مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 2

مادارىم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 04:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           مادارىم بار


                سەندىن ئايرىلىپ ، سەنسىز ياشاشقىمۇ مادارىم بار . چۈنكى ، سەن ماڭا ئۇچۇرمىغان شۇ چاغلاردىمۇ ياشىغان . ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ ياشىيالماي نىمە بوپتۇ ؟! سەن مىنىڭ دۇنيارىمدىن بىر قېتىم يوقىغان ئەمما ئۇ چاغدا سەن مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنىمۇ بىلمەيتىڭ . اللە نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتىم . كىچىككىنە بىر يەردە كۆز ئالدىڭدا ساڭا كۈندە نەچچە تەلمۈرۈپ ئالدىڭدىن ئۆتكىنىمدە مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى بىلمىگەن سەن مانا بۇ ناتونۇش چوڭ بىر شەھەردە ئۆزۈڭ مىنى توساتتىنلا ئىزدىدىڭ . مانا بۇ اللە نىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقى ئەمەسمۇ ؟ سىنى بۇ شەھەردە ئۇچۇرتۇپ قالىمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . بەلكىم سەنمۇ ھەم ئويلىمىغان بولغۇيتۇڭ . اللە بۇ شەھەردە مىنى يىگانە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ، مۇساپىرلىقنىڭ ئازاپىنى ماڭا بىلدۇرمەسلىك ئۈچۈن ماڭا سىنى ئۇچراتقان بولغىيتى بەلكىم . مانا ئەمدىلىكتە بۇ شەھەردە ئۇنچىلىكمۇ بەك ياتسىراپ كەتمەيدىغان بولدۇم . بۇلانىڭ ھەممىسىمۇ سىنىڭ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ، چنكى بۇ شەھەردە مەن بارغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى سەن ماڭا بىلدۈردۈڭ . بولمىسا ئۇ يەرلەرنى مەن نەدىن بىلەتتىم دەيسەن ؟ اللە قا شۈكرى ۋە ساڭا رەھمەت .
                سەن بۇ بىر يىل جەريانىدا ماڭا نەچچە قېتىم ئۈمۈدلارنى بەردىڭ ۋو يەنە نەچچە قېتىم مىنى ئۈمۈتسىزلەندۈردۈڭ بۇلار بەلكىم ساڭىمۇ ئايان . بوپتۇ بۇمۇ بەلكىم اللەنىڭ ماڭا بەرگەن سىناقلىردۇ ، بۇلارنى مەن خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن ، اللە بەرگەنگە شۈكرى قىلمەن ، سەۋىر قىلىمەن ئەلۋەتتە . ھەم سەندىنمۇ رەنجىمەيمەن . اللە سىنى ماڭا ئۇچراتتى ۋە يەنە مەندىن تارتىۋالدى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە اللەنىڭ بىر ھىكمىتى باردۇ . اللە ھىچقانداق بىر ئادەمنى بىراۋنىڭ دۇنياسىغا بىكاردىن بىكار ئەكىرمەيدۇ ئەلۋەتتە . بەزىلەر سەن ئۈچۈ سىناق ، بەزىلەر سەن ئۈچۈن جازا ۋە يەنە بەزىلەر اللەنىڭ ساڭا بەرگەن نىممىتىدۇر . بەلكىم اللەنىڭ سىنى ماڭا ئۇچۇرتۇپ يەنە سىنى مەندىن تارتىۋېلىشى ماڭا بەرگەن جازادۇر . ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئۈچۈن ماڭا سەندىن ئايرىلىش ئازابىنى بەرگەندۇ . ۋە ياكى بۇ بىر ياخشىلىقتۇ ، كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ دىگەندەك ، اللە بەلكىم ماڭا تېخىمۇ ياخشى بىرسىنى لايىق كۆرگەچكە سىنى يېنىمدىن ئەكەتكەندۇ . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سەندىن ئايرىلىپ ياشاشقا مادارىم بار . مەن سەندىن ئايرىلىپ قېلىپ ھەقىقەتەن كۆپ ياشلانى تۆكتۈم مىنىڭ سەندىن كۈتكۈنۈم كۆپ ئەمەستىغۇ نىمىشقا شۇ كىچىككىنە تەلىۋىمنى رەت قىلىپ مىنى ئازاپلايسەن ؟ سەندىن دەرتلىرىڭگە تەڭ ھەمدەم بولىشنى سورىساممۇ سەن رازى بولمۇدۇڭ . ئەلۋەتتە سىنىڭ خوشاللىقىڭنى تالاشمايتىم . پەقەتلا سەن ھارغاندا ، چارچىغاندا مىنىڭ ساڭا ھەمراھ بولۇشۇمغا يول قويغان بولساڭلا بۇ مەن ئۈچۈن ئالامچە خۇشاللىق ۋە بەخىت بولار ئىدى .
                مەيلى سىنىڭ سېغىنىش ئازابىڭدا بۇ كىچىككىنە يۈرۈگۈم لەختە - لەختە قان زەرداپلارغا تولسىمۇ ، مەن يەنىلا سەندىن ئاغرىنمايمەن  ۋە ياكى زارلانمايمەن . يەنىلا سىنىڭ بەخىتلىك بولۇشۇڭنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن . ھەر ۋاقىت سەن ئۈچۈن ۋە بەختىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتمايمەن .سىنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىڭنى دەپ ، سەن ئۈچۈن ۋاز كەچكەنلىرىمگە ئۆكۈنمەيمەن . چۈنكى ، سەن مىنىڭ ۋاز كىچىشىمگە ئەرزىيتىڭ . مەن يەنىلا شۇنداق دەيمەن  << مىنىڭ سەندىن ئايرىلىپ ياشاشقا مادارىم بار .>> مەن قەيسەر بولىمەن . چۈنكى مىنىڭ تولا ياش تۆكۈشلىرىم بىلەن اللەنىڭ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمنى ساڭا قايتۇرۇپ بىرىشىنى ، سىنىڭ زەرىچە ئازاپلىنشىڭنى خالىمايمەن . يۈرەكلىرىم يېرىلىپ قانلار ئاقسىمۇ كۆز ياشلىرىمنى يۈتۈپ تۇرۇپ ساڭا بەخىت تىلەيمەن .




مەنبە : قەلبىم    ( غۇنچە )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gunqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-30 04:06 PM  


ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 09:05:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىرىمىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ئاچچىق-چۈچۈك ئەسلىمىلىرىمىز بار. ئاللاھقا يېلىنىپ تۆكۈلگەن ياش زايە كەتمەيدۇ, ئنشائاللاھ.

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100871
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 08:52:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ،تېخىمۇ تىرشىڭ .اللە ئگەم ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش