سەھرا
بېخ سۈرۈپ كۈلگەن مايسىلار سەھرا،
كۆككە ھەم چېھرىنى چاچماقتا سەھرا.
دېھقانلار ئېتىزدا ھېرىپ چارچىشىپ،
نامايەن ئەتمەكتە سېھرىڭنى سەھرا.
كۆتۈرلۈپ توپىلار چاچلاردا توزان،
ئانا يۇرۇت لىۋىمدە دىلرابا سەھرا.
قىزلىرىڭ چوكانتال چاچلىرى سۇمبۇل،
يېرىلغان يۈزلىرى ئاناردۇر سەھرا.
قىرى-ياش ھەرجاندا ھەرمىنۇت ئەمگەك،
كائىنات پەرۋىشى كۈيچىسى سەھرا.
قۇملۇقلار پايانسىز ئەسلىنەر تارىم،
كىسەللەر شىپائى پەرىشتەم سەھرا.
مۇھەببەت ئىشقىدا خەندان ئۇرۇشتىن،
ياش ئالار تەخىرسىز كۆزلەرگە سەھرا.
يوللارغا ھەمراھدۇر قوشنىدۇر ئىرىق،
خۇيلىرى سۈپسۈزۈك پاك قەلىپ سەھرا.
ئادەملەر راھىشلىق مېھنەت سۆيگىسى،
غۇبارلىق كۆڭۈللەر سەھنىسى سەھرا.
جەم بولۇپ جانۋارلار ئايدىڭ كېچىدە،
سىردىشىپ ئۆتمەكتە بەخىتلىك سەھرا.
قىيىقلار دەريادا ئەركىن لەيلىشىپ،
سالىققا نەزەردە قۇياشىم سەھرا.
ئازادە ئۆيلىرى سالقىن كەپىلەر،
خان ساراي كەبىدۇر سەيلىگاھ سەھرا.
سەپ تۈزۈپ دەرەخلەر جەڭگە تەييار ھەم،
شاماللار غەۋغاسى سۇلىرى سەھرا.
تىرىشار سۇلاردىن ئاينى سۈزۈشكە،
شۇ قەدەر يېقىملىق ئانا يۇرت سەھرا.
مېھرىبان ئانىلار چولپان كۆزلىرى،
قىزاردى تونۇردا رەڭگارەڭ سەھرا.
بايرامدا كوچىلار ئەتلەس دېڭىزى،
كۇلالار شەنىگە ھۆرمەتتە سەھرا.
گەۋرىلىك ئوغلانلار تەلپۈنۈپ تۇرار،
ۋىجداننىڭ ئانىسى كۆكلىرى سەھرا.
بولسىمۇ كۆرۈمسىز ئۆيلەر دومبىدەك،
ئىللىقلىق سەندىدۇر قارچۇغۇم سەھرا.
بوۋايلار-مومايلار ئيتىشىپ چۆچەك،
سۆزئاچار قەدىمدىن ھازىرغا سەھرا.
كۈتۈشى ھەركېمنى جاندىلدىن ئەبەت،
تۈلكىمۇ ئىتەكتە مېھماندۇر سەھرا.
يىشىللىق باغلىرىڭ ئايۋانلىرىڭ ھەم،
مەۋجۇدات ئىگىسى تىنىقى سەھرا.
ئىتمۇ ھەم مۈشۈكمۇ يىقىن دوستانە،
مۇھەببەت يىلتىزى مەنبەسى سەھرا.
قەيسەردۇر كىشىلەر توغراقتىن پەرق،
جان كۆيەر جاپاغا جەسۇر سەن سەھرا.
زۇلمەتلىك كىچىلەر گۈزەل تۇلۇن ئاي،
شادىمان بىزلەرگە مېھرىباغ سەھرا.
قىشلىرى ئېتىز ھەم ئىرىقلار تەنھا،
كىرىدۇ ئۆچەككە شاد-خۇرام سەھرا.
لەگلەكلەر قەدەمدە ئۈزۈلۈپ تۇرار،
چۈنكى سەن كۆكلەمنىڭ گۈلزارى سەھرا.
سۆيۈنەر ھەركىشى سىنىڭ مېھرىڭدىن،
ھەممىگە تونۇشلۇق مېھرىبان سەھرا.
سۇلىرىڭ ئۆركەشلەر ئادەملەر بىلەن،
بىلىقتەك ئۈزەر ھەم دولقۇندا سەھرا.
قاتنىشىڭ ئىشەكتۇر ھاڭىراپ مېڭىشى،
خۇشالدۇر سىنىڭدىن قەۋىمى سەھرا.
ھىچ كىشى سىرىتلاردا ئۆتمەس يىگانە،
ساھىپخان ھەممىگە باغرى كەڭ سەھرا.
ساناقسىز يۇلتۇزلار يىقىنلا پەقەت،
سىردىشىپ پۇخادىن چىقىدۇ سەھرا.
كاككۇكمۇ زەينەپنى باغرىدىن ئىزدەر،
مۇھەببەت ئەلچىسى باغچىسى سەھرا.
تىنىمسىز ھەركەتتە بولغاچقا ھەممە،
بارچە ئەل مەردانە ساغلامدۇر سەھرا.
ماڭغاچقا ھارۋىدا سالقىن بېقىشىپ،
قۇشلارمۇ كۆرگەندە ھەيراندۇر سەھرا.
كۈن چىقىش ئالدىدا ياتماس ھىچ كىشى،
قەيسەرلىك بازىسى سورۇنى سەھرا.
پاناھتۇر ھەركىمگە باشقا كۈن چۈسە،
كۆز يۇمۇپ ياتلىماس ئاق كۆڭۈل سەھرا.
باھاردۇر ھەرئىشنىڭ بىشى پەقەتلا،
چىڭ تۇتار پۇرسەتنى تېرىشچان سەھرا.
بالىلار قىززىتار ئايدىڭ كېچىنى،
قىرىلار خورەكتە ئۇخلىشىپ سەھرا.
نەپىسلىك نەقىشلەر سالقىن ئايۋانلار،
باراڭلار شەنبەمدە كۈلمەكتە سەھرا.
سازەندە ھۈنەرۋەن ھەممىسى بىردەك،
ئايرىلماس كەسىپلەر باراۋەر سەھرا.
قىز-يىگىت بىقىشار تىمتاس كىچىلەر،
مۇھەببەت پەيزىگە جۆرىدۇر سەھرا.
سەھرادۇر جاپاكەش لېكىن رەھىمسىز،
ۋىجدانسىز پەسلەرگە قەھەتتۇر سەھرا.
كۈلدۈرۈش ئۈچۈندۇر كۈلسەڭ ناۋادا،
ئەكسىچە بولماس ھەم قۇياشىم سەھرا.
كىچىدە سۇ تۇتۇپ مۈگىدەپ قىرلاردا،
يەر بىلەن بىر بەدەن بولىدۇ سەھرا.
ھالبۇكى پاشىدا قالغان بەدەنلەر،
ھىجراندا ھەسرەت چىكىدۇ سەھرا.
يامغۇردا توپىلار بانان شۆپىگى،
ئۈندەشتە ئېھتىيات قىلىشقا سەھرا.
قارلىرى زىمىننىڭ پاكلىق ئەلچىسى،
چىدىماس يۈرۈگۈم دەسسەشكە سەھرا.
كىشىلەر ئاياغسىز ماڭار راھەتتە،
شۇنچىلىك ئىللىقتۇر كان كەبى سەھرا.
ئىشلىشىپ ئېتىزدا ھېرىپ-چارچىشىپ،
جاپادا قوللىرى قاپىرار سەھرا.
بېرىدۇ ھەقسىز نۇرغۇن نەرسىنى،
قىلچىلىك مېھنەتسىز دىيارىم سەھرا.
يىلمۇ-يىل كۆكلەمگە تۆھپىلەر قوشۇپ،
كۆچەتلەر تىكمەكتە سايلارغا سەھرا.
تاپ پۇراپ ياتقانلار ھورۇن ئىشەكتەك،
ئۇلارغا مەڭگۈلۈك بىۋاپا سەھرا.
ئۆيلىرى زىلچىدىن مىللىيچە بېزەك،
ئەجداتلار ۋارىسى كارتىنا سەھرا.
ئۇچۇرسىز بەخىتسىز لېكىن بەزىدە،
دەتمەنلەر مازارى جەڭگاھدۇر سەھرا.
قوۋزۇقى سويۇلغان قاقشال دەرەخلەر،
تىپىلماس سەۋەپسىز گۈزەلدۇر سەھرا.
يۆلەكسىز بەندىلەر كەلدىلەر ئۈچۈن،
مەڭگۈلۈك پاناھى، قاياشى سەھرا.
ناشتىلىق ھەركىمگە چوقۇم بىر زاغرا،
ئىسراپسىز دانچە ئاش تىجەشلىك سەھرا.
چىڭقى چۈش يازلىرى سۇ پەرى يۈزلەر،
چاڭقىشىپ ئاپتاپتا كۆيمەكتە سەھرا.
قىشلىرى سوغۇقتىن ئۈنسىز تىترەش،
دەرەخلەر چاك-چاك بوپ يېرىلدى سەھرا.
باھاردا مۇزلىرى ئېرىپ ئىللىشىپ،
يازدىكى كەلكۈنگە ئۇل سالار سەھرا.
ياتلىماس ناتونۇش بولسىمۇ گەرچە،
يۇرت ئىچى تىنىچ-ئامان قەدىمى سەھرا.
باغلاردا مېۋىلەر قىپقىزىل پىشقان،
خۇشاللىق بىغىشلار دىللارغا سەھرا.
كۈزلىرى ياپراقلار ئالتۇن رەڭلىشىپ،
پەردازلاپ يوللارنى يۈرمەكتە سەھرا.
قىممەتتۇر ھەرنىمە چىنلىقى بىلەن،
كەپىنى داچا دەپ سۆزلىمەس سەھرا.
بىباھا بۇلاقلار ئابى ھاياتتۇر،
سۆزلىرى مارجانە دۇردانە سەھرا.
چىنەڭگە ھەر ۋاقىت زەم-زەم قۇيغىسى،
مىھنەتسىز ھەق ئىلىش پەسلىكتۇر سەھرا.
كىمكى ئاغرىنسا سەھرا قەھرىدىن،
ناھەقتۇر سەھراغا پاسىبان سەھرا.
چىقماقتا يېڭى كان بايلىق داچىسى،
جاھاننامە ئەينىكى كۆزنەكتۇر سەھرا.
چارۋىلار يايلاققا ھۆسۈن قوشۇشۇپ،
جەلىپكار بولدىغۇ مەھلىيا سەھرا.
بۇلبۇللار شاخلاردىن جۆرە ئىزدىشىپ،
نەزىرى سىنىڭدە قىزىلگۈل سەھرا.
بۇلاقلار شىپالىق بىر تىۋىپ گويا،
تامچىلاپ تاشلارنى تەشمەكتە سەھرا.
ھاياتنىڭ ئىگىز-پەس داۋانلىرىدا،
بىر پىشاڭ تەڭپۇڭلۇق دىلرابا سەھرا.
شاماللار توختاۋسىز ئۇچۇرۇپ دەرىتنى،
بىربەلگە بەخىتنى كۈتمەكتە سەھرا.
ماڭارمەن مەردانە دىلكەش سىنىڭدە،
ئانا يۇرت قەۋىمىم تاغارچى سەھرا.
بەختىيار مامۇت چــــــــــــــــــــــۈش
2008-يىلى 4-ئايىنىڭ 15-كۈنى يەكەن تاغارچى