مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ؟ (ئىپىك نەسىر) نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم ،ئچىم سىقىلىپلا تۇردۇ ،ئىلگىرى دوستلۇرۇم ، توردىكى مۇھەبەتكە ئىشەنسە مەن ئىشەنمەپتىكەنمەن ،بۇ بىر ئەخمىقانىلىق بىمەنىلىك دەپ قاراپتىىكەنمەن.توۋا ئەمدى بۇ ئشنىڭ ئۆزۈمگە كېلۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ئەي!كۈنلەر شۇنداق تېز ئۆتىۋاتىدۇ .ھەر كۈنى تورغا چىققان ۋاقتىىمدا ئۇنىڭ بولشىنى چىن دىلىمدىن ئۆمىد قىلاتتىم .ئەگەر تورغا چىقماي قالسا ‹‹يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ›› لەسسىدە بولۇپ قالاتتىم باشقا تورداشلىرىم خەت يېزىپ ئۆزى توختاپ قالاتتى ئۇنىڭ چىقىشى ھامان يۈرگۈم ئويناپ كېتەتتى ...ھەم جىدىيىلىشىپ كېتەتتى ... ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق پاراڭلاشقۇم بار ، ئۇ گەپ قىلغۇچچە قاراپ تۇراتتىم ،چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قىزلىق غورۇرۇمنى قايرىپ قويۇشقا ۋىجدانىم چىدىمايتتى . لېكىن نېمىشقىدۇر ئۇممۇ يازمايتتى يەنىللا ئۆزۈم يېزىشقا مەجبۇر بولاتتىم .شۇنداق قىلىپ خېلىلا چىقىشىپ قالدۇق ھەتتا كۆرشۈپمۇ بىللە تاماق يىدۇق ئۇنىڭ قاپقارا قوشۇما قاشلىرى ،بۈركىتتەك كۆزلىرى ئۇنىڭ ئوغوللارغا خاس مەغرۇرانە قىياپىتى ،ھايا ۋە ھۆرمەتتە مېنى مەپتۇن قىلغان ئىدى . ھەي!بۇ بەك ئۆتنەجاھان ئىكەن .كىم كىمگە قىلسا يانىدىغان جاھان ئىكەن ئەنە شۇنداق بۇلبۇلاردىن نەچچىسى يېنىمغا كەلگەن ،گۈل ياپىراقچىلىرنىمۇ پۇرغىسى كەلگەن بۇ ساھبخان بۇلبۇلارغا مەن شۇ گۈل ياپىرقىمدىكى تىكەنلىرىمنى سانجىغان ئەمەسمىدىم .مانا ئەمدى كۆرۋاتىمەن ،ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغىنى ئەجبا ماڭا يېنىۋاتامدىغاندۇ؟ ئەجبا مەن خاتا قىلدىمۇ؟كۆڭۈل شۇنداق ئىكەن ‹‹تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدىكەن ››ئۇنىڭ مېنى بەك ،يالغانچى ئىكەنسىز دېگەن گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى كۆزلىرىمگە ياش ئوۋلاشتتى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم ،ياشلىرىم خۇددى يىپى ئۈزىلگەن مارجاندەك تۆكۈلىشكە باشلىدى .نېمە قىلشىمنى بىلمىدىم .ياتاقتىكى بالىلار ـ نېمە بولدى يىغلاۋاتسىزغۇ ؟ھازىر كۈلۈپ تۇرۋاتمامتىڭىز ،ئەمدى تۇرۇپلا يىغلاپسىزغۇ ؟ ئۇلارنىڭ بۇنداق دېگېنىنى ئاڭلاپ ئاۋازىمنى قويۇپ ھۆركىرەپ يىغلىدىم ،ئەجىبا مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ ؟مەن ئۇنىڭغا چۈشەنچە بەردىم دە !كۆڭلىم شۇنداق يېرىم خوش ئارام ئالاي ،دەپ توردىن چۈشۈپ كەتتىم .بىر ئازدىن كېيىن ئۇ تېلفۇن قىپتۇ .بەك خوش بولۇپ كەتتىم ... ـ ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ـ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،دېگەن گەپنى ئاران تەستە چىقاردىم ـ ئەجەپ توردىن چۈشۈپ كېتىپسىز ؟نېمە بولدى ؟مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇممۇ ؟ ـ ياقەي ئۇنداق ئەمەس ... ـ ئەمسە قانداق ؟شۇ دېمەمسىز ؟ مېنىڭمۇ راستىنى دېگۈم كەلدى ـ ھەئە ، سىز يېرىم قىلپ قويدىڭىز ، ئۇ ، كۈلدى كۈلگەچ ، - مەن قانداق يېرىم قىلدىم ، توغرا گەپ قىلدىمغۇ تورداشلىرڭىز بىلەن پاراڭلاشسىڭىز پاراڭلىشىڭ لېكىن ماڭا راست گەپ قىلشىڭىز كېرەك دە ! باشقىلار بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ تۇرۇپ ، پەقەت سىز بىلەنلا پاراڭلىشمەن دەمسىز ؟ ـ ھەئە ، مەن سىزگە شۇنداق دېدىم ، بۇ راست يالغان ئەمەس ، سىز چىقمىسڭىز ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشمەن ، لېكىن ئاساسلىق ئەمەس ،تورغا چىقسىڭىز سىز بىلەنلا پاراڭلىشىمەن ، باشقىلار بىلەن كارىم يوق ،مېنى يالغانچى دېگەن گېپىڭىز بەك ئېشىپ كەتتى ... ـ بوپتۇ ئەمسە مەن خاتا قىپتىمەن ؟ بولدىما ؟ دېدى ئۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا ـ ياقەي سىزنىڭمۇ خاتا ئەمەس توغرا .... ـ بوپتۇ ئەمسە ئارام ئېلىڭ !!! - ھە ، خوش ئاللاغا ئامانەت ، دېگەن گەپنى قىلدىميۇ ، تېلاۇن كونۇپكىسى ئۈزۈلدى ككىچىككىنە يۈرگۈم ئېچىشتى ،خۇددى تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتتى ، ئەجبا مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ ؟ مەنبە :مايىرە
|