coolbala يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 09:12 PM
ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ160مىڭ مۇڭغۇلنى ئىسل ...
خاپا بولماڭە، ئۇ دەۋىردە يەكشەنبىسى پۇل تارقىتىپ دىنغا كىرگۈزىدىغان ئىشلار بولمىغاندىن كېيىن، كۇچا پەدىسىگە «ھەي موغۇل قارىيلار، مۇسۇلمان بولۇپ باقامسىلى يە» دەپ «زورلاپ» قويغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇ دەۋىردە غەرىپتىمۇ دىنغا زورلاش بار ئىدى، بولدىلا ئۇ خەقنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى سۆزلەپ كۆڭلىمىزنى ئېلەشتۈرمەيلى.
ئىسلام دىنىنى مەجبۇرى يولغا قويۇپ 160مىڭ موڭغۇلنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلغىنىنىڭ ئەھمىيىتىگە كەلسەك، ئەگەردە مەۋلانەم ياكى تۇغلۇق تۆمۈرخانىمىز يالغۇزلا بۇ ئىشنى قىلالىغان بولسا ھەقىقەتەن كارامەت ئىش بولۇپ، بۇلار تەڭرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ھەمدە بۇ ئىككەيلەنگە ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولۇش ياخشى ئىش ئىكەن.
ئەگەردە بۇ ئىككىسى يالغۇزلا قىلمىغان بولسا، ئەتراپىڭىزدىكى ئەقلى-ھوشى جايىداراق ئادەمنىڭ بىرەسىدىن سوراپ باقسىڭىزلا، شۇ 160مىڭ كاپىرنى مۇسۇلمان قىلىش جەريانىدا چوقۇملا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە شۇ توقۇنۇشتا شۇنچە ئادەمنى مۇسۇلمان بولۇشقا «مەجبۇرلىيالىغان»
ئەقىللىق ھەم
جاسارەتلىك قانچىلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇ موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى دەل شۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرتكۈلۈك رول ئوينىشى ۋە ھېساپتا بېسىمى ئاستىدا بولغان دېسەكمۇ بولىدۇ. دېمەك تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرى دەل ئورتا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىق يەنە قايتىدىن تۈركىي قەۋىملەرگە ئۆتكەن دەۋىر. شۇنىڭغا ئاساسلىق سەۋەب بولغۇچى يەنە شەيخۇلئىسلام مەۋلانا ئەرشىدىن نىڭ نەقەدەر ئالىيجاناپ، يېتۈك شەخىس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن
دانا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
بۇنىڭدىن خۇلاسە، پەقەت ئىسلام دىنىلا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز خەلقىنى، ئەجدادلىرىنى ھۆرمەتلەشكە شۇنداقلا ھەقىقىي رەۋىشتە سۆيۈشكە باشلايدىكەن... ھەمدە يەنىلا شۇ ئۇيغۇرلارنى ئەقىللىق، ھۆر ھالەتكە كەلتۈرەلەمدۇ نېمە؟