مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3339|ئىنكاس: 55

ھېيىت داستىخىنىمىزدىن يۇقال ھاراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98875
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 12:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېيىت داستىخىنىمىزدىن يۇقال ھاراق

رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ

«مەي مەدەنىيەتشۇناسلار تەرىپىدىن بىرخىل مەدەنىيەت دەپ تەرىپلىنىدۇ.لىكىن ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۇمشاق خاراكتىرلىق سارىسقا ئايلىنىپ كەتكەن.»ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇپ يازماقچى بولغان ئۇشبۇ ماقالەمنى يىزىشتىن يالتىيىپمۇ قالدىم.چۈنكى ئاللبۇرۇن كىسەلگە ئايلىنىپ كەتكەن نەرسىنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان كىشلەر بىريەرگە كىلىپ زىچ ئۇيۇشمىسا ساقايتقىلى بولمايدۇ.ئەشۇ كىشللىرىمىز روھىيىتىدىكى ساقسىزلىقىنى بىر يوللا ئەسلىگە كەلتۈرۈش گەرچە پىقىرىنىڭ قولدىن كەلمىسىمۇ ئەمما«تاما-تاما كۆل بولار» دىگەن ئەقىدە بىلەن تۈزىتىش تەرەپتارىدا چىڭ تۇرۇشۇم ھەمدە ماڭا قانداش تالاي كىشلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولغان ھېيىت داستىخىنىنىڭ ئەلۋەكلىكى سەبىئيى قەلبىگە شاتلىق ئۈنچىللىرىنى چېچىپ ھارپا ئاخشىمى تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقىدىغان بالىلىق ئەستىلەكلىرىنىڭ قىسمەن كىشلەر تەرىپىدىن كىچىچە كىرپىك قاقماي ئىچىشۋازلىق قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قىلىشى، ئەمما نۇرغۇن كىشلەر قەلبىدىكى ھېيىت داستىخىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى نامايەن قىلىدىغان ساپ ئىنىتىلىش ماقالىنى داۋاملاشتۇرشىمغا مەدەت بەردى.

ناھايەت،يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالىمىز تۇرمۇش سۈپىتىمىزدىن ئالاھىدە تىز تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھېيىت داستىخىنىمىزدىكى مولچىلىقىنى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدىغان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن كىشىللىرىمىز يەنىلا ھېيىت دەستۇرخىنىمزغا ئىنتىلىدۇ.چۈنكى ھېيىت داستىخىنىمىزدا مىھرى-مۇھەببەت بار، ئىززەت- ئىكرام بار،ئىناق–ئىتپاقلىق بار،خەيرى-ئىھسان،كەڭ قۇرساقلىقتەك ئەنىئەنىۋي مەدەنىيتىمىزنىڭ تىندۇرمىللىرى بار.دەل ئاشۇ خاسىيەتلەرنىڭ خاسىيتىدە ھېيىت داستىخىنى ئالاھىدە تەييارلىنىپ ھېيىت-ئايەملىرىمىزدە كۆلبىمىزگە قەدەمى يەتكەن پەرىشتە سۈپەت مىھمانلار ئەڭ ئالي ھۆرمەت–ئىھتىرامدا كۈتىۋىلىنىدۇ.ھېيىت-ئايەملەردە مىھماندارچىلىق رىسالىمىز ماددى ۋە مەنىۋي جەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن مەزگىلىگە كىرىدۇ.

ئىككى يىل ئاۋال كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن بىر ئىش مەخسىتىمنى تىخىمۇ زىيادە قىلسا كىرەك.بۇ يەردە ھېيىت كەلسە بىر قانچە ئايغا سوزلىغان پەتىلەش باشلىنىپ كىتىدۇ.كىچىكلەر ئاۋال چوڭلارنى يوقلايدىغان بولغاچقا ھېيىتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنىدىن باشلاپ باشلىقلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەيدىغان ئىش خېلى ئومۇملىشىپ قالغان بولۇپ شۇ قىتىم ئىلگىرىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەشكە تۇنجى قىتىم بېرىشىم ئىدى. ھىيىتنىڭ ئېسل خاسىيىتى بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز ئۆيگە كىرىپ بەجا كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن بىنا ئۆي بولغاچقا يەنە كىلىپ مۇدىرىنىڭ ئۆيى بولغاچقا پەتىچىلەر بىلەن لىق توشقان ئۆيدە ئۆزىمىزگە يارىشا ئورۇنغا كىلىپ ئاران سىغىشىپ ئولتۇرۇدۇق.بۇرۇنراق كەلگەن ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن چاققان قەدەملەر بىلەن تاماقلارنى راسلاۋاتاتتى.بىر قانچە خىل تائام تارتىلغاندىكىيىن ئاياللار قايتىشىقا جاپتۇندى.«ئەرلەرنىڭ قىلىدىغان ئىش بار»لىقىنى ئاڭلاپ جايىمدىن قىمىرلىيالماي قالدىم. گەرچە ئارىمىزدا قوشنا جەمىئيەت تائىپىدىكى مىھمانلار بولمىسىمۇ مۇدىر بىز ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ھاراقلارنى داستىخانغا تىزدى.تىخى بايىلا پاقلان گۆشى شورپىسى ۋە كاۋاپلارنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بىر ئالغان ئۆينى ئۆتكۈر قاڭسىق پۇراق قاپلىدى. ئىچىشۋازلىق بىر باشلىنىۋىدى،قىسقىچە ھال-ئەھۋال سوراش بىلەن تاملىنىدىغان پەتىنىڭ ۋاقتى يىرىم كىچىگىچە سوزۇلدى.بۇنىڭغا ھەممىنىڭ قولدىن تەڭ ئىچىش پىرىنسىپى بىلەن تولا نۆۋەت ئالمىشۋاتقان ساقىيلار سەۋەپچى ئىدى.«مۇدىر تەڭلىسە ئىچىسىز،بىز تەڭلىسەك ئىچمەمسىز»دىگەن گىپىدىن ئۆزلىرىنى مۇدىر بىلەن تەڭ كۆردىمۇ ياكى مۇدىرنى باشقىلار بىلەن تەڭ كۆردىمۇ بىلىگىلى بولمايدىغان يىڭى ساقىيلار پەدىشەپىنى قايرىپ قويۇپ مەندەك تۇنجى قىتىم بۇنداق سورۇنغا كەلگۈچىنى ئاياپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆز سىپىگە قوشىۋىلىش كويىدا ئەرلىككە بىرىپ تاقىشىدىغان زانانە گەپلەر بىلەن ھاراق زورلاپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭدىيىنكى ھېيىتلاردا يۇرتقا قايتىش باھانىسى بىلەن مۇدىرلارنىڭ ئۆيىنى«پەتە»لىمىگەن بولساممۇ ھەممىگە خەيرىلىك پەتىنىڭ ئۇلارغا خەيرىسىز داۋاملاشقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.دەل شۇ چاغلاردا ھېيىت،توي-تۆكۈن تۈگۈل ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھاراقىنىڭ گىپىنى ئاغزىغا ئىلىشقا پېتىنالمايدىغان شەرم- ھايالىق، ساپ ئەقىدىلىك يۇرتداش قۇرداشلىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ.«ئۇيەردە نىمىشقا ئۇنداق؟بۇ يەردە نىمىشقا بۇنداق؟»دىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابى مىنى تەگسىز خياللار قايىنىمىغا چۆكۈرۈپ كاللامنى گادىرماچ ئىدىيلەر بىلەن تولدۇرىۋىتىدۇ.ھېيىت-ئايەملەردە داستىخانغا ھاراق تىزىدىغان ئىشىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ.ئەمما ئۆز ئەقىدە- ئىخلاسىنى مىنىتمۇ ئۇنۇتماي ھالال بىلەن ھارامىنى ئايرىپ كۆنگەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت رىسالىسىدە يىلدا بىر كىلىدىغان ئۆرۈپ-ئادەت خاراكتىرلىق ئۇلۇغ ئايەملىرىمىزنى ھاراق-شاراپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان زەيىبانە ئىشىنىڭ يوقلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان.بەلكىم سەت تۇرارمۇ دەپ قۇيۇپ يەنە بىلگىنىنى قىلىۋىرىدىغان قۇلاق كەستى ناكەسلەرگىمۇ ئايان بولسا كىرەك.

ئارىدىن خىزمىتىم شەھەردىن يىزىغا،يىزىدىن ناھىيەگە ئالمىشىش جەريانىدا ماڭا باش بولغان مۇدىرلاردىن ئۆز ئەقىدىسىدىن،ھالال بىلەن ھارامىنى ئايرىش ئىقدىدارىدىن قالمىغانلىرىنى ئۇچىرىتالمىدىم.ئەمما ئىككى مۈرەمنىڭ ئۈستىدىكىنى تىنىمىسىز ئىكەكلەۋەتقان ھىلىقى ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئاخىرى پىقىرىنى كىچككىنە ھۇقۇق تەمەسىدە پالاقشىپ يۈرگەن،تىخىچە ئۆزىنى ئۆزىنىڭ نادانلىق ئىسكەنجىسىدىن تۇلۇق قۇتۇلدۇرالماي كىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ مىللىتىمىز ئۆرۈپ-ئادىتىگە يات قىلىقلارنى بۇسۇغىمىزغىچە سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.ئىتىراپ قىلماي دىسەممۇ دەر ھەقىقەت شۇ بولغاچقا لىۋىمىنى چىشلىمەي ئامالىم بولمىدى.ئەمما زەردە بىلەن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۇرۇش لازىمكى ھۇقۇق سودىسى پەلەككە چىققان،قىسمەن ناتوغرا ئەقىدىلىك كىشلەر ھۇقۇقىنى ماددى مەنپىئەت ئۈندۈرۈشىنىڭ يۇلى دەپ تۇنىۋىلىۋاتقان ئۇشبۇ مۇھىتىمىزدا قىسمەن باشلامچىللىرىمىزدىكى بەد قىلىقلىق تەبىئيلا ئۇلارنىڭ چۇقۇنقۇچىللىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىدۇ.بۇ ئادەت جەمىئيەتلىشىپ قالسا ئاقىۋىتى مولچەرلۈگۈسىز خەتەرلىك.ئىنىقكى ھىلىقى مۇدىرغا ئوخشاش ئۇلۇغ داستىخانلىرىمىزغا ھاراقنى باشلاپ كىرىگەن تىپىك«باشلامچىلار»نى ئەدەپكە قايتۇرۇش تەخىرسىز بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.

ھېيىت-ئايەم،مۇراسىم داستىخانلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر داستىخانلىرىنىڭ ئۆمچىل خاسىيىتى،ئەلۋەكلىكى بىر قانچە يىلدىن بىرى ھەرخىل تاراتقۇلاردا ئۆز ئەينىنى تىپىپ خىلى كۆپ نامايەن قىلىندى.ئەمما ئەشۇ خسلەتكار داستىخانلىرىمىزغا ناپاك قۇلىنى سوزۇپ چىرىتكۈچىلەر ئارقىلىق داستىخىنىمىزنى بۇلغاپ بەركىتىنى قاچۇرىۋاتقان تەسىلىم تۇرانە كىشىلىرىمىزگە بولغان نارازىلىق ۋە نەپىرەت يىتەرلىك ئىزچىل بولماي كەلدى.بىز چوڭلارنىڭ،مويسىپىتلارنىڭ ئالدىدا ھىچبىر ھېيىقمايدىغان بىر تۈركۈم پەسكەش روھتىكى زابۇيلارنى شەرتسىز قۇبۇل قىلىۋەردۇق.ئەمما شۇنى ئاچچىق جاكارلىماق زۆرۈركى، نىمە قىلسام ئۆزۈمىنىڭ ئىشى دەپ ئاممىۋي ئەخلاققا بوي سۇنمايدىغان،كىچە –كۈندۈز تېرىقتەك ئەمەل-مەنسەپ تەمەسىدە تىپىرلايدىغان ۋە بۇ يولدا ھەرخىل رەزگى،چىركىن قىلىقلارنى ئارىمىزغا تۇشۇيدىغان،ئارىمىزدىن،داستىخانلىرىمىزدىن بەرىكەت قوغلايدىغان شەرەپسىزلەر ھامان ئەقىللىق مىلىتىمىز قۇۋۇمىدىن قىسىلماي ،قوغلانماي ،قىرىلماي قالمايدۇ!

ئەنئەنىۋي بايرىمىمىز قۇربان ھېيىتىنىڭ ھارپا كۈنى مەن بالىلىق چاغلرىمدىكى ھارپا ئاخشىمى بولىدىغان ھاياجانلارنى ئەسلىگەچ بالدۇر تاك ئىتىشىنى تىلەپ ئۇيقىغا كەتتىم.چۈشۈمدە بىر توپ يىڭى كىيملەرنى كىيشىۋالغان كىشلەر يولىنىڭ تۇپا-چاڭلىقىغا قارىماي غەزەپ ئىچىدە ئالاقانداقتۇر بىر نەرسىنى تىپىپ قوغلاۋاتتى، بىردەمدە ئۇنى قوغلاۋاتقان كىشلەر ئاۋۇپ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ نەپىرەت كۆزى شۇ نەرسىگە قادالدى.ئەلىنىڭ نەپىرىتىنى شۇنچە قوزغىغان نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ تۇرغىنىمدا ئالدىمىزغا كىيىملىرى لاي،ئىشتانلىرى تىزىغا چۈشۇپ قالغان بىر قانچە گالدا-گۇلدۇڭ كىشلەر ئۇچىرىۋىدى،كىشلەر تىخىمۇ دەر-غەزەپتە ئۇلارنى دەسلەپ ئۆتۈپ ھىلىقى نەرسىنى قوغلاۋەردى. بىر چاغدا جامائەت بىر ئىگىز تاغ ئۈستىگە چىقىپ قالدۇق.ئارىمىزدىن بىر مۆتىۋەر كىشى سەپ ئالدىغا چىقىپ «ھەي مەلئۇن ! ئەسلى سىنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدە قىلچىلىكمۇ ئورنىڭ يوق ئىدى،ئەمما قىسمەن ئۆز بېشىمچى، مەنسەپخۇمار،نادان كىشلەرنىڭ بىغەرەزلىكدىن پايدىلىنىپ داستىخىنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالدىڭ.ئەمما بۈگۈنكىدەك ئايەم كۈنلىرىمىزدە تەقدىرىڭ ئۈسىتىدىمۇ ئازىراق ئويلاپ قوي،سەن بىلەن ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋاتقان شۇ ئەخمەقلەر ئاز كۈنگە قالماي سىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.شۇڭا ئۆزىڭنى بىلىپ ئەدەپكە يان!سەندەك قىچقارمىغان مىھماننىڭ كەتكىنى تۈزۈك.نادانلارنى گوللىغىنىڭ ئەمدى يىتىپ ئاشار»دەل شۇ چاغدا ئەل- جامائەتىنىڭ تاغ چۇقىسىدىن بىر نەرسىنى غەزەپ بىلەن ئەۋرەزگە ئاتقان ۋە ئورتاق رىتىمىدا توۋلىغان تۈۋەندىكى ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.«ھەي نىجىس ھاراق! ئەمدى ئارىمىزدىن،ئادىتىمىزدىن يۇقال!ئىككىنجى داستىخىنىمىزنى بۇلغىغۇچى ۋە يۇلىغۇچى بولما، بولمىسا ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزىڭگە!»

چۈش كەلگۈسىنىڭ بىشارىتى دەيدىكەن بەزىلەر .يۇقارقى چۈشۈم ئەخلاق خىمىتۇرچى كۈچلۈك مىللىتىمىنىڭ يىقىن كەلگۈسىدىكى ئەمەلى ھەركىتىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaxkarogle تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-25 12:40 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
quxanmas + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 02:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيىتلىق داستىغانغىمۇ ھاراق قۇيىدغان ئىش چىقىپيىما ئەمدى ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 02:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ،ھەي...ئۇلۇق ئاللا كۆپنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 03:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچى دىگەن شەھەردە ئىسىمنى بىلسەم بارتى بۇنداق قىلمىشلار ،ئەمدىلەتىن يوقاۋاتىدۇ ... كىشىلەر ئىنساپقا قايتىۋاتىدۇ ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1445
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 04:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارغانچە يوقىلىۋاتىدۇ...ھاراقنىڭ زىيىنىنى تارىتقانلار ياخشى ئىبرەت بولاۋاتىدۇ.
ئىتىقات كۈچەيسە ناشايان ئىشلار ئازىيىدۇ.
ھازىر خىلى ياخىشى بوپ كەتتى جۇما...

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1089
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 04:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بوپ كەتتى .ئازساندىكى لالمىلار بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا يەنە مەس يۈرۈيدۇ.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37650
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1396 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 04:34:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتتا «بولدى ئەمدى ئىچمەيلى!!!»دەپ يازغان ئىدىم مىسرانىمدا.ئاخىرىدا مۇنداق بىر كوپلىت شىئېر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:

ھازىرغىچە ئىچىپ باقتۇق كۆپلەپ ھاراق،
يا بۇنىڭدىن چىقمىدى مۇڭۇز ، قۇلاق.
دوختۇر دەيدۇ ئاچقازاننىڭ ساق يېرى يوق،
جىگەر قاتقان ،بۆرەك ئاجىز ،يۈرەك چاتاق.
ئەمدى سىز يېزىپسىز رەخمەت سىزگە!ھەممىمىز ئىچىشنى تاشلايلى!!!!

شەمشەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37650
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1396 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 04:34:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتتا «بولدى ئەمدى ئىچمەيلى!!!»دەپ يازغان ئىدىم مىسرانىمدا.ئاخىرىدا مۇنداق بىر كوپلىت شىئېر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:

ھازىرغىچە ئىچىپ باقتۇق كۆپلەپ ھاراق،
يا بۇنىڭدىن چىقمىدى مۇڭۇز ، قۇلاق.
دوختۇر دەيدۇ ئاچقازاننىڭ ساق يېرى يوق،
جىگەر قاتقان ،بۆرەك ئاجىز ،يۈرەك چاتاق.
ئەمدى سىز يېزىپسىز رەخمەت سىزگە!ھەممىمىز ئىچىشنى تاشلايلى!!!!

شەمشەر

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 04:36:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىدىغان نىم ئەمەس ئۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 05:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللاھ  ماندا ھۇنە با دىسلە !!!!!!!!!!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش