قەلىمىم
ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىدە يورغىلايدۇ قەلىمىم،
يۈرەكتىكى ھەسرەتنى ئوغۇرلايدۇ قەلىمىم.
ئېزىپ يۈرسەم چۆللەردە يول تاپالماي تەمتىرەپ
خاتا باسقان قەدەمنى توغۇرلايدۇ قەلىمىم.
يىراقلاردا يىلىنجاپ ، ئۆچەي دېسە ئارمىنىم،
كۈتۈلەرگە ئۆچ بولۇپ توشاي دىسە تاقىتىم.
بۇ ئالەملىك ھاياتنىڭ ،توختاي دىسە سائىتىم
شىجائەتكە-غەيرەتكە ، توۋىلايدۇ قەلىمىم.
ۋاپاسىز يار دەستىدىن يۈرەك لەختە بولغاندا،
نامەرد دوستنىڭ پەيلىدىن دىل زەرداپقا تولغاندا.
ئون گۈلۈمنىڭ توققۇزى ئېچىلمايلا سۇلغاندا
ھەمدۇ سەنا،شۈكۈرگە ھەم ئۈندەيدۇ قەلىمىم.
ئەتراپىمدا شەيتانلار ئۇسۇل ئويناپ يۈرگەندە،
ئېزىپ مەنمۇ شۇلارنى بەختىمكەن دەپ يۈرگەندە.
كىرىپ شەيتان كەينىگە نى قىسمەتنى كۆرگەندە
<كۆزۈڭنى ئاچ ،ئەي بەدبەخ> دەپ ئىڭرايدۇ قەلىمىم.
ئۇنتۇپ ئەسلى ۋەسلىمنى مەيدە كىرىپ غادايسام،
ئاش تۇز بەرگەن زىمىنغا ئاسىي بولۇپ قارايسام.
ئاتا-ئانام سۆزىگە قۇلاق سالماي ئالايسام
<ئۆزۈڭنى تاپ ،ئەي نامەرد> دەپ يىغلايدۇ قەلىمىم.
2013-كۈنى10-ئاينىڭ13-كۈنى
يەكشەنبە
مەنبە: مۇھەممەدرېھىم ئابلىز(ئوت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-30 10:08 AM