- نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى(سۈرەت تۇلۇقلاپ يوللاندى)
خوجا نىياز(ئاقسۇمائارىپ ئىنىستىتوتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى)
2013- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 25- كۈنى كەچكىچە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۇەن شەھىرىگە جايلاشقان شىمال مىللەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالىدا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ - مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېىچلدى. يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئالىي ،ئوتتۇرا مەكتەپ،ھەرقايسى ئورۇنلاردىن ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرىنى تاپشۇرغان بىر
قىسىم ئالىم ،تەتقىقاتچى،مۇتەخەسىسلەر ،مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇلۇپ 70دەك كىشى قاتناشتى.
23- سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، كېيىن 3 گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ ماقالە ئوقۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. گۇرۇپپىلاردا يىغىن قاتناشچىلىرى ئۆزىگە بېرىلگەن 15 مىنۇتتىن تولۇق ھەتتا ئاشۇرۇپ پايدىلىنىپ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ تونۇشتۇردى، بەزى تېمىلاردا قىزغىن مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتتى. بىر كۈندىن ئارتۇق گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى بولدى. 24 - سىنتەبىر گۇرۇپپىلاردىن تاللانغان تەتقىقاتچىلار ئومۇمىي يىغىندا ماقالىلىرىنى تونۇشتۇردى، بۇلاردىن قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مەتتۇرسۇن سىدىق (خوتەن قەغىزىنى ماددىي پاكىتلىرى بىلەن تونۇشتۇرىدى)، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس ۋە رەيھان قادىر خانىملارنىڭ ماقالىلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزغىن مۇھاكىمىلىرىگە سەۋەب بولدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەن تەتقىقاتچى رەيھان قادىر خانىم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى جۈملىدىن «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى 2 كىتابنىڭ (خەنزۇچە نەشر قىلىنغان) مۇئەللىپى بولۇپ يىغىندا ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدىكى تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان پ پ ت ماتېرىيالىنى كۆرسىتىپ دوكلات بەردى. خانىم يۈەن ۋە مىڭ سۇلالىرى دەۋرىدە يۇرتىمىزدىن ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئىچكىرىگە كۆچۈپ بارغان، ھازىر خەنزۇ تىل ۋە يېزىقىنى قوللىنىدىغان، ئەمما مىللەت كىملىكىنى ساقلاپ قالغان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە خۇن خۇنەن، خېنەن، يۈننەن ... ھەتتا كورىيە قاتارلىق جايلاردا خەنزۇ تىل يېزىقىنى قوللىنىدىغان، بۇددا، ئىسلام ۋە نېستورىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ قىزغىن مۇھاكىمە مەنبەئىي بولدى. يېپىلىش يىغىنىدا يەنە ماقالىسى مۇنەۋۋەر باھالانغان بىرقىسىم ئاپتورلار مۇكاپاتلاندى.
بۇ قېتىمقى يىغىن ھەر يەردىن كەلگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۆز - ئارا تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرىنى چۈشىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بولغان تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان ، مۇۋەپپەقيەتلىك يىغىن بولدى.
يىغىن جەريانىدىكى بىرقىسىم كۈرۈنۈشلەر: