مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 11

غۇنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەلكىم تاشلار بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3498
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 09:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                        غۇنچە


            يىشىل يۇپۇرماقلارغا قاراپمۇ قويمىغان ئادەملەر ، ئەمدىلا پورەكلەپ ئېچىلىش يولىغا قەدەم باسقان غۇنچىلارغا ئامراقلىقى كىلىدۇ . گۈلنى سۆيدىغانلار غۇنچىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ رەڭگارەڭ گۈلچىمەنلەر ئارىسىغا قوشۇلىشىنى كۈتىدۇ . ئۇنى ئاسراپ ئۆستۈردۇ ، ئۇنى قوغدايدۇ . لېكىن گۈلنى مۇنداقلا ياخشى كۆرىدىغانلار ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت قىلدىغانلار ، ھەۋەس قىلدىغانلار ئوخشىمايدۇ . ئۇلار ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىنىمۇ بوش قۇيۋەتمەيدۇ . ئۇنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ خۇش پۇراق چېچىشىنى كۈمەيلا ئۇنى شېخىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەيلا سولۇشۇپ قالغان غۇنچە كۆزىگە سەت كۆرۈندۇدە ئۇنى تاشلىۋىتىدۇ .
            ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتى گۈزەل نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈش، لېكىن ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىپ گۈزەللىكنى سۆيدىغانلار بىلەن ياخشى كۆرۈشنى چىرايلىق باھانە قىلىپ گۈزەللىكنى دەپسەندە قىلدىغانلارنىڭ ماھىيتى ئوخشامدۇ دەمسىز ؟
            ئەمدىلا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچە شېخىدىن ئۈزۈپ تاشلاندى . ئۇنى ئۈزۈپ تاشلىغان سىز ھوزۇرلاندىڭىزمۇ ؟ سىز ھوزۇرلانغانكەنسىز ئۇ سولۇشۇپ قالغاندا يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇنى تاشلىۋەتتىڭىز ؟ بىردەملىك ھوزىرىڭىز ئۈچۈن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلىغىنىڭىزدا ئۇنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ خۇشپۇراق گۈللەر ئارسىغا قېتىلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى ئويلاپ قويغانمىدىڭىز ؟ گۈزەللىككە ئىنتىلگەن سىز نىمىشقا غۇنچىنى پەرۋىش قىلىپ قوغداشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز ؟ ئۇنى تەشتەككە كۆچۈرۈپ ئۆيىڭىزگە ئەكىرۋالغان بولسىڭىزچۇ كاشكى ، سىزنىڭ ئاسراپ ، كۆينىشىڭىز ئارقىسىدا ئۆيىڭىزگە خۇش ھىدىنى تارقاتقان ، گۈزەللىك قوشقان بولماسمىدى ... سىز تاشلىۋەتكەن ئاشۇ بىچچارە غۇنچىنى ئەمدى يەنە بىرەسى قولىغا ئالارمۇ ؟ ئېلىش ئەمەس قاراپمۇ قويماسلىقى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئەمدىكى بارار جايى بىر دۆۋە كېرەكسىلەر ئارىسى بولىدۇ خالاس . ئۇ بۇ يەگە كېلىشنى ئۆزى ئارزۇ قىلامتى ؟ ئۆزىنىڭ غۇنچە پەسلىگە قانماي ، قەلبىگە پورەكلەپ ئېچىلىش ، ئەتراپىغا خۇشپۇرىقىنى چېچىشنى ئىستەك قىلغان ئاشۇ غۇنچە ئۆزىنىڭ كېرەكسىزلەر دۆۋىسىدە بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئەلۋەتتە . مېنىڭ تەقدىرىم شۇكەن دىسىنمۇ ؟ ۋە ياكى ئۇنى غۇنچە پەسلىدىن ۋاقىتسىز ئايرىغان سىزدىن نەپرەتلەنسىنمۇ ؟
            كېرەكسىزلەر دۆۋىسىدە سوقۇلۇپ قېقىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا بۇ يەرگە تەۋە ئەمەسلىكىنى كىملەرگە يىغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۇسىمۇ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغانلار چىقامۇ سىزچە؟ ئەلۋەتتە كۆز ئالدىدىكى رىيانلىققا تەن بەرگىسى كەلمەيتتى ، يەنىلا ئىشەنچ قىلاتتى بىراۋنىڭ ئۇنىڭ سۇلغان ھالىغا قاراپ ئىچى ئاغرىپ ئېلىپ كىتىدىغىنىغا ئىشەنچ باغلايتىيۇ يەنىلا ئەتراپىغا قاراپ ئۈمۈتسىزلىنەتتى ، چۇنكى بۇ يەردە ئۆزىگە ئوخشاش غۇنچىلا كۆپىيۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ ھىچ بىرىنى بىراۋ ئېلىپ كەتمىگەن ئىدى . غۇنچە نەپرەتلەندى سىزدىن ھەم سىزگە يولۇقۇپ قالغان ئۆزىدىن قاتتىق نەپرەتلەندى . بۇ رەھىمسىز رىئاللىق ئىچىدە قەلبىگە ئۈمۈدنى پۈكۈپ ياشىماقتا ، ئۈمۈد گەرچە ئۆچەي دەپ قالغان سەرەڭگە ئوتى ئۇچقۇندەك بولسىمۇ ئۇ تېخىچە ھاياتتىن بەل قويۋەتمىدى .
             سىزدەك قۇلىقى ئاڭلىماس ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ كەتكەن ، يۈرەكلىرى قېتىپ كەتكەن  بىراۋ . كىچىككىنە غۇنچىنىڭ نالا - پەريادىنى ، كۆز يېشى ، ئاھۇ - پەريادىنى نە كۆرەلىسۇن ، نە ئاڭلىيالىسۇن ؟ ئاڭلىسىمۇ قېتىپ كەتكەن يۈرەكتە ئىنكاس بۇلامدۇ ؟ لېكىن مەن يەنىلا نۇرغۇن كۆرەلەيدىغان ، ئاڭلىيالايدىغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن . غۇنچىلارنى قەدىرلەپ قوغدايدىغان ، ئۇلارنىڭ پورەكلەپ ئېچلىپ خۇش پۇراقلارنى چېچىشىدىن مەمنۇن بولىدىغان ، ‹‹ھاي ، ئۇ تېخى بىر غۇنچىغۇ... ›› دەپ غۇنچىنى ئۈزۈشكە ئۇزىتىلغان قوللىرىنى تۇتۋالالايدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بارلىقىغا ئىشىنىمەن .



