پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟
گۆھەرقىز ئىبرايىم
سەن ئۇنى قەدىرلەپ ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ "ئاتا ئانىسى يوق، كىم سىنىڭ ھۆرمىتىڭنى قىلىدۇ؟ " دىيىشلىرىگە پىسەنىت قىلماستىن ئۇنى سۆيۈپ، مەكتەپتىن تاللاپ ئىلىپ كەتكەن ئىش ئورنى ئاقسۇنى يىراق كۆرۈپ ئۇنى ئەۋەتمەستىن ئەمرىڭگە ئىلىۋالدىڭ، ئۇمۇ سىنىڭ سۆيگۈلىرىڭنى ياقا يۇرتتىكى خىزمەتتىن ئەتىۋا بىلىپ سەن بىلەن ئۆي تۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ ساڭا ياتلىق بولدى.
بىراق ئۇنى قەدىرلىگەن كۈنلىرىڭ ئۇزۇنغا بارمىدى، سەن ئۇنى ئۆيدە قالدۇرۇپ، مەكتەپكە كىتەتتىڭ، ئائىلەڭدە ئۇنى ئاتايدىغان ئىسىملار كۈنسىرى يىڭىلىنىپ تۇراتتى، "دۆت"، "مەدىنىي دىھقان"،" ئەر مەستانىسى"، "گاچا".......ئۇ بۇ سىلكىش، چۈشۈرۈش ۋە خورلۇقلارغا سەن ئۈچۈن بەرداشلىق بىرىپ، يىغىنى ئىچىدە يىغلاپ ساڭا تامچە يىشىنى كۆرسەتمەي ياشاپ، ساڭا بۇدرۇققىنە ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بىرىپ، سىنى ئالەمشۇمۇل بەخـتكە چۆمۇلدۇردى.
سەن بۇ بەختلەرگە شۈكرى -قانائەت قىلماستىن شەيتانغا ھەمراھ بولۇپ، ئۆزەڭنى دوستلىرىڭغا سىلىشتۇرۇپ: خىزمىتىڭ يوق يۈك بولدۇڭ، قوش مۇئاشلىقلارغا قارا، ئۆيى ماشىنىسى ، بانكىدا پۇلى.....قۇلى نەگە سوزسا شۇ يەرگە يىتىدۇ، مەن سىنى قىغ چۈشۈرگىلى ئالدىممۇ؟ ئاتا- ئانامنىڭ گىپىغا كىرسەمچۇ؟......." سىنىڭ ئۇنىڭ يۈرىگىگە يىڭنىدەك سانجىلىدىغان تاپا تەنە ۋە جىدەل ماجرالىرىڭ ئۇنىڭغا ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمىدى.
سەن ئۇنىڭدىن مەجبۇرى ئاجرىشىپ كەتتىڭ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىڭ بالاڭنىڭ يىتىم بولۇپ قالغىنى كۆزۈڭگە كۆرۈنمەي ئۇنىڭغا پىچىپ قويغان ئۇن بەش مىڭ يۈئەن چوڭ كۆرىنىپ چەكسىز ئازاپلاندىڭ يۇ لىكىن ئاي ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان يەنى خىزمىتى بار، پاكىز،چاققان، سۆزمەن بىرسى بىلەن توي قىلىۋالدىڭ، سىنىڭ سۆزۈڭ بويىچە بولغاندا سەن بەختىڭنى تاپتىڭ، ياق بەختىڭنى تاپمىدىڭ سەن ئامراق بولغان پۇلنى كىرىم مەنبەسىنى تاپتىڭ.
سەن ئۇنى ۋەيران قىلدىڭ، ئۇنىڭ چىھرىدىن نە كۈلكىنى نەخۇشاللىقنى تاپقىلى بولمايتى، ئۇ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، قەلبىدىكى چەكسىز ئازاپلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئىنتاھان بىرىپ ئۆتۈپ خۇددى سەندەكلا ئوقۇتقۇچى بولدى.
بۇگۈن ئۇنىڭ تويى، ئۇ سەندىن ئايرىلىپ، ھاياتتىن چەكسىز ئازار يەپ، نەپرەت دىڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرگىنىدە ئۇچراتقان دىل يارىسىنىڭ مەلھى بولغان بىرسى بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ، چىراي جەھەتتە ساڭا يىتەلمىسىمۇ لىكىن ئادىمىلىك پەزىلەتتە سىنى بىسىپ چۈشەلەيدىغان سەندەك بىر خىزمەتچى بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ.
سەن ئۇنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئۆزەڭنىڭ پۇشمانلىق ياشلىرىڭنى تۆكتۈڭ، غەپلەت ئۇيقۇڭدىن ئويغاندىڭ، سەن ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغىننى، ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى بىلدىڭدە ئۇنىڭغا پۇشمانلىق ياشلىرىڭنى تۆكۈپ، ئۇنىڭ تويىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئۇنى بۇرۇن قانچىلىك ئازاپلىغان بولسا شۈنچىلىك تولۇقلاپ بىرىش توغرىسىدا ۋەدە بىرىپ، ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئۈچۈن بارلىق مال مۈلكۈڭدىن ئايرىلىپ قالساڭمۇ ئەرزىيدىغىنىڭنى ئىيتىپ، ئوغلۇڭلارنى ۋاستە قىلىپ ئارىغا سالساڭمۇ ئۇنىڭ سىنىڭ ئازاۋىڭ دەستىدىن مۇزلىغان قەلبىنى ئىرىتەلمىدىڭ.
ۋاقىت ھەممىگە جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇ پۇلدىن ئىنساننىڭ قەدرىنى ئۈستۈن كۆرىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىپ بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلاپ، سەن دىگەندەك مەدىنى دىھقان بولماستىن، ئىلمىي ساپالىق دۆلەت خىزمەتچىسى، لاتاپەتلىك پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، قەدىرلىگۈچىنىڭ قىسقان گۈلىگە ئايلىنىپ ياشىماقتا. سەن بولساڭ ھىلىقى شەرەنداز، سۆزمەن ئايالىڭنىڭ بىشەم ۋە ھازازۇللىغىدىن ئاغزى بۇرنىڭغىچە تويۇپ، ئىككى باشلامدىن بولغان ئىككى بالاڭنى يىتىلەپ پۇشمان ئىلكىدە لايىق ئىزلەۋاتىسەن. شۈكرى قانائەت بىلەن ساڭا بوي سۇنۇپ ياشىغان سادىق پەزىلەتلىك ئايالنى سەن يۇۋاش، ئىشسىز، گاچا دەپ ھاقارەتلىگەندە ئاللاھنىڭ ساڭا ھازازۇللۇقنى تونىتىدىغىننى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭ؟
سەن ئۈچۈن پۇل ھەممىگە شۇنداق قادىر ئىدىغۇ؟ بۇگۈن تاپقان پۇللىرىڭغا قۇلدىن كەتكەن بەختىڭنى سىتىپ ئالالامسەن؟ سىناپ باققىن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-30 03:48 PM