ئىلتىجا
ئىلاھىم نەدە قويساڭ قوي، رەقىپنىڭ قولىدا قويما،
رەقىپلەر توغرا دەپ بىلگەن-زالالەت يولىدا قويما.
مۇھەببەت دەشتىنى كەزگەن ئۇلاشسۇن لالىزارلىققا،
ۋىسال قۇچسۇن چىن ئاشىقلار، ھىجراننىڭ چۆلىدە قويما.
ھاياتلىقتا جىمى جانلىق ياشايدۇ سەپلىرى ئۆزرە،
ياقىلار بولمىسۇن ئىتەك، ئېتەكنى دولىدا قويما.
ھالال تاپسۇن نىمە تاپسا،دىيانەت ئىزلىگەن ئىنسان،
ئۇلارنىڭ قەددىنى تىك قىل، كاۋاك-بوش ھۇلىدا قويما.
تىلىكى ياخشىلىق بولسا،بەختنى كۆزلىگەنلەرمۇ،
راۋاج تاپسۇنكى ھەرئىشتا، تەلەينىڭ سولىدا قويما.
ئاسايىشلىق دەۋر سۈرسۈن ئانا تۇپراقتا مەڭگۈلۈك،
ئامان قىلغىن ئانا يۇرتنى،پىغاننىڭ مۇڭىدا قويما.
غاپىللىق ئىلكىدە ياتماي، ئاقىل بولساڭ مۇھەممەت سەن،
تىلە دائىمكى ئاللاھتىن« دوزاخنىڭ ئوتىدا قويما»!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-22 01:24 PM