بۇ ساھەدىكى گىگانىتلار
ئىنسانىيەت تەرەقىيات قەدىمىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىشىپ كىتىشى ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆز دەۋىرىنىڭ كەسىپ پېشۋالىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى … جۈملىدىن يېقىنقى 30 نەچچە يىل مابەينىدە بولۇپمۇ 2000_يىلىدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئىزچىل دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتقان ، يېڭى بىر ساھە ئۇچۇر تېخنىكىسى ________ دۇنيا تەرەقىيات يۆللىنىشنى بەلگىلەپ ۋە باشلامچى رول ئويناپ كەلمەكتە، بولدى ، يازغۇچىلار ئوبزورچىلار ۋە باشقىلار تەرپىدىن مىڭلارچە قېتىم دىيىلىپ بولغان بۇ ئىشلارنى يەنە تىلغا ئىلىش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن . شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ يەردە دۇنيادىكى ئىككى چوڭ شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ بەزى تېخنىكا بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقچىمەن.
1.ئالما شىركىتى (Apple)
ئالما شىركىتى بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان گىگانىت شىركەتتۇر ،1975 _ يىلى بىر كونا ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئىش باشلىغاندىن تارتىپ تاھازارغىچە كۆپلىگەن تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەن ئالما شىركىتى بۈگۈنكى كۈندە كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن دۇنيادىكى گىگانىت شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ھەتتا بۇجەرياندا جوبىسنىڭ ئىككى قېتىم شىركەت مۇدىريىتىدىن چىكىندۈرۈلگەنلىكى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلاردىن كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بولسا كېرەك؟ بىرىنجى ئەۋلاد ئالما ئەقلى يانفونى ۋە ئالما تاختا كومپىيوتېرى چىققاندا بولسا بۇشىركەتنىڭ ھاياتى كۈچى يەنە بىر پەللە كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى MAC كومپىيۇتېرى شۇنداقلا MAC Pro سى كۆرگۈچىلەرنى تاڭ قالدۇرماي قالمىدى. سىتىۋىن ئايرىلىپ چىققان مەزگىلدە قۇرغان Pecsar سىتۇدىيىسى (كىيىن Desny سېتىۋالغان) جوبىسنىڭ سەنئەت تۇيغۇسىنى جانلاندۇرغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇرۇندىنلا قاتتىق تەلەپچان بولغاچقا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆركەملىكى ئالاھىدە ئېشىپ بارغان . گەرچە سەنئەت بىلەن تېخنىكىنىڭ بىرلىشىشى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بازار تاپقۇزغان بولسىمۇ ، ئالمىنىڭ تېخنىكا ۋە باشقا تەرەپلەردىن كۈچىنى Googel دىن يۇقرى دەپ قارىمايمەن .
2.گوگىل شىركىتى (Google)
دۇنيا ئىلىكتىرون ساھەسىگە googel ئىزدەش ماتورى بىلەن تونۇلغان بۇ شىركەت گەرچە تارىخى ئۇزۇن بولمىسىمۇ ، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە گوگىلنىڭ ھەربىر ئۈسكۈنىسى بولۇپمۇ ئىزدەش ماتورى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇھىم ئۇچۇر مەنبىيى بولۇپ قالغاچقا ، ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى . يەنە كىلىپ گوگىل يۇقرى تەمىنات بىلەن جەلىپ قىلغان تېخنىكلارنىڭ ھەممىسى ستەنفورد ۋە خارۋادنى ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئونۋىرستىتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەتتا شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئالى دەرىجىلىك پروفىسور ، دوكتورلىرى ۋە ھەرقايسى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ غوللۇق ئىنجىنىرلىرى بولۇپ ، ناھايىتى كۈچلۈك بىر كوللىكتىپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى . شۇڭا بۈگۈنكى كۈنگەن كەلگەندە گوگىل كومپيوتېر تەتقىقات ساھەسىدىن ھالقىپ مىھمانخانا ، ئاۋئاسىىيە ، ئاپتموبىل،ھەتتا سىياسى ئىشلارغا قولتىقىپ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ ئىمپىراتورلۇق ئورنىنى كۆز _ كۆز قىلماقتا .
ئۇنىڭدىن باشقا گوگىلنىڭ يېقىنقىندا ئۇچۇرىنى ئاشكارلىغان بەزى مەھسۇلاتلىرىنى تىلغا ئالىساق گوگىلنىڭ ئەھۋالىنى ئازراق چۈشىنىشىمىزگە پايدىسى بار دەپ قارايمەن ، ھەممىگە مەلۇمكى خۇددى ئالما شىركىتىنىڭ ھەر يىلدىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى WWDC غا ئوخشاش گوگىلنىڭمۇ iO نامىدا چوڭ كۆلەملىك بىر يىغىنى بار . ئەنە شۇ يىغىنىدا ئېلان قىلغان گوگىل كۆزئەينىكى ، ئادەمسىز ماشىن ،ۋە باشقىلار بولۇپمۇ ئادەمسىز ماشىنغا قانچىلىك كۈچ چىقاردىكىن؟ يېقىندىلا خەۋىرى تارقالغان ھەقسىز 3G تور تارقىتىدىغان ئەسۋابى (تېخى ئەمەلى ئىشلىتىلمىگەن) كىشلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. كۆچمە ئۈسكۈنە جەھەتتىن گوگىل ئېلان قىلغان Android ئەقلى يانفون سېستىمىسى ۋە گوگىل تاختا كومپىيوتېرى ئالما شىركىتىگە كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە . GoogelMap نىڭ ئىقتىدارى ھەممىمىزگە مەلۇم ، دۇنيادىكى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا بىر قانچە دۆلەتلەرلا قىلالىغان بىرئىش _____ ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىھەمراھ قويۇپ بېرىش . ئەنە شۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەت تېخى قىلالمايۋاتقان بىرئىشنى گوگىل يەھۇدىلىرى قىلىپ بولدى .
شۇنداق گوگىل ۋە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى مونوپوللىقى ھەرگىز رىقابەتچىسىز بولمايدۇ ئەلىۋەتتە . شۇنداقتىمۇ رىقابەتچىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈگىرەكى SUMSONG شىركىتى . يەنە كىلىپ SUMSONG ئادەتتىكى بىر كۆچمە يۇمشاق دىتال تەتقىقات شىركىتىلا بولماستىن بەلكى گوگىلغا ئوخشاش بىر گىگانىت ئىمپىرىيەدۇر.
3.سامسوڭ شىركىتى (SUMSONG)
سامسوڭ 1992 - يىلى قۇرۇلغان.
نۇرغۇن كىشىلەر سامسوڭ شىركىتىنى ئالمىدىن ئاجىزدەك كۆرىدۇ ، يەنى خۇددى يانفون ۋە بىرقىسىم ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپ چىقىردۇ دەپلا قارايدۇ . ئەمما سامسوڭنىڭ ئىلىكتىرون ساھەسىدىن باشقا ھەربى قورال _ ياراغ ، ئىلغار ھەربى سانائىتى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭمۇ نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەرنى (مەسلەن : iphone نىڭ ئىكرانى) سامسوڭدىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى قانچىلىك ئادەم بىلەر ؟ ئەلىۋەتتە ________ سامسوڭنىڭ ئالىي باش لىدىرى لىجىيەنشىنى دىمەي تۇرايلى ، سامسوڭ ئىلىكتىرونىنىڭ ( بۇ گەپكە دىققەت قىلىڭ!) لىدىرى جېيكېيشىننىڭ ئالدىدىمۇ كورىيە زۇڭتۇڭى لۇيمىڭباكنىڭ پۈكلىنىپ تازىم قىلغانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەيدۇ.
ئەمدى سامسوڭ توغۇرلۇق يەنە تەپسىلى توختالمايمىز. سەللا ئويلانسىڭىز يۇقارقىلار سىز ئۈچۈن ياخشى ئىزدىنىشنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قالىدۇ. ئىشىنىڭ بۇلار سىزنىڭ بۇ ساھەگە نىسبەتەن ئومۇمى ساپارىڭىزنى يۇقرى كۆتۈرۈشتىكى ناھايىتى مۇھىم ئۇقۇملار.
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ، قايسىلا شىركەت ئىشلەپ چىقارمىسۇن ،ئوخشاش بىر نوقتىدىن چىقىپ ئوخشاش بىر مەھسۇلاتنى ئۆزىگە خاسلاشتۇرۇپ لاھىيەلىمەكتە ، 2006_ يىلى تۇنجى ئالما يانفونى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كىشىنى پاھ ! دىگۈزگۈدەك بىر يېڭىلىق يوق . پەقەت شۇ يېڭىلانمىلارلا بار خالاس .
ئاخىرقى سۆز : بۇ ساھەنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھىس قىلغان قېرىنداشلار ! ، بۇ ساھە ھەققىدە يەنە داۋاملىق تەھلىلەرنى يوللاپ تۇرىمەن .
يەنە باشقا يازمىللىرىمنى بۇ مەنزىللەردىن كۆرۋالساڭلار مەنزىل : http://alip.biz/thread-18330-1-1.html http://alip.biz/thread-18298-1-1.html http://alip.biz/thread-18382-1-1.html
2013/8/17 __ پادىچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Muslim_Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-22 09:08 PM
|