ھىدلىماققا گۈلۈڭ بار گۈلزارىڭدۇر ئائىلەڭ،
شاھ تاجىغا زوقلانما گۈل تاجىڭدۇر ئائىلەڭ.
كۈندە سۆيسەڭ ئەرزىيدۇ دىلدارىڭدۇر ئائىلەڭ،
ھۆسىن قوشار ھۆسنىڭگە بىر خالىڭدۇر ئائىلەڭ.
كۈندە كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ گۈلخانىڭدۇر ئائىلەڭ.
ئائىلەڭدەك نەدە بار ئسسىق ماكان، ئسسىق جاي،
مۇزلاپ كەلسەڭ ئالدىڭغا قۇيۇلىدۇ ئسسىق چاي.
دېرىزەڭدىن زوقلىنىپ قارىشىدۇ تولۇن ئاي،
ئىناق جۈپلەر بەختىيار، ئىناق جۈپلەر ئۆتەر باي .
شۇڭا ئېيتقان دەردىڭگە دەرمانىڭدۇر ئائىلەڭ.
دەستۇرى بار مەكتەپ ئۇ دىيانەتتىن ئەخلاقتىن،
سەھىپىسى سۆزلەيدۇ دىلغا چىراغ ياقماقتىن.
سالام-سەھەت بىشارەت ئەلدە ھۆرمەت تاپماقتىن،
بالاڭ شۇڭا يىراقتۇر ئەگىزلەردە ئاقماقتىن.
ئۆزۈڭ ياققان سېنىڭمۇ بىر شامىڭدۇر ئائىلەڭ.
سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن.
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشناپ گۈللىگەن،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن.
مەيلى سۇلسۇن، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-28 06:49 PM