ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىقى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. بولۇپمۇ ئارخىتېكتۇرلۇق، ماتېريالچىلىق، كاھىشلىق، ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق جەھەتلەردە خېلى كامالەتكە يەتكەچكە، «يېپەك يولى» ئارقىلىق تەدرىجىي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ۋە باشقا قوشنا ئەللەرگە تارقالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r8 }' I9 X S: ^7 \
بىناكارلىق سەنئىتى بىر خىل سەنئەت ھەم تېخنىكا. ئۇ ئەمەلىي ئىستېمال قىممىتى ۋە ئىستېتىكا قىممىتىگە ئىگە. ئىستېمال قىممىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىستېمال قىممىتى بىلەن ئىستېتىك قىممەتنىڭ بىردەك بولۇشى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تۈپ گۈزەللىك پرىنسىپىدۇر. ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ- دەريالار، دەل- دەرەخلەر، گۈل- گىياھلار، مېۋە- چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندىن باشقا، تۇرمۇش بويۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، مەزمونى مول بولۇپ، ئىشلەتكەن ماتېرياللار ۋە قوللىنىلغان ھۈنەر- سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياغاچ ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش، گۈللۈك خىش كاھىش، رەڭلىك ئويما نەقىش، خىش ئويما نەقىش، گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، كاھىش، رەڭلىك سىزما نەقىش قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە ياغاچ ئويما نەقىشلىرى ۋە رەڭلىك سىزما نەقىشلىرى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# X: ~4 O4 [, G* e: Oخىش قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، خىش تىزما نەقىش، كاھىش ئاساس قىلىنىدۇ. خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنى زىننەتلەشتە ھەر خىل نەقىش، بىزەك شەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېريالىىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جانلىق، سىپتا، كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ ?# s; V7 U8 b. q7 P, i
ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نەپىس، گۈزەل سەنئەتلىكلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ، بەدىئي زوق، مەنىۋى ئوزۇق ۋە ھۈزور ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ماكانى ئورمانلىقلار، غار- ئۆڭكۈرلەرنى تاشلاپ بۈگۈنكىدەك باغ- ۋارانلىق، ھويلا- ئاراملىق، پىشايۋان- سوپىلىق، دەھلىزە- قازناقلىق، تۆر پەرگاھلىق، تەكچى مېھراپلىق، ۋاسا جۈپ- ناۋالىق، ئەگىمە ئىشىك- دەرىزىلىك، گۈل مەنزىرىلىك ئۆيلەرگە؛ ئۇزۇن سېپىللىق، گۈمبەز- مۇنارلىق، رەستە- كوچىلىق، تاغ- دەريالىق، يېشىل ئورمانلىق، خۇش ھاۋالىق ئاۋات شەھەرلەرگە كۆچكەنلىكى ھەرگىزمۇ ساپالسىز، نەقىش- بېزەكسىز مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ساپالنىڭ رولى ناھايىتى زور بولغان؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە گۈل نەقىشلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي، بەدىئىي سەنئىتى نامايەن قىلىنغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* s8 D! h( m+ e2 l% D
ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە خىش تىزما نەقىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بناكارلىق ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. خىش تىزما ئىمارەتلەرنىڭ سۇۋالمايدىغان تام يۈزلىرى، سىرتقى پەردازلىرى، مۇنار يۈزىدىن ئىبارەت كۆزگە چېلىقىدىغان قىسمىغا خىشلارنى ئالاھىدە تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن تىزىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا، خىش تىزما نەقىش بىلەن گەج ئويما نەقىش ھۈنەر سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىپ ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ھاسىل قىلىدۇ. خىش تىزما نەقىشنى ئىشلەشتە شەكىللىرى بىر قەدەر ئاددىي بولغان گېئومېتىرىك تۈز سىزىق ئاساسىدىكى نەقىش تۈرلىرىدىن گۈل- چېچەك، چاقماق، كەكلىك قېشى، ساندۇقچە، توقۇناق، پەتنۇس، شەيتان قۇلۇپ قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نەقىشلەر كۆپىنچە ئىككى تەرەپكە، تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇلغان ھالدا، بەزىلىرى نەقىش ئىشلىنىدىغان ئورۇننىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا مۇستەقىل بىر ئۆرنەك قىلىپ ئىشلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 l7 a2 I3 o' g$ u5 @, u
خىش تىزما نەقىشىنى ئىشلەش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: خىشنى ھەرخىل گېئومېتىرىك شەكىل بويىچە ۋە نەقىش تەلىپىگە ئاساسەن تىزىپ تام قوپۇرۇش، تىزىلغان خىشلار ئارىلىقىدىكى بوشلۇقلار زىنەت- بىزەك تەلىپىگە ئاساسەن، ئاق ياكى باشقا رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ھاك، گەج لاي بىلەن پىلتە تارتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن تاملار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، خۇددى سىزىلغان نەقىشتەكلا كۆرۈنىدۇ ھەمدە ناھايىتى پۇختا بولىدۇ. يەنە بىر خىلى خىشلارنى ئالدىن يۇنۇش، كېسىش ئارقىلىق رومبا، ئۈچبولۇڭ، كۋادىرات شەكىللىرىگە كەلتۈرۈۋېلىپ، قۇم قەغەزدە سىلىغداپ، ئاندىن تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن بۇ خىشلارنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ تىزىش، يەككە تىزىش ياكى تىكلەپ تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. مۇنداق ئۇسۇل بويىچە تىزىلغان خىشلاردىن چېچەك، غۇنچە، يېرىم غۇنچە، چاسا غۇنچە، يۇلتۇز، كۆپتۈرمە يۇلتۇز، ساندۇقچە، كەكلىك قېشى، شەيتان قولۇپ قاتارلىق نەقىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەمپەي، پىشايۋان سوپىسى، زەگۈندە قاتارلىق ئىمارەتنىڭ ئۇلى بىلەن دېرىزە تەكچىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا، دېرىزە بىلەن دېرىزە، دېرىزە بىلەن ئىشىك ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا پىلتە- ناۋا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن خىشلارنى رامكا قىلىپ، باشقا خىشلارنى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ P% M/ o! _! ~' |0 Y. [; Cئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان كېسەك، كېسەكتىن ياسالغان سېپىل، مۇنار ۋە ئۆي- ئىمارەت ئىزلىرى بايقالغان. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۆي- ئىمارەت سېلىشتا تام سوقۇشتىن كېسەك بىلەن تام قوپۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، كېسەك بىلەن سېلىنغان ئۆي- ئىمارەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ، ئۇنى شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تەكرار ئىشلىتىش جەريانىدا كېسەكلەرنى ھەر خىل شەكىلدە تىزىش ئارقىلىق تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ \% ~9 F( {# [% M: a
ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى تەبىئەت ھادىسلىرى، ئۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، خىش تىزما نەقىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەمۇنە ئۆرنەكلىرى ئۇيغۇر بىناكارىقىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن، خىشلارنى تىزىش ئارقىلىق ئون نەچچە خىل نەقىش چىقىرىلغان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرۋازا مۇنارلىرىدا خىش تىزما نەقىشنىڭ كۆركەملىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئومۇمەن، خىش تىزما نەقىشلىرى ئۇيغۇر مىمارچىلىق تېخنىكىسى، نەقىش- بېزەك سەنئىتى، ماتېريالچىلىق قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ v2 e |% A4 `% y+ c" Pمەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپfrom:
http://uygur.chinabroadcast.cn
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& u& u# S( X6 D; c9 Z. N بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-28 12:13 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 a) h5 f. r( N# c( v/ S' ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. J4 Q) W1 H1 I) L