مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9976|ئىنكاس: 98

ئۇيغۇر جەمىيتى ئاجرىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتامدۇ؟(چوغ)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 07:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار مەن چوغدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام
دوسلا ھازىر ئۇيغۇر جەمىيتىمىز راستىنلا ئاجرىشىشقا قاراپ كىتىۋاتامدۇ؟ھازىر مەيلى كوچىلاردا بولسۇن،مەيلى ئاممىۋى قاتناشلاردا بولسۇن،مەيلى تورلاردا بولسۇن ئىشقىلىپ ئادەملەر كۆپ جايلاردا پالانچى پوكۇنچى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپتۇ دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

دوسلا ئەر-ئاياللار ئاجرىشىشقا زادى نىمە سەۋەبلەر بولۇۋاتىدۇ؟
بىر نىكاھلىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلار زادى قانچىلىكتۇ؟ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش بەك نازۇك بولىدۇ.مەنچە مۇشۇ ئاجرىشىشقا بولغان سەۋەبلەر تويدىن بۇرۇنلا ھازىرلانغان بولىشى مۇمكىن.ئۇ نىمە دىگەندە سەمىمىيەتسىزلىك.سەمىمى راسچىللىق بىلەن باشلانغان مۇھاببەت مەنچە بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدۇ.تۆۋەندە كىچىككىنە ئىككى ھىكايىگە قاراپ باقايلى!

ئەكرەم بىلەن سانىيە ئارلاشقىنىغا خېلى بولدى ئىككىلىسى دەۋىرنىڭ ئەڭ ئالدىدا مىڭىشقا،رومانتىكىلىققا بەكمۇ ئىنتىلەتتى.ئۇلار چ چ دا تونۇشقان ئەلۋەتتە.بىر كۈنى سانىيەنىڭ چ چ سىغا ئادەم قوشۇۋىلىش ئۇچۇرى كەلدى ئۇمۇ دەرھاللا ئالدىراپ تىنەپ قوشۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا شىرىن مۇھاببىتى باشلىنىپ كەتتى.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
تونۇشۇپ قالايلى مەن ئەكىرەم سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە؟
مىنىڭ سانىيە
سىز نىمىش قىلىسىز سانىيە؟قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
مەن دۆلەت مەمۇرى بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم.
سىزچۇ نىمىش قىلىسىز؟
ھە مەنما مەن تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىمەن پو ئاتقىنىم ئەمەس قولۇمدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق.
تونۇشۇپ قالساق بولامدۇ سانىيە يىقىن دوسلادىن بوپ ئۆتسەك؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ.

مانا قاراڭلا دوسلا ئەكىرەم بىلەن سانىيەنىڭ مۇھاببىتى مۇشۇنداق باشلانغان ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنى ناھايىتى كاتتا كىشلەردەك تونۇشتۇرۇپ سەمىمىيەتسىزلىكنى تۇنجى قەدىمىدىلا باشلىۋەتكەن ئىدى.ئۇلار شۇ تەرىقىدە 6 ئاي ئاشۇنداق قولدىن كەلمەيدىغان پو گەپلەرنى قىلىشىپ بىر بىرىنى رام قىلىشقان.قىسقىسى ئۇلار تورغا خۇمار بوپ كەتكەن.
ئۇلار يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنىمۇ قولدىن بەرمىدى . ئەكىرەم بولسا بىچچارە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىۋەز تىرىپ يىغقان پۇللىرىنى ئاچىقىپ ئاقسۆڭەكلەرچە سانىيەگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا باشلىدى.سانىيەمۇ قاراپ تۇرمىدى ئەلۋەتتە سانىيەنىڭ ئائىلىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولدىغان ئائىلە ئىدى،ئۇمۇ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا يالغان سۆزلەپ پۇل ئاچىقىپ ئەكىرەمگە خەشلەپ تۇردى.

ئۇلار ئاتا-ئانىللىرىنى كۆندۈرۈپ توي قىلىشقىمۇ پۈتۈشتى.شۇنداق قىلىپ تويمۇ بولدى ئۇلار توي قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتە ئۆتمەيلا تاكانلىشىدىغان بولۇشتى.ئۇلار ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنىڭ ئەسلى كىملىكىنى نىمىش قىلىدىغىنى ئۇقۇشقاندا بىر-بىرىدىن چۆچۈپ كىتىشتى.ئاتالمىش تاشقى ئىشلار سودىگىرى بىلەن بۇ دۆلەت مەمۇرى بىر-بىرىنىڭ ئالدىدا ئاساسەن پاش بولغان ئىدى . ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كۈندە جىدەل قۇرىمىدى ئۇلار ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتى.

2.ئەكپەر بىلەن گۈلنۇر تاساددىبى ئۇندىدار ئارقىلىق تونۇشۇپ قالغان ئادەتتىكى دوسلاردىن ئىدى.ئۇلار ئۈدىداردا شۇنداق ئەدەپلىك شەرمى ھايالىق سۆزلەرنى قىلىشاتتى.

ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامۇ؟
مەنمۇ ھازىر سىزگە مۇشۇ گەپنى دەي دەپ تۇرغان.ئەلۋەتتە بولدۇ مىنىڭ ئىسمىم گۈلنۇر سىزنىڭچۇ؟
ھە مىنىڭ ئەكپەر.
سىز نىمىش قىلىسىز گۈلنۇر؟
ھە مەن موھىت ئاسراش ئىشچىسى يول تازىلايمەن،سىزچۇ نىمىش قىلسىز ئەكپەر؟
مەن يالغۇزلا ئوغۇل مەن ئۆيۈمدىكىلەنى باقمىسام بولمايدۇ شۇڭا يۈك بىسىش ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن.
بۇ ئىككىسى 5 مىنىۇت ئەتراپىدا بىر نىمىلەرنى ئويلىدىمىكىن تاڭ گەپ سۆز قىلىشمىدى.توساتتىنلا ھەر ئىككىلىسى مەندىن نۇمۇس قىلىۋاتامسىز دىگەن ئۇچۇرنى دىيىشىۋالغاندەكلا تەڭ ئەۋەتىشتى.
ھە ياق ياق ئۇنداق ئەمەس گۈلنۇر مىنىڭ سىلەر موھىت ئاسراش ئىشچىللىرىغا بولغان ھۆرمۈتۈم چوڭقۇر دىدى ئەكپەر.

بۇ ئىككىسىمۇ شۇنداق شىرىن مۇھەببەتلەشتى ئەلۋەتتە تور دۇنياسىدا.بىر نەچچە ئايدىن كىيىن بۇ ئىككىسى بىر نەچچە ئايدىن كىيىن بىر-بىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۆرۈشتى بىراق ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى كۆرۈپ ھەيران قىلىشتى،بۇ ئىككىسىمۇ ئۆيدىكىللىرىنى كۆندۈرۈپ توي ئىشىغا كىرىشىشكە باشلىدى.ئۇلار توي قىلدى . ئەمىلىيەتتە ئەكپەر مەلۇم بىر داڭلىق شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى ئىدى.گۈلنۇرمۇ شۇ ۋىلايەتلىك خەلىق دوختۇرخانىسىنى ئالى دوىتۇرى قوشۇمچە بۆلۈم باشلىقى ئىدى.ئۇلار ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدىغانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئىيتىشقانمۇ بولدى،لىكىن ھەر ئىككىلىسى چىن يۈرۈەىدىن شۇنداق ياخشى ئۆمۈرلۈك ھەمرانى ئۇچراتقۇچى ئاللاھقا چەكسىز رەھمەتلەر ئوقۇشتى.

دوسلا بىز يۇقىردىكى ئىككى ھىكايىگە قارايدىغان بولساق ھەر ئىككىلىسىدە مۇھاببەت يالغانچىلىق بىلەن باشلانغان.بۇ ئىككى خىل يالغانچىلىققا قانداق باھا بىرىش ئۆزىڭىزدە قالدى دوستۇم.

مەنبە چوغ



سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98672
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-10-13
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 08:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشلەر ئۆز ئوبرازىغا گۈزەللەر ئەينەكتىكى سىماسىغا قاراپ ئەمەس سۇدىكى شولىسىغا قاراپ سەتلەر سۇدىكى شولىسىغا قاراپ ئەمەس بەلكى ئەينەكتىكى سىماسىغا قاراپ باھا بەرسە بولامدۇ قانداق ؟ (شەخسىي پىكىر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 08:58:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  بىزنىڭ باللىرىمىز تور دۇنيياسى بىلەن ئۇن دىدارغا مەپتۇن. بۇلارنى توغرا پايدىلانسا ئۆزلىرى ئۇچۇن تولىمۇ ياخشىتى. يالغانچىلىق ھامىنى ئاشكارا بولىدۇ.  يەنىلا سەمىمى ساداقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەبەت بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85145
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 09:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ھازىر ئاجىرشىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كەتتى ،بەزىلەر يوقىلاڭ ئىشلارغا ئاجراشقان بىلەن يەنە بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس،بەزى ئائىلىلەرگە نەزەر سالساق پەقەت ئاجراشمىسىمۇ بولمايدۇ،بۇنداق دېسەم مېنى بەس-بەستە تىللاپ كەتمەڭلار،ياخشىلىنىپ قېلىش مۈمكىنچىلكى بولمىغاندىكىن ئاجراشقان ياخشى ،جان كۈندە چېچەكلىمەيدۇ،بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى تاپىدۇ ،لېكىن ئۆيدە يەنە شۇ ئاتا-ئانا قالىدۇ.بەزى ئۆيدىكى ئاتا-ئانىنىڭ خاپىچىلىقىنى تاتقان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ ياخشى بولمايدۇ،ئۆز ئاتا -ئانىسى ئاجېرشىپ باشقا نىكاھلىق بولغاندىن كىيىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ياغە تاغ يامغۇرۇم تازا يېغىپ كەت ،                                   مۇڭلانغان غېمىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.                                كۆزلەردىن ياش ئاقتى بىلدۈرمە بىرگە  ،                              گەر بولسا گۇناھىم پاكىز يۇيۇپ كەت.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 09:36:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنۇشمىغان ئادەم بىلەن 10 مىنۇتلا ئۈندىداردا پاراڭشسام ئىچىم پۇشىدۇ . يا دىيىشكىدەك گەپ بولمىسا . شۇنىڭ بىلەن يۇيۇپلىۋىتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 09:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ قىزلىرىنى 40-50مىڭكوي باھا بىلەن ئەرگە بىرىۋاتقان كىشىلەر خەنزۇ ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ بىزدەك ئۇنداق  ئادەم سودىسى قىلىدىغان كىسىلىنىڭ يوقلىغىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ياكى بۇ ئەرەپتىن يۇققان يەنە بىر قەبىھ كىسەلمىدۇ؟ بۇ كىسەلنىڭ داۋاسى نىمىدۇ؟...
ياكى بۇ بۇ تېمىدا دىيىلگەن ئاجرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رەنە پۇلىمىدۇ...
بۇ تېمىنى كۈرۈپلا بىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان خەنزۇ كىشىنىڭ مۇنۇ گىپى ئىسمگە كەلدى: خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئەسلى ئاجرىشىش جەمەتكە قىلىنغان زور ھاقارەت ئىدى، لىكىن بىزمۇ ھازىر سىلەرنى دوراپ ئاسانلا ئاجرىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 10:00:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن قاغىلىقتىن كۇچاغىچەبولغان مۇساپىنى پويىزدائۆرە تۇرۇپ ئاچ-ئۇسسۇزھالەتتەباسقاچقابەك چارچاپ كەتتىم،ئۇنىڭدىنمۇبەكرەك چارچاتقىنى بولساپويىزدىكى سەپەرداشلارنىڭ ئەر-ئاياللىرى توغرۇلۇق قىلىشقان گەپلىرى بولدى................شۇيەردەبولۇپ ئۆتكەن گەپ سۆزلەر،يىقىندىن بىرى تۇرمۇشۇمدايۈزبەرگەن ئىشلار،ئازراق بىرئىش بىلەن يېزىلىق خەلىق ئىشلىرى ئىشخانىسىغابېرىپ شۇيەردەئاجرىشىىش ئۈچۈن ئۆچرەتتەتۇرۇۋاتقانلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىسام مۇشۇھالەتتەكېتىۋەرسەك ئاقىۋىتىمىزنىمەبولۇپ كىتەربىزلەرنىڭ؟اللەھىم ئۇيغۇرجەمئېيتىمىزنى،مۇسۇلمان قەۋمىمىزنى ئۆزپاناھىڭداساقلىغايسەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awatbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 10:04 PM  


ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 10:20:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارغا ئالدانماي دىسەڭ باشقىلارنى ئالدىما.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 10 ئاز ئەمما مەزمۇنلۇق ئ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 10:23:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق جەھەتتە ئېغىر بۇزۇلدۇق،  ئۆزىمىز خەخنىڭ خوتۇن قىزلىرى بىلەن ئۈندىدار چ چ لاردا ئالاقىلىشىپ يۆردۇق، خوتۇن قىزلىرىمىزنىمۇ كۈنلىمەس بولدۇق ئۇلارمۇ چ چ ۋە ئۈندىدارغا چىقىۋېلىپ ئۈزى تۇنۇمايدىغان نامەھرەملەر بىلەن ئارلىشىشقا باشلىدى لېكىن بىز توغرا چۈشەندۇق ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىدۇق، ئۇلارنى يات ئەرلەردىن كۈنلەپمۇ قويمىدۇق، يەنە بىزدە ئېغىر بولىۋاتقان مەسىلە  خوتۇن قىزلىرىمىزمۇ بىز بىلەن تەڭ پۇل تېپىشقا ئاتلىنىپ كەتتى شۇ جەرياندا نامەھرەملەر بىلەن ئۇچراشتى نۇرغۇن بۇزۇقچىلىقلارغا پۇرسەت ئېچىلدى، ئۈزۈمنىڭ ئەتراپىدىن بىر مىسال:
بىزنىڭ قوشنىمىزمۇ سەيچى بولۇپ ئېرى 3 چاقلىق موتوسىكىلىتتا سەي ساتىدۇ، ئايالى ۋە قىزلىرى مۇشۇ كەننتتە سەيچىلىك قىلىدۇ.
ئايال سەيچىلىك قىلىۋاتقىلىمۇ 5 يىل بۇلاي دىگەندۇ بۇ ئايال قوشنا كەنىتنىڭ سىكىتارى بىلەن تېپىشىۋالدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ھەممە بىلىدۇ ئىرىمۇ بىلىپتۇ بۇ توغۇرلۇق جىدەلمۇ چىقتى .....
ئىشقىلىپ بۇنداق ۋەقەلەر بەكلا كۆپ چ چ سەۋەپلىك بىرسىنىڭ ئائىيلىسى بۇزۇلدى.
بۇنداق ئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ بىز ئەركەكلەر ئويغىنىشىمىز كېرەك ئەركەكلىك ۋىجدان غۇرۇرىمىز ئويغىنىشى كېرەك تىرىلىشى كېرەك خوتۇن قىزلىرىمىزنى ياتلاردىن كۈنلىمەيدىغان ناچار ئىللەتنى تاشلىشىمىز ئۇلارغا ئىگە بولىشىمىز تالاغا ئاچىقماسلىقىمىز كېرەك ياساندۇرۇپ باشقا يەرلەرگە يالغۇز ئەۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.


ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 10:25:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنىڭ   ماۋزۇسىغا   بىرىدىغان  جاۋابىم  ياق  ......  

ئۆچمەس  ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش