|
|
|
|
مەزكۇر فىلىم TED يۈرۈشلۈك نۇتۇقلىرىنىڭ 7-قېتىم يوللانغان فىلىمى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ TED نۇتۇقلىرى جىددىي تەييارلىنىۋاتىدۇ، پۈتكەندە بىر-بىرلەپ تورداشلارغا تەمىنلىنىدۇ.
فىلىم ھەققىدە:بۇ فىلىم ئاددىي ھالدىكى بىر تەشۋىقات فىلىمى ئەمەس، ئۇ خۇددى بىر پەلسەپىلىك چۈشەندۈرۈشكە ئوخشايدۇ: سېرگېي برىننىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى نېمىشقا بۇ كۆزەينەك شەكلىدىكى، كامېرا/كومپيۇتېر تىپىدىكى مەھسۇلاتنى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ؟ بۇ خىل يېڭىچە ئۇچۇر تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ قول، كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى ئازاد قىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ كىشىلەرنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ…
فىلىم نامى: سېرگېي برىن: نېمىشقا گۇگل كۆزەينىكىنى ياساپ چىقىمىز؟
فىلىم تۈرى: نۇتۇق
تارقاتقان ئورۇن: TED.com
تارقىتىلغان ۋاقتى: 2013-يىلى
تىلى: ئىنگلىزچە
يېزىقى: ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە قوش خەتلىك(بېكىتىمىزدە تور يۈزىدە تۇرۇپلا يېزىقلارنى ئۆزگەرتىش ۋە خەتسىز كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى، CC كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرۇڭ)
ئۇزۇنلۇقى: 7 مىنۇت
رازمېرى: 480*848
تەرجىمە قىلغۇچى ئورۇن: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
كەسمىلىرى
بۇ فىلىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە تەرجىمە قىلىندى. فىلىمنى توردا بىۋاسىتە يېزىقىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈش ۋە خەتسىز كۆرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەندىن سىرت يەنە، بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېرلارغا قاچىلاپ كۆرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرى ئېنىقلىقتا MP4 كە پرېسلانغان قوش خەتلىك نۇسخىسى تەمىنلەندى. پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى، سودا تەسۋىقات ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. پىكىر-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
توردا كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش ئادرېسى: بۇ يەرنى چېكىڭ
|
|
|
|
|
|