مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1321|ئىنكاس: 21

بالىلىقتىكى ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشتىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 11:04:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بالىلىق دەۋر-قورامىغا يەتكەن ھەر بىر ئادەم باشتىن كەچۈرىدىغان بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇپ، ئۇ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ غۇبارسىز، ئەڭ ساپ، ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلاردۇر. بالىلىق دەۋرىدە ئادەمنىڭ مېجەز خاراكتېرى يېتىلىدۇ، تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرىگە يۈزلىنىدۇ.
  بالىلار خۇددى پەرىشتىدەك پاك، سەبىي، ئوماق كېلىدۇ، يېڭى شەيئىلەرگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدۇ، ئاتا-ئانا مىھرىگە قانىدۇ، مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، دوستلىرى بىلەن قىيغىتىپ، كۈلۈپ ئوينايدۇ، دۇنيادىن تويماي ھوزۇرلىنىدۇ. قىزىقىشى كۈچلۈك، تەسەۋۋۇرى مول بولىدۇ.  
   ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىلىق دەۋر ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ،  ئادەمنىڭ چوڭ بولۇشى بىلەن روھى دۇنياسى مۇكەممەللىككە يۈزلىنىش بىلەن بىرگە روھى بۇلغىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ، ساختىلىق، رەزىللىك، ئىپلاسلىقمۇ روھىغا تەڭ سىڭىپ كىرىدۇ. بالىلىقتىكى سەبىيلىك، پاكلىق، ئۇلۇغلۇق مەڭگۈ كەلمەسكە كېتىدۇ، ھېچكىممۇ بالىلىق دەۋرىگە قايتىپ بارالمايدۇ.
  شۇ سەۋەبتىن مەيلى ئاددىي ئادەملەر بولسۇن، مەيلى زەردار، ئەمەلدار، پادىشاھ، ئوغرى قاراقچى بولسۇن، ھەممە ئادەم بالىلىق دەۋرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىگە بارغاندىمۇ بالىلىق دەۋرىنى كۈچلۈك سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىدۇ، ئەسلەيدۇ.
بالىلىقتىكى ئارزۇلار تولىمۇ گۈزەل، يۈكسەك، سىرلىق بولىدۇ.
  بالىلىق دەۋرىمدە "101 ئالىم"، "ئەقىل سىناش قامۇسى"، "رادىئو ھەۋەسكارلىرى" دېگەن كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيتىم. كىتابلاردا تەسۋېرلەنگەن ئالىملارنىڭ يۈكسەك تېرىشچانلىقى، ئەقىل پاراسىتى، تىز پۈكمەس ئىرادىسى، ئىلىم پەن دۇنياسىدىكى ئۇلۇغ كەشپىياتلار مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. شۇڭا چوڭ بولسام بىر ئۇلۇغ ئالىم بولىمەن، دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.
  ئەپسۇسكى ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىدى، ئالىم بولالمىدىم، ھەر ئايلىق مائاشقا قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئادەتتىكى كادىر بولۇپ قالدىم.
ھازىرقى بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرىنى بىزنىڭكىگە ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە گەرچە شارائىت ياخشى بولمسىمۇ بىراق ئويۇن ئوينايدىغان ۋاقتىمىز كۆپ ئىدى، كوللېكتىپ ئوينايدىغان بالىلار ئويۇنلىرى زېھنىمىزنى ئاشۇرۇپ، خۇشاللىقىمىزنى چېكىگە يەتكۈزەتتى. گەرچە ئوقۇيدىغان دەرسلەر، تاپشۇرۇقلار ھازىرقىدەك ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ بىراق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يەنىلا ياخشى ئىدى.
  بىراق ھازىرقى بالىلارنىڭ شارائىتى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يۈكى بەك ئېغىر، كۆپىنچىسىنىڭ ئويۇن ئوينىغىلى ۋاقتى يوق، ئوقۇيدىغان دەرسلىرى كۆپ، بىچارە بالىلار ئېغىر سومكىلارنى كۆتۈرۈپ، كېچە كېچىلەپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ،  بىر قىسىم مەكتەپلەر دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ دەرس تولۇقلايدۇ. بۇ ئاز كەلگەندەك بىر قىسىم ئاتا ئانىلار بالىلىرىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، كۇرسلارغا ئوقۇشقا ئەۋەتىپ ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتماقچى بولىدۇ.
ئەگەر ئاشۇ بىچارە بالىلار ئۆگىنىۋاتقان دەرس، ئۆگىنىش بېسىمىغا چوڭلار يولۇقسا چوڭلار ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇ بالىلارنى قىيناش، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇنداق تۇرۇقلۇق ھازىرقى ئوقۇتۇش سۈپىتى بۇرۇنقىغا ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ. بىچارە بالىلار بالىلىق دەۋرىنى تاپشۇرۇق ئىشلەپ، دەرس تولۇقلاپ، ئۆگىنىش بىلەنلا ئۆتكۈزۈپ، بالىلىق دەۋرىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمەيۋاتىدۇ.
سىزنىڭ بالىلىق دەۋردىكى گۈزەل ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشتىمۇ ؟


ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 12:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14923
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10179
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 12:50:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 12:30 PM
مىنىڭ بالىلىق دەۋرىمدە چوڭراق مەنسەپكە ئىگە بولغۇم با ...

ھازىرمۇ سىكىرتار بۇپسىزغۇ ئاينا

مىنى مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تۇنۇتقان ئاللاھقا كۇرمىڭ شۇككۇرلەر بولسۇن
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 12:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 01:15:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ باش دىركتۇر بولغۇم بارتى .بىردۇكانغا باش دىرىكتۇر بولدۇم .خىزمەتچىمۇ ئۆزەم شۇ....ھى.......ھى.......ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 01:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 02:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۈكچۈك بولغۇم باتتى .   شوپۇرمۇ بولالمىدىم .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 983
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 476 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 03:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئۆزۈم ئويلاپ باقمىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 649 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 03:16:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 12:58 PM
مەنسەپنىڭ ئەڭ كىچىكى دەڭە بۇ

مەنسەپنىڭ ئەڭ كىچگى دىگەن شۆدىجاڭدۇ سىكىرتار..؟ھى ھى ھى

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 03:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئېشىپ قالار

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش