بۈگۈنكى ياشلار
سالىھ :يازمىسى
بۈگۈن ناماز شام ۋاقتى بىلەن مەن تاھارەت ئىلىپ شام نامىزىنىڭ پەرىزنىڭ بىرىنجى رەكىتىنى ئوقۇپ بۇلاي دىيشىمگە سىرىتتىن ئاڭلانغان ياشلارنىڭ ئاللا ئاللا دىگەن ئاۋاز مىنىڭ نامازدىكى دىققىتىمنى بۇزۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئىسىمگە قوشنىمىزنىڭ ئەتىگەنكى توي ئىشى يادىمغا كەلدى. ئەسلىدە بۇ ياشلار قىز كۈچۈرۈپ ئىلىپ مىڭىۋىتىپتۇ دە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
مۇشۇنداق خىياللار ۋە ياشلارنىڭ گۈركىرەك ئاۋازى بىلەن نامىزىمنى نەچچە ئىزىپ نەچچە تۈزەپ ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم. ياشلارنىڭ ئاللا ئاللا ئاۋازى تۈگىشى بىلەن ناغرا-سۇناي مۇزىكىسى باشلاندى.مەھەللىمىزگە مەسىچىت ناھايىتى يىقىن ئىدى ناغرا-سۇناي ئاۋازى مەسچىتكە شۇنداقلا ئاڭلىنىپ قالاتتى.دىمەك بۇ قىز يوتكەشنىڭ« غەلۋە-غوۋغالىرى» مەنلا ئەمەس مەسچىت جامائەتلىرىنىڭ نۇرمال ناماز ئوقۇشىغىمۇ ئازار يەتكۈزگەن ئىدى.
مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم مۇشۇ ياشلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ناماز ئوقۇيدىغان ياش يوقمىدۇ؟ ئەگەر بولسا ئىدى چۇقۇم توختاڭلار ھازىر ناماز ۋاقتى قىز يۆتكەش پائالىيتىمىزنى سەل تۇرۋىلىپ قىلايلى دەپ تۇسۇپ قالغان بۇلاتتى.
مىنىڭ بۇ توي قىلىش ئۆرۈپ-ئادىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جەۋھىرى بولغان ھەم ئەڭ قىززىيدىغان ۋە باشقىلارغا ھەممىدىن بەك قىززىق تۇيۇلىدىغان بۇ قىز يۆتكەش پائالىيتىنى ھەرگىزمۇ «غەلۋە-غوۋغالىرى» دىگىم يوق ئىدى.لىكىن مىنى بۇنداق دىيىشكە مەجبۇر قىلغىنى بىزنىڭ سۇلتان-سۇتۇق بۇغراخان بوۋىمىزدىن باشلاپ ئىتقاد قىلىپ كىلۋاتقانغا مىڭ يىلدىن ئاشقان بۇ بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھۆرمىتى بىز ياشلارغا كەلگەندە زادى نەگە كىتىۋاتىدۇ؟
ئەي ياشلار ئويلاپ بىقىڭلار ئاللاھ ھەق سۇبىھانە ۋەتئەلا ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى يارتىپ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئەڭ گۈزەل بولغان يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا دۇنيانى تاللاپ بىز ئىنسانلارغا ئەڭ قۇلاي ھالدا يارتىپ،بارلىق نازۇ-نىممەتلىرى بىلەن بىزگە بوي سۇندۇرۇپ بەرگەن ئىگىمىز بىزگە بەرگەن بۇ كاتتا نىممەتلىرىگە يەنە ئۆزى قانائەت قىلماي ئادەم ئاتىغا ئۆز جىسمىدىن ئاپىرىدە قىلغان ھاۋۋا ئانىنى ھالال رىسىق قىلىپ ئادەم ئاتىمىزغا بوي سۇندۇرۇپ بەردى.
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن تاكى ھازىرغىچە ئاياللار ئەرلەرگە بىرىلگەن ئاللاھنىڭ كاتتا نىھمەت بۇلۇپ كەلمەكتە.
مانا بىزنى يەر يۈزىدە مۇشۇنداق ئالى مەرتىۋە،كاتتا بۈيۈكلۈك بىلەن ياراتقان رەببىمىز نىكاھ-تويدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشنى بىزگە يەنە شۇ ئۇلۇق رەببىمىز بەرمىدىمۇ؟لىكىن بىز مانا مۇشۇنداق پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان رەھىم-شەپقەتلىك، كۈچ-قۇدرەتتە تەڭداشسىز مىھرىبان رەببىمىز جىبرىئىل ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاستىسى بىلەن پەيغەمبىرىمىز،رەھبىرىمىز بولغان مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامغا ئاللاھنىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈش بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن ئىسلام دىنىمىزنى نىمىشقا تويىمىزدىنمۇ تۆۋەن ئورۇنغا قۇيۇپ ھۆرمەتسىزلىك قىلىمىز.بىز بۇ ھۆرمەتسىزلىكىمىز ۋە ئاسىيلىقىمىز تۈپەيلىكى ئاللانىڭ جازاسىغا قانچىلىك ئۇچىرامىز ھە.ئاللاھ ئىگىمىز بىزنى ئۆزىنىڭ مىھرىبانلىق،ئەپۇچانلىق پەزلى مەرھەمىتى بىلەن ئەپۇ قىلۋەتسىمۇ ھەجەپ ئەمەس لىكىن بىز مۇشۇ ئەخلاقسىزلىقىمىز، ئەقىلسىزلىقىمىز،نادانلىقىمىز بىلەن ئۆز ھامىيلقىمىزدىكى ئايالىمىزغا قانداقمۇ يول باشچى بولالايمىز،پەرزەنتىمىزگە قانداقمۇ ئاتىلىق مەجبۇرىيتىمىزنى يەتكۈزەلەيمىز،بىزدىن تەربىيە ئالغان شۇ سەبىيلىرىمىز قانداق بۇلار؟
بەلكىم بۇ ئاددى ئىش دەپ بىلىشىڭىز مۇمكىن كۆڭلىڭىزدە،لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئاددى ئىش ئەمەس بۇ بىر دىنىمىزغا قىلىنغان چوڭ بىر ھۆرمەتسىزلىك،ئۆز دىنىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىڭ قانداق ئاقىۋەتلارنى ئىلىپ كىلىغانلىقىنى مەندىنمۇ ئوبدان بىلىسز ھەقىچان، لىكىن بىلگەن بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتەلمەيمىز.مەن مۇشۇ مەزمۇننى ئوقۇغان كىشىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ ئىشلاردا بولسۇن دىنىمىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيشىمىز ھەم دىنىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلىشىمىز كىرەك.ئۇنىڭسىزمۇ دىنىمىزغا قىلىنىۋاتقان ھۆرمەتسىزلىك ئاز ئەمەس.مەن يۇلۇققان بۇ ناماز ۋاقتىغا دىققەت قىلماي توي ئىشىنى دەپ ئۆزى ئوقۇماقتا يوق باشقىلارنىڭ ۋە جامائەتنىڭ نۇرمال دىنى پائالىيتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ھەرگىزمۇ سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس.شۇڭا ئاۋال بىز ياشلار ھۇشىمىزنى يىغايلى!بىز ئەجدادلىمىز قۇبۇل قىلغان ئىسلام دىنىنى قوغدايلى ۋە ھۆرمەت قىلايلى! شۇندىلا باشقىلارنىڭ دىنىمىزغا قىلغان ھۆرمەتسىلىكىگە دادىل رەدىيە بىرەلەيمىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-24 07:27 PM