مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4625|ئىنكاس: 26

قارا كۆز (تولۇق قىسمى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 824
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 10:55:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            psb.jpg
                    
                                              قارا كۆز (ھىكايە )
  مەن قارا كۆز ،ئەقلىمنى بىلسەم مىنى ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشلەر شۇنداق دەپ ئاتايدىكەن ،شۇنداق ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىر جۈپ قارا كۆز ئاتا قىلغان ،بۇ ئۆمرۈمدىكى بىردىنبىر ئارزۇيۇم ھەم شۇ بىر جۈپ قارا كۆزۈم بىلەن ماڭا ئاسىي بولمىغان ،ماڭا ھەقىقى موھەببەت بىلەن قارىغان مەن ھەم مىنى سۆيگەن كىشلەرنىلا كۆرسەم دەيمەن ،،،
مەن سۆيدىغان ،رىئاللقتا ئەمەس چۈشۈمدىلا كۆردىغان مەن ئاشىق بىر جۈپ چىرايلىق كۆز ،ئەنە ئۇ يەردە مېنى يېنىغا بىرشىمنى چاقىرۋاتىدۇ ،ئۇنىڭغا يىقىن كەلدىم ،،ياق ،،بايىقى چەكسىز مۇھەبەتكە تولغان بىر جۈپ قارا كۆزگە نەپرەتلىك ياش تولدى ...
-سىز كىم ،،نىمىشقا مېنى دائىم يىنىڭىزغا چاقىرسىز ،
-نەرگىز ،،سەن مېنىڭ ...
-ئەمسە بۇ ياشلار ...
ئۇ يىراقلاپ كەتتى ،،،،،،
-ھەدە ،كۆزۈڭنى ئاچە ..سىنى يەنە قارا بىسىپ قاپتۇ ،،،
ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرۋاتقىنىمغا خىلى ۋاقىت بولدى ،دائىم چۈشۈمگە كىردىغان ئۇ بىر جۈپ كۆزنىڭ ئىگىسى زادى كىمدۇ ؟؟؟
كۈن چقىپ كىتىپتۇ ،،،ۋايجان تايىنىلىق مىنى يەنە نۇرغۇن ئىش كۈتۈپ تۇردۇ ،،،
-بەك ئۇخلايسەن ھە ..قوپە ،ئاپام سىنى تاللا بازىرغا بىرىپ نەرسە كىرەك سىتۋىلىپ كەلسۇن دەپ چىقىپ كەتتى ..سىڭلىمنىڭ بۇ گىپى نىرۋامغا چىقتى ،،،
-ساڭا چىچەك چىقىپ قاپتىما سەن بارساڭ نىمە بولدىكەن ..
-ۋىيى ،مەن يا ماشىنا ھەيدىيەلمىسەم ،مەن ئۆي تازىلايمەن خىنىم مەنمۇ بىكا قالمايمەن ،،
ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپ تالاشقۇم كەلمىدى ،،بوپتۇلا خەپ ئەرگىمۇ تېگىپ چىقىپ كىتەرمەن ،،لىكىن قىنى شۇ تىگىدىغان ئەر ،،،ھەي بويتاقچىلىق ...
چىيىمنى ئالدىراپ ئىچتىمدە ۋالىدەمنىڭ بۇيرۇقلىرنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماشىننى ھەيدەپ ماڭدىم ..
ئۇھ،،ئۈرۈمچىدە دەم ئىلىش كۈندە ماشىنا بىلەن سىرىتقا چىقىپ نەرسە كىرەك سىتۋىلىش ھەرەمگە بىرىشتىنمۇ تەس ،،يول توسىلىپ قالدى ..ئالدىمدىكى ماشىنىلار ھىچ بىر قوزغىلدىغاندەك ئەمەس ،،ئۈندىدارنى ئاچتىم دوسلار چەمبىركىدە ھىچ بىر يېڭىلىق يوق ،،ئىچىم پۇشتى ،،ۋايجان بىردەم ناخشا قوياپ ئۇسسۇل ئوينايچۇ ،،
قول دىگەننى كۆتۈرۈپ تازا ئويناۋاتاتتىم ..مىڭەمدە چاقماق چاققاندەك بولدى ،،
ئۇلۇغ خۇدا ئالدىدىكى ئىككى ئەينەكنى كۆتۈرۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم ..ئوڭ تەرەپكە ئاستا قارىدىم ئۇھ...ھىچكىم يوق ،ئەمما مەن ئولتۇرغان تەرەپ ،،
-يائاللا ،يىنىمدىكى ماشىندا شۇنداق كىلىشكەن تۆت بالا ماڭا قاراپ كۈلۈپ بىر قىسم بوپ قالاي دەپ قاپتۇ ..
ھاۋادا لەيلاۋاتقان قولۇمنى ئاران تەسلىكتە يىغىشتۇرۇپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم ..
چەكسىز شۈكرى ئاللاھىم يول ئىچىلدى ،،ئوتتا ئولتۇرغاندەك مەن يولۇمنى داۋام قىلدىم
-ھەي ،قاراكۆز ،مۇشۇنداق سەتچىلىكلەرگە سەنلا قالەمسەن زادى ،،مۇشۇنداق ساراڭدەك قىلىقلارنى قىلىپ يۇرۈپ يەنە توي قىلغىدەك ھىچكىم يوق دەپ كىمدىن ئاغرىنسەن ،،يەنە خاتىرجەم 2يىل يۈرگىن ...
تاللا بازىرنىڭ ئالدىغا كەلدىم ،،ماشىنا توختاتقىدەك بىرە ئورۇن يوق ،،كۆزۈم چىقىپ كەتكەن بىر ماشىنىغا چۈشتى،،ئوقتەك ھەيدەپ ئۇتەرەپكە ماڭدىم ،ئالدى تەرەپتىن يەنە بىر ماشىنا شۇ ئورۇننى كۆزلەپ كىلۋاتاتتى ،،،بۇنداق يەرلەردە مەن قاراكۆز ھەرگىز بوش قويۋەتمەيمەن ئەلۋەتتە ...
لىكىن قارشى تەرەپ مەندىن چاققان چىقتى ،،ئەمما مەنمۇ بوش كەلمەي ماشىننڭ تۇمشىغنى ئۇ ئورۇنغا توغۇرلاپ ئۆزۈممۇ كىرەلمەي ئۇ ماشىننىمۇ كىرگۈزمەي تۇرۋالدىم ،،ئۇ ياق سىگنال بىرىۋەردى ،،سىزدە با لابا مەندىمۇ بار ،،مەنمۇ بەردىم ..تۇيۇقسىز ئۇ ماشىننىڭ ئىشىكى ئىچىلىپ ئىچىدىن بايامقى مېنىڭ ماشىندا ئۆتكۈزگەن سەنئەت كىچىلىكىمنى كۆرۈپ قالغان بالىلارنىڭ بىرسى ئىچىدىن چۈشتى ،،
-يائاللا،،ما ئىشنى كۆرەڭ ئەمدى ،،مانداق ئۇچرىشىپ قالىدىغان گەپ ،،
-توك توك ..تۇيۇقسىز دىرىزە چىكىلدى  ..شۇ بالا ئەينەكنى چۈشۈرۈشنى شەرەت قىلىپ تۇراتتى ،،
-نىمە بولدى ..دىدىممەن ،،
-سىز ئەجىبا مېنىڭ بالدۇر كەلگىنىمنى كۆرمىدىڭىزما ،،شۇنداقمىكىن دەي دىسەم شۇنداق چىرايلىق يوغان بىرجۈپ كۆزىڭىز باركەن ،،
-كۆردۈم ،ئەمما مەنمۇ سز بىلەن تەڭ كەلدىمدە ..
-سىز سەل غەلىتىمۇ قانداق ،،قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلۋاتىسىزغۇ ..
-ۋىيى نىمە يالغان گەپ قىلىپتىمەن ،،بۇ ئورۇن سىزگە بىرەسىدىن مىراس قالمىغان بولغىيتى ..
-ھا ھاھ ئۇنىڭ ئويۇن كۆرۈشكە چۈشكەن ئاغىنلىرى كۈلۈشكە باشلىدى ،،
-قاراڭ ،ئاللاھ سىزگە چىراينى ئايىماي بىرىپتىكەن ،ئەمما شۇ ،،
-ھە نىمە ،،نىمە دىمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى دىمەي قويۇڭ ھە ..
-ھوي ئۇرۇپ قويامسىز قانداق ،،،
-توۋۋا دەڭە شۇنداق ئاقكۆڭۈل قىز مەن ..ئەمما بەك ئالدىرايمەن ،..مۇشۇ تاپ ئاپام مىنى ساقلاپ ئولتۇردۇ ،،بۇ قىتم سىزگە لىيفىڭ روھىمنى قىلالمايمەن ..كەچۈرۈڭ ھە ،،شۇنداق دىدىمدە ماشىننى قوزغاتتم ..تەلىيىمگە يەنە بىر ماشىنا چىقىتى ...شۇنىڭ بىلەن قىينالمايلا ماشىنامنى توختىتىپ تاللا بازىرغا كىرىپ كەتتىىم ..
مۇشۇ ئاپام شۇنچىلىك جىق نەرسە بۇرۇيدىكىن ماڭا ھەرقىتىم تۇغۇلغىنىمغا پۇشايمان قىلدۇرۋىتىدۇ زادى ،،سىتۋالغان نەرسىلىرىمنى كۆتۈرەلمەي بەك تەستە ماشىنا تەرەپكە قاراپ كىتىپ بارمەن ...
-ئەكىلىڭ مەن كۆتۈرشۈپ بىرەي ،،
بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام بايىقى بالا ،،ئالدىمدا كۈلۈپ تۇراتتى ..
-بولدى رھمەت ..
ئۇ گىپىمگە قۇلاقمۇ سالماي قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئالدى ..
-تاس قاپسىز زادى كۆتۈرەلمەي ئۆردەكتەك ئىرغاڭشىپ قالغىلى ،،،
-شۇ بەك جىق نەرسە ،،،تۇيۇقسىز بۇ بالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،،بۇ بالا ھەقىقەتەن بەك قاملاشقان ئىدى ،،
بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ بىر جۈپ كۆزى ،،تۇيۇقسىز دائىم چۈشۈمدە كۆردىغان شۇ بىرجۈپ كۆز ئىسىمگە كەلدى ،،يۈركىم قارتلا قىلىپ قالدى ،،توۋۋا دە نەرگىز ئۇنداق ئىشلار پەقەت كىنۇلاردا يۈز بىردۇ ،،
-ھەي دىققەت قىلىڭ ،،ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمىدىم --توڭ قىلىپ بىر نەرسىگە ئۈسسىدىمكى كاللامدىن قۇشقاچ ئۇچۇپ چىقپ كەتتى ،،
-ھا ھاھ ھوي قىز بالا نىمە كۈپكۈندۈزە تۈرۈككە ئۈسسۈپ يۈرۈيسىز ،،
-كۈلمەڭە ..ھەجەپكەنسىز ،،نومۇس ھەم ئاغرىقتىن كۆزۈمدىن ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى ،،
-ئاللا ،چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،،يىغلىماڭ بولدى ،،
يۈزۈمگە بىر قول تەگدى ،،
ئۇ قولى بىلەن يۈزۈمنى ئۆزىگە قاراتتى ،،
-يىغلىماڭ ،،بۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭىز نەمدەلمىسۇن ،،مەن خالىمايمەن ،،بىلەمسىز ؟
ئۇنىڭ شۇ بىر جۈپ كۆزلىرگە ئاجايىپ چۈشنىپ بولغىلى  بولمايدىغان بىىر خىل ھىسيات يوشۇرۇلغان ئىدى ..
يۈركۈم تۇنجى قىتىم تاتلىق بىر سىزىمدىن بوش ئاغدى ،،
تۇيۇقسىز تىترىگەن تىلفۇنۇم مىنى بۇ ھىسلاردىن ئويغاتتى ..
ئاپام ئىكەن ،،تىلفۇننى ئالساملا قار -يامغۇر سۆزلەيدىغىنى ئېنىق ،،شۇنىڭ بىلەن بىسۋىتىپ ماشىنغا چىقتىم ..
-تىلفۇنىڭىزني ئىشلىتىۋالايمۇ ،،مېنىڭ توكى تۈگەپ تاقىىلىپ قاپتۇ ،،ئاغىنلىرىمنى تىپىۋالاي ،،
ئۇنىڭغا تىلفۇنۇمنى بەردىم ،،ئۇ بىر دوستىغا ئۇرۇپ كۆرشىدىغان يەرنى دىيىشۋالدى ،،،
-رەھمەت ،،ئىسمىڭز نىمە ،،
-نەرگىز ،،ئەمما مېنى ھەممىسى قارا كۆز دەيدۇ ،،
-بەك ماس كەپتۇ ،،بوپتۇ قارا كۆز .ئاللاھ خالىسا يەنە ئۇچرىشىپ قالىمىز ئىسمىم شاھزاد
ئۇ شۇنداق دىدە كىتىپ قالدى ..
بەلكىم بۇ ئۆمرۈمدە بۈگۈنكىدەك خىيالى يۈرۈپ باقمىغان بولسام كىرەك ،قۇلقۇم تۈۋىدە ئۇنىڭ ئاۋازى ،،كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ چىرايى ،،ئىغىر بېسىق ھالىتى ..
ئەجىبا موھەببەت دىگەن مۇشۇمىدۇ ،،نۇرغۇن كىشلەرنى بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلەپ يەنە نۇرغۇن كىشلەرنى ھىجران كوچىسدا سەرسان قىلۋاتقان موھەببەت مۇشۇمىدۇ ،،،ياق ،،نىمە بولۋاتسەن قارا كۆز ،،سەن ئۇ بالىنى پەقەت بىر قىتىم كۆردۈڭ ،،بەلكىم ئۇنىڭ سەندەك موھەبىتى باردۇ ،،ساراڭ بولما ،،
-ھەدە ،،يانفۇنۇڭ سايراۋاتىدۇ ،،،
-ۋەي ..ئاداش نەدە سەن ،،،
-ھە ،،ئادىلە ..مەن ئۆيدە سەنچۇ ،،
-مەنمۇ ئۆيدە ..ئاداش ئەتە دەم ئىلىش كۈنىكەن باغچىغا بىرىپ كىلەيلى ،،
-ۋىيى ،دەم ئىلىش كۈنى دەپ كەتكۈدەك سەن بىلەن مەن دۆلەت خىزمەتچىسىمىدۇق ،،،ھىھى ،،
-يائاللا قارا كۆز ،،ساڭا گەپ قىلغىلى بولمايدۇ زادى ،،،بولدى ئەتە سىنى ئالغىلى بارمەن ،،كۈنچۈشكىچە ئۇخلىماي ئەتىگەن تۇر جۇمۇ ،،،
ئادىلە مېنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇم ئىدى ،،ئۇنىڭ بىلەن باغچىغا كەلدۇق ،،بۇ ئىككىمىز ئوخشاشلا ساراڭلاردىن ئىدۇق ..بىر بولدۇقمۇ پۈتۈن نەرسىنى ئۇنتۇپ كىتەتتۇق ..تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايرىدى ،،ناتۇنۇش نومۇر ،،
-ۋەي كىمۇ ،،،
-ھوي ..قارا كۆز ،،قايداراق دەيمەن ،،،
تونۇش ئاۋازدىن يۈركۈم تىپچەكلەپ كەتتى ،،،
-ياخشى ،سىز كىمۇ ،،قەستەن تونۇماسقا سىلۋالدىم ..
-ئاللا ،،مەن شاھزاد..نەدە سىز دەيمەن ،،،
-ھە ..ياخشىما ،،مەن شۇ باغچىدا دوستۇم بىلەن ئوينىغىلى كەلگەن ،،،
-يو،،مانداق دەڭ ،،ھە ياخشى بولاپتۇ ..ئەمسە ئويناۋەرىڭ خوش ..
ئۇنىڭ تىلفۇن قىلغىندىن شۇنداق خوش بولدۇم ،،
-ۋوي كىمۇ ،،بەك خوش بولۇپ كەتتىڭمۇ ،،بىرەسنى تاپقان ئوخشىمامسەن ،،،
-ۋاي ،،ماڭە تاپسام سەندىن يوشۇرامدىم ،،
ھەممە ئويۇننى ئويناپ سەل خەتەرلىك بولغان تىز پويۇزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئادىلە ئىككىمىز چىقايلىمۇ چىقمايلىمۇ دەپ تۇرۇپ قالدۇق ،،
-ھە ..قورقىۋاتامسىز ياكى ،،،،،،
ئارقامغا ئىتتىك ئۆرلۈپ قارىدىم ،،شاھزاھ ھىلقى كۈندىكى دوسلىرى بىلەن كۈلۈپ تۇراتتى ،،
-بۇ بۇ سىز بۇ يەردە نىمە قىلسىز ،،
-ما گەپنى كۆرۈڭ بىزمۇ ئوينىغىلى كەلدۇق سىلەرگە ئوخشاش ...
-ھە ..ياخشى بوپتۇ ،،
-كىلىڭلار بىللە چىقىمىز ،،،
-توۋۋا دە جۇما ئاداش پۇل بەرسىمۇ چىقمايمەن بۇنىڭغا ،،،ئۇنىڭ دوسلىرى چىكىندى ..ئادىلەمۇ چىقمايمەن دەپ چەتكە چىقتى ،،ئۇ ئىككىمىز قالدۇق ...
ئىشقىپ سەكرەپ چۈشۋىلىشمغا ئامالىم يوق ،ئەمما مومامنى كۆرۈپ يىنىپ چۈشتۈم ،،،ئۇنىڭمۇ ھالى مەندىن قىلىشمايتى ..
مانا شۇنداق قىلىپ شاھزاد بىلەن ئالاقەم باشلاندى ،،ئۇ مىنى تۇنجى قىتىم مۇھەببەتنىڭ كوچىسىغا باشلاپ كىردى ،،ئۇنىڭ بىلەن بولسام ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىننى بىلمەيتىم ..ئۇمۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببەتلىك ھىسلىرىمنى شۇنداق قەدىرلەيتى ،،ھەر قىتىم قولىمىزنى تۇتىشىپ ماڭغان ۋاقتىمىزدا بىزگە ھەۋەس ھەم ھەسەت بىلەن تىكىلگەن كۈزلەردىن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم ،،
‹گۈلۈم دەيسەن ،ئەمما تىكىنىم بارلىقىنى ئۇنۇتما،تىكەنلىرىم سانجىلغاندا بولسا ۋايجان دىمە › ،،شاھزاد مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا روخسەتلىك ھەم روخسەتسىز ھالەتتە پۈتۈنلەي كىردى ،،ئۇمۇ مىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى ،،ھەر ئىككىلىمىز بىر بىرمىزدىن ئايرىلىپ قىلىشنى ئەسلا ئويلىمايتۇق ..
كۈنلىرىم ئۇنىڭ بىلەن تىلفۇندا ئۈندىداردا پاراڭلىشىشى بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى ،،
ھەدە ساڭا ئۇچۇر كەلدىمۇ ؟تىلفۇنىڭنىڭ چىرىقى يىنۋاتىدۇ ؟
راسىت دىگەندەك ماڭا ئۇچۇر كەلگەن ئىدى ،،شاھزاد ئىكەن ..
‹قارا كۆزۈم ،نىمە قىلۋاتسەن ،،بەلكىم بۇ ئۇچۇردىن تولىمۇ ھەيران بولغانسەن ھە ..ئەمما ساڭا بۇ گەپلەرنى ئۇچۇر ئارقىلىق دىمەي ھىچ ئامالىم يوق ،،سىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرمەن بۇنى بىر ئۆزۈم ھەم ياراتقان ئىگەم بىلدۇ ،،سىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان مەن ،،بىر ئۆمۈر سىنى ياخشى كۆرمەن ،،بۇ ھەقىقەت ئەمما ساڭا دىمىسەم بولمايدىغان بىر ئىش بار ،،نەرگىز ،سەن مىنڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ،ئەمما مېنىڭ يىراق بىر نەۋرە سىڭلىم بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ..ئاپاملار ماڭا شۇ قىزنى ئىلىپ بىرمىز دەيدۇ ،بۇ چوڭلار ئاجايىپ بولدىكەن ،ئەمما خاتىرجەم بولغىن ،مەن چوقۇم سىنى ئالىمەن ،سەن بولساڭمۇ مەن تەرەپتە تۇرۇپ مىنى چۈشەنگىن ،مىنڭ ئۇ قىزغا ھىچقانداق ھىسياتىم يوق ،بولامدۇ ،،›
كاللامدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم ،گەرچە شاھزاد مىنىڭدىن ۋاز كەچمىگەن بولسمۇ بىراق ئاتا-ئانىسى باشتىلا قارشى تۇرغان ئىشنىڭ ئاقىۋىتى يەنە قانداق بولماقچىدى ،،مەن بۇنداق ئىشلارنى تولا ئاڭلىغان ،بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى خەيىرلىك بولغانلىرى ئاز ،،ئاللاھىم ماڭا بۇنداق قىسمەتلەرنى ئۇچراتقۇچە بۇنداق يىرىم يولدا توختاپ قالدىغان موھەببەتنى مەندىن يىراق قىلساڭچۇ ...
كۈنلىرىم بىر خىل گاراڭلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ،،گەرچە شاھزاد ماڭا چاندۇرمىغىنى بىلەن شۇنچىلىك تەڭ قىسلىقتا قالغانلىقى ئىنىق ئىدى ..
يانفۇنۇمنىڭ ئىكرانىدىكى ناتونۇش نومۇرنى كۆرۈپ يۈركىم نىمىشقىدۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى ،،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،نەرگىز قىزمۇ ؟
بىر ياشقا چوڭراق ئاچاشنىڭ ئاۋازى ئىدى ..
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن شۇ ،،سىز كىم بولسىزكىن ،،
-مەن شاھزادنىڭ ھەدىسى ،ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىر كۆرشەي دەپ ئويلىغانتىم ..
يالىت قىلىپ كاللامدا بولغان خىياللاردىن ئۆزۈممۇ چۆچۆپ كەتتىم ...
مانا ھەدىسىنىڭ يىنىغا كىتىپ بارمەن ..ماشىنا مىنى ھەيداۋاتامدۇ ،،مەن ماشىننى ھەيداۋاتامدىم بىلمەيمەن ،،مىنىڭ بىلەن كۆرشىدىغىننى ئىنىسىغا ئىيىتمىغىنى ئىنىق شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىيىتمىدىم ..
قارىماققا شاھزادقا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ ھەدەش بەكمۇ ئوچۇق ئىدى،،
-سىڭلىم سىزنى بۇ يەرگە ئامالسىز چاقىرتىپ قالدىم ،،توغرا چۈشنىڭ ،،
گەپنىڭ بىشىدىلا چىققان ‹ئامالسىز ›دىگەن بۇ سۆز مىنىڭ شامنىڭ يورقىچىلىك ئۈمۈدلىرىمنىمۇ يوق قىلدى ..
-ياقەي ھىچقىسى يوق ،،نىمە گەپ بارئىدى ھەدە ..
-سىزنىڭ شاھزاد بىلەن يۈرۋاقانلىقىڭىزنى بىلمىز ،،ھەقىقەتەن شاھزاد بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك چىرايلىق قىز ئىكەنسز ،،
-رەھمەت ،،
-ئەمدى شۇ ،بەلكىم بىلسىز ،،شاھزادنى كىچىك ۋاقتىدىلا بىرنەۋرە قىز بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىز يىتىم ،شۇڭا سىڭلىم مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندىڭىز ،ئۇلۇغ ئاللاھ چوقۇم بەختىڭىزنى بىردۇ ،شاھزاد ھىچ بىر گەپ چۈشندىغاندەك ئەمەس ،ئەگەر ئۇنمىساڭلار مەن ئۆيدىن چىقىپ كىتمەن دەيدۇ ،تىجارەتنى پۈتۈن قىلۋاتقان شۇ سىڭلىم ،
-بولدى ھەدە ،مەن چۈشەندىم ،خاتىرجەم بولۇڭلار ،،
شۇنداق دىدىمدە ئورنۇمدىن قوپوپ چىقىپ كەتتىم ..
مانا مىنىڭ تۇنجى موھەببىتىم ،،مانا مىنى بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلىگەن سۆيگۈ ،،مەن كىمتىم شاھزادنى ئاتا-ئانىسىدىن تاندۇردىغان ..مەن چىكىنىپ چىقىشىم كىرەك بەلكىم بۇمۇ پىشانەم بولسا كىرەك ،،لىكىن مىنىڭ موھەببىتىمچۇ ،،ئاھ خۇدا ،،،
‹شاھزاد ،بىز ئايرىلىپ كىتەيلى ،،،بەلكىم بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن ئەڭن ياخشى قارار بولسا كىرەك ..سىزگە بەخىت تىلەيمەن ،،،›
ئۇنىڭدىن تىلفۇن قايىتتى ..
-سەن كىمگە نىمە دەپ ئۇچۇر يوللىدىڭ ھازىر ،،
-سىز گە ،مەن شۇنداق قارارغا كەلدىم ،،
-نەرگىز نىمە دەۋاتسەن ..ئۆزۈڭ دىگەن گەپنى قۇلىقىڭ ئاڭلاۋاتامدۇ ،،ماڭا مانداق چاقچاق قىلما ،،
-مەن چاقچاق قىلمىدىم ،جىق ئويلاشتىم ،،شاھزاد ،،ئاتا-ئانا باشتىلا قارشى تۇرغان ئىش خەيىرلىك بولمايدۇ ..
-بولدى ،بەس ،،ھازىر بارمەن كۆرشۈپ دىيىشلى ،،،
گىپىمنىڭ ئاخىرنىمۇ ئاڭلىماي ئۇ تىلفۇننى قويۋەتتى ..
-ئەمدى قىلە ،،سەن ئۈچۈن بىر قارار چىقىرىش شۇنچە ئاسانما ،،
-شاھزاد ،رىئاللىققا بويسۇنايلى ،،بىز تەقدىر ئالدىدا ھامىنى ئاجىز ،،
-نىمە ،نىمە تەقدىر ئۇ ،،سەن نىمنى بىلسەن ...نەرگىز  ماڭا بۇنداق قىلساڭ بولمايتى ،،ئۇنىڭسىزمۇ مەن بوش تەس كۈندە قالمىغان ،،،سىنى بار دەپ سەندىن تەسەللىيى ئىلىپ يۈرۋاتقان ئىدىم ،،
-شاھزاد ،،سىزنى شۇ تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلدۇردىغان بىردىنبىر ئادەم بەلكىم مەن بولسام كىرەك ..
-يو ،،شۇندامۇ ،،ئىككىمىزنىڭ  موھەببىتىنى ۋەيراان قىلىپ مېنى قۇتۇلدۇرسەن دىگىنە ،،مىنى ئۆلتۈرسەن بىلەمسەن ،،ۋەيران قىلسەن ،،،
-ئامالىم يوق .شاھزاد ئەمدى مىنى ئىزدىمەڭ ،،ئۇ قىزنى بەخىتلىك قىلىڭ ،،
-نىمە ،،كىمنى بەختلىك قىلمەن ..ئۆزۈمنى ۋەيران قىلىپ باشقىلارنى بەختلىك قىلامدىم ،،بۇنداق قىلما قاراكۆز ،سەنسىز بۇ ھايات ماڭا دوزاق بىلەمسەن ،،،ئۇمىنى ئۆزىگە تارىتتى ،،ھەرقىتىم ئۇنىڭغا ئۆزۈم ئىسىلدىغان مەن ..نىمىشقىدۇر بۇ قىتىم ئۇنى ئىتتىرىپ تاشلىدىم ..
-نىمە قىلۋاتسەن ،،نىمە سىنى بۇنچىلىك ئۆزگەرتىۋەتكەن ،،،،
-شاھزاد ،،ئامالىم يوق ،مىنى دەپ ئۆيدىكىلىرىڭز  بىلەن يامانلىشىشڭىزنىڭ تىخىمۇ ئورنى يوق ،،،بەخىتلىك بولسىز ،،مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ..
-لەنەت بولسۇن ،،نەرگىز ،مەيلى نىملا ئىشنىڭ تەسرى بىلەن بۇنداق ئۆزگەرگەن بولساڭ ھەممىسىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن ..مىنى بەخىتلىك قىپتۇمىش ،مىنى ئۆلتۈردۈڭ ،،ماقۇل سىنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزمەن ،،
ئۇ كەتتى ،،چۈشلىرىمدە كۆردىغان نەپرەتلىك ياشنى ئۇنىڭ كۆزىدە كۆردۈم ..
نەرگىز ئۇنىڭدىن ئايرىلدىڭ ،بۇ سىنىڭ ئالىيجاناپلىقىڭمۇ ،دۆتلىكىڭمۇ كۈنلەر ئۆتكەنسىرى بىلسەن ،،منىڭ يۈركىم ،،مىنڭ موھەببتىم ،،
مەن كۈندۈز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كىچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن قورۇقتىم ،بۇ مۇھەببىتىمىزنى چەكسىز بەخىتلەر قوينىدا ئەللەيلەشنىڭ ئورنىغا تىپىلغۇسىز ئازابلار قوينىغا تاشلاپ بەردىم .
تەغدىرىم يۈرەكلىرىمنىڭ نىدالىرغا بويسۇنمىدى ،،شاھزادىمدىن ئايرىلىپ قالدىم .
ئۇنى تىنىمسىز سىغىنىش ،ئۈنسىز ياخشى كۆرۈش ،بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىزنى ئەسلەش مۇشۇ كۈنلەردىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللىيى ئىدى .كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇخلىماسلىق ئۈچۈن يىغلىساق ،مانا ئەمدىلىكتە يىغلىرمىزنى باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۋالمىزكەن .مەنمۇ شۇنداق كۈندۈزلىرى كۈنگە قاراپ كۆز ياشلىرىمنى ئەتراپىمدىكى ئادەملەردىن يوشۇرسام كىچىلىرى يوتقانغا بىشىمنى چۈمكەپ  نىدالىرىمنى ،ھەسرەتلىرىمنى ھىچكىمگە بىلدۈرمەي ،شاھزادسىز ئۇنىڭ ئاۋازىسىز ،مۇھەبىتىسىز بولغان كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزمەكتىمەن .
‹قارا كۆز سىنى كەچۈرمەيمەن ،مىنى قاراپ تۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ ،سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان گۇناھىمغا بۇنداق جازالىشىڭنىڭ ئورنى يوق ئىدى ،مەن ئۇ قىز بىلەن يۈرۋىتپ سىنى تىپىۋالغان بولسامتى ،ماڭا نىمە قىلساڭ ھەقلىق ئىدى ،مەن ھىچنىمنى بىلمەستە چوڭلار ئويلاشقان ئىشلار بۇ ،ئۇلارنىڭغۇ ئىديەسى بۇرۇنقى ئىدىيە ،ئەمدى سىنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىر تەرەپكە ئۆتۈپ موھەببىتىمىزگە قارشى تۇرغىنىڭ مېنى ئەقلىمدىن ئازدۇراي دىدى ،قىنى ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىڭ ،مەن شاھزاد ھىچقاچان بۇنداق خورلۇق ھىس قىلىپ باقمىغان ،قەھىرلەر بولسۇن بۇنداق بىگانە مۇھەبەتكە ،مىنى مەيلى قايسى ھالەتتە كۆرگىن ئۇنىڭ سەۋەپكارى پەقەت سەن ،سىنىڭ ئەخمىقانىلەرچە ماڭا ئاتا قىلغان تەغدىرىڭ ›
ئۇنىڭدىن كەلگەن بۇ ئۇچۇر مىنى يەنە بىر قىتىم ئۆلتۈردى ،ئۇنىڭ مىنى چۈشنىشىدىن ئەسلا ئۈمۈدۈم بولمىسىمۇ ،لىكىن ئۇنىڭ ماڭا بۇنچىلىك نەپرەتلىنىشىنى پەقەت كۆتۈرەلمىدىم ،بۇنىڭسىزمۇ مەن ئارانلا قالغان ئىدىم ،نىمە كۈن بۇ ،نىمىدىگەن قىيىن تەغدىر بۇ !!!
ئۆزۈمنىڭ مۇھەبەتتە بۇنچىلىك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ قىلشىمنى ھىچ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم .ئەگەردە شاھزاد بەزىبىر بالىلاردەك ماڭا ۋىجدانسىزلىق قىلىپ باشقا بىرسىنى تىپىۋىلىپ مەندىن يۈز ئۆرگەن بولسا بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كىچىش ماڭا بۇنچە تەسكە توختىمىغان بولاتتى ،بۇنداق سۆيۆلۈپ ھەم سۆيۈپ تۇرۇپ ۋاز كىچىىش بەك تەس ئىكەن ،ياراتقان خۇدا ،،،
بۈگۈن قىزلار بىلەن ئوينىغان چىيىمىز بار ،بارغىم ھىچ يوق لىكىن ئادىلە بەك زورلاپ تۇرۋالغاچقا بوينۇمدىن سۆرگەندەك ئامالسىز باردىم .
كەينى -كەينىدىن چىقۋاتقان ناخشلار خۇددى مىنڭ ئازاپلىرىمنى بىلگەندەكلا ،مەن ئۈچۈن ئىيتىلۋاتقاندەك .
ھىلمۇ ‹خىيال ›دىگەن نەرسە بولۇپ قاپتىكەن ،ئادەم ‹خىيال ›ئارقىلىق بولسىمۇ يىتەلمىگەن ئارزۇلىرغا يىتەلەيدىكەن .
مۈرەمنىڭ يىنىك ئىتىرلىشىدىن ئارقامغا قارىدىم ..
-تانسا ئوينامدۇق ..؟
-مەن ،بۇ ،،ئانچە ياخشى ئوينىيالمايمەن ..
-بۇنداق قىلماي قوپىڭە ،،مەن بەك تەستە كەلدىم ئالدىڭىزغا ..
قارىسام بۇبالا بەك خىجىل بولۇپ كىتىپتۇ ،يۈز كىلەلمەي قوپتۇم ،ئەمما قوپۇپ بوپلا پۇشايمان قىلدىم ،لىكىن يەنە ئولتۇرۋىلىشىمنىڭ ھىچ ئورنى يوق ،،
-رەھمەت سىزگە ،
-ھىچقىسى يوق ..
بۇ بالا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تانسا ئويناۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا خۇددى بەدىنىمنى سانسىز يىلانلار چىقىۋاتقاندەك ئازاپلاندىم .خۇددى نۇمۇسلۇق بىرە ئىشىمنى باشقىلار كۆرۈپ قالغاندەك بەك ئارامسىزلاندىم .
ناخشىمۇ توختىدى ،،
-رەھمەت چىرايلىق قىز ،،
-ئەرزىمەيدۇ ،،بۇ بالىغا بىشىمنى كۆتۈرۈپ كۈلۈپ قارىدىميۇ ئۇدۇل ئورۇندا ماڭا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ ئولتۇرغان ،مەن دايىم چۈشۈمدە كۆردىغان بىر جۈپ كۆزنى كۆردۈم .
-شاھزاد،،،
ئۇ قولىنى ئىگىز كۆتۈرپ چاۋاك چالدى ،،چىرايىدا ئاجايىپ بىرخىل چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۈلكە ،،
ئەمدى بۇ يەر ماڭا پۈتۈنلەي دوزاققا ئايلاندى ،ئەڭ يامىنى مەن بىلەن تانسا ئوينىغان بالا شاھزاد ئولتۇرغان جوزىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ،،دىمەك ئۇلار تونىشىدۇ .
نىمە قىلىپ قويدۇممەن .
-قانداق قىلمەن ئادىلە ،،مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ،
-شۇ ئاداش بۇ نىمە بولغىنى ..
-مەن كىتەي ئاداش
-توختا مەنمۇ سەن بىلەن بىللە كىتەي ،،
ئادىلە ئىككىمىز ساھىبخان بىلەن خوشلىشىپ قايىتتۇق ..
-ئەمدى باشلانغانغۇ ئويان ،،نەگە قارا كۆزۈم ..
شاھزاد ،،،ئۇ كەينىمدىن چىققان ئىدى ،،ئاڭلىماسقا سىلىپ ماشىنام تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .
-ساڭا گەپ قىلۋاتمەن ھەي ،،ئۇ قولۇمدىن شۇنچىلىك سەت تارتتىكىن تاس قالدىم يىقلىپ چۈشكىلى ..
-نىمە بولدى شاھزاد ،،
-مەن سەندىن سورىماي خىجىل بولماي سەن مەندىن سوراۋاتامسەن ؟بەك نوچىكەنسەن ھە ،مىنى مۇشۇنداق ياخشى كۆرەمتىڭ سىز ئۈچۈن ئايرىلدىم دەيسەن ،ئەسلى ئويۇنلىرىم باتتى دىگىنە ،يەنە كىلىپ يىقىن ئاغىنەم بىلەن تانسا ئوينىغىنىڭنى قارا ،ھەي مىنڭ نىمە قىلغىنىمغا ماڭا بۇنداق قىلسەن ،،
-مەن بىلمەپتىمەن شاھزدا ،بىلسەم ئوينامتىم ..
-ئۇنىڭ بىلەن ئوينىغىنىڭ ئەمەس مۇشۇ يەرگە كەلگىنىڭنىڭ ئۆزىنىلا مەن كۆتۈرەلمەيتىم ،تىخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ماڭا مۇھەببەت بىلەن قارىغان شۇ كۆزلىرىڭ بىلەن باشقىلارغا قاراپ ،باشقىلارنىڭ بىلىڭنى تۇتۇپ تانسا ئوينىشىغا يول قويغىنىڭ ماڭا بولغان مۇھەبىتىڭما ؟
سەن ئۇستا نەرگىز .‹سىز ئۈچۈن ›دەپ ئالىيجاناپ بولۋىلىشقا بەك ئۇستا ،مىنى ھەرقانچە بولسا بۇنچىلىك پۇشايمان قىلدۇرماسلىقىڭ كىرەكتى ،،
-جىنىم شاھزاد ،،،
ئۇ يۈزۈمنى قوللىرى بىلەن چىڭ قىسپ تۇرۇپ ئۆزىگە قاراتتى ،،
-ساڭا دەپ قوياي مەنلا ھايات بولدىكەنمەن سىنى ھىچكىمگە بەرمەيمەن ،،مىنىڭ بىلەن ئىيتىشما قارا كۆز ،بۇ بىرجۈپ كۆزۈڭدىن ياش ئەمەس قان ئىقىشنىڭ جاۋاپكارى قىلما مىنى ،،مىنڭ يۈركىمدىن قان ئاققانغا ئوخشاش ،مىنى مەجبۇرلىما،،
ئۇ مىنى ئۆزىگە تارتىپ چىڭ قۇچاقلىدى ،،قۇلقۇم تۈۋىگە كىلىپ ،،‹ئىسىڭدە بولسۇن ،سەن پەقەت مىنىڭ ،سىنى مەڭگۈ سۆيمەن ،موھەبىتىمنى نەپرەتكە ئايلاندۇرما ،ۋاقتى كەلسە ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايمەن ،ئىسىت مىنى بەك ئۈمۈدسىلەندۈردۈڭ ›
شاھزاد مىنى شۇنچىلىك سەت ئىتتەردىكىن جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم ،ئۇ ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ئىچىگە كىرىپ كەتتى ،،ئۇنىڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرم بار ئىدى ،ئۇنىڭغا مەن سىزنى سىغىندىم دىيەلمىدىم ،ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشتۈم ،ئۇلار ھەممە گەپنى ئوچۇق قىلدى ،شۇڭا سىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم دىيەلمىدم ،،مەن سىزنى سۆيەتتىم دىيەلمىدىم ،،ياشلىرىم ئاقماقتا ئەمما سۈرتىدىغانغا ھىچ قول يوق ،،
-بولدى قارا كۆز ،يىغلىما .ئۇ ھامان بىر كۈنى سىنى چۈشنىدۇ ،،
-ياق ئاداش ،ئۇ مىنى چۈشەنمەيدۇ ،ئۇ كەتتىغۇ مىنى تاشلاپ قويۇپ كەتتغۇ ،مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىمغۇ ،مەن ئەمدى كىمگە ئەركىلەيمەن ،ئۇنىڭ نەزىرىدىن بەك چۈشۈپ كەتتىم ئۇ ھەتتا چۈشەندۈردىغانغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى ،ئۇ ئىسىت دىدى ،ئۇ پۇشايمان قىلدىم دىدى ،،
ئەمدى قانداق قىلمەن ،،يۈركىم مۇجىلىپ كەتتى ئادىلە ..ئۇ مىنى بۇنداق ئىتتىرۋىتىپ كەتمەيتى ..
تۇيۇقسىز كۆزۈم ئىچىدىن چىقۋاتقان شاھزاد ،ئاغىنلىرى ھەم بىر قىز بالغا چۈشتى ،.ئۇلار مىنى كۆردى ،ئەمما شاھزاد كۆرمەسكە سىلىپ ماشىننى ھەيدەپ ئۇلار بىلەن كەتتى ،،
-ئادىلە ،يالغان دە ئاداش كۆرگنىڭ شاھزاد ئەمەس دە ،،
-ئاداش بۇنداق قىلما ،بەلكىم ئاۋۇ بالىلارنىڭ قىز دوستىدۇ ‹؟
-ئاداش يالغان دىگىنە ،بۇ چۈشۈم بولسۇن ،مەن ئەمدى كۆتۈرەلمەيمەن ،،ئۇنىڭ بۇ نىمە قىلغىنى ،مىنى بەك قاراڭغۇ بولغاچقا كۆرمىدى ھە ئاداش ،،ئۇ مىنڭدىن باشقىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ھە ،،
-بۇنداق قىلماڭ قارا كۆز
ئالدىمدا بايامقى مىنى تانسىغا تارىتقان بالا تۇراتتى ،جەھلىم قاتتى ،
-يوقىلىڭ ،ھەممىنى قىلغان سىز ،ئەگەردە سىز بىلەن تانسا ئوينىمىغان بولسام شاھزاد ئۇ قىز بىلەن كەتمەيتى ،،
-كەچۈرۈڭ مەن سىزنىڭ شاھزادنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىڭزنى بىلمەپتىمەن ،،مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي ،،ئۇ سىزنى بەك ياخشى كۆردۈ ،،،
ئادەم ھەر بىر قەدىمىنى ئويلاپ ئىھتىيات بىلەن بىسىشى كىرەككەن ،بولمىسا باسقان بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرىكى ئاغرىشى مۇمكىنكەن ،ھىسيات بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقىل بىلەن قارار چىقىرشى كىرەككەن ،بولمىسا كۆز چانىقىغا پاتمىغان ياشلار يۈركىگە قان بولۇپ ئۇيىدىكەن .
شاھزاد مىنى ئىزدىمىدى ،نە مىنىڭ نىدالىرىمغا قۇلاق سالمىدى ،نە ئۆزىنىڭ سىغىنىشلىردىن ماڭا ئۇچۇر بەرمىدى ،تەغدىرگە تەن بەرمەي ھىچ ئامالىم يوق ئىدى .كۆنمىگەن ئىشلىرىم ۋاز كەچمىگەن كىشلىرىم قالمىدى ،ئۇ كۈنكى مىنى تانسىغا تارىتقان بالىمۇ شۇنچىلىك خىجالەت ئىچىدە قالدى ،شاھزادنىڭ مىنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشىگە ئۆزىنى سەۋەپچى دەپ قالدىمۇ ھە دىسە مىنى ئىزدەپ ھىچ ھالىمغا قويمىدى ،،
-نىھات ،بۇ ئىشلاردا سىزنىڭ ھىچ بىر سەۋەنلىكىڭىز يوق مەنمۇ شاھزادمۇ سىزدىن ئاغرىنمايمىز ،بۇنداق ئۆزىڭىزگە ئىلۋالماڭ ،نىمە كۈن كۆرگەن بولسام تەغدىرىم ،پىشانەمدىكىنى كۆردۈم ،مىنى ئىزدىمەڭ ،بولامدۇ ؟
-بىراق ،نەرگىز ،مەن سىزنى ،،،
-ياق ،نىھات بولدى دىمەڭ ،مىنى تىخىمۇ گۇناھكار قىلماڭ ،مۈمكىن بولمايدىغان ئىشلار بۇ ..
-نىمىشقا ،سىز يا شاھزادنىڭ قىز دوستى بولمىسىڭىز ،سىزنى باشقىلارنىڭ قوغلىشىش سىزنىڭمۇ باشقلارنىڭ مۇھەبىتىگە ئىرشىش ئەركىنلىكىڭىز بولىدۇ ئەلۋەتتە ...
-نىمە دەۋاتىسىز ،سىزنى بۇنداق گەپ قىلدۇ دەپ ھىچ ئويلىمىغان مەن ،بۇ يۈركۈمگە شاھزادتىن باشقا بىرسىنى سىغدۇرۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ،بىلەمسىز شۇنى نىھات ،ئەڭ ياخشىىسى بۇ موھەببتىڭىزنى شۇ مۇھەببىتىڭىزگە تەشنا يۈرەكلەرگە بىرىڭ ،مىنى كەچۈرۈڭ ،،بەخىتلىك بولۇڭ .
تەغدىر دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە تەسەللىيى بەردىم ،لىكىن ئۆز قولۇم بىلەن تەغدىرىمنى مۇشۇنداق قىلىپ قويمىدۇممۇ ...كىچىككىنە سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي مۇھەببىتىمدىن ۋاز كەچكەن مەن ئەمەسمۇ ،،بەك توغرا گەپكەن ‹تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ ›دىگەن ..
بۈگۈن نىمىشقىدۇر كەيپىياتىم ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا خىلى ياخشى ئىدى ،قاچان مەن سىرىتلارغا چىقمىغىلى ،داداممۇ دۇكانغا بارماپتۇ دەپ نەچچە قىتىم قاقشاپ بولدى ئاپامغا ،،شۇڭا ئەتىگەندىلا ناشتىلىقىمنى قىلىپ بولۇپ دۇكانغا ماڭدىم ،،بىر كۈن مال رەتلەپ ھىچ ھالىم قالمىدى ،،ھىلمۇ قىز بالا بولۇپ قالغىنىم ئوغۇل بالا بولۇپ قالغان بولسام ئىش باركەن زادى ،كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئولتۇردۇم ئادىلەدىن تىلفۇن كەلدى ،،
-ئاداش ،مىنڭ يىنىغا كىلە ،مەن ئۆيدە يالغۇز ،ھاجىم داداملارغا مەن دەي ،،
-بىلمىدىم ئاداش .ئۇنامدۇ ،،،
-تىلفۇننىي بىرە ،،،
ئۇنىڭن بىلەن كىچىكىمدىن تارتىپ بىللە چوڭ بولغاچقا داداممۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى ،،
مۇڭداشمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ گەپلىرمىز يىغلىپ قاپتىكەن ،،،ۋاقىتنىڭ خىلى بىر يەرگە بارغانلىقىنىمۇ بىلمەي قاپتۇق ..تۇيۇقسىز تىلفۇن ئىكرانىمدا پەيدا بولغان تونۇش ،يۈركىمگە مۆھۆر بولۇپ ئويۇلۇپ كەتكەن نۇمۇردىن چۆچۆپ كەتتىم ،،
-قارا كۆز ،نەدە سەن ..
-ئادىلەنىڭ ئۆيىدە ---سىز چۇ ..
-مەنما ،،ئوينايدىغان يەردە ،سەن نىھات بىلەن تانسا ئوينىغان يەردە ،سەن تۇنجى قىتىم ماڭا خىيانەت قىلغان يەردە ،،،
-شاھزاد بەك ئىشىپ كەتتى ،،
-نىمە ئىشىپ كەتتى ،سىنى ياخشى كۆردىكەن تىخى ،،،ھازىر كەل قانداق گەپ بولسا تۈگىسۇن ،نىمە گەپ بولسا يۈزۈمگە دە ،،،ئۇ شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى ..
شۇنداق .زادى ئۇنىڭ  بىلەن بىر يۈز تۇرانە سۆزلىشىشم كىرەك ،،قاچانغىچە ئۇنىڭ مىنى خاتا چۈشنىشىگە يول قويۇپ يۈرمەن ...
-نەگە بارىسەن ئاداش ،،بۇ كىچىدە ،،
-شاھزادنىڭ يىنىغا ،،
-ئەمسە مەن بىللە باراي ،،سىنى قانداق يالغۇز چىقىرمەن ،،،
ئادىلە ماشىننى ھەيدىدى ،،مەن يىنىدا ئولتۇرۇپ كىتىپ بارمەن ،،مىنى نىمە قىسمەتلەر كۈتىۋاتىدۇ ،بۇنى ھىچ بىلمەيمەن ،،ئەڭ موھىمى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى زارىقىپ بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان شاھزادىمىنى كۆرەلەيمەن ..
مەن شاھزاد .ئۇلۇغ ئاللادىن مۇھەببەت تىلىگەن ،ئۆزۈم تىلىگەن مۇھەببەتكە ئىرشىپ تۇرۇپمۇ ئۇنى قەردىرلىيەلمىگەن شاھزاد،
دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك سۆيگۈ ئىزلىگەن ،سۆيگۈنۈمنىڭ كىچىككىنە خاتالىقلىرنى كەچۈرەلمەي مەڭگۈلۈك ئازاپلارغا قالغان شاھزاد،،
مەن شاھزاد،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممە مەرھەمەتلىرنى مەندىن ئايىمىغان ،كىچىكىمدىن دىگىنىم دىگەن بوپ چوڭ بولغان ،ئەمما ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا ھەتتا موھەببەت ئەركىنلىكىممۇ بولمىغان ،تەغدىرىمىنى ،ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىمنى ئۆزۈم سۆيگەن ئادەمنى ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانامنىڭ ۋەدىسى سەۋەپ بولۇپ قالغان زەررىچىلىك كۆڭلۈم بولمىغان ئادەمنى ،بەزىبىر ئەقىلگە سىغمايىدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى تاللاپ قالغان كۆرنۈشتە شاھزادىدەك ئەمما ئىنتايىن بىچچارە بولغان شاھزاد ،،
بۈگۈن ھاراقىنى چىلاشقىدەك ئىچكەن بولساممۇ لىكىن نىمىشقىدۇر پەقەت مەس بولمىدىم ،
قارا كۆزۈمگە تىلفۇن قىلدىم ،ئۇنى شۇنچلىك سىغىنغىندىمكىن ،بۇنى پەقەت ئۆزۈم بىلمەن ،،
ئۇنى كەچۈرمەن ،ئەمدى ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلىشغا ھەرگىز يول قويمايمەن ،يۈركۈمنىڭلا ئەمەس پۈتۈن ھاياتىمنىڭ پەقەت ئۇنىڭلا بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئىيتىمەن ،،
-شاھزاد ،ساڭا تىلفۇن كىلۋاتىدۇ ،،،-
-ۋەي ،،كىمۇ ،،
-شاھزاد ،بۇ مەن ،ماھىرە ،سىز نەدە ،ھاجىم ئانام قايتىپ كەلسۇن دەيدۇ ،،
-نىمە ،مەن سىرىتتا بارمايمەن ،،
-بۇنداق قىلماڭ شاھزاد ،،نىمە گەپ بولسا كىلىپ دەڭ ،،
-مىنىڭ سىزگە دەيدىغان ھىچقانداق گىپىم يوق ،كاللىڭىزنى بەك سىلكىۋىتىڭ ،مەن سىزگە ھەرگىز مۇھەببەت بىرەلمەيمەن ،بىلدىڭىزمۇ ،،دادام -ئاپاملار ئىتقاندەك تۇرمۇشنى تىخىمۇ قۇرالمايمەن ،
-سىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەن ،مەن ھازىر بارمەن ،،
-ۋاي بىر ئىچىمنى پۇشۇرماڭە ،سىز نەدىن چىقتىڭىز ئەمدى ،،،كۆزۈمدىن بىر يۈتۈڭە ،،
شۇنداق دىدىمدە تىلفۇننى قويۋەتتىم ..
-كىمۇ ئاداش ،،
-ۋاي شۇ ئۆيدىكىلەر ماڭا تىڭۋاتقان قىز شۇ ،ئاپامنىڭ گىپى بىلەن بەك يوغىناپ كىتىپ باردۇ ،،،
-بۇ يەدىلىكىڭنى بىلەمتى ،،
-ھە ،مىنىڭ كۈندە مۇشۇ يەردە ئىچىپ يۈردىغانلىقىمنى بىلدۇ ،،ھەم بايام ئىىچىدە دوسلىرى باكەنتۇق ،بەلكىم شۇلا دىگەندۇ ،ۋاي نىمە قىلسا قىلمامدۇ ،،
نەرگىزنىڭ ماشىنىسىنى يىراقتىنلا كۆردۈن ،،دىمەك ئۇمۇ مىنى سۆيىدۇ ،،ئۇلۇغ ئاللاھ مىنى ئۇنىڭدىن ئايرىما ،،
-قايداراق ،،ياخشىمۇ .،،
-ياخشى سىزچۇ ؟
-مەنما سايەڭدە مۇشۇنچىلىك مانا ،،ئىچىپ يۈردۈم شۇ ...ئوتوڭ يامانكەن ئەمەسما ،،
-شاھزاد ،،بۇنداق قىلماڭچۇ ،،مىنڭ ئازراق بولسىمۇ چۈشەندۈرشۈمنى ئاڭلاڭ ،،
مۇشۇ تاپ ئۇنىڭغا ‹بولدى نەرگىز ،،سىنى قايسى قىلغان خاتالىقڭغا ئەيىبلەيمەن ،،سىنى سۆيمەن ،سەن نىھات بىلەن قەستەن ئوينىمىساڭ ئۇ تانسىنى ،›دىگۈم كەلدىيۇ ،،،ئەمما شۇ كۈنكى نەرگىزنىڭ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىغانكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلۋىلىپ يۈركىمدىكى رەشىك ئوتلىرى مىنى يەنە قىيينىدى ،،،
-نىمنى چۈشەندۈرسەن ،قارا كۆز ،،كۆزۈمچە ئۇنىڭ  بىلەن تانسا ئوينىدىڭ ،،مىنىڭدىن سەۋەپسىز ئايرىلغىنىڭ ئاز كەلگەندەك يەنە ئۇ قىلغىنىڭچۇ ،،
-مەن سىزدىن سەۋەپسىز ئايرىلمىدىم ..
-ئەمسە دىگىنە ،،نىمە سەۋەپتىن ئايرىلدىڭ ،،
-سىزنىڭ ھەدىڭىز مەن بىلەن كۆرۈشتى ،،،
-نىمە ،،قايسى ھەدەم ،،،
-شۇ ئاچىڭىزچۇ ،،،يەنە قايسى ھەدىڭز باتتى ،،
-سەن مىنىڭ ھەدەمنى كۆرۈپ باققانما ھەدەم يا بۇ يەردە بولمىسا ،،ئۇ يولدىشى بىلەن تۈركىيەدە ،،تىخى قايتىپ كەلگىنى يوق ،،ھەم بۇ ئىشتا بىردىنبىر مەن تەرەپتە تۇردىغىنى شۇ تۇرسا ،،
-سىز نىمە دەيسىز ئەمدى ،،بىر ئاچاش ماڭا تىلفۇن قىپتۇ ،كۆرشەيلى دەپ راسلا ياشقا چوڭ ئىكەن ،،شۇ ئاچاش مىنڭدىن ئايرىلىپ كىتىشنى تەلەپ قىلدى ،،ھەم ئۆيدىكىلىرڭىزنىڭ مۇمكىن ئەمەس ئۇنمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى ...
-ۋاي ،،توۋۋا سەن زادى كىم بىلەن كۆرۈشتىڭ ئەمدى ،،
كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى ،،مۇشۇ تاپ مىنڭ ھەدەمنىڭ نامىنى سىتىپ مۇھەبتىمنى ۋەيران قىلغان شۇ ئادەم نەسلىدىن بولغان نىجسنى تىپىۋالدىغان بولسام چوقۇم بىرنىمە قىلۋىتەتتىم ..
تۇيۇقسىز بىر كىرا ماشىنىسى چۈشۈپ ئىچىدىن ماھىرە چۈشتى ،،
-شاھزاد ،،سىز ئەسلى بۇ يەردە بۇ قىز بىلەن دەڭە ،،مەن سىزنى ساقلاپ ئولتۇرسام ،،
-نىمۇ ،،سىنىڭ نىمە ئىشىڭ ھەي ،،ساڭا نىمە بار بۇ يەردە ،ساڭا دىدىمغۇ سىنى ئىلشىم مۇمكىن ئەمەس ،،،
-شۇندامۇ ،،لىكىن بۇ قارا كۆزنىمۇ ئالالمايسىز ،،ئاتا-ئانىڭىز ھامىنى مەندىن باشقىنى سىزگە خوتۇنلۇققا ئۆزلىرگە كىلىنلىككە راۋا كۆرمەيدۇ ،،
-ماڭە ،يوقىلە ،،كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي ،،،
-سىز يوقىلدىغان ئادەمنى بىلەلمىگەن ئوخشايسىز ،،مەن ئەمەس ئەسلى بۇ قىز يوقىلدۇ،،سىز زادى ،،قانداق قىز شۇنچە ئىشلار بولسىمۇ يەنە بۇ يەردە تۇرسىزغۇ ،،،
مىنڭ پەرىشتىدەك نەرگىزىم بىرەر ئىشنى مىنڭ بىلىپ قىلشىمدىن قورىققاندەك
ماھىرەگە
-ماھىرە ،،بىز ئايرىم پاراڭلىشايلىمۇ دىدى ،،ھەم ئۇقىزنى تارتىپ يول تەرەپكە ئىلىپ ماڭدى ،،
ئۇ ئىككىسىگە قاراپ تۇردۇم ..نىمە گەپ باركىن ماھىرە شۇنچىلىك كۈچەپ سۆزلەپ كىتىپ باراتتى ،،ئاخرى چىدالماي ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ،،
-شۇنداق ،،توغرا تونۇپسىز ،،سىز بىلەن كۆرۈشكەن مەن ،،قانچىلىك تەستە ياساندىم بىلەمسىز ،،ئاسان ئەمەسكەن چوڭ ئادەمدەك بولۇش ،،لىكىن بەك دۆتكەنسىز ،،قىلچە بىلەلمىدىڭز ،،سىزنى ھەنىم بولسا ئايرىلدى ،يوقالدى دەپ بىلسەم يەنە پەيدا بوپسىزغۇ تاڭ ،،
-نىمىشقا ئۇنداق قىلسىز ،،نىمىشقا مىنى ھەم شاھزادنى ئالدايسز،،شۇ سەۋەپلىك قانچىلىك دەرد-ئازاپلارغا قالغىنىمنى بىلەمسىز ،،
-ئەمسە مەنچۇ مەن سىزدىن بۇرۇن شاھزادنى ياخشى كۆرگن تۇرسام ،،ھىلغۇ ئالداشكەن ..ئەگەر يەنە يوقالمىسىڭز قولۇمدىن ھەر بالا كىلدۇ بىلەمسىز ..
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى چۈشنىپ يەتتىم ،،،نەچچە يىلدىن بىرى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى ئالداپ ياشاپ كىلۋاتقان بۇ يىلاننى شۇ تاپ ئۆلتۈرۋەسەم ئازلىق قىلاتتى ،،
-سەن بايامقى گەپلىرىڭنى ماڭا يەنە بىر قىتىم دىگىنە ،،،
مىنى كۆرۈپ ھەر ئىككلىسنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى ،،،
قانداق بولدى بىلمەيمەن ،،قۇلۇم ماھىرەنىڭ چىچىنىڭ ئارسىغا كىرىپ بولغان ئىدى ،،
ئۇنىڭ چىقىرشىدىن ئىسمگە كەلدىم ..
-شاھزاد بۇنداق قىلماڭ ،،قايسى بەندە خاتالاشمايدۇ ،،نىمش قىلۋاتسىز ،،ئۇنى قويۋىتىڭ ،،
قاراكۆز ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى ..ئۇنىڭغىچلىك دوسلىرىم كىلىپ مىنى تارتىۋالدى ،،
-سىز مىنى ئۆزىڭىزنىڭ تۇققىنى تۈنۈگۈن ئۇچرىغان مۇشۇ قانجۇقنى دەپ ئۇرۋاتامسىز ...نوچىكەنسىز --
-ھەي قانجۇق دىگەن سەن بىلدىڭما ،،سىنىڭ مۇشۇنداق زەھەرلىكىڭدىن ئاللاھ نۇرغۇن مەرھەمەتلىرنى سەندىن ئاياپتىكەن ،،بەندە نىيتىگە قاراپ كۈن كۆردۇ دىگەن گەپ راسكەن ،،،،سەن بىزنىڭ تۇزىمىزنى يەپ تۇرۇپ يەنە مىنڭ ھەدەمنىڭ نامىنى سىتىپ يۈردۈڭما ..
-ياق ق ...سىز پەقەت مىنىڭ ،،ئۇ شۇنداق دىدە يانچۇقىدىن بىر پىچاقنى چىقاردى ،،
-ئۇنىڭدىن  ئايرىلسىز ،،بولمىسا مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ بىرمەن ،،،
-نىمە قىلساڭ قىل ،،سىنىڭ بۇ موھەببىتىڭنى ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ بىلەمسەن ،،،
ئۇ راسلا قولىنى كەسكەن بولسا كىرەك .قان تامچىسى يەرگە چۈشتى ،،،شۇ ئاردا نەرگىز ئۇنىڭ كەينىدىن پەيدا بولۇپ ئۇنىىڭ قولىنى تۇتۋالدى ،،
-مىنى قويۋەت ھەممىنى قىلغان سەن پاسكىنا  ،،سەن بولمىغان بولساڭ مەن بۇ كۈنلەرگە قالمايتىم ،،،،
-بۇنداق قىلماڭ ،،ماقۇل مەن يوقىلاي ..ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلماڭ ،،بۇنىڭ گۇناھىدىن ئىككى دۇنيا ئۆتۈپ بولالمايسىز ،،،ماھىرە نەرگىزگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتتى ،،،
تۇيۇقسىز نەرگىزنى مىنىڭ قارا كۆزۈمنى كۈچەپ ئىتتەردى ،،،كۆزۈم يىقىنلا يەردە كۈچەپ ئۇرۇلغان چىراققا چۈشتى ،،قۇلقىم تۈۋىدە ماشىننىڭ تورمىزلىغان ھەم بىر نەرسىگە ئۇرۇلغان ئاۋازى ،،ئادىلەنىڭ چىقىرغان ئاۋازى ،،كۆز قارچۇغۇمدا نەرگىزنىڭ خىلى ئارلىققا سۈرۈلۈپ يىقىلغان ھالىتى
مەن ماھىرە تۇغۇلۇپ ئاتا-ئانا مىھرىگە قىنىپ باقمىغان ،ئەقلىمنى بىلسەم ھاجىم ئانام -داداملارنى دادا ئاپا دەپ كەلگەن ،شاھزادنى ئاكا دەپ كەلگەن بىر يىتىم قىز ،،كىچىكىمدىنلا ھىچقانداق مىھىر -موھەببەتكە قانغىدەك ئىرشىپ باقمىغاچقىمۇ ئىچى تارلىق ،شەخسىيەتچىلىك باشقىلارنى كۆرەلمەسلىكتەك كىشلەر ياقتۇرمايدىغان مىجەزلەرنى بىلىپ بىلمەي ئۆزۈمگە سىڭدۈرۋالغان بىر قىز ،،مەن بىلسەم شاھزاد بىلەن بىر ئۆيدە چوڭ بولغان ئىكەنمەنكەن ،،كىچىكىمدىن شاھزادنىڭ ئاتا-ئانىسى مىنى كىلىن بالام دەپ ئەركىلەتكەچكىمۇ كاللامغا شاھزاد بىلەن توي قىلىش مۆھۆر بىلەن ئويغاندەك سىڭىپ كەتكەن ،،ئەمما چوڭ بولۇپ سۆيگۈنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا شاھزادنىڭ ماڭا نىسبەتەن قىلچىلىكمۇ ئۇنداق خىيالىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يەتتىم ،لىكىن بۇ تەغدىرگە تەن بەرمەيتىم ،چۈنكى ئۇنىڭدا مەن كۈتكەن ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بارئىدى ،مانا مۇشۇنداق ئۇنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ ساراڭ بولاي دەپ يۈرگەن چاغلىرىمدا قارا تىكەندەك قارا كۆز پەيدا بولدى ،،ھىلمۇ ئىسىمدە شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن قوپۇپ ھاجىم ئاپام بىلەن شاھزادنىڭ دىيىشكەن گەپلىرنى ئاڭلاپ قالدىم ،،
-بالام ،ئۇ قىزنىڭ ياخشى ئائىلىدىن كىلىپ چىققىنى ،سەن بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە چىرايلىق ئىكەنلىكىنى خىلى بۇرۇن بىلدىم ،،لىكىن بالام ماھىرە يىتىملىكتە دىلى سۇنۇق چوڭ بولدى ،،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ بەلكىم ئۇ قىزمۇ توغرا چۈشنەر ،،داداڭنىڭ مىجەزىنى بىلسەن ،ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقاننىڭ ھىچ پايدىسى يوق .،،جىنىم بالام مىنى قاقشاتما ،،
-ياق ئاپا تۇرمۇشنى تۇتىدىغان ئادەم مەن ،مەن ماھىرەنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيمەن ،،مەن بۇ قىتىم سىلەرنىڭ دىگەن يەرىڭلاردىن چىقالمىدىم ،،ئەمما نەرگىز مىنىلا ئەمەس سىلەرنىمۇ بەخىتلىك قىلدۇ ،،جىنىم ئاپا مىنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەت دىمەڭلار ،،مەن قىلالمايمەن ..ماھىرەمۇ بەختلىك بولىدۇ ،،مەن پەقەت ئۇ قىزنى تۇققىنىم ئورنىدىلا كۆرمەن خالاس،،
كاللامدا چاقماق چاققاندەك بولدى ،،ياق مەن شاھزادتىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ ،،مەيلى قانداق بەدەل تۆلىشىمدىن قەتتئىيى نەزەر سىزنى ھىچكىمگە بەرمەيمەن ،،كۆزلىرىمگە قان تولغاندەك بولدى ،،ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا ياردەم بەرگىن ،،
پىلانىمنىڭ تۇنجىسى بويىچە شاھزادنىڭ ھەدىسنىڭ نامى بىلەن قاراكۆز بىلەن كۆرۈشتۈم ،،ئىشلىرىم مەن ئويلىغاندىممۇ ئوڭلۇق بولدى ،،ئۇ قىزنى تۇنجى قىتىم كۆرۈپلا ھەسەت ئوتلىرى مىنى تىخىمۇ قىينىدى ،،ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قىزغا چىراينى پەقەت ئايىماي بەرگەن ئىدى ،،بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ كۆزلىرى ،بۇرنى ،زىناقلىرى ،،ئىشقىلىپ شاھزاد ئەمەس قىزلارمۇ قارىسا زوق ھوزۇر ئالاتتى ،،يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ھەيدىۋالغان ماشىنىسىمۇ شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك ئىدىكى ئۇنىڭ سۆلىتىگە تىخىمۇ سۆلەت قوشقان ئىدى ،،ئەمما ئۇ ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن بىخەۋەردەك شۇنچىلىك كىچك پىئىل ئىدى ،،مەن گەپنىڭ  بىشنى چىقرىشىم بىلەنلا نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىپ بولدى ،،كەلگەندىن تارتىپ تاكى كەتكۈچە بىشىنىمۇ تۈزۈك كۆتۈرمەي خۇددى جاۋاپكار كىشىدەك كەتتى ،،،ئەسلى جاۋاپكار مەن ئىدىم ،،لىكىن ئامالىم ھىچ يوق ،،بۇ شەخسىيەتچىلىك مىنى پۈتۈنلەي كونتىروللىقىغا ئىلىپ بولدى ،،،ئۇ قىز راستىنلا شاھزادتىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى ،،،بىر كۈنى شۇنچىلىك مەسىت كەلدىكىن ھىلمۇ تەلىيىمىزگە ھاجىم دادام يوق ئىدى ،،
-نىمە بولدۇڭ بالام ..سىنى بۇ كۈنگە چۈشۈرۈپ قويغان زادى كىم ،،،بالام،،
-كىم دەمسىز ئانا ..دەل سىز ھەم دادام ،،ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتتى ئاپا ،،ئەمدى مەن ئۇنىڭ قارا كۆزلىرگە قارىيالمايمەن ...ئۇ مىنى تاشلاپ كەتتى ،،مىنى ۋەيران قىلدى ،،ماڭىمۇ ئۆزڭلارغىمۇ قىلدىڭلار ئاپا ،،،
يۈركىم ئورنىغا چۈشكەندەك بولدى ن،،ئەمما شۇ كۈندىن باشلام شاھزادنىڭ كۈلگەن ئەمەس بەلكى ساق ھالىتىنىمۇ كۆرەلمىدىم ،،ماڭا ئۆزى ئەمەس گەپ قىلىش توغرا كەلسىمۇ گەپ قىلمايتى ،،ئۇنى بىلىپ قالغاندىمۇ دەپ قورىقتىم ئەمما ئۇ بىلىپ قالسا مىنى تىرىك بوغىزلىۋىتىشتىن  يانمايتى ،،دىمەك قارا كۆز ئۇ ئازابلارنى پەقەت بىر ئۆزىلا بىلىپ قالغان ئىدى ..
لىكىن شاھزادنىڭ بۇ ھالىتى ئاتا-ئانىسنىڭ يۈركىنى ئەزگەن بولسا كىرەك ،ئۇلار ئۇ ئىككىسنىڭ تويىنى قىلىشقا قوشۇلدى ،،چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئولتۇروپ دىيىشكەن گىپى ھەم ماڭا يۈز كىلەلمسلىك پوزىتيىسىدە دىگەن گەپلىرى مىنى ئاسماندىن تاشلىۋەتكەندەك ھالەتكە چۈشىرىپ قويدى ،،
-سىز بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قىزىدەك بالام ..ئەمما شاھزادنى سىزمۇ بىلسىز ،،گەپكە كۆندىرشىمىز مۈمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ ،،ئاللاھ سالغان ئوتقا بىزنىڭ نە ئامالىمىز دەيسىز ،،
يىشىمنى ئىقتىپ ئولتۇرغىنىم بىلەن كاللامدا ‹مەن ئىرشەلمىگەن بۇ بەختكە سەنمۇ ئىرشەلمەيسەن ،،بۇ مۈمكىن ئەمەس ›دىگەن خىياللار بار ئىدى ،،،
كەچ كىرگەن بولسىمۇ شاھزاد كەلمىدى ،،ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ،،بايام دوسلىرىم ماڭا دىگەندەك ئۇ يەنە شۇ كۇلۇبتا ئىدى ،،دوسلىرىمىدىن ھەتتا ئۇنىڭ قاراكۆزگە تىلفۇن قىلغانلىقىنىمۇ بىلىپ بولدۇم ،،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يىنىغا قاراپ ماڭدىم ،،
مەن ماھىرە ،،،،خاتا ھالدا ھايات يولىمنى تاللىغان ،،شەخسىيەتچىلىكنى ،كۆرەلمەسلىكىنى نىشانىمغا يىتىشىمدە كەم بولسا بولمايدۇ دەپ ۋاستە تاللىمىغان ،،مانا ئەمدىلىكتە موھەببەتكە ئىرشىش ئەمەس ،،ئىككى دۇنيالىق نەپرەتكە ئىرىشكەن ،،قپللىرىمغا بەخىتنىڭ شاھىدى بولغان ئۈزۈك ئەمەس مۇزدەك كويىزا سىلىنغان  ،ھاياتلىق دەرخمىدىن سارغايماي تۇرۇپ ،،ئۆزۈم قەستەن زىمىنغا ۋاقىستىز چۈشۋالغان ،،ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرگە شۈكرى قىلماي ،،رىزقىمغا پىشانەمگە يىزىلمىغان نەرسىلەرگە ئىرشىش ئۈچۈن ھايات يولىمنى قاراڭغۇلۇققا تولدۇرغان ماھىرە   ،،،
  ****************************************************************************************                     
دۇنيادا ئىككى كور بولسا ئۇنىڭ بىرسى مەن سەندىن باشقىنى كۆرمەيمەن ،يەنە بىرسى بولسا مىنى كۆرمەيدىغان سەن ،،بۇ ھاياتىمدا سىنى كۆرگەنلىكىمگە ،سىنى سۆيگەنلىكىمگە ھىچقاچان پۇشايمىنىم يوق جىنىم پەقەت چىرايىڭدىكى شۇ ئازاپلارنىڭ كۆز قارچوقۇڭدىكى شۇ ياشلارنىڭ بىردىنبىر سەۋەپكارى مەن بولۇپ قالغانلىقىمغا ئۆكۆنىمەن ..
ھاۋادا لەيلىگەندەك بولدۇم،باياملا يەر دەسسەپ تۇرغان مەن قانداق بولۇپ ئاسماندا ئۇچىمەن ،،ياق بىر نەرسىگە قاتتىق سوقۇلغانلىقىم ئىسىمدە دىمەك قازاغا يولۇقتۇم ،،
ئۇلۇغ ئاللاھىم ،ئۆلۈپ كەتسەم بولمايتى ،،مىنىڭ تىخى يەتمىگەن نۇرغۇن ئارزۇلىرىم بار ،،مەن تىخى ئاتا-ئانامنى رازى قىلالمىغان ،ھەتتا ئۇلاردىن رازىلىقمۇ ئالالماي بۇنداقلا كىتىپ قالسام قانداق بولىدۇ ،شاھزادىمغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بارئىدى ،،مەن ئۇنىڭغا سىزنى سۆيەتتىم دىيەلمىگەن ئىدىم ،،
-قارا كۆزۈم ،كۆزۈڭنى ئاچ ،،مىنى قورقۇتما ،،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ،،ئەمما ئۇنى ئىنىق كۆرەلمىدىم ،،
-بۇنداق قىلما نەرگىز ،مىنى تاشلاپ نەگە كىتىسەن ،،ئەگەر مىنى يەنە تاشلاپ كىتىشنى ئويلىغان بولساڭ سىنى بۇ دۇنيا ھەم ئۇ دۇنيادا كەچۈرمەيمەن ،،مىنى تىرىك تۇرۇپ قىيناپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭ ،،ئەمدى مىنى تىرىك ئۆلتۈرمە...
ئاھ خۇدا ئۇنىڭ گەپلىرنى ئاڭلىيالمىدىم ،،ئۇ مەندىن بەك بەك يىراقلاپ كەتتى ،،

                                ئەي دىل سىنى نىمە قىلاي ،نىمە قىلسام ئاغىرمايسەن ؟
                                ئەي دىل سىنى نىمە قىلاي ،نىمە قىلسام يىغلىمايسەن ؟
               تىلىڭ بولسا ئىيىتقىن ،ئاخىرەتكە كىتەيلىمۇ ،ئاسمانلەرگە،ئادەملەر يوق ،ئازارى يوق  
               بازارى يوق يەرلەرگە كىتەيلىمۇ ؟


ئۇ كۆزلىرنى ھىچبىر ئاچاي دىمەيتى ،،،مىنى سەۋدا قىلغان قارا كۆزلىرى يۇمۇلغان ،يۈرەكلىرىمگە ئوق كەبى تىگىپ دىل-تارىلىرىمنى چەككەن كىرپىكلىرى نەمدەلگەن ئىدى ،،ئۇنى باغرىمغا باستىم ،يۈزلىرى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى ،،
-ئەي خۇدا ،ماڭا بۇنداق ئازاپلارنى ئاتا قىلغۇچە مىنىمۇ بىللە نەرگىزىم بىلەن ئىلىپ كەتكىن ،ئەگەردە ئۇنىڭ بۇ يالغان دۇنيادىكى رىسقى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىگەن بولسا،ئەي ئۇلۇغ ئاللاھىم ئىلتىماسىم ماڭا بۇ ھاياتنىڭ قىلچە كىرىكى يوق ،،مەن نەرگىزنى سۆيەتتىم ،ئۆزۈڭ تەغدىر قىلىپ كۆل سۈيىدەك تىنىچ ھاياتىمغا ئۇنى ئەكىردىڭ ،،ئەمدى بۇ خىل ئۇسۇلدا مىنىڭدىن نەرگىزنى تارتىۋالمەن دىسەڭ مەن بىر ئاجىز بەندەڭ ،بىر قۇلۇڭغا ئۇۋال بولمامدۇ ،يا رەببىم ؟؟يۈرەكلەردە پەيدا بولغان ئىشىق ئوتلىرنىڭ داۋاسىنى بەرگۈچى پەقەت سەن ،ئەمما نىمىشقا ماڭا بۇنداق قوبۇل قىلىش تەس بولغان دەۋالارنى ئاتا قىلسەن ،،،
جىددىيى قۇتقۇزۇش ماشىنىسنىڭ ئاۋازادىن ئىسىمگە كەلدىم ئازاپلىرىمغا مۇڭداش يامغۇر چۈشۋاتاتتى ،،خۇددى مەندەك بىر ئەركەكنىڭ ياشلىرنى باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دىگەندەك ،،
تاڭ ئاتاي دىدى ،،قارا كۆزنى ئەكىرىپ كەتكىلى خلى بولدى ،،ئەمما ھىچ بىر خەۋەر يوق ،،
تۇيۇقسىز كۆزۈم يىغلاپ تۇرغان ماھىرەگە چۈشتى ،،
-سەن بۇ يەردە نىمە قىلسەن ،،
-بۇ،،مەن،،
-تولا تىلىڭنى چاينىماي يوقىلەۋا قانجۇق ،،ھىلى بىكار ئۆلۆكۈڭ چىقىدۇ ،،ئادەم ئەمەس يىلانكەنسەن ئەسلى ،ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن ،،ھىلمۇ يۈركۈمگە نەرگىزنىڭ ئۆچمەس ئوتلىرنى ساپتىكەن ،،بولمىسا بىلىپ بىلمەي سەن يىلاننى ھايات يولۇمغا يولداش قىلىپ قالدىكەنمەن ،،
-جىنىم شاھزاد ،،مەنمۇ بەك پۇشايمان قىلۋاتىمەن ،،
-نىمۇ ،،نىمگە پۇشايمان قىلۋاتسەن نىمگە،،نەرگىزنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆلتۈرەلمىدىم دەپما ،،
-ئۇنداق ئەمەس .ئۇ يىغلاشقا باشلىدى ،،
-ئۆچىرە زۇۋانىڭنى ،،مىڭەمنى ئاغرىتماي ،،
-ماھىرە دىگەن قايسىڭلار ،، قەيەردىندۇر ئىككى ساقچى پەيدا بولدى ..
-مەن شۇ ...
-سىزنىڭ بۇ قاتناش ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز باركەن ،،بىز بىلەن مىڭىڭ ..
ئۇ ماڭا ئۆتىنىش ئىلكىدە قارىدى ،،
-بارغىن ،،بۇ سىنڭ تارتىشقا تىگشىلىك جازايىڭ ،،ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقان تەغدىرىڭ ،،
كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ ،،ھىجران مىىنى يەپ بولاي دىدى ،،نەرگىزنىڭ ئانىسنىڭ سىڭلىسنىڭ يىغىسى ،،دادىسنىڭ پىغانلىق ھالى مىنى ئەقلىمدىن ئازدۇراي دىدى ،،ماھىرەمۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارىتتى ،،بەلكىم نەرگزىم ساق ھالەتتە بولغان بولسا ئۇنىڭ جازالىنىشىغا يول قويمىغان بولاتتى ..ماھىرەنى كۆرگلى بىرىپ ئىچىم سىيرىلدى ،،
نە ئاتا-ئانا مىھرىگە قانمىغان بۇقىز مانا ئەمدىلىكتە ئەركىنلىكىدىنمۇ ئايرىلغان ئىدى ،،كۆزلىرىمدە يىگىتلىكىمگە يات بولغان ياش پەيدا بولدى ،،كىم ئۈچۈن ،،،،
كۆزلىرنى زىنھار ئاچمىغان ،مىنى ئاشىقلىق ئوتىدا ساراڭ قىلاي دىگەن ..غۇنچىدەك لەۋلىرگە قىنىپ سۆيۈپ باقمىغان قارا كۆزۈم ئۈچۈنمۇ؟ ئەركىنلىكىدن مەھرۇم بولغان ،شەخسيەتچىلىكنىڭ قۇربانى ،،شەيتان كۆرسەتكەن يولنى ھاياتلىق يولۇم دەپ ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قويغان ماھىرە ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى سۆيگۈنۈمنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمىگەن ،،ئازابلارغا يەم بولۇپ كىتىپ بارغان ئۆزۈم شاھزاد ئۈچۈن پەيدا بولغان ياشلارمۇ بۇ ...
ئۇھ..بىزنىڭ تەغدىرلىرمىز ،،بىزنىڭ قىسمەتلىرمىز ،،،
*****************************************************************************************
بۇ ھايات ساڭا كۈتمىگەننى ئەكىلىپ بىردۇ ،،ساڭا تەقدىم قىلغانلىرنىڭ كۆپىنچىسى سەن ئارزۇ قىلمىغان قىسمەتلەر ،تەغدىرلەر ..ئەگەر ئارزۇلىرىڭغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشمىساڭ ھاياتنىڭ ساڭا تەغدىم قىلغانلىرغا بويسۇنماي ئامالىڭ يوق ،،ئۆزۈڭ تىرىشماي تۇرۇپ تەغدىردىن ئاغرىنىشقا ھىچقانداق ھوقوقۇڭ يوق ..

