مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1243|ئىنكاس: 25

جامالىڭدىن كۆرىنىدۇ روھىڭدىكى دات (قاراخان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 07:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جامالىڭدىن كۆرىنىدۇ روھىڭدىكى دات

قاراخان

ئۆيۈڭدىكى سەككىز جانغا ۋۇجۇدۇڭ يايلاق،
ئۇچاڭدىكى نىمكەش توندا رەڭگا-رەڭ ياماق.
قولۇڭدىكى سۈپۈرگەڭغۇ ئەسلى بىر شىۋاق.
يىيەلمىدىڭ قىززىققىنە  بىر چىنە تاماق،
ساقلار سېنى ئۆيدە ئوچاق ،ئېتىزدا ئوتاق.

ياماق ياماپ قوللىرىڭغا يىڭنە كىرگەندە،
تاماق ئېتىپ نان يېقىپ قول يېڭىڭ كۆيگەندە.
كىر قات يۇيۇپ ،كىگىز قېقىپ ماغدۇر كەتكەندە،
نەۋرەڭ ئۈچۈن بۇلماق ئېتىپ ھاردۇق يەتكەندە،
يوقلار سېنى قايسى <<ئامراق>> بولۇر ھەمتاۋاق.

تۆت تام چېقىپ كەتسە سېنى كىممۇ ئويلىدى،
كېلىن،قىزىڭ تاڭ ئاتقۇچە يۈردى ئوينىدى،
سېنىڭ بارمۇ ئوي-خىيالىڭ كۆڭۈل قويمىدى،
ھېيت-بايرام ،قۇۋۇناق  كۈن ساڭا بولمىدى.
ساقسىز قالساڭ بوسۇغاڭغا كىم باستى ئاياق.

ئۇچۇپ كەتتى تۇرۇمتايلار،ئۇۋا قۇپ قۇرۇق،
يالغۇز جانغا ئىللىق ئۆيمۈ تۇيۇلار سوغۇق،
ئۆتمەس تائام زورلىسىمۇ ئوشۇق بىر قوشۇق،
ئانىجاننىڭ كۆڭلىدە بار قانداق ئىچ پۇشۇق،
تاپار بولسا ئۇنى پەرزەنت بولماس دىل سۇنۇق.

جەننەت دىگەن ئانىلارنىڭ تاپان ئاستىدا،
بىلگىن بۇنى قىز-ئوغۇللار ئەسلى ۋاقتىدا.
يىغلاپ يۈرمە ئاناڭ ئۆلۈپ ياتسا تاختىدا،
بولغىن ھال مۇڭ،بولغىن سىرداش شامدا، ناشتىدا .
يۇمار چاغدا كۆزىنى ئۇ باشلىما نۇتۇق.

ئانا دىمەك يۈرىگىڭنىڭ يېرىمى دىمەك،
ئانا دىمەك بۇ دۈنيادا  مەدەتكار يۆلەك.
بارلىغىنى ساڭا قىلدى ھەلەك، پاي-پېتەك،
ئاتاڭدىنمۇ يالغۇز قېلىپ باقمىدى ئەينەك.
كۆيەر بولسا ئانىغا كىم ياقسۇنچۇ چىراق!

جامالىڭدىن كۆرىنىدۇ روھىڭدىكى دات،
چىنەڭگە كىم سال ئىچ دىدى بىر چوكا ناۋات.
سەندىن قېچىپ تاپتى كىملەر دۈنيادىن مۇراد،
سەن بىباھا بايلىق ،سەنسىز بازارىم كاسات،
دىگەن چاغدا ھەر بىر بوغۇن بەختىيار ھەر ۋاق!

2013-يىلى 22-ئۆكتەبىر

















ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32231
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3393 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەننەت دىگەن ئانىلارنىڭ تاپان ئاستىدا،
بىلگىن بۇنى قىز-ئوغۇللار ئەسلى ۋاقتىدا.
يىغلاپ يۈرمە ئاناڭ ئۆلۈپ ياتسا تاختىدا،
بولغىن ھال مۇڭ،بولغىن سىرداش شامدا، ناشتىدا
يۇمار چاغدا كۆزىنى ئۇ باشلىما نۇتۇق.

  ھەرقانداق بالىلارنى ئانىغا كۆيۈندۈرەلەيدىغان،سۆيۈندۈرەلەيدىغان تەسىرلىك ئەسەر يېزىپسىز.
ئانىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ دۇردانىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئەسەر ئىكەن.رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنالىق مىسرالارنى تاللاپ ئىشلىتىپسەن ، قەلىمىڭدىكى يېڭىلىقنى يىقىندىن بېرى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن . كۆپەرەك يېزىپ بېرىشىڭگە تىلەكداشمەن . سەندە بىر يۇشۇرۇن قابىلىيەت بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم . بۇلۇپمۇ بۇ شېئىردىكى بەزى سۆزلەرنىڭ يېڭىلىقىغا ، ماسلىشىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم ، ساڭا ئۇتۇق تىلەپ :
____ئا.مۇھەممەت باغۋەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-22 09:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەناسى چۇڭقۇر شېئېركەن، ھازىر بەزى  پەرزەنتلەرگە ئانىسىنىڭ مىھنىتى بىلەن سولەت كىرىدىيۇ، ئانىسىنى تۇنىيالماي قالىدۇ، ئانىسىدىن ئايرىلغاندا بولسا ((مىنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى، تۇرۇپ بېرەي دىسەم سەن يوق)) دەپ غەزەل توۋلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئانام...............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ شېئىر، نەق يۈرەككە باردىغۇ!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98672
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-10-13
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
borhanhoja يوللىغان ۋاقتى  2013-10-22 09:38 PM
ئۇلۇغ ئانام...............................

تولىمۇ ئىلھاملىق بالىكەنسىز ...........
سىز يازغۇچى شائىر بىز بولساق ئىنكاسچى.....

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5407
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20204
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل يازمىلارنى ئوقۇغانغا مەن خوش. ھارماڭ قېرىندىشىم

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98321
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3776
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 10:05:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازىمىز ئەلىشىر نەۋائى شېئىر يا ئېچىشتۇرسۇن يا قىچىشتۇرسۇن بولمىسا ئۇ شېئىر ئەمەس دەپ تەلىم بەرگەن ئىكەن. تىمىڭىز بەك يۈرەككە باردى قېرىندىشىم ھارمىغايسىز تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97246
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 10:10:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتلىك ئانامنى ئەسلەپ قالدىم دىسە،

ئاللاھنىڭ بەرمەيدىغان ۋەدىسى يوق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش