مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2552|ئىنكاس: 23

قاپاق كۆتۈرۈۋالغان قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 09:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاپاق كۆتۈرۈۋالغان قىز

(رىشات ئەخمەت)

   شۇنداق تۇمۇز ئىسسىقتا كىتىپ بارىمەن، ئۇسسۇزلۇقتا جىنىم ئاز قالغان بولسىمۇ، مەنزىلىمگە قاراپ كىتىپ باراتتىم. توۋا دەيمەن، كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنۈۋاتاتتى، جەنۇپ تەرەپكە قارىسام، يىراقتا، قەشقەر ھېيتىگاھ كۆرۈندى. خۇشاللىقىمدا شۇ جايغا قاراپ ماڭدىم بىراق ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم، كۆز ئالدىمغا مەككە كۆرۈندى. بۇ قانداق ئىش؟ غەلىتىلا بولۇپ قالدىم. كەينىمگە قارىدىم، مىسىر ئەللىھرام كۆرۈندى. بىر چاغدا مېڭىپ قەيەرگە كەلگىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن، بۇ چۆل جەزىرىدە نەدىنمۇ سۇ بولسۇن. شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى. تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمدە بىر توپ توغراقلىق كۆرۈندى. توغراقلىق يېقىنلا يەردىلا ئىدى. شۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم. دەرۋەقە توغراقلىق ئارىسىغا كېردىم. بۇ چاغ نامازشام ۋاقتى ئىدى. قۇياش غەرب تەرەپكە كېرىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇسسۇزلۇق مىنى بەكلا قېيىنىدى. بىر توغراققا يۆنىلىپ قالدىم. قولىقىمغا بىر نەرسە شىرىلداۋاتقاندەك بولدى. كەينىمگە قارىدىم. بىر قىز قاپاققا سۇ ئىلىۋاتاتتى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. توغراقتىنمۇ سۇ چىقىدىكىنا؟! قىز بار تەرەپكە يۈگۈردۈم ۋە قىزنى ئىتتىرۋېتىپ، توغراقتىن چىقىۋاتقان سۇغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. سۇ شۇنچىلىك مۇزدەك ۋە تاتلىق ئىدى. قانغۇچە ئىچىۋالغاندىن كېيىن، كەينىمگە قارىدىم. قىز ماڭا شۇنداق تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈمسىرەۋاتاتتى. قىزغا گەپ قىلماقچى بولۇپ تەمشىلۋېدىم. قىز خورجۇندىن ناننى چىقىرىپ ماڭا سۇندى. قىزغا رەھمەت دېدىم. قورساقنىڭ ئاچىلىقىدىنمۇ، ناننىڭ ھەممىنى يەۋىتىپتىمەن. قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:

ــ سەپىرىڭىز قەيەرگە؟ ،-دەپ سورىدى. مەن قىزغا:

ــ كەچۈرۈڭ، باياتىن ئالدىڭىزدا ئەدەبسىزلىك قىلدىم، مەن بۇ يەردە ئېزىپ قالدىم. ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟ ،-دېدىم. قىز ئۇماققىنە بىرنى كۈلۈپ قويدى ۋە قولۇمنى تارتتى. ئىككىمىز بىر مەھەللىگە كىردۇق. بىراق ھەيرانمەن. مەھەللىدە ئادەم يوق ئىدى. ئىككىمىز بىر تار كوچىغا كىردۇق. قىزنىڭ ئۈيى مۇشۇ تار كوچىدا ئىدى. قىز مىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۆيگە كىرىپ، يەنىمۇ ھەيران قالدىم. قىزنىڭ ھويلىسى شۇنداق گۈزەل باغ بولۇپ، ھەرخىل گۈللەر ۋە كۆزنى قاماشتۇردىغان ئىسىل ئىمارەتلەردىن ئىدى. قىز مىنى سۇپىغا تەكلىپ قىلدى. پايانداز سېلىنغان، تەكىيلەر قويۇلغان بۇ سۇپا ماڭا بەكلا ئارامبەخىش تۇيۇلدى. بۇ ئارامبەخىشتىن كۆزلىرىم ئۇيقۇغا كەتتى. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچتىم. كۆز ئالدىمدا ھېلىقى قىز تۇراتتى. باياتىن  قىزغا دېققەت قىلماپتىمەن، بىراق ھازىر بۇ قىز ماڭا شۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇ سۈزۈك چىراي، قۇندۇزدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچ، ئالۇچىدەك قىزىل پۈكۈلگەن لەۋلەر، ناچىدەك بۇرۇن، كىشىنى مەسىت قىلىدىغان شەھلا كۆزلەر. قىز ماڭا كۆلۈپ قاراۋاتاتتى. مەن قىزنىڭ ئىتىكىگە بېشىمنى قويۇپ ياتماقتا ئىدىم. قىز باشلىرىمنى خۇددي ئەللەي ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك بىر خىل رىتىمدا سىيلايتتى. قىزنىڭ قوللىرى شۇنچە مۇزدەك ئىدى. قىزغا قاراپلا ئاشىق بولۇپ قالدىم. قىزنىڭ قولىنى تۇتتۇم. قىزنىڭ يۈزلىرى قىزىرىشقا باشلىدى. ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلدىم:

ــ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،- دېدىم. قىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۇ ماڭا تىكىلىپلا تۇراتتى. بۇ كۆزگە ئەمدى تىكىلىپ تۇرىۋەرسەملا، بىھوش بولۇپ جان بېرىدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. قىز لەۋلىرىنى لىۋىمگە تەككۈزدى. بۇ نەچچە مىنوتتىكى ئىشلار ئەقلى ھوشۇمنى ئالدى. قىزنى قۇچاقلىۋالدىم. كۆز ئالدىمدا بىر كىشى تۇراتتى. بۇ كىشى شۇنچىلىك سەت ئىدىكى، قارىغان ئادەمنىڭ قورققىسى كېلەتتى. ئۇ ئىسمىمنى چاقىردى.

ــ سەن كىم؟ ئىسمىمنى قانداق بىلدىڭ!،-قورقۇنۇش ئىلىكىدە سورىدىم. ئۇ ماڭا ساغرىپ كەتكەن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، شۇنداق سەت بىرنى ھىجايدى ۋە:

ــ سۆيگىن، قۇچاقلا، باغرىڭغا باس، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يات!،-دېدى. مەن چۈچۈپلا كەتتىم.

ــ نىمە دەيسەن؟ سەن زادى كىم؟ مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايمەن. ئۇنى سۆيۈدىكەنمەن، ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىق بولىمەن،-ئۇنىڭغا زەردە بىلەن مۇشۇنداق دېدىم. ئۇ باياتىنقى گىپىنى يەنە تەكرارلىدى. ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم. بىراق، ئۇ باياتىنقى گىپىنى تەكرارلاۋەردى. تەكرار-تەكرار دېگەچ غايىپ بولدى. قىز مەيدەمگە بېشىنى قويۇپ ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتاتتى. بىراق ھېلىقى كىشىنىڭ گىپى قولىقىمدا جاراڭلىماقتا ئىدى. ئۆزۈمنى شۇنداق بېسىشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ، ئەرلىك ھېسىياتىم بۇنىڭدىن غالىب كەلدى.

ــ سىز باياتىن گەپ قىلغان كىشى، شەيتان بولىدۇ!،-قىز شۇنداق دېدى. قىزنىڭ گىپىدىن ئويغانغاندەك بولدۇم. قىزنى ئاستا قويۇۋەتتىم. قىز كۆزلىرىمگە تىكىلدى ۋە مىنى سۈيۈپ قويدى.

ــ كەچ كىرىپ قاپتۇ، ئارام ئالايلى! سىزگە ئورۇن راسلاپ بېرەي،-دىدىدە، يان تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىر چاغدا، قىز مىنى ھۇجۇرغا باشلىدى. ھۇجۇرغا كىرىپ ئاغزىمنى تۇتۇپلا قالدىم. سۇپىلانغان كارۋات، ئوتقاشتەك سېلىنغان گىلەملەر، تورۇسقا ئسىلغان چىراغ ۋە نەقىشلەنگەن گۈللەر، تاملاردا ئۇيۇقچىلار، يۇمشاق سېلىنغان ئورۇن-كۆرپىلەر. ئۈستەل ئۈستگە قويۇلغان ھەرخىل غىزالار. قىز ماڭا قاراپ:

ــ قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ كىلىپ غىزالىنىۋېلىڭ!،-دېدى. قىزغا قاراپلا قالدىم. ئۆزۈمنى خۇددي قەدىمقى زامانغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. قىز مىنى ئۈستەلگە تەكلىپ قىلدى. تاماققا كىلىپ شۇنداق ئولتۇرۇشۇمغا، بىر يەردىن مۇڭلۇق نەغمە-مۇقاملار ياڭرىدى. بۇ نەغمە-مۇقاملاردىن غىزانى ئىچىلىپ يېيىلىپ تۇرۇپ يېدىم. غىزانىمۇ يەپ بولدۇم. ئاستا بېرىپ ئوخلاشقا تەمشەلدىم. قىز سالغان بۇ ئورۇن-كۆرپە شۇنداقمۇ راھەت ئىدى. ئەمدى كۆزۈمنى يۇمۇشۇمغا، قىز قېشىمغا كىلىپ:

ــ سىز بۈگۈندىن باشلاپ ماڭا شاھزادە بولۇڭ!،-دېدى. قىزنىڭ گىپىنى ماقۇل كۆرەيمۇ؟ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم. قىز ئارقىدىن: - مەن سىزنىڭ خۇتۇنىڭىز بولسام، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولىمەن،-دېدى. ئارقىدىن ھېلىقى كىشى پەيدا بولۇپ، « سۆيگىن، قۇچاقلا، باغرىڭغا باس، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يات!» دەپلا يەنە غايىب بولدى. قىز ئۆزىنى ماڭا ئاتتى. مەن بولسام مىدرلىيالماي قالدىم. قىز مىنى سۆيۈشكە تەمشىلۋېدى غايىپتىن كەلگەن بىر كۈچ مىنى قىزدىن تارتىۋالدى. قىز ئالدىمدا بولسا، ياپيالاڭغاچ ئىدى. قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ بەدەنلىرىدىن موي چىقىشقا باشلىدى. ئۇ چىرقىراشقا باشلىدى. بەكلا قورقتىم. ئۇنىڭ باشلىرىدىن قانلا ئىتىلىپ چىقتى. قوللىرى بولسا قورۇپ كەتكەن شاختەك، ئەگرى بولۇپ كەتتى. ئۇ بىر قورقۇنۇچلۇق مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدى. ھېلىقى غايىب كۈچ مىنى بىرلا تارتىۋېدى، ئۆزۈمنى ھاۋادا كۆردۈم، ھېلىقى ھويلا-ئاراملار بولسا، يەردىن سەل كۆتۈرۈلۈپ، گوم قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىككىگە ئايرىلدى ۋە بىردەمدىلا ئوت دېڭىزغا ئايلاندى. قورققىنىمدىن گەپمۇ قىلالمىدىم. ھېلىقى ئوت دېڭىز بىر چاغدا قۇم دۆۋىسىگە ئايلاندى. غايىب كۈچ مىنى بىرلا يۇلقۇپ يىراقلارغا چۆرىۋەتتى. چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. كۆز ئالدىمدا ئاپام تۇراتتى. «تۇرە ئورنۇڭدىن، قاچانغىچە ياتىسەن، ئىشقا كىچىكىپ قالما»! دېدى. ۋاي خۇدايىم ئەسلىدە بۇ بىر چۈش ئىكەندە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-28 12:02 PM  


sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 12:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27275
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8332 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 12:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەيتان ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئازدۇرىدۇ، نەسىرىڭىزنى خۇددى چۆچەك ئوقۇغاندەك ئوقۇپ تۈگەتتىم، بۇ نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ نەچچە يىل بۇرۇن ئۆزۈم يازغان ‹‹شەيتان›› ناملىق نەسىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-2986-1-1.html

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 01:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2675
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2024 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 01:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەققىقي ئىش ئوخشايدۇ دەپتىمەن ئوقوپ يېرىمىغا كەلگەندە......تېمىڭىز ياخشى ئىكەن

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 01:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 12:23 PM
مەككە تەرەپكە ماڭغان بولسىڭىز زەم زەم سۈيى بار ئىدى ئە ...

  شۇنى دەڭە! ماڭاي دېگەن، لەنەتكار شەيتانغا ئېزىپ قاپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63570
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 01:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 12:24 PM
شەيتان ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئازدۇرىدۇ، نەسىرىڭىزنى خۇد ...

  سىز يازغان «شەيتان مەلىكە» دېگەن ئەسەرنى كۆردۈم، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەلىكە + 20 ‹‹شەيتان مەلىكە›› مۇ .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 03:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن ئەسلى چۈش كەن ئەمەسمۇ؟؟؟

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9832
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9241
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 659 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 03:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غايىبانە كۈچ قولىڭىزدىن تارتمىغان بولسا ئىشقا كېچىكەتىڭىزدە  ھا ھا ھاھ اھا   چاققاق قىلىپ قويدۇم،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 03:36:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي بۇلۋاتقان ئىشمىكى دەپتىمە باشتا..........

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش