىڭ ئورنىدا ئىچىپ بەرسە كېسەللىك ئەھۋالى پەسىيىدۇ.
2. كانايچە ياللۇغى
يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىن 100 گىرام، يۇمغاق سۈتتىن 20 گىرام تەييارلاپ، قوي ئۆپكىسى بىلەن بىرگە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، كانايچە ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. قەۋزىيەت
250 گىرام يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن، سۇدا قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، تۇز، تېتىتقۇ قوشۇپ، تاماق بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىپ بەرسە، قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ.
4. بوۋاسىر
250 گىرام يېشىل پۇرچاق، 25 گىرام لامنارىيە، 30 گىرام ساڭرام قۇلاقنى پاكىزيۇيۇپ، قازانغا قويۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەرنى قويۇپ قاينىتىپ شورپا قىلىپ، ئىستىمال قىلىپ بەرسە بوۋاسىر كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
5. يۆتەل ۋە سېرىق بەلغەم
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل بولۇپ قېلىپ، سېرىق بەلغەم تۈكۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، 500 گىرام سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، 10-15 گىرام ئاپلىسىن پوستى تەييارلاپ، مۇۋاپىق مىقدار سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە سېرىق بەلغەمگە پايدا قىلىدۇ.
مەنبەسى -شىپاگەر تىبابەت تورى..
www.xipagar.com
تىخىمۇ كۆپ تېببى بىلىملەرگە ئىگە بولماكچى بولسىڭىز
مەرھەمەت