مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1219|ئىنكاس: 18

ئىنساپ قىلغىن سودىگەر (قاراخان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2880
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 11:59:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنساپ قىلغىن سودىگەر

قاراخان

قىممەت بولسا مال ئەگەر ساتقۇچىدا ئىنساپ يوق،
ئەرزان بولسا ئەكسىچە ئالغۇچىدا ئىنساپ يوق.
تۆۋەن تۇرار خۇدادىن، ئۈستۈن تۇرار رەسۇلدىن،
ئىنساپ ئورنى ئاشۇنداق ئاڭا كۆڭۈل قويغۇلۇق.

ئالتۇن كۆرسە پەرىشتە يولدىن ئازار دەيدىكەن،
زىيان تارتقان سودىگەر ھايان تاپسا يەيدىكەن.
ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا قىلىپ نېسى مېلىنى،
ھۆل خىشقا كور خېرىدارنى كېلىپ دەسسە دەيدىكەن.

رىسقى باشقا سودىگەرنىڭ يولى بىلەن پۇلى بىر،
نىچۈن  ئۈنچى بىلەن ھاكچى كۆڭلى دائىم خاۋاتىر.
تالغا تويماس نار تۆگە،مالغا تويماس سودىگەر،
ھالال-ھارام ئايرىماي يەپ بولدى كېسەل بۇئاسىر.

گەزمالچى  كۆر مېتىرلايدۇ كەم بېرىدۇ رەختىنى،
دورىگەرمۇ زىغىرلايدۇ دىمەي دورا نەرقىنى.
قاسساپ دىگەن دوستىغا ئۇستىخاننى تاڭىدۇ،
باققالمۇ كۆر ساق مىۋىگە قوشۇپ ساتار قۇرتىنى.

قېنى ئېيتقىن سودىگەر قاچان بولار راست گېپىڭ،
يالغان ۋەدە ،قەسەمگىلا سېنىڭ بارمۇ راست ئېپىڭ.
قاچانغىچە ئامانەتكە خىيانەت قىپ ئۆتىسەن،
شېرىكىڭگە ئوخشاش ئىكەن چالغان سېھرى داس دېپىڭ.

نىيەتنىڭ بىر ئالاسى ،خۇدانىڭ مىڭ بالاسى،
ئەلدىن ئەلگە نەپ بولسۇن بولما نىيەت قاراسى.
ئەرزان ئېلىپ قىممەت سات ،پايدا ئالغىن يولىدا،
سۇتكە سۇنى قوشۇپ ساتساڭ قىيامەتتە داۋاسى.

سامىنى يوق لاي بولماس،ھارىمى يوق باي بولماس،
دىگەن سۆزگە تاپقىنى پاك،قۇلىقى ساق ئالدانماس.
دوست-دوست ھېساپ دۈرۈس دەپ قىلما دوستنى خىجالەت،
بوسۇغاڭنى دىمە بىر كۈن ئوڭ تەتۈرگە ئايلانماس.

ئۆسۈم بەرسە قەرزىڭگە چوغنى پۈۋ دەپ يۇتۇپسەن،
جازانىگە قوش قولۇڭنى كۆزنى يۇمۇپ سۇنۇپسەن.
مىڭ سەر ئۈچۈن بىر سەر ئۆشرە كەلسە ئۇندىن تېرىكىپ،
قەرزدارنى قىستاپ كۈندە يۈزىنى خوپ تۆكۈپسەن.

ئىنساپ قىلغىن سودىگەر ھەر ماتانىڭ نەرقى بار،
ئادىمنىڭ ئادىمىدىن  ھەر جاھاندا پەرقى بار.
ھاتەم بىلەن ھارۇنغا ،بېخىل بىلەن مەرتكە باق،
قانۇن،ئەخلاق ،شەرىئەتنىڭ چېكى ،يولى شەرتى بار.

2013-يىلى 24-ئۆكتەبىر







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-24 07:20 PM  


ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 03:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيەتنىڭ بىر ئالاسى ،خۇدانىڭ مىڭ بالاسى،
ئەلدىن ئەلگە نەپ بولسۇن بولما نىيەت قاراسى.
ئەرزان ئېلىپ قىممەت سات ،پايدا ئالغىن يولىدا،
سۇتكە سۇنى قوشۇپ ساتساڭ قىيامەتتە داۋاسى.

شاھزاد
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 03:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14923
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10154
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 04:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپ يوقتا ،ئىمان يوق

مىنى مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تۇنۇتقان ئاللاھقا كۇرمىڭ شۇككۇرلەر بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 04:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىماندىن، ئەخلاقتىن كەتمەيلا توغرا يول ئارقىلىق سودا قىلغان بىر قىسىم سودىگەرلەر راۋاج تاپىدىكەن، مەسىلەن: رادىل ئابلا ئەپەندى بۇنىڭ ئۈلگىسى.
يەنە بىرقىسىم سودىگەرلەر ئاپتور دىگەندەك يالغان ۋەدە قەسەملەرنى تولا قىېلىدۇ ئۇلارغىمۇ ئىنساپ بەرسۇن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 04:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sayramkizi يوللىغان ۋاقتى  2013-10-24 04:14 PM
ئىماندىن، ئەخلاقتىن كەتمەيلا توغرا يول ئارقىلىق سودا  ...

باينى داملاش ھەمە يەردە مۇدا بولۇپ قالدى قىزچاق.

سىزمۇ شۇ قاتاردىنما؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-24 04:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 04:50:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلدىن ئەلگە نەپ بولمىسا قوڭغا تەپ…

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pida0998 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 04:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم سۈتكە سۇ قاتار شۇ سۇقاتمىدىم دەپ ۋارقىراپ ساتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 08:17:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، بەزىبىر جازانىخور سودىگەرلەر قامچىلىنىپتۇ.
ھارمىغايسىز!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 11:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپ ،ئىنساپلىقنىڭ دىلى ساپ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش