مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1142|ئىنكاس: 5

[تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 2 (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13440
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-21 11:48:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە نامى : ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ
باشقا ئۇيغۇرچە نامى: تىلىڭىزنى بېيىتىڭ
ئىنگلىزچە نامى : Mind Your Language
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 1977 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى 2013 - يىلى 5 - ئاي
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013 - يىلى 8 - ئاي
دۆلىتى : ئەنگلىيە
ژانىرى : كومېدىيە\تىل ئۆگىنىش\قىزىقارلىق\مەكتەپ
تىلى : ئىنگلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە\ئىنگىلىزچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزى
ئۇزۇنلۇقى : ھەربىر قىسمى 24 مىنۇت
بۆلۈم سانى: 4 بۆلۈم(ھازىرغىچە تېپىلغىنى 3 بۆلۈم)
1-بۆلۈم: 11 قىسىم
رازمېرى : 368*480
ئۇلىنىش : http://www.imdb.com/title/tt0075537
نەتىجىسى : 7.8/10
رېژىسسور: Vince Powell
ئاساسلىق روللاردا :

(Barry Evans         ...        Jeremy Brown (42 episodes, 1977-1986
(George Ca[miller         ...        Giovanni Capello / ... (42 episodes, 1977-1986
(Jacki Harding         ...        Anna Schmidt (42 episodes, 1977-1986
(Zara Nutley         ...        Miss Courtney (42 episodes, 1977-1986
(Ricardo Montez         ...        Juan Cervantes (42 episodes, 1977-1986
(Albert Moses         ...        Ranjeet Singh (42 episodes, 1977-1986

2- بۆلۈم 1- قىسمى يېڭىلاندى

ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ      Mind your language   

بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.

بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.

فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەسمىلىرى
Episode 01 - Al[00_01_39][20131021-114619-0].JPG


Episode 01 - Al[00_07_11][20131021-114642-1].JPG


Episode 01 - Al[00_17_01][20131021-114728-2].JPG


Episode 01 - Al[00_21_12][20131021-114740-3].JPG


2-بۆلۈم 1-قىسىم        ھەممەيلەن قايتىپ كەلدى       All Present If Not Correct
بۇ قىسىمدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، براۋن ئەپەندىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە براۋن ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتلىق زايومدا ئۇتتۇم دەپ ئويلاپ قېلىپ خىزمەتتىن ئىستېپا بەرمەكچى بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنداقلا بىر ۋېنگرىيىلىك ئەپەندى ۋە بىر شۋېتسىيىلىك گۈزەل بولۇپ يېڭىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى سىنىپقا قوشۇلىدۇ.
2-بۆلۈم 1-قىسىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ

ئىككىنچى بۆلۈمى داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت.

...Every man dies, but not every man really lives

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3408
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 12:05:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇقىسمى ئالامەت قىزقارلىق چىقىپتۇ ، رەھىمەت جاپا تارتىڭلار ،

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 12:08:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا تارتىپسىلەر!! خەپ ئىنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۈگەنمىسەم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8157
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 12:29:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىڭلار .....

http://delram.cn/




مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10903
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1697 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 09:50:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەب تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنتىم داۋامىنى. ئاخىر چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21576
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7542
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3477 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 05:09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنىڭ ئاخىرىغا تەشنامەن...

مۇختەر سادىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش