نىمىشقا ۋىندوۋس سېستىمىلق تېلفۇنلارغا ئۇيغۇرچە ئەپ ئاچقۇچىلار يوق ؟
تاكى نوكىيا بىلەن مىكروسوفىتنىڭ ھەمكارلىقى باشلانغاندىن تارتىپ مانا بۈگۈنگە كەلگۈچە ۋىندوۋىس سېستىمىلىق تېلفۇنلار ئاز بولسىمۇ بىر كىشلىك بازار ئۈلۈشى بىلەن داۋاملىق تەرەققى قىلۋاتىدۇ..مەسىلەن نوكىيانىڭ لۇمىيا نامىدىكى 1520،1020،925،928،720،520،625،620 قاتارلىق ۋىندوۋس سېستىمىسىدىكى تېلفۇنلار. ئەمدىكى گەپ، نىمىشقا بۇ خىل تېلفۇن سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە ئەپ ئاچقۇچىلار يوق ؟ مىنىڭ بۇنداق كىسىپ ئېيتىشىمدىكى سەۋەپ مەنمۇ ۋىندوۋس سېستىمىلىق تېلفۇننىڭ ھەۋەسكارلىرىدىن بىرى. تاكى 520 نى ئىشلەتكەندىن بېرى نوكىيانىڭ ئەپ بازىرىدا ئۇيغۇرچە ئەپتىن پەقەت بىرنىلا كۆردۇم (پەقەت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىكەن) قالغانلىرى ئاساسەن داڭلىق IT شىركەتلىرىنىڭ ئەپلىرى،مەسىلەن تېڭشۇننىڭ QQ، ئۈندىدار، شىنلاڭ مىكرو بىلوگ، 56،يوۋكۇ دىگەندەك ..مىنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلاردىن سورايدىغىنىم.
ئۇيغۇر تىلىنى %100 قوللايدىغان مۇشۇنداق ياخشى سېستىمىدا نىمىشقا بىر تالمۇ ئۇيغۇرچە ئەپ تاپقىنى بولمايدۇ ؟؟
1. ۋىندوۋس سېستىمىسىغا ئەپ ياساش ئاندىروئىت بىلەن ios سېستىمىسىغا قارغاندا مۇرەككەپمۇ ؟
2. ۋىندوۋس سېستىمىلىق تېلفۇنلارنى ئىشىلتىدىغان كىشىلەرنىڭ باشقا ئىككى سېستىمىلىق تېلفۇن ئىشلەتكۈچىلەردىن ئاز بولىشى سەۋەپلىكمۇ ؟
3. ۋىندوۋس سېستىمىلىق تېلفۇنلارغا ئەپ ئېچىش بەك يۇقىرى كەسپى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان تەس ئىشمۇ ؟
يەنە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، ئۈستىدىكىلەر مىنىڭ ئېسىمگە كەلگەنلىرى، ئەگەر سىزمۇ مۇشۇ خىل سېستىمىلىق تېلفۇن ئىشىلتىۋاتقان بولسىڭىز بىللە ئورتاقلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن..
ھەم مۇشۇ توغرىسىدا رازى بولغۇدەك جاۋاپقا ئېرىشەلىسەم 5000 مۇنبەر پۇلى بار ئاز بولسىمۇ ..
قوشۇمچە بولسىمۇ لۇمىيا ناملىق تېلفۇنلاردىن ھوزۇرلىنىڭ : (مەزمۇن ئاز دەپ ئۆچىرىۋەتمىسۇن تېمىنى ..)
1. Lumia 1520
2. Lumia 1020 مانا بۇ 41مىلىيون پېكسىللىق تېلفۇن ! (دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى پېكسىللىق)
3. Lumia 928
4. Lumia 925
5. تۆۋەندىكىسى مەن ئىشىلتىۋاتقان 520