دۇنيا، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ مەسھۇلى.ماكان تۇپراق, زامان ئوت ، ئىنسان سۇ، مەدىنىيەت ھاۋا . ماكان بىر ئادەم بولسا، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانمۇ بىر ئالەم. ئىنسان كۆزيىشى تەبىئەتتىكى يامغۇرنى قىياسلىسا،كۇلكە غەزىۋى گۇلدۇرمامىنىئەسلىتىدۇ. زىمىن تىرىگە ئوخشىسا، ئۇنىڭدىكى ئۆسۇملۇكلەرمىسالى تۇك.تاغلار سۆڭەكنى ئەسلەتسە ، دەريالارئىقىنلار قان تۇمۇر،دىڭىزلار قورساق بوشلىقى.قۇملۇقلار كۆكرەكلەرگە ئوخشايدۇ. ئاندىن ئىنسان سان مەجمۇئەسى بولغان زامان ئوخشىشى،كونىلاردا يەتتە ئەزايى ساق دەيدىغان ماقال بار. يەتتە ئەزا دىگەندەپۇتى ، قولى ، غولى ، ئىغىز ، قۇلاق، بۇرۇن،كۆز تاشقىي جۇپ ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ.بۇنى زامانغا قىياسلىساق، بىر ھەپتە يەتتە كۇن بۇلىدۇ. كۆز، يۇرەك ، جىگەرئۇچىنىڭ مىجازى ئوت. بىر كۇن ئەتىگەن چۇش كەچ ئۇچ ۋاخ. ئىغىز، ئاشقازان ، ئۇچەي، تاناسىل ئەزا تۆتى مىجازى سۇ . تۆت ھەپتىنى ياكى تۆت پەسىلنى تەقاسلايدۇ. مەدىنىيەتتىمۇزامان سان ئىزنالىرى بار. بىلىشكە ۋەكىل تۇپراق خۇسيەتتىكى يەھۇدىيلار قەدىمدە ئون ئىككى بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن ئون ئىككى قەبىلەبولغان.بىريىل ئون ئىككى ئاي. ياخشىلىق سۇ سۇپەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەشھۇر تۆت ساھابىسى بار.باش قىسمىمىزدىكى بۇرۇن كۆز قۇلاق ئىغىز تۆت ئەزاغا سىموۋۇل . ھازىر تادۇ بۇيىچە تەقۋادارلىق ھاۋا زامانى، يەنى رەسۇلىللادىن زامانى ئاخىرغىچە ھاۋا ئىراسى دىيىشكە بۇلىدۇ. نامازدا تەكرارلىنىدىغان ئايەتمۇيەتتە. ئاسمان ھاۋا يەتتە قات. دىمەك تادۇ بۇيىچە خۇي خۇسيەتلىرى ئىنىقلانسا،ئىنسانغاقاراپ ماكاننى پەرەزقىلغىلى،زامانغا قاراپ ئىنسان مەدىنىيتىنىڭ سىر ئەشيالىرىنىسىستىمىلىق يەشكىلى بۇلىدۇ.بۇ جەھەتتە ئەجداتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن مۇساپە ئىجتىھات سەمەرىلىرى بولغان.
مەدىنىيەت بۇيىچەتادلىغاندا ،ئىسلام مەدىنىيتى ياخشىلىق سۇپەتتە بۇلۇپ،زىدىلەرنى پەزىلەت بىلەن داۋالاشتا مەنىۋىي قورغانلىق خۇسيىتى كۇرنەرلىك. قۇياشنى ئوت دىسەك،ئاي تۇپراق،زىمىن سۇ ، يۇلتۇزلار ھاۋابۇلىدۇ. سۇياخشىلىققا ۋەكىل زىمىندا تۇپراق ئوت سۇ ھاۋاتۆت تادۇ ھەممىسى مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش . ياخشىلىق سۇپەتتىكى ئىسلام مەدىنىيتىمۇ، تۇپراق خۇسيەتتەبىلىش، ئوتقا ئوخشاش ئادىللىق،سۇ سۇپەتتە ياخشىلىق،ھاۋاغا قىياس تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن. ئەبۇ بەكرى بىلىشنى ياقىلىغان بولسا، ئۇمەر ئادىللىقنى، ئوسمان ياخشىلىقنى، ئىلى تەقۋادارلىققا ئۇل سالغان. ئەرەپلەر بىلىشنى چۅرىدىسە، خاۋارىجلار ئادىللىق،تۇرۇكلەر ياخشىلىق،شىئەلەر تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.ئەمىلىي پائالىيەتلىرىمىزدىمۇ ئىمان ئىيتىش تەۋھىد ئەقىدىسى بىلىشنى كۆرسەتسە. ئاندىن قۇرئان كۆرسەتمىلىرىگە بوي سۇنۇش يەنى ناماز زاكات رۇزا ھەج قاتارلىقلار ئەھدە ئادىللىق . بۇنىڭ بىلەنلا پۇتۇنلەنمەيدۇ. يەنە ياخشىلىق قىلىش زۇرۇل، خەيرى ئىھسان سەدىقەنەزىرلەر ئارقىلىق قەلىپلەر يۇيىلىدۇياۋشىيدۇ. ئاندىن زىكىر تەسبىھلەرگە ئادەتلىنىش داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق تەقۋادارلىققا ئائىت پائالىيەتلەر بىلەن ئىمان مۇستەھكەملىنىدۇ.
يىڭى تەرجىمە قۇرئان سۇرە رەئىدنىڭ 19دىن 21-ئايەتكىچە،-‹ئى مۇھەممەد، پەرۋەردىگارىڭ تەرپىدىن ساڭانازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان ئادەم‹ئۇنى بىلمەيدىغان دىلى›كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟بۇنىڭدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ.ئۇلارئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارنى تۇلۇق ئورۇنلايدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ.ئۇلارئاللاھنىڭ تۇققانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەمىرىنى بەجا كەلتۇرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ،قاتتىق ھىساپ ئىلىشتىنمۇ قورقىدۇ.›دىيىلگەن. ئايەتلەردىكى ‹بىلىدىغان ئادەم ، ئەقىل ئىگىلىرى› تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىشنى كۆرسەتسە. ‹بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ،›بۇ ئەھدە قانۇن ئوت خۇسيەتتىكى ئادىللىقنى كۆرسىتىدۇ.‹تۇققانلارغاياخشىلىق قىلىش› بۇ سۇ ياخشىلىق بولسا.‹ ئاللاھتىن قورقىدۇ›بۇ ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىقنى كۆرسىتىدۇ.
دىمەك،مەنىۋىيەتتىكى تۆت خۇسيەتنىڭ بىريەردە تەرتىپ بۇيىچە بايان قىلىنىشى، ئىسلام مەدىنىيتىدە تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ بەلگۇلۇك ئورنى بارلىقىنى، يەرلىك تىلداقەيىت قىلساق، ئاتلاپ ئۆتۇپ كىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى پاكىت بىلەن نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ. ئىسلام مەدىنىيتىدىكى تۆت تادۇ قارشى، ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ،ماكان زامان ئىنسان دىن ماھىيەتلىرىنى تۇنۇش تەخمىن قىلىش، ئىدىيال قاراشلارنى ۋايىغا يەتكۇزۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقا.
ماكاندىكى ياخشىلىقنىڭ تادۇلىرى
تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش ئىككى ياقىلمىلىققا ئىگە. بۇرۇننىڭ ئىككى تۇشىگى‹دىماق› مىڭىگە تۇتاش بولغانغائوخشاش، ئىسلام مەدىنىيتىدە بىلىشنىڭ ئىككى ياقىلمىلىقى بۇلىدۇ. رەسۇلىللا ۋاپاتىدىن كىيىن ، ساھابىلار خەلپەمەسىلىسىدە ، مەككىلىكلەر ھاشىم جەمەتىدىن ئەلىنى خەلپە سايلاش، مەدىنىلىكلەرتەمىم جەمەتىدىن ئەبۇ بەكرىنى خەلپە سايلاش توغرىسىدا كەسكىن دەتالاش قىلغان. نەتىجىدە ئەبۇ بەكرى خەلىپە بولغان.ئەبۇ بەكرى دەۋىرلىرىدە ھەدىس ياقىلىغۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ، قۇرئان ئايەتلىرى ھەدىس بۇيىچە شەرھىيلەنگەن.ئۇمەرنىڭ ئۇزۇنغاسۇزۇلغان ئىستىلالىرى ، ئەرەپلەرنىڭ قاراش يۇرۇش تۇرۇش ئۆرۇپ ئادەتلىرى بىلەن پەرىقلىق، باشقا تىل خۇيدىكى قەۋىملەرنىڭ ئىسلام مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلىشى سەۋەپلىك رەي ئىقىملىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان.ھىجاز ھەدىس بۇيىچە شەرھىلەشنى تۇتقا قىلغان بولسا. ئىراق رەينى ئاساس قىلغان.بارابارا ھەدىسنىلا تۇتقا قىلىش، ياكى رەينىلا چىقىش قىلىش مۇشۇنداق راۋاجلانغان.دىمەك؛ ئورۇن جەھەتتە مەككە بىلەن مەدىنە بۇرۇننىڭ ئىككى تۇشىگى بولسا، ھەدىس بىلەن رەي مىڭە پائالىيتىنىڭ ئىككى ياقىلمىلىقى ھىساپلىنىدۇ . ھازىرغا كەلگەندە زامان تۇسى بىلەن بىرلىرى تەرەققىياتنى ، بىرلىرى ئەنئەنىۋىيلىكنى ئەسلىيەتنى ياقىلىماقتا.بىزدىكى تەسىرنى تەخمىن قىلساق، بۇرۇنلاردا ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۇگۇنىڭلاردەپ كەڭرى يول تۇتقان بولسا، ھازىر زەئىپ ھەدىس سانىلىپ ،بارغانچە چىڭىپ ،رەسۇللىلا دەۋرىدىكى ئەرەپلەرنىڭ ھالەتلىرىگە كۇچلۇك سىلىشتۇرۇلۇلماقتا.
ئادىللىقنىڭ پۇتى ئۇچ.ئادەم بەدىنىدىكى كۆز‹قاش قىلىچ مىسالى، ئىككى كىرپىك ئوقيا›، يۇرەك،جىگەر بۇئۇچىنىڭ مىجازى ئوت. ئوت دىمەك ئادىللىق.ئەبۇ بەكرى‹بىلىش›دىن كىيىن ئۆمەر‹ئادىللىق›,ئۇمەردىن كىيىن ئوسمان‹ياخشىلىق›،ئوسماندىن كىيىن ئىلى‹تەقۋادارلىق› ‹تادۇ رىتى بۇيىچە›خەلپەبولغان. خەلپە مەسىلىسىدە دەتالاش بولغان مەزگىللەردە ئادىللىق سۇپەتتىكى خاۋارىجلار سىياسىي مەزھەپ سۇپىتىدە پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان .ئۇلار خەلپىنى مۇسۇلمانلار ئىختىيارىي يۇسۇنداسايلام ئارقىلىق سايلىشى كىرەك دەپ قارىغان، ئاندىن ئىلىنىڭ مۇئاۋىيە‹ئوسماننى قوللىغۇچىلار›بىلەن بولغان جەڭدە ، مۇئاۋىيەنىڭ قۇرئان بۇيىچە ھۇكۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قۇشۇلغانلىق تۇپەيلى ، ئىلىگە قايىل بولماي ئاجىرلىپ چىققان . خاۋارىجلار ئۇچ پۇت بۇلۇپ،بىرىنجىسى ئەزراق مەزھىپى،ئىككنجىسى نەجداتلار،ئۇچۇنجىسى ئابازىيە مەزھىپى.ئابازىيە مەزھىپى ئافىرقىغا كەڭ تارقالغان. ئەزراق مەزھىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىقتا داڭقى بار.
ياخشىلىق ئىچىدىكى ياخشىلىقمۇ تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن. ئىنسان بەدىنىدە ئىغىز، ، ئاشقازان، ئۇچەي تاناسىل ئەزا تۆتى مىجازى سۇ ‹ياخشىلىق› بۇلۇپ،بۇنى مەدىنىيەتكە تادلىساق، مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى قاراش ياقىلمىلىقى ،مەسلەن ؛ ئىرادەئەركىنلىكى، تەقدىرچىلىك قاراشلىرىدىكى زىدىيەتلەر.خەلپە توغرىسىدىكى دەتالاشلار.,,, قاتارلىقلارغا مادارا قىلىش ، ئىتىپاقلاشتۇرۇش ئۇچۇن مۇرجىئەلەر مۇئتەزىللەر قاراشلىرى دەسلەپ قەدەمدە شەكىللەنگەن. كىيىنچە مۇئتەزىللەر ئاساسىي رول ئوينىغان. مۇئتەزىللەر بىلىشكە ۋەكىل پەيلاسۇپلار، ئادىللىقنى ياقىلايدىغان كالامچىلار،ئىنساننى ياخشىلىقنى ياقىلىغان تىۋىپ پەنچىلەر،تەقۋادارلىق تەسەۋۋۇپ ئىقىمىغا مايىل شىئىريەت ساھالىرى قاتارلىقلار بىلەن خاراكتىرلەنگەن.
قارايدىغان بولساق، فارابىي ئىنسان تەپەككۇرىنى ، ناۋايى دىل قەلىپنى، ماخمۇت قەشقىرى تىل، يۇسۇپ خاس ھاجىپ خۇي‹تەپەككۇر دىل تىل خۇي تۆتى ئىنسان روھىيتىدىكى تۆت تادۇ.› قاتارلىقلارنى ياقىلاپ ، ئىسلام مەنىۋىيتىنى بىيىتقان.ھازىربىزدە يىڭچە ئىقىمدىكىلەرقاراشلىرى‹بىلىش›، تەسەۋۇپ ئەھلى‹تەقۋادارلىق› ، تىبابەت دىنىي ئىلمدە يىتىشكەنلەر‹ياخشىلىق›،مىڭ يىللىق ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئىككىلەنمەي كىسىم پىچالايدىغان ‹ئادىللىق› تىپىدىكىلەر ئۇچرايدۇ.
ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىق يەتتە قات بۇلىدۇ.ئىنسان بەدىنىدە قۇلاقتىن باشلاپ،ئۆپكە، سۆڭەك،گۆش، قان،پەي سىڭىرلار،تىرەچاچ تىرناقلار مىجازى يەل، ئاسان يەل تاشىدۇ.قۇتادغۇبىلىگدەيەتتە يۇلتۇز .ئون ئىككى بۇرۇج بايان قىلىنغان. شىئەلەر ھازىرغىچىلىق ئون ئىككى ئىمامغا بەيئەت قىلىدۇ.ئىران، ئىراق ، تۇرك ئەللىرى ، مىسىر، ئافرىقا،ھىندى ئەللىرى،سەددىچىن بويلىرىدىمۇ گۆش پەي سىڭىرلارغائوخشاش، ئوخشىمىغان سۇپەتتە شىئەئەقىدە ئىزنالىرى ئۇچرايدۇ.شىئەلەرنىڭ مەزھەپ قاتلىمى مۇرەككەپ بۇلۇپ، ئىمامىيلارزەيدىلەر دەپ ئىككى ئاساسى لىنىيە ئۇندىن باشقا ئىسمايىللار،راۋىندىيلار،نۇسەييىرلەر،نئمەتۇللاھىيلەر،جەففەرىيلەرمەزھىپى قاتارلىق تارماق پىرقىلەرخەتلەنگەن. پىقىرنىڭ تادلىشىچە، ئىماملار ۋەئۇلارنى ياقىلىغۇچىلار ئەلى، ھەسەن، ھۇسەن،زەيىد، جەفەرسادىق، ئىسمايىل،مەھدىي دىن ئىبارەت يەتتە قەۋەت يەتتەئىقىمغا ئايرىش مۇمكىن. تەسەۋۋۇپتا زامانغا قىياس يەتتە مەسەل توغرىسىداقاراشلار ساقلانغان. زور ئىشلاردا يەتتە يۇلتۇز نۇجۇم قائىدىسى بۇيىچە تەقاسلاش ، بىشارەتلەرگەسەمىيمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.قىسقىسى يەتتە بىلەن تەقۋادارلىق زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.
مەنبە؛ قۇتادغۇبىلىگ،ئىسلامىيەتنىڭ سۇبھى دەۋرى قاتارلىق كىتاپلاردىن پايدىلىنىلدى.
ئاخىرى بار....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تادۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-24 10:48 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( g' \: r9 Z: ~% }, Y3 U( t: A$ n9 Oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Z* _5 O. q+ Y$ L: @/ B