مەنبە : قەلبىم ( ئەلكۈيى تورىگىمۇ يازغان)

ھەممەيلەنگە بەخىت سائادەت يار بولسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98672
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-10-13
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 01:49:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز تەربىيۋى ئەھمىيىتى زوركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6722
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 11:34:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىشىل يۇپۇرماقلارغا قاراپمۇ قويمىغان ئادەملەر ، ئەمدىلا پورەكلەپ ئېچىلىش يولىغا قەدەم باسقان غۇنچىلارغا ئامراقلىقى كىلىدۇ . گۈلنى سۆيدىغانلار غۇنچىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ رەڭگارەڭ گۈلچىمەنلەر ئارىسىغا قوشۇلىشىنى كۈتىدۇ . ئۇنى ئاسراپ ئۆستۈردۇ ، ئۇنى قوغدايدۇ . لېكىن گۈلنى مۇنداقلا ياخشى كۆرىدىغانلار ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت قىلدىغانلار ، ھەۋەس قىلدىغانلار ئوخشىمايدۇ . ئۇلار ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىنىمۇ بوش قۇيۋەتمەيدۇ . ئۇنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ خۇش پۇراق چېچىشىنى كۈمەيلا ئۇنى شېخىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەيلا سولۇشۇپ قالغان غۇنچە كۆزىگە سەت كۆرۈندۇدە ئۇنى تاشلىۋىتىدۇ .

بۇ يەر ماڭا بەك ياقتى.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 11:52:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   توغرا دەيسىز، قۇلىقى ساق ئەمما ھەق سۆزنى ئاڭلىمايدۇ. كۆزى ساق ئەمما ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلىقىنى، كۆزىنى ئۇنىڭ قەلىب گۈمرالىقىغا قاراپ ھەقنى ۋە ھەققانىيەتنى كۆرمەس ۋە تېڭشىماس قىلىپ، ئاللاھ ئۇنلارنىڭ  كۆز- قولىقىنى  پىچەتلىۋەتكەن.     ئاللاھ بارچە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھېدايىتى ۋە رەھمەت يولىغا باشلاپ،  ھەقنى بىلىدىغان ھەقنى چۈشۈنىدىغان تەقۋالاردىن قىلىۋەتكەي ئامىن !!!

   قەلەم تۇلپارىڭىز ھىرىپ قالمىغاي. رەھمەت سىزگە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 12:46:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى غۇنچىنى ياخشى كۆرىدىغانلاردا ،غۇنچىنى چۈشۈنىدىغان ئىستىتىك تۇيغۇ بولسا ئاندن غۇنچىنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ.بولمىسا----

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3540
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 12:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز........... قايىللىقمنى قاندق ئىپادىلشنى بىلمىدىم. ئاپىرىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 01:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىغاي... كۆپرەك غەمخورلۇق قىلارسىز

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78450
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3423
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 02:56:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى يىزىپىىسىز

بىر قەدەمىنى خاتا ماڭساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355822
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 05:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن ، تېخىمۇ تىرىشىڭ .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20197
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2262 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 06:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپراق+تىكەن = گۈل

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش