«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «ياش ئەدىب، ئىجادىيەتچىلەر مۇنەۋۋەر ماقالە – ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزىدۇ
مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ رازى بولغۇدەك ياخشى چىقىرىش، ياش ئەدىب ۋە ئىجادىيەتچىلەرنى قوللاش، ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق، فوتوگرافىيە، رەسساملىق، تەرجىمە جەھەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە ياش ئەدىب ۋە ئىجادىيەتچىلەرگە كەڭرى ئىجادىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا (2014 - يىللىق ۋە 2015 – يىللىق سانلىرىدا) تۇنجى نۆۋەتلىك «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى ياش ئەدىب، ئىجادىيەتچىلەر مۇنەۋۋەر ماقالە – ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
مۇسابىقىگە ئالاقىدار ئىشلار ۋە تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاپتورلار 1970 – يىلى 1 - ئايدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكى ھەر مىللەت ياش ئەدىب ۋە ئىجادىيەتچىلەر (ياش شائىر - يازغۇچىلار، فوتوگرافلار، رەسساملار، تەرجىمانلار، تەتقىقاتچىلار) بىلەن؛ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسى شېئىر، ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي ئوبزور، سۆھبەت خاتىرىسى، فوتو سۈرەت، ماي بوياق رەسىم، ھەرخىل تەرجىمە ئەسەر، شۇنداقلا مىللەت ساپاسى، مەدەنىيەت – مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، ئۆرپ – ئادەت، تەنتەربىيە، كارخانا باشقۇرۇش، تىجارەت سەنئىتى، مىللىي تېبابەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى ماقالىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ.
ئىككىنچى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالە – ئەسەرلەر ئىلگىرى مەتبۇئات ياكى توردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى؛ ھەجىم جەھەتتىن ئىمكان بار قىسقا، جەلپكار بولۇشى؛ فوتو سۈرەت، ماي بۇياق رەسىملەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئېلىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ھەم ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇشى؛ مەزمۇنى ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، خاسلىقى روشەن ۋە يېڭى بولۇشى؛ تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلەر چوقۇم ئېلىمىزدىكى ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، قىسقا، سەرخىل ئەسەرلەر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ (تەرجىمە ماقالە، ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمە نۇسىخىسى بىرگە ئەۋەتىلىشى كېرەك). !
ئۈچىنچى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالە – ئەسەرلەرگە ئاپتورنىڭ ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى ۋە ئىسىم – فامىلىسى توغرا يېزىلىشى، ئاپتورنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك سۈرىتىدىن بىر پارچىدىن قوشۇپ ئەۋەتىلىشى كېرەك (سۈرەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە چەك قويۇلمايدۇ، سۈرەت ھۆججىتىگە سۈرەت ئىگىسىنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ).
تۆتىنچى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان بارلىق ماقالە – ئەسەرلەر «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى: millatlar1988@sohu.com. ) غا ئەۋەتىلىشى شەرت. باشقا شەكىلدە ئەۋەتىلگەنلىرى ياكى شەخسلەرگە ھاۋالە قىلىنغانلىرى بىردەك رەت قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ ھۆججەت نامىغا ياكى باش قىسمىغا ««جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى ياش ئەدىب، ئىجادىيەتچىلەر مۇنەۋۋەر ماقالە – ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى»غا دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.
باھالاش ۋە مۇكاپاتلاشقا ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، مۇسابىقىگە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە – ئەسەرلەرنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن مەخسۇس تەشكىللەنگەن باھالاش ھەيئىتى باھالاپ چىقىدۇ. ئىككىنچى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ نامى ۋە ئاپتورلارنىڭ ئىسىملىكى، ھەر بىر ماقالە - ئەسەرگە بېرىلگەن باھا سۆزى ھەمدە باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئىسىملىكى 2015 – يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ، ئىدارىمىزنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىدە ۋە «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2016 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ. مۇكاپاتلانغۇچىلار مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىگە تەشكىللىنىدۇ.
ئۈچۈنچى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان سەرخىل ماقالە - ئەسەرلىرىنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ياشلارنىڭ ئىلغار تەپەككۇرىنى جەمئىيەتكە ژۇرنال يۈزىدە كەڭ دائىرىلىك نامايان قىلىش»تىن ئىبارەت باش پىرىنسىپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. باھالاشنىڭ ئاشكارا، ئادىل بولۇشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. مۇكاپاتلىنىدىغان ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ سانىغا چەك قويۇلمايدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى، نەق پۇل ۋە باشقا ماددىي بۇيۇم بېرىلىدۇ.
ھەر ساھەدىكى ياشلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى ياش ئەدىب، ئىجادىيەتچىلەر مۇنەۋۋەر ماقالە – ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى»گە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى ئەل – جامائەتكە نامايان قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-28 08:47 PM