كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى،ھەممىڭلارغا كەمىنە شەررارىدىن ئوتلۇق سالام! ھەممىمىزگە مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرى ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يورۇتۇپ تۇرغۇچى مۇھەببەت قۇياشىدۇر ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت رىشتىسىنى يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاشتۇرغۇچى سۆيگۈ-مېھىر ئەلچىللىرىدۇر. مانا مۇشۇنداق مەرىپەت ۋە مۇھەببەت ئەلچىللىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ، ئەجرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەربىر مەرىپەت يۈزى كۆرگەن ئىلىم شەيدالىرىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى ۋە ھايات قەرزى ئەلۋەتتە !
مەرھۇم ئالىمىمىز ، مول-ھوسۇللۇق ئەدىب ، تۆھپىكار مائارىپچى ،مۆھتىرەم ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ ئەنە شۇنداق پىداكار ، ئەزىمەت ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى . دەل مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى 2013-يىل 27-سىنتەبىر چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى2:30دىن4:30غىچە بولغان ۋاقىتتا مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . مەقسىتىمىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ < ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنگەن جاي دەل بەخت قۇشى ئەنقانىڭ تۇخۇم باسقان ماكانىدىن ئىبارەت . ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنمىگەن جاي ئالتۇن كۆمۈلگەن خارابە ئۈستىدە ھۇۋقۇش ھۇۋلايدىغان ماكاندىن ئىبارەت > دىگەن سۆزىنى كىتاب يۈزىدىن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب سەيناسىغا نەقىشلەش ۋە مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىمىز ، يۈكسەك ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى . بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك روياققا چىقىشىنى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلىشىدىن شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمىزنىڭ ياردەمدە ۋە ھەمدەمدە بولۇشلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . شۇ سەۋەپ مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇشبۇ تەسەۋۋۇرۇمنى رىئاللىق ساماسىغا ئۆرلىتىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن مەرىپەت سۆيەر مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ، ئەزىز ئوقۇتقۇچىلىرىمغا چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن!!! مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنبەرگە ۋاقتىدا يوللىيالمىغان بولساممۇ <ئىلىمنىڭ كانى پۈتمەس،ھېكمەتنىڭ ۋاقتى كەتمەس>دىگەن ئەقىدەم ئۇشبۇ مەزمۇننى مۇنبەرگە يوللۇشۇمغا مەدەت بولدى.نۆۋەتتە مەزكۇر بائالىيەتنىڭ ئۇمۇمى كۈن تەرتىپى ۋە جەريانلىرىدىن ئۇچۇر بېرىمىز: پائالىيىتىمىز 27-سىنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:30دا مۆھتىرەم ئۇستازلىرىمىز ئەجرىگە ۋە ھۆرمىتىگە بېغىشلانغان <مۇئەللىم>دىگەن ناخشا بىلەن باشلاندى . زال ئىچى چوڭقۇر ئويغا ۋە مېھىر-مۇھەببىەتكە تولدى . ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويغا تولغان كۆزلىرىدىن مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىلىمگە شەيدالىق ، ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامدا بولۇشتەك ئسىل تۇرمۇش ئېتىقادىنى كۆرگەندەك بولدۇق.
پائالىيىتىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈن تەرتىپىدە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمھالىنى تالانتلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئابلەت مۇئەللىم جانلىق ۋە ھىسياتلىق ئوقۇپ بەردى .تۇلۇق 1-يىللىقتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئالىمنىڭ ئاچچىق ھايات سەرگۈزەشتىللىرىنى ، ئىلىمگە ۋە خەلقىگە بولغان ئەقىدە-مۇھەببىتىنى چۈشۈنۈپ ئالىمنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر ئېتىرامىنى بىلدۈردى.
پائالىيىتىمىزنىڭ ئۈچىنچى كۈن تەرتىپىدە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ <سۈكۈنات>دىگەن ئەسىرى مۆھتىرەم ، كەسىپكە پىشقان تالانتلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز رىزۋانگۈل مۇئەللىم تەرىپىدىن جانلىق ، ھىسياتلىق ھالدا دېكلىماتسىيە قىلىندى . بىز بۇ ئەسەرنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئالىمنىڭ سۈكۈتكە ئەمەس سۈكۈناتقا تولغان ھاياتىغا قايتىدىن نەزەر تاشلىغاندەك بولدۇق.
پائالىيىتىمىزنىڭ تۆتىنجى كۈن تەرتىپى بويىچە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ نەشىر قىلىنغان رۇبائىيلار توپلىمى <رۇبائىيات> تىن ئېلىنغان سەككىز پارچە نادىر رۇبائىيسى لىرىك يۇسۇندا ئوقۇغۇچىمىز ئەقىدە تەرىپىدىن دېكلىماتسىيە قىلىندى ۋە بىزنى تەپەككۇر خىلۋەتگاھىغا باشلىدى.
تور سۈرئەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ:http://v.youku.com/v_show/id_XNjIyNDUwNTAw.html
پائالىيىتىمىزنىڭ بەشىنجى كۈن تەرتىپىدە ئۆزۈمنىڭ مەخسىۇس مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۈچۈن يازغان<ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى>ناملىق ئېتوتۇم جەۋلان ، مەرھەمەت قاتارلىق ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ئاڭلىق ماسلىشىشى ئاساسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. <ھەربىر مەنىلىك ئىش كىشىگە كۈلكە ئېلىپ كېلەلىشى ناتايىن ئەمما ھەربىر كۈلكىدە چوقۇم مەنا بولىشى كىرەك> دىگەن ئەقىدەم يازغان بۇ ئېتوتۇمدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندەك قىلاتتى.
تور سۈرئەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ:http://v.youku.com/v_show/id_XNjIxNTM0NjQw.html
پائالىيىتىمىزنىڭ ئالتىنجى كۈن تەرتىپىدە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ <ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا>ۋە<ئوقۇغۇچى توغرىسىدا>دىگەن ئىككى مۇنەۋەر ئەسىرى بىرلا ۋاقىتتا تالانتلىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئىسلامجان مۇئەللىم بىلەن ئوقۇغۇچىمىز نۇربىيەنىڭ ھىسياتلىق جانلىق دېكلىماتسىيە قىلىشى بىلەن دىئالوگ شەكىلدە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ۋە بىزنى سۈيۈنۈش تۇيغىسىغا غەرق قىلدى.
پائالىيىتىمىزنىڭ يەتتىنجى كۈن تەرتىپى پېقىر ئۆزۈمنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە ئاتاپ يازغان ، كەڭ تورداشلار بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشكەن < ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە مەرسىيە > ناملىق ئەسىرىمنى ئوقۇشۇم بىلەن داۋام ئەتتى ۋە مۆھتىرەم ئۇستازلىرىمنىڭ ياخشى باھاسى ، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىگە نائىل بولدى.
تور سۈرئەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ:http://v.youku.com/v_show/id_XNjIyMzMzNjI4.html
پائالىيىتىمىزنىڭ سەككىزىنچى كۈن تەرتىپىدە ئوقۇغۇچىمىز ئەلفىرە مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ<ئات بىلەن ئات مىنگەن كىشى>دىگەن پەلسىەپىيىۋى ئۇچقۇنلار بىلەن بېزەلگەن نادىر ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسىراتىنى ئوقۇدى ۋە بىزنى قايىل قىلدى.
تور سۈرئەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ:http://v.youku.com/v_show/id_XNjIxNDIwMzI0.html
پائالىيىتىمىزنىڭ خاتىمە قىسمى كەڭ ئىلىمخۇمارلارغا بېغىشلانغان،تۇلۇق 1-يىللىق1-سىنىپ كوللىكتىپى ئىجراسىدا ئورۇندالغان <بىلىم ئىشقىدا>دىگەن ناخشا بىلەن ئاياغلاشتى.بۇ نۇمۇر سەھنىدىكى ناخشا ئورۇندىغان ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس پۇتۈن زالدىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىمۇ ھاياجانغا سېلىپ كۆزلىرىگە ياش كەلتۈردى ، ھەتتا قىسمەن ئەزىزلىرىمىزنىڭ كۆزىدىن ئىسسىق ياشلار تۆكۈلدى . ناخشىنىڭ ئوتتۇرى قىسمىدىن باشلاپ پۈتۈن زالدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن سەھنىدىكىلەر بىلەن بىرگە بۇ ناخشىنى ئاخىرغىچە ئېيتىپ تۈگەتتى.
تور سۈرئەت كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا بۇ ئادىرىس ئارقىلىق كۆرۈڭ:http://v.youku.com/v_show/id_XNjIyNjQ3MDEy.html بۇ خاتىرە پائالىيىتى ھەم ئۈلگىلىك ھەم مەنىلىك بولدى.مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مانا مۇشۇنداق خەيرىلىك ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ھەمدمدە بولغان مەرىپەتپەرۋەر مەكتەپ رەھبەرلىكىگە يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك روياققا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇر مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىللىرىمغا تەشەككۈرۈمنى ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ئاخىرىدا مىنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان سۈيۈملۈك مەكتىپىمگە،مۆھتىرەم ئوقۇتقۇچىللىرمغا چىن يۈرىكىمدىن تەشەككۈرۈمنى ۋە ئالىي ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. رەھمەت سىلەرگە سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىم!!!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:شەررارى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-22 04:36 AM
|