ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلار(5)
يانچۇقچى چىۋىن
ھىسام ئىشلەيدىغان تەشكىلنىڭ باشلىقى كۆرگەنلا نەرسىدىن گۇمانلىندىغان ئادەم ئىكەن. بىر كۈنى ھىسام ئىشخانىدا تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپتۇ-دە، بىر چىۋىننى قوغلىغىلى تۇرۇپتۇ. ئوپۇر-توپۇردىن دىققىتى بۇزۇلغان باشلىق ھىسامغا كايىپتۇ:
__ ھىسام، بىر چىۋىن بىلەن نېمانچە ئېرگىشىۋىرسەن؟
__ ئۇنداق سەل قارىماڭ باشلىق،- دەپتۇ ھىسام،- بۇ چىۋىن ھازىرلا دەل چاپىنىمنىڭ مەيدە يانچۇقىغا قونۇپ ئۇچۇپ كەتتى. كىم بىلىدۇ، ئۇ يانچۇقچىمۇ، تۇتۇپ ئېنىقلاش لازىم_ دە !
باشلىق ھۆپپىدە قىزىرىپ گەپ قىلالماي قاپتۇ.
مۇسابىقىدە
يۈز مىتىرگە تىز يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پەللىگە يىقىنلاپ قالغان ھىسام بىردىن توختاپ ئارقىسىغا قاراپ يۈگىرەشكە باشلاپتۇ.
__ ھوي ھىسام نىمە بولدى ؟ __ دەپتۇ ھەيران بولغان سۇدىيە. ھىسام:
__ سۇدىيەلەرگە ئالغاچ كەلگەن سوغاتنى بىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، .- دەپتۇ .
ئىشنى باشلاپ بىرەلمىگەندىن كىيىن...
ھىسام بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىچىدە بەكمۇ ھورۇن بىرەيلەن بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە گۈرجەككە تايىنىپ قۇرۇق گەپلا ساتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ كۈزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىلا قۇلاقچا كىيىپ ئىشقا كەپتۇ. ئىشچىلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ:
ئاغىنە، قىشنى كۆرمەيلا قۇلاقچا كىيۋالغىنىڭ نىمىسى دىيشىپتۇ. ھۇرۇن جاۋاپ بەرگۈچە ھىسام ئىغىز ئىچىپتۇ:
__ ئاغىنىمىز .ىشنى باشلاپ بىرەلمىگەندىن كىيىن ، قىشنى بولسىمۇ باشلاپ بىرەي ،- دىدى- دە!
مەرگەن
قارىغا ئىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھىسام ئاتغان بەش پاي ئوقنىڭ بىر پىيىلا تاختىغا تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، رازى بولماپتۇ-دە: