1. قومۇلدىكى ئامىۋى قاتناش ئۇستىدىن بىلدۇرۇلگەن ئىتراز ۋە ئىنكاس كۇچلۇك بولغانلىقتىن ،ئامىۋى قاتناش شېركىتى قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ يىتەكىچىلىكىدە ئامىۋى قاتناش بىكەت تاختىلىرىدىكى خەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسنى تەرجىمە قىلىپ يېزىپ چىقىرىشقا باشلىغان ، قومۇل چېلىش مەيدانىنى قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقى ھەقىدە ۋەدە بەرگەن ، ئاپتۇبۇسلاردىكى ئۇيغۇرچە خەت يوق بولۇش مەسەلىسىگە قارىتا جىددى ئويلۇشۇشقا باشلىغان ،
2.قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۇچلۇك بولىۋاتقان قومۇل ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئاسىتىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان ياسالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار تولا ئۆتۇپ كىچىدىغان بىر 20 مىتىرلىق سوبەن يولنى بۇيىل قۇربان ھېيىتنىڭ ھارپا كۇنى تۇپتۇز ياساپ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۇچلۇك بولغان بۇ ئىشنى ئىنتايىن ياخشى بىر تەرەپ قىلدى ، ئەمدى يول چىرىقى ئورنۇتۇپلا ۋاتسا يۇز دە يۇز پىرسەنىت ئىش بولغان بولاتتى ،
3. ئامىنىڭ ئىنكاسى كۇچلۇك بولغان ئىشلاردىن بىرسى قومۇلدىكى جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىكىلەر بىلەن دۆلەت شىتاتىدىكىلەرنىڭ مائاش تەمىنات مەسەلىسىدىكى ۋە مۇكاپاتتىكى باراۋەرسىزلىك ، مەسلەن ھازىرىقى قومۇلدىكى ئىدارىلەردە جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىكىلەر بىلەن دۆلەت شىتاتىدىكىلەر ئوخشاش بىر ئىدارىدە ئىشلەش ئوخشاش بىر ئىشنى تەڭ قىلىش ، ھەتتا دۆلەت شىتاتىدىكىلەردىنمۇ بەك تىرشىپ زىيادە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىغىنى تۆت تەڭگىدىن ئاشالمايۋاتىدۇ ، ھەرگىزمۇ مائاشى دۆلەت شىتاتىدىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك تۆۋەن ، يەنە تېخى قۇياش نۇرى پاراۋانلىقىدىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ ، ئوخشاش بىر قومۇلدا ئوخشاش بىر خىزمەت ئورنىدا ئوخشاش ئىشلەپ مائاش مۇكاپات قۇياش نۇرى پاراۋانلىقىدا كۆرۇلگەن بۇنداق تەكشىسىزلىك ، نوۋەتتە كەڭ ئامما ئارىسدا كۇچلۇك ئىنكاس قوزغىدى . ئامما بۇنداق ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك ئىشقا ئاشمىغان تەمىنات تۇزۇلمىسگە ئىنكاس بىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قومۇل شەھەرلىك ۋىلايەتلىك پارتىيە ۋە ھۆكۆمەتنىڭ بۇ ئىشلارنى تىزدىن ھەل قىلدىغانلىقىدىنمۇ چوڭ ئۇمۇت كۇتۇدىكەن ، ئىشقىلىپ ئىجتىمائى ئادىللىققا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق قومۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىسنىڭ ھەر خىل يىغىلىشلاردىكى قەلىپ ساداسىغا ئايلانغان
4. ئىتبارسىز قالغان دۆلەت كارخانىلىرىدىن پىنسىيەگە چىققانلار پىنسىيونىرلار مەسەلىسى . بۇخىل ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئۇچۇن ھاردىم تالدىم دىمەي ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى قىران دەۋرىنى پارتىيەۋە ھۆكۆمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ قىلچە مىننەتنسىز ئىشلەپ دۆلەت كارخانىسىدىن پىنسىيەگە چىققان پىنسىيۇنىرلار مانا ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ تاشلىنىپ قالغاندەك ،ھىچ ئادەمنىڭ ئۇلار بىلەن كارى يوقتەك ھىس قىلماقتا ، ئاممىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ئادەتتە دۆلەت مەمۇرلىرىنى ياشانغانلار ئىدارىسى دەپ بىر ئىدارە ئانچە مۇنچە يوقلاپ ھال دەردىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ ئىشچى پىنسيونىرلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتقان ئىكەن ، ھەتتا قۇربان ھېيتتەك چوڭ ھېيىتلاردىمۇ بۇ دۆلەت كارخانسىىدىن پىنيسىيەگە چىققان پىنسيونىرلارنىڭ ھالىنى سورايدىغان ئادەم چىقمىغان ، ياشانغاندا كۆڭلى ئىنچىكىلەپ كەتكەن بۇ ياشانغان پىنسيونىرلار ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۇر جاپالىق ئىشلىگەن ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىتبارسىز قالدۇرۇلغان ، قومۇل شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە ۋە ھۆكۆمەتنىڭ بۇ ھەر مىللەت كارخانا پىنسيونىرلار ئاممىسىنىڭ ھال دەردىگە ئىنكاسىغا مۇۋاپىق جاۋاپ بىرىشىنى تولىمۇ ئۇمۇت قىلدىكەن .
5.قومۇلنىڭ ئىنىرگىيە تىجەش تۇرى بولغان بىنا ئۆيلەرگە پاخپاخ چاپلاش ئشىى دەل كارخانا ئورۇنلاردا پاسسىپلىق بىلەن كەينىگە سۆرىلۋاتىدۇ ، مانا بۇ تۇر باشلانغىلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ كۆپ قىىسم كارخانا ئورۇنلار بۇ ئىشقا پاسسىپ ئىپادىىدە بولۇپ كەلدى ، نۇرغۇن دۆلەت ئىشچىلىرىنىڭ بىنا ئۆيلىرىدە پار ئىسسق ئۆي سوغاق بولۇش مەسەلسىى ئۇمۇمىيۇزلۇك مەۋجۇت ، بۇمۇ ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر كۇچلۇك بولغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر ،
6. قومۇل ياقا ئولتۇراق رايۇنى مىللى كۆپ مۇسۇلمان كۆپ مەھەللە كۆپ ياشانغان دىنغا ئىتقات قىلدىغان ئامما كۆپ بولسىمۇ مەسچىت بولماسلىق مەسەلىسى بۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ زور قىينچىلىقىغا ئايلاندى ، قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئاممىنىڭ كۇچلۇك ئىنكاسىغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇپ ياقا ئولتۇراق رايۇنىغا ھەيۋەت بىر چوڭ جامائە مەسچىت ۋە بىر قانچە مەھەللۋى مەسچىتلەرنى بىنا قىلىشىنى تەلەپ قىلىغان ئامما ئارىسىدا كۇچلۇك ئىنكاسلار بار ئىكەن .
بۇ ماقالىنى رەئسىىمىز شى جىنپىڭنىڭ ئامما ئارىسىدىكى كۇچلۇك ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ھەقىدىكى سۆزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ يازدىم
ئاممىۋى لۇشيەن؛ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلايلى
ـــــ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى (2)2013.10.23 15:13 مەنبە: خەلق تورى
ئامما بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى مەقسەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتۇر؛ مەسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر. ئامما رازى بولىدىغىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ناتوغرا ئىستىل تۈزىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ ئۆتكەندەك «بىرمۇبىر تەتقىق قىلىش، بىربىرلەپ تۈزىتىش»، پۇختا، ئۇزۇنغىچە بولغاندىلا، ئىدىيەۋى ۋە خىزمەت ئىستىلىمىزدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىمۇ ئاممىغا ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە،ھەر قايسى ئورۇنلاردا نۇرغۇن كونكېرت مەسىلىلەر ئېنىقلاندى، مەسىلىنىڭ مەۋجۇت يىلتىزى ئانالىز قىلىندى، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە تۈزىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. ئەگەر مەسىلىدە قۇرۇق گەپ ساتسا، تۈزىتىشتە ئاددىيلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسە؛ ئەگەر ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىپ يۈزىنى قىزارتىپ، ھەرىكەتكە كەلگەندەك قىلىپ ئازراقمۇ قوزغالمىسا؛ ئەگەر ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا قىلچە رەھىم قىلماي، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سالسا، بۇنىڭ ئۆزى روھىغا تاقالمىغانلىقىنى، ماھىيەتلىك ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى كادىرلار مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا، يىلتىزى باشقا كىشىدە ئەمەس، مۇھىتتا دەپ، زىددىيەتنى شۇ پېتى يۇقىرىغا تاپشۇرىدۇ؛ يەنە بەزى كادىرلار مۇھىم بولمىغان مەسىلىنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىنى كەينىگە قويىدۇ. ئامما بۇنى رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق قىلىنغان چارە دەپ قارايدۇ، بۇ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ قالماي، ئەكسىچە ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. (مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى