مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1671|ئىنكاس: -1

شەررارى: يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئائىلىسى(دېسسىرتاتسىيەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98321
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 09:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيە كۆز قاراشلىرى ھەققىدە قىسقىچەمۇلاھىزە

                   997f6a58gw1dnppn1xrrcj.jpg

ئۈزۈندىلەر:ٌ ئائىلە، ئاتا-ئانا، پەرزەنت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەم سۈيۈملۈك ھەم مۇرەككەپ مۇناسىۋەت، ئۇلار گاھىدا شۇنداق چىداملىقكى بىر-بىرى ئۈچۈن تاغنى يۈدۈشكە بەرداشلىق بېرىدۇ؛ گاھىدا پىلسىرات كۆۋرۈكىدەك زىل ۋە ئىنچىكىكى سەللا ئېھتىيات قىلمىغاندا ئۆمۈرلۈك نادامەت كەلتۈرىشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇ ۋەجىدىن بۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى توغرا، جايىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلە باشلىقلىرى سەگەك ۋە تەييار تۇرىشى لازىم.         

نۇقتىلىق سۆزلە:     ئائىلە    پەرزەنت تەربىيىسى    ئىلىم    پەزىلەت

           ئائىلە ھەر بىر ئىنسان بالىسىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قارارگاھى.ئائىلە مىللەتنىڭ ھۈجەيرىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى.سانتايانا سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ئائىلە-تەبىئەتنىڭ شاھ ئەسىرى. ھەر بىر ئادەم ئەۋلادى ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مېھرى ئىللىق، قوينى كەڭ ئىللىق ماكاندىن فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجلىرىدىن كۆرە،كۆپرەك مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ كېلىشكەن.ئىنسان بالىسىنىڭ ھەر كۈنى ئائىلىدىن ئالىدىغان ئۇزۇقى نۇقۇل ھالەتتە يىمەك-ئچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بولماستىن بەلكى ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش، ئەخلاق يىتىلدۈرۈش، ئەقىدىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بىر قىسىم ئائىلە مائارىپ تەربىيىسىدىكى مەنىۋى ئۇزۇق بولىدۇ.پەرزەنت بولسا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائىي ئىلىم مەركىزىدە تەربىيىلىنىپ چىققان سەركەردە. كۇڭزىنىڭ ‹‹ھەر بىر كىشى ئائىلىنىڭ مۇناسىپ ئەزاسى بولىشى لازىم»دىگەن سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا پەرزەنت ئائىلىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە گىراجدانى پەرزەنت-كەلگۈسىدىكى ئەقىدىلىك ئىنسان نامزاتى، شۇڭا ئۇ ھىسياتنىڭ ئەمەس ئەقىلنىڭ، كاززاپلىقىنىڭ ئەمەس ئەقىدىنىڭ مەھسۇلى بولغىنى تۈززۈك !


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: C  V7 G' K6 w! }/ R

    ۋەھالەنكى، ئائىلە، ئاتا-ئانا، پەرزەنت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەم سۈيۈملۈك ھەم مۇرەككەپ مۇناسىۋەت، ئۇلار گاھىدا شۇنداق چىداملىقكى بىر-بىرى ئۈچۈن تاغنى يۈدۈشكە بەرداشلىق بېرىدۇ؛ گاھىدا پىلسىرات كۆۋرۈكىدەك زىل ۋە ئىنچىكىكى سەللا ئېھتىيات قىلمىغاندا ئۆمۈرلۈك نادامەت كەلتۈرىشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇ ۋەجىدىن بۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى توغرا، جايىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلە باشلىقلىرى سەگەك ۋە تەييار تۇرىشى لازىم.چۈنكى بىر گىياھنى ئەقىدىسىز، لايغەزەل بىر باغۋان مېھنەت بىلەن پەرۋىش قىلسا ئۇنى خۇشپۇراق بىر گۈل قىلىپ ئۆستۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئەقىدە-ئېتىقادتىن يىراق، پەرزەنتلىك بولۇشنى ئاتا مىراس تۇيغۇغا ئايلاندۇرىۋالغان، پەرزەنت تەربىيىسىدە لايغەزەللىك قىلغۇچى بىئولوگىيىلىك ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ پەرزەنتىنى ئەل بەختىنى ئويلايدىغان، ئەقىدىلىك، پىداكار ئەۋلاد قىلىپ تەربىيلەپ چىقالمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،  پەرزەنت ئەقىدىسىز،  پىكىر قىلالمايدىغان گىياھ ئەمەسكى،  ئۇ نۇرانە پىكىر مەردانىلىقىغا ئىگە بىر ئەزىمەت، ئۆزىنى ئىززەت چىرىغى بىلەن يۇرۇتۇپ ئەقىدە-شۆھرەت مۇنبىرىگە چىقىشقا ئىنتىزار بولىۋاتقان بىر پۈتۈن گەۋدە.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ‹‹ دۇنياغا پىكىر بىلەن نەزەر سېلىۋاتقان ئۆسمۈر ئۈچۈن تەربىيە ئاتا-ئانىنىڭ ۋەز-نەسىھىتى ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ مۇجەسسەم خارەكتىرى ۋە ئوبرازىدىن ئىبارەت ».‚شۇ سەۋەبلىك پەرزەنىت تەربىيىسىنى ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيلەشتىن باشلىغان، پەرزەنت تەربىيىسىنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي قەرزى، ھايات چاقىرىغى، شەرەپ ۋە نۇمۇستىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتىكى ھەلقىلغۇچ ھالقا دەپ ئەقىدە باغلىغان ئائىلە ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتنى فارابى نەزىرىدىكى پەزىلەتلىك جەمئىيەت دىيىشكە بولىدۇ.ئەكسىچە بولغاندا ئاقىۋەتنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولىدىغانلىقىنى تارىخ بەتلىرىدىن بىلىۋېلىشقا ھىلىمۇ ئۈلگۈرىمىز !  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 L7 l! T" d, A/ a

    كارىل ماركس ‹‹ ھەر بىر ئىجتىمائىي دەۋر ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىشىلىرىگە موھتاج بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق كىشىلەر بولمىسا، بۇنداق كىشىلەرنى  يارىتىدۇ»ƒ دەپ توغرا ئېيتقانىدى. قاراخانىيلار دەۋرىنىڭمۇ كىيىنكىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئەنە شۇنداق بىر ئۇلۇغ پىكىر ساھىبى بار.ئۇ بولسىمۇ 1019-يىلى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇ كەنت، قەشقەر يېنىدىكى قۇز ئوردۇ-بالاساغۇندا دۇنياغا كىلىپ، 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان، 85باب، 6654بېيىت، 13290مىسرادىن تەشكىل تاپقان ھىكمەت قامۇسى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››نىڭ مۇئەللىپى، ئۇيغۇر ۋە دۇنيا خەلقى ئالىي ھۆرمەت، يۈكسەك ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدىغان جاھانشۇمۇل نامايەندە ‐ يۈسۈپ خاس ھاجىپتۇر. توغرا، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ تەپەككۇر قەھرىمانى بولۇپلا قالماي، ئەينى دەۋىرنىڭ كىيىنكىلەر ئۈچۈن تەربىيلەپ بەرگەن پىكىر-ھىكمەت ساھىبىسى.ئەمما بىز تار دائىرىدىن كۈزەتسەك ئۇ يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەقىدە تۇپرىقىغامىھنەت تەرىنى سىڭدۈرۈپ پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن بىر خۇشپۇراق لالە گۈلى.ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا خەلقى ئېتىراپ قىلغان بىر مۇتەپپەككۇر ئالىم، ئەخلاق ئىگىسىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تەربىيلەپ بېقىپ ئۆستۈرگەن بىر جۈپ ئۇلۇغ ئاتا-ئانىنىڭ ئەجرىنى ئەقىل ئىنكار قىلالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىنى دەسلەپ قۇبۇل قىلغان قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا پەرزەنت تەربىيىسى ھالقىلىق مەسىلىگە، قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى.چۈنكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى پەزىلەتلىك، پاك دىل قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە پەرز ھېسابلىنىدىغان ئەمەل ئىدى. بىز بۇنى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تىكى قىسمەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق ۋاقىپ بولدۇق:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: O( m. D, Z  k: X. Z* S7 `

                     4508 پەزىلەتنى قويماي ئوغۇلغا ئۆگەت            

                           ئاڭا مال بەرگۈسى يىغىپ پەزىلەت

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, c7 L* W7 m7 `: s+ j1 F

                     4509ئوغۇلنى بىكار بوش يۈرمە سەن قويۇپ

                  بىكارچى بولۇر ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( V! c1 u" L6 s6 L4 ]8 g

                    1218ئاتا ئەمگىكى سىڭسا ئوغۇلغا كۆپ

          بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇي-پەيلى خوپ                          


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 |; O# L7 j# ?

مانا بۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن سانالغانلىقىنىڭ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەشنىڭ ئىلمىي قاراشقا ئايلانغانلىقىنىڭ دەلىلى.يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا مۇشۇنداق مەئىسەتتىن ساقلانغان پاك جەمئىيەت، خىيانەتتىن پاكلانغان گۈزەل ئائىلىدە ئۈسۈپ يېتىلىپ تەپەككۇر ئاسمىنىدا چاقنىغان نۇرانە چولپانغا ئايلاندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ۋە دۇنيا قاراشلىرى كىيىنكىلەر ئۈچۈن كومپاسلىق رولىنى ئۆتىدى.ھەقىقەتەنمۇ بۈگۈنكىدەك كىچىىك چوڭنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، چوڭ كىچىكنى ئىززەتلىمەيدىغان، ‹ئانا ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى تۇغىۋاتقان ›، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنى قۇل ئورنىدا خىزمەتكە سېلىۋاتقان، پەرزەنتلەرنىڭ خۇنۈك ھالى، زەئىپ روھى تۈپەيلى ناخشىچىلىرىمىز‹تويغۇزامسەن بالا باققانغا ›دەپ ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان جەمئىيەتتە مىڭ يىللار بۇرۇنقى بوۋىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسىنى، پەرزەنت تەربىيلەشتىكى كۆز قارشىنى ئەسلەش ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈش ھالال ئەقىلنىڭ تەقەززاسى ئەلۋەتتە.چۈنكى پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ سۈپىتى بىۋاستە جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹ ئائىلە › ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە مۇنداق پىكىر يۈرگۈزىدۇ: ‹ ئائىلە گەرچە ئىشىكلىرىگە قۇلۇپ سېلىنىدىغان ، خاس مورىلاردىن تۈتۈن چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي بىرلىك بولسىمۇ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ، مىللەت ئۇيۇملىرىنىڭ بىر ياچىيكىسى.›④


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 N# r: B" z/ n$ Y) s! V2 Q0 Q; G

       ئەمما مەنبەسى يوق سۇ، ئۇرۇقى يوق زىرائەت بولمىغىنىدەك ھەر قانداق پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىدىيە مەنبەسى بولىدۇ.شۇ سەۋەپلىك ماقالىمىزدە بىۋاستە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسىنى تەھلىل قىلىشتىن كۆرە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرىنىڭ پىكىر يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىددىيە مەنبەلىرىنى ئانالىز قىلىشنى ئالدىن تەقەززا قىلدۇق. ‹ قۇتادغۇبىلىك ›غا تەسەر كۆرسەتكەن ئىددىيە مەنبەسى ئۈستىدە تارىختا كۆپ تالاش-تارتىش بولغان.بۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن ”تۈركىلوگ رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىبىن سىنانىڭ شاگىرتى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىدىكى پىكىرلەرنى ئوبرازلىق شەخسلەشتۈرۈپ، داستان ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلىگەن › دىگەن قارىشى؛ مەخسۇدى ، ئارسال قاتارلىق تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ ‹ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى كۇڭزىنىڭ رايىشلىق قاراشلىرى بىلەن ۋاپادارلىق، مىھرىبانلىق قاتارلىق ئەخلاقىي تەشەببۇسلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى ›دىگەن قارىشى؛ يەنە بەزەن كىشىلەرنىڭ قۇتادغۇبىلىك داستانىدىكى ئودغۇرمىشنىڭ تەركىدۇنيالىق قاراشلىرى، دۇنيانى ۋاپاسىز دەپ چۈشىنىشى، بەخىتنى كىشىنى ئالدايدىغان بىقارار تۇيغۇ دەپ تۇنىشىغا قاراپلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرى بۇددىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى“⑤دىگەن ھۆكۈم قاراشلىرى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ.ئەمما ماقالىمىز مۇتەپپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تارىخى چىنلىق ئاساسىدا چىقىرىلغان تۆۋەندىكى ھۆكمىگە مايىل. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ‹ قۇتادغۇبىلىك › نىڭ ئىددىيە مەنبەسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىدۇ:                              


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: T" K# g# C  |* |

”1.ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلىقلەر مەدەنىيەت چەمبىرىگە خاس ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.  


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! a1 P4 z/ c7 ]) P

2.ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى يىپەك يولى بويلاپ مەيدانغا كەلگەن ئارىلاشما مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.                                             


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# j. f+ U. \" Q# P5 W; }

3.ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىددىيە مەنبەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.“⑥


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Z# y& W1 i* X3 {/ [+ g  O6 p

        ھەقىقەتەنمۇ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممدئىمىننىڭ ‹ قۇتادغۇبىلىك › ئىددىيە-مەنبە، كۆز-قاراشلىرىنىڭ بىرىنچىسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئىنسان ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۈركىمى ۋە ئەنئەنە ئەندىزىسىدىن ھالقىپ چىكىتەلمەيدۇ.‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق › دىگەن تەمسىل گەرچە خەلقىمىز ئارىسىدا سەلبىي يۆلىنىشتە ئىستىمال قىلىنسىمۇ يەنىلا يۇقارقى ھەقىقەتنىڭ ئەكىس ساداسى سۈپىتىدە ئەقلىمىز ئالدىدا جاراڭلايدۇ.ئىككىنچى مەنبە كۆز قارىشىنى تەھلىل قىلساق ئىنسان ئۆزى تۇرىۋاتقان ياكى ئۇزاق مەزگىل ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىدۇر.خەلقىمىز ئارىسىدىكى ‹ سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ › دىگەن ھىكمەتمۇ مۇھىت تەسىرىنىڭ بەھەيۋەت رولىنىڭ تېز سىزمىسى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا جىلۋىلىنىدۇ.ئۈچىنچى ئىددىيە مەنبەسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئىسلام دىنىدا ھەقىقەتەنمۇ پەرزەنت تەربىيىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان ‹ قۇرئان كەرىم ›نىڭ سۈرە تەھرىم 6-ئايىتىدىكى ‹ئى مۆئمىنلەر،ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان، قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار›دىگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر پەرزەنت تەربىيىسىگە ئىشارە قىلىنغان بولسا، ئىسلامىيەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ‹سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، ئۆز پادىلىرىڭلار ئۈستىدە سورىلىنىسىلەر›، ‹ھەر قانداق بوۋاق ئىسلام ئۈستىگە تۇغىلىدۇ، كىيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەھۇدىي قىلىپ چىقىدۇ، يا خىرىستىئان قىلىپ چىقىدۇ ياكى مەجۇسىي قىلىپ چىقىدۇ ›، ‹پەرزەنتىڭلارنى ئىززەتلەش بىلەن بىللە ئەدەپ-ئەخلاقىنىمۇ ياخشىلاڭلار›دىگەن ھەدىسلىرى پەرزەنت تەربىيىسىگە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەقۋا مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ئوزۇق ئالغۇزغان ئىدى.شۇنداق بولغىنىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزىرىدىكى ‹پەرزەنت ›قانداق ئۇقۇم؟ پەرزەنت ئەڭ دەسلىبىدە قانداق ھالەتتە تۇغىلىدۇ ؟ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىپتىدائىي قىياپىتى زادى قانداق ؟ بۇ توغرىسىدا تارىختا كۆپ مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن. ” رايىشچىلىق ئېقىمىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان كۇڭزى، مىڭزىلار ئىنسان تۇغۇلغاندا ياخشى تەبىئەتلىك بولىدۇ، ئىنساننىڭ كىيىن يامان ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى جەمئىيەتنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىسا، شۈنزى ئىنسان تۇغۇلغاندا يامان تەبىئەتلىك بولۇپ تۇغىلىدۇ، ياخشى كىشىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى توختىماي ئۈگەنگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغانىدى؛ لاۋزى، جۇاڭزى ئىنسان تۇغۇلغاندا ياخشى تەبىئەتلىك بولۇپمۇ، يامان تەبىئەتلىك بولۇپمۇ تۇغۇلمايدۇ.ئىنساندا ئۇقۇم ۋە ھەۋەس بولمايدۇ، ئىنساننىڭ ياشىشىدىكى مەقسىتىمۇ مۇشۇنداق ساپ تەبىئىتىنى ساقلاپ بالىلىق ھالىتىگە قايتىشتا دەپ چۈشەنسە، دۇڭجۇڭشۇ ئىنسان تەبىئىتىدە ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ بولىدۇ“ ⑦ دەپ قارىدى. ئۇلۇغ بوۋىمىز فارابى بولسا ئىنساندىكى ئىزگۈلۈك ۋە رەزىللىك ئېرىشىلگەن بولىدۇ دىگەن قاراشقا ئەقىدە باغلىدى. ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقارقىلارغا ئوخشىمىغان ھالدا ئىنسان تەبىئىتىنى «”تۇغۇلۇشتىن ياخشى بولۇش ۋە تەسىر ئېلىپ ياخشى بولۇش “ ، ” تۇغۇلۇشتىن يامان بولۇش ۋە تەسىر ئېلىپ يامان بولۇش “،  ” تۇغۇلۇشتىن ياخشى بولۇش ۋە تەسىر ئېلىپ يامان بولۇش “، ” تۇغۇلۇشتىن يامان بولۇش ۋە تەسىر ئېلىپ ياخشى بولۇش “ ⑧ ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ) دىگەن تۆت خىل مۆتىدىل تۈرگە بۆلدى. ئۇنىڭچە ئىنسان تەبىئىتىدە ياخشى يامان تەرەپلەرنىڭ تۇغما ۋە ئېرىشىلگەن تەرەپلىرى بولىدۇ. ئەمما پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۇل ئاساس يەنىلا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ساپاسىدا، پەرزەنت ۋۇجۇدىدا ئەخلاقنىڭ يىتىلىشىدە ئاتا-ئانىنىڭ تەلىم-تەربىيىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارىدى. بۇنىڭ دەلىلىنى تۆۋەندىكى بېيىتلاردىن كۆرەلەيمىز:                             

                     1485ھەر ئىشقا قىلۇر بىر سەۋەپنى خۇدا،                       

        يامان ياخشىلىقدۇر ئۇنىڭ قولىدا.                                                      


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 h7 o0 }/ m. ~2 Q% a" q

                       1486ئوغۇل قىز سەۋەبى ئاتا ھەم ئانا،

                       بۇزۇلسا قىلىقى تۈزەلسە يەنا.                                         


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ [& G  V5 Q! e" Y

              1225ئوغۇل-قىز خۈي-پەيلى بولسا گەر يامان،

                   يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى ھامان.  

     شۇ سەۋەپتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرگە ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئائىلە باشلىقلىرى ئاۋۋال ئۆزى تەربىيلىنىشى، ئۆزىدە ئەخلاق ۋە ۋاپا يىتىلدۈرىشى، ئەخلاق ئارقىلىق ئەخلاققا، ۋاپا ئارقىلىق ۋاپاغا ئېرىشىشى كېرەك، كىشى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە بېرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ئەخلاقىي مىزانلارغا ئاۋۋال ئۆزى ئىتائەت قىلىپ، ئاندىن پەرزەنتلەرنى ئىتائەت قىلدۇرىشى كېرەك دەپ قارىغان.ئۇ ئەسىرىنىڭ 5768-بېيىتىدا:

                  5768ئانا ئالسا يۇشۇرۇنچە ئوغرى سۇ،

                     ئوغۇل تۇغسا ئەلگە ئاپەت بولۇر ئۇ .

دىيىش ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانا ئۈلگە بولماي تۇرۇپ نىشانغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.دەرھەقىقەت، زامانىمىز يەسلى مائارىپشۇناسلىرىمۇ بالىلارنى بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشىتىدۇ.گەرچە بۇ قاراش ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلسىمۇ، پەرزەنت تەربىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق ئەقىلگە مۇۋاپپىقتۇر.ئالايلۇق، بىر ئانا سۇ ئوغۇرلىسا ئەنە شۇ بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشىغان بالىنىڭ قەلبىگە ‹ سەنمۇ مەندەك سۇ ئوغىرلا › دىگەن خەتنى يازغان بولىدۇ. مانا بۇ ئاتا-ئانىلاردىكى خىيانەت!شۇ ۋەجىدىن ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال ئۆزى تەربىيلىنىشى ئاندىن پەرزەنت تەربىيلىشى كېرەك.ئەكسىچە بولغاندا سالقىندايمەن دەپ يەلپۈگۈچنى تۇتىۋېلىپ بېشنى لىڭشىتقاندەك بىمەنە، كۈلكىلىك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.خەلق توغرا ئېيتىدۇ:‹يەپ تۇرۇپ ھالۋىنى يىمە دەپ ئۆزى، ئۆتەمدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى ›.   

     يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلارغا قىلغان ئىككىنچى تەشەببۇسى: ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەش كېرەك؛

           پەرزەنت تەربىيلەش جەريانى تىكەنلىك گۈلشەن مىسالىدۇر. گەرچە گۈلشەن ئارا خۇشپۇراقتىن ھۇزۇرلىنالايدىغانلىقىمىز ئېنىق  بولسىمۇ، ئەمما گۈل ئۈستىدىكى سۈيۈملۈك تىكەن بىزنى ھەمىشە شۈركۈندۈرۈپ، سەگىتىپ تۇرىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپچە پەرزەنت غېمى ئالما يۈزنى زەپىران قىلىدىغان تۈۋى يوق دېڭىز ئىدى. ئۇ بۇ قارىشىنى 1164-بېيىتتا:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. L0 m" L' e( _& u! a# l

         ئوغۇل-قىز غېمى بۇ تۈۋى يوق دېڭىز،

               ئوغۇل-قىز غېمىدىن سارغايدى مېڭىز.

دەپ سۈرەتلىسە، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشىنى، بۇنى مۇھىم ئىشلارنىڭ مۇھىمى دەپ قارىغانلىقىنى     

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! _$ u9 C% m8 o- w' b' I+ o

1165                                                 كىشىنىڭ بولسا ئوغلى-قىزى خوتۇنى،  

                                   نىچۈك كۆرگەي ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقىنى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( p  d; R' q- g  B1 a; v

دىگەن ئىبارىلىرى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. شۇ سەۋەپ ئۇ تەجرىبە-ساۋاقلارنى

يەكۈنلەپ ئاتا-ئانىلار غېمىنى ئىلمىي يوسۇندا يەڭگىللىتىشكە باش قاتۇرغان ۋە تەۋسىيە سۈپىتىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

4504تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،

                         ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.                       

ئاتا-ئانا پەرزەنت ئوتىدا مەڭگۈ كۆيگۈچى پەرۋانە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرنىنى ھىچكىم باسالمايتتى.ئەمما قىسمەن ئاتا-ئانىلار خىزمەت، مۇناسىۋەت باھانىسى بىلەن پەرزەنت تەربىيىسىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ قويىۋاتىدۇ.ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ تەربىيىسىگە ھاۋالە قىلىدۇ،ھايۋانلار بۇنداق قىلمايدۇ.بۇ ھەم پاجىئەنىڭ بىشارىتى ئىدى.‹سىتنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ›دىگەن كىتاپتا ‹رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، رىملىق ئانىلار پەرزەنتىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان ›دىگەن ئەسكەرتىشىنى ئۇچرىتىشىمىز بۇنىڭغا ھەم دەلىل بولغۇسى. شۇنداقتىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قىسمەن زۆرۆرىيەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئەگەر ئانىنىڭ بالىنى ئۆزى تەربىيلەپ بېقىش ئىقتىدارى بولمىسا، پاكىز، ئۇقۇمۇشلۇق، مىھرىبان ئاياللارنى تاللاپ ئىنىكئانا قىلىش تەۋسىيىسىنىمۇ بەرگەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ^/ E3 b# C' D3 c

            4505:ئېرىغ ياخشىنى ئال ئىنىكە قىلىپ،               

ئوغۇل-قىز ئۆسەر پاك ساغلام بولۇپ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنىڭ پاكىز، ساغلام، زېرەك ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئىنىكئانا بولغۇچىنىڭمۇ پاكىز، ياخشى خۇلقلۇق بولۇشىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەگەر بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلسا، بالا باققۇچىنىڭ تەجرىبىلىك، پاكىز بولۇش كېرەكلىك تەلىپىنىمۇ تەكىتلىگەن. يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولغاندىن كىيىن پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ سەگەك بولىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ باشقا ئەخلاقشۇناسلاردىن پەرقلەنگەن ھالدا پەرزەنت تەربىيىسىدە پەرزەنتلەرگە نۇقۇل ھالدا ئەدەپ ئۆگۈتۈش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، ” ئىلىم ئۆگۈتۈش مەزمۇنىنىمۇ يانداش ئېلىپ مېڭىش كېرەك“ دىگەن ئىلغار ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغان. ھەقىقەتەنمۇ، بىلىم ئىنساننى ھايۋاندىن جۇدا قىلغۇچى ھۆججەت بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە شۇنچىلىك ئەپسۇنكار نەرسىكى، ئەقىدىلىكلەر قولىغا چۈشسە پەرىشتىنىڭ، كاززاپلار قولىغا چۈشسە شەيتاننىڭ رولىنى ئوينايدىغان. بۇ توغرىسىدا دانالار ‹ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي قورال‐ئەخلاقسىزلار قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىلىم › دەپ توغرا ئېيتقانىدى. ھالبۇكى، بىلىمنى پەرىشتىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە شەخىسنىڭ ئوقۇش تارىخى ياكى ئىجتىمائىي  ئورنى بولماستىن، دەل ئۇنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىدۇر. يۈسۈپ بوۋىمىزچىمۇ بالىلارغا بىلىم ئۆگىتىش ئارقىلىق ئەقىل نۇرىنى پارلاندۇرۇش،  بۇ ئارقىلىق ئىزگۈلۈك ۋە رەزىللىكنىڭ ماھىيىتىنى تۇنۇتۇش كېرەك ئىدى، ئەكسىچە بولغاندا، پەرزەنتنىڭ چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن ھىڭگان تۆگە كەبى كىشىلەر تەرىپىدىن يىتىلىنىدىغانلىقىدەك مەنىۋىي قۇللۇق مۇنداق ئىپادىلەنگەن:

                              297:ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي،

ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي.

        ھەقىقەتەنمۇ، بىر ئوچۇم لاينى كۇلالچى ئۆزى خالىغانسۈرەتكە كىرگۈزەلەيدۇ، ئەمما ئەقىل ئىنساننى باشقىلار تەرىپىدىن سۈيىئىستىمال قىلىنىشتىن ساقلايدىغان تۇمار، بىلىم بولسا تەپەككۇر دەرياسىدىن ئەقىل ئۈنچىلىرىنى سۈزگۈچى غەۋۋاس. شۇڭلاشقا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشىدا بىلىم ھەلقىلغۇچ رولغا ئىگە. بۇ نىمىدىگەن ئىلغار ئىددىيە قارىشى-ھە! ئۇ بىلىمنىڭ ئەخلاق كاتىگۇرىيىسىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەندىن كىيىن ئەخلاقلىق كىشىلەرگە سۆيگۈ يوللاپ مۇنداق دەيدۇ:                                             

3270:پۈتۈن ئادەم سۈيەر ياخشىنى،   

           بۇ ياخشى نىمە ئۇ مەن ماختاي ئۇنى.

   4467 يامانلىق بىلەن كىم ئېتىن داغلىسا،

                                         ئۇڭا ياخشىراقتۇر تىرىك تۇرمىسا.

ئۇنداقتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزىرىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق كاتىگورىيىلىرىنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ بۇ سوئالغا ئۇنىڭ گۇمانىستىك ئىجتىمائىي كۆز قارىشى ”ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمى‐خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش “دەپ جاۋاپ بەرگەن.ئۇ ئەسىرىنىڭ3933،3935-بېيىتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

                             كۆيۈمچان ئەمەس ئۇ ئۆزىنى دىگەن،

كۆيۈمچان شۇكى ئەل نەپئىن ئىزدىگەن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- C/ q2 T" a0 ~0 k5 P) W: \

كىشى ياخشى دەر،كىمدۇر ئۇ ياخشى،

كىشى دەردىگە دەۋا بولسا شۇ ياخشى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' |( Q. |+ Z( x6 L' B# h, \

ئۇنىڭچە ئادەم ئاز ئەمەس ئادەمگەرچىلىك ئاز، كىشى قەدرىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھىممىتى ۋە مۇرۇۋىتىدىن ئۆلچەش كېرەك ئىدى.بىز بۇنداق خەلىقپەرۋەر روھنى نەۋائىي شېئىرلىرىدىن، يولدىن ئۆتكەن مۇساپىرلار يىسۇن دەپ ئۈژمە دەرىخىنى باغ ياكى ھويلا ئارام ئىچىگە ئەمەس، يول لىۋىگە تىككەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرەلەيمىز.شۇ ۋەجىدىن پەرزەنتلەرنى مەرد، ئەل غېمىنى يەيدىغان قىلىپ تەربىيلەش بارلىق پەزىلەتنىڭ ئۇل تېشى دەپ قاراشقا بولاتتى.ئۇنىڭ بۇ ئىددىيىسى قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ گۇمانىستىك مۇتەپپەككۇرى ئاباي قۇنانبايوفنىڭ ‹ئادەمنى سۆي،ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى سەز، ئاللاھ ھەممىنى ئادەم ئۈچۈن ياراتقان، ئادەمنى سۆيمەك ئاللاھنىڭ ھىكمىتى › دىگەن قارىشى بىلەن فېيىرباخنىڭ ‹ئاتا پەرزەنتى بولماي، ئادەم پەرزەنتى بول ›دىگەن قاراشىغا يانداشقانىدى.بۇنىڭدىن باشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە پەرزەنتنى گۈزەل تەربىيلەش، ئەل غېمىنى يەيدىغان قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇلارنى كىچىگىدىن تارتىپ چىڭ تۇتۇش، ئوغۇل قىزلىرىنى سىقىپراق باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ فارابىنىڭ ‹ مائارىپ خىزمىتىدە ھەم مۇلايىم ھەم قاتتىق ئۇسۇل قوللىنىش لازىم ›⑨دىگەن كۆز قارىشىنى تەستىقلاپ مۇنداق دەيدۇ:


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 p3 B# d8 R) |  d" ~0 K8 o

1220ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا ياخشى ئىرۇر،

ئاتاسى،ئاناسى بەخىتلىك بولۇر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 q* j0 y# J( k! [4 K

1494ئوغۇل-قىز ئايىماي تاياق بىرلە ئۇر،

تاياق قىز-ئوغۇلغا بىلىم ئۆگىتۇر.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 E# g6 w* S5 l3 }! x( |

        يۇقارقى بېيىت گەرچە كىشىگە قوپاللىق تەسىرى بەرسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنى ئۇرۇپ خارلاش چاقىرىقى بولماستىن، پەرزەنتلەرنىڭ ئىززىتىنى قىلىش بىلەن بىرگە تەرتىپكە سېلىش، ئۇلارنى زىيادە سۆيۈپ ئەركە ئۆگىتىپ قويماسلىق تەشەببۇسى ئىدى.دەرھەقىقەت، ئارىمىزدا پەرزەنتلىرىنى ئەركە ئۈگۈتۈپ قويغانلىق سەۋەپ ئازاپ تارتقان ئاتا-ئانىلار ئاز ئەمەسقۇ ؟!توغرا، بىز ئاتا-ئانا مۇھەببىتىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ئاتا-ئانا پەرزەنت ئالدىدا مۇھەببىتى سەۋەپلىك قۇلغا ئايلانغان.ھەقىقەتەنمۇ ئاتا-ئانا پەرزەنت ئۈچۈن ھەممىگە رازى بولىدىكى، ئۇلارنىڭ پەرزەنت ئىشقىدا كۆيگەن يۈرىكىنى سۇغىرىپ ئاتەش گۈلخانلىقىغا تاشلىسا سالقىنداپ قېلىشى مۇمكىن.ئەمما بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئىشق “ ئىبارىسىنى تەھلىل قىلغىنىىزدا  ” ئىشق “ ئۇقۇمى بىزگە ” ئىش “ ۋە  ”  ئۇق “  دىگەن سۆزلەرنىڭ بىرلەشمىسىدەك تەسىر بېرىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقىي ئىشقىنىڭ مەنىسى ۋە ۋەزىپىسى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئىش ئۇقىدىغان قىلىشتۇر. پەرزەنت ئىشقىدىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئەقلىيلىكنى ساقلاشنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ خېلى بۇرۇنلا ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.ئۇ يەنە ياخشىلىق ۋە يامانلىق كاتىگورىيىسى ئاساسىدا پەرزەنتلەرنى قانائەتچان تەربىيلەش، ۋاقىتنى قەدىرلەشكە، يىگىتلىكنىڭ نادىرلىقلىرىنى ھېس قىلدۇرۇشقا،  ياخشى نام قالدۇرۇشقا،بەخىتنىڭ تىگى مېھنەت ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىشكە،ئەقىدىلىىك، خارەكتىرلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشقا، سەۋرنى، ئەپۇنى، راستچىللىقنى دوست تۇتۇشقا،  مال-دۇنياغا، ھاراققا، زىناغا يېقىن يولىماسلىققا، ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرىشتەك بىر قىسىم ئەخلاقىي تۈزىلىش نەسىھەتلىرىنى قىلغان.ۋەھالەنكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىمخۇمار ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ شاھانە ئەسىرىگە ”بەخىت-سائادەت ئېلىپ كەلگۈچى بىلىم “دەپ نام بەرگەن.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىم، ئەقىل ئۇقۇملىرىنى ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، بىلىمنى ئىنسان بىلەن ھايۋاننى ئايرىغۇچى ھۆججەت، ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئەڭگۈشتەر دەپ ھېسابلىدى ۋە پەرزەنتنىڭ ئادەمدەك ھۆرمەتگە ۋە ئەدەپكە ئېگە بولۇپ ياشىشى ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىش، بۇ ئارقىلىق ئەقىل نۇرىنى پارلىتىش ۋە پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە بىلىم بىلەن ئەدەپنىڭ مۇجەسسەم بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلىش كېرەك دەپ چۈشەندى.ئۇنىڭچە دۇر- گۆھەر، زەر-ئالتۇنمۇ بىر بايلىق ئەمما ئوغرى-قاراقچى بۇلاپ ئوغىرلىيالايدىغان بىقارار بايلىق.ئىلىم-مەرىپەت بولسا شۇنداق كاتتا بايلىقكى ئۇنى ھىچكىم ئوغىرلاپ قاچالمايدىغان بەرقارار خەزىنە ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

1843 بىلىملە پەرىقلىنۇر كىشى يىلقىدىن،  

       نىمە بار بۈيۈكرەك بۆلەك ئىلىمدىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! U- Y" R7 m7 n3 A" G

155ئەقىللىق ئۇقار ئول،بىلىملىك بىلۇر،

                              بىلىملىك ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر                           

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 v" Z# a; x: O( f

            ھەقىقەتەنمۇ تارىختىن بۇيان، ئىلىم قەدرىنى قىلغان مىللەتنى زامان ئەزىزلەپ تاللىدى، بىلىم نىمىتىنى تەرك ئېتىپ تەن لەززىتىنى ھايات مىلودىيىسىگە ئايلاندۇرغان مىللەتنى زامان رەھىمسىزلەرچە شاللىدى ھەم شاللىماقتا. شۇنچە سەرسان ئۆتكەن يەھۇدىي مىللىتى بىلىمگە بولغان ھۆرمەت، پەرزەنت تەربىيىسىگە بولغان ئەھمىيەت تۈپەيلى ئالىم مىللەتكە ئايلاندى. باشقا خەلقلەر (ھازىرقى ئۇيغۇرلار) پەرزەنتى تۇغۇلغاندا ھەزىل سورۇنلىرىنى قۇرۇپ تەنتەنە قىلىشسا، يەھۇدىيلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندا كىتابقا ھەسەل سۈركەپ بالىسىنى يالاتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەقىل يېشىغا توشقاندا كىشىلەر ئۇلاردىن ” نىمە ئەڭ تاتلىق؟ “ دەپ سورىسا ئۇلار ‹ كىتاب › دەپ جاۋاپ بىرىدىغان بولدى. يۈسۈپ بوۋىمىز بۇ ھەقىقەتنى مىڭ يىل مۇقەددەم تۇنۇپ يېتىپ مەنىۋىيىتى مەجرۇھ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە پەزىلەت يىتىلدۈرۈشنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئۇ روھىي ئاجىزلىقنى جىسمانىي ئاجىزلىقتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ؛                                                      

156بىل بىلىم مەنىسىن، بىلىم نىمە دەر   

بىلىم ئۇ ساقايتار كېسەل بولسا  ئەر

  157                   بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر.                     

داۋالانمىسا  ئۇ  تىرىكلا   ئۆلۈر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 I7 `& a5 U! A0 o$ t

            ئىنسان قەلبى بىلىم بىلەن تازىلىنىدۇ، تازىلانمىغان قەلب بىلەن ئەخلاق-پەزىلەت بىر ۋۇجۇدتا چىقىشالمايدۇ. ئۇلى بوش يەرگە ئىگىز ئىمارەت سالغىلى بولمىغانغا ئوخشاش پاسكىنا قەلىپتە ئەقىدە-ئەخلاق يەرلەشمەيدۇ. شۇ سەۋەپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹ كىشىلەرنىڭ يامىنىمۇ ئوقۇش، بىلىش بىلەن تۈزىلىدۇ، خەلق ئىچىدىكى بۇلغىنىشلارمۇ بىلىم بىلەن سۈزۈلىدۇ › دىگەن قارىشىنى ئەسەرنىڭ 4506-بېيىتىدا مۇنداق تەسۋىرلىگەن:            

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# D) Z3 L# c- u

       ئوغۇل-قىزغائۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ،

   بىرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.

        ئۇنىڭ  ” پەرزەنت تەربىيىسىدە ئەخلاق بىلەن بىلىم تەڭ ئۆگىتىلىشى كېرەك“ دىگەن تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيىدە بولىشى تاساددىبىيلىق ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيىدىغان، پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان خەلق.بۇنى بىز تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي دەلىللەردىن كۆرەلەيمىز.‹ئەخلاقسىز ئادەم يىلىگى يوق سۆڭەك ›، ‹ئەخلاق ئادەم زىننىتى ›، ‹ئىنساننىڭ زىننىتى ئەخلاق، دەرەخنىڭ زىننىتى ياپراق ›دىگەن ماقال-تەمسىللەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەخلاق ئىگىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرسە ‹قۇت بەلگىسى بىلىم ›، ‹ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ ›دىگەن ھېكمەتلەر، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفنىڭ مىللىي مائارىپ ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى، چىڭگىزخان ئىمپىرىيىسىگە مەدەنىيەت جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ۋە مۇڭغۇل يېزىقىنىڭ ئىختىرا بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭا ۋۇجۇدىدىكى ئىجدىھاد، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاقارتىش خىزمىتىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلىشى، تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ ئالتائايدا 24مەكتەپ قۇرۇشتەك مائارىپ كۆرەشلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىتىم بالىنى ”ئۆگسۈز“ يەنى تەربىيچىسى يوق دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىشى ... قاتارلىق تارىخىي ئىسپاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىم-تەربىيە، پەن-مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان بىرىكمە چۈشىنىشىنىڭ ۋە يۈكسەك ئېتىبارىنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئەخلاققا ھېرىس، ئىلىمگە تەشنا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق ئالىي ئەقىدىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەردە مىللەت ئاتىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىككى ئالەم سائادىتى ئۈچۈن كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلغان بولسا، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىسلام دىنىنىڭ پىرىنسىپال ئەقىدىللىرىنى توغرا ۋە جايىدا ئۆزلەشتۈرگەن ئەقىدىلىك مۇسۇلمان سۈپىتىدە قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

         پەرزەنت تونۇشى ۋە پەرزەنت تەربىيلەش ئۇقۇمى بولسا ئەڭ ئىپتىدائىي تېما بولىشىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ زامانىۋىي مەنا قاتلىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.زامانمۇ قانچە تەرەققىي قىلغانسىرى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قارىتا ئەقىدە، ساداقەت، سەمىمىيەت قاتارلىق قەلىب ئەخلاقلىرىغا قويغان تەلەپلىرىنى كۈنسايىن ئاشۇردى.چۈنكى، كىسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ بىلىملىك ئالىملىرى، كۈچلۈك ھەربىي قوشونى، ئامبار-ئامباردىكى خەزىنە-جاۋھارىياتلىرى بىلەن بەخىتلىك، خاتىرجەم، باياشات ياشىماستىن بەلكى ئاق دىل، سەمىمىي، دىيانەتلىك، پىداكارلىقتىن ئىبارەت ئەخلاق روزىغارلىرىنى ئاستىنقى قاتلام قىلغان جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن تىنىچ، بەخىتلىك، ھاياتىي ئىللىقلىققا تولغان گۈزەل تۇرمۇش قوينىغا چۆمەلەيدۇ.ئائىلە بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئۇمۇرتقىلىق رولىنى ئۆتەش سالاھىيىتى بىلەن ئەنە شۇنداق پەزىلەتلىك ئىنسان قوشونىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تەربىيلەپ چىقالىشى كېرەك ۋە شۇنداق قىلالىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇ ”تۇرالغۇ ئۆي “ دەرىجىسىدىن ماھىيەتلىك ھالدا ”ئائىلە “ ئۇقۇمىدىكى يۈكسەكلىك ماقامىغا ئۆرلىيەلەيدۇ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 d( p: h) k8 ^9 Z; {( u/ f' [) i4 M

         شۇڭا ئېيتىمىزكى،ئائىلىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى جىنىس ئائىلە قۇرۇشتىن بۇرۇن ئائىلە قارىشىنى ئۆز قەلبىدە ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى، نىكاھنى نۇقۇل ھالدا جىنسىي قۇشۇلۇش، ئائىلىنى جىنسىي خاھىشنى قانۇنلۇق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت مەركىزى دەپ ساددا ھالدا چۈشەنمەسلىكى، پەرزەنت ئۇقۇمىنى يۈزەكى ھالدا ئەۋلاد قالدۇرۇش نىشانىنىڭ بەرقارار تېپىشى، ئىككى جىنس تۈزۈلمىسىنىڭ مېۋىسى دەپلا چۈشۈنۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەككى، نىكاھنى ئىككى جىنىسنىڭ خۇدا، قەۋم، جەمئىيەت ۋە بىر-بىرى ئالدىدىكى ھايات قەسەميادى، مەسئۇلىيەت چاقىرىقى دەپ بىلىشى، ئائىلىنى بولسا پەرۋىش قىلىپ تۇرمىسا توزۇيدىغان گۈل، ئوتۇن تاشلاپ تۇرمىسا ئۆچۈپ قالىدىغان گۈلخان، ئەركىلىتىپ تۇرمىسا يىغىدىن توختىمايدىغان بوۋاق دەپ ئېتىقاد قىلىش كېرەك. پەرزەنتىنى كەلگۈسىدىكى ئاتا-ئانا، مىللەت ئەۋلادلىرىنى تەربىيلىگۈچى بولغۇسى ئۇستاز، ۋەتەن سېپىدا مەزمۇنت تۇرغۇچى قەھرىمان نامزاتىدا تۇنۇپ، ئۇلارنى تەربىيلەشنى ئۆزىنىڭ ھايات قەرزى ۋە خەلق ئامانىتى سۈپىتىدە بىلىشى ۋە ئۇزاق مەزگىللەپ ئەجىر قىلىشى لازىم.چۈنكى پەرزەنت تەربىيىسى قوي-پادا بېقىش جەريانى ئەمەسكى بىر-ئىككى يىل بورداپلا كۇپايىلىنىدىغان، ئۇ شۇنداق بىر ئالىي ئېتىقادكى يىللاپ ئالدىن مۆلچەرلىنىپ، ئۆمۈر بويى تەر ئاققۇزىدىغان ئىجتىمائىي بىناكارلىق.لىكىن مىڭ ئەپسۇسكى، خەلقىمىز ئارىسىدا ئائىلە ۋە پەرزەنت ئۇنتۇلغان دائىرىگە ئايلاندى.نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتتەربىيىسىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹كىچىك ۋاقتىدا چىڭ تۇتۇش›تەشەببۇسىغا سەل قاراپ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى پەيىتنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئۆز تەقدىرىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹ ئۆلەرسەن پۇشايماندا سەن ئاغرىماي ›دىگەن سۆزى بىلەن نەتىجىلەندۈردى، ئاخىرىدا تەڭرى تەرىپىدىن كەلگەن ئۇلۇغ نىئمەت ‐پەرزەنت ھەققىدە داتلاپ، ‹بالا باققۇچە يىلقا باقسام ئاغزىمنى ياغ ئېتەر ئىدى،بالا تېپىپمۇ ئىشمۇ ›دىگەندەك كۇپرانە سۆزلەر بىلەن نالا-پەرياد ئەيلىدى.ھىكمەت شۇ، پەيتى كەتكەن ئىشنىڭ بەختى كەتكەن بولىدۇ!مەنچە بولغاندا پەرزەنت تەربىيىسى ئۈستىدە بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز موماي بولغاندا ئوسما قويۇش بولماستىن ‹قىز›ۋاقتىدا ئىنسانىي لاتاپەت ۋە ئىمانىي نازاكەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە جىلۋىلەندۈرۈش كېرەك.شۇ ۋەجىدىن ئېيتىمىزكى، زامانىمىز ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنت تەربىيىسىدە سەگەك بولىشى، پەرزەنتىنى بىردەملىك ھاياجاننىڭ مەھسۇلى قىلىپ قويماستىن بەلكى ئەقىدە ۋۇجۇدىنىڭ شېرىن مىۋىسى سۈپىتىدە ئەزىزلىشى ۋە پەرۋىش قىلىشى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيە قاراشلىرىنىڭ 21-ئەسىرىدىكى ئىلمىي قىممىتىنى تونۇپ يىتىشى، سۆيىلىدىغان ۋە سۆيەلەيدىغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ چىقىشى، بىئولوگىيىلىك ئاتا-ئانا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، مەنىۋىي ئاتا-ئانىلاردىن بولۇشقا ئاتلىنىشى كېرەك.چۈنكى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن توغرا ئېيتىدۇ: ‹‹ئاتا-ئانا بولماق بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئاسان ئەمما ئاتا-ئانا نامىدا ئاتالغان تەربىيىچى بولماق ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئاسان ئەمەس.ھەقىقىي مەنىدە پەرزەنت تاپقان ئەمەس، ئۇنى تەربىيلەپ ئۆز بۇرچىنى ئورۇندىغان كىشى ئاتا-ئانىدۇر››.⑩

    ماقالىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئەنە شۇنداق ھەقىقىي مەنىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ياخشى تەربىيلىنىپ، توغرا يولدا تەمتىرىمەي مېڭىۋاتقان شۇ ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق پەرزەنتلەرگە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ‹‹سالام، ياخشى يولغا ماڭغانلار ››⑾دىگەن خىتابى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرىمىز ! ! !

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

(1) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ( ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› ) (نەزمىي يەشمىسى) مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ 1984 -يىل نەشرى.

(2) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› (نەسرىي يەشمىسى)،مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ 1991-يىل نەشرى.

(3) ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن:‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،2009 -يىل نەشرى.

(4) ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن:‹‹ ”قۇتادغۇبىلىك“خەزىنىسى  ››شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،1999-نەشرى.

(5) ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن: ‹‹ ئائىلە ››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2002-نەشرى.

(6) يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ‹‹ ئوغلۇم ، ئالدىڭغا  قارا ››، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2004-يىل نەشرى

    (7)خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار.

ئىزاھلار:

جۇڭگۇ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن تاللانما ( كەسپىي دەرسلىك) تىيەنجىن مائارىپ نەشىرىياتى 2001-يىل نەشرى ،89-بەت.

‚ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن: ‹‹ ئائىلە ››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 2002-يىل نەشرىى ،145-بەت .

ƒماركس- ئېنگىلىس تاللانما ئەسەرلىرى 1980-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1-توم 767-بەت .

④ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن: ‹‹ ئائىلە ››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2002-نەشرى،9-بەت.

⑤ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن:‹‹ ”قۇتادغۇبىلىك“خەزىنىسى  ›› شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،1999-نەشرى،89~91بەت.

⑥ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن:‹‹ ”قۇتادغۇبىلىك“خەزىنىسى  ››شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،1999-نەشرى،92-بەت.

⑦ئۇچ خەتلىك ھىكمەتلەر ‹三字经› دۇڭبېي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 2000-يىل نەشىرى 1~3 بەتكىچە؛جۇڭخۇا مەدەنيىتى‹中国文化›،چىڭحۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى2009-يىل  نەشىرى 86-بەت.

  ⑧ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن:‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،2009 -يىل نەشرى،237-بەت.

⑨ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن:‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،2009 -يىل نەشرى،179-بەت .

⑩ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن: ‹‹ ئائىلە ››، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2002-نەشرى.143-بەت.

ئ⑾ئابدۇقادىر داموللا: ‹‹ ئەدەپ ئاچقۇچى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى  26-بەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-29 10:30 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 F+ @) ]! F" z

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! j) n3 j5 G5 Q3 V$ k
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qartekin + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7997
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2498 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:54:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2994
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 02:41:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4382
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 08:35:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 08:51:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 08:52:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98321
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 10:31:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32136
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3358 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 11:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32136
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3358 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 11:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 02:45:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش