مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6148|ئىنكاس: 91

خوراپاتلىقلىرىمىز ، خاتالىقلىرمىز ۋە گاڭگىراشقا تولغان مەدەنىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96320
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-7-24
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 10:38:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خوراپاتلىقلىرىمىز ، خاتالىقلىرمىز ۋە گاڭگىراشقا تولغان مەدەنىيتىمىز

مۇھەممەد ئەلى

   مەن ئەسلى بىرنەرسە دېمەي دېگەن ئىدىم، بىراق ئادالەت بىلەن خوراپات سەل ئارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەجداتلىرىمىز، «چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر!» دەپ بىكار ئېيتمىغانكەن.
قاسىم سىددىق مۇئەللىمنىڭ بىرتورداش (كەڭسايدا)يوللىغان «ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى »  تېمىسىدىكى يازمىسىغا بەرگەن باھاسى  ناھايىتى ئورۇنلۇق بىلىندى، ناخشا مۇزىكىنڭ ھالال ھاراملىقى توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرە قىززىپ كەتتى،بۇ كىشىنى سەل ئويغا سالىدۇ.

قاسىم سىددىق مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز،  ئۇنىڭ «شەكىل نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى پەرىزى ئۇقۇملار توغرىسىدا مۇنازىرلىشىۋاتقىلى ئاز كەم 2يىل بولدى، گەپ بىرباشقا چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن مەن ئۇ كىشىدىن تولىمۇ مەمنۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ تەبئىي پەن ئۇستىدە ئىزدىنىشنى زادىلا توختاتمىدى. ئۈچىنىچى بىركىم  چىقىپ ھەقىقى فىزىكا  نۇقتىسىدىن بۇ گەپكە ئارلىشىشقا جۇرئەت قىلالمىدى  ياكى يۈزەلا ئارلىشىپ بولدى قىلدى. چۇنكى فىزىكا ئۇنداق پەتىۋا بىلەن پۇتىدىغان پەن ئەمەستى،كۈچلۇك نەزىريە ئاساسى ۋە تەجىرىبە پاكىتى بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى!

مەن (قىسمەن لەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا) بىزدە تەبىئي پەننىڭ بارلىقىدىن گومانلاندىم، ئۇنۋېرستىت كىشىلىرى(ئاتالمىش فىروففىسورلىرىمىز) ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا، قايسى بىرچاغدا تەييارلىۋالغان لېكسىيەلىرىنى كۆزئەينىكىنى بۇرنىغا چۈشۇرۇپ قويۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ!  سىنپلاردا «ئۈندېدار» ئاشىق ئاۋارە.
مەشھۇرلىرىمىزدىن جامالىددىن ئافغانى «ئاللاھ بىزگە ئىككى كىتاب بەردى بىرسى قۇرئان كەرىم يەنە بىرسى كەڭ تەبىئەت دۇنياسى» دەپ ناھايىتى توغرا سۈپەتلىگەن ئىدى، سىلەر بەلكىم ئۇلۇق ئالىم، نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دوكتۇر ئابدۇسسالامنى بەك بىلمىساڭلەر كېرەك، ئۇ كىشى  بىر ئۆمۇر قۇرئاننى يېنىدا ساقلاپ، بوشاشماي تىرىشىپ(تەبىئەتتىكى كۇچلەرنى ئېلىكتىر ماگىنىت كۇچى، يادرو كۇچلۇك تەسىر كۇچى ۋە ئالەملىك تارتىشىش كۇچى دەپ 3 خىلغا يىغىنچاقلىغان) ئىسلام ئەللىرىنىڭ 1000يىللىق نۇمۇسىنى يۇيدى،ئۇنىڭ مەشھۇر« ئەرەپ ئىسلام ئەللىرنىڭ پەن تېخنىكا كۇچ قۇدرىتى»دېگەن ئەسىرىنى ئۇقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاۋۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئالىملىرنىڭ كىتاۋىغىلا ئېسىلىۋالماي، ما زامانىمىز ئاۋانگارتلىرىنى تونۇپ قويايلى، ئەسلى دىنىمىز بولسا  پاك، مەزھەپسىز، شەرتلىرى ئىنتايىن ئاددى، چۈشۈنىشلىك بولغان مەرىپەت پەرۋەر ئېتقاد شەكلى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر تۇشمۇ -تۇشتىن پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىپ تىللاردا داستان بولغان نەمۇنىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. مىلادى 1000-يىللار ئىسلامنىڭ تازا گۇللەنگەن دەۋرى بولدى، باغدات خەلىپىلكى مەرىپەتچىلىك ھەركىتنى قانات يايدۇردى ، مەشھۇر مەكتەپ مەدرىسىلەر يامغۇردىن كېيىكى بامبۇك نوتىسىدەك جاي جايلاردا قەد كۆتۈردى،نۇرغۇ ئالىملار يېتىشىپ چىقتى، ئالگېبرا پېنىنىڭ كەشپىياتچىسى مۇھەممەد ئەل خارازىمىي (ھازىرقى ئوزبىكىستان تەۋەسىدە) دەل مەغرىپكە ئەرەب رەقىمىنى تونۇشتۇردى.يەنە نېمە دەي، شەرقى قۇمۇل شىڭشىڭشادىن غەرىبى ماۋرىتانىيەگىچە، شىمالى كاۋكاز تاغلىرىدىن جەنۇبى ھىندىستان دېھلىغىچە بولغان يەر شارىنىڭ ئاز كەم  3تىن1قىسمى بىر خەلىپە بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان ئىدى، مەھمۇد بوۋىمىزمۇ ئاشۇ مەرىپەتلىك يىللارنىڭ مەھسۇلى ئىدى ،ھارۇن رەشىد ناھايىتى بىلىملىك مەردانە زات بولۇپ ئەدلى ئادالەت بىلەن شەرىئەتنى يۇرگۇزگەن ئىدى. قاچانىكى مۇشۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن شەخسىيەتچى  سوپىلار ئەۋىج ئالدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ۋە ھەدىستىن باشقىسى ئۆتمەس بولۇپ قالدى، نەدىكى بىر مەزھەپلەر  ئوزئاراقىرغىن قىلىشىپ ئاۋام پۇخرا ئىستىغبار ھويلىسىغا بەند قىلىندى، غوجىلار ئەۋلادلىرى ھەققىدىكى كىتاپلار تۇرۇپتۇ مانا، پەيغەمبەر نامىنى سۇي ئىستىمال قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.

بۇنىڭغا نېمە دېگۇلۇك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ  100مەشھۇرنىڭ بىرىنچىسى(ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئالدىنقىسى)  ئىكەنلىگىدە شەك يوق، ئەگەرئۇ ھازىر ھايات بولۇپ مونۇ مەزھەپچىلىكلەرنى كۆرسە نىمەدەر ئىدى؟ئۇ ئاددى ساددا سويۇملۇك پەيغەمبىرىمىز خالاس،مېنىڭ نەزىرىمدىكى پەيغەمبىرىمىز ئۇنداق تەپرىقىچى، قىلنى قىرىق يارىدىغان، قىلغىنىدن دىگىنى كوپ، ھېسياتنى ئەقىلنىڭ ئالدىغا قويۇۋالىدىغان كىشىلەرنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدۇ!
بەس، 1200-مىلادىدىن كېيىن قانداق بولدى ؟ !
«نىمىشقا پۇتىغا مەسىھ قىلسا ئاياقنىڭ چەمەگە قىلماي ئۇستىگەقىلىدۇ؟ قىرغىزنىڭ قالپىقىنى كىيىش مۇباھمۇ؟ قۇرئان مەخلۇقمۇ؟...»دېگەندەك نەدىكى بىمەنە سوئاللار بىلەن مەدرىسلەر خارابلاشتى، يەرلىك خاقانلار ئوز نەپسىگە كۆرە شەرىئەت پەيدا قىلىشتى. دىيارىمىزدا مادامىكى ئابدىقادىر داموللام «ئۇسسۇلى جەدىد جائىزدۇر» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ (يەرلىك موللىلارنىڭ زيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان) ، ئابدىخالىق ئۇيغۇر  ئاچچىق نىدا قىلغان ...غا قەدەر خەلقىمىز كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە نادانلىقتاقالدى، 4 خانىلىق ساننى 4 ئەمەل بويىچە ھېساپلاش قىيىن بولدى،كوپچىلىك بەك بىلىدۇ مانا مۇشۇنداق بولدى!

ئەمدى نېمە دەيمىز، نىسپىلىك نەزىريىسىنى كىم چۇشۇنىدۇ؟ئالدىڭىزدىكى خەت مۇشۇ ئىنكاس،  سىم بىلەن ھاۋا بىلەن  يەنە بىراۋنىڭ سىن ساندۇقىغا(ئېكرانىغا) قانداق شەكىلدە  بارىدۇ؟ ئالما تېلىفونى قانداق رەڭدار، پېنسېللىن يامان مۇ ياكى قوۋزاق دارچىنمۇ، ئوكسىگېن بولمىسا جىددى كېسەلنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟ ئىنسۇلىن بولمىسا قەنت سىيگەنلەر قانداق قلىدۇ.....؟ئۇچرىغان بىرقىسىم ئادالەتسىزلىكلەرنى كورۇپ،ئىللەتنى ئۆزىمزىدىن ئىزدىمەي، سولچىللىق پاتقىقىغا پېتىۋالساق قانداق بولىدۇ؟! تورداشلار تېخى بىزنى 3 پىرقىغە بۆلۈپ ئۈلگۈرۈپتۇ.مەنچە بىزدە سەزگۇرلۈك بەك ئېشىپ كەتتى، قاخشىغانغا ئىش پۈتەمدۇ؟ يىراقتىكى قانداقتۇر غۇۋا ئۇلۇق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، ئەتراپىمىزدىكى ئاددى ئەمەلىي ئىشتىن ئىككى- ئۈچنى قىلپ ، كىشىلەرگە ۋە ئوزىمىزگە پايدا يەتكۇزسەك، باشقىلارنىمۇ ئۆزىمىزنىمۇ سەرخۇش تۇرمۇش ئىزىغا سالالىسىق،بولدى! مۇشۇ بىزگە ئارام بەخىش بولىدۇ ، مۇشۇ كىچىىكىنىە مۇۋەپپەقىيتىمىز بىزگە ئىلھام بولىدۇ.

بىرقىسىم بۇلۇتقا مۇش ئاتىدىغان نوچىلار  روھى غالىبىيەتچىلەردۇر، «سۇيۇق ئاشنى ياراتماي، پولۇ ئاشنى تاپالماي ئوماچ ئىچكەن بارات بايلار» دۇر.

تورغا قاراپ چۆچۈپ قالدىم، مۇنازىرە كوپ، بىر تور بېتىدە مۇزىكىنى قەتئىي ھارامغا چىقىرىپ، 12مۇقام،نورۇز،مەشرەپ،دوپپا ئۆرىمە چاچلار ...ئەيتاۋۇر بىرقىسىم  مىللى مەدەنىيتىمىز ئىتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەرزىمەس نەرسىە قاتارىغا چىقىرىلىپتۇ.ئۇلار ئىجتىھاتتا بەك يىراقلاپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇقام تېكىستلىرىنىڭ كۆپى ئۇلۇق ئىسلام ئالىمى نىزامىددىن ئەلشىر ناۋايى ۋە ئەخمەد يۇكنەكى قاتارلىق پىشىۋا لىرىمىزنىڭ، قالغىنى ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ھاسىل قلىغان دۇر دانىلاردۇر.مۇشۇ پەتىۋانى بەرگەنلەر ئومەر ھەييامىنىڭ مەي، رەنا توغرىسىدىكى(شېئر مىسرالىرىدىكى) گېپىنى ئەتىمالىم تۇزۇسىگىلا چۇشۇنىپ ئۇ زاتنىمۇ كافىرغا چىقاردى ھەقاچان.بىرقىسىملار ھەدىسلەرنى چالا كۆرۇۋېلپلا مۇجتەھىد بولۇۋېلىپ كىشىنى گاڭگىراتماڭلار، سىلەر بىلگەننى باشقىلارمۇ بىلىدۇ.

بىر مىسال ئالاي : مەنمۇ بىرچاغلاردا ئاشۇنداق ئوڭچىل ئىدىم،قەتىئيچى ئىدىم،بىر بۇرادىرىم ناماز دېگەننى 25ياشقىچە پەقەتلا ئوقۇپ باقماپتىكەن، ھاراق تاماكا ئۇنىڭ كۈنى! شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاران تەستە «سۈرە فاتىھە» بىلەن «رەببىنا» دۇئاسىنى ئۆگۇتىپ تاھارەتكە كەلگەندە ئىسىنجا قىلىشقا پەقەتلا كۆنەلمىدى،كېيىن تېىخى تاھارەت ئالغىلى ئۇنىمىدى،شۇ چاغدىكى ئەلپازىم بويىچە بولغاندا ئۇنى تەرك ئەتمەكچىمۇ بولغان،لېكىن بىر مويسىپىت ھەمسۆھبىتىم ئىشنى ئاددىيدىن قىلىش،سەۋرىچان بولۇشنى تەكىتكىدى.ئەگەر مەن ئۇنى شۇئان كافىرغا چىقارغان بولسام ،ئۇ ئاللا قاچان باتىل يولنىڭ قۇربانى بولاتتى.ھازىر ئاستا-ئاستا  ئۆگۈنىۋاتىدۇ، گەرچە ئىبادەتتە چولتا بولسىمۇ ئوزى تۇز، قولىدىن ئىش كېلىدۇ.
مىللى مەدەنىيەت دېگەن نىمە؟ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟ ئۇ بىدئەتمۇ؟ سىز قۇرئاننى قانچىلىك چۇشىنىسىز؟ سۈرە تەۋبىنىڭ باشلىنىشدا نىمىشقا بىسمىللا كەلىمىسى يوق؟ نمىشقا 100ئېغىز گېپىڭلارنىڭ بىرەرسىدە بولسىمۇ  ماۋۇ تەبىئەت پەنلىرىنىڭ گېپى يوق؟ بىر قىسىم تور موللىلىرى ماۋۇ  ئىشقا تولا چاقچاق قىلىپ يەڭگلتەكلىك بىلەن پەتىۋا بەرمەڭلار! نىمىشقا ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىر ئەلئېھرام توپىدىكى سىىفىنكىس(ئادەم باش شىر تەنلىك)ھەيكىلىنى چاقمىغانلىقنى ئويلاڭلار؟!
دېمەك بىز قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بىر قاناتغا (قارغۇلارچە)ئېسىلىۋېلىپ ، ئاللاھ بىزگە سېخىلىق بىلەن ئاتا قالغان كاتتا تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت يەنە بىر قاناتنى  بىر چەتكە قايرىپ قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت ئۆگەنگەن يەھۇدىلار كوز ئالدىمىزدىلا پەلەستىنگە بېسىپ كىردى، ئىككى كوزىمىزنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇردۇق شۇ! پەلەستىنىلىك قېرىداشلىرىمىز تۇرمىدىن بەتتەر كۇننى كورىۋاتىدۇ.
ئەمدى بولا!
ئىمام ئەزەم ،ئىمام شافىي...لار ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنى بىلەمدۇ؟ ئۇلار دىننى مەزھەپكە ئايرىشنى بلىدۇ. شىمالى قۇتۇپتا 3ئايغا سوزۇلىدىغان قۇتۇپ كېچىسى بولغاندا بىز ئانتراكتىكىدا  بولساق، پېشىن نامىزى  ئوقۇيمىزمۇ؟ قايسى ۋاقىتتا ئوقۇيمىز؟كوسىنوس تېئۇرمىسىنى ئۇلار بىلەمدۇ؟ دوكتۇر ئابدۇسسالام بىلىدۇ! ھەر ئىككىلسىنى بىلدۇ.
ھەق دېگەنلىك ھەقىقەت دېگەنلىكتۇر، ئىسلام دىنى ھەق دىندۇر!


مىلادىي 2013-يىل مىزان ئېيىنىڭ 28 -كۈنى

      ۋادى زەرەپشان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-29 11:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 11:26:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئابدۇسالام دىگەن ئۇ ئالىمنىڭ «دوختۇرخانىغا كىرسەممۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پىنسىلىن چاغلىق جاننى قۇتقۇزىدىغان دورا ئىجات قىلىپ ئىنسانىيەتكە توھپە قۇشالمىغانلىقىدىن خىجىل بولىمەن» دىگەن گىپى يادىمغا كەلدى.
ئەمەلىيەتتىمۇ نوبىل مۇكاپاتى ئالغان مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئاران 4ئى مۇسۇلمان ئىكەن، قالغانلىرى ئاساسەن خىرىستىيانلاركەن، ھەتتا بۇدىسىست ئالىملارمۇ مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ئىكەن. بۇ تۆت كىشىدىنمۇ ئابدۇسالامدىن باشقىلىرى يازغۇچى، ياسىر ئەراپاتتەك سىياسىيۇن ئىكەن. دىمەك ئالىم مىڭدە بىر دىگەن گەپ ...
دۇنيادىن سۆزلىمەي جۇڭگۇدىنلا مىسال ئالساقمۇ ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان مىللىتى بولغان جۇڭگۇدىكى ئۇيغۇرلار ئاق چىكىش، ئەيدىز، ئاجرىشىش ... جەھەتتە جۇڭگۇدا بىرىنچى ئۇرۇننى ئىگەنلىگەن دىگەن ئۇچۇرلار بار.
دۆلىتىمىز ئەتراپىمىزغا قارىساقمۇ مىڭ ئۆيلەرنى ئاسارە ئەتىقە بولىشىغا قارىماي پارتلىۋاتقان تالىبانلار، مەكتەپ ، مەسچىتلەرگە زەھەر ۋە بومبا تاشلاۋاتقان دىنى ئاشقۇنلار ، سەل يىراققا قاراپ باقساق قىلىچ ، نەيزە ئوقيادىن تەرەققى قىلىپ توپ زەمبىرەك، ھەتتا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىشكە تەدرىجى تەرەققى قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتى...
ئۇيغۇر زادى نىمىگە ئىشنىشى كىرەك؟.......

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44648
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15803 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:11:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسىلىگە بىر تەرەپلىمىدىن قارىماي ھەر تەرەپلىمىدىن قاراش كىرەك ، ناخشا مۇزىكىنى ئاقلىماقچى بولسىڭىز ، ئىشقى شەھۋانىلىق ،يىرىم يالىڭاچ سەھنىگە چىقىپ تولغاپ ناخشا توقۇۋاتقانرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي قارشىڭىزنى كەسكىن ئوتتۇرغا تاشلاڭ ........

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مەزمۇن يوللىنىپتۇ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
ئىشقى شەھۋانىلىق ،يىرىم يالىڭاچ سەھنىگە چىقىپ تولغاپ ناخشا توقۇۋاتقانلار ،بىزنىڭ مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ ۋەكىلى ئەمەس.ئۇنى تالاش-تارتىشنىڭ ئەھمىيتى يوق .ھازىر ئۇيغۇرچە  تىلۋىزىيە قاناللىرى ناخشا-ئۇسۇلنىڭ كۆپلىگى بىلەن ،خۇددى ھەممە كىشى مۇشۇ ناخشا-ئۇسۇل ئۈچۈنلا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەنلىكى  ئۈچۈن ، جەمىئەتتە سەسكىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولشى تەبىئى،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ناخشا ئۇسۇلنى بىدئەتلىك قاتارىدا يەكلەش ئاقىلانىلىك ئەمەس.كونىلاردا ‹ھالۋىنى كۆپ يىسە پوق تېتىيدۇ›دىگەن گەپ بار،ھەممە نەرسىنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى،ئېشىپ كەتسە   تەمىنىڭ ئۆزگىرىشى تەبىئى.
تىلۋىزىيە پىروگراممىلردا رىياسەتچى‹ نىمە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار؟›دەپ سورىغاندا  ناخشا ئېيتالايمەن،ياكى ئۇسسۇل ئوينىيالايمەنلا دىمەي،پالانى نەرسىنى ياسىيالايمەن،پالانى بۇزۇلسا ئوڭشىيالايمەن دىگەندەك جاۋابلار  پەيدا بولسا،پروگراممىلارمۇ سەرخىللىشىپ ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئائىت پىروگرامىلارمۇ كۈپەيسە،قىسقىسى تىلىۋىزىيە ئىستانسىللىرى ئۈزىنىڭ  يىتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرسا،بىزلەرمۇ مائارىپقا ھەقىقى ئەھمىيەت بىرىپ،ھەممە تەرەپتىن تەڭ يىتىشەلىسەك، بۇنداق پىتنە-پاساتلارمۇ ئۆزلىكىدىن يۇقالغان بۇلاتتى.لېكىنزە‹يول يىراق،ۋەزىپە ئېغىر›.
تىمىڭىزنىڭ ئاخىردىكى سورىغان سۇئالىڭىزنى ھەقىقەتەن بىلمەيدىكەنمەن.خاپا بولماي جاۋابىنى دەپ بىرەلەرسىزمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   unix212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-29 12:48 PM  


بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kamalkam يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 11:26 AM
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئابدۇسالام دىگەن ئۇ ئالىمنىڭ «دوختۇ ...

ياراتقۇچىغا ئىشىنىش كىرەك،ئەسەبى دىننى ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇش ،دۆلەت باشقۇرۇشتا دىن بىلەن سىياسىينى چۇقۇم ئايرىش كىرەك.ئۈزەمنىڭ ئويى.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 12:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن!
خېلى بولغان بۇنداق ياخشى تېما ئوقۇمىغىلى ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!
ئىلىم-پەندىن ئۆزىنى قاچۇرغاننىڭ ئىمانى مۇستەھكەم بولمايدۇ. ئەكىسچە ئاللاھ بەرگەن كاللىنى ئىشلەتمىگەنلىك، قەدىرلىمىگەنلىك...
مەنچە بولسا مۇشۇ پەتىۋا پىچىدىغان موللىلارنىڭ ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدىكى ھەممە ئايەتنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىلىق ئىزدەنسە ياخشى بولاتتى.
ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا بىدئەد بىلەن ھارام زادى نېمە ئۈچۈن ئەمەلىي تۇرمۇشقا باغلاپ ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىنمۇ چۈشەندۈرسە ياخشى بولاتتى.
چەتئەللەردە توختىماي قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئىلىم-پەن نوقتىسىدىن ئىزدىنىۋاتىدۇ. بىز بولساق ئۇنىڭدىن قېچىۋاتىمىز، ئىلىم-پەن ئۆگەنگەننى چېقىۋاتىمىز.
توۋا دېمىسە بىكار-ھە!
ھەقىقەتەن نادىر تېما بوپتۇ. تەشەككۈر.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44648
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15803 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 12:58 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولس ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ۋەرەخمۇتۇلاھى ۋەبىركاتۇ  ۋەل ھىدايەت ، ۋەل مەغپىرەت

«ئىلم - پەندىن  ئۆزىنى قاچۇرغاننىڭ ئىمانىي مۇستەھكەم بولمايدۇ » بۇ قايسى كىتابتا دىيىلگەن گەپ ! قىلچىمۇ ئىلم - پەندىن خەۋەرسىز دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمان دېھقان قىرىنداشلار ، ھۈنەرۋەن ،كاسىپ ........ ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىگىنىنى بۇيرىغىنىنى قىلىپ ، قىلما دىگىنىنى قىلماي، ئىسلام شەرىئەتلىرىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ داۋاملىق ئاللاھنى ئەسلەپ ناماز ئوقۇپ ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۋاتقانلىرى ئىنتايىن  كۆپقۇ ؟!
ھالال بىلەن ھارامنى ، ئىلىم - پەن نۇقتىسىدىن ئەمەس ، ئىسلام شەرىئەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۇردۇ . سىزنى بىرسى زورلىمىغاندىكىن بىلمىگەن ئىشقا بولۇپمۇ ئىسلام شەرىئەت توغرلۇق كاللىڭىزغا نېمە كەلسە شۇنى دەپ بىلجىرلىماڭ !!!

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
kvndiz-kiche بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 01:37 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام ۋەرەخمۇتۇلاھى ۋەبىركاتۇ  ۋەل ھىد ...

ئىلم - پەندىن  ئۆزىنى قاچۇرغاننىڭ ئىمانىي مۇستەھكەم بولمايدۇ ھەم بىلىمسىزدە- ئەخلاق بولمايدۇ.
بۇ مېنىڭ كۆز قارشىم . بىرەر كىتابتا يوق.
ئاساسى بار دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە100% توغرا دەپمۇ تۇرۋالمايمەن.

مەن پاراكتىكا قىلۋاتقان ۋاقتىمدا بىر موللام بىلەن قىزىرشىپ قالغان ئۇنىڭدىن سورىغان سۇئالنى سىزدىن سوراپ باقاي...
1 يىل ئىلگىرى تۇغۇت بۆلۈمىدە پاراكتىكا قىلغاندا بىر ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ مېڭىسىدا سۇ بارلىقىنى
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى شۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرسەم سىلەر نېمىنى بىلىتىڭلار خۇدايىم بىلىدۇ دەپلا تۇرۋالدى نېمىلا سورىسا شۇنداق دېگەن ئەلۋەتتە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ.
شۇنىڭ بىلەن 1+1=؟ قانچە بولىدۇ دېسەم 2 دەيدۇ. نىمىشقا دېسەم بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. دەپ جاۋاب بەردى. مەن نىمىشقا خۇدايىم بىلىدۇ دېمەيىز دېسەم بۇنچىلىك ئىشنى بىزمۇ بىلىمىز دېدى.
سىزدىن سورىساممۇ بەلكىم ئالدىراپ 2 دەيسىز لېكىن باشقىلارنىڭ ئاللاھ بەرگەن كاللىسى ئارقىلىق ئىلم-پەندە ئىسپاتلىغان نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇسىز. سىز بىلمىگەننى باشقىلارمۇ بىلىدۇ دېسەم ئىشەنمەيسىز ئەمەليەتتىن قېچىپ خۇدايىم بىلىدۇغا ئاتلىنىسىز. مەن مۇشۇنداق ئەمەليەتكە يۈزلەنمەيدىغان ھەمدە ئۆزىنى ئىلىم-پەندىن قاچۇرىدغان كىشىەرنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دىيارىم + 10 تۇغۇت بۆلىمى دەڭ ،سىز.
esyankar75 + 97 قوللايمەن ئاداش

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 107   باھا خاتىرىسى

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 02:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ناخشاتوغرۇلۇق يۈسۈپ قەرداۋى يازغان،ئۇستازدوكتۇرئابدۇل ئەزىزرەھمەتۇللاھ ئۇيغۇرچىغاتەرجىمەقىلغان ئىسلامداھالال ۋەھارام دىگەن كىتابتاناخشىنىڭ ھالال ھاراملىقى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنى يۇرت ماكاننى،ئاتا-ئانىنى،ئېمان-ئىسلامنى مەدھىيلەيدىغان ناخشىلاربولساجائىز،يالىڭاچلىققا،شەھۋانىيلىققاباشلايدىغان كۆيدۈم پىشتىم كۈل بولدۇم دىگەندەك ...........ناخشىلارقەتئى ھارام دەپ كۆرگەن.
جائىزدىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىرسى ماڭاخۇددى ئەتراپىنى چىتلاپ قويغان بىرباغقاچىتنى بۇزۇپ كىرگەنگەئوخشاش دەپ چۈشەندۈرۈپ قويغان.
اللەنىڭ نەزەرىدەئاجىزمۇسۇلماندىن كۈچلۈك مۇسۇلمان،كەمبەغەل مۇسۇلماندىن تەقۋاباي مۇسۇلمان ياخشى كۆرىلىدىكەن،مۇسۇلمان دىگەن ئەدەپ-ئەخلاق،بىلىم ھەرجەھەتلەردەپەرىقلىق بولۇش يەنى غەيرى مۇسۇلمانلاربىرقاراپلائۇلارنىڭ ئەخلاقلىقىدىن،بىلىملىكلىكىدىن،ئەسلى مۇسۇلمانلاردىگەن مۇنداق بولىدىكەن دەپ ئۆزىدەھەۋەس بىلەن مۇسۇلمانلىققاقىزىقىش تۇيغۇسىدابولۇش تەسىرى بېرىش ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش