|
|
|
|
قويمىغايسەن خۇدايىم گۆھەرقىز ئىبرايىم
قار بوراندا ماكانسىز، ياشلىغىمدا لايىقسىز، مۇھتاجلىقتا يۆلەكسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم.
قىممىتىم يوق كىرەكسىز، ئۈمىدى يوق تىلەكسىز، ئىشلەيدىغان بىلەكسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم.
كۈنلىرىمنى مەنىسىز، خاپىغانلا كۈلكىسىز، ناھەقلىقتە زۇۋانسىز ، قويمىغايسەن خۇدايىم.
نادانلىقتا بىلىمسىز، ناھەقلىقتە ئۈن-تۇنسىز، تىرىشىشتا نىشانسىز ، قويمىغايسەن خۇدايىم.
ئاچ-توقلۇقتا تاماقسىز، سۇ ئۇستىدە پالاقسىز، ئۇۋاللىقتا چارىسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم.
يول يۈرگەندە ئاياقسىز، پۇتۇم سۇنسا تاياقسىز، ياقا يۇرتتا پاناسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم. بۇ دۇنيادا بالىسىز، باللىرىمنى ئانىسىز، ئايالىمنى ھاياسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم.
دەردۇ غەمدە تىنىچسىز، قىرىغاندا كىرىمسىز، قىزلىرىمنى ھاياسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم.
كىسەل بولسام قاراقسىز، ئۆلۈپ كەتسەم كىپەنسىز، ئاخىرەتتە ئىمانسىز، قويمىغايسەن خۇدايىم.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
|
|
|
|
|
|