مەن قارا كۆز ،كىچىكىمدىن ئۇلۇغ ئاللاھ بىر بەندە ئارزۇ قىلىدىغان ھەممە نەرسىنى ئايىماي بەرگەن ،دىگىنىم دىگەن ،قىلغىنىم قىلغان قارا كۆز ...
شاھزادنى سۆيگەن ئەمما سۆيگۈمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشكە ئۈلگۈرمەي ئاخىرەتنىڭ ئىشىكىگە بىر بىرىپ كەلگەن قارا كۆز ..
كۆزلىرىمنى ئىچىپ تۇنجى بولۇپ كۆرگىنىمنىڭ جىسمىم روھىم،قەلبىمنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ بولغان شاھزاد بولدى ،،
-چەكسىز شۈكۈرلەر ھەمدۇ سانالار بولسۇن ئاللاھىم ،،،كۆزۈڭنى ئاخىرى ئاچتىڭ ھە ،،قانچىلىك سىغىندىم بىلەمسەن ؟مۇشۇ بىرجۈپ قارا كۆزلىرىڭگە قانچىلىك زار بولدۇم بىلەمسەن ،،،
ئۇنىڭ كۆزلىردىكى ياش مىنى گاڭگىرتىپ قويدى ،،
-سىزنى سىغىندىم ،،ئاتا-ئانام سىڭلىمنى سىغىندىم ..
-باغرىڭ بەك قاتتىقكەن ،،مىنى ئۇلارنى تاشلاپ نەگە كىتەتتىڭ ،،
شاھزاد مىنى چىڭ قۇچاقلىدى ،،
-سىنى ھىچكىمگە بەرمەيمەن ،،بىلەمسەن ؟ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم راۋا كۆردى سۆيگۈمنى ،،سەن پەقەت مېنىڭ ،ئەمدى مىنىڭدىن ئايرىلىشىڭغا يول قويمايمەن ،،سىنى سۆيمەن نەرگىز ،،شۇ بىر جۈپ قارا كۆزلىرىڭنى ئەمدى يۇمۇۋالما،،سەندىن ئۆتۈنەي ،،
-ياق،،جىنىم ،ئاللاھ خالىسا سىزدىن ئايرىلمايمەن ،،سىزمۇ پەقەتلا مىنىڭ ،،سىزنى سۆيمەن ..
بۈگۈن 23كە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ،،كىچە سائەت 12 بىلەن شاھزاد تىلفۇن قىلدى ،،
-قوزام ،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە موبارەك بولسۇن ،،ئاللاھ ئۆمرۈڭنى زىيادە قىلسۇن ..
-رەھمەت ،،
-ئەمسە ئۇخلاۋەرگىن ،،ئەتە كۆرشەيلى ،،
شۇنداق راھەت  ئۇخلاپتىمەن ،،،
-قىزىم ،،قوپۇڭ ئەمدى ،،،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە موبارەك بولسۇن جىنىم بالام ..
-جىنىم ئاپا سىزنىڭ مېنى تۇققان كۈنىڭىزگە موبارەك بولسۇن ..
ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ شاھزادنىڭ تىلفۇنىنى ساقلاپ تۇراتتىم ،،تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرقى سايرىدى ،،
سىڭلىم بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى ،،
-ھە با با ..قىنى كىرىڭ
سىڭلىم بىر چوڭ داداش ھەم ئاپاشنى باشلاپ كىردى ،،ئۇلارغا ئەگىشىپ شاھزاد قولىدا بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ،،دىمەك بۇلار شاھزادنىڭ ئاتا-ئانىسى ،،ئاۋۇ بولسا ئاچىسى
خىجىللىقتىن نىمە قىلشىمنى ھىچ بىلەلمەي قالدىم ،،ئاپام بىلەن دادام ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى ،،مەنمۇ سالام قىلىپ قويۇپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىىم ..
-نەرگىز قىزىمىز ،،ياخشى بولۇپ قاپتۇ ،،شۈكۈرلەر بولسۇن ،،،
-ئاللاھقا چەكسىز شۈكرى ،،ياخشى بولۇپ قالدى ..
-نەرگىز بۇ ياققا چىقامسەن ...شاھزاد مېنى چاقىردى ..
بەك تەستە ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتىم ..
ئالدىمغا شاھزاد كەلدى ،،،يانچۇقىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئاغزىنى ئاچتى ..
-مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسەن ،،،
خىجىللىقتىن يەرگە كىرەي دىسەم يەر قاتتىق ،ئاسمانغا چىقاي دىسەم ئاسمان يىراق بولۇپ كەتتى ،،،
ئۇنىڭ دادىسى ئىغىز ئاچتى ،،
-بىزنىڭ ئۆيگە ئىككى دۇنيالىق كېلىن بولۇڭ بالام ،،،
                                             ************************
ئۈستۈمدە قاردەك ئاق توي كۆڭلىكى ،،بىر ئۆمۈرلۈك بەخىت تەختىم بولغان ھوجرا ئۆيۈمدىكى كارۋىتىمدا ،،شاھزادىمنى ساقلاۋاتمەن ،،،
-بۇ كۈن ئاخىرى كەلدى ھە ؟قارا كۆز ،،سىنى بەك ياخشى كۆرمەن ،،،سىنى چوقۇم بەخىتلىك قىلمەن ،،
ئۇنىڭغا ئىسىلدىم ،،كۆزلىرىمدىكى بەخىت ياشلىرنى يوشۇرۇپ قالالمىدىم ،،،
                   تۇيۇقسىز  ئۇنىڭ بىلىكىنى چىشلىۋالدىم ،،ھىلى ھازاغىچە قويۇپ بەرمىدىم ،،،ئەمما ئۇ ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى ،،،
-ئاغرىدىمۇ ،،،؟
-ئاغرىمىدى دىسەم يالغان بولدۇ ؟
-ئەمسە نىمىشقا ئىتتىرۋەرمەيسىز ،،،
-چۈنكى ساڭا چىدىمايمەن جىنىم ،،،،،

                                                        خاتىمە

بەخىت ئۇ كۈلگەن كۆزلەردە ،،سۆيگەن يۈرەكلەردە ،،بەخىت ئۇ ئىرىشكەن نەرسىلىرىڭدە ئەمەس ،،سىنى چىن دىلدىن سۆيگەن قەلىبلەردە ،،   
<قارا كۆز سىنى ئۇلۇغ ئاللاھ رىزالىقى بىلەن ياخشى كۆردۈم ،،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ تاشلاپ كەتمەيمەن >
                                                                 تامام   
                                                                                    2013-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:16:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏بەك ياخشى.دەسلەپتە يوللىغان ۋاقتىڭىزدا ئوقۇغا ئىدىم.كىيىن ئاخىرنى ئوقۇيالمىغان ئىدىم.ئەمدى ئالدىرماي بىر ئوقۇي.
‏لىكىنزە ئىملا خاتالىقى سەۋەبىدىن،بەزى گەپلەر سەل چۈشىنىكسىز بوپ قاپتۇ.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك گۈزەللىك يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت تەسۋىرلىنىپتۇ، ئەمما قىلچە ئىشىنەلمەيمەن ، مۇشۇنداق گۈزەل ھەم ھەۋەسلەنگۈدەك مۇھەببەت زادى بارمىدۇ؟

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 12:32 PM
يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك گۈزەللىك يۇشۇرۇنغان مۇھەببە ...

چوقۇم بار

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97221
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-8-24
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:52:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھەقىقى سۈيۈش بار. چىن مۇھەببەت كىتابتىكى رىۋايەت.

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tamkin147 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 12:41 PM
چوقۇم بار

بار  بولسا  سىزدىن  يەنە  بىر  ‹ ھىكايە ›  ئاڭلاپ باقمامدۇق؟  رۇمانتىك  گۈزەل مەڭگۈلۈك باشقا چىقىدىغان مۇشۇنداق مۇھەببەتنى  ئۇچرۇتۇپ باقماپتىمەن  شۇڭا ئىشەنمەيمەن! مۇشۇ زاماندا تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 770
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6749
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى ئىكەن. قولىڭىزا دەرت برمىسۇن

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 01:00 PM
بار  بولسا  سىزدىن  يەنە  بىر  ‹ ھىكايە ›  ئاڭلاپ باقمام ...

«يوق،يوق،يالغان!» دېمە،
«سۆيگۈدە مەنا يوق» دېمە.
سۆيمەي تۇرۇپ ئۈمىد لېۋىگە،
ئەقىدە-ۋاپا يوق دېمە.
... ...  ...

مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10335
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2369 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 02:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ بەكمۇ ياقتۇردۇم قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئىسىل چىقىپتۇ

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 02:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baywetqe يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 01:36 PM
«يوق،يوق،يالغان!» دېمە،
«سۆيگۈدە مەنا يوق» دېمە.
سۆيم ...

نىمە دىسەم بۇلا، ئىشقىلىپ ھىكايە ھەقىقەتەن جەلىپ قىلارلىق ھەم تەسىرلىك ، نۇرغۇن ياشلار ئىنتىلدىغان ‹‹قار مەلىكە›› ، ‹‹ئاق ئاتلىق شاھزادە›› نىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت كەچۈرمىشى ، گەرچە زەھەرخەندە ‹‹يىلاندىن›› ئاخىرى قۇتۇلۇپ  ۋىسال پەيزىگە يەتكەن بولسىمۇ ، بۇ پەقەت ئاپتۇرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئىنتىلگەن گۈزەل چۈشى خالاس!

كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە

ئىمزايىڭىز بەكلا  مەنىلىككەن شۇنداق ياقتۇردۇم!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش