گىگانىتلار ھەققىدە راۋايەت (2)
بۇ قېتىم ئىلىكتىرون ئەسلىمىسى _ دىگەن بۇ ئىبارە بىلەن تەڭلا كاللامغا iphone (ئالما تېلىفۇنى) كىلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بۇ ھەقتە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدى بىز سەل چۇڭقۇرلاپ كىرىپ باقايلى ! ئەمىسە بىز شۇ يۆلىنىش بويىچە مەزكۇر يانفۇن ۋە ئالما شىركىتى ھەققىدە بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلاشمامدۇق؟!...
ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك ئالما يانفۇنى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا يەنە شۇنداق كىسىپ ئىيتالايمەنكى ئالما شىركىتى مەزكۇر ساھەدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەمما يەنە شۇنىمۇ كىسىپ ئېيتالايمەنكى ئالما شىركىتىنىڭ بۇ مۇۋەپپىقيىتى ئالمىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە گوگىل (Google),سامسوڭ (SUMSONG) قاتارلىق شىركەتلەرگە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ھەرگىزمۇ ئالمىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.يەنەكىلىپ بۇ شىركەتلەرنىڭ بولۇپمۇ سامسوڭ (SUNONG) نىڭ بۇجەھەتتىكى ئەمەلى كۈچى مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى مول تەجىربىگە ئىگە ئۇزۇن يىللىق ئىمپىريە تۈسىنى ئالغان شىركەتلەردىن ئۇنداقتا دۇنيادىكى شۇنچە گىگانىت شىركەتلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئالمىنىڭ بۇنچە مۇۋەپپىقيەت قازىنىپ كىتىشىنىڭ سىرى زادى نىمىدۇ؟
“سەنئەت بىلەن تېخنىكىنىڭ كىسىشكەن جايىدىن ئەڭ ئىسىل مەھسۇلات بارلىققا كېلىدۇ” ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ ئالما شىركىتىنىڭ سابىق لىدىرى،مۇدىريەت ئەزاسى،شۇنداقلا قۇرغۇچىللىرىدىن بىرى سىتىۋىن جوبىسنىڭ سۆزىغۇ دەيمەن.؟!ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنىڭمۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئاساسى بار. بار ئەلىۋەتتە. ئۇنىڭ مەزكۇر يەكۈننى چىقىرىشىغىمۇ ئۆز كەچۈرمىشى مەلۇم نىسبەتتە سەۋەب بولغان .
شۇنداق ئۇ ئىلگىرى ئىككى قېتىم مۇدىريەتتىن سىقىپ چىقىرىلغان بۇلۇپ ھەر ئىككىلى قېتىمدا ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغان. شۇنداق ئۇنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىكىدە قۇرغىنى دەل ھازىرقى داڭلىق پىكسار سىتۇدىيىسى (Pecsar Studio) بولۇپ گەرچە كىيىن ئۇ يەنىلا مەزكۇر شىركەتتىن ئايرىلىپ ئالمىغا قايىتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇجەرياندا ئويغانغان سەنئەت تۇيغۇسى يەنە كىلىپ ئەينى ۋاقىتتا پىكسارنىڭ كۆزلىرى ھىساپلىنىدىغان داڭلىق سەنئەتكار ۋە لاھىيەلىگۈچىلەر كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىشىدە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى. سىتىۋىن.جوبىس ھەققىدە رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە ، ئۈنىڭ ناھايىتى تۈرگۈن مىجەزى ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنىكەن مەسلەن ئالما يانفونلىرىنىڭ ئاجايىپ سىپتا چىقىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى : سىتىۋىن جوبىس 《ئەمدى بىر ئىقتىدارنى ئېلۋەتسەك مەھسۇلاتنىڭ خارەكتېرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ》 ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان. يەنى مەھسۇلاتنى ئەڭ تۆۋەن چەككىچە ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن لاھىيەچىلەرگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويغان. رىۋايەتلەردە يەنە مۇنداق دىيىلگەن 《 ئۇ خالىغان ۋاقتىدا ، خالىغان يەردە ، خالىغان شىركەت خىزمەتچىسدىن، خالىغان سۇئالنى سورايدۇ.(ئەلىۋەتتە كەسپى سۇئال) ئەگەر توغرا جاۋاب بەرسە تەلىيى ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسە ياكى ئىتى _ پىتى قىلىپلا قالسا ئىش تامام.》 ئەلىۋەتتە ئۇنىڭ نۇرغۇن يامان ئىشلىرىمۇ بار. (بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن قىلغان قورقۇنۇشلۇق خىزمەتلىرى.) ئەمما بىز بۇ يەردە ئۆلگەننىڭ غىيۋىتىنى قىلمايمىز.
ئەمدى ئالما مەھسۇلاتلىرىغا كەلسەك iphone 4s نى ئالما تارىخىدىكى بۆسۈش خارەكتېرلىك مەھسۇلات دىيىشكە بولىدۇ. (لاھىيە ، كۆرۈنمە يۈز، ئىشلەتكەن ماتىريال ، بولۇپمۇ siri ئەقلى پاراڭلىشىش سېستىمىسى) كىشىلەر شۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرگە يەنى تىمكۇك دەۋىرىگە گۇمان نەزىرى بىلەن قاراشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئالما بىر مەزگىللىك سۈكۈتتىن كىيىن يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، بولۇپمۇ iphone 5s ۋە ipad mini شۇنداقلا يېڭى ئەۋلاد Mac ، بۇلارنىڭ بازارغا كىرىشى يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. ئەمما ئارقىدىنلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئارقا _ ئارقىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى ، بۇلاردىن ئەڭ كۆرۈنەرلىكى مۇستەھكىم ياسالغان iphone 4s يانفونىنى ئاچچىقى كەلگەندە يەرگە ئېتىپ كۈنۈپ قالغان كىشىلەر ipohone 5 تە بۇ ھەيۋىسىنى ئاقتۇرالمىدى. يەنى iphone 5 پۇختىلىق ۋە قولغا ئەپلىكلىكى جەھەتتە iphone 4s كە يېتەلمىدى .(ئەمما ھىچكىم iphone 5 نى مەغلۇپ بولدى دىيەلمەيدۇ) كىيىن شاھىد بولغىنىمىزدەك iphone 5s ,iphone 5c , ipod 5 قاتارلىق يېڭىدىن - يېڭى ئالما مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ھەر ھالدا ئېلان قىلغان بۇ مەھسۇلاتلار ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئالما شىركىتىنى ئىلگىركى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا شىددەت بىلەن كۆتۈرىۋەتتى. ئەمما شۇنىسى ھەقىقەتكى مەيلى iphone 5 نى ئېلان قىلغاندا بولسۇن ياكى باشقا مەھسۇلاتلاردا بولسۇن كىشىلەر ئالمىنى تازا تىللاشتىيۇ ئەمما مەھسۇلاتنى ئۆچرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىشتى.
بەلكىم سىز مىنىڭ گەپنى شۇنچە ئايلاندۇرۇپ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى ئەمدى ئاز _ تولا ھىس قىلدىڭىزغۇ دەيمەن.شۇنداق ئويلىغىنىڭىز توپتوغرا. ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى كۈچلۈك سەنئەت پۇرىقى ۋە يېقىملىق ئىشلەتكۈچى تەسىراتى ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا كۆچمە ئۇسكىنىلەر ساھەسىنىڭ كۆزىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.يەنە كىلىپ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۇمشاق دىتال كودى بىلەن قاتتىق دىتالنى ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇرغان ۋە كونترول قىلغان بولۇپ بۇ سەۋەبلىك ئۈسكۈنىنىڭ قېتىۋېلىپ نورمال مەشغۇلاتقا تەسىر يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.مانا بۇ نىمە ئۈچۈن سەككىز يادرولۇق سامسوڭ گىلەكسى(SUMSONG Glacksy) ئەقلىفونىنى راۋان مەشغۇلات قىلالماي، تۆت يادرولۇق ئالما ئەقلى فونىنىڭ ناھايىتى سىلىق مەشغۇلات قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭ تېخنىكىلىق چۇشەندۈرۈلىشى بولسا سىز ئۈسكۈنىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا پەقەت بارمىقىڭىزنىڭ سىزىمچان ئېكرانغا تەككەن دائىرىدىنلا سېنزورنىڭ ئىكاسىغا ئاساسەن قاتتىق دىتالغا بۇيرۇق يىتىپ بارىدۇ. بۇخىلدىكى سەنئەتلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە سەزگۈر بولغان كود ماسلىشىشى ناھايىتى سىلىق بىر مەشغۇلات تورىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۈسكۈنىلەردىكى يەنە بىر ئەۋزەللىك شۇكى ناھايىتى ئىخچام ۋە سىپتا شۇنداقلا ئىنتايىن نىپىز بۇلۇشىغا قارىماي تولىمۇ پۇختا ، بىز بۇ تەرپىنى بۇيىلقى WWDC دا ئېلان قىلغان Mac Pro سى ۋە ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلغان يېڭى ئەۋلاد ئەقلى فونى شۇنداقلا ئەڭ يېڭى Mac كومپىيۇتېرىدىن ھېس قىلالايمىز.
ئاللاھ خالىسا يازمىللىرىمنىڭ داۋامىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاجايىب لەۋەن ئېقتىدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە توختالىمەن ، ئەلىۋەتتە ئىلىكتىرون ئەسلىمىسى (3) مۇ داۋاملىق يوللىنىدۇ. تەۋسىيەم قېرىنداشلار چۇقۇم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقساڭلار! تەنقىد بولسا مەن تەييار ، ئەمما ئىشىنىمەن بۇ يازما سىلەرگە بۇ ساھە ھەققىدە ئازبولمىغان ئۇچۇرلارنى بېرەلەيدۇ.
____ پادىچى 2013/8/16 August
پايدىلانغان مەنبەلەر : googel،百度،bing قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىر ،apple.com قاتارلىق توربەتلەر ۋە WWDC ۋىدىئولىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-23 05:02 PM
|