مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4209|ئىنكاس: 46

زىلىيەن سۆزىنى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92922
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-26 04:35:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بسم الله الرحمن الرحيم

زىلىيەن(自恋) سۆزىنى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟


پ.ئا.ئەلدەر

مۇقەددىمە

              ئۆزىنى سۆيۈش (قەدىرلەش) روھىي ساغلاملىقنىڭ بىر نامايەندىسى. لېكىن «ھەممە ئىش لايىقىدا بولغىنى ياخشى» دېيىلگىنىدەك، ئۆزىنى ھەددىدىن تاشقىرى سۆيۈش – ياسىنىش، ياخشى كىيىنىش، ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا زىيادە ئېتىبار بېرىش ۋە شەخسىيەتچىلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ تۈپكى مىسالىدىن بىرسى: تور يۈزىدە باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ رەسىمىنى توختىماي يوللايدىغانلار. ناۋادا سىز شۇلارنىڭ بىرسى بولمىسىڭىزلا، شۇنداق بىرەسىنى چوقۇملا تونۇيسىز. گەرچە ئۆزىنى زىيادە سۆيۈش ھادىسىسى ماددىچىلىق پەلسەپىسىنىڭ ئاسارىتى تەرىقىسىدە جەمىيىتىمىزدە پەيدا بولغان، ھەتتا ئومۇمىي يۈزلۈك كېڭەيگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ھادىسىنى ئاتايدىغان مۇۋاپىق سۆز ھازىرغىچە يوق بولغاچقا، ياكى باشقا تىللاردىن تەلەپپۇزى بويىچە كۆچۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىۋاتقاچقا، بىلىمىمنىڭ چەكلىك، قابىلىيىتىمنىڭ يېتەرسىز بولىشىغا قارىماي، مۇۋاپىق بىر ئاتالغۇ تېپىشقا تىرىشتىم.

مەقسەت «پالانى- پالانى سۆزلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دەيلى» دېگەنگە ئوخشاش شەخسىي قارىشىمنى باشقىلارغا تېڭىش ئەمەس، بەلكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە بولغان تەبىئي قىزىقىش ۋە ئۇنى ئانا تىلىمدا بالاغەتلىك ئىپادىلەشكە ئىنتىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇشبۇ سۆزنىڭ مەنىسى، كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرچە قانداق دېيىش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىرلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇنماقچىمەن.

                                

كېلىپ چىقىشى

xud Michelangelo_Caravaggio_065.jpg

[1]

قەدىمقى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ناركىسسوس (قەدىمقى يۇنانچەΝάρκισσος / Nárkissos  ناركىسسوس،  narkê  ناركې<ئۇيقۇ> دىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن) ناھايىتى كېلىشكەن بىر ياش يىگىت بولۇپ، ئۇ كۆل سۈيىدە ئۆزىنىڭ سىيماسىنى كۆرۈپ ئۆزىگە ئۆزى ئاشىق بولۇپ قېلىپ،ئۆز ۋىسالىغا يېتەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.  ئۇنىڭ جەسىتى كېيىن نەرگىس (يۇنانچە :ناركىسسوس) گۈلىگە ئايلىنىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەيلى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ناركىسسوس بولسۇن، ياكى شۇنىڭ نامىدا ئاتالغان گۈلنىڭ ئىسمى بولسۇن، پارىسچە نەرگىس سۆزىدىن كەلگەنلىك مۇمكىنچىلىكى چوڭ، شۇ سەۋەبتىن ناركىسسوس سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بولماسلىقى، ھەم سۆز تومۇرىنىڭ بولماسلىقى ئېھتىمالغا يېقىن .

قەدىمقى يۇنان ۋە رىم مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان غەرب ئەللىرىدە بولسا، ئۆزىنى زىيادە سۆيۈشنى نارسىسسىزم (narcissism[2])،ئۆزىنى زىيادە سۆيگۈچىلەرنى نارسىسسىستىك (narcissistic[2])دەيدۇ. خىتايچىغا نارسىسسزم زىلىيەن(自恋) دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، سۆز مەنىسى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەپ بېرىلگەن.ھەتتا  زىلىيەن ئاتالغۇسىنى خىتايچە سۆزلىگۈچىنىڭ چۈشىنىشى،   نارسىسسىزم ئاتالغۇسىنى بىرلاتىنو- ساكسونچە[3] سۆزلىگۈچىنىڭ چۈشىنىشىدىن تېخىمۇ ئوڭاي. چۈنكى نارسىسسىزم سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بولمىغاچقا، مەنىسىنى پەقەت ناركىسسوسنىڭ قىسسىسىنى بىلىدىغان، مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەر، ياكى ئۇ سۆزنى بۇرۇن ئاڭلاپ مەنىسىنى چۈشىنىۋالغان كىشىلەرلا بىلىدۇ، ئەمما زىلىيەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى، ئۇنى بىرلا ئوقىغان (خىتايچە بىلىدىغان)كىشى مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئاساسەن چۈشىنەلەيدۇ.

تەكلىپ ۋە مۇلاھىزە

نۆۋەتتە بۇ ئاتالغۇنى تىلىمىزدا ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلسە بولىدىغان بىر قانچە سۆزنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن :

xud Narcissus_poeticus.jpg

[4]

1. نەرگىس –بۇ سۆز پارىسچىدىن ئەينەن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىقل ۇغىتىدىكى تەبىرى تۆۋەندىكىچە :

نەرگىسگۈل : ئى[پ] <بوت> . 1. تاشسامساق ئائىلىسدىكى كۆپ يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك .تەڭگىچە غولى تۇخۇم شەكىللىك ، يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك ، گۈلى ئاق ، ئوتتۇرىسى سېرىق ۋە كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىمدە ، خۇشبۇي پۇرايدۇ .مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ .تەڭگىچە غولى ۋە گۈلى خىتاي تىبابىتىدە دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . 2. شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى .

              بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشتىكى سەۋەب : يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك،  يۇنانچە ناركىسسوس ئاتالغۇسىنى نەرگىس سۆزىدىن كەلگەن دېسەك، نەرگىس ئاتالغۇسىنى قوللانغاندا ناركىسسوس ئاتالغۇسى بىلەن يىلتىز بىرلىكىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ناركىسسوسنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق، ھەمدە نەرگىس ئاتالغۇسى ئۆزىنى زىيادەسۆيۈشتەك مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. (ۋە پارىسچىدا ناركىسسىزىم خۇدشىڧتەگى دېيىلىدۇ.)

2. سۆيۈنچەك– بۇ سۆز سۆيمەك دېگەن پېئىلدىن ماختانچاق سۆزىنىڭ ياسىلىشىغا قىياسەن ياسالغان. يەنى :

ماختىماق--> ماختانماق --> ماختانچاق

سۆيمەك--> سۆيۈنمەك--> سۆيۈنچەك

              بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشتىكى سەۋەب : سۆيۈنچەك، سۈيۈنمەك پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسىدىن ياسالغان ئىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ساپ ئۇيغۇرچە سۆز، ھەمدە ئۆزىگە بولغان سۆيگۈنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. لېكىن، سۆيۈنمەك پېئىلىنىڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان مەنىسى خۇشاللانماق، خۇرسەنلىك ھېس قىلماق بولۇپ، بۇ سۆز يەنە ئاسانلا خۇشال بولغۇچى، ئاسان خۇرسەن بولغۇچى دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى قوللانغاندا مەنا قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

3. خۇدپەرەست– بۇ سۆز ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «پەرھاد- شېرىن» قىسسەسىدىكى:

<بت پرست ليك يخشى راقكيم خود پرست >

(بۇتپەرەستلىك ياخشىراقكىم خۇدپەرەست) مىسراسىدىن ئېلىنغان[5].بۇ مىسرانىڭ مەنىسى : ئۆزىگە چوقۇنۇشتىن بۇتقا چوقۇنۇش ياخشىراق. خۇدپەرەست سۆزى بۇ يەردە ئۆزىگە چوقۇنۇش مەناسىدا ئىشلىتىلگەن.

خۇد – پارىسچە ئۆزى دېگەنلىكتۇر. ئىزاھلىق لۇغەتتە خۇد سۆزى ئەس - ھوش ، تۇيغۇ دېگەن مەنىدە بولۇپ، خۇدىنى يوقاتتى، بىخۇد قاتارلىق ئىبارىلەردە ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ئۆزى دېگەن مەنا بىلەن زىتلىق پەيداقىلمايدۇ[6] . پەرەست قوشۇمچىسى بولسا،  بۇتپەرەست : بۇتقا چوقۇنغۇچى؛ ئاپتاپپەرەست : ئاپتاپقا قاراپ تۇرىدىغان گۈل؛ خىيالپەرەست : خىيال قىلىشقا ئامراق كىشى... دېگەندەك سۆزلەردە كېلىپ، ئومۇمەن مايىللىقنى (چوقۇنۇش، قاراش،ئامراقلىق...) ئىپادىلەيدۇ. يۇقارقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، خۇدپەرەست سۆزى ئۆزىگە بولغان مايىللىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدۇر.

              بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشتىكى سەۋەب : مەدەنىيەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەلشىر نەۋائى قوللانغان سۆزنى ئىشلىتىش كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بىلەن باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خۇدپەرەست سۆزى تۈپ مەنا ئىپادىلەيدىغان ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەچكە چۈشىنىش ئاسان بولىدۇ. گەرچە ئەلشىرنەۋائىنىڭ خۇدپەرەست سۆزىنى ئۆزىگە چوقۇنۇش مەنىسىدە ئىشلەتكەن بولسىمۇ،  بىز ئۆزىنى سۆيۈش مەنىسىدە ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك پەرەست قوشۇمچىسى مايىللىقنى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچە.

4. نەۋرۇز  (يېڭى كۈن) – بۇ سۆز ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق نەۋرۇز كۈنى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى لۇتفىنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانىنىڭ ئەر باش قەھرىمانى نەۋرۇزنىڭ ئىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە قوللىنىلدى.

[7]

«گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانىدا ئاساسلىق نەۋشاد مەملىكىتىنىڭ شاھزادىسى نەۋرۇز بىلەن ڧەرخار مەملىكىتىنىڭ مەلىكىسى گۈلنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، دېققىتىمىزنى تارتىشقا ئەرزىيدىغىنى،شاھزادە نەۋرۇز خۇددى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ناركىسسوستەك ئۆزىگە ئۆزى ئاشىق بولۇپ قېلىشىدۇر. ناركىسسوس كۆل سۈيىدە ئۆزىنىڭ شولىسىنى كۆرگەن بولسا، نەۋرۇز قەدەھتە ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ ئۆزىگە ئاشىق بولىدۇ.

xud newruz Bulaq.png

[8]

دەرۋەقە، «نەۋرۇزنىڭ ئۆز- ئۆزىگە ئاشىق بولغانى» دېگەن باپنىڭ ئىسمىمۇ كۆرسىتىپ تۇرغىنىدەك، شۇ باپتىن ئېلىنغان بۇ بېيت ئۇنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ :

ئۆز ئۆزى بىرلە كۆڭلى بولدى مايىل

ۋەلى ئول دەم ئۇياتتىن بولدى ھايىل

بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشتىكى سەۋەب: مەدەنىيەت ۋە تارىخ جەھەتتىن ئۆتمۈش بىلەن باغلىنىش ھاسىل قىلغان بولىمىز، لېكىن نەۋرۇز سۆزى باھاردىكى كۈن- تۈن تەڭلىشىدىغان كۈننى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا، مەنا قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، ھەمدە نەۋرۇز سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلدۈرمىگەچ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنايىمىز ئوچۇق چىقماي قالىدۇ .

5. ئۆزمەپتۇن– بۇ سۆزنى تورداشلار خىتايچە (自恋) دىن ئۇدۇللا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. قىسمەن تورداشلار تەرىپىدىن مەلۇم مەزگىلدىن بۇيان ئىشلىتىلگەنلىكىدىن، باشقا تەرجىمىلەرگە قارىغاندا ئومۇملاشقان.

بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشتىكى سەۋەب : بىرقەدەر ئومۇملاشقان،چۈشۈنۈش نىسبەتەن ئاسان (ئۆز ۋە مەپتۇن سۆزلىرى ھەممەيلەنگە تونۇش) . ئەمما مەسىلە بۇ سۆزنى قانداق چۈشۈنۈشتە، يەنى ئۆز سۆزىنىڭ كۆپ خىل مەنىلىك بولۇشىدا.  چۈنكى ئۆز سۆزى ھېچ قانداق تەۋەلىك قوشۇمچىسىسىز يالغۇز كەلسە «يېقىن، بىلىدىغان، تونۇشلۇق» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ(ئۆز ئادەم دېگەندەك). ھەم تەۋەلىك قوشۇمچىسى بار ھالدا تىلىمىزدا كۆپۈنچە ئۆگەي سۆزىنىڭ قارشى مەنىسىنى ئىپادىلەپ خاسلىقنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن ئۆز توغقۇنۇم، ئۆزئاكام) . بۇ خىل ئېھتىماللىق نەزەردىن ساقىت قىلىنسىمۇ، ئۆزمەپتۇن بىرىكمىسىدە ئۆزسۆزىگە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، «ئۆزىگە مەپتۇن» دېگەن ئەسلى ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەنا ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىلمەيدۇ.

خۇلاسە

              يۇقارقى بەش كەلىمىنىڭ ئارتۇق- كەمچىلىكلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، خۇدپەرەست سۆزىنى قوللىنىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بىر قانچە تونۇشلۇرۇممۇ مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى ماڭا بىلدۈردى.

              باشقا ئاتالغۇلارنى نەزەردىن ساقىت قىلشىمىزنىڭ سەۋەبىنى قىسقىچە بايان قىلساق: نەرگىس سۆزى ئۆزىنى سۆيۈش مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ ۋە تارىخى ئارقا كۆرىنىشنى يوق؛ سۆيۈنچەك سۆزى مەنا قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم تارىختا قوللىنىلمىغان؛ نەۋرۇز سۆزىنىڭ گەرچە ھېكايىسى بىز بىلدۈرمەكچى بولغان ئۇقۇمنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرەلىسىمۇ، ھەم ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، نەۋرۇز سۆزىنىڭ كىشىلەرگە تونۇشلۇق مەنىسى باشقا، ھەم نەۋرۇزنىڭ ھېكايىسىنى ھەممە ئادەم بىلمەيدۇ، شۇڭا كەڭ ئاممىنىڭ قوللىنىشىغا ماس كەلمەيدۇ.ئۆز ۋە مەپتۇن ئىبارىلىرى ئاددى، چۈشۈنۈشلۈك بولسىمۇ، بۇ ئىككىسى بىرىككەندە تەۋەلىك ۋە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى قوشۇلمىغانلىقى تۈپەيلى مەنا يارقىن ئىپادىلەنمەيدۇ.

              خۇدپەرەست ئاتالغۇسىنى چۈشەندۈرۈش ئاسان (خۇد ۋە پەرەست كە بۆلۈپ)، ھەم كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىن ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ <بۇتپەرەستلىك ياخشىراقكىم خۇدپەرەست> مىسراسى بىزگە ئۆزىنى ھەددىدىن تاشقىرى سۆيۈشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆپچىلىككە خۇدپەرەست ئاتالغۇسىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەم خۇدپەرەست  ۋەخۇدپەرەستلىك قاتارلىق سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى تۆۋەندىكىدەك قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىمەن .


               خۇدپەرەست[پ]  1. ئى.  ئۆزىنى زىيادە سۆيگۈچى، ئۆزىنىڭ تاشقى ئوبرازىغا ئارتۇقچە مايىل بولغۇچى. 2. سۈپ. ئۆزىنى زىيادە سۆيىدىغان.

              خۇدپەرەستلىك . ئى. ئۆزىنى زىيادە سۆيۈش،ئۆزىنىڭ تاشقى ئوبرازىغا مايىل بولۇش.

                                                                                                                          شەئبان،1434 يېزىلدى

        زۇلھىججە، 1434 تولۇقلاندى

_________________________________

ئىزاھات:

[1]مىكېلئانجيو رەسىمى: ناركىسسوس

[2]ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلار

[3]لاتىنو- ساكسونچە : ئىتالىئانچە،ڧرانسۇزچە، ئېنگلىسچە،نېمىسچە قاتارلىق غەربى ياۋروپا تىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

[4] سۈرەت:شائىرلار نەرگىسى گۈلى

[5]«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»، 178- بەت

[6] چۈنكى بۇ ئىبارىلەردىكى خۇد سۆزىگە  ئۆزى دېگەن مەنە بېرىلسىمۇ، ئىبارىنىڭ مەنىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەس-ھوش، تۇيغۇ قاتارلىقلار خۇد سۆزىنىڭ كۆچمە مەنىسى بولىشى مۇمكىن.

[7]«گۈل ۋە نەۋرۇز»، 1911- يىل، كۆچۈرۈلمە نۇسخا

[8]«بۇلاق» ژۇرنىلى، 1981- يىل 1- سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 04:48 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92922
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-26 04:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار نەچچە تەھرىرلەپمۇ ياخشى چىقىرالمىدىم، ۋوردتا يېزىپ چاپلىغان، خەت بەك چاپلىشىپ چىقىۋالدى، ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟
يەنە بىر رەسىم چىقارسام مېنىڭ ئەزالار گۇرۇپام ئۇنداق چوڭ رەسىم چىقىرالمايدىكەن...

مۇشۇلارنى خاپا بولماي بىر ئوڭشاپ قويساڭلار.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-27 03:21 PM):
قوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۈر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 12:52:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چى قوشۇمچىىسى قوشۇلغان سۆز بولسا ياخشىتى ،ياكى چاق . چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا چى ،ياكى چاق قوشۇمچىلىرى بىلەن سۈپەت ياكى ئىسىم ياسىلىدۇ .مەسىلەن :سۇچى ، ئۇيقۇچى ، ماختانچاق دىگەندەك.
  خۇدپەرەستمۇ بولىدىكەن لىكىن،ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپرىن

ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11748
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5059 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 12:57:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم پايدىسى تەرجىمىسى چىقسىمۇ................
مەن بۇ گەپنىغۇ ئانچە نورمال چۈشەنمەيمەن. 自拍 دەك.... ھەمجىنىسلاردەك. 变态 دەك....

ئىشقىپ بىزغا مۇخالىپ نەرسىلەرنى باشلاپ كىرمىگەن ئوبدانمىكى دەيمەن.....\

自恋 نى بۇرۇن مەن  نارتسىسىسزىم دەپ كۆرگەن.
ئىشقىپ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ....  

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4879
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2052 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 01:25:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدپەرەس دىگەننى ئۆزىگە چۇقۇنۇش دەپ چۈشەنسە ئۇنداقتا  شىرىك سۆزلۈك بولۇپ قالغۇدەك ....شەخسى پىكرىم !

سۆيۈنچەك بىلەن  ئۆزمەپتۇن ئىككىسىنى بەكراك ياقتۇردۇم

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 01:26:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن  ، ھىچ بولمىسا يازما ئەدىبىياتتا بولسىمۇ مۇشۇنداق قوللانساق ياخش بۇلاتتى ...
ھەييى يەنە شۇ تىل كومىتىنىڭ لەقۋالىقى بولمامدۇ ... تىىخى نەچچە كۈن ئىلگىرى باغداشتا چايلىنىپ تىمى قالمىغان ئۈندىدار توغۇرسىدابىر تىل يېزىق ئىشخانىسىنىڭ بىر نىمى بۇنداق دىسەك بولمايتى ، بىز قويمىساق ئۈزىنى بىلىپ قۇيۋاپتۇ دەپ دەپ تىما يوللاپتىكەن ، باشلىقلاردىن راسا دەككام يەۋالدى ... مۇشۇنداق ئىشلار جېق تۇرسا ، نەدە يۈرۈيدۇ  ئۇ لەقۋالار !!!؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 01:33 AM  


خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 01:56:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدپەرەس پارىسچە بولۇپ قالدىغۇ ؟

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2941
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16785
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 09:48:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماڭ قېرىندىشىڭ ،ئىزدىنىش روھىڭىزنى ئۈلگە قىلساق بولغۇدەك...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4233
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1682 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 10:13:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپىرىن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 01:01:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپرىